يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: كۆزگۈ

مۇھەررىرلەر ۋە مۇنبەر ئەزالىرىغا تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-3-24 00:18:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەپتىدە بىر قېتىم تېما تەستىقلايلى دىگىنىم شۇ ھەپتە ئىچىدە يوللانغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك بىر ھەپتىگىچە باھا بەرسەك، باھانىمۇ ئادىل، ھەققانىي، ئەقلىي ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز بىلەن بەرسەك ياخشى بولىدۇ.  بىر ھەپتىگىچە ۋاقىت باھا بىرىشكە يىتىپ قالار دەيمەن.  بۇ ئەسەرلەرگە بىرىلگەن باھاغا ئاساسەن ئاپتور ئەسىرىنى تۈزىتىپ ئىنكاس شەكلىدە يوللىسا بۇنى ماس كېلىدىغان  ژورناللارغا تەۋسىيە  قىلساق ياكى بەزى مۇنبەر مۇھەررىرلىرى تەۋسىيە قىلىپ بەرسە ئەزالارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە پايدىسى بولارمىكىن دەيمەن. باھاسىز قالغان ئەدەبىيات ئەدەبىيات بولماي قالىدۇ، ئەسەرنى ئاز تەستىقلاپ، ساز باھالىساق، سان ئۆتكىلىنى ئەمەس، سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتساقمىكىن دەيمەن.  بۇ يەردە شۇنداق بىر ئىشنى دېگۈم كېلىدۇ. بەزى بالىلار كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدىن يەتتە-سەككىز سائەت ئولتۇرۇپ شېئىر يازىدۇ، يازىدۇ يوللايدۇ. تۈزەتمەيدۇ، تىلىغا ئىشلىمەيدۇ. يەنە بەزىلەر بولسا تەڭ كىچىگىچە كومپىيڭتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ كۆزلىرىنى چاپاق بېسىپ كىتىدۇ، مائۇسنى تۇتۇپ ئۇخلاپ قالىدۇ، ئەتتىگەندە يۈزىنى چالا-پۇلا يۇيۇپلا ئاخشام يوللىغان ئەسىرىنىڭ تەستىقلانغان تەستىقلانمىغانلىقىنى كۆرىدۇ،  شۇنچە چارچاش، زورۇقۇش، ئىلھامسىز ھالدا يېزىلغان شېئىرلاردا قانچىلىك تەم بولماقچىدى؟ تېخى ‹‹يارايسىز، قالتىس يېزىپسىز...›› دېگەندەك ماختاش ئىنكاسلىرىنى كۆرسە شۇ مىنۇتتىن باشلاپ شائىرلىق كوچىىسغا كومپىيوتىر بويلاپ كىرىپ كىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەسىرى باھاسىز قالسا ئۇ بۇرادەر مەڭگۈ بىر قېلىپتىن چىقالمايلا يېزىقچىلىق قىلىشى مۇمكىن....بۇ مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇم خالاس.  مۇنبەرگە ئەسەر يوللاشقا قەرزىمىز يوققۇ، ئۆزىمىز 30[ارچە شېئىر يازغان بولساق ئەڭ ياخشىسىدىن بىرىنى يوللايلى. 30نىڭ ھەممىنى يوللىشىمىز ئۆزىمىزنىڭ ھوسۇللۇق شائىر بولۇپ كەتكىنىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ياخشى ئەسەر بولسا يوللايلى، ياخشى يازالمىساق مۇنبەرنى پاخفللاشتۇرماي باشقىلارنىڭ ياخشى ئەسەرلىرىنى كۆرەيلى، ئۆگىنەيلى.  كومپىيوتىر ئالدىدا زورۇقۇپ ئولتۇرۇپ قۇرغاق ئىلھام پەرىسىنى قۇچاقلاپ ئولتۇرغۇچە كەڭ دالىلارغا چىقايلى، ئۆزىمىزنى تەبىئەتكە قويۇۋىتەيلى، ئىجتىمائىي مۇھىتنى كۆزىتەيلى. ئاز ھەم ساز يېزىشقا تىرىشايلى.  يۇقىرىدىكىسى دوستانە پىكىرىم، ئابدۇرەشىد ۋە سەھەر، ئايشەمگۈل...قاتارلىق دوسىتلارنىڭ مېنىڭ پىكىرىمگىمۇ كۆز قارىشىنى دەپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن ھەرگىزمۇ مۇنبەرنى قىزىتىش ئۈچۈن تېما ۋە ئىنكاس يوللىمىدىم، بۇ دوستانە پىكىر، ئىختىلاپ پەيدا قىلىشنى خالىمايمەن. 80-يىللىقلاردىن بولغاچقا ئىختىلاپتىن قورقىمەن(چاقچاق)  مەقسىتىمىز مۇنبەرنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت بىرلا شۇ.

ۋاقتى: 2013-3-25 12:34:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يېڭى ئەزا بۇلۇپ كىرگەندە ،كۆپ قىسىم مۇنبەرداشلار ۋە دوستلىرىم ئۇستازلىرىمنڭ ئىسىدە بولسا كىرەك .يازمىلىرىمنى  كۈنىگە نەچچە رەت يوللايتتىم .
     ئەلۋەتتە ، بۇرۇن يازغان شېئرلىرىمنى يوللاپ، يازغۇچىلارنىڭ كۆرۈپ پىكرىنى بىرىشىنى تەققەززارلىق بىلەن كۈتەتتىم . بەزىدە تىل ئاڭلايتتىم،بەزىدە كۈلەتتىم .تولاراق دەشنام ئاڭلىدىم .ھەتتا نۇرغۇن قېتىم  چىكىنىش توغرىسىدا ،يازملىرىمنى ئۈچۈرۈپ ئىسمنى يوق قىلىپ بىرىشنى دەپ باشلىقلارغا يىغلىغان ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ....بەزىلەر ھازىر دەيدۇ،شۇۋاقىتنىڭ ئۈزى ،شۇ تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ ئۈزى سىزنى ئالغا باستۇردى دەپ. بەزىلەر دەيدۇ،سىز يەنىلا شېئىر يازماڭ...تۆكمىلىرىڭىنى توختىتىڭ دەپ... مەن توختاپ قالمىدىم ئەكسىچە  قايتا -قايتا تەكرار يېزىشنى داۋام قىلىۋاتىمەن .ئەمما بۇرۇنقىدەك كۆپ يازالمىغىنىم راس .چۈنكى   يازغانلىرىمغا رازى  بولمايدىغان بۇلۇپ قالدىم .

     بارا- بارا ئادەمدە تەپەككۇر ئويغىنىدىكەن .يېزىلغان شېئىرلارنى ئۇقۇشنى ئۈگۈنىدىكەن .
    شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ھازىرمۇ شۇنى دەيمەنكى ..ئۇستاز،مۇئەللىملەرنىڭ بىزدەك ھەۋەسكارلارنىڭ تۆكمە يازمىلىرىغىمۇ  نەزىرىنى سەپ قۇيىشىنى ،پىكىر تەكلىۋىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
    كۆزگۈ ،ھارمايدىغان تۇلپار يوق ...يېزىپ باقايلى بىر كۈنى ئۈزىمىزنى تېپىۋالغاندىن كىيىن توختاپ توكمە ئەمەس ياخشى بىر ئەسەرنىڭ  ئىگىسى بۇلۇپ قالامدۇق  تېخى  بۇنىسى نامەلۇم .

     كۆزگۈ،بۇيەردە تىمىنى چەكلىمە قۇيۇشتىن ئاۋال ئىنكاس يېزىش ئۈچۈن ،يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەرگە پىكرىنى بىرىش ئۈچۈن ،ئاز تولا تۈرتكە بولغۇدەك گەپ قىلدىغان ۋە باشلامچىلىق قىلدىغان  بىرەسى چىقمىدى .
  يازغۇچىلار مۇنبىرى - ئۈزىگە خاس بولغان بىر بىردەكلىكنى ساقلاپ قالسا ئەڭ چوڭ ئۈنۈم .يەنى تىمىغا بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ،يوللانغان ئەسەرلەرنى  كۆپ مۇنبەرگە يوللىنىشتىن ساقلىنىش . شۇنداق ئەسەرلەر ئۇچرىسا ئۈچۈرۈش.
بۇ خىل ئادەت مەندىن باشلاپ كۆپ قىسىم تورداشلاردا بار .
   شۇڭا ھەممىدىن ئاۋال ھەممىمىز ئۈزىمىزدىن باشلىساق دىگەن ئۈمىتتىمەن .


ۋاقتى: 2013-4-23 14:47:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يۇقاردا تورداشلارنىڭ بەرگەن تەكلىپ-پىكىر، قىلىشقان مۇلاھىزىلىرىنى كۆرۈپ يازغۇچىلار مۇنبىرى ھەققىدە ئۆزۈمنىڭ ھېسلىرىم ۋە ئويلىرىمنى ئورتاقلىشىشنى توغىرا تاپتىم.  مەن ئايشەمگۈل بارات بىلەن ئۆتمۈشداش ئوخشايمەن. مىنىڭچە مۇنبەر دىگەن نوپۇزلۇقلارنىڭ، ئۇستازلارنىڭ  شەخسىي زېمىنىغا ئوخشاپ قالسا بولمايدۇ، ئۇنىڭدا مەشىق ماقالىسىغىمۇ، نادىر ئەسەرلەرگىمۇ ئورۇن بىرىلىشى كىرەك، مەشىق ماقالىلىرىنى ئۇستازلار بىر كۆرۈپ ئۆتۈپ كەتسە، خالىسا تىللاپ قويسا، خالىسا ئۇكۇل ئۇرۇپ كىسىلىنى داۋالىۋەتسە بولىدۇ، ھەركىمىنىڭ قىزىقىش ساھەسى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا مۇنبەرگە كىرگەن مىھمانلار ۋە زىيارەتچىلەر ئۆز قىزىقىشىدىكى ژانىرلانى ئوقۇپ ھۇزۇرلانسا بولىدۇ، بارلىق« مەشىق ماقالىلىرى» نى ۋە ئىنكاسلارنى تەپسىلىي ئوقۇپ ۋاقتىم ئىسىراپ كەتتى دىسەك مۇۋاپىق بولماس. ئۆزۈمنى ئىلىپ ئىيىتسام ئەتىراپىمدا ئادىل تۇنىيازنىڭ شېئىرلىرىنى «قۇرۇق گەپ» كەن دەپ مازاق قىلغانلارنىمۇ كۆرگەنمەن. تۇغۇلمىغان بالىنىڭ قانداق ئادەم بولىشىنى بىلگىلى بولمىغاندىكدەك، ھەۋەسكارلارنىڭ كومپىيۇتىر ئالدىدە بەنتىياۋغا ئەمەس ئەدەبىياتقا چاپلىشىپ ئولتۇرغان ھالىتىدىن مىنىڭچە چوقۇم بىر نەرسە چىقىدۇ، كىم بىلىدۇ؟ ئۇلار ئۇستازلاردىن تەنبىھ يەيدۇ، ياكى توساتتىنلا ئەسىرى ئاۋات تېىمىلار قاتارىنىڭ ئۈستىدىن ئورۇن ئالىدۇ ۋە ياكى يازمىسىنى ئۆزىدىن باشقا ھىچكىم كۆرمەي مۇنبەرنىڭ پەگاسىغا بىرىپ قالىدۇ.  مۇنبەر ئەزالىرى كەسپى يازغۇچىلار ياكى زىيالىلار قاتلىمىدىنلا ئەمەس دىھقان، ياغاچچى، بىزەكچى، ناۋاي....لاردىنمۇ تەركىپ تاپقاچقا تىل، ئىملا ، يىزىقچىلىق قائىدىسى قاتارلىقلاردا بىر قاتار مەسىللەر بولۇشى مۇمكىن لىكىن مىنىڭچە ئۇلار چىن  ھېسىيات،ھەقىقي تۇرمۇش پۇرىقى بار يازمىلارنى يازىدۇ، بۇلارنى  بەزى قەلەمكەشلەرنىڭ  «ئەدەبىيات ئۈچۈن ئەدەبىيات» دەپ، ھەرخىل ئاماللار بىلەن شېئىرى كەيىپكە چۆمۈپ يازغان ئەسەرلىرىدىن  ياخشى چىقمايدۇ دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟!  ياشلارغا، ئۆگەنگۈچىلەرگە سورۇن بىرىلمىسە، مەشىق ماقالىلىرى دەپ ئەسەرلەر رەت قىلىنسا بۇ مىنىڭچە ئادىل بولمايدۇ.تەكلىپىم:
1. باشقۇرغۇچىلىققا مەخسۇس كەسپى خادىم سەپلەنسە،ئۇلارنىڭ خىزمەت يۈكى بەك ئىغىرلاپ كەتمىسە،
2. ئەسەرلەردە ئىددىيە جەھەتتىن قانۇن-سىياسەتكە خىلاپ مەزمۇنلار بولمىسا ۋە بەك ناچار بولمىسلا تەستىقلىنىپ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش پۇرسىتى بىرىلسە.
3.نادىر ئەسەرلەر، نادىر ئىنكاسلارغا بەزى كونكىرىت ئىلھاملاندۇرۇش تەدبىرلىرى قوللىنىلسا
4. پۈچەك ئىنكاسلار سۈپۈرۈلسە، ئەسەرلەرگە باھا بىرىشتە مەخسۇس تېىما يوللاش تەكىتلەنسە.
شۇنداق بولغاندا بۇ مۇنبەرنىڭ ئاۋاتلىقى تىخىمۇ ئاشامدىكىن دەيمەن.
بىر تور بىكەتنى مۇشۇنچىلىك تەرەققىياتقا ئىرىشتۈرمەك ھەقىقەتەن تەس، كونكىرىت قىيىنچىلىق ۋە مەسىللەر ھەممىدىن بىكەت باشلىقى ۋە باشقۇرغۇچىلارغا ئايدىڭ، تەنقىدى پايدىلىنارسىلەر.

ۋاقتى: 2013-12-20 14:05:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بو مۇنبەرنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن،يازغانلىرىم قاملاشسۇن - قاملاشمىسۇن ھەر ۋاقىت يوللاپ تۇرىمەن چۇنكى بو مۇنبەردە خاتالىقىمىزنى تۇزەتكۇدەك،بىزنى  ھەر جەھەتتىن يېتەكلەپ ماڭالغۇدەك يول باشچىلىرىمىز بار.بو مۇنبەر پىشقان ئەدىپلەرنىڭلا مۇنبىرى بولماستىن ماڭا ئوخشاش ھەۋەسكارلارنىڭمو مۇنبىرى بولغاچ كەڭ قەلەم ئاشنالىرىنىڭ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان ،پىكىرداشلار سورىنىمو بوپ قالدى .

12-ئاينىڭ 11- كۇنى ‹‹ئامىنە ئابدۇۋايىتنىڭ شېئىرلىرى...››تىما ئاستىدىكى بىر يۇرۇش شېئىرلىرىم بىر جۇملىنى ئۆزگەرتكەن بىلەن تەستىقلانماي ئەخلەتخانىغا چۇشۇپ يوقاپ كەتتى بۇنىڭ ئىچىدىكى بەزى شېئىرلىرىمنى ساقلىۋالماپتىكەنمەن، قانداق قىلىشنى بىلمەي مۇراجەتنامە يازساممو تەستىقلانماي ئەخلەتخانىغا چۇشۇپ كەتتى،ئەسلىگە كەلتۇرۇشنىڭ ئامالى بارمىدو؟!
forum.php?mod=viewthread&tid=1709

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش