ximal
كۆرۈش: 296|ئىنكاس: 6

تەزكىرە ئەدەبىياتىمىزدىكى يېڭى بىر دەستە گۇل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 2
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 23:46:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تەزكىرە ئەدەبىياتىمىزدىكى يېڭى بىر دەستە

"گۇل چاقماق دەرياسى ۋادىسىدىكى گۆھەر زېمىن"( ?) x7 i# j0 z5 a, d2 \, M
4 A2 h6 R' \. P5 n# b" ~- }1 R
ئەمەت دەرۋىش.

/ I9 D. y5 n4 @7 P5 T
     تەزكىرە ئەدەبىياتى ئەدەبىياتىمىزدىكى مەزمۇنىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ،ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىر قەدەر مۇرەككەپ،تەسىرى چۇڭقۇر ،ئىپادىلىگەن مەزمۇنىنىڭ تارىخىيلىكى ،رىئالنىلىقى ۋە ئىشەنچىلىكلىكى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان بىر خىل ئەدەبىيات. ئۇ تارىخى ۋاقەلەر ،شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەرنى ئەدەبىي يول بىلەن توغرا،جانلىق ،ئىشەنچىلىك ھالدا ئوقۇرمەنگە يەتكۇزۇپ بېرىدىغان خاسلىقى بىلەن باشقا ئەدەبىي ژانىرلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ سىيۇژىتلىرىدا تارىخى مەشھۇر شەخس ،تۆھپىكار ئەجدات، باشلامچى،نەمۇنىچى شەخس ،ئالاھىدە تارىخىي ۋاقەلەر،مەشھۇر ئورۇن-جاي،خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان ئەھمىيەتلىك ئىش،ھادىسىلەر ئاساس بولغانلىقى ئۇچۇن ئۇ چوقۇم چىنلىق ئاساسىغا ئىگە بولغان تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇرنى ئۆز مەزمۇنىنى ئىپادىلەشنىڭ بىر خىل ئۇنۇملۇك ۋاستىسى قىلىپ تاللىۋالىدۇ. بۇنداق تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر چىنلىق ئاساسىغا قۇرۇلغان بولغانلىقى ئۇچۇن، تەزكىرە ئەدەبىياتىنىڭ خاراكتىرى بەدىئى ئەدەبىياتتىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ ،تارىخقا يېقىنلىشىدۇ. ئىپادىلىگەن مەزمۇنىنىڭ تارىخىيلىكى ،چىنلىقى ئالاھىدە گەۋدىلىنىدۇ. تەزكىرە ئەدەبىياتى مەزمۇن جەھەتتىن ئېيىتقاندا رىئاللىقنىڭ ئوبىكتىپ قانۇنىيىتى ئاساسىدا پاكىت ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى ئەينەن ،توغرا ئەكس ئەتتۇرۇپ بېرىدۇ. رىئاللىقتىكى ئوبىكتىپ ھادىسە ،شەيئىلەرنى خالىغانچە كۆپتۇرىدىغان ،چۇشۇرىۋىتىدىغان ھادىسىلەرگە قەتئى يول قويمايدۇ. بەدىئى ئىپادىلەش نوقتىسىدىن قارىغاندا ،ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتى بويىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە ۋاستىلىرىدىن ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ، مۇئەييەن تەسىرگە ئىگە ئەھمىيەتلىك ۋاقە –ھادىسىلەرنى تاللاش،موھىم تارىخى شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى خاسلىققا ۋە جانلىقلىققا ئىگە قىلىدىغان ئىش –پائالىيەت ،گەپ-سۆزلەرنى گەۋدىلەندۇرۇش ،ئوبرازلىق تىل،سىتىلىستىك ۋاستىلەرنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇز بەرگەن ۋاقە-ھادىسىلەر ،مەشھۇر ئورۇن ،قۇرۇلۇش قاتارلىقلارنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى ،رىئالنى تەربىيۋى ئەھمىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇشكە شۇ ئارقىلىق ئەسەرنىڭ سىتىتىك قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، ئوقۇرمەندە بەلگۇلىك تەسىر پەيدا قىلىشقا يول قويىدۇ.
9 A9 w& M, \$ U7 K' ]2 A     تەزكىرە ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى ۋاقە-ھادىسىلەرنى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۇزۇش ،ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئىگەللىتىش، شۇ ئارقىلىق تەجرىبە –ساۋاقلارنى يەكۇنلەپ، يېڭى يول،يېڭى نىشاندا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكلەشتە بەلگۇلىك تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار. تارىخى شەخسلەر ،باشلامچى ،نەمۇنىچى ،تۆھپىكارلارنىڭ ئىش-پائالىيىتى ،ئۇلارنىڭ يۇرت-ئەل خىزمىتى ئۇچۇن ھارماي ئىشلەشتەك مىننەتسىز مېھنەتلىرىنى ئۆلگە قىلىپ، ئەۋلاتلارنى شۇ  روھ   بىلەن قۇراللاندۇرۇپ، ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ چىقىشتا بەلگۇلىك ئۇنۇم يارىتىپ قالماستىن، بەلكى ئەجداتلىرىدىن پەخرلىنىش تۇيغىسىنىمۇ ئويغىتىپ، ئەجداتلارنىڭ   ياراملىق ۋارىسى قىلىپ  يېتىشتۇرۇپ  چىقىشتىمۇ بەلگۇلىك رىئال، تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار. يۇرت تارىخى، يۇرتتىكى مەشھۇر ئورۇن،  سەيلىگاھ، يۇرتنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرى،جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى، كېلىماتى قاتارلىقلاردىكى ئۆزگىچىلىكلەرنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئەۋلاتلاردا يۇرتنى سۆيۇش ، يۇرتىدىن سۆيۇنۇش ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئويغاتقىلى بولىدۇ.8 Y5 q; V* ?# Y4 g) c
        ياخشى يېزىلغان تەزكىرە ئۆزىدىكى مەزمۇننىڭ موللىقى، تارىخنىڭ مۇپەسسەللىگى ، تارىخى ھادىسە ۋە شەيئىلەرنىڭ چىنلىقى ، تارىخى شەخسلەرنىڭ مۇئەييەن تارىخى شارائىتتىكى رولىنى چۇشەندۇرۇش ، بىلدۇرۇش ئارقىلىق ئەۋلاد قەلبىدە قايتا ئوبراز يارىتىش ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى ئويغىتىش ، باشقىلارغا يول كۆرسىتىش ، ئۇنى ئۇلۇغلاش ، يۇرت مۇھەببىتى سېزىمىنى ، چۇشەنچىسىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردىكى رىئال ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى بىلەن ھاسىلاتى يۇقۇرى، ئەستىلىكى ئەبەدىلىككە ئىگە بولغان بىر ئەسەر بولۇش رولىنى ئوينىيالايدۇ. بۇ جەھەتتە تەزكىرە ئەدەبىياتى ياكى تەزكىرىنىڭ ئىجتىمائى ئۇنىمىنى باشقا ھەرقانداق بەدىئى ئەسەر بىلەن تەڭلەشتۇرگىنى بولمايدۇ، باشقا بەدىئى ئەسەرمۇ تەزكىرە ئەدەبىياتىدەك ئۇنۇم قازىنالمايدۇ. بۇ جەھەتتە شىنجاڭ ئونۋېرسىىتىتى نەشىرىياتى تەرىپىدىن 2007-يىلى نەشىر قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك يىرىك ئەسەر –"چاقماق دەريا ۋادىسىدىكى گۆھەر زېمىن " نى بىر قەدەر مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان، ساقلاش، پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، خەلىقپەرۋەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتا جانلىق دەرسلىك ماتىرىيالىلىق رول ئوينىيالايدىغان ، ئەۋلادلارنى ئەجداتلاردىن پەخىرلىنىش ، سۆيۇنۇش شۇ يول  ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگە قىلىشتىكى ئەمەلى قۇرال دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. بۇ ئەسەر مۇقەددەس ئانا ماكان تەزكىىرىسى ؛ ئانا ماكاننى بۇگۇنكىدەك گۇزەل ماكان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يولىدا ئەجر سىڭدۇرگەن ، تۆھپە ياراتقان ، قان-تەرىنى سىڭدۇرۇپ ، مىننەتسىز مېھنەتلىرىدىن تۆھپە تەلەپ قىلماي، جىممىدە ئۇ دۇنياغا كەتكەن ئەجداتلارنىڭ پاك روھىغا تىكلەنگەن مۇقەددەس ئابىدە؛  يۇرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ ئەۋلادلارنىڭ قەلبىگە ئىلىم –ئىرپان مەشئىلىنى ياققان ، ئىنساننى قاراڭغۇ چۆلدىن يورۇق مەنزىلگە يېتەكلەشتىكى بۇيۇك خىزمەتلىرى ئارقىلىق ئەۋلادلار قەلبىدە مەنىۋى ھەيكىلىنى  تىكلىگەن  ئوقۇتقۇچىلارغا  ئوقۇلغان  قەسىدە؛  لېرىك  كۇي-ناخشىلىرى  بىلەن  خەلق  كوڭلىنى  ئاۋۇندۇرغان   ناخشىچىلار،  سازەندىلەر، قىززىقچى – لەتىپىچىلەرنىڭ خۇش-نەفىس ئاۋازىدىن تارىغان مۇڭلۇق، يېقىملىق كۇي؛  دېھقان –ئەشرەبلەرنىڭ ھالال مېھنىتى بەدىلىگە كەلگەن مول-ھوسۇلىنىڭ شاتلىق  ناخشىسى؛  جەرراھ –تىۋىپلارنىڭ بىمارنى جان ئالغۇچى كېسەلدىن خالى قىلغاندىن كېيىنكى ئاڭلىغان تەشەككۇر سۆزى؛ رەھبەرلەرنىڭ خەلقنى يېتەكلەپ، قاقاس چۆلنى بوستانلىققا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن ھاردۇق يەتكەن تەنلىرىنى تاشلاپ ياتقان چىمەنلىك؛ ئەسەر ئۆزىدە كۆتۇرۇپ قوپقان مەزمۇنىنىڭ موللىقى ۋە شۇ موللۇققا  مۇناسىپ  ئىپادىلەش قۇۋۋىتى بىلەن بۇگۇنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تەزكىرە ژانىرىنىڭ نەمۇنىسى بولۇشقا مۇناسىپ. ئەسەرنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇۋاپىقىيتىنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نوقتىغا يىغىچاقلاشقا بولىدۇ.2 l: n( [+ j9 g4 T6 f
1-مەزمۇن جەھەتتىكى خاسلىق.2 [* o4 y# H1 m7 P) y
" w( \% \+ p% j/ h* x- u5 D
مەزمۇن ھەر قانداق بىر ئەسەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتىكى موھىم ئامىل. مەزمۇنسىز ئەسەرنىڭ ئومۇمى ھالىتىنى ، تەسىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ ئەسەر مەزمۇن جەھەتتىن چوڭ 46 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ چوڭ مەزمۇنلار ئىچىدىن  يەنە     156  تۇرگە  بۆلۇنگەن.  ھەر قايسى  قىسىمدىكى  مەزمۇنلار تارىخىيلىكى، ئىلمىلىكى،  ئۇنىڭ كۇچلۇك نەزىرىيىۋى ئاساسقا ئىگە بولغانلىقى ،پاكىتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ،ئىشەنچىلىك ، قايىل قىلارلىقلىقى جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بىلەن ئوقۇرمەندە بەلگۇلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئەسەردە ئىپادىلەنگەن مەزمۇنلارنىڭ دائىرىسى چوڭ-چوڭ تارىخى ۋاقەلەردىن تارتىپ تاكى ئاددى ۋاقەلەر ۋە شەخسىلەرنىڭ ھەرىكەت- پائالىيەتلىرىگىچە تۇتاشقان بولۇپ، پۇتۇن ئۇستۇن ئاتۇش ئومۇمى تارىخى ۋە شەخسىلەرنىڭ ھەرىكەت-پائالىيەتلىرى نەزەردىن چەتتە قالمىغان. يۇرتنىڭ بىنا بولۇش تارىخى ، تۇرلۇك مەدەنىيەت ھادىسىلىرى، داۋالاش ، پەن-تېخنىكا، يېڭىلىقلىرى، يېزا ئېگىلىك، ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتىكى تەجرىبە –ساۋاقلار، يېزا ئېگىلىك تەرەققىياتىدىكى كېسەللىك ئاپەتلىرى ۋە ئۇنى يوقۇتۇشتىكى ئىلمى-يەرلىك ئۇسۇللار، ئۆزىگە خاس يەرلىك داۋالاش چارىلىرى سېستىمىلىق بايان قىلىنغان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان موھىم نوقتىلارنىڭ بىرى، ئۇستۇن ئاتۇش خەلقى ئارىسىدا ھازىرغىچە ئىسمى مەلۇم بولمىغان خەلق سەنئەتكارلىرى ۋە شائىر-يازغۇچىلىرىگە ئالاھىدە سەھىپە ئاجرىتىلىپ ،ئۇلارنىڭ ئۇنتۇلۇشقا يۇزلەنگەن ئەسەرلىرىنى قايتا يورۇقلۇققا چىقىرىشتا بىر كۆزنەكلىك رول ئوينىغانلىق تەرىپى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر يۇرتنىڭ كۆزى –قۇلىقى. ئۇلارنىڭ يېزىپ قالدۇرغان تەۋەرۇك ئەسەرلىرى بىر تەرەپتىن شۇ دەۋىردىكى ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىڭ ئومۇمى ھالىتىنى ئەكس ئەتتۇرۇپ بەرسە، يەنە  بىر  تەرەپتىن  شۇ  يۇرتتا يۇز بېرىۋاتقان ،  يۇز بەرگەن خەلق ئومۇمى ئېڭى، چۇشەنچىسى، بىلىشى ۋە ئومۇمى ۋەزىيىتىنى ئەكس ئەتتۇرىدىغان بەدىئى تارىخ. خەلقنىڭ خاھىشى، يۇزلىنىشى، جەمئىيەت ۋەزىيىتىدىن خەۋەر بەرگۇچى تىرمومىتېر. ئەسەرنىڭ چۇڭ قىسىملىرىدىن بىرى  بولغان "يۇرتىمىز ئەدىپلىرىنىڭ ۋەتەن ئەدەبىياتىدىكى تۆھپىسى" دىكى سەھىپىلەردە نۇرغۇنلىغان شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىش ھەتتا يوقۇلۇپ كېتىش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان بىر قىسىم ئەسەرلىرى قۇتقۇزىۋىلىنغان، شۇنداقلا يەنە خەلق قولىدا ساقلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن . بۇ ئەسەرلەر مەزمۇنىنىڭ چۇڭقۇرلۇقى ، بەدىئىلىكىنىڭ يۇقۇرىلىقى بىلەن ئۇيغۇر بۇگۇنكى زامان ئەدەبىياتىغا قوشۇلغان بىر ئۇلۇش كۇچ بولۇپ قالغۇسى. يازما ئەدەبىياتتىن باشقا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىمۇ مۇشۇ  يۇرت خەلقىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتقۇچى موھىم بىر مەنبە ئىكەنلىكى ، قوشاقلار، ماقال-تەمسىللەر ، يۇرتقا خاس ئېدىئوم  ۋە  تۇراقلىق بېرىكمىلەر تەزكىرە مەزمۇنىنىڭ رەڭگا –رەڭ، جانلىق بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئۇلارنىڭ يۇرتنىڭ بىنا بولۇش ، تەرەققى قىلىش تارىخىنى بىلىش جەھەتتىكى رولى مۇئەييەنلەشتۇرۇلگەن. تەزكىرىدىن ئورۇن ئالغان يازما ۋە ئەل ئەدەبىياتى خاس ئانتالوگىيەلىك خوسۇسىيىتى بىلەن كىشىگە ئاجايىپ سىتىتىك زوق ئاتا قىلىدۇ.
8 e, x1 }" Q% L7 A& f0 G     ئەسەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دىھقانچىلىق ،چارۋىچىلىققا ئائىت بايانلاردا يۇرتنىڭ دىھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق ئىشلىرىدا يۇز بەرگەن تاسادىپ ۋەقەلەر ، ئۇشتۇمتۇت تارقالغان جان ئالغۇچى ئاپەت خاراكتىرلىق كېسەللىك ۋە ئۇنىڭ خاراكتىرى، پەيدا بولۇش ،تارقىلىش سەۋەپلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا قوللانغان چارە-تەدبىرلەر بېرىلگەن بولۇپ، بۇ بايانلاردىن كىشىلەر بىر تەرەپتىن يۇرت خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرت-ئەلەمنى بىلىپ يەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ھازىرقىدەك ھالەتكە كەلگەن بۇ گۇزەل ماكاننىڭ تاسادىپلا بۇنداق پەيدا بولۇپ قالمىغانلىقىنى، ئەجداتلارنىڭ نۇرغۇن كۇچ، ئەقىل-پاراسەت سەرىپ قىلىپ، يۇرتنى مۇشۇ ھالەتكە يەتكۇزگەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇمات بىلەن تەمىنلەپ، يۇرتنى سۆيۇش، ئەجداتلارنى ھۆرمەتلەش تۇيغۇسى ئويغىتىدۇ. بۇ جەھەتتە ئەسەردىكى مۇشۇ مەزمۇنلارنى دىھقانچىلىق رىسالىسى دېيىشكە بولىدۇ.
) @$ G- N$ C) C: r' R9 z7 M$ ~      ئەسەر مەزمۇنىدا يەنە دىققەت قىلىنغان موھىم نوقتىلارنىڭ بىرسى، مۇقەددەس ئانا ماكان ئۇستۇن ئاتۇشنىڭ ئۆتمۇشى بىلەن ھازىرى رۇشەن سېلىشتۇرما قىلىنىپ ، ھازىرىنى بەرپا قىلىشتا ئەقىل، كۇچ ، ماددى بويۇم سەرىپ قىلغان دانالار،بەرزۇلار،سېخىلەرنىڭ مېھنىتى ، تۆھپىسى ئىنسانپەرۋەرلىك ، خەلقپەرۋەرلىك ، ۋەتەنپەرۋەرلىك نوقتىسىدىن چىقىپ بايان قىلىنغان. ئەسەرنىڭ مۇشۇ سەھىپىسىدىكى مەزمۇنلار بىر قەدەر ئومۇمىيلىق تۇسىنى ئالغان بولۇپ، مەلۇم بىر شەخسنىڭ شەنىگە ئوقۇلغان مەدھىيە، قەسىدە ياكى مەلۇم بىر تارىخى دەۋىردىكى مەلۇم بىر ۋاقەنىڭ ئومۇمى بايانى بولۇپ قېلىشتىن ساقلانغان. شەخسلەرنىڭ ئەجىر-مېھنىتى، تۆھپىسى مۇۋاپىق ھالدا توغرا ئۇسۇل بىلەن بايان قىلىنىش ئارقىلىق ئوقۇرمەننى ئۆز چۇشەنچىسى ۋە ھېسياتىغا تايىنىپ باھا بېرىشكە يېتەكلەش ئۇسۇلى قوللۇنۇلغان. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئەۋلاتلاردا يۇرتنى سۆيگەن ، يۇرتىغا ياخشىلىق قىلغان ، خەلقنى ئويلاپ ئۇنىڭ غېمىدە يۇرگەن ئىنسان گەرچە ئۇدۇنياغا كەتكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ھاياتى ھامان يۇرت ئىچىدە ، ئەل قەلبىدە مەڭگۇلۇككە ئىگە بولىدۇ –دېگەن ئىددىيە ئالغا سۇرۇلگەن.
% A$ }5 \" M- a$ \+ E: a) |1 b+ j# d" r- v5 ]) {- `
2-بەدىئىيلىك تەرەپتىكى مۇۋاپىقايەت.+ n8 |6 v( i) `, R9 V! W
: l/ S' V! A2 I% U( f' f! V
         بەدىئىيلىك  ھەر قانداق  بىر ئەسەرنى  ھاياتى  كۇچكە ئىگە قىلىدىغان موھىم بىر ۋاستە. ئەسەرگە تاللانغان مەزمۇن ھەر قانچە تىرەن ، تەسىرلىك بولغىنى بىلەن ئۇنى ئىپادىلەيدىغان قەلەم قۇۋۋىتى ئاجىز ، نەزەر دائىرىسى تار، بەدىئى دىتى ، تىل بالاغىتى، سۆز پاساھىتى يېتەرلىك بولمايدىكەن ، ئۇ ھالدا مەزمۇن كىشىگە ھىچقانداق سىتىتىك لەززەت ، ھىچقانداق تەسىر بېرەلمەيدۇ. ئەسەرنىڭ ھاياتى كۇچىمۇبولمايدۇ. بولۇپمۇ ھەم تارىخ ھەم ئەدەبىي تۇسنى ئالغان تەزكىرە ژانىرى ئۇچۇن ئېيتقاند اتېخىمۇ شۇنداق. تەزكىرە  تارىخ بىلەن جۇغراپىيە ، ئەدەبىياتنىڭ بېرىكىشىدىن ھاسىل بولىدىغان بىر قەدەر مۇرەككەپ بىر ژانىر بولۇپ، ئۇ چۇڭقۇر ئىلمىيلىككە ، مول ماتىرىئال مەنبىئىگە ۋە رۇشەن سىياسىۋىلىككە ئىگە بولىدۇ. ئۇنى يېزىش ئۇچۇن ئاپتۇردا يۇقۇرى سۇپەتتىكى قەلەم قۇۋۋىتى بولۇشتىن سېرىت، مۇئەييەن دەۋىر ئېڭى قارىشى، كۇچلۇك سىياسى نەزىرىيىۋى قاراش ئاساسىدا تىكلەنگەن ئىنىق يېزىش نىشانى بولۇش لازىم.( {# K8 A, o! j, U' b
بۇ ئەسەرنى يېزىشقا قاتناشقان ئاپتۇرلار كەڭ نەزىريىۋى ئاساسقا ئىگە بىر قەدەر پىشقان قەلەم ساھىبلىرى بولغانلىقى ئۇچۇن ئەسەرنى يېزىشتا بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. گەرچە يۇرتنىڭ ئۆتمۇشى بىلەن ھازىرەن ھالىتىنى سېلىشتۇرۇپ ئىلگىرىلەش ۋە تەرەققىيات پەرىقلىرى سىتاتىسكىلىنىپ پىرسەنت ئاساسىدا رۇشەن كۆرسىتىلمىگەن بولسىمۇ (بۇ ئەسەرگە بۇنداق تەلەپنى قويۇشقىمۇ بولمايدۇ)،لىكىن ئەقىللىق كىتاپخان ھەر قايسى مەزمۇنلاردىن بۇ نوقتنى ئېنىق ھىس قىلالايدۇ،چۇشىنەلەيدۇ.
, {5 f. S! G5 E9 X& ^5 C8 g: v   ئەسەردە دىئالىكتىكىلىق ماتىرىيالىزىم ۋە تارىخى ماتىرىيالىزىم يېتەكچى ئىددىيە قىلىنغان . يۇرتنىڭ گۇللىنىپ ، روناق تېپىشىدا سوتسىيالىستىك تۇزۇمنىڭ ئەۋزەللىكى ، كوممۇنىستىك پارتىييىنىڭ توغرا رەھبەرلىكى گەۋدىلەندۇرۇلگەن. يۇرتنىڭ ئوتمۇشى، 10 يىللىق بالايى- ئاپەتلىك يىللاردىكى سولچىل سىياسەتنىڭ تەسىرى، 3- ئومۇمىي يىغىندىن كېيىنكى گۇللۇنۇش قاتارلىقلار ھەر قايسى ساھەلەردىكى تەرەققىيات ۋە گۇللۇنۇش مەنزىرىلىرىگە زىچ سىڭدۇرۇلگەن ئاساستا تەسىرلىك بايان قىلىنغان . سوتسىيالىستىك ئىقتىسادى قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى ۋە ئۇنىڭ يۇرتنى گۇللەندۇرۇپ ئىناق ئاتۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىكى رولى ، يېڭىدىن ئېچىلغان زېمىن، بارلىققا كەلگەن چوڭ-كىچىك تىپتىكى كارخانا، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلار دىئالىكتىكىلىق تەرەققىيات قارىشى ئاساس قىلغان ھالدا بايان قىلىنغان. ئۇلۇغ جۇڭگۇ كوممۇنىستىك پارتىيىسنىڭ توغرا رەھبەرلىكى ئالاھىدە گەۋدىلەندۇرۇلگەن.7 ], |/ T9 z' |
ئەسەرگە تاللانغان ماتىرىياللارنىڭ مەزمۇنى تولۇق، تۇرى كەڭ بولۇپ، ئوقۇرمەندە رازىمەنلىك تۇيغۇسى ھاسىل قىلىدۇ.كىتاپنى قولىغا ئالغان ئادەم كىتاپنىڭ ھەممە سەھىپىلىرىنى بىر قېتىمدىن ئوقۇپ چىققۇسى، مەزمۇنلاردىن ۋاقىپ بولغىسى كېلىدۇ. بۇ جەھەتتە بۇ ئەسەر قامۇس خاراكتىرىنى ئالغان بولۇپ، يالغۇز ئۇستۇن ئاتۇشنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ھەققىدىكى بىلىملەر بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى پۇتكۇل ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيتى ھەققىدىكى بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، ئۇستۇن ئاتۇش خەلقى ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنى ،ئۇيغۇر خەلقى كوللىكتىۋى ئىچىدە ئۇستۇن ئاتۇش خەلقىنى كۆرۇش ئىمكانىيتىنى ھازىرلىغان. بۇ جەھەتتە بۇ ئەسەر باشقا ھەر قانداق تەزكىرىلەردىن پەرىق قىلىدۇ.  شۇنداقلا بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى بىلەن كىتاپ ئارقىلىق يارىتىلغان" ئۇستۇن ئاتۇش يازما مۇزىي " بولۇپ قالغان . ئەسەردە يەنە يۇرت تەزكىرىسىنى يورۇتۇشتا ھەر قايسى يۇرت ناملىرىنىڭ ئېتمۇلوگىيىسى ھەققىدىمۇ تەپسىلى  ۋە ئەستايىدىل توختالغان، بۇ  يۇرت نامىنىڭ مەنىسىنى چۇشۇنۇشتە يېتەكچى ماتىرىياللىق رولنى ئوينىغان . بۇ ھال ئەسەر گە كۇچلۇق  تارىخ تۇسى بەرگەن. ( ]. L, H& p" j/ J' t7 q
ئەسەرنىڭ قۇرۇلمىسى خېلى مۇكەممەل بولغان.ئەسەر ھەجىمىنىڭ چوڭ، ئىپادىلىگەن مەزمۇنىنىڭ كەڭلىكىگە قارىماي، مەزمۇننىڭ ئورۇنلاشتۇرىلىشى سېستىمىلىق بولغان. ئەسەرنىڭ باش قىسمىغا بېرىلگەن يۇرتنىڭ ئومۇمى كۆرۇنىشى ھەققىدىكى  6 پارچە،مەشھۇر ئورۇنلار ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن 6 پارچە ، يۇرتنىڭ يېڭى قىياپىتى ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن 6 پارچە ، تارىخى ئاسار- ئەتىقە ئەكس ئەتتۇرۇلگەن 21 پارچەرەڭلىك رەسىملەر ئەسەر مەزمۇنىنىڭ مەلۇم بىر بۆلىگى بولۇپ، ئۇلار ھەم ماددى ئىسپات،ھەم مەزمۇننى كۇچەيتىش رولىنى ئوينىغان.ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا ، ئەسەرئىملا جەھەتتىكى بىر قىسىم خاتالىق ۋە بىر قىسىم مەزمۇن تەكرارلىقىنى ھىساپقا ئالمىغاندائومۇمىي جەھەتتىن مۇۋاپىقيەتلىك يېزىلغان . بۇ باشقا تەزكىرە يازغۇچىلار ئۇچۇن ئورنەك بولۇپ قالغۇسى .
- L1 F: q; K/ ]/ \


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1726
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 220
تۆھپە : 0
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-8 01:44:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تمېىڭىزدىن خېلى مەزمۇنلارنى چۈشۈنۈۋالغاندەك بولدۇم ئەجرىڭىزگە رەخمەت.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 887
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2247
تۆھپە : 19
توردا: 454
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 01:14:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ بۇ مۇنبەردىكى بۇ تىمىسنىنى سۈيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ بەلگىلىك بىلىمگە ئىگە بولدۇم. مۇمكىنلىك ئىچىدە ئۇستازنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 2
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-9 01:30:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىڭلڭم زۇلپىيە قىز ، ئەسىرىمنى تۇنجى رەت ئوقۇپ  ئازراق  بولسىمۇ نەپ ئالغىنىڭزغا رەھمەت .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 2
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-10 01:34:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەت دەرۋىش يوللىغان ۋاقتى  2012-9-9 01:30 2 D& H; S# R6 d* u2 b6 [2 N! X% a0 N
رەھمەت سىڭلڭم زۇلپىيە قىز ، ئەسىرىمنى تۇنجى رەت ئوقۇپ   ...
( z/ t) o1 ]( x& T
ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ماھىيىتى ۋە نۆۋەتتە ئەدىبىي تەنقىدتە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر
% J8 B: u$ c, ~% c  d. u7 K/ x$ _& F) S, t+ e6 A2 z
ئەمەت دەرۋىش , |2 ~7 F0 N2 |5 ]; T- A

1 m' A! L; q2 X1 A. E* ]ئەدەبىي تەنقىد ئەدەبىي ئوبزورنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى. ئەدەبىي تەنقىدسىز ئەدەبىي ھايات، ئەدەبىي مۇھىت ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي تەنقىد بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ يادرولۇق قىسمى. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىغا توسقۇن بولۇۋاتقان بىر قىسىم كونا ئۇسۇل، كونا كۆز قاراشلارغا ۋاقتىدا تۈزىتىش بېرىپ، مەلۇم بىر رامكىدىن قۇتۇلالمىغان، يېڭىلىق ئىجاد قىلالمايۋاتقان بەدىئىي ئەدەبىياتنى يېڭى ئۇسۇل، يېڭى يول بىلەن تەمىن ئېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.
0 [4 y6 Y1 N; Z3 R- W* d4 a$ ]   ئەدەبىي تەنقىدنىڭ بۇنداق جەڭگىۋارلىق ۋە يېتەكچىلىك خاراكتېرى ئۇنىڭ ساغلام تەرەققىيات خاھىشىغا ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدە خۇسۇسىيىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. ئەدەبىي تەنقىد ئىدىيە ۋە دۇنيا قاراش جەھەتتە ھەرقاچان ئەدەبىي ئىجادىيەتتىن ئۈستۈن تۇرىدىدۇ. شۇڭا ئۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تۈپكى روھىنى ۋە يېتەكچى لۇشىيەنىنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ تۇرمۇشتا پەيدا بولۇۋاتقان يېڭى ئىىدىيە، يېڭى مۇناسىۋەتلەرنى ئۆز ۋاقتىدا توغرا ئىگەللەپ، ئۆزىنىڭ ئىجادىيەتتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق ئادا قىلىشى لازىم. 0 Q+ V8 l+ H5 n9 m2 I" n8 k6 _; L
   ئەدەبىي تەنقىد جەڭگىۋارلىق ۋە يېتەكچىلىك خۇسۇسىيىتىگە ئىگە باشلامچى پەن بولۇش خۇسۇسىيىتى بىلەن  كەسپىي جۈرئەت ۋە ئىلمىي پىرىنسىپچانلىققا بەكمۇ مۇھتاج بولىدۇ. «كىرگىلى بولمايدۇ، چىققىلى بولمايدۇ» دەپ قارالغان ئالاھىدە «قورغان»لارغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ رىئال تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە ماس بولغان پىرىنسىپال قائىدە – قانۇنىيەتلىرى بويىچە كۈزۈتۈپ ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىدۇ. ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرنىڭ تۇرمۇش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن بولمىغانلىقىغا، ئىستىتىك تەربىيە تەرىپىدە  كىشىلەرنى تەربىيلەش ئۈنۈمى ھاسىل قىلغان ياكى قىلالمىغانلىقىغا باھا بېرىدۇ. ئەدەبىي تەنقىد بەدىئىي ئەسەرلەرنى باھالاش، ئەدەبىي ھادىسىلەرنى تەھلىل قىلىشتىكى بەدىئىي ئۆلچەملەرگە ھەمىشە، ھەرزامان، ھەرماكاندا سادىق بولغان ھالدا رىئال تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى بوياپ كۆرسىتىدىغان ساختا سەنئەت بىلەن كىتابخانلارنىڭ ئىستىتىك زوقىنى بۇزىدىغان ياكى ئىستىتىك زوق بىلەن ھېسابلاشماي، ئۆزىنىڭ مەلۇم مەقسەت – مۇددىئاسىنى چىقىش قىلىپ مەيدانغا چىققان يارامسىز ئەدەبىي ھادىسە ۋە ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى شەپقەتسىزلىك بىلەن پاش قىلىپ، ئىجادىيەت يولى ۋە ئىجادىيەت سېپىدىكى يېڭىچە چۈشەنچە، يېڭىچە خاھىش ۋە ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى دادىللىق بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ۋە ئۇنى جان دىل بىلەن قوغدايدۇ. چىنلىق ۋە گۈزەللىك پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن بولغان، ئۆزى كۈزەتكەن ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى ئىجادىي يۇسۇندا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن ئىجابىي مەزمۇنغا ئىگە يېڭى ئەسەر، يېڭى يول، يېڭىچە خاھىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىجادىي يول تۇتقان يېڭىچە ئىجادىيەت خاھىشىغا ئىگە ئاپتورلارنى ئۆز ۋاقتىدا بايقاپ ۋە ئۇلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت تەرەققىياتىغا بولغان تەسىرى ۋە ئەھمىيىتىنى توغرا مەيدان، توغرا لۇشىيەن ۋە توغرا ئىجادىيەت پىرىنسىپى ئاساسىدا تولۇق شەرھىيلەپ ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئىجادىيەتنىڭ موللىشىغا، ئىجادىيەت قوشۇنىنىڭ زورىيىشىغا ئەمەلىي تۆھپە قوشىدۇ.
7 U% _7 }: R% x; a( \3 y. s: N   ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ قوشۇن جەھەتتىكى كۆلىمى ئانچە زور بولمىسىمۇ، لېكىن ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ تەرەققىياتى، ئومومىي يۈزلىنىشى، ئۇنىڭ روھىنى چىقىش قىلغان ئاكتىۋال ئىدىيەلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈش جەھەتتىكى يېتەرسىزلىك ۋە مۇۋاپىقىيەتلەرنى ئەدەبىي ئوبزور ۋە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ قائىدە قانۇنىيەتلىرى ئاساسىدا ئادىل باھالاپ، تەرەققىياتقا توغرا باھا بېرىپ ۋە يېتەكلەپ ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ساغلام راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى تۆھپىسى خېلى زور بولدى.
, h) X# Y' V1 u% }7 t9 ?7 h+ r; R   ئەدەبىي تەنقىدنىڭ نەزىرىيىۋىي مەسىلىلىرىدە نەزىرىيىۋىي سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى تەتقىقاتچىلار ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى قاتمال، رامكا ئىچىدە چەكلىنىپ قىلىش مەسىلىرىگە قارىتا دەۋر يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ بىر قىسىم نەزىرىيىۋىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ يېتەكچى خاراكتېرلىك قاراشلىرىدا پارتىيىمىزنىڭ «ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە قۇشلار بەس – بەستە سايراش» پىرىنسىپى چىقىش قىلىنىپ، ئىجادىيەتتە دادىل بولۇش،ئىسلاھات ئېچىۋىتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ماسلىشىش، يۈرەكلىك، دادىل باشلامچىلار ئوبرازىنى يارىتىش، مۇشۇنداق ئوبرازلارنى يارىتىشتا، ئىزدىنىش روھىغا باي بولۇشتەك بىر قىسىم نەززىرىيىۋىي قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
6 }9 E: ?+ g3 T0 Yئەدەبىي ئىجادىيەتتە قىسقا بىر مەزگىللىك ياشاش پۇرسىتىگە ئىرىشەلىگەن گۇڭگا شېئىرلارنىڭ ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكى، تىماتىك مەزمۇننى يورۇتۇش ۋاستىسىى قاتارلىقلار ئۈستىدەمەخسۇس ئەسەرلەر يېزىلىپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن گۇڭگا شېئىرنىڭ تىماتىك ئىددىيىنى يورۇتۇش ئۇسۇلى ئوتتۇرىسىدىكى ئوخشىماسلىق، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار ۋە پايدىسىز دەپ قارالغان ئۇسۇللار ئېنىق كۆرسۈتۈپ بېرىلدى. بۇ ھال ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىغا بەلگىلىك نەزىرىيىۋىي يىتەكچىلىك رول ئوينىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگەيەنە ئىزلەنمە ھېكايىلەر، مىكرو ھېكايىلەر ھەققىدىمۇ يېتەكچى خاراكتېرلىك نەزىرىيىۋىي قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھېكايىلەردە ھېكايىلىق خۇسۇسىيەت بولۇش تەلىپى قايتا بىر قېتىم نەزىرىيىۋىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى. مەيلى گۇڭگا شېئىر ئىجادىيىتىدە بولسۇن، مەيلى مىكرو ھېكايىلەر ۋە ئىزلەنمە ھېكايە ئىجادىيىتىدە بولسۇن ئەنئەنىۋىيلىكتىن چەتنەپ كېتىۋاتقان بىنۇرمال ئىجادىيەت ھادىسىسى سەمىيمىلىك بىلەن كۆرسۈتۈلۈپ، ئىجادىيەتنى توغرا بىر نەزىرىيىۋىي قاراشنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىش لازىملىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.
& b% C: D3 w' `$ d" i9 D) B   يۇقارقىلار ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىك نەزىرىيە تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنىڭ بىر ئاز قىسمىدىن ئىبارەت.
" {! `. P# J& Q   نەتىجە بار يەردە كەمچىللىكتىنمۇ ساقلانغىلى بولمايدۇ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتىكى باشلامچى خاراكتېرلىك نەزىرىيىۋىي مەسىلىلەر دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىجادىيەتتىكى ئىپادىلەش جەھەتتە خاھىشقا قاراپ ئېغىشقا مەلۇم دەرىجىدە تۈزۈتۈش بېرىلىپ، ئەنئەنىۋىيلىك بىلەن زامانىۋىيلىق ئۆز-ئارا بىرىكىپ، يېڭى بىر ئىجادىيەت يولى يارىتىشقا بەلگىلىك ئاساس يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىجاد قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەر ئۈستىدىكى تەھلىللەر، پىرسۇناژلار خاراكتېرىنىڭ مۇكەممەللىك دەرىجىسىگە بېرىلگەن ئوبزور ۋە تەھلىللەردە بىر تەرەپلىمىلىك قاراش مەۋجۇت بولدى. بۇ ھال يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تارىخىي ۋەقەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەرگە بېرىلگەن باھا ۋە تەقرىزلەردە روشەن كۆزگە كۆرۈنىدۇ. كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا: 7 U: ~6 J. c0 M
1) تارىخىي ئەسەرلەرنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرىگە بېرىلگەن باھا ۋە تەھلىل – تەقرىزلەردە ئەسەرنىڭ مۇۋاپىقىيىتىلا تەكىتلىنىپ، ياكى كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ يېتەرسىزلىك ياكى خاتالىقى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزمەيدىغان ئەھۋال بار.
- V& {' f8 Y* ~- E- Q+ E/ O# U! |   يېقىندىن بىرى، تارىخىي ۋەقەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رومان – پوۋسىت ۋە ھېكايىلەر ئارقا – ئارقىدىن نەشىر قىلىنىپ، خەلقنىڭ ئۆتمۈش تارىخى دەۋرىدىن خەۋەردار بولۇش تەلىپى يۈزەكى بولسىمۇ قانائەتلەندۈرۈلدى. لېكىن ئەسەر يازغۇچىلىرىغا بولغان تەلەپنىڭ كۇچلۇك بولماسلىقى ، ئۇلارنىڭ ئەينى دەۋر رىئاللىقىدا بىۋاستە رول ئوينىغان تىپىك تارىخىي شەخىسلەر بىلەن تونۇشلۇقىنىڭ يۈزەكىي ياكى بىر تەرەپلىمىلىكى تۈپەيلى ئۇلارنىڭ ئەسەردىكى ئوبرازىغا سەل قارايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.كونكىرتراق قىلىپ ئېيتقاندا، بىر قىسىم ئاپتورلار، مەلۇم بىر تارىخىي دەۋردىكى مەلۇم بىر كونكىرتنى ئادەمنىڭ پائالىيىتىنى  يورۇتقاندا، ئۇنى ئەتراپىدىكى مۇھىتتىن پۈتۈنلەي ئايرىپ تاشلاپ، شەخسىي قەھرىمان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ قويىدىغان، سەلبىي پىرسۇناژلارنىڭ سەلبىيلىك تەرىپىنى كۆرسۈتۈشتە زىيادە كۆپتۈرۈپ، ئۇنى ئاشكارە زىيانداش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئادەملىك خۇسۇسىيىتىنى بىراقلا يوققا چىقىرىدىغان، سۈنئىي ئادەم دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ قويىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت.
- S% z7 Z+ X9 ]0 D7 z) o  h$ K; E   ئەدەبىي تەنقىدچىلەر بۇنداق ئەسەرلەرگە تەقرىز يازغاندا، ئەسەرلەردە يول قويۇلغان مۇشۇ تەرەپلەرگە نەزىرىنى ئاغدۇرمايدىغان ئەھۋال مەۋجۇت.
, H( f9 i0 w! B6 B! j7 y8 [$ o; v2) ئەدەبىي تەنقىد ساھەسىدە كونكىرت ئەسەرلەردىكى كونكىرتنى پىرسۇناژلارنىڭ تىلىغا باھا بەرگەندە ئاپتورنىڭ بايان، تەسۋىر، لىرىكىلىرىغا باھا بېرىپ، ئەسەردىكى كونكىرتنى پىرسۇناژلارنىڭ ئۆز خاراكتېرىنى ئىپادىلەپ، مەركىزىي ئىدىيىنى يورۇتۇشتا ئىشلىتىۋاتقان تىلغا ئېتىبارسىز قاراش خاھىشى مەۋجۇت. بولۇپمۇ ۋەقەلىك ئاساس قىلىنغان ھېكايە، پوۋېست، رومانلاردىكى پىرسۇناژلار تىلىغا بېرىلگەن باھا ۋە تەقرىزلەردە بۇ ھال خېلى گەۋدىلىك. # Q; t; g$ u# w+ w7 E
3) كونكىرتنى ئەسەرگە باھ بەرگەندە ماختاش، كۆككە كۆتۈرۈش ئاساس قىلىنىدىغان، ئەسەر پۈتۈنلەي نۇقسانسىز، پىشىپ ۋايىغا يەتكەن ئەسەر دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈپ باھا بېرىلىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. بۇ ھال مەلۇم تەرەپتىن ئەسەر ئاپتورىغا رىغبەت بېرىش، ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەش رولىنى ئوينىسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن ئاپتورغا نىسبەتەن قانائەتلىنىش تۇيغۇسىنى بېرىپ، ئىپادىلەش سەنئىتى تەرىپىدە بىر ئىزدا توختاپ قىلىش خاھىشىنى پەيدا قىلىدۇ. 3 q: \: V/ w4 X8 u6 N  r
4) ئەدەبىي تەنقىد قوشۇنىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىنى يۈكسەك نەزىرىيىۋىي ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىشى يېتەرلىك بولمىدى.
+ W  g: ]  s# V/ w. d) h  ھەممىمىزگە مەلۇم، زاماننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىلەن ھەممە ساھەدە زور ئىلگىرلەشلەر بارلىققا كەلدى. جۈملىدىن ئىدىئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولغان ئەدەبىي ئىجادىيەت جەھەتتىمۇ زور ئىلگىرلەش بولدى. ژانىرلار قۇرۇلىشىدا يېڭىلىقلار بارلىققا كەلدى. تور ئەدەبىياتى، تېلېفۇن ئۇچۇر ئەدەبىياتى بارلىققا كەلدى. لېكىن بۇلارنىڭ ئىجادىيەت نەزىرىيىسىدە يېتەكچى خاراكتېرلىك نەزىرىيە سېستىمىسى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، يۈكسەكلىككە، مۇكەممەللىككە كۆتۈرۈلمىدى. تېلېۋىزورلاردا كۆرسىتىلىۋاتقان كارتون فېلىملىرى ئىشلىنىش جەھەتتە ئۆزىگە خاس قائىدە – قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلسىمۇ، لېكىن ئۇنى ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن كۆزەتكەندە ئۇلار كونكىرت ئادەم، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس تىلى، ھەرىكىتى بار. ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرى مۇئەييەن ئەدەبىيات نەزىرىيەسى ۋە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ يېتەكلىشى ۋە باھاسى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلسا ئۇنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
. i' [7 D. i' n+ u' i% U2 G. F3 P5) ئەدەبىي تەنقىدچىلەر ئارىسىدىكى بىر قىسىم ئاپتورلاردا ھېس قىلىش، چۇشۇنۇش، بىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە تەربىيلىنىشى كەمچىل. : F0 |3 K2 r8 B9 U" i1 Q
   ئەدەبىي ئوبزورچىنىڭ باھالايدىغىنى كونكىرتنى ئەسەردىكى كونكىرتنى ۋەقەلىك، ۋەقەلىكنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى كونكىرتنى پىرسۇناژ، ئەسەردىكى كومپوزىتسىيە ۋە تىل قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. شۇنداق ئىكەن ئەدەبىي تەنقىدچى چوقۇم ئەسەرنىڭ ئىستىتىك ئۈنۈمىگە دىققەت قىلىشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىي تەنقىدچىدە بەلگىلىك نەزىرىيە ئاساسى بولىشى، زامان يۈكسەكلىكى بىلەن ئەسەرگە باھا بېرەلەيدىغان سەۋىيە بولۇشى لازىم. 4 S% j2 x$ u/ ^, o
6) ئەدەبىي تەنقىدچىلىرىمىزدە بەدىئىي ئەسەرلەرگە بىر خىل پورما، ئوخشاش بىر قېلىپتىكى سۆز ئىبارىلەر بىلەن باھا بېرىدىغان ئۇسۇل ئېغىر.
7 q, }  e% J$ X; [6 O" q! O  بۇنداق خاھىش بىر خىل مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ، قارىماققا ئەسەرگە باھا بەرگەن بىلەن ماھىيەتتە ئەسەرنىڭ ئاپتورىغا باھا بېرىۋاتقاندەك بىر خىل خاھىش شەكىللىنىپ قالغاندەك تۇيغۇ بەرمەي قالمايدۇ.
5 O+ G' q0 S5 ~' g% N2 v* Z  M   يۇقارقىلار مېنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىمىزدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر دەپ قارىغانلىرىم. بىر ئادەمنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرنىڭ ئومومىيلىق تۈس ئېلىشى ناتايىن. * ?- ]* U: v# y- w' W
  ! m7 _- L' j: J
2012-يىلى 6 ]& R- W! N6 L- P: n1 z

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  271
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 287
تۆھپە : 0
توردا: 23
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 16:50:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۈم ئۇستاز!ئەسەرلىرىڭىزنى مۇنبەردە كۆرۈپ سۈيۈندۈم ،ئىسىل يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسىكەن.مۇنەۋۋەر خانىم تىچلىقتۇ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 2
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-15 23:30:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلايكۇم، ئىنىم سەزگۇر ، سالامەت تۇردىڭزمۇ؟ مەن  ۋە مۇنەۋۋەر خانىممۇ سالامە ت . ھال-ئەھۋال سورىغىنىڭىزغا رەھمەت.ئەسرارلىشىپ تۇرايلى.ماقالىلىرىمنى ئوقۇپ  ياخشى باھا بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش