ximal
كۆرۈش: 215|ئىنكاس: 0

ئەمەت دەرۋىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 195
تۆھپە : 2
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-7 11:05:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەت دەرۋىش1956- يىلى قەشقەر شەھرىگە تەۋە نەزەرباغ يېزىسى موللازادە كەنتىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان. 1983-يىلى 2-ئايدا قەشقەر پېداگوگىكا ئېنىستىتوتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۇتتۇرۇپ ، ئۆز فاكۇلتىتىغا ئوقۇتقۇچىلىققا ئېپقىلىنغان. ئىلگىرى- كېيىن سابىق مەركىزى مىللەتلەر ئېنىستىتوتىدا چاغىتاي دەۋرى ئۇيغۇر تىلى، شىنجاڭ ئونۋىرستېتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتى تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيلەش  كۇرسىدا  ئۇيغۇر ئەدەبىياتى پەنلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان. 2001- يىلى دوتسېنىتلىق ئىلمى  ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن.
ئۇ 30 يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىدا ئوقۇتۇش بىلەن تەتقىقاتنى زىچ بىرلەشتۇرۇپ بىر قىسىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن .ئۇنىڭ  « كىتاپخانلىق تەسىراتلىرى» ( مۇھەممەت پۇلات بىلەن بىرلىكتە. قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى1987-يىلى )،« ئۆسمۇرلەر ئېنىسكىلوپېدىيىسى»( قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1989-يىلى)، «تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى16-قىسىم» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1991-يىلى )، « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارغا ئىزاھات» (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 1989-يىلى1- توم، 2002-يىلى 2-توم ، 2006-يىلى 3-توم،2010-يىل 4-توم)،« ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن سۇئال- جاۋاپلار »،« ئۇيغۇر ھازىرقى ۋە ئۇيغۇر بۇگۇنكى زامان ئەدەبىياتىدىن سۇئال- جاۋاپلار »( قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 2001-يىل) « تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ يېزىقچىلىق يېتەكچىسى ۋە مەشىقى» (شىنجاڭ سەھيە نەشىرىياتى2003يىل)،تۇرمۇشتىكى سەھۋەنلىكلەرگە تەدبىرلەر -«ئۆزۇڭنى سۆي » (شىنجاڭ سەھيەنەشىرىياتى 2008-يىل)كلاسسىكلارگۇلىستانى  مەجمۇئەسى-ئابدۇقادىر دامولللامنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەر«ئەقلىڭدىن مەسلىھەت سورا»(شىنجاڭ گۇزەل سەنئەت –فۇتۇ سۇرەت نەشىرىياتى2009-يىل نەشىرى)،ھەزرىتى ناۋايىنىڭ ھاياتى ۋە   «خەمىسە»توپلامىدىكى نادىر داستان «پەرھاد-شىرىن»تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەر«ياخشىلىقنىڭ جاۋابى ياخشىلىق»(شىنجاڭ گۇزەل سەنئەت –فۇتۇ سۇرەت نەشىرىياتى2009-يىل نەشىرى) ،قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىللىرىدىن بىرى مەشھۇر شائىر ئەھمەت يەسەۋى ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان مەخسۇس ئەسەر «پەزىلەت باغچىسى»(شىنجاڭ گۇزەل سەنئەت –فۇتۇ سۇرەت نەشىرىياتى2009-يىل نەشىرى)قاتارلىق ئىلمى- نەزىرىيىۋى كىتاپلرى نەشىر قىلىنغان.ئالى ماكتەپلەر دەرىسلىكى « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخى» نى يېزىشقا قاتنشىپ ئۇنىڭدىن 10 پارچە تېمىنى سۇپەتلىك ئىشلەپ پۇتتۇرگەن.(2002-يىل) ئۇيەنە ئاتاغلىق شائىر ئابدۇرىھىم نەزارىينىڭ «رابىيە –سەيدىن »داستانىنى، مەشھۇر شائىر لوتفىينىڭ «گۇل ۋە نەۋرۇز» داستانىنى، مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگانىنىڭ «جاھاننامە» داستانىنى نەسىرىلەشتۇرپ ياخشى بىر ئوقۇشلۇق ھالىتىدە نەشىر قىلدۇردى.(شىنجاڭ گۇزەل سەنئەت –فۇتۇ سۇرەت نەشىرىياتى، شىنجاڭ ئۇن-سىن نەشىرىياتى2011-يىل). ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى ، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ئىزدىنىش ۋە تەتقىقات خاراكتىرلىق 90 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمى ماقالىلىرى «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى» « شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى»،«شىنجاڭ سىفەن داشۆ ئىلمى ژورنىلى »  ،«قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمى ژورنىلى » ،«خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكوم ئىلمى ژورنىلى » ،«قەشقەر» ،«ئۇلۇغ ئىلمى ئابىدە قۇتادغۇبىلىك » ،« ئىلمى ماقالىلار » قاتارلىق ئىلمى ،ئەدەبى   ژورنال ۋە توپلاملاردا ئىلان قىلىنغان.ئۇنىڭ بىر قىسىم ئىلمى ئەمگەكلىرى ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرىشى ۋە مۇكاپاتلىشىغا سازاۋەر بولغان. «كونا تىما ،يېڭى تۇيغۇ» ناملىق ماقالىسى«شىنجاڭ گېزىت ئەدەبىيات بەتلىرى تەتقىقات جەمئىيىتى » تەرىپىدىن 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا (1993-يىل) ، «دوستلوق، ۋاپادارلىق تۇيغۇلىرىنىڭ كلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىكى ئىپادىلىرى » ناملىق ماقالىسى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى2- قېتىملىق پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاش پائالىيىتىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا (1995-يىل) ، «تۆمۇرىيلەر دەۋرى  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا گۇمانىزىم » ناملىق ماقالىسى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ 3- قېتىملىق پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا رىغبەتلەندۇرۇش مۇكاپاتىغا  (1997-يىل) ، « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغا ئاتالغۇلارغا ئىزاھات» ناملىق كىتاۋىنىڭ 2- تومى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ 4- قېتىملىق پەن تەتقىات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ( 2001-يىل ) ، « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدا دائىم ئۇچرايدىغا ئاتالغۇلارغا ئىزاھات» ناملىق كىتاۋىنىڭ 3- تومى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ 2001- -2002يىللىق پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا رىغبەتلەندۇرۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  
ئەمەت دەرۋىش ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشتىن سىرت يەنە بەدىئى ئەدەبىيات بىلەنمۇ شۇغۇللۇنۇپ بىر قىسىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرگەن . ئۇ بەدەئى ئەدەبىيات ساھەسىدە  نەسىر ۋە ھېكايە يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇلانغان. ئۇنىڭ بىر قىسىم نەسىر ۋە ھېكايىلىرى «گۇلدەستە» (1982-يىل)،  «ساقال ھەققىدە پاراڭ» (1988-يىل) ، «تۆمەن بويىدا» ،(1989-يىل)،«قەشقەردە توي» (1990-يىل)،«ئۇيغۇر نەسىرلىرىدىن تاللانمىلار »(2006-يىل) قاتارلىق ئەدەبى توپلاملارغا  كىرگۇزۇلگەندىن سىرىت،«نۇر ئوغلى»  ناملىق نەسىرلەر توپلىمى نەشىر قىلىنغان (قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى1993-يىل) . «نۇر ئوغلى » ناملىق نەسىرى «مەرىپەت چېچەكلىرى ئەدەبى ئىجادىيەت مۇسابىقسى» دا  1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ( قەشقەر ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىلمى تەتقىقات جەمئىيىتى، مائارىپ باشقارمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان1988-يىل) ،« يالقۇن ئىچىدىكى يالقۇنلۇق تۇيغۇلار » ناملىق نەسىرى قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ،  «قەشقەر ئەدەبىياتى» ژورنىلى ئۇيۇشتۇرغان « نە سىر ئىجادىيىتى » مۇكاپاتلىق پائالىيىتىدە 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا (1991-يىل ) ، «كۇچار تەسىراتلىرى»  ناملىق نەسىرى شىنجاڭ4- نۆۋەتلىك  «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى »غا (1992-يىل) ،«يېشىللىق تەسىراتلىرى » ناملىق نەسىرى قەشقەر گېزىتى تەھرىر بۆلۇمىنىڭ «تەبىئەت بەرگەن تۇيغۇلار » تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش مۇسابىقىسىدا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا (1995-يىل ) ئېرىشكەن .  شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ نامى ۋە توھپىلىرى «21-ئەسىر ئىختىساسلىقلار قامۇسى» 3- تومىغا كىرگۇزۇلگەن  (جۇڭگۇ دۇنيا تىللىرى نەشىرىياتى 2000-يىل بېيجىڭ). ئۇ « شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيتى » ، « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتى » نىڭ ئەزاسى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش