« تۇمانلىق يۇلتۇزلار>>غا ئىككى كەلىمە سۆز
ئابلەھەت باھايىدىن
يېقىندا، توقسۇن ناھىيە ئىلانلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ خىزمەتچىسى ياش قەلەمكەش ، شائىرە باھارگۈل زىياۋدۇننىڭ «تۇمانلىق يۇلتۇزلار »ناملىق ئوتتۇرا ھەجىمدىكى رومانى شىنجاڭ ياشلار –ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسر قوزغىدى .
مەنمۇ « تۇمانلىق يۇلتۇزلار » ناملىق روماننىڭ ئوقۇرمەنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن روماننى قايتا –قايتا ئوقۇپ چىقىپ ئەسەر ۋەقەلىكى بىلەن تەپسىلىي تۇنۇشۇپ چىقتىم .تۆۋەندە كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ رومان توغرىسىدا ئويلىغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنماقچى :
رومان باشلىنىشىدىلا، بىرىچى شەخس تىلىدا ، تەرتىپلىك بايان ئۇسۇلىدا بايان قىلىنغان بولۇپ ، ئەسەر ۋەقەلەكلىرى ئاددىي ، يۇمۇرىستىك تىللار بىلەن كۆپلىگەن پېرسۇناژلار ئوبرازلىرى گىرەلىشىپ ئەسەرنى بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرغان .ئەسەر ۋەقەلىكى تۇرمۇش چىنلىقى ،تىلى جەھەتتە تۇرمۇشقا يېقىن .
روماندا 90-يىللاردىن كېيىن، ئالىي مەكتەپلەرنى ئوقۇپ كەلگەن سىتودېنتلار ئارىسىدىكى خىزمەت تەقسىماتىنى كۈتۈش ، خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىشنى ۋە ئۆزلىرى چىقىش يولى تېپىشنى ئەڭ زور بەخت ھېساپلاشتىن ئىبارەت بىر قاتار ۋەقەلىك تەپسىلاتلىرى ئارقىلىق 90 –يىللاردىن كېيىنكى سوتۇدېنتلارنىڭ يۈرەكلىك ، جۈرئەتلىك ھالدا چىقىش يولى تېپىش يولىدىكى ئەگرى –توقاي كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق يۈلىنىۋالماي ، تايانىۋالماي بىلىمدىن ئىبارەت تۇلپارغا مىنىپ ھايات سەپىرىنى باشلاپ ، ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ چىقىش يولىنى تاپقانلىقىدەك ۋەقەلىكلىكلەر بايان قىلىنىپ ، پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ سوتۇدېنتلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرىنى چاچقانلىقى جانلىق ئەمەلىي ۋەقەلىك تەپسىلاتلىرى بىلەن يورۇتۇپ بېرىلگەن.
يەنە روماندا شىرىن بىلەن سەرداردىن ئىبارەت ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ياشلارنىڭ مۇھەببەتكە قانداق مۇئامىلىدە بولۇش ، مۇھەببەت ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلىشتىن يانماسلىق، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىپ بېرىشتىن يانماسلىق قاتارلىق ۋەقەلىك تەپسىلاتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ .ئەسەردىكى پېرسۇناژلارغا قاراپ باقىدىغان بولساق :
ئەسەردىكى باش پېرسۇناژ شىرىن بولسا ساپ ۋېجدانلىق ، مۇھەببەتكە سادىق يېزا قىزلىرىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە مەيدانغا چىقىدۇ ، ئەسەردە يەنى شىرىن سەرداردىن ئىبارەت ئىككى پېرسۇناژنىڭ ئەگرى-توقاي مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى بايان قىلىنىدۇ .يەنى ئەسەردە شىرىن دەسلىپىدە سەرداردىن ئىبارەت يىگىت بىلەن بىلىم تەشنالىقى سەۋەپلىك تۇنۇشۇپ ، كۆپ ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۇنىڭغا كۆڭلى چۈشۈپ ، ئۇنىڭ ھەقىقى مۇھابىتىگە ئېرىشمەكچى بولىدۇ ، ئەمما سەردار ھە دىسە ، شىرىننى ئالدايدۇ ، ھاجىتى چۈشسىلا شېرىننى ئىزدەيدۇ ، لېكىن شىرىن ھەر قېتىم ئالدانغىنىنى بىلگەندە سەردار ھەر خىل شىرىن تاتلىق سۆزلەر بىلەن شىرىننى ئۆزىگە ئىشەندۈرىدۇ .ئەسەردە تەسۋىرلەنگەن شىرىن ھەقىقەتەن تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق سوغاقلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ، تۈرلۈك ئوڭۇشسىزلىق ، قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىسىمۇ « بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر»دەپ قىيىنچىلىق ئوڭۇشسىزلىقلار ئۈستىدىن ۋايسىمايدىغان ، بىلىمگە ھېرىسمەن ، يېڭىلىقنى ئاسان قوبۇل قىلىدىغان ، ئۆزىنىڭ غۇرۇى ، ۋىجدانى بىلەن ياشاشنى ئۆزىنىڭ بىر ئۆمۈرلىك نىشانى قىلغان قەيسەر ، مەغرۇر يېزا قىزلىرىنىڭ ئوبرازى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ .ئەسەردىكى سەردار بولسا جەمىئىيىتىمىزدىكى كونا ئىدىيىلەرنىڭ ئاسارىتىدىن تولۇق قۇتۇلۇپ بولالمىغان ، ۋىجدانسىز ، نامەرد ، شەخسىيەتچى ، تۇزكور ، ئالدامچى بىر قىسىم ياشلار ئوبرازى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ .
ئۇندىن باشقا روماندا ئالىيە ، پەرىزات ، ماھىنۇر ، تۇردىان ، شەرىپە ، گۈلشەن ، ئابدۇللا ، شىرئېلى قاتارلىق يانداش پېرسۇناژلار ئوبرازىمۇ ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يارىتىلىپ ، ئەسەر مەركىزىي ئىدىيىسىنى يورۇتۇپ بېرىشتە بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .ئەسەردە يەنە مۇھىت تەسۋىرلىرىمۇ ئۆز جايىدا قوللىنىلغان بولۇپ ئەسەرنىڭ ئوقۇشچانلىققا ئىگە قىلىپ ، ئەسەرنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان .
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، باھارگۈل زىياۋدۇننىڭ « تۇمانلىق يۇلتۇزلار » ناملىق رومانى يېڭى دەۋر روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن ، مۇھاببەت ، نىكاھ ئىشلىرىغا، دوستلۇق ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ، ئادىمىيلىككە قانداق مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا يېزىلغان بىر قېتىم ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان ياخشى رومان ھېسابلىنىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-9-5 15:14