ximal
كۆرۈش: 137|ئىنكاس: 5

كاشىغەرىي ( قەشقىرى ) تەخەللۇسلۇق مەشھۇرلىرىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  104
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 287
تۆھپە : 3
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 13:37:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار،  مەن بۇ ھەقتە خىلى كىتاب كۆرگەن بولساممۇ ماترىيال مەنبەسىنىڭ ۋە سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى تۈپەيلىدىن تۆۋەندە سىلەرگە سۇنغان يازمامدا كۆپ كەمتۈكلۈكلەر، خاتالارغا يول قويغان بولۇشۇم مۇمكىن .شۇڭا توغرىسىنى بىلگەنلەرنىڭ ئەسكەرتىپ قويىشىنى سەمىمىي ئۆمىد قىلىمەن.قېزىل رەڭدە بوياپ قويغانلارغا ئائىت تەپسىلىي مەلۇماتلارنى تاپالمىدىم. بىلىدىغانلار بىلگەنلىرىنى ئايىمىسا .
سەممىمىي ئىھتىرام بىلەن : ئابلاجان مۇھەممەد
مەكىت ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ
13565383207   تىلىفۇن
  115129321    چ چ




كاشىغەرىي ( قەشقىرى ) تەخەللۇسلۇق مەشھۇرلىرىمىز

تەخەللۇس ئىشلىتىش ئىنسانلارنىڭ يېزىقنى كەشىپ قىلىپ ،يازما مەدەنىيەت بارلىققا كەلگەندىن كىيىنكى ھادىسە. خۇددى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشلا قەلەمكەشلەرنىڭ تەخەللۇس ئىشلىتىشى ئۇيغۇر يېزىق تارىخىدىن بۇيانقى ئومۇمىيۈزلۈك ئىش بولۇپ كەلدى.
تەخەللۇس ئەسلىدە ئەرەبچە سۆز بولۇپ ، لېكسىكىلىق مەنىسى ‹‹ قۇتۇلماق،ئازاد بولماق، ئايرىلماق، يۆتكەلمەك ›› دېگەنلەردىن ئىبارەت. بۇ سۆز ئەرەب تىلىدىن پارس تىلىغا كىرىپ ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدە قوللىنىدىغان ئەدەبىي نامى ياكى لەقىمى شەكلىدە ئىشلىتىلگەن.يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ ( چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ) مۇشۇ مەنىدە ئىشلىتىلىپ كەلگەن.①
تارىختىن بىرى ئەدىبلىرىمىز تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان سۆزلەرنىڭ خاراكتېرىگە قارايدىغان بولساق ئاساسەن ئىسىم سۆزلىرى ( باغراش، كۆلتېگىن، كىروران ) ، سۈپەت سۆزلىرى ( لۇتفىي، مەھزۇن،ئۆتكۈر )،يۇرت ناملىرى ( كاشىغەرىي، يەركەندىي، خوتەنىي ) قاتارلىقلار بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. تەخەللۇس ئەدىبلەرنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن تاللىنىدىغان مەنىلىك ،سىمۋوللۇق خاراكتېرىدىكى سۆزلەر بولۇپ ئۇلار بۇ نامنى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۆز ئىسمىغا ئوخشاش ئىشلىتىدۇ. شائىرلار ئەسەرلىرىنىڭ ئاخىرقى كۇپېلىتلىرىدا ئىشارەت شەكلىدە بېرىدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا ئەدىبلەر ئۆزىنىڭ غايە-ئارزۇسى بىلەن رىئاللىق ئارىسىدىكى زىددىيەتلىك مەسلىلەردىن بولغان سىياسىي،ئىجتىمائىي،دىنىي مەسلىلەرنىڭ چەكلىمىلىكلىرىدىن قۇتۇلغۇسى كېلىدۇ.ئەمما يازغۇچى ياشاۋاتقان رىئاللىق،ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت،سىياسىي،سىنىپىي،ئىقتىسادىي تۈزۈلمە پەرقى نوقۇلكى يازغۇچىنىڭ روھىي دۇنياسىدا ،ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە ئەكىس ئېتىپ ماڭىدۇ.بۇ پەرقلەر زاماندىن زارلىنىش،ۋەتەنپەرۋەرلىك،ئىلىم سۆيەرلىك،كەمتەرلىك،مىللەتپەرۋەرلىك ،ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن يازغۇچى ئەسەرلىرىنىڭ تىماتىك مەزمۇنى سۈپىتىدە گەۋدىلىنىدۇ.شۇڭا يازغۇچىلار يۇقارقىدەك ئىدىيە-خاھىش ئەكىس ئەتكەن ناملارنى ئۆزىگە تەخەللۇس قىلىپ ئىشلىتىپ ،شۇ تەخەللۇسنى ئۆزىنىڭ قەلەم نامى قىلغان.بۇ ناملار ئاخىرىدا بېرىپ يازغۇچىنىڭ ئەسلى ئۆز ئىسمىدەكلا بولۇپ كەتكەن.
تارىخقا قارايدىغان بولساق تۈگىمەس ئۇرۇش-جىدەل ،تەخىت تالىشىش ماجرالىرىدا ئەڭ كۆپ زىيان تارتىپ خانىۋەيران بولغىنى ۋەتەن سۆيەر،ئىلىم سۆيەر ئەدىبلەر ۋە ئاددى پۇقرالار بولۇپ كەلگەن.ئۇلاردىن بىر قىسمى ۋەتەننى تەرك ئېتىپ كېتىش ئارقىلىقلا ھاياتىنى ساقلاپ قالغان. بەزىلىرى ئىلىم ئىزدەپ باشقا ئەللەرگە بېرىپ شۇ يەرلەردە بىر مەزگىل ياكى ئۆمۈر بويى ئولتۇراقلىشىپ قالغان. پۈتكۈل ھاياتىدا ۋەتەننى، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا يۇرتنى سېغىنىپ ئەسلەش بىلەن ئۆتكەن . يەنە بەزىلىرى ئۆزىنىڭ يۇرتىدىن پەخىرلىنىش ياكى ئۆزىنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىزاھلاش نۇقتىسىدىن ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن يۇرت نامىنى تەخەللۇس قىلىپ ئىشلەتكەن.مەسىلەن كاشىغەرىي،يەركەندى،خوتەنى،شەھيارى...دېگەندەك)
قەشقەر قەدىمىي ۋە مەشھۇر شەھەرلەرنىڭ بىرى. شۇنداقلا يىپەك يولى بەلبىغىدىكى موھىم بولغان مەدەنىيەت،سودا،قاتناش تۈگۈنى.ئۇ تارىختا ئۆز مۇھىتىدىكى تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت بىلەن پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىر كۆرسەتكەن دىنىي،ئىلمىي مەركەز بولغان.جامال قارشىمۇ ئۆز زامانىسىدىكى قەشقەرنى ‹‹ ئىسلام دىيارى ،ئەزىزلەر يۇرتى،مەشھۇر زاتلارنىڭ پائالىيەت سەھنىسى،ئىسىلزادە ئەمىرلەرنىڭ ماكانى،ئۇلۇغ ئالىملار تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھەر-كاشىغەر ئۆز دەۋرىدە بەك ئاۋات شەھەر بولغان.››دەپ يازغان.②شۇڭا تارىختا قەشقەردىن ھەرساھاگە تەۋە نۇرغۇنلىغان داڭلىق شەخىسلەر يىتىشىپ چىققان ھەم ئۆز يۇرتىدىن پەخىرلىنىپ ‹‹كاشىغەر››(قەشقەر) نى ئۆزلىرىگە تەخەللۇس قىلغان.بۈگۈنكى كۈندىمۇ بىرقىسىم ئەدىبلىرىمىز ‹‹قەشقەر››سۆزىنى ئۆزلىرىگە تەخەللۇس قىلىپ ئىشلەتمەكتە. بۇ ماقالىدا تارىختىن ھازىرغىچە ‹‹كاشىغەر››(قەشقەر)نى ئۆزلىرىگە تەخەللۇس قىلغان بىر قىسىم مەشھۇرلىرىمىز ھەققىدە توختىلىمىز.
(ئەسكەرتىش: ‹‹كاشىغەرىي››دېگەن نام مەن پايدىلانغان مەنبەلەردە‹‹كاشىغەرىي››، ‹‹ قەشقىرى››،‹‹كاشىغىرى››، كاشىغەر››،‹‹قەشقەرى››... دەك ھەرخىل شەكىلدە ئېلىنغاچقا شۇ مەنبەدە قايسى خىل شەكىلدە بولسا ،مەنمۇ ماقالىدە شۇ پىتى ئالدىم .بىرىنجى قول مەنبەلەر بولمىغاچقا بۇ ھەقتە بىرلىككە كېلەلمىدىم.بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىزدىنىش ئېلىپ بارساق دېگەن ئۆمىددىمەن.)
1.جامالىدىن قەشقىرى
جامالىدىن قەشقەرىنىڭ ھاياتى ، ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. تۇلۇقسىز مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ، ئۇ 10- ئەسىردە قەشقەردە تۇغۇلغان ۋە ئۆز دەۋرىگە يارىشا ئەتىراپلىق بىلىم ئالغان ھەمدە ھەرقايسى پەنلەردىكى ئجتىھاتى ئۇنى ئۆز دەۋىرنىڭ ھەر تەرەپلىمە يىتىشىپ چىققان ئالىمىغا ئايلاندۇرغان. شۇڭا ئۇ ‹‹ مەدىرىسەئىي ساجىيە››گە مۇددەرىسلىككە تەكلىپ قىلىنىپ ، ئۇزۇن يىللار مۇددەرىسلىك قىلغان.
ئۇنىڭ كۆڭۇل قويۇپ تەربىيلىشى ئارقىلىق ‹‹مەدىرىسەئىي ساجىيە›› دە ئوقۇغانلاردىن ئىلىم - پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە مۇتەخەسىسلەر ، ئاتاقلىق ئالىملار ، ئەدىبلەر ، مەشھۇر تىۋىپلەر ، پەيلاسۇپلار يېتىشىپ چىققان. ھەتتا ئۇلاردىن بىر قىسىمى ئۆز ئىلمىي پائالىيەتلىرى بويىچە دۇنياغا تونۇلغان③
2.رەخىدە ئىبىن ئېلى قەشقەرى
رەخىدە ئىبىن ئېلى قەشقەرى ھەققىدە تولۇق مەلۇمات يوق .بىراق ئابدۇللا تالىپنىڭ ‹‹ئۇيغۇر مائارىپ تارىخدىن ئوچىرىكلار››ناملىق كىتابىدا مۇنداق بايانلار بار؛‹‹قاراخانىلار دەۋرىدە ھەممە ۋىلايەت، ناھىيىلەردە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەر قۇرۇلغان. بولۇپمۇ قەشقەردە مەشھۇر ئالىي بىلىم يۇرتى – «مەدرىسەئى ساجىئە» تەسىس قىلىنغانىدى، بۇ ئالىي بىلىم يۇرتىدا داڭلىق ئالىملاردىن ھۇسەيىن ئىبىن خەلەپ، سەيىد جالالىدىن باغدادى، خوجا ياقۇپ سۇزۇكى، ھۇسەيىن پەيزۇللا، جامالىدىن قەشقەرى، رەخىدە ئىبىن ئېلى قەشقەرى، ئىمادىدىن قەشقەرى قاتارلىق نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئالىملار مۇئەللىملىك قىلدى. «ساجىئە» بىلىم يۇرتىغا ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان ئالىملار، پەيلاسوپلار، تارىخچىلار، شائىر – يازغۇچىلار توپلىنىپ ئىلمىي مۇنازىرلەر ئېلىپ باراتتى. «ساجىئە» بىلىم يۇرتىنىڭ دەرسلىكى ماتېماتىكا، يۇنان پەلسەپىسى، تىلشۇناسلىق، ئاسترونومىيە تىبابەتچىلىك ئىلمى، لوگىكا، تارىخ، جۇغراپىيە، ئىلمىي روھ ساھەلىرىگىچە كېڭەيدى. تۈرلۈك كاتېگورىيىلەر بويىچە نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرى يېزىلدى.››④
3. مۇھەممەد بىننى رەشىد بىننى ئەلى قەشقىرى
مۇھەممەد بىننى رەشىد بىننى ئەلى قەشقىرى11-ئەسىردەياشىغان ئۇيغۇرئالىمى،تىبابەتچىسى. ئۇ‹‹ مەدرىسى ساچىيە››ناملىق ئىلمىي ۋە تىببىي مەدرىستە دەرس ئۆتكەن. قەشقەر ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىببىي ئىلىمدە قازانغان نەتىجىلىرىنى زاماندىشى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ زىكىرىياغا تونۇشتۇرغان . 1083-يىلى ۋاپات بولغان. ئەسەرلىرى بىزگە مەلۇم بولمىغان.⑤
4.ئىمامىدىن قەشقىرى
ئىمامىدىن قەشقىرى قاراخانىلار خانلىقىنىڭ مەركىزى بولغان قەشقەردە ياشىغان بۈيۈك ئالىم ئۇيغۇر تىبابەت ئىلمىنىڭ مەشھۇر نامايەندىسى . ئۇ‹‹ مەدرىسى ساچىيە››دە ئوقۇپ، ھەممە جەھەتتىن يىتىشكەن.سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بىلەن دائىم ھەمسۆھبەتتە بولغان . ئالىم ئۆمرىدە ‹‹ شەرھى ئەلقانۇن››نى يېزىپ بۇغراخانغا تەقدىم قىلغان.ئەبۇبەكرى مۇھەممەد رازىنىڭ ‹‹دائىرەتۇلمۇئارىپ تىببىيە››،‹‹كىتابۇش شاھىد››،‹‹كىتابۇلھاۋى›› قاتارلىق ئەسەرلىرىنى،ئىبنى سىنانىڭ‹‹ھىكمىتۇل ئەلا››،فارابىنىڭ‹‹ئەقسائىل ئۆلۈم››قاتارلىق ئەسەرلىرىنى شەرق ئەللىرىگە تونۇشتۇرغان.تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى نامەلۇم.⑥
5.راشىدىن كاشىغىرى
راشىدىن كاشىغىرىينىڭ ئىجادىي پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. تولۇقسىز مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا ، ئۇ 10- ئەسىردە قەشقەردە تۇغۇلغان ۋە ئۆز دەۋرىگە يارىشا ئەتىراپلىق بىلىم ئالغان.ئەل ئىچىدە ئەللامە دەپ نام ئالغان⑦.(قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستۇتى ئىلمىي ژورنىلى1981-يىل1-سان)
6.ھۈسەيىن ئىبنى خەلەف كاشغەرىي
ھۈسەيىن ئىبنى خەلەف كاشغەرىي 973-يىلى تۇغۇلۇپ1093-يىلى ۋاپات بولغان.مەھمۇد كاشىغەرىي بۇ كىشىنى ‹‹شەيخ ئىمام زاھىدھۈسەيىنئىبىن خەلەف كاشىغەرىي››نامى بىلەن ئاتاپ ‹‹ئۇستازىم ›› دەپ ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالغان. شەيخ ئىمام زاھىد ھۈسەيىن ئىبنى خەلەف كاشغەرىي قەشقەردىكى ‹‹مەدرەسەئى ھامىدىيە›› دە ۋە شۇ چاغلاردا پۈتۈن شەرق دۇنياسىغا مەشھۇر بولغان ‹‹مەدرەسەئى ساجىيە››دە مۇددەرسلىك قىلغان .ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر ئىلاھىيەت ئالىمىۋە مۇسەننىفى(يازغۇچىسى) ئىدى.ئۇ ‹‹قۇرئان››نى تەفسىرلەپ ھەدىس شەرھلەپ ئەسەرلەرنى يازغان.قاراخانىيلارنىڭ بىر نەچچە قاغانلىرى بۇ زاتنى ‹‹دۇئاگۇيىمىز›› دەپ ھۆرمەت قىلغان. ⑧
7.ئابدۇغاپپار بىننى ھۆسىيىن قەشقىرى
ئابدۇغاپپار بىننى ھۆسىيىن قەشقىرى11-ئەسىردە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىمى ۋە تارىخچىسى.ئۇ قاراخانىلار خانلىقىنىڭ مەركىزى بولغان قەشقەردە ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.ئالىمنىڭ قاچان تۇغۇلغانلىقى ئېنىق ئەمەس ،ئەمما 1083-يىلى ۋاپات بولغان. ئابدۇغاپپار بىننى ھۆسىيىن قەشقىرى ئۆز ئۆمرىدە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تارىخىدىن ئەينەن مەلۇمات بەرگۈچى بىردىنبىر ئاساسىي مەنبە سانىلىدىغان «تارىخىي كاشىغەر»( قەشقەر تارىخى )ناملىق ئەسەرنى،ۋە ‹‹مىسكەنى ئۇستادىيان ›› (ئۇستازلارنىڭ توپلانغان يېرى )قاتارلىق تارىخىي ،ئىلمىي ئەسەرلارنى يېزىپ خاقانىيە ئۆلكىسىدە شۆھرەت قازانغان،جامال قارشىدەك ئالىملارمۇ ئابدۇغاپپار بىننى ھۆسىيىن قەشقىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆز ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقارغان ،ئەپسۇسلىنارلىقى ئاپتورنىڭ ئەسەرلىرى بىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن. ئەمما بۇ ئەسەرنىڭ قاراخانىيلار خانلىقى ۋە موڭغۇللارغادائىر بىر قىسىم مەزمۇنلىرى13-ئەسىردەئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىمى جامال قارشىينىڭ قەشقەرد يېزىپ تاماملىغان «سۇراھ لۇغىتىگەتولۇقلىما»      دېگەن ئەسىرىدە ساقلىنىپ قالغان⑨
8.مەھمۇد كاشىغەرىي.
دۇنيا تۈركولوگىيە ئىلمى ۋە سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقنىڭ ئاساسچىسى مەھمۇد بىننى ھۈسەيىن كاشغەرىي 11 – ئەسىردە ياشاپ ۋە ئىجاد قىلىپ ئۆتكەن مەملىكىتىمىزنىڭ مەشھۇر ئېنسىكلوپېدىك ئالىمى ۋە دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى، تىلشۇناسى ۋە ئەدىبىدۇر. ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مەشھۇر ئەسىرى ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› دىكى: ‹‹بۇ كىتاب مېنىڭ ئۆمرۈمنى ئاخىرىغا يەتكۈزدى›› دېگەن سۆزىگە ۋە خەلق ئىچىدە تارقالغان رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ تەخمىنەن 1008 – يىلى ئەتراپىدا قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى قەشقەرگە تەۋە ئوپال يېزىسىنىڭ ئازىغ كەنتىدە تۇغۇلغان. ئالىم ئۆزىنىڭ قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا ‹‹كاشغەر››(قەشقەرنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئاتىلىشى) دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسنى قوشۇپ ئىشلەتكەن.    مەھمۇد كاشغەرىي باشلانغۇچ مەلۇماتنى ئائىلىسىدە ۋە ئوپال ئازىغدا ئالغان، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەلۇماتنى قەشقەردىكى ‹‹مەدرەسەئى ھامىدىيە›› دە  ۋە شۇ چاغلاردا پۈتۈن شەرق دۇنياسىغا مەشھۇر بولغان ‹‹مەدرەسەئى ساجىيە›› دە ئالغان.  ئۇ 1072 – يىلى سالچۇق تۈركلىرىنىڭ ھامىيلىقىدىكى ئەرەب ئىسلام خەلىپىسىنىڭ پايتەختى باغداتقا يېتىپ بېرىپ، 1074 – يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە رەتلەپ يېزىپ ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› نىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى پۈتكۈزۈپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان. 1074 – يىلىدىن 1076 – يىلىغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە بۇ كىتابنى قايتا تەكشۈرۈپ، تۈزىتىپ، تولۇقلىغاندىن كېيىن، ئابباسىيلار خەلىپىسىنىڭ 27 – سى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللا بىننى مۇھەممەدىل مۇقتەدى بىئەمرۇللاغا تەقدىم قىلغان. 1080 – يىللىرى ئەتراپىدا باغداتتىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ، يەنە كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ماكانى ئوپالغا ئورۇنلاشقان. ئۇ ئوپالغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ‹‹مەدرەسەئى مەھمۇدىيە›› دەپ ئاتالغان بىر مەدرىسە بىنا قىلىپ، ئۆزى مۇددەرسلىك قىلغان ۋە ھەر قايسى تەرەپلەردىن ئالاھىدە مەلۇماتلىق نۇرغۇن نۇرغۇن شاگىرتلارنى، ئىز باسارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ‹‹ئىلىمگە ھۆددىكار پىرىم››، ‹‹ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ پىرى›› دەپ ئاتىغان. ئۇ پۈتۈن جايغا ئىلىم – مەرىپەت تارقىتىپ، 1105 – يىلى ئەتراپىدا ئۆز ئانا يۇرتى ئوپالدا تەخمىنەن 97 يېشىدا ۋاپات بولغان.⑩
9.ئىبنى مۇھەممەد كاشىغەرىي
ئىبنى مۇھەممەد كاشىغەرىي تەخمىنەن 14-ئەسىرلەردە ياشاپ ئۆتكەن قەشقەرلىك ئۇيغۇر ئالىمى. ئۇ ئەينى دەۋردە مىسىرنىڭ ‹‹باي بارس›› خانقاسىگە مۇدەررس بولغان.ئۇنىڭ 1363-يىلى يازغان ‹‹تاج ئەل سائادەت››(سائادەت تاجى)،‹‹ئۇنۋان ئەلئارات ›› (ھاكىمىيەت ئۇنۋانلىرى) قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم. (11 )
10.مەۋلانە سەئىدىن قەشقىرى
ئۇيغۇر ئالىمى،مۇتەپپەككۇر شائىرى سەئىدىن قەشقىرى1377-يىلى تۇغۇلۇپ1456-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا قەشقەر مەدرىسلىرىدە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان.ئەرەپ،پارىس تىللىرىنى پۇختا ئۆگەنگەن.ئۇ ياشىغان دەۋرلەردە تارىخي سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن پەن-مەدەنىيەت مەركىزى قەشقەردىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچكەن.ھەر قايسى ئەل ئەدىبلىرى دەۋر ئىھتىياجى بىلەن ھىرات،خۇراسان قاتارلىق جايلارغا كەلگەن.مۇشۇ قاتاردا سەئىددىن قەشقىرىمۇ ھىراتقا كېلىپ ئۇ يەردىكى چوڭ مەدرىسلەردە مۇدەررىسلىك قىلغان ۋە ئىلمىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغان.ئابدۇراخمان جامىي،ئەلشىر نەۋائىي قاتارلىق ئەدىبلەرمۇ سەئىددىن قەشقىرىنى ئۇستاز تۇتقان. ئابدۇللاھ  نىدايى  كاشغەرىمۇ بۇخارادىن بەلخقە كىلىپ، مەۋلانە سەئدىددىن كاشىغەرى، مەۋلانە جامى، ئىمام ئەلى رىزا، فەرىددىن ئەتتار ۋە بايەزىد بىستەمى قاتارلىق مەشھۇر سوفىيلارنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلغان. (12)
11.سۇلتان مالىك كاشىغىرى
سۇلتان مالىك كاشىغىرى تۆمۈرىيلەر دەۋرىدە ئۆتكەن ئۆز زامانىسىنىڭ تەڭدىشى يوق ئۆلىماسى. ھېرات ۋە سەمەرقەندكە ھاكىم بولغان شائىرئەھمەد ھاجىبەگنىڭ دادىسى.(13)
12.مىرزا ھەيدەر قەشقىرى (مىرزا ھەيدەر كوراگان)
مىرزا ھەيدەر قەشقىرى مىلادىيە 1499-يىلى موغۇلىستان خانلىقىغا تەۋە تاشكەنتتە تۇغۇلغان بولۇپ، قەشقەر ھۆكۈمدارلىرىدىن ئەمىر خۇدايدادنىڭ ئەۋلادى. 1551-  كەشمىردە ئالەمدىن ئۆتكەن. مىرزا ھەيدەر كۆراگان كەشمىرنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە، يەنى 1547-يىلى يەركەند خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانى، سەئىدخاننىڭ ئوغلى ئابدۇرەشىدخاننىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ ئەھۋاللىرىغا ئاتاپ پارسچە «تارىخىي رەشىدىي» (ئىككى كىتابقا بۆلۈنگەن، ئاپتور بىرىنچى دەپتەر، ئىككىنچى دەپتەر دەپ ئاتىغان)نى يازغان، بىرىنچى كىتاب «رەسمىي تارىخ» 70 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، تۇغلۇق تۆمۈرخان (1329-1362-يىللىرى)نىڭ دەسلەپكى ئەھۋالىدىن تارتىپ ئابدۇرەشىدخان (1510-1559-يىللىرى) دەۋرىگىچە بولغان ۋەقەلىكلەر تەپسىلىي بايان قىلىنغان؛ ئىككىنچى كىتاب «ۋەقەلىكلەر بايانى» (ئاپتور بۇ قىسىمنى «مۇختەسەر» دەپ ئاتىغان)117 بابقا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاپتور ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى ئاساس قىلىپ، بوۋىسى يۇنۇسخاننىڭ تەختكە چىقىپ ھاكىمىيەت تۇتقىنىدىن ئۆزىنىڭ كەشمىردە ھاكىمىيەت تۇتقىنىغا قەدەر بولغان تارىخىي، ئىجتىمائىي ئەھۋاللارنى بايان قىلغان. بۇ ئەسەر كىيىنكى دەۋرلەردە تارىخچى ئالىملارنىڭ ئىجادىيەتلىرىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.موللامۇسا سايرامىمۇ ‹‹تارىخىي ئەمنىيە››نى يېزىشتا مىرزا ھەيدەرنىڭ ئەسرىدىن پايدىلانغان. ئومۇمەن، بۇ كىتابقا 200 يىل ئىچىدىكى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ،ئوتتۇرا جەنۇبىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ئەھۋالى، مەدەنىيىتى، دىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەمدە جۇغراپىيىسى قاتارلىق ئەھۋاللىرى؛ شۇنداقلا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۇيرات موڭغۇللىرى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي پائالىيەتلەر سۆزلىنىپ، موڭغۇل خانلىرى ۋە دوغلات جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىق تارىخى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان. ( 14)
13.موللا مۇھەممەد تۆمۈر قەشقىرى    تەرجىمھالىنى تاپالمىدىم. بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار

14.مۇھەممەد ئابدۇل ئېلى قەشقىرى
مۇھەممەد ئابدۇل ئېلى قەشقىرى 18-،19-ئەسىرلەردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇر تارىخچىسى ۋە يازغۇچىسى.ئۇ 18-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا تۇغۇلغان بولۇپ قەشقەردە ياشاپ ،ئىلىم تەھسىل قىلىپ ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۆتكەن.1800-يىلى يېزىلغان ‹‹تەزكىرەئى ھەزرەت موللام ›› قىسسىسى ئاپتورنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرىدۇر.ئاپتور ئۆزى ياشاپ تۇرغان دەۋرنىڭ ئىجتىمائىي رىئاللىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى مەقسەد قىلغان تەرجىمەھال خاراكتېرلىك بۇ نەسرىي قىسسىسىدە قەشقەر ئاتۇشنىڭ (ئەينى چاغدا ئاتۇش قەشقەرگە تەۋە ئىدى) قاغراق يىزىسىدا ياشىغان مۆتىۋەر دىنىي ئالىم ھەزرەت موللامنىڭ تەرجىمھالى ۋە پائالىيەتلىرىنى تەسۋىرلىگەن.(16)
15.مۇھەممەد سادىق قەشقىرى
مۇھەممەد سادىق قەشقەرى مىلادى 1725-يىلى قەشقەر شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئەينى زاماندا قەشقەر مائارىپىدا شۆھرەت قازانغان مەشھۇر مەدىرىسلەرنىڭ بىرى-«مەدرىسە ھامىدىيە»دە ئەرەب ۋە پارىس تىللىرى بويىچە تىل، ھېساب، ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە دىنىي بىلىملەرنى مۇكەممەل ئۆگىنىپ، ئۆز زامانىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئىلىم ئەھلىلىرىدىن بولۇپ يېتىشكەن.كىيىن قەشقەر خانلىق مەدىرىسىنىڭ مۇدەررىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ،ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلىگەن ۋە تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ ئىلمىي مۇھاكىمە، تەتقىقات ئىشلىرىغا كىرىشكەن.
مۇھەممەد سادىق قەشقەرى «تەزكىرەئى ئەزىزان»(خوجىلار تەزكىرىسىس )، «زۇبدەتۇلمەسائىل»  ( تاللانغان مەسىلىلەر )، «تەزكىرەئى ئەسھەبۇلكەھىف» ( ئەسھەبۇلكەپ تەزكىرىسى )،« تارىخىي ئىسكەندەر ۋە تاجنامەئى شاھى» ( ئىسكەندەر تارىخى ۋە شاھلىق تاجىسى )، «ئادا بۇسسالىھىن» ( ياخشى كىشىلەرنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىرى )، «قىياپەتۇل بەشىر» ( ئىنسانلارنىڭ قىياپەت-تۇرقى ) ، « رىسالەئى كەسىپدار» ( ھۆنەرۋەن-كاسىپلار رىسالىسى ) قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان ۋە «تەرجىمەئى تارىخىي تەبەرى»،«تەرجىمەئى تارىخىي رەشىدى» قاتارلىق كىتابلارنى پارىسچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان.
مۇھەممەد سادىق قەشقەرى ئەينى زاماننىڭ يېتىلگەن تىلشۇناسى بولۇپ ئۇ مىلادى 1849- يىلى 124 يېشىدا قەشقەردىكى بىر سىياسىي توپىلاڭدا پاجىئەلىك ھالدا قازا تاپقان. ئۇنىڭ جەسىتى ئاق مازار ( مەشھۇر ئالىم، مۇتەپەككۇر يۈسۈپ خاس ھاجىپ مازىرى ئالدىدىكى زاراتگاھلىق ) غا دەپنە قىلىنغان. ئالىمنىڭ «تەزكىرەئى ئەزىزان» ناملىق بۇ ئەسىرىدە مىلادى 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 18-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىغىچە خوجىلارنىڭ شىنجاڭ رايۇنىدا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى،خوجا ھىدايەتۇللا ( ئاپپاق خوجا ) نىڭ جۇڭغار خانلىقى بىلەن بىرلىشىپ يۈرگۈزگەن زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى، ئاپپاق خوجا ئەۋلادلىرى بىلەن خوجا ئىسھاق ۋەلى ئەۋلادلىرى ۋە جۇڭغار خانلىقى ئوتتۇرىسىدا يۈزبەرگەن جەڭگە-جېدەل، پاجىئەلىك قىرغىنچىلىقلارغا ئالاقىدار تارىخىي ۋەقەلەر ئېنىق،ئىخچام بايان قىلىنغان. ۋەقەلىكلەرنىڭ سەلبىي تەرەپلىرى خېلى كەسكىن تەنقىد قىلىنىپ، ئاپتۇر تەرىپىدىن تەقرىزلەر بېرىلگەن. تەسەۋۋۇپقا مايىل بولغان بۇ ئەسەردە، شىنجاڭنىڭ 15-ئەسىردىن 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىشقا كېرەكلىك قىممەتلىك ماتېرياللار بار . (17)
16.ئابدۇقادىر بىننى ئابدۇلۋارس قەشقىرى
ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر، مۇتەپەككۇر ئالىم، پەيلاسوپ، شائىر، ئىسلاھاتقا يول باشلىغۇچى ئۇستاز سەركەردە ئابدۇقادىر داموللا بىننىي ئابدۇۋارىس قەشقەرىي( غازى،ئەزىزى دېگەن ناملارنىمۇ تەخەللۇس قىلغان ،خەلق ھۆرمەتلەپ داموللا دەپ ئاتىغان.) 1862 -يىلى ئارتىش(ئاتۇش) مەشھەد يېزىسىدا ئابدۇۋارىس ئىسىملىك دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مەرھۇمنىڭ بالىلىق چاغلىرى ئۆز يېزىسىدا ئۆتكەن. ئىپتىدائىي ئوقۇشنى ئۆز يېرىدە ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن، ئون بەش يېشىدا قەشقەرگە كېلىپ، شەيخۇل ئۆلىما موللا ئىسلام داموللامدا ئوتتۇرا ۋە ئالىي ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن، بۇخاراغا بېرىپ، ئىلمى ئەرەبىييە ۋە ئەدەپ پارسىييەدە ئالىي دەرىجىدە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۇلۇغ ئالىم بولۇپ يېتىشكەن. ئاندىن قەشقەرگە قايتىپ مۇدەررەسلىك قىلغان. بۇ مەزگىلدە داموللام مەدرىسلەردىكى ئۇسۇلى تەلىمدە ئىسلاھات يۈرگۈزۈش، خەلققە مەرىپەت بېرىشنى پائال تەشەببۇس قىلغانلىقتىن، بەزەن ئىشان ۋە موللىلار"ئۇسۇلى جەدىت ھارام،ئۇنى ئوقۇغۇچى دەھرىي"دىگەن پىتنىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، داموللامغا قارشى تۇرۇپ، سۈيىقەست قىلماقچى بولغان. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا داموللام ھىجرەت قىلىپ، بۇخارا، تاشكەنت تەرەپكە كەتكەن. ئۇ يەردىكى ئۆلىما-ئەشرەپلەر، داموللا-مۇدەررىسلەر ئابدۇقادىر داموللامغا كاتتا ئېتىبار كۆرسىتىپ، ئۆلىما-ئالىملار قاتارىدىن ئورۇن بەرگەن ۋە ئىززەت-ھۆرمەت كۆرسەتكەن. داموللامنىڭ بۇ سەپىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇپ، «ئەقايىدى زەرۈرىييە»(«زۆرۈر ئەقىدىلەر»)، «ئىبادەتۇل_ئىسلامىييە»(«ئىسلام ئىبادەتلىرى»)، «ئىلمى تەجۋىد»(«قىرائەت ئىلمى»)، «سەرف،نەھۋى»(مورفولىگىيە،سىنتاكسىس)، ‹‹مىفتاھۇل_ئەدەپ»(«ئەدەبىيات ئاچقۇچى»)، «تەئلىمى سەبىييان» (گۆدەكلەرگە تەلىم) ‹‹نەسايىھۇل_ئەتفال»( «ياش-ئۆسمۈرلەرگە نەسىھەت»)، «ئىلمى ھېساپ» ، «مۇتالىئە ھىدايەت»قاتارلىق كىتاپلارنى يېزىپ، تاشكەنت قازان مەتبەئەلىرىدە باستۇرۇپ تارقاتقان.  داموللامنىڭ ئەرەب تىلىدا يازغان «جاۋاھىرول-ئىيقان»(«يېقىنلىق جەۋھەرلىرى») دېگەن مەشھۇر شېئىرىي ئەسىرى مىسىر ئەزھەر دارىلفۇنۇنى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا.  داموللام ھىجىرىيە 1343-يىلى ماھى مۇھەررەمنىڭ (مىلادىيە1924-يىلى8-ئاي)14-كۈنى مۇناپىقلارنىڭ سۈيىقەستى بىلەن پاجىئەلىك ئۆلتۈرۈلدى.(18)
17.موللا مىر سالىھ  كاشىغەرىي
موللا مىر سالىھ  كاشىغەرىينىڭ قاچان ياشاپ ئۆتكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. بەزى ماترىياللاردا «قەشقەر تارىخى››(چىڭگىزنامە )ناملىق تارىخى ئەسەر موللا مىرسالىھ كاشغەرىي تەرىپىدىن يېزىلغان ئەسەرنىڭ يېزىلغان ۋاقتى، ئاپتورنىڭ ھاياتى ۋەتەرجىمىھالىغا ئائىت ھېچقانداق مەلۇماتقا ئىگە ئەمەسمىز دېيىلگەن . (چىڭگىزنامە گە كىرىش سۆز) ئادىل تۇران باشچىلقىدا تۈزگەن‹‹ شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى››دېگەن كىتابتىمۇ موللا مىر سالىھ  كاشىغەرىي يازغان دېيىلگەن. يەنە بەزى ماتىرىياللاردا موللا مىر سالىھ  كاشىغەرىي «قەشقەر تارىخى››(چىڭگىزنامە )ناملىق تارىخى ئەسەرنى يازمىغان بەلكى كۆچۈرگەن دېيىلگەن .( قەشقەرتارىخى‘ناملىق كىتابلارھەققىدە؛ئەلى غوپۇر) بۇ تىخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە.بىراق تارىختا قانداقلا بولمىسۇن موللا مىر سالىھ  كاشىغەرىي ناملىق كىشىنىڭ ئۆتكەنلىكى راسىت.
18.مەۋلانە ئەزھەرىي كاشىغەرىي
مەۋلانە ئەزھەرىي كاشىغەرىي ھەققىدىكى مەلۇمات ‹‹ ئابدۇللاھ  نىدايى  كاشغەرى  ۋە  ئۇنىڭ ئەسەرلىرى››(ئۆمەرجان  نۇرى. ‹بۇلاق› ژورنىلى، 2011- يىللىق 4- سان) دېگەن ماقالىدا قىسقىلا قىلىپ مۇنداق تىلغا ئېلىنغان:‹‹ ئابدۇللاھ نىدايى تەرىقەتنىڭ سېھرى كۈچى بىلەن 17 يېشىدىن باشلاپ نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ خەلىپىلىرىدىن كۇچاردىكى مەۋلانە ئەزھەرى كاشغەرىنىڭ تەرىقەت تەربىيىسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ، بىر مەزگىل كۇچاردا ئىستىقامەت  قىلىدۇ..››شۇنىڭغا قارىغاندا مەۋلانە ئەزھەرىي كاشىغەرىي 17-ئەسردىكى داڭلىق ئالىم،ئۆلىما بولسا كېرەك.
19.ئابدۇللا نىدايى كاشىغەرىي
نەخشىبەندچىلىكنىڭ 18-ئەسىردىكى مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان  ئابدۇللاھ نىدايى كاشغەرى مىلادى 1688- يىلى كاشغەر (ھازىرقى قەشقەر) دە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى ئابدۇللاھ بىن مۇھەممەد كاشغەرى بولۇپ، تەخەللۇسى ‹نىدايى›دۇر. ئۇنىڭ ‹رىسالە-ئى ھەققىيە› ناملىق پارسچە كىتابىدىكى ئۆز تەرجىمىھالى ھەققىدىكى بايانىغا قارىغاندا، ئۇ دەسلەپ قەشقەردە مەدرىسە تەربىيىسى كۆرگەن، كېيىن تەرىقەتچىلىكنىڭ مەنىۋى  تەربىيىسىنى ئېلىش ئۈچۈن، قەشقەردىن يولغا چىقىپ نۇرغۇن جايلارغا بارغان.ئاخىرى تۈركىيەدىكى‹مۇرتىزا  ئەپەندى خانىقاسى›غا كېلىپ شەيخلىق قىلىشقا باشلىغان. كىيىن، بۇ خانىقا ئۇنىڭ نامى بىلەن ‹كاشغەرى خانىقاسى› دەپ ئاتىلىپ، مەشھۇر  بولغان. ئابدۇللاھ نىدايى مىلادى  1760- يىلى 9 - ئاينىڭ 18- كۈنى  ۋاپات بولغانغا قەدەر ‹كاشغەرى  خانىقاسى›دا    14 يىل  شەيخلىق  قىلغان.ئۇنىڭ بىزگە مەلۇم ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.‹دىۋان›: بۇ دىۋاندا 85 غەزەلدىن باشقا  يەنە  مۇخەممەسلەر، جامى، ھافىزى، شىرازى، ئىسمەت بۇخارى قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارغا  يازغان تەخمىسى ۋە  ساياھىتىنىڭ ئاخىرىدا ئىستانبۇلغا كېلىپ شەھەرنى كۆرگەندە ھەيران قالغانلىغىدىن يازغان ‹ھەيرەتنامە› ناملىق 27 بېيىتلىق بىر مەسنىۋىسى بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە باھائىددىن نەقشىبەندىگە ئاتاپ يازغان چاغاتايچە ئىككى پارچە  شېئىرىمۇ  بار.
2.‹رىسالە-ئى ھەققىيە›: فارسچە يېزىلغان بۇ ئەسەر ھەر قايسى كۇتۇبخانەلەردە ‹ھەققىيە-ئى نىدايى›، ‹ھەققىيە›، ‹رىسالە فى بەيانى تەرىقەتىن نەقشىبەندىيە›، ‹رىسالە  دەر  تەرىقەتى  نەقشىبەندىيە›، ‹شىرىن  شەمائىل› دېگەن ناملاردا ساقلانماقتا.
‹رىسالە-ئى ھەققىيە› 12 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان ئەسەر بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمدە نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ئۇسۇل-قائىدىلىرى ھەققىدە ساۋات، ئىككىنچى بۆلۈمدە تەرىقەت ئەخلاقى ۋە شەيخلەر رولىنىڭ مۇھىملىقى، ئۈچىنچى بۆلۈمدە  نەقشىبەندىيە تەرىقىتىنىڭ ‹تەجەللى› تەبىرى، تۆتىنچى بۆلۈمدە تەۋھىد  مەرتىبىسى، بەشىنچى بۆلۈمدە شەيخ بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ مۇھىملىقى، ئالتىنچى بۆلۈمدە فەقىر ياشاش ۋە خەندە-كۇلاھ  كىيىشنىڭ  ئەھمىيىتى، يەتتىنچى بۆلۈمدە  نەپسى ھەققىدە، سەككىزىنچى بۆلۈمدە تەسەۋۋۇپتىكى خاتا چۈشەنچىلەرگە بىرىلگەن جاۋاپ، توققۇزىنچى بۆلۈمدە تەرىقەت سۈلۈكىغا كىرمىگەنلەر، ئاللاھتىن ئەجر-ساۋاپ ئىزدىگەنلەر ۋە ۋەلى بولۇش ئۈچۈن تىرىشقان ئۈچ خىل جامائەتنىڭ  پەرقى، ئونىنچى بۆلۈمدە بۇ ئالەم بىلەن ئاخىرەتتە  كۆرىدىغانلاردىن بىشارەتلەر، ئون بىرىنچى بۆلۈمدە ئۆزىنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى نەزمىي-نەسرىي بايانلىرى، ئون ئىككىنچى بۆلۈمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەدھىيە، ئاللاھتائالاغا مۇناجات يېزىپ ئەسەرنى  ئاخىرلاشتۇرغان. يۇقىرىقىلاردىن باشقا ئابدۇللاھ نىدايىنىڭ نامىدا ساقلىنىۋاتقان ئەسەرلەردىن ‹رىسالە-ئى مۇختەسەر›،‹ئەسرار-ئى تەمھىد›، ‹فۇقارا›، ‹تەرىقەتى  نەقشىبەندىيە›،‹رىسالە-ئى  ئىرفانى› قاتارلىقلار  بار.(19)
20.موللا ئەبۇ سېيىد قەشقىرى
موللا ئەبۇ سېيىد قەشقىرى 19-ئەسىردە ياشىغان بولۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن تەئلىق خەت نۇسخىسىدا 489بەتلىك ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن بولغان ‹‹ تۈركى مۇختەسەر ۋىقايە››(مۇختەسەر ۋىقايىنىڭ تۈركچە نۇسخىسى) نى يازغان . كىتابتا نىكاھتىن ئاجراشقان ئاياللار ۋە قۇللار مەسىلىسى،يېقىن تۇغقانلار ئىچىدىكى نامىراتلارغا ياردەم بېرىش مەسىلىسى،قەسەم ،سودا،ئۆتۈنۈپ بېرىش،دەۋالارغا ھۆكۈم قىلىش مەسلىلىرى بايان قىلىنغان.كىتابنىڭ1800-يىلى كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى بار.(20)
21.مۇھەممەد ياقۇپ بىننى ئۆمەر روزى قەشقىرى
موللا ياقۇپ بىننى ئۆمەر قەشقىرى 18-،19-ئەسىرلەردە قەشقەردە ياشىغان.1845-يىلى «شەجەرەئىي بۈزرۈكۋار»ناملىق ئەسەرنى يازغان.(ئىبراھىم نىياز:تارىختىن قىسقىچە بايانلار ناملىق كىتابىدا كۆچۈرگەن دەيدۇ.)ئۇ يەنە ‹‹ھىدايۇتۇللا ئىشان تەزكىرىسى››دېگەن ئەسەرنىمۇ يازغان.(21)
22.ئىمام ھەسەن قەشقىرى
ئىمام ھەسەن قەشقىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات يوق ئەمما 1822-يىللىرى يازغان ‹‹داستان زەيىد ئەنسارى››ناملىق ئەسىرى بار. ئەسەردە ھەزرىتى ئەلى،ئىمام ھەسەن ۋە ئىمام ھۈسەنلەرنىڭ تەرجىمھالى داستان شەكلىدە بايان قىلىنغان.(22)
23.موللا مۇھەممەد شەمسىدىن قەشقىرى
موللا مۇھەممەد شەمسىدىن قەشقىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات يوق ئەمما 1905-يىللىرى يازغان ‹‹قىسسەئى جەمالىدىن سەئىد ۋەققاس››ناملىق ئەسىرى بار.(23)
24.سابىت بىننى خۇدابەردى قەشقىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات يوق ئەمما 1905-يىللىرى يازغان ‹‹ماقالات››ناملىق ئەسىرى بار. (24)
25.مۇھىددىن قەشقىرى
مۇھىددىن قەشقىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات يوق. ‹‹تەزكىرەئى غەۋس››ناملىق ئەسىرى بار.(25)
26.سابىت ئىبىن ئەبدۇل باقى قەشقەرى
سابىت ئىبىن ئەبدۇل باقى قەشقەرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات يوق ئەمما1917-يىللىرى يازغان ‹‹شەرائىتىل ئىمان››،‹‹ شەرھى گۈلشەن››ناملىق ئەسىرى بار.(26)
27.موللا توختى كاشىغىرى
موللا توختى كاشىغىرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات يوق،ئەمما ئۇ كۆچۈرگەن ‹‹پەتىۋايى چوڭ››دېگەن كىتاب ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمكى ئەسەرلەرنى توپلاش-رەتلەش ئورنىدا  ساقلانماقتا.(27)
28.غۇلام مۇھەممەد نۇردۇش كاشىغەرى
غۇلام مۇھەممەد نۇردۇش كاشىغەرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات يوق، ئۇنىڭ ‹‹پالنامە››ناملىق ئەسىرى ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمكى ئەسەرلەرنىتوپلاش-رەتلەش ئورنىدا  ساقلانماقتا.(28)
29.داموللا ئابدۇلغەفۇر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل كاشىغەرىي
داموللا ئابدۇلغەفۇر ئىبنى ئابدۇللاھ ئەل كاشىغەرىي20-ئەسىرنىڭ بېشىدا قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن. ‹‹ رىسالە ›› ئاپتور تەرىپىدىن يېزىلغان تارىخ ۋە سىياسەتكە ئائىت كىتاب بولۇپ، كىتابتا 30-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدىكى شىنجاڭنىڭ تارىخى ، مەدەنىيەت،مائارىپ،سەھىيە،پەن-تېخنىكا ئەھۋاللىرى ۋە ئەينى دەۋردىكى ھەرخىل سىياسىي ھاكىمىيەتلەر،نىزاملار،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى،دىنغا ئائىت مەزمۇنلار بايان قىلىنغان.(29)
30.يۈسۈپ ھاجىم قەشقىرى
مەشھۇر تېۋىپ يۈسۈپ ھاجىم قەشقىرى 1876-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان.1905-يىلى دادىسى قادىر ھاجىم قاتارلىقلار بىلەن ھەجگە بارغان.مۇشۇ قېتىملىق ھەج سەپىرىدىن بۇرۇن قادىر ھاجىم تۇرپاندىن مەشھۇر تېۋىپ مۇھىددىن ئاخۇنۇم دېگەن كىشىنى قەشقەرگە تەكلىپ قىلىپ يۈسۈپ ھاجىمنى ئۈچ يىل شاگىرتلىققا تۇتۇپ بەرگەن.ئۇ مۇشۇ مەزگىلدە ‹‹تېببىي ئەكبەر››،‹‹قارا بادىن كەبىرى››،‹‹دەستۇرۇل ئىلاج››قاتارلىق كىتابلارنى دەرسلىك قىلىپ ئوقىغان. 1910-يىلىدىن باشلاپ يۈسۈپ ھاجىم قەشقىرى قەشقەر شەھرى ئۆستەڭبويى چوڭ گۈزەر دوقمۇشىدا مۇستەقىل دۇكان ئېچىپ،مۇستەقىل كىسەل كۆرۈشنى باشلىغان.1928-يىلى قەشقەردە تارقالغان قارا كېزىك كىسلىنى داۋالاشتا زور كۈچ سەرپ قىلغان.1934-،1935-يىللىرى قەشقەردە‹‹ھىلال ئەھمەر جەميىتى››ئەزالىرى قاتارىدا يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلشتا ئالدىنقى سەپتە كۆرەش قىلغان.شۇ يىللاردا قەشقەردىكى ‹‹دارىلئۇلۇم››غا ئوقۇشقا كىرىپ ئوقۇشنى ئەلا پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆز مەھەللىسىدىكى يېڭى مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان،يۈسۈپ ھاجىم قەشقىرى ئۆمرىدە بىر قىسىم نەزمىي ئەسەرلەرنى يازغاندىن تاشقىرى ‹‹سەپەرنامە››ناملىق نەزمىي ئەسەرنى يازغان.تېبابەتچىلىكتىكى ئىككى مۇھىم ئەسەر‹‹تەرىقولئىلاج›› ۋە ‹‹قارا بادىن قادىرى›› ناملىق ئەسەرنى تەرجىمە قىلغان.‹‹قانۇنچە››ناملىق كىتابنى يازغان.1961-يىلى ۋاپات بولغان(30)
31.مەۋلانە يۈسۈپ قەشقىرى
مەۋلانە يۈسۈپ قەشقىرى ھەققىدىكى مەلۇمات ‹‹تارىخي رەشىدىي ›› دە ‹‹ ئەلقىسسە خاجە ئەلى باھادىر بىر نەچچە كىشىنى خانغا ھەمراھ قىلىپ يولغا سالدى، خان ھەمراھلىرى بىلەن يولدىن ئېزىپ قىلىپ يەنەخاجە ئەلى باھادىرنىڭ ھوزۇرىغا قايتىپ كەلدى.....،خاجە ئەلى باھادىر بىرنەچچە ئىشەنىچلىك مۆتىۋەر كىشىنى تاپتى،يەنە بىرى مەۋلانە يۈسۈپ قەشقىرى بولۇپ،مۇھتەسىپ ئىدى.،ئۇ ئەندىجاندا مەسلەھەت-كېڭەشكە ئۇستا كىشى ئىدى.››شەكلىدە ئۇچرايدۇ. ( بۇلاق.2003-يىل 2-سان 9-بەت)
32. .موللا تۇردۇش ئاسىي كاشىغەر
موللا تۇردۇش ئاسىي كاشىغەر ھەققىدىكى مەلۇمات  مۇھەممەد تۇرسۇن ئىبراھىمىنىڭ‹‹ تۆھپە ئۇنتۇلمايدۇ››ناملىق كىتابىنىڭ 197-بېتىدە مۇنداق دەپ بېرىلگەن.(شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى نەشرىياتى.2011-يىل)‹‹مەھمۇد كاشىغەرىي مازىرىدىكى مەسچىد ئىشكىگە مۇنداق يېزىلغان:
ئۆمىد بىرلە كېلىپمەن دەرگاھىڭغا پادىشاھىم دار،
بۇ پەقرۇ-زارى بىرلە ئەرز قىلدىم قىلمىغىن بەربات.››
1254ھىجرىيە موللا تۇردۇش ئاسىي كاشىغەر،(مىلادى 1838-1839-يىللار)››بۇ ھەقتە باشقا تەپسىلىي مەلۇمات يوق.
33. شەيخ ئەبۇبەكرى قارىم كاشغەرىي
شەيخنىڭ ئىسمى ئەبۇبەكرى ئابدۇل ئال بولۇپ، 1899-يىلى قەشقەردە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئۆز دەۋرىدە كۆزگە كۆرۇنگەن ئەدىب بولۇپ، ئۆزىگە خاس كۆز قاراشلىرى، كەسكىن پىكىرلىرى بار كىشى ئىدى.
ئۇ ئوغلىنى ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ئىلىمسۆيەر يىگىت قىلىپ تەربىيلىگەن بولۇپ، ئەبۇبەكرى دادىسىدىن تىل-ئەدەبىيات پەنلىرىدىن پۇختا ئىلىم تەھسىل قىلغان. كىيىنچە قەشقەردە ساقىيە مەدرىسى ئوقىغان. شەيخ ئەبۇبەكرى قارىم ئۆز دەۋىردىكى مۆمىن، سالىھ كىشىلىرىمىزنىڭ تىپىك ئۈلگىسى بولۇپ، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈش شاھادىتىنى ئىلىپ، قەشقەردىكى بىر مەدرىسكە مۇدەررىس بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بەش يىل بۇرۇن، ياشىنىپ قىلىش ۋە بەزىبىر خاس زۆرۈرىيەتلەر تۈپەيلىدىن، ئۆيىدە ئىتىكاپتا تۇرۇپ، ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇنلانغان. 1961-يىلى قەشقەردە ۋاپات بولۇپ، شۇيەرگە دەپنە قىلىنغان. (مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئەرەبچە "ئەلئىئلام" دېگەن كىتابىدىن .مىسرانىم تورىدىن ئېلىندى http://bbs.misranim.com/thread-67772-1-1.html)
.34 شەيخۇل ئىسلام ئوبۇلقاسىم ئابدۇقادىر كاشغەرى
  شەيخ ئوبۇلقاسىم ئابدۇقادىر1855-يىلى قەشقەر شەھرىگە 13 كىلومىترى يىراقلىققا جايلاشقان بەشكىرەمدە تۇغۇلغان. ھىجرىيە1305-يىلى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كىيىن دەسلەپتە مۇدەررىسلىككە، ئاندىن قەشقەردىكى چوڭ بىر مەسچىتكە ئىمام-خەتىبلىككە تەيىنلەنگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنى ھىجىريە 1310-يىلى قازىلىققا تەيىنلىنىپ، 20 يىل قازىلىق ۋەزىپىسىنى جىدەل-ماجراسىز ئۆتىگەن.
ھىجىرىيە-1317 يىلى مەھكىمە شەرئىنىڭ نائىب رەئىسلىكىگە، 1320-يىلى قەشقەردىكى سەككىز تارماق مەھكىمە قاراشلىق باش مەھكىمىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەنگەن. ھىجىرىيە 1336-يىلى شەيخ ئوبۇلقاسىم قەشقەرگە شەيخۇل ئىسلام بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە  -1927يىلى ۋاپات بولغۇچە شۇ ۋەزىپىنى ئۆتىگەن.
ۋاپات بولغاندىن كىيىن قەشقەرگە دەپنە قىلىنغان
مۇھەممەد قاسىم ھاجىمنىڭ ئەرەبچە "ئەلئىئلام" دېگەن كىتابىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ھەمزەم)    كەڭساي مۇنبىگە يوللىغۇچى ئابدۇللاھنىڭ يازمىسى )
35.رابىيە كاشىغىرى
بەزى رىۋايەتسىمان مەنبەلەردە رابىيە كاشىغىرى ئىسىملىك بىر شائىر ھەققىدىمۇ مەلۇمەتلار بار.(31)
36.ئابدۇرسۇل ئۆمەر قەشقىرى  بۇ ئادەم ھازىرمۇ ھايات . تەرجىمالىنى تاپساق بولاتتى!!!!!!!!!!
37.مۇترىبان كاشىغەرىي  .  بۇ ھەقتە ھاجى ئابدۇراھمان باقىنىڭ ‹‹ ئۇيغۇر قەدىمقى كىتاب مەدەنىيتى ›› دېگەن كىتابىنىڭ 105-بېتىدە ئىسمىلا تىلغا ئېلىنغان. تەپسىلىي مەلۇماتنى مەنمۇ تاپالمىدىم.
38-زۇلفىيە كاشغەرى (17- -ئەسىر) قەشقەر،‹‹دىۋان زۇلفىيە ›› دەپ ئەسىرى بارلىقى مەلۇم .ئەمما تەپسىلىي مەلۇماتنى مەن تاپالمىدىم.

39.خىسلەت كاشغەرى (1785-؟)، قەشقەر، قوقاند، “مەجمۇەتۇل شۇىرا”
مەمەت تۇرسۇن زۇنۇن ئوقيا نىڭ  ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى دەۋرىلىرى  ۋە  مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر دېگەن ماقالىسىدە شۇنداق دېيىلپتۇ. بىراق مەن بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى تاپالمىدىم . بولسا ياردەم قىلساڭلار
.
ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا ‹‹كاشىغەر›› سۆزىنى تەخەللۇس قىلغان بۇ ئەدىپ،ئالىم ،ئەلەمدار-قەلەمدار، تېۋىپ -ئەللامىلىرىمىز ،تارىخچىلىرىمىز بولسۇن ھەممىسى ئۆز ئانا تىلىنى پۇختا بىلىشتىن باشقا ئەرەپ-پارس تىللىرىنى پۇختا ئىگەللىگەن.شۇنداقلا تىل،ھېساب،لوگىكا،گىرامماتىكا،ئاستورنومىيە،تېبابەت،جۇغراپىيە ۋە دىنىي بىلىملەرنى پىششىق ئۆگەنگەن.پۈتكۈل ۋۇجۇدىنى ئىلىم-پەن، مائارىپ ئىشلىرىغا سەرپ قىلغان.ئۇلارنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىملىرى مەدرىسلەردە مۇددەرسلىك قىلىش،ئەل ئىچىدە كىسەل كۆرۈش،تېببىي ئىلىملەرنى ئۆگنىش-ئۆگىتىش،ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى،تارىخىي شەخسلىرىنى خاتىرىلەش،ئەدەبىي ئىجادىيەت،تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش،ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ خەلقنىڭ غېمىنى يېيىش،ئۆز دەۋرىنىڭ دىنىي بىلىملىرىنى ئىگەللەشنى ئۆز ھاياتىدىكى ئاساسىي ئىش سۈپىتىدە قارىغان.شەخسىيەتسىز ھالدا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئىلىم-مەرىپەت ئىشلىرىغا بىغىشلىغان.بۇ بىزنىڭ ئۆگنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان ئىسىل روھ.
‹‹ كاشغەرىي ››تەخەللۇسلۇق بۇ ئەدىبلەر ھەققىدە تىخىمۇ سىستىمىلىق تەتقىقاد ئېلىپ بېرىش نۆۋەتتىكى كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىدا موھىم بىر نۇقتا.ئۇ بىزنىڭ ئەدەبىيات تارىخمىزنى بېيىتىدۇ،شۇنداقلا ئاپتورلارنى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
مەن ھازىرغىچە ماترىياللاردىن ئىزدەپ تاپالىغان ‹‹ كاشغەرىي (قەشقەر)››نامىنى تەخەللۇس قىلغان كىشىلەر يۇقارقىلار بولۇپ ، بەزىلىرى ھەققىدىكى مەلۇماتلار تولۇق ئەمەس،بەلكىم يەنە بەزىلىرى ماترىيال كۆرۈش دائىرەمنىڭ چەكلىك بولۇشى تۈپەيلى چۈشۈپ قالغان بولۇشى مومكىن .شۇڭا ھەرساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر توغرىسىدا ئىزىنىشكە ياردىمى بولار دېگەن مەقسەتتە بۇ يازمىنى يازدىم .كەم قالغان ،تىخى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلمىغان نۇقتىلاردا باشقا يولداشلارنىڭ داۋاملىق ئىزدىنىشىنى ئۆمىد قىلىمەن.
ئىزاھاتلار:
ئەنىۋەر سەمەد قورغان ‹‹ئۇيغۇرلاردا فامىلە ، ئۇيغۇرلاردا نەسەبنامە››46-بەت
،⑧.⑩(12).(13).(31) غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىقلار تۈزگەن‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى››2002-يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى 325-،328-،418-،526-،526-،329-بەتلەر
⑤⑨(16)(17) ھاجى ئەھمەد ‹‹ دىڭىز ئۈنچىلىرى››1983-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى23-،29-،28،108،124-بەتلەر
ئابدۇللا تالىپ ‹‹ئۇيغۇر مائارىپ تارىخدىن ئوچىرىكلار››1986-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 40-بەت
⑦قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستۇتى ئىلمىي ژورنىلى 1981-يىل 1-سان 20-بەت
(11)(21) ئىبراھىم نىياز ‹‹تارىختىن قىسقىچە بايانلار››1989-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 164-،178-بەت
(14) ئىمىنجان ئەخمىدى ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخدىكى نامايەندىلەر›› 1996-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى137-بەت
(15)
(18)نۇرمۇھەممەد زامان ‹‹ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى››2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى34-بەت
(19) بۇلاق 2011-يىل4-سان 47-بەت
(20) ئادىل تۇران باشچىلقىدا تۈزگەن‹‹ شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى››2001-يىلى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى
(22)(23)(24)(25)(26)(27)(28) ش ئۇ ئا ر قەدىمقى ئەسەرلەرنى يىغىش-رەتلەش،توپلاش ئىشخانىسى تۈزگەن‹‹ئۇيغۇر،ئۆزبىك، تاتار قەدىمقى ئەسەرلەر تىزىلىكى››1989-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 41-،116-،126-،195-،-268،343-،510- بەتلەر
(29) ئادىل تۇران باشچىلقىدا تۈزگەن‹‹ شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى››2001-يىلى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى
(30) مۇھەممەد ئوسمان ھاجىم ‹‹ ئىزدىنىشتىن تامچىغان تەرلەر›› 2006-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى169-بەتلەر
پايدىلانمىلار:
1. ھاجى ئەھمەد ‹‹ دىڭىز ئۈنچىلىرى››1983-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى
2. ئادىل تۇران باشچىلقىدا تۈزگەن‹‹ شىنجاڭنىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى››2001-يىلى شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشرىياتى
3.غەيرەتجان ئوسمان قاتارلىقلار تۈزگەن‹‹ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تارىخى››2002-يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتى
4.ئىمىنجان ئەخمىدى ‹‹ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخدىكى نامايەندىلەر›› 1996-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
5.ش ئۇ ئا ر قەدىمقى ئەسەرلەرنى يىغىش-رەتلەش،توپلاش ئىشخانىسى تۈزگەن‹‹ئۇيغۇر،ئۆزبىك، تاتار قەدىمقى ئەسەرلەر تىزىلىكى››1989-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى
6.ئەنىۋەر سەمەد قورغان ‹‹ئۇيغۇرلاردا فامىلە ، ئۇيغۇرلاردا نەسەبنامە››2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
7.ئىبراھىم نىياز ‹‹تارىختىن قىسقىچە بايانلار››1989-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى
8.‹‹قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستۇتى ئىلمىي ژورنىلى››،‹‹بۇلاق›› ،‹‹ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى›› ژورنىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سانلىرى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۇتىش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-5 13:39  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 2
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 16:38:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تۇپرىقىمىزدىكى سېمۋولغا ئايلانغان بۇ مۇقەددەس شەھەرنى قانچىلىغان ئەزىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەخەللۇس قىلغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بەك كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 621
تۆھپە : 1
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 16:41:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلەر قۇتلۇق بولسۇن ، ئابلاجان شېئىر يازماس بولدۇڭلارغۇ ... ئون سەككىردە ياشىماق تەشكەن دېگەن شېئىرىڭلار ھېلىمۇ ئىسىمدە ....شېئىرلارنىمۇ يېزىپ تۇرۇڭلار ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1726
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 220
تۆھپە : 0
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 17:51:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشىڭىزگە ئۇتۇقلار بولسۇن.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1843
نادىر تېمىسى: 2
تېللا: 4522
تۆھپە : 31
توردا: 399
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 19:16:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
   2009 - يىلى خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا قائىسى» ناملىق لۇغەتكە قارىسىڭىز كۆپىنى تاپالايسىز. قىزىل بوياپ قويغان ئاۋۇ ئاتالغۇنىڭ توغرىسى: «كاشغەرىي»دۇر. ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي!

بارلىق دوستلىرىمنىڭ ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولغاي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 19:18:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەتىراپلىق ئىزدىنىپسىز. ئىزدىنىش روھىغا باي خسلىتىڭىز ماڭا ئۈلگە  بولدى، بۇ ھەقىقەتەن ئۆەىنىشكە ئەرزىيدىغان ئىش.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش