«ئىلى ئاخشىمى» نامىدىكى مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى
. s! O3 [/ s( C% r6 d/ X7 ^4 ]$ X, C/ E# u( h e
$ ?; C/ Z5 K5 @) y; Q# y' Z) w& }- d5 o) b1 S s* a
بۇ يىل «ئىلى كەچلىك گېزىتى» توپ - توغرا 20 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. بۇ يىل 12- ئاينىڭ 1- كۈنى «ئىلى كەچلىك گېزىتى» نىڭ 20 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنى.
% s2 t8 |8 P4 c& a بۇ 20 يىل، دۆلىتىمىزدە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەن 20 يىل؛ بۇ 20 يىل، كەچلىك گېزىت كىچىكلىكتىن زورايغان، ئاجىزلىقتىن كۈچەيگەن 20 يىل؛ بۇ 20 يىل، كەچلىك گېزىت كەڭ ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن خىزمەت قىلغان 20 يىل.
ئىلى ۋادىسىدىكى ئاسمان - زېمىن ئۆزگىرىشلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈش، يەرلىك ئەدەبىياتنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش، كەچلىك گېزىت بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەر، ئىختىيارىي مۇخبىرلار، ئاپتورلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە تەھرىر بۆلۈمىمىز «ئىلى كەچلىك گېزىتى» ئۇيغۇرچە سانىنىڭ نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 20 يىللىق ھارپىسىدا «ئىلى ئاخشىمى» نامىدىكى مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.
4 X# T7 m- F- K' E: ^7 O
1.ئەسەر قوبۇل قىلىش ۋاقتى:
9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 11- ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە بولۇپ، 12- ئايدا مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
& w9 K. R* ~5 v0 b! T$ l2.ماقالە، ئەسەرلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر: مۇكاپاتلاش ئىككى تۈر بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، كەچلىك گېزىتكە بېغىشلانغان ماقالە، ئەسلىمە، تەسىرات ماقالىلىرى ئىخچام، تەسىرلىك، چىن، راۋان بولۇشى كېرەك.
شېئىر، نەسىر، نەسرىي شېئىرلارنىڭ تېمىسى ئاكتىۋال، ساغلام، ئالغا ئىنتىلىشچان، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە، تۇرمۇشقا، ئاممىغا، ئەمەلىيەتكە يېقىنلاشقان بولۇشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئىلىدىكى ئۆزگىرىشلەر، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇشى كېرەك.
, O" `0 N0 H. r* i) |7 S6 m
3.مۇكاپاتلاش: 1. دەرىجىلىك مۇكاپات 2 نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 1000 يۈەن؛ 2- دەرىجىلىك مۇكاپات 3 نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 700 يۈەن؛ 3- دەرىجىلىك مۇكاپات 5 نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 500 يۈەن.
" m1 }0 Y8 M8 [% ?
& A2 y2 W1 K! X1 G2 R- f
4.ئەسەر قوبۇل قىلىش ئادرېسى: غۇلجا شەھەر «ئەخمەتجان» يولى 120- قورۇ، پوچتا نومۇرى: 835000
9 M3 ~& x! B$ B) J! }$ V5 l1 J" L( c/ U- j$ h _1 F
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 8038575 - 0999
0 X" `& J0 N3 Q
ئېلخەت: [url=mailtokurman22@163.com]okurman22@163.com[/url]
( X. ^8 S! I( E* O
' p( z8 d$ @2 l4 w% X+ t# p6 o
(مەيلى قايسى شەكىلدە ئەسەر ئەۋەتىڭ، «ئىلى ئاخشىمى» مۇكاپاتلىق ئەسىرى، دېگەن سۆزنى قوشۇپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ)
) V* k/ Y( f: M& @. Z! G3 P
/ @6 v: u+ R# X. n. e3 M4 E
/ C9 D- @( V- ~) r2 b# N5 D/ s
/ N4 c) d* S; G «ئىلى كەچلىك گېزىتى» ئىدارىسى
8 H# r+ j% I$ w3 U( E b3 x- l
2012- يىلى 8- ئاينىڭ 30- كۈنى