كۆرۈش: 209|ئىنكاس: 3

مەشھۇر ئۆلىما ، داڭلىق تېۋىپ ھەسەن داموللا ھاجىم توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2057
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 17:17:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىم ئەل قەلبىدە
(مەشھۇر ئۆلىما ، داڭلىق تېۋىپ ھەسەن داموللا ھاجىم توغرىسىدا )
قۇربانجان ئابلىكىم ئىمىن، ئەبەيدۇللا ھەسەن،ئەركىن نىياز
     ئىنساننىڭ ھاياتى ئىنتايىن چەكلىك ئەمما ئاشۇ چەكلىك ھاياتنى چەكسىز مەنىلەرگە تۇيۇندۇرۇپ ھايات چىغىدىمۇ بۇدۇنيادىن كەتكەن چىغىدىمۇ كىشلەر قەلبىدە خىرەلەشمەس ئوبراز  يارىتىپ تارىخ بىتىدە ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ كەتكەنلەر تولىمۇ ئاز . مۇھەببەت كىشلەر تەرپىدىن ئۇنتۇلمايدۇ. ئۆزىنى بېغىشلاش مەڭگۇلۇك ئۆگۇنۇشكە ئەرزىيدىغان روھ. جۇملىدىن مەشھۇر دىنى ئالىم داڭلىق تىۋىپ شائىر جامائەت ئەربابى بۇلغان ھەسەن دامۇللا ھاجىم ‹‹ئالمىدەك يۇرۈكىدىكى ئالەمچەسۆيگۈسى››بىلەن خەلق تىنىقىدا ياشاپ خەلىق قەلبىدە ئەڭ گۇزەل ئوبراز تىكلىگەن داڭلىق شەخىسلىرىمىزنىڭ بىرى .                                                                              
     ئىسمىنى تىلغا ئىلىپ بۇلغۇچە يۇرەكلەر سېغىنىشتن لەرزىگە كىلدىغان بۇ زات 1928-يىلى   6-ئايدا كۇچا ناھىيە بېھىشباغ يىزا بېھىشباغ كەنتىدىكى سابىر ئاخۇن ئىسىملىك دىھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1933-يىلدىن باشلاپ سايىم ئەئىلەم ، ناسىر خاتىپ ئاخۇنۇمدا دەسلەپكى ساۋادىنى چىقىرىپ 1934-يىلدىن باشلاپ كۇچېئېرىق ھادى ھاجىم مەدرىسى ۋە ساقساق مەدرىسىدە مەشھۇر مۇددەرىس،دىنى ئۆلىما موسايىپ  داموللا ھاجىمنىڭ بىۋاستە غەمخۇرلىقى ۋە  تەربىيلىشى بىلەن  ئەينى دەۋر دىنى مائارىپىدا ئۇقۇلىدىغان زۆرۈر ھەم مۈشكۈل پەنلەرنى سېستىمىلىق ئىگەللىگەن.   ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدىغانلار تىنىقىدىن شەپە بېرىدۇ دىگەندەك ھەسەن داموللاھاجىم     كىچىكىدىنلا چېچەن، ئۈمۈدۋار ، ئەستايىدىل بولغاچقا بىلىمگە بولغان ئاجايىپ تەشنالىقىدا 1946 - يىلىدىن1951-يىلىغىچەئەينى دەۋر شىنجاڭ مەدرىسلىرىنىڭ كاتتىسى ھېساپلانغان  قەشقەر خانلىق مەدرىسىدەئىمىن مەۋلىۋى،سۇلايمان داموللام، سەلەي داموللام،زەينۇلئابىدىن مەۋلىۋى قاتارلىق ئۆلىمالاردا بىلىم تەھسىل قىلىپ ئۇلارنىڭ بىردەك  تەستىقى بىلەن داموللا ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن .
       ئەلۋەتتەپەرزەنتىنىڭ ياخشى بىلىم ئالالىشىدا قەلبى ئاتەش ئاتا-ئانىنىڭ كۇيۇمچانلىقنى ئالاھىدە تىلغا ئىلىپ ئۆتۇشكەئەرزىيدۇ. بۇ ئاتا-ئانا تولىمۇ ئاددى- ساددا ياشايدىغان، كەمبىغەل بۇلسىمۇ روھى ئالىجاناپ پەزىلەت ئىگىلىرىدىن ئىدى. ئۇلار بالىسىنىڭ كاتتا شۆھرەتكە  نائىل بۇلىشى ، بالىسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قەھرىتان قىش ، تۇمۇز يازدىمۇ ۋايسىماي كىراكەشلىك قىلدى . ھەمدە ھەرخىل كىشلەربىلەن ئۇچۇرۇشۇپ باشقىلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئاڭلىقلىق بىلەن قۇبۇل قىلىپ بالىسىنى ئوبدان تەربىيلەش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشتى .
         ئانىسى پاتىمىخان كىشلەرنىڭ ئائىلىسىدە كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ بىرىش، يىپ ئگىرىپ بىرىش ئارقىلىق مەدىكار ئىشلەپ پۇل تېىپىپ بالىسىنى ئۇقۇتقان. ئاتا-ئانا ياخشى بولسا‹‹ بالا ئۆگۇنەر،ياخشى ئىشقا ئۆزە يۇگۇرەر›› دەپ ھەسەن داموللا ھاجىم  مۇسايىپ دامۇللا ھاجىم مەدىرىسكە بارغاندا  ئۇستازى بەرگەن بىلىم بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ئۆزلىگىدىن تىرشىپ ئەتىراپلىق بىلىم ئىگەلەشكە كۈچىگەن. ئۇستازىمۇ ئۇنىڭدىن قاناھەت ھىس قىلغان ھەمدە كىيىنچە ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئاپىسى پاتەمخان ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالغاندا ئۇنىڭ ئۇقۇش پۇلىنى كۆتىرۋىتىپ مەدىرستە دۋاملىق ئۇقۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان. جۈملىدىن ھەسەن داموللا ھاجىم ئۈمۈتلۇك،ئىشەنچىلىك پەرزەنىت ،ئاتا-ئانىسى ئۆزى ياشىغان دەۋىرگە نىسبەتەن ئىلىم مەرىپەتنى قەدىرلەيدىغان تەرپىنى تىللاردا داستان قىلغۇدەك   ئاتا-ئانىلاردىن ئدى.ئۇستازى ئىخلاسمەن ئۇستازلاردىن ئىدى…..... ۋاھالەنكى كىيىنكى كۇنلەردە ھەسەن داموللا ھاجىم ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىزىدىن مېڭىپ پەرزەنتلىرىنى ئۆزىگە ئوخشاش ياخشى بىلىملىك قىلىپ تەربىلىگەن. ئۇستازىنىڭ ئىدىيە ئەخلاقىغا ھەقىقى ۋارسىلق قىلىپ ياخشى   ئختىساس ئىگىللىرىنى ۋە شاگىرتلارنى تەربىلەپ كەلگەن.                 
    دۇنياغاكەلگەنكەنمىزياشايمىز ياشىغانكەنمىزقەدەمنى ئوڭ ئالساقمۇ ،تەتۇر ئالساقمۇ بۇلىدۇ. بىراق ئوڭ ئالغان ھەربىر قەدىمىمىز ئۆزىمىزنى ھەم باشقلارنى تۇلۇق رازى قىلىپ
   ھاياتىمىزنى ئۈكۈنۇش ۋە پۇشايماندىن يىراق قىلساق تەتۇرئالغان بىر قەدىمىمىز
   ۋىجدانىمىزنى ئازاپلاپ ئاخىرقى تىنىقىمىز بىلەن ھەسىرەتلىك خوشلاشتۇرىدۇ. بىزتىلغائېلۋاتقان بۇئالىم ھەسەن داموللا ھاجىم بولساقىسقىغىنىەھاياتىدا ئاجايىپ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغان.ئۇھەم دىنى ئالىم ھەم تىبابەت ئالىمى بولغاچقائۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى ۋەشاگىرتلىرنى ئەستايىدىل تەربىلىگەندىن باشقا نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئۆزيىنىدىن ئىقتىسات چىقىرىپ ھەل قىلىپ بىرىپ ئالدىغا كەلگەن ھەرقانداق كىشىنى ئەلا مۇلازىمەت بىلەن ھەرقانچە ئالدىراش ئىشى  بۇلسىمۇ كېسەلنىڭ ساقسىزلىقىنى مۇھىم بىلىپ داۋالاپ ساقايتاتتى. ئۇندىن باشقا ئۆزى بىلگەن تىبابەت بىلىملىرىنى ئايىماي ئۆگۈتۇپ ئۆزىدەك مۇكەممەل قىلىپ يىتىشتۇرگەن.يىتىشتىۇرگەن شاگىرتلىرىمۇ دوختۇر بۇلۇپ ئىشلىمەكتە.
   ئىنسان ئۆزىنى ئۆزى كۈچەيتىدۇ ئىلىم ئەھلى ئۈچۇن پۇرسەت ئەڭ مۇھىم. جۈللىدىن بىلىم تەشنالىقىدا يۇرۋاتقان يېگانىلەر ئۈچۇن ھەر بىر تىنىق مەۋجۇتلىقمۇ بىلىم ئېلىشنىڭ ۋەئىشلىتىشنىڭ  ئەڭ ياخشى پۇرسىتى.                                                                                                               
          ھەسەن داموللا ھاجىم 1951-يىلى ئۇستازى ۋە ئاپىسىنىڭ جىددىي چاقىرتىشى بىلەن كۇچاغا قايتىپ كىلىپ،  كۇچا ساقساق مەدرىسىدە 1956-يىلىغىچە مۇددەرىس بۇلۇپ تالىپ تەربىيلەش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولغان. ئۇ ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ ھەر تەرەپتىن يىتىلىشىدەك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ كۇچا ۋەقەشقەردىكى مەزگىللىرىدە مەشھۇر ھۆكۇمالاردىن  تىبابەتكە ئائىت ئەرەپ، پارىس، ئوردۇ تىللىرىدىكى كىتابى بىلىملەرنى ئوقۇسا يەنە بىر تەرەپتىن ئەمەلى ماھارەتكە ئۇستا تېۋىپلارنى ئۇستاز تۇتۇپ خام دۇرىلارنى تۇنۇش، ئشلىتىش كېسەللەرنى داۋالاش جەھەتلەردە مۇكەممەل كەسپى سەۋىيەنى يىتىلدۇرۇپ مۇستەقىل كېسەل داۋالاش سالاھيتىگە ئىگە بۇلغان. 1956-يىلى ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش ئۇرۇنلاشتۇرىشى بۇيىچە مەدرىسلەر تاقالغاندىن كېيىن ئۆز يېزىسىغا قايتىپ ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە تىرىكچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. 1971-يىلدىن 1972-يىلغىچە كۇچا ناھىيلىك جىڭ بازارلىق مىللىي تىۋىپلار بىرلەشمىسىدەا(ھازىرقى ناھىيىلىك ئۇيغۇرتىبابەت دوختۇرخانىسى )  تەكلىپ  بىلەن ئىشلەش بىلەن بىرگە دارلىتامدا تەكلىپ بىلەن ھۆسنىخەت دەرىسى ئۆتكەن.سولچىل سىياسەت تۈپەيلىدىن تۆۋەنگە چۈشۈرۈلۈپ 1972-يىلدىن 1980-يىلغىچە كۇچا ناھىيلىك بېھىشباغ يىزىلىق شپاخانىدا ئويغۇر تىبابەت دوختۇرى بۇلۇپ ئىشلىگەن. بۇ مەزگىللەردە دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش راسخۇتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن بىۋاستە باغ، تاغ، دالىلاردىن ئۈچ مەنبەلىك دورىلارنى يىغىپ  پىششىقلاپ ئىشلەپ مۇرەككەپ مەنبەلىك دورىلارنى ياساپ بىمارلارنىڭ ئاغرىقلىرىنى ساقايتقان.ئەسلىدە بېھىشباغ يىزىلىق شپاخانىنىڭ ھەمكارلىق داۋالاش خىراجىتى ئۈچ يۈەن بۇلۇپ، ئۇنىڭ يۇقىرقىدەك تىرىشچانلىقى بىلەن خىراجەت بىر يۈەن ئۈچ موغا چۈشۈرۈلۈپ دېھقان ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشكەن. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەھىيە باشقارمىسىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن 6ئايدىن 3قارار ۋىلايەت بۇيىچە ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرلىرىنى تەربىيلەش كۇرسى ئېچىپ ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدە مۇكەممەللىشىگە تۆھپە قوشقان. قارابادىن قادىرى، قارابادىن كەبىرى ، تىببىي ئەكبەر، دەستۇرىل ئىلاج  ، مىزان تىب قاتارلىق مەشھۇر تىببىي قوليازمىلاردىكى مىللىي شىپاخانىدىكى پىشقەدەم تىۋىپلارنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ تەجىرىبىسىدىن ئۆتكەن رېتسىپلارنى تەرجىمە ئاساسىدا رەتلەپ  مۇلەخساتى تىببىيە ( تىببىي تەجىربىلەر)دىگەن ئەسەرنى يىزىپ چىقىپ ، مىللى شىپاخانىنىڭ ياردىمى ئاستىدا شاپىگىراپ نۇسخا شەكلىدە بېسىپ كەڭ خەلققە تارقاتقان.كىيىنىكى كۈنلەردىمۇ بۇ كىتاپ قايتىدىن بېسىلىپ تېۋىپلارنىڭ ئالاھىدە سۈيۇپ ئۇقۇيدىغان ئۇقۇشلىقى بۇلۇپ كەلگەن. 1979- يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەھىيە نازارىتى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سەھىيە باشقارمىسىنىڭ ئورتاق تەشكىللىشىدىكى جۇڭيى، ئۇيغۇر تىبابەت خام دۇرىلارنى تەكشۈرۈش گورۇپپىسىغا  قاتنىشىپ  شىنجاڭدا ئۈسىدىغان جۇڭيى ،ئۇيغۇر تىبابەت  خام دۇرىلىرىنى  ئىلگىرلىگەن ھالدا پۈتۈنلەي  تەكشۈردى. 1978-1979-يىللىرى يەنە ئويغۇر تىبابەت قامۇسىنىڭ 7-جىلتى بولغان خام دورىلار قىسىمىنى بىۋاستە يازغان ۋە قامۇسنىڭ باشقا قىسىملىرىنى يىزىش ۋە تەھرىرلەش خىزمىتىگە پائال قاتناشقان.  1980 -يىلى ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاھىدە كۈڭۈل بۈلىشى بىلەن كۇچا  ناھىيلىك ئويغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كىلندى. 1981-يىلى 10-ئايدا كۇچا ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى. شۇ مەزگللەردە دۇختۇرخانىدا ئېچىلغان ئويغۇر تىبابەتچىلىك نەزىرىيە كۇرسىدا ئىچكى كېسەللىك ۋە يەككە دورگەرلىكتىن مەخسۇس دەرىس ئۆتكەن ھەم ۋىلايەت بۇيىچە تەخسىم قىلىپ بىرىلگەن7نەپەر خادىم ۋە جەمىيەتتە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىگەقىزىقىدىغان 21 نەپەر ياشنى شاگىرت قىلىپ تەربىيلەپ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىگە قابىل شاگىرتلارنى تەربىيلەپ،  ئۇيغۇر تىبابەتچىلكنىڭ كەڭ تارقىلىپ جۇش   ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئۈچۇن خالىس توھپە قوشقان . ھەسەن داموللا ھاجىم ئويغۇر تىبابەت دورىگەرلىك ساھەسىدە  نەزىريە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۇرۇپ قىتىرقىنىپ تەتىقىق قىلىپ ئويغۇر تىبابەتىگە ۋارىسلىق قىلىش، راۋاجلاندۇرۇش جەھەتلەردە كۆرىنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى ئۈچۇن 1983-يىلى  12-ئايدائويغۇر تىبابەت مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچلىق، 1988-يىلى 6-ئايدا مۇدىر ۋىراچلىق كەسپى تېخنىكا ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن. سىياسى كېڭەش كۇچا ناھىيلىك 6~7-نوۋەتلىك كومېتىتىنىڭ  ھەيئەت ئەزاسى ،6~7-نۆۋتلىك ناھىيلىك خەلىق قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىلى، ناھىيلىك خەلىق قۇرۇلتىيى دائىمى كۇمتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى،1983-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە ئۇدا ئۈچ نۆۋەتلىك  ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق   خەلق قۇرۇلتىينىڭ ۋەكىلى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق جۇڭيى مىللى تىبابەتچىلىك ئىلمى جەمىيتى 1~2-قېتىملىق مۇدىرىيىتىنىڭ  مۇئاۋىن مۇدىرىيەت  باشلىقى،1987-يىلىدىن 1990يىلىغىچەئاپتۇنۇم رايۇنلۇق جۇڭيى مىللى تىبابەت ئالي  كەسپى تېخنىكا ئۇنۋان باھالاش كومېتىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قىزىل كىرىست جەمىيتىىڭ ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق قۇشۇمچە ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .                                 
   1983-يىلى  7-ئايدا دۆلەتلىك مىللىي ئىشلار كومېتىتى،ئەمگەك كادىرلار مىنىستىرلىكى، جۇڭگۇ پەن –تېخنىكا جەمىيىتى تەرىپىدىن مەمىلكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت رايۇنىدا پەن –تېخنىكا خىزمىتىدىكى ئىلغا ر خىزمەتچى بۇلۇپ تەغدىرلەندى.    شۇ يىلى سەھىيەمىنىستىرلىكى تەرپىدىن مەمىلكەتلىك سەھىيەسېستىمىسىدىكى  ئىلغار خىزمەتچى دىگەن شەرەپلىك نامغا ۋە ئالتۇن مىدالغا ئىرىشتى. يەنە شۇيىلى 3-ئايدا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پەن تېخنىكا جەمئيىتى تەرىپىدىن ئىلغار شەخىس بۇلۇپ مۇكاپاتلاندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاپتۇنۇم رايۇن، ۋىلايەت، ناھىيە تەرىپىدىن كۆپ قېتم ئىلغار  خىزمەتچى، مۇنەۋەر پەن تېخنىكا خادىمى، بەشتە ياخشى دىنى زات دىگەن شەرەپلىك ناملارغا ئىرىشكەن.
   شىنجاڭ گىزىتى ،ئۇيغۇر تىبابىتى ژورنىلى،شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتۇنۇم رايۇنلۇق  تىبابەتچىلىك ئالىي تېخنىكۇم ئىلمى  ژورنىلى قاتارلىقلارغا تېببى ئىلىم توغرىسىدىكى ھەرخىل ماقالىلىرى چىققان. تەڭرىتاغ ئىتەكلىردىكى قابىل دوختۇردىگەن نام ئاستىدا تۇنۇشتۇرۇلغان. 1990-يىلى6-ئايدائاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى   نەشىر قىلغان  ‹‹مەشھۇر شەخسلەر ››ناملىق كىتابتا ھەسەن داموللا ھاجىم تۇنۇشتۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا: ‹‹ كۇچا  ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىكى ھەسەن داموللا ھاجىم  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دۇلقۇنى ئاستىدا جاپاغا چىداپ ئىگىلىك يارىتىپ باتۇرلۇق بىلەن يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرلەپ كۈرىنەرلىك نەتىنجىلەر بىلەن بىر ئەۋلاد كارخانىچىلارنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى›› دەپ باھا بىرىلگەن.  پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرۇش بىلەن ناھىيىمىزنىڭ ئىتىپاقلىق مۇقۇملۇق خىزمىتىگە كۇرىنەرلىك تۆھپە قۇشۇپ، ناھىيە، ۋىلايەت تەرپىدىن 5 قېتىم  مۇكاپاتلانغان .
    ھەسەن داموللا ھاجىم بىر چىن ئىنسان ئىدى .ئۇنىڭ ئۆزھاياتنى قىممەتلىك ئىشلارغا بېغىشلىشى ئۇنىڭ ياشاش غايىسى ئىدى. ئۇ ئەنە شۇنداق ياشاش غايىسى بلەن 64يىللىق ئۆمۇردە ئادەتتىكى ئادەملەر قىلالمايدىغان قىلىشقا جۇرئەتمۇ قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ دىنى جەھەتتە كامالەتكە يەتكەن ئۆلىمابۇلۇپ نۇرغۇنلىغان قارى قۇرئانلارنى يىتۇشتۇرگەن. تىبىبى ئىلىم جەھەتتە يۇكسەك كەسپىى ساپا ۋە ئېسل ئەخلاقى پەزىلەتلەرگە ئىگە بولغان خەلىقنىڭ قەلبىدە ئاجايىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر بۇلغان، چۇنكى ئۇنىڭ ۋۇجۇدى خەلىق بىلەن چەمبەر چاس باغلانغان بۇلۇپ يىزا قىشلاقلاردىكى بىمارلار ئۇنىڭدن تولىمۇ رازى بۇلىشاتتى.
       ئادەمنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن غەلبەقىلىپ ئۆز ئارزۇسىدەك ياشىيالىشى ئىنتايىن تەس. ئەمما ھەسەن دامۇللا ھاجىم ئالاھىدە ئىستىداتى بىلەن ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە باشتىن ئاياق ھە بىر مىنۇت ئۆمۇردىمۇ خەلىققە ئاز تۇلا ئىش قىلىپ بىرىشكە سەرىپ قىلىپ، ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان.
    ھەسەن داموللا ھاجىم تىۋىپ بۇلۇشتىن سىرت بىر ئاتاقلىق دىنى ئۆلىما ۋە تەرىقىپەرۋەر زات بۇلۇش سالاھىيىتى  بىلەن 1984-يىلى كۇچا خانىقاسىغا خاتىپ، 1989-يىلى  ناھىيىلىك ئىسلام دىنى جەمىيىتىگە رەئىس، 1990-يىلى3-ئايدا ناھىيىلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىگە مۇئاۋىن رەئىس  بۇلۇپ سايلانغان.  1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ  رۇخسىتى بىلەن دىمكۇراتىك ئىدىيىگە ئىگە بىر تۈركۈم شاگىرتلارنى  مەخسۇس مەدرىس قانۇنىيەتلىرى بۇيىچە  تەربىيلەپ، كۇچانىڭ ئىسلام دىنى ساھەسىگە ئۆز تۆھپىسىنى قوشقان. ئۇھاياتىدا ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىگە دائىر بىدايەتۇس سەرپ (ئەرەپ تىلى گىراماتكىسى)، بىششوئائىرىيىل ئىسلام ( كىشىلەرنىڭ ئىسلام دىنىدا مۇۋاپىق توغرا ھالەتتە قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇرىيەتلىرى توغرىسىدا ) ،ئىمام ئەززەم رەھمىتۇللاھ ئەلەيھىنىڭ مەزھەپ قوماندانى بۇلۇشقا لايىقلىقى توغرىسىدا جاۋاپنامە،مۇلەخساتى  تىببىيە ( تىببىي تەجىبىلەر )، تەجىربىدىن ئۆتكەن رېتسىپلار ، تەجرىبىدىن ئۆتكەن مەخسۇس كېسەللىكلەر رىسالىلىرى ، ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسىنىڭ 7-جىلىدى قاتارلىق كىتاپ رىسالىلەرنى يازغاندىن سىرت  يەنە ۋەتەن، مائارىپ، ساغلاملىق ،ئالىم –ئۆلىمالار توغرىسدا شېئر،  نەزىملەرنى ، ھىكمەتلىك  سۆزلەرنى يىزىپ قالدۇرغان. بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان سۆيگۇسىنى ئىزھار قىلىپ كەلگەن.
         كىشلەرنىڭ دىيىشىچە ھەرقانداق بىر يىغىن- يىغىلىشلار بولسا شۇنىڭغا لايىق مەزمۇنلۇق، قاپىيسى تۇلۇق، ۋەزىنلىرى مۇكەممەل شېئر يازالايدىغان بولغاچقا، ياخشى شائىر دىگەن شەرەپلەرگە نائىل بولغان. 1981-يىلدىن 1992-يىلغىچە   ھەردەرىجىلىك   تارماقلارغا  ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق  پۇل ھەل قىلىپ ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا 3قەۋەتلىك بالنست بىناسى سالدۇرغان. ئۇندىن باشقا ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان كۇچانىڭ قەدىمى قىغدۆڭ خانىقاسىنىڭ خاراپ بۇلۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن  يۇقىرىغا ئىلتىماس قىلش ئارقىلىق مەبلەغ ھەل قىلىپ مەشھۇر كۇچا خانقاسىنىڭ ۋەيران بولغان موھىم جايلىرىنى ئەسلىگەكەلتۈرگەن....
      ئەپسۇس،ھەسەن داموللا ھاجىم 1992-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن 64يېشىدا ۋاپات بولدى.دىمەك ئالىم كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ تىلى بىلەن سۆزلەپ، قەلەم بىلەن يىزىپ تۇگەتكىلى بولمايدىغان ساناقسىز ئىش ئىزلىرى ،ئۇنىڭ ئەۋلادتلىرى ۋە خەلىق قەلبىدە مەڭگۈلۇك ئابىدە بۇلۇپ قالدى.  شۇنچىۋالا ئىشلارنى قىلپ تۇرۇپمۇ يەنە ئۆزىنى ھىچ ئىش قىلالمىدىم دەپ ئويلايدىغان ئادەملەر جىق ئەمەس. ئالىمنىڭ ئىزىدا خەلىقنىڭ بىر جۇپ ئۆتكۇر كۆزى بار شۇڭا ھەسەن داموللا ھاجىم خەلىق قەلبىدە مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ .
   ئاخىرىدا ئۇشبۇ تەرجىمھالنى يېزىش ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان  كۇچاناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسى رەھبەرلىكىگە جۈملىدىن كۇچاناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئۆمەر نىياز ئەپەندىمگە ،كەسپى بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى گۈلباھار ئىمىن خانىمگەكۆپتىن –كۆپ تەشەككۈرىمىزنى  بىلدۈرۈپ ئۆتىمىز.
    بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-18 23:35  


mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  85
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 910
تۆھپە : 0
توردا: 184
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 21:02:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ  ئالىمنىڭ ھايات ۋاختىدىكى ئاشۇ خەيرىلىك ،ئۇلۇغ ئەمگەكلىرىنىڭ شاراپىتىدىن ئۇنى جەننەت بىلەن مۇكاپاتلىغاي.
مۇشۇنداق پاكىز قەلىپلىك مۇتىۋەر ئالىملىرىمىزنى قەلەمگە ئېلىپ ئەلگە يادنامە قالدۇرغان قەلەمكەشلەرگىمۇ ئاللاھ ئەجىر ئاتا قىلغاي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلىكىم ۋارىسى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-18 21:06  


Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6006
تۆھپە : 3
توردا: 645
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 00:54:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم  ئۇستاز ھەسەن دامۇللا ھاجىم ئالاھىدە ئىستىداتى بىلەن ئۆز ئارزۇسى بۇيىچە باشتىن ئاياق ھەر بىر مىنۇت ئۆمۇردىمۇ خەلىققە ئاز تۇلا ئىش قىلىپ بىرىشكە سەرىپ قىلىپ،ئەل قەلبىدە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان ئىسىل ئادەم ئىدى. بۇ ھەققتە قەلەم تەۋرەتكەن ئەزمەتلەردىن سۈيۈندۈم.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  152
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1101
تۆھپە : 9
توردا: 73
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-27 18:40:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشىڭىزگە بارىكالل، قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش