ئىككى قاچقۇننىڭ ھېكايىسى
-مايكول سكوفىلىدقا
سەن قاچىسەن
چىلىنىپ ئەركىنلىكنىڭ تېنىدىن چۈشۈۋاتقان يامغۇر تامچىلىرىغا
مەن قاچىمەن
زار بولوپ ئەشۇ يامغۇر تامچىلىرىنىڭ تاشقا ئايلانغان پارچىلىرىغا.
سەن سۆزلەيسەن
تىلنىڭ نۇرلىرىغا چۆمگەن پارلاق سەھەردە
مەن بىلجىرلايمەن
تىلىمنىڭ يېرىمىدىكى قاراڭغۇلۇققا تولغان ئالقانچىلىك يەردە.
سەن تۇتىسەن بىر قولنى
بۇلۇتتەك سىرلىق تۇيغۇدا ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلگەن
مەن تۇتىمەن بىر تۆمۈرنى
يەرنىڭ كىندىكىگە سانجىلىپ ئۇزۇن يىللىق تارىخنى بېشىدىن كەچۈرگەن.
سەن ئاۋازىڭنى دېڭىزلارغا بېرىسەن
ۋە دەقىقە ئۆتمەيلا ئۇندىكى چېچەكلەرنى شادىمان پۇرايسەن
مەن ئاۋازىمنى تاشقا چېچىپ
مىڭ يىل ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئۈمىد ئىچىدە كۈتۈۋاتقان بولىمەن.
سەن ئۇيقۇڭنىڭ ئورمانلىقىدا چۈشلىرىڭنى ئوۋلاپ
ئولجىلارنى ئاپئاق سايىلەر بىلەن ئورايسەن
مەن ئەشۇ ئورمانلىقتا ئەڭ چىرايلىق مەخلۇقنى ئۇچراتساممۇ
ئويغانغاندىن كېيىنكى جىنايەتتىن قورقۇپ قاچىمەن.
سېنىڭ رومكاڭدا
سانسىزلىغان سۈزۈك يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى چېچىلىدۇ
مېنىڭ رومكامدا
ئەشۇ يۇلتۇزلار بىگۇناھ دارغا ئېسىلغان ھالدا قارىداپ تۇرىدۇ`.
سەن تۈرمىدىن قېچىپ
بويلىرىڭنى كۆمۈش سۈيىدە چايقايسەن
مەن تۈرمىدىن قېچىپ
ئەركىنلىكنىڭ تۈرمىدە قالغانلىقىنى بايقايمەن...
2012-4-7