ximal
كۆرۈش: 1893|ئىنكاس: 51

دىلخۇمارنىڭ شېئىر پەسلى (24) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 788
تۆھپە : 27
توردا: 162
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 20:45:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



1600HomeFlower_13001.jpg



دىلخۇمار ئىمىن 1991-يىلى3-ئاينىڭ12-كۈنى قاراشەھەر ناھىيەسىنىڭ يۇڭنىڭ يېزىسىدا دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يېزىسىدا  ۋە ناھىيە مەركىزىدە  ئوقۇپ 2009-يىلى شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كېلىنكىلىق داۋالاش تۈرى يېزا دوختۇرلۇق كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىپ  2012-يىل 7-ئايدا ئوقۇش پۈتتۈردى.


دىلخۇمارنىڭ شېئىر يېزىش تارىخى تولىمۇ قىسقا بولۇشىغا قارىماي يېزىۋاتقان ھەر بىر شېئىرىدا مۇئەييەن شېئىرىي دۇنيا، قەلب قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلىدىغان كۈچلۈك دولقۇن ۋە ئوتتەك تەلپۈنۈش تولۇپ تۇرۇپتۇ. بىز ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ ئىزچىللىقنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى شېئىر ئاشىنالىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇق.







شېئىر تېرىش پەسلى



شېئىر-ھورمۇننىڭ ئارتىپ كېتىشى

شېئىر-تەنھالىقنىڭ قىسمىتى

شېئىر-گاچا يۈرەكنىڭ تىپىرلىشى

شېئىر-قاراڭغۇنىڭ چىرىغى


مەن كۈندە بىر چىشلەم نان بىلەن تەڭ

بىر چىشلەم شېئىر يەيمەن

ئوپراتسىيە ئۈستىدە تۇرۇپ

شۇنى ھېس قىلىمەن

ئادەم بەدىنى بىلەن شېئىرنىڭ ئوخشاشلىقىنى

ئېھ،

مەن يازالمىغان سۇمبۇل چاچ شېئىر

بىر بوۋاقنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن تەڭ

بىر پارچە شېئىر تۇغۇلىدۇ

شۇڭا

شېئىر-ھاياتلىق

شېئىر-ئېنىرگىيە

شېئىر-بىردەملىكنىڭ مەڭگۈلىكى!

شېئىر جاڭگاللىقىدا پادا بېقىش نېمىدېگەن لەززەتلىك!

مەن شېئىردىلا ئەركىنلىكنىڭ ھوزۇرىنى چەكسىز ھېس قىلىمەن

ئۇ ئاللىبۇرۇن ماڭا ئايلانغان، ئۇنىڭدىن بۇرۇنمەن ئۇنىڭغا ئايلانغان

چۈنكى شېئىر مېنىڭ كۆلەڭگەم!

مېنىڭ قەلبىمدىكى شېئىرنى دۇنيا تىلىللىرى بىلمەيدۇ

مەن ئىچىمدىكى شېئىرنى

قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدن

گۈلخانلارنىڭ لاۋۇلدىشىدىن

پايپىقىمنىڭ تىشىلىشىدىن

سۇلارنىڭ دولقۇنلىشىدىن

بىر قاراپلا سېزىۋالىمەن


مەن شېئىرنىڭ ئىككى قولىدىن تۇتۇپ چىڭ قۇچاقلىغۇم ،

ئىككى قۇلىقىدىن تۇتۇپ سۆيگۈم كېلىدۇ

ئاھ،مەن ياخشى كۆرىدىغان شېئىر

مېنى مەڭگۈ پۇخادىن چىقماس قىلىۋەتكەن شېئىر


شېئىر تېرىش پەسلى

بەدىنىمگە سىزىلغان بىردىنبىر پەسىل



ئاۋازىڭنىڭ باش سۆڭىكى


مەن سېنى كۆرەلمەي تۇرغىنىمدا

ئاسمان يېپىلدى

ساقالسىز تېرەككە يۆلەپ ئىچىمنى

خىيالىمغا سانجىلدىم شىددەت


چۈشكەن نۇر بىلەن قايتقان نۇر ئارىسىدا

بىر توپ نۇر قاغىلىرى

مېنى بىر بۇلۇڭغا قىستىدى

يادىمدا قالمىغان

پەقەت گۈزەللىكىنى ھېس قىلىپ باققان

چۈشۈمدىكى بىر ئېتىز شېئىر


مەن ناخشا ئاڭلاش بىلەن تېخىمۇ ئەسەبىيلىشىپ

ئاۋازىڭنىڭ باش سۆڭىكىنى تەسەۋۇر قىلىمەن

بىر دەم بولسىمۇ ياشاي دەپ



ھېسسىياتىمنىڭ  87-ماددىسى



ئىشىك ئارقىغا ئېچىلىدۇ

كۆزلىرىم پەلەمپەيدىن دومىلاپ چۈشۈپ كېتىدۇ

600كىلومېتىردىن6000كىلومېتىر يېقىنكەنتۇق

ئۆتۈپ كەتتى پىراقىڭ  ئۇدۇللا


كېچىنىڭ تاملىرىدىن ئارتىلىپ

ئاۋازىڭنى چىڭ سىقىمدىغۇم كەلدى

قۇيۇق ئۆسكەن چاچلىرىڭنىڭ ئارىسىدا

غايىب بولدۇم بىراقلا ئەمدى

كۈندىلىك خاتىرە يازغاندا ئىشلىتىمەن دەپ ئالغان ئۈستەل چىرىغىم

ئۆچۈپ قالدى ئەمدى شۇ پېتى


ئىشىكنى چىڭ ياپقىنىم ئېسىمدە

ياپالمىدىم ئەمما ئۆزۈمنى

ھېسسىياتىمنىڭ87-ماددىسىدا:

دېرىزەمدىن ئېقىپ كىردى ئاي نۇرى

مەن شېئىرغا يۆلەنگەن ھالدا ئۆلۈپ كەتكۈچى.




قۇلۇم رول ئۈستىدە، كاللام يول ئۈستىدە



ئاق يىلاندەك توپىلىق يولدىن ئۆتتۈم

بىردىنلا قەرزدار بولدۇم

بايام ئۈستىلىمدىكى مېۋە شۈپىكىنى تاشلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن

ئاپتاپنىڭ قايسى دەرىجىدە مېنى كۆيدۈرىۋاتقانلىقىنى بىلەلمىدىم

كۆز ئەينىكىمنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى ئېرىپ كەتكىنىنى سەزدىم


يەنە قۇشلاردەك قالدىم بىگانە

قاتتىق جاز مۇزىكىسىغا تەڭكەش قىلدىم

مۇھىتنىڭ ئاستىدىكى مۇھىتنى


بىرتال داڭگال ئىزدەۋاتىمەن

بالىياتقۇ يەنە قانىماقتا


ھەي، كۆچمەن شاماللار

ھەي،كۆچمەن تىنىقلار

ھەي،كۆچمەن شېئىرلار

كۆچىۋاتىمەن سىلەرگە ئوخشاش...


قولۇم رول ئۈستىدە كېتىۋاتىمەن

كاللام يول ئۈستىدە كېزىۋاتىمەن .




ئوق ئۆتمەس كىيىمى ۋە شەنبە كۈنى



بۈگۈندە بىر سۇيقەست بار

يازنىڭ پىلانى بويىچە

تولىمۇ ئاپتاپلىق كۈن بولاتتى

يېرىملاشقان چاينىڭ شامىسىنى پۈۋلىگەچ

ئەسنەك تۇتۇپ كەتتى

يادىمغا بىر تال قىزىلگۈل يەتتى


بۈگۈن مەھەللىدە توي بولاتتى

توي يىگىتىنىڭ32تال چىشى ناۋات چاي بىلەن يۇيىلاتتى

توي قىزىنىڭ كۆڭلىكى يەرگە ساڭگىلايتى

ئەمدى بۇلار ئاشىق ئاتىلاتتى

ھېچكىم دەردىنى سۆزلەپ ئولتۇرمايدۇ

كېچىنىڭ ئاپتىپىدا كۆيۈپ كېتەر ھەممىسى .




ئوماق قاراقچى



سېھرىڭنى ئوينىتىپ ئېپ كەتكىن مېنى،

كالپۇك قىستۇرۇلغان ناخشاڭغا قوشۇپ.

قۇمۇشلۇق چېچىمدەك يەلپۈنۈپ تۇرار،

سۆيگۈدىن پۈتۈلگەن يامغۇرنى كۈتۈپ.


سۆيۈملۈك ئېچىرقاش تەخىتكە چىقتى،

قۇرۇغان شامالدا ھىجران لەززىتى.

قۇياش پەردىسىنى قايرىشتىن بۇرۇن،

بىر دەقىق يېنىمدا بولساڭ مەيلىتى.


ئۈنۈمنى يەپ كەتتى ئورمان قۇشلىرى،

سەن مىنگەن تۇلپارغا كۆزتىگىپ جېنىم.

دېڭىزنىڭ لېۋىنى سۆيۈپ دولقۇنلار،

ئىزىڭغا مىنگىشىپ بارماسمۇ خېتىم.


بىر تېمىم قاراڭغۇ ئېقىپ چۈشمەكتە،

كۆز يېشىم كەلكۈننى بۇلاپ قاچماقچى.

چۈشلىرىم ئەينىكىنى چېقىپ كىرىسەن،

سەن شۇنداق ئەزەلدىن ئوماق قاراقچى. ..




چىۋىققا مىنگەشكەن يوپۇرماق خىيال



قەدىمىي كېچىنى چەككەندە بارماق،

يېقىملىق ئەسنىدى كىلاسسىك سەزگۈم.

ئاسمان ئېتىكىنى چىشلىدى يۇلتۇز ،

سېنىڭسىز ھېچكىمنى كەلمەيدۇ سۆيگۈم.


ئۆزۈمگە يالۋۇرۇپ كەتمەك بولىمەن،

ئاۋازىڭ ئوت قويغان ئورمان ئىچىدىن.

سېزىمەن ساڭىلا بەرمەيدۇ ئىمكان ،

كۆزۈڭمۇ چېقىلدى يامغۇردەك بىردىن.


قۇشلارنىنەلەرگە ئۇچۇردۇڭ جېنىم ،

شۇ كۈنى ساڭىلا قايرىسام پەردە .

ئىسمىڭنى ئېيتىپ بەر دېمەيتىم زىنھار،

ئېسىلسام بوينۇڭغا شامالدەك ئەركە.


تاغلاردىن ھالقىيدۇ سۈلكىتىڭ چوقۇم،

مەن بۇنى ئەزەلدىن بىلەتتىم ئەينەن.

سىغدۇرۇپ كېتەرمەن دەريادەك دەردنى،

سەن ماڭا بولغاندا سۆيۈملۈك دۈشمەن.


ياقتۇرۇپ قالىسەن كەپسىزلىكىمنى ،

لەۋلىرىڭ قىچىشسا سىلىسام ئاستا.

ئېزىقىپ قالىمەن ئېھتىمال شۇنداق...

مۇڭلىنىپ ئارالدەك قارىساڭ قايتا . .




ئەستە تۇتىۋېلىش



ساقلاپ قالالمايمەن

ئاۋازىڭنىڭ بىرلا خىل ھالىتىنى

قەھۋە پۇرىقىدەك غۇڭۇلداشلىرىڭنى

داۋاملاشمايدۇ تېنىڭ شۇ پېتى

باش سۆڭىكىڭ كېڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن

شامال بىلەن زەرەتلىنىپ كېتىشىڭمۇ مۇمكىن

ھەتتاكى مەندىن بۇرۇن ئۆلۈپ كېتىشىڭ ئېھتىمال!

كۈنلەر بارغانسىرى ئاز قېلىۋاتىدۇ

مەن بەك ئاز قالدىم

ئېيتقىنا، سەندىن كېتەيمۇ

راست ، كېتىشىم كېرەك تەنھالىقىمغا


كېچەڭگە قارىغىنىم

قاقاقلاپ كۈلگىنىم

ئېسىمدە... .




ئاھ،مېنىڭ خۇيلىرىم بىر زەمبىل ئوقدان




بۈگۈن مەن كىملەرگە يېرىم يېپىلدىم،

ئىشىكىمدىكى بىر قاتتىق مۇدھىش.

شىمالنىڭ تاغلىرى ھىجراندىن ئېگىز،

ئېسىڭگە كەلمەيدۇ غەلبىسىز ئۆلۈش.


شامالنىڭ تېرىسى مېنىڭ تېرەمدۇر،

كېچىنىڭ كېچىسى مېنىڭ چېچىمدۇر.

كۆچۈرمە جۈملىدەك سۆزلەيمەن تەكرار،

كۆزۈڭنىڭ كۆرگىنى مېنىڭ خېتىمدۇر.


باشقىسى كەتمەكچى ئىچىمدىن بۆلەك،

سەكپارە يۈرەكنى تېنىمگە تاشلاپ.

ئاھ، مېنىڭ خۇيلىرىم بىر زەمبىل ئوقدان

دوستلىرىم بۇنىڭدىن يۈرەتتى باتناپ. . .


مەن تارىخنىڭ 13-بېتىدە



كۆزىتىش ئاپپاراتى ئورنىتىلغان

... دەۋىتى بىلەن

كۈنلۈك ئاستىغا كىرىۋالىمەن

باش سۆڭىكىمگە مىخ قېقىلىدۇ

بارىلىق جىنايەتلىرىم خاتىرلەنگەن

بىر كىچىك قۇتا

ھەسرەت شارابىنى تەڭ ئىچىمەن

ئۇنىڭ بىلەن ئۆلتۈرۈلىمەن

يېرىم كېچىدە ھەممىنى سۆزلەپ بېرىمەن

ئاي زوڭزىيىپ قاراپ تۇرىدۇ

پاراڭلاشقاچ ئەسنەپ كېتىمەن

دېرىزەم ئوچۇق

كۆزۈمنى يۇمساملا قاراڭغۇ بېسىۋالاتتى

بارا-بارا قىينىلىپ

قەھۋەگە ئۇيقۇ دورىسىنى چىلايمەن

شۇنداق يېزىلغان

مەن تارىخنىڭ 13-بېتىدە





Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 812
تۆھپە : 1
توردا: 279
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 21:01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىمىز دىلخۇمارنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 788
تۆھپە : 3
توردا: 350
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 21:27:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېشىت ئېلىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!!

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  146
يازما سانى: 541
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1132
تۆھپە : 6
توردا: 144
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 21:28:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرىشىت ئاكىنىڭ دىلخۇمار سىڭلىمىزنىڭ شېئىرلىرىنى ھۇزۇرىمىزغا سۇنۇپ ، بىزگە ھۇزۇرلىنىش شارائىتى بەرگىنىدىن ، دىلخۇمارنىڭ شۇنداق شېئىرلارنى يېزىپ بىزگە ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتىنى بەرگىنىگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت .

ئۆزۈڭ بول ئابرۇيىڭغا ئۆزۈڭ ئىگە ،
يۆلەكسىز ئۆزۈڭنى سەن ئۆزۈڭ يۆلە .

                            ئابدۇللا توقاي

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 484
تۆھپە : 10
توردا: 74
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 21:29:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرى ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە ئىكەن،تولىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم...بەرىكەت ۋە ئۇتۇق يار بولسۇن سىڭلىمىزغان!

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 614
تۆھپە : 46
توردا: 314
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 21:29:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلخۇمار: سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!!!

ياخشى -يامان كۈنلەردە سەندىن ئايرىلمىسام دەيمەن. قولۇمنى چىڭ تۇتقىن!!!!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 767
تۆھپە : 1
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 21:40:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلخۇمارنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن . قەلىمىڭىز تېخىمۇ نادىر تېمىلاردا چاقنىسۇن

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  101
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 628
تۆھپە : 0
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 22:07:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىگىچىلىگىڭىز مەڭگۈ سىزگە يار بولسۇن! چۈنكى، بىز ئۆزىمىزنىڭ ھاياتىنى ياشىيالىغاندىلا  غەلىبىگە قاراپ ماڭالايمىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 517
تۆھپە : 2
توردا: 104
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 00:09:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچە پۇراق گۇپۇلدەپ تۇرىدىغان گۈلنىڭ قىممىتى ھامان بولىدۇ . بۇ گۈل  بىلەن بىزنى ھوزۇرلاندۇرۇپ تۇرغايسىز سىڭلىم ... ئابدۇرېشىت - ئىملارغا بىر قارىۋەتكىنە ، گاھى مىسرادىكى سۆزلەر بىر - بىرىگە تۇتۇشۇپ كېتىپ قاپتۇ . تورىمىزدىكى نامسىز قەھىرمانلار سىلەر ھەقىقەتەن جاپا تارتىۋاتىسىلەر ، سىلەرگە رەھمەت ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  268
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 417
تۆھپە : 1
توردا: 29
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 00:51:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىزدىكى بەزى مىسرالارنىڭ ئوماقلىقىدىن كۈلۈپ كېتىپتىمەن ...

قىزىم ، مېنى چىڭ قۇچاقلاڭ ...

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6145
تۆھپە : 555
توردا: 429
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 00:55:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلقىن يوللىغان ۋاقتى  2012-9-2 21:27
ئابدۇرېشىت ئېلىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!!

ھەي، تەلقىن بۇرادەر...



Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1762
تۆھپە : 20
توردا: 408
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 01:00:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىم دىلخۇمار شېئىرلىرىڭىزنى ياقتۇردۇم. تېخىمۇ بەركەتلىك بولىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. ئابدۇرەشىت ئېلىغىمۇ ھاردۇق يەتمىگەي.

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  562
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 326
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 11:56:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلقىن يوللىغان ۋاقتى  2012-9-2 21:27
ئابدۇرېشىت ئېلىغا ئۇتۇق تىلەيمەن!!!

  ئابدۇرشىتكامنىڭ  ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق بولدىغانلقىغا ئىشندىكەنسىز دە،  

تاشتىن قاتتىقمەن گاھى، ناۋاتتىن تاتلىقمەن گاھى!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 788
تۆھپە : 27
توردا: 162
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 12:08:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەۋكەت ئىبراھىم يوللىغان ۋاقتى  2012-9-3 00:09
ئۆزگىچە پۇراق گۇپۇلدەپ تۇرىدىغان گۈلنىڭ قىممىتى ھامان ...

سالام شەۋكەت ئاكا، بۇ شېئىرلارنى تۈنۈگۈن يوللىغاندىن بىرى 3 قېتىم تەكرار ئىملانى تۈزىگەنىدىم، نېمە بولغان ھەر قېتىم يوللانغاندا نۇرغۇن سۆزلەر بىرسى- بىرسى بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنە بىر قېتىم قاراپ ئايرىپ چىقتىم. مۇنبەردە مۇشۇنداق بىر تېخنىكىلىق مەسىلە ساقلىنىۋاتىدۇ.
كۆپۈنچە Word ھۆججىتىدىن كۆچۈرۈپ چاپلىغان تېما مەزمۇنلىرىدا مۇشۇنداق «چاپلىشىپ قېلىش» ھادىسىسى مەۋجۇتكەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  419
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 252
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 13:06:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاپلىشىپ قېلىش
ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىدىن قالغان سۆيۈملۈك كېسەل
ۋىروس كەبى
شېئىر مىسرالىرىنىمۇ يۇقۇملاندۇرۇپ
بارماق ئارىلىرىغا سۈركەيدۇ ھەسەل




مەنمۇ كەلتۈرۈپ باقتىم  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ي.م.تۇغيان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-3 13:13  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش