ximal
كۆرۈش: 543|ئىنكاس: 9

چىن تۆمۈر باتۇر (ئىككى تىلدا) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1416
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 319
تۆھپە : 0
توردا: 79
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 14:36:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

چىن تۆمۈر باتۇر

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىن ( چىن تۆمۈر باتۇر)

قەدىمكى زاماندا ئىلى ئىقلىمدا چوڭ بىر پادىشاھ ئۆتكەنىكەن. ئۇ پادىشاھنىڭ ئىككى خوتۇنى بولسىمۇ، ئەمما پەرزەنت يۈزى كۈرمىگەنىكەن، شۇڭا ئۇنىڭ كۆڭلى بىئارام ئىكەن. ئۇ خاپىلىقىنى بېسىش مەقسىتىدە ھەردائىم شىكارغا چىقىپ تاماشا قىلىشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئاي، كۈنلەر ئۆتۈپ،پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى ھامىلىدار بوپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان پادىشاھ شىكارغا تېخىمۇ ئامراق بولۇپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ۋەزىرلىرى بىلەن شىكارغا چىقىپ كەتكەندە،كىچىك خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغۇپتۇ. بىراق پادىشاھنىڭ چوڭ خوتۇنى ئىچى تارلىق قىلىپ،بالىنى كۈلگە تاشلىۋېتىپ، ئورنىغا ئىتنىڭ كۈچۈكىنى ئەكېلىپ قويۇپتۇ. پادىشاھ شىكاردىن يېنىپ كەلگەندە چوڭ خوتۇنى ئالدىغا چىقىپ:

__ ئى پادىشاھىم، كىچىك خوتۇنلىرى كۈچۈك تۇغدى،__ دەپ خەۋەر قىپتۇ. دەر غەزەپ بولغان پادىشاھ كىچىك خوتۇنىنى ئۆلتۈرمەكچى بوپتۇ.شۇ چاغدا چوڭ خوتۇنى ھىيلىگەرلىك بىلەن:

__ ئۆلتۈرمىسىلە پادىشاھى ئالەم. بۇ نۆۋەت مەن بىر قوشۇق قېنىنى تىلىۋالاي، __ دەپ يالۋۇرغان بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ كىچىك خوتۇنىنى بىر قېتىمغا ئامان قالدۇرۇپتۇ. ئارىدىن يەنە بىر قانچە ۋاقىت ئۆتۈپتۇ.پادىشاھنىڭ كىچىك خوتۇنى يەنە ھامىلىدار بوپتۇ. پادىشاھ يەنە بۇرۇنقى ئادىتى بويىچە شىكارغا چىقىپ كەتكەنىكەن، بۇ قېتىم كىچىك خوتۇنى قىز تۇغۇپتۇ. چوڭ خوتۇنى بۇنىمۇ كۈلگە تاشلىۋېتىپ، ئورنىغا مۈشۈك بالىسىنى ئەكېلىپ قويۇپتۇ. پادىشاھ شىكاردىن قايتىپ كەلگەندە، چوڭ خوتۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا مۈشۈك بالىسىنى كۈتۈرۈپ چىقىپ:

__ ئى پادىشاھى ئالەم، بۇ قېتىم كىچىك خوتۇنلىرى مۈشۈك تۇغدى، يۇرت ئىچىدە يۈزىمىزنى يەر قىلىۋەتتى، بۇ نېمىدېگەن رەسۋاچىلىق، __ دەپ يالغاندىن يىغلاپ ئوردىنى بېشىغا كىيىپتۇ. ئاچچىقلانغان پادىشاھ كىچىك خوتۇنىغا ئېغىر جازا بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. ئەمدى گەپنى بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئاڭلايلى: چوڭ خوتۇنى كۈلگە تاشلىۋەتكەن ھېلىقى بالىلارنى بىر ئېيىق سۇدىن ئاچىقىپ، جاڭگالغا ئېلىپ كېتىپ بېقىپتۇ. بالىلار ئۈسۈپ چوڭ بوپتۇ. ئەقلىگە كەلگەندە ئۇلار بىر-بىرىگە ئات قويۇۋاپتۇ. ئوغۇلنىڭ ئېتى چىن تۆمۈر، قىزنىڭ ئېتى مەختۇمسۇلا بوپتۇ. بۇ بالىلار سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدا ساغلام، كۈچلۈك ھەم بەك چىرايلىق بولۇپ ئۈسۈپتۇ. كېيىنچە ئۇلار ئېيىقتىن ئايرىلىپ، جاڭگالنىڭ بىر چېتىگەئۆي ياساپ، شۇ ئۆيدە ياشاشقا باشلاپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر كىچىك چېغىدىلا ئوۋ قىلىشنى ئۆگەنگەچكە، تۈرلۈك جان-جانىۋارلارنى تۇتىدىغان ئاجايىپ باتۇر يىگىتكە ئايلىنىپتۇ. ئۇ ھەر قېتىم ئوۋغا چىققاندا يەتتە كۈن ئوۋ ئوۋلايدىكەن. مىسران قىلىچى بېلىدىن، ئالغۇر بۈركۈتى قولىدىن، ئارغىماق ئېتى ئاستىدىن، كاپ-كاپ كۈچۈكى يېنىدىن ئايرىلمايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋغا چىقىپ كېتىۋېتىپ سىڭلىسى مەختۇمسۇلاغا مۇنداق دەپتۇ:

__ سىڭلىم مەختۇمسۇلا، مەن ئوۋدىن قايتىپ كەلگۈچە ئۆگزىگە چىقما، ئوتنى ئۆچۈرمە، سۇنى كۆچۈرمە، توخۇنى "تاخ"دېمە، مۈشۈكنى "پەش" دېمە، ئوت ئۆچۈپ قالسا، تۈتۈن چىققان ياققا ئوت سوراپ كېتىپ قالما.

شۇ گەپلەردىن كېيىن چىن تۆمۈر باتۇر مىسران قىلىچىنى ئېسىپ، ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ، كاپ-كاپ كۈچۈكىنى ئەگەشتۈرۈپ، ئالغۇر بۈركۈتىنى قولىغا قوندۇرۇپ ئوۋغا مېڭىپتۇ. ئارىدىن بىر-ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن،مەختۇمسۇلا يالغۇزلۇقتا زېرىكىپ، ئۆگزىگە چىقىپ بېشىنى تاراپ ئولتۇرۇپتۇ. مۈشۈك بىلەن تۇخۇسىمۇ ئۇنى ئەگىشىپ ئۆگزىگە چىقىپتۇ. مۈشۈك مىياڭلاپ، توخۇسى قاقاقلاپ مەختۇمسۇلانىڭ ئىچىنى پۇشۇرۇپتۇ، مەختۇمسۇلا مۈشۈكىنى "پەش"، توخۇسىنى"تاخ" دەپ قوغلاپتۇ. مۈشۈكى بىلەن توخۇسى ئۆگزىدىن چۈشۈپ ئۆيگە كىرىپتۇ. مۈشۈك ئوچاق يېنىغا كېلىپ چۆگۈننى ئۈرۈۋېتىپتۇ. توخۇ كۈلنى تاتىلاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئوچاقنىڭ ئوتى ئۆچۈپتۇ. مەختۇمسۇلا ئۆيگە كىرىپ ئوتنىڭ ئۆچۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ، ناھايىتى قايغۇرۇپ يەنە ئۆگزىگە چىقىپ "ئەمدى قانداق قىلارمەن؟"دەپ يىغلاپ ئولتۇرسا، ئوڭ تەرىپىدە ئىتنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ، سول تەرىپىدە تۈتۈنكۆرۈنۈپتۇ. مەختۇمسۇلاغا ئوت تېپىش قايغۇسى چۈشۈپتۇ. "نېمە بولسا بولسۇن،پېشانەمدىن كۆرەي" دەپ ئىس چىققان تەرەپكە قاراپ مېڭىپتۇ. ئۇزۇن ماڭغاندىن كېيىن مورىدىن ئىس چىقىۋاتقان بىر ئەسكى تام ئۆيگە يېتىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا،ئۆي ئىچىدە بىر قېرى موماي ئولتۇرغۇدەك. مەختۇمسۇلا "ئەسسالام" دەپ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپتۇ. موماي ئۇنىڭدىن كىملىكىنى، ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سوراپتۇ. مەختۇمسۇلا ھەممىنى بىر-بىرلەپ ئېيتىپ بېرىپتۇ. موماي مەختۇمسۇلانىڭ ئىككى قولىغا كۈل بىلەن تېرىق سېلىپ بېرىپتۇ ۋە بىر تال تېزەكنى تۇتاشتۇرۇپ ئۇنى ياغاچقا سانجىپ ئېغىزغا چىشلىتىپ قويۇپتۇ. ئاندىن مەختۇمسۇلاغا:

__ ئىككى قولۇڭدىكى كۈل بىلەن تېرىقنى ئۆيۈڭگە بارغۇچە چېچىپ بارغىن، ئارقاڭغا قارىمىغىن، __ دەپتۇ. مەختۇمسۇلا موماينىڭ دېگىنىنى قىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن موماينىڭ ئۆيىدىن مەختۇمسۇلانىڭ ئۆيىگىچە ھېلىقى تېرىقلار ئۈنۈپ بەلگە بولۇپ قاپتۇ. ئۇ موماي ئەسلىدە يەتتە باشلىق يالماۋۇز ئىكەن،مەختۇمسۇلا ئۇنى بىلمەپتۇ. مەختۇمسۇلا ئوتنى ئېلىپ كېلىپ دەررۇ ئوت يېقىپ، بىرقازان گۆش پىشۇرۇشقا باشلاپتۇ. كۈن ئولتۇرۇپ، قاراڭغۇ چۈشۈپ، كەچ كىرىشى بىلەن ھېلىقى يەتتە باشلىق يالماۋۇز موماي ئىشىككە كېلىپ:

چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ؟

ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا بارمۇ؟

مىسران قىلىچى قوزۇقتا بارمۇ؟

ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا بارمۇ؟

كاپ-كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بارمۇ؟

دەپ سوراپتۇ. مەختۇمسۇلا موماينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ:

چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە يوقتۇر،

ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا يوقتۇر،

مىسران قىلىچى قوزۇقتا يوقتۇر،

ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا يوقتۇر،

كاپ-كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە يوقتۇر.

دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن موماي يەتتە باشلىق يالماۋۇز سۈرىتىدە ئۆيگە كىرىپ، ئاۋۋال قازاندىكى گۆشنىڭ ھەممىسىنى يەپتۇ،ئاندىن مەختۇمسۇلانىڭ ئۇزۇن چېچىدىن تورۇسقا ئېسىپ قويۇپ، تاپىنىنى تېشىپ قېنىنى شوراپتۇ. كېتەر چېغىدا مەختۇمسۇلاغا: __ مېنىڭ بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمنى ھېچكىمگە ئېيتما، ئەگەر ئېيتىدىغان بولساڭ، مېنىڭدىن زادى قۇتۇلالمايسەن، __ دەپ پوپوزا قىپتۇ. مەختۇمسۇلا قورققىنىدىن ھېچنېمە دېيەلمەپتۇ. ئەتىسى كۈن كەچ بولۇشى بىلەن ھېلىقى يالماۋۇز موماي يەنە كەپتۇ، ئۆيدە بار نەرسىلەرنى يەپ بولۇپ، ئىلگىرىكىدەك مەختۇمسۇلانىڭ قېنىنى شوراپتۇ. بۇ ئەھۋال بىر نەچچە كۈن شۇ خىلدا داۋاملىشىپتۇ.مەڭزى ئاناردەك، ھۆسنى گۈلدەك مەختۇمسۇلا كۈندىن كۈنگە ماغدۇرسىزلىنىپ، زەپىرەڭدەك سارغىيىپ كېتىپتۇ.

يەتتىنچى كۈنى چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋدىن قايتىپ كېلىپ سىڭلىسىنى كۆرۈش بىلەن ھەيران بوپتۇ. كۆڭلىگە گۇمان تولۇپتۇ، چۈنكى سىڭلىسى مەختۇمسۇلا بىر يىل كېسەل بولغان ئادەمدەك سارغىيىپ كەتكەنىكەن.

__ ھەي مەختۇمسۇلا، يەتتە كۈننىڭ ئىچىدە شۇنچەئورۇقلاپ، سارغىيىپ، ھالىڭدىن كېتىپسەن، نېمە بولدۇڭ؟ كىمدىن ساڭا ئازار يەتتى؟ __دەپ سوراپتۇ چىن تۆمۈر باتۇر. مەختۇمسۇلا يىغلاپ تۇرۇپ، يالماۋۇز موماينىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنى بىر-بىرلەپ ئاكىسىغا بايان قىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان چىن تۆمۈرباتۇر ناھايىتى غەزەپلىنىپ "ئەگەر مەن شۇ يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى ئۆلتۈرمىسەم، چىن تۆمۈر باتۇر بولماي كېتەي" دەپ قەسەم ئىچىپتۇ ۋە مەختۇمسۇلاغا قاراپ:

__ ھەي سىڭلىم، مېنىڭ كەلگىنىمنى ھېچ كىشى بىلمىسۇن. مەن ئىشىكنىڭ كەينىگە ئورا كولاپ مۆكۈپ ياتىمەن. ئەگەر يالماۋۇز كېلىپ مېنى سورىسا، كۈندىكىدەك "كەلمىدى" دەپ جاۋاب بەرگىن، __ دەپتۇ. ئاندىن ئېتىغا، بۈركۈتىگە ۋە كۈچۈكىگە قاراپ:

__ ھەي، ۋاپادار جانىۋارلىرىم، ئەگەر يالماۋۇز موماي كەلسە، ئۈن چىقارماڭلار، بىر ئامال قىلىپ ئۇنى قولغا چۈشۈرەيلى، __ دەپتۇ.بۇ جانىۋارلار چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ گېپىنى ئۇقىدىكەن.

شۇنداق قىلىپ، چىن تۆمۈر باتۇر مەيدىسىگە يەتتە قات ساۋۇتنى تېڭىپ، بېشىغا دۇبۇلغا كىيىپ، مىسران قىلىچىنى تۇتۇپ ئورىغا مۈكۈنۈپ يېتىپتۇ.

بىر كەمدىن كېيىن يالماۋۇز موماي كېلىپ،ئىشىكنىڭ ئالدىدا توختاپتۇ. ئۇنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ، بەدىنى شۈركۈنۈپ كېتىپتۇ. ئۇ"بۈگۈن چىن تۆمۈر باتۇر كەلگەنگە ئوخشايدۇ، قايتىپ كەتمىسەم بولماس" دەپ يېنىپتۇ، لېكىن نەپسى قايتىپ كېتىشكە قويماپتۇ. موماي: "چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى بىر سوراپ كۈرەي. ئەگەر كەلگەن بولسا قايتىپ كېتەي،كەلمىگەن بولسا ئۇ ۋاقىتتا مېنىڭ بەختىم" دەپ ئويلاپ، ئىشىككە يېقىپ كېلىپ:

چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە بارمۇ؟

ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا بارمۇ؟

مىسران قىلىچى قوزۇقتا بارمۇ؟

ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا بارمۇ؟

كاپ-كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بارمۇ؟

دەپ سوراپتۇ. مەختۇمسۇلا:

چىن تۆمۈر باتۇر ئۆيىدە يوقتۇر،

ئارغىماق ئېتى ئېغىلدا يوقتۇر،

مىسران قىلىچى قوزۇقتا يوقتۇر،

ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا يوقتۇر،

كاپ-كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە يوقتۇر.

دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. موماينىڭ يۈرىكى توختاپ،يەتتە بېشىنىڭ ھەر بىرىدىن تۈرلۈك سادالارنى چىقىرىپ، ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك كىرىپ كەپتۇ، لېكىن ئىچكىرى ئۆيگە كىرمەي:

__ ھەي مەختۇمسۇلا! ئاكاڭ چىن تۆمۈر باتۇر كەلگەن ئوخشايدۇ، ئۆيۈڭدە ئادەمنىڭ پۇرىقى بارغۇ، __ دەپتۇ. مەختۇمسۇلا تەمكىنلىك بىلەن:

__ ئاكام تېخى كەلمىدى. ئەگەر كەلگەن بولسائارغىماق ئېتى ئېغىلدا، مىسران قىلىچى قوزۇقتا، ئالغۇر بۈركۈتى ئورنىدا، كاپ-كاپ كۈچۈكى ئىشىكتە بولماسمىدى، __ دەپتۇ.

__ سەن يالغان ئېيتىسەن، چىن تۆمۈر باتۇر ئېنىق كەلگەن ئوخشايدۇ، ئادەم پۇرىقى كېلىپ تۇرىدۇ، ئۇ يوشۇرۇنۇۋالغان ئوخشايدۇ، __دەپتۇ يالماۋۇز موماي.

__ بۈگۈن ئاكامنىڭ كۆڭلەك، تامبىلىنى يۇيۇپ،سۈيىنى ئۆيگە تۈككەنىدىم، شۇنىڭ پۇرىقى بولسا كېرەك، __ دەپتۇ مەختۇمسۇلا.

بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يالماۋۇز موماي ئىچكەركى ئۆيگە كىرىپتۇ. ئادىتى بويىچە، مەختۇمسۇلانىڭ چېچىدىن تورۇسقا ئېسىپ، ئەمدىلا قېنىنى شوراي دەپ تۇرۇشىغا چىن تۆمۈر باتۇر ئورىدىن چىقىپ، مىسران قىلىچى بىلەن بىرئۇرغانىكەن، يالماۋۇز موماينىڭ بىر بېشى ئۈزۈلۈپ چۈشۈپتۇ. يالماۋۇز موماي"ئاھ" دەپتۇ-دە، چىن تۆمۈر باتۇرغا قاراپ:

__ بىر بېشىمنىغۇ ئالدىڭ، قالغان ئالتە بېشىمغا قانداق جاۋاب بېرىسەن؟! __ دەپ قەھرى بىلەن ئېلىشىشقا كىرىشىپتۇ.

ئېلىشىش بىر كېچە-كۈندۈز بوپتۇ. چىن تۆمۈرباتۇر يەنە بىر بېشىنى چېپىپ چۈشۈرۈپتۇ. يالماۋۇز موماي ئۆيدىن قېچىپ چىقىشنىڭ ئىلاجىنى تاپالماي، چىن تۆمۈر باتۇرغا يەنە ئېسىلىپتۇ، يەنە بىر كېچە-كۈندۈز ئېلىشىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر بۇ قېتىم يالماۋۇز موماينىڭ يەنە بىر بېشىنى چېپىپ چۈشۈرۈپتۇ. ئۈچ بېشىدىن ئايرىلغان يالماۋۇز تېخىمۇ غەزەپ بىلەن تۇتۇشۇپتۇ. چىنتۆمۈر باتۇر ئۇنىڭ يەنە بىر بېشىنى ئۇرۇپ چۈشۈرۈپتۇ. يالماۋۇز موماي ئۇ ياقتىن بۇياققا قېچىشقا باشلاپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر ئۇنىڭ بەشىنچى بېشىنى كېسىپ چۈشۈرۈپتۇ.يالماۋۇز موماي ئەمدى ماغدۇرسىزلىنىپ، كۈزلىرى پىيالىدەك بوپتۇ، ئىشىكتىن قېچىپچىقاي دېسە مەختۇمسۇلا قىلىچ بىلەن چېپىپ چىقارماپتۇ. ئاخىر چىن تۆمۈر باتۇريالماۋۇز موماينىڭ ئالتىنچى بېشىنىمۇ چېپىپ چۈشۈرۈپتۇ. ئەمدى يالماۋۇز موماينىڭ"يەل مۈڭگۈز" دەپ ئاتىلىدىغان بىرلا بېشى قاپتۇ. ئۇ ئامالسىزلىقتىن قۇيۇنغا ئايلىنىپتۇ-دە، ئۇينىڭ تۈڭلۈكىدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ:

__ ھەي مەختۇمسۇلا، خەپ توختا! خەپ توختا! __دەپ، بەدەر قېچىپتۇ.

چىن تۆمۈر باتۇر ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ بىربېشى قالغان يالماۋۇز موماينىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپتۇ. مەختۇمسۇلا باغلاقلىق كاپ-كاپكۈچۈكىنى قويۇۋېتىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر يالماۋۇز مومايغا يېتىشىپتۇ. يالماۋۇزموماي نائىلاج چىن تۆمۈر باتۇرغا ئېسىلىپتۇ. ئۇلار كەچ كىرگۈچە ئېلىشىپتۇ.ئۇنىڭغىچە چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كاپ-كاپ كۈچۈكى يېتىپ كېلىپ، يالماۋۇز موماينىڭ پاقالچىقىدىن چىشلەپ تارتىپتۇ. كاپ-كاپ كۈچۈك ئۇنى تالاپ ئۆلتۈرۈپتۇ. چىن تۆمۈرباتۇر يالماۋۇز موماينىڭ يەتتىنچى بېشىنى ئېلىپ، ئۆيگە خۇشال قايتىپتۇ.

شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يەنە بىر نەچچە ۋاقىت خۇشال-خۇرام ئۆتۈپتۇ. مەختۇمسۇلانىڭ رەڭگى روھى ئاستا-ئاستا ئوڭلىنىپ، ئاۋۋالقى ھالىتىگە كەپتۇ. ئۇ ئاي يۈزلۈك، خۇمار كۈزلۈك، شېرىن سۆزلۈك، سۇمبۇل چاچلىق، قاراقاشلىق، نازۇك بەدەن بىر گۈزەل بوپتۇكى، ئۇنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى ئەقلى-ھوشىنى بىلمەي قالىدىكەن.

كۈنلەردىن بىر كۈنى چىن تۆمۈر باتۇر زېرىكىپ،يەنە ئوۋغا چىقماقچى بوپتۇ ۋە مەختۇمسۇلاغا:

__ ھەي سىڭلىم، مەن يەنە ئوۋغا چىقىمەن. سەن ھەرگىز ئۆيدىن تالاغا چىقمىغىن، سۇ بويىدا ئولتۇرۇپ بېشىڭنى تارىمىغىن، __ دەپتۇ.

چىن تۆمۈر باتۇر سىڭلىسى بىلەن خوشلىشىپ ئوۋغاچىقىپ كېتىپتۇ. مەختۇمسۇلا ئاكىسىنىڭ نەسىھىتىنى يادىدا تۇتۇپ بىر نەچچە كۈنگىچەئۆيدىن تالاغا چىقماپتۇ. لېكىن كۈنلەر ئۆتكەنسېرى زېرىكىپتۇ. ئاقىۋەت تالاغاچىقىپ، ئىشىك ئالدىدىكى ئېرىقنىڭ بويىدا سۈزۈك سۇنىڭ ئېقىشىغا قىزىقىپ چېچىنى تاراشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ ئۇزۇن، سۇمبۇل چاچلىرىدىن بىر نەچچە تېلى سۇغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇ چاچلار ئېقىپ بېرىپ سانجۇ پادىشاھىنىڭ (سانجۇ پادىشاھلىقى __ موڭغۇل پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ) ئوردىسىدىكى كۈلگە چۈشۈپتۇ. بۇ ۋاقىتتا سانجۇپادىشاھىنىڭ ئوغلى ئوزمۇخ نۆكەرلىرى بىلەن كۈلنىڭ بويىدا ئولتۇرغانىكەن. شاھزادەئوزمۇخ كۈل بويىغا كېلىپ باش-كۈزىنى يۇيۇۋاتسا، ئۇنىڭ قولىغا ھېلىقى چاچلارئىلىنىپ چىقىپتۇ. بۇ چاچلارنىڭ ئۇزۇن ۋە سۇمبۇللىقى شاھزادىنى ھەيران قالدۇرۇپتۇ.ئوزمۇخ نۆكەرلىرىدىن:

__ بۇ نېمىدېگەن ئۇزۇن چاچ؟ كىمنىڭ چېچى؟ __دەپ سوراپتۇ. نۆكەرلەر:

__ ھەي شاھزادە، بۇ ئىلى ئىقلىمىنىڭ گۈزىلى مەختۇمسۇلانىڭ چېچىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ چىن تۆمۈر باتۇر دېگەن ئاكىسى بار. ئۇنىڭغاتەڭ كېلىدىغان ئەر تېخى چىققىنى يوق، __ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

ئوزمۇخ مەختۇمسۇلانى كۆرمەي تۇرۇپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ، ۋەسۋەسىگە چۈشۈپتۇ. دەرھال قول ئاستىدىكى بەگلىرىنى يىغىپ مەسلىھەت ئاپتۇ. نۇرغۇن لەشكەر توپلاپ، مەختۇمسۇلانى ئېلىپ قايتىش ئۈچۈن يولغا راۋان بوپتۇ.ئۇلار بىر نەچچە كۈنلەردىن كېيىن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىپ ئەتراپنى قورشىۋاپتۇ. مەختۇمسۇلا بۇلارغا قارشىلىق كۆرسىتىپ، ئۆگزىگە چىقىپ مۇنداق دەپتۇ:

__ ھەي لەشكەرلەر، بۇ نېمىدېگەن ئۇياتسىزلىق!يالغۇز بىر ئاجىز قىزغا شۇنچە لەشكەرلەرنىڭ كېلىشى نامەردلىك! ئاكام چىن تۆمۈرباتۇر كەلسە قانداق جاۋاب بېرىسىلەر؟!

ئوزمۇخ مەختۇمسۇلانى كۆرۈپ ئوتتەك كۆيۈپ،مۇنداق دەپتۇ:

__ ھەي مەختۇمسۇلا، ئۈزۈڭنى ماڭا قوبۇل قىلساڭ قىل، بولمىسا سېنى زورلۇق بىلەن ئالىمەن! __ مەختۇمسۇلا بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ غەزەپ بىلەن يەرگە چۈشۈپتۇ. ئاكىسى چىن تۆمۈر باتۇر ئوۋغا كېتىشنىڭ ئالدىدا "ناۋادابېشىڭغا كۈن چۈشسە، بۇ قۇشنى قويۇۋەتكىن، مەن قەيەردە بولسام، شۇ يەرگە خەۋەريەتكۈزۈپ بارىدۇ" دەپ تاپىلاپ، ئالغۇر بۈركۈتىنى قويۇپ كەتكەنىكەن.مەختۇمسۇلا چۈمۈلىدەك قورشاپ كېلىۋاتقان لەشكەرلەرنى كۆرۈپ قۇشنى قويۇۋېتىپتۇ.ئۆزى قىلىچىنى قولىغا ئېلىپ، بۇلاڭچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپتۇ. ئۇلارنىڭ نۇرغۇن لەشكەرلىرىنى يوقىتىپتۇ. ئۇنىڭغىچە چىن تۆمۈر باتۇر خەۋەر تېپىپ يېتىپ كەپتۇ. ئۇمىسران قىلىچىنى ئوينىتىپ، بىر ئۆزى نەچچە مىڭ لەشكەر بىلەن قاتتىق ئېلىشىپتۇ. تەڭ كېلەلمىگەن لەشكەرلەر ئۆلەر-تىرىلىشىگە باقماي قېچىشقا باشلاپتۇ. ئوزمۇخ قېچىپ كېتىۋاتقان لەشكەرلىرىگە:

__ سىلەر ئىككى كىشىدىن شۇنچە قاچامسىلەر؟قاچساڭلار مەندىن ياخشىلىق كۆرمەيسىلەر! __ دەپ پىتىراپ كەتكەن لەشكەرلىرىنى ئۆزى باشلاپ، يەنە ئۇرۇش ئېچىپتۇ

ئوزمۇخ چىن تۆمۈر باتۇرغا بىر قانچە ئون پالۋانلىرى بىلەن بىراقلا ھۇجۇم قىپتۇ. نەيزە-قىلىچلارنىڭ بىر-بىرىگە ئۇرۇلۇشىدىن چاقماق چاققاندەك ئوتلار چاقناپتۇ. بىراق، ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى يېڭەلمەپتۇ.مەختۇمسۇلا بۇ ھالنى كۆرۈپ ئەندىشىگە چۈشۈپتۇ. ئۇ "ئاكامغا زەخىم يەتمىگىيدى،ئۇنىڭ مېيىپ بولغىنىدىن مېنىڭ يوق بولغىنىم ياخشى" دەپ ئويلاپ، ئاكىسىغامۇنداق دەپتۇ:

__ جېنىم ئاكا، دۈشمەنلەر سان-ساناقسىز ھەم رەھىمسىز. شۇڭا سىز جەڭدىن يېنىڭ، ئۆلسەم مەن ئۆلەي، سىز ئامان قېلىڭ!

شۇ چاغدا چىن تۆمۈر باتۇر مەختۇمسۇلاغا قاراپ:

__ سىڭلىم، مېنىڭدىن تەشۋىش قىلما. چىن تۆمۈردەپ ئېتىم بار، ماڭا دۈشمەن ئالدىدا باش ئېگىش ئۆلۈم بىلەن تەڭ. سەن جان-جىگەرسىڭلىمدىن ئايرىلالمايمەن. شۇڭا جەڭدىن يانمايمەن! __ دەپ جەڭنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ.

ئوزمۇخنىڭ لەشكەرلىرى ئۆلۈپ تۈگەشكە ئازقالغاندا، ياردەمگە ئەۋەتىلگەن سانجۇ لەشكەرلىرى نەرە تارتىپ يېتىپ كەپتۇ. ئۇلارقىلىچ-نەيزىلىرىنى يالىڭاچلاپ، ئوقيالىرىنى چەنلەپ، چىن تۆمۈر باتۇرغا قاراقاغىدەك يېپىشىپتۇ. ئوزمۇخ پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، مەختۇمسۇلانى تۇتۇۋېلىپ،پۇت-قولىنى مەھكەم باغلاپ ئېلىپ قېچىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر قەھرى-غەزەپكە تولۇپ،يەتتە كېچە-كۈندۈز ئېلىشىپ ھەممە بۇلاڭچىنىڭ كاللىسىنى تېنىدىن جۇدا قىپتۇ. كېيىن قارىغۇدەك بولسا مەختۇمسۇلا ھېچ يەردە كۆرۈنمەپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر تېخىمۇ غەزەپلىنىپ، ئارغىماق ئېتىغا مىنىپ، مەختۇمسۇلانى ئىزدەپ دەشت-چۆللەرنى كېزىپتۇ.ئىزدە-ئىزدە ئاخىر ئىلى دەرياسىنى كېچىپ ئۆتۈپ، تېكەس تېغىنىڭ كۈكتۈپە دېگەن يېرىگە كەپتۇ. كىشىلەر داڭقى داستان بۇ باتۇرنى ناھايىتى خۇشال قارشى ئاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن چىن تۆمۈر باتۇر ئۇ يەرگە جايلىشىپ قاپتۇ. چارۋىچىلىق قىلىپ يۈرۈپ تېزلا باي بوپتۇ. شۇنداقتىمۇ بۇ مال-دۇنيا ئۇنىڭ كۆزىگە زادى كۆرۈنمەپتۇ. پۈتۈن ئوي-خىيالىسىڭلىسى مەختۇمسۇلادىلا قاپتۇ. كۆزى كېچە-كۈندۈز ياشتىن قۇرۇماپتۇ. شۇنداق قىلىپ،چىن تۈمۈر باتۇر تولا يىغلاپ يۈرۈپ، ئاخىر ئۇنىڭ ئىككى كۆزى قارىغۇ بولۇپ قاپتۇ.

ئەمدى گەپنى مەختۇمسۇلادىن ئاڭلايلى:

ئوزمۇخ ساھىبجامال مەختۇمسۇلانى قولغاچۈشۈرگەندىن كېيىن ئوردىسىغا ئاپىرىپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز توي ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئاپتۇ. ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ بۇلاڭچىدىن ئىككى ئوغۇل تۇغۇپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ يەنە كېچە-كۈندۈز ئاكىسىنى كۆرۈشنى خىيال قىلىپ، قانداقلا بولسۇن بۇلاڭچىلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇشنىڭ چارىسىنى ئىزدەپتۇ.

كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەختۇمسۇلا پادىشاھنىڭئالدىغا كىرىپ، دەريا بويىغا بېرىپ سەيلە قىلىپ كېلىشكە ئىجازەت سوراپتۇ. پادىشاھئۈز كۆڭلىدە "ھە، ئەمدى ئىككى بالىلىق بولغاچقا بىزگە رام بولدى" دەپ ئويلاپ، رۇخسەت قىپتۇ. سانجۇ پادىشاھلىقىنىڭ بىر تۇلپىرى بار بولۇپ، ئۇ تۇلپارغاپادىشاھنىڭ ئۆزىدىن باشقا كىشىنىڭ مىنىشى مەنى قىلىنغانىكەن. مەختۇمسۇلا ئەنە شۇتۇلپارغا مىنىپ، قىرىق كېنىزەك ھەم قىرىق نۈكەرنىڭ مۇھاپىزىتىدە دەريا بويىغا قاراپ يول ئاپتۇ. بۇلار ئىلى دەرياسى بويىغا كېلىپ چۈشۈپتۇ. قاتار-قاتارچېدىر-بارگاھلارنى تىكىپ، ھەر خىل تائاملارنى پىشۇرۇپتۇ. سۈتتىن قىلىنغان شارابلارنى تۇلۇم-تۇلۇمى بىلەن تىكلەپ قويۇپتۇ. چوڭ زىياپەت باشلىنىپتۇ.مەختۇمسۇلا ئۈز قولى بىلەن ياغاچ ئاياغلارغا سۈت ھارىقى تولدۇرۇپ، كېنىزەك،نۆكەرلەرگە بىر-بىرلەپ سۇنۇپ، بىردەمدە ھەممىسىنى مەست قىلىۋېتىپتۇ. مەختۇمسۇلا ئۇلارنىڭ مەستلىكتىن پايدىلىنىپ، چاققانلىق بىلەن تۇلپارغا مىنىپتۇ-دە، ئىلى دەرياسىنى كېچىپ ئۇ قاتقا ئۆتۈۋاپتۇ. پادىشاھ ئالدىدا بېشى كېتىشتىن قورققان نۆكەرلەر دەرھال ئارقىدىن قوغلاپ دەريا لېۋىگە كەپتۇ. بىراق ھېچقايسىسىنىڭ ئېتىدەرياغا كىرەلمەپتۇ. ئەسلىدە پادىشاھنىڭ تۇلپىرىدىن باشقا ھەر قانداق جانىۋار بۇدەريادىن ئۈزۈپ ئۈتەلمەيدىكەن. ئامالسىز قالغان نۆكەرلەر مەختۇمسۇلاغا قاراپ:

__ ھەي مەختۇمسۇلا! ئىككى بالاڭنى يېتىمقىلماي، كەينىڭگە يانغىن، __ دەپتۇ. مەختۇمسۇلا:

__ ئىككى ئوغلۇمنى ئېلىپ كەلسەڭلار يېنىپئۆتىمەن، __ دەپتۇ.

نۆكەرلەر دەرھال پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا بېرىپ ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ كەپتۇ. بۇ ئىككى ئوغۇلنىڭ چوڭىنىڭ ئېتى "ئاقار"،كىچىكىنىڭ ئېتى "چۈكەر" ئىكەن، مەختۇمسۇلا نۈكەرلەرگە قاراپ:

__ چوڭ بالامنى دەرياغا تاشلاڭلار، ئۇنىڭپىراقىڭدا چىدىماي ئۇ ياققا ئۆتۈپ قالارمەن، __ دەپتۇ.

نۆكەرلەر "ئاقار"نى دەرياغا دەرياغا ئاققۇزۇپتۇ، بىراق مەختۇمسۇلا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماپتۇ. نۆكەرلەر "مەختۇمسۇلا كىچىك ئوغلىنى ئوبدان كۆرىدۇ. شۇنى دەرياغا تاشلىساق، ئوغلىنى تۇتۇۋالىمەن، دەپدەرياغا چۈشەر" دېيىشىپ، "چۆكەر"نى دەرياغا تاشلاپتۇ، بالا شۇزامان سۇغا غەرق بوپتۇ. مەختۇمسۇلاغا بۇ ناھايىتى ئېغىر كەپتۇ. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ سۆيۈملۈك ئاكىسى چىن تۆمۈر باتۇرنى تېپىش ئارزۇسىدىن يانماپتۇ. ئۇ نۆكەرلەرگە قاراپ:

__ ھەي ئىنساپسىز بۇلاڭچىلار! سىلەرگەنەسلىمنىمۇ قالدۇرمىدىم، ئەمدى مۇرادىم ھاسىل بولدى، __دەپتۇ-دە، ئاتنى چاپتۇرۇپ كېتىپتۇ. بۇلاڭچىلار دەريادىن ئۆتەلمەي ئامالسىز قايتىپتۇ.

مەختۇمسۇلا شۇ يۈرگىنىچە دەشتلەرنى كېزىپ،تاغلاردىن ئېشىپ، بىر گۈزەل يايلاققا يېتىپ كەپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، نۇرغۇن تۆگىلەر يايراپ يۈرگۈدەك. مەختۇمسۇلا تۈگىچىلەردىن:

__ بۇ كىمنىڭ تۆگىلىرى؟ __ دەپ سوراپتۇ.تۆگىچىلەر:

__ چىن تۆمۈر قارىغۇنىڭ تۆگىلىرى، __ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

__ ئۇ نېمە بولۇپ قارىغۇ بولدى؟ __ دەپ سوراپتۇمەختۇمسۇلا. تۆگىچىلەر:

__ ئۇنىڭ سىڭلىسىنى بۇلاڭچىلار بۇلاپ كەتكەنىكەن، شۇنىڭ دەردىدە تولا يىغلاپ قارىغۇ بولۇپ قالدى، __ دەپتۇ. مەختۇمسۇلايەنە:

__ ھازىر ئۇ قەيەردە؟ __ دەپ سوراپتۇ.تۆگىچىلەر:

__ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز، __ دەپتۇ.

مەختۇمسۇلا يەنە مېڭىپتۇ. بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن نۇرغۇن يىلقىلار ئۇچراپتۇ. يىلقىچىلاردىن سوراپتىكەن، ئۇلارمۇ شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ. يەنە بىر ئاز ماڭغاندىن كېيىن نۇرغۇن كالا، قوي پادىلىرىنى كۆرۈپتۇ. قويچىلاردىن سوراپتىكەن، ئۇلارمۇ ئوخشاشلا جاۋاب بېرىپتۇ. ئاخىرىدا مەختۇمسۇلا ئەڭ چەتتە موزاي بېقىۋاتقان بىر پادىچى بالىدىن:

__ جېنىم ئۇكام، چىن تۆمۈر باتۇر ھازىر قەيەردە؟ ئېيتىپ بەرسەڭ، __ دەپ يېلىنىپ سوراپتۇ. پادىچى بالا تەسلىكتە:

__ چىن تۆمۈر قارىغۇ ھازىر ئالتۇن ئارىشاڭ دېگەن يەردە، __ دەپتۇ. مەختۇمسۇلا ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ:

__ مەن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ سىڭلىسى بولىمەن،مېنى ئاكامنىڭ قېشىغا باشلاپ بارساڭ، __ دەپتۇ. پادىچى بالا:

__ پادىدىن ئايرىلالمايمەن، موزايلار يىتىپ كەتسە قانداق قىلىمەن؟ __ دەپ ئۇنىماپتۇ. مەختۇمسۇلا:

__ ئۇنداق بولسا پادىلىرىڭغا مەن قاراپ تۇراي.قولۇڭغا مۇنۇ ئالمىنى ئال، ئەگەر چىن تۆمۈر باتۇر سۆزۈڭگە ئىشەنمىسە، ئالمىنى كۆزىگە سۈرتسەڭ، كۆزى ئېچىلىدۇ، __ دەپ قولىغا بىر ئالمىنى بېرىپتۇ.

پادىچى بالا ئالمىنى ئېلىپ يولغا راۋان بوپتۇ.ئۇ چىن تۆمۈر باتۇرغا بېرىپ مەختۇمسۇلانىڭ خەۋىرىنى ئېيتقانىكەن، چىن تۆمۈرباتۇرنىڭ ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەپتۇ. شۇ ھامان پادىچى بالا:

ئالمۇتىيارنىڭ ئالمىسى،

مەختۇمسۇلانىڭ خالتىسى.

مەختۇمسۇلا بولمىسا،

قايدىن كېلۇر خالتىسى؟!

دەپ ئالمىنى چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ كۆزىگە سۈركىگەنىكەن، ئۇنىڭ كۈزلىرى شۇ زامان ئېچىلىپتۇ. چىن تۆمۈر باتۇر پادىچى بالىغا چوڭ رەھمەتلەرنى ئېيتىپتۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن مەختۇمسۇلانىڭ قېشىغا كەپتۇ. ئاكا-سىڭىل قېرىنداشلار بىر-بىرىنى كۆرۈپ يىغلىشىپتۇ، ھال-ئەھۋال سوراپ مۇڭدىشىپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار خۇشال-خۇرام، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ.


钦帖木儿勇士




    很久很久以前,伊犁河谷曾经有一位非常强大的国王。虽然他有两个妃子,但是她们都未曾给他生过子嗣,因此,国王闷闷不乐,常常通过外出打猎来作乐。


    随着月缺月圆,终于有一天国王的小妾怀孕了。听到这个喜讯,国王兴致一来,又出去打猎了。


    有一天,国王又和大臣们打猎去了。小妾生了个男孩。但是,妃子妒火中烧,在小妾醒来之前,便把小王子投进湖里,身边换成了狗崽儿。


   国王打猎归来后,妃子冲出来禀告国王道:“哎!尊敬的陛下,您的小妾生出的乃是个狗崽儿啊!”气急败坏的国王立刻下令要处死小妾。这时,狡猾的妃子却佯装央求道:“陛下,请不要杀了她啊!就让我先保她一命吧!”


  就这样,国王就饶了小妾一命。


     这期间,又过了一段日子,国王的小妾再次有了身孕。国王又像往常一样出去打猎了。这次小妾生下一个女婴。妃子又把小公主丢进湖中,却换了只猫仔儿放在了那里。当国王回来时,妃子捧着猫仔儿,禀告国王道:“哎!我的国王陛下,这次您的小妾生出来的是一只猫仔儿啊!这让我们在民众面前丢尽了颜面,真是奇耻大辱啊!”说完就在大殿上顿胸大哭起来。国王大怒,下令要严惩小妾。


接下来,话说小王子和小公主的遭遇:


原来,被那个国王的妃子投进湖里的小王子和小公主一一被一只熊救了起来,抱进自己的洞里养活。他们渐渐地长大,待到懂事的年龄,他们相互起了个名字,王子名叫钦帖木儿,公主则叫麦赫图姆素拉。他们在清纯的大自然中,茁壮地长成了绝世俊男美女。后来,他们离开熊,在野树丛边搭建了一座小屋,开始了他们的生活。


钦帖木儿自幼就学会了各种狩猎的高超本领,成为智勇双全的少年。他每次出去狩猎都需要七天时间。他那亮闪闪的双城利剑不离其腰,高头骏马不离其座,善捕猎物的雄鹰不离其臂,旺旺狗儿不离其身。


有一天,钦帖木儿又要外出打猎了。临别时,他叮嘱妹妹麦赫图姆素拉说:


妹妹,麦赫图姆素拉啊,在我打猎归来之前,你千万要记住,屋顶千万不能爬,炉火苗千万不能灭,水千万不能移,对着鸡儿千万别喊“嘘!”,对着猫儿千万别喊“咪!”如果炉火苗息灭了,千万别往冒着炊烟的方向去借火种啊!”


钦帖木儿叮嘱完,便配上双城剑,骑着高头骏马,举着敏捷的猎鹰,带上旺旺狗打猎去了。


就这样,过了一天、两天,麦赫图姆素拉倍感寂寞,按捺不住便爬上屋顶,远眺着前方梳起了长发。猫儿和鸡儿也紧跟了上来,猫儿喵喵喵地叫声,鸡儿咕咕咕地叫声,让麦赫图姆素拉更加心烦意乱,忍不住对着猫儿“咪!”了一声,又对着鸡儿“嘘!”了一声。猫儿和鸡儿冲进屋里,猫儿在逃窜中弄翻了火炉上的水壶,鸡儿拨拉开了炉灰,火苗便熄灭了。麦赫图姆素拉望着被息灭的炉火,失望地又爬上屋顶伤心起来,心想:“这下可怎么办呢?”这时,右耳边传来狗叫声,左面则撩起一股炊烟。她急切地需要火种来维持剩下的日子,伤心之余,她狠下决心想要豁出去了,便朝着有炊烟的方向走去。走啊,走啊!走了很久,她才走到那座烟囱里冒着炊烟的破矮土房前。走进去一看,屋内蹲着一个老婆婆。麦赫图姆素拉对着她,躬身施礼道“艾萨拉姆!”,旋即便走近她。老婆婆问她是谁,为何而来。麦赫图姆素拉便一五一十地把一切原委告诉了她。老婆婆听过之后,便让她双手捧上炉灰和种子。同时,又在一根木棍上插上没熄灭的动物粪碳,让她咬住木棍一头。然后,叮嘱她说:“在你回家的路上,一定记得要边走边挥洒你手中的炉灰和种子,且千万别往后看。”


麦赫图姆素拉在回家的路上,照老婆婆的要求做了。从那以后,种子生长出来,成为连接她和老婆婆两屋之间的路标。


其实,那个老婆婆是个七头妖魔。麦赫图姆素拉却全然不知。她用借来的火种立刻生火炖肉。随着日落到夜幕降临,那个七头妖魔来到她门前问道:


钦帖木儿勇士在家吗?


他的高头骏马是否在圈里?


金光闪闪的双城利剑是否挂着?


敏捷的猎鹰是否在那里?


旺旺狗是否在门前?”


麦赫图姆素拉听到她的声音,连门都没出便答道:


钦帖木儿勇士不在家,


高头骏马不在圈里,


闪闪双城利剑不曾挂着,


善捕猎物的雄鹰尚不在,


旺旺狗不曾在门前。”


听完,老婆婆变回七头妖魔的原形进了屋。先是吃光了锅里所有的肉,接着,七头妖魔揪起麦赫图姆素拉的长发,拴在屋梁上将她吊起,刺穿她的脚掌心开始吸她的血。临走,还威胁麦赫图姆素拉说:“不许对任何人说起我来过这里,如果要是说了,你就永远都摆脱不了我!”麦赫图姆素拉早已吓得什么也说不出来了,只好心急如焚地等待哥哥钦帖木儿勇士的到来。到了第二天,天黑之时,七头妖魔又来了,先是吃光屋里所有能吃的东西,又像上次那样吸了麦赫图姆素拉的血。这样持续了几天之后,麦赫图姆素拉那粉艳艳的,象苹果一样红润的面颊变得苍白枯黄,花儿一样美丽的她,越发变得憔悴不堪。


到了第七天,钦帖木儿勇士终于回来了。他看到妹妹非常惊讶,旋即便起了疑心。


哎哟!我的妹妹麦赫图姆素拉,就这么短短七天,你就瘦成这样,面色如此地苍白无力,你到底是怎么了?到底是谁让你遭受如此折磨?”钦帖木儿勇士问道。麦赫图姆素拉流着泪,将老妖婆的所作所为原原本本地告诉了哥哥。听到这些,钦帖木儿暴跳如雷:“我钦帖木儿如果不杀了那老妖婆,有辱我号称‘勇士’的盛名!”接着,他又对着妹妹说:


我的妹妹啊,不要让任何人知道我已经回来的消息。我先在门后挖个洞穴藏起来。如果那老妖婆再来,你就如往常那样回答说‘没有来’就可以了。”


之后,又对着他的高头骏马、善捕猎物的雄鹰,以及旺旺狗叮嘱道:“我忠实的朋友们啊,如果那老妖婆来了,你们可千万别出声呀,我们想办法捉住她。”原来,这些动物们都能听懂钦帖木儿的话。


就此,钦帖木儿勇士身裹七层铠甲、头戴盔帽、手持双城利剑,躲在事先挖好的洞穴里,只等和老妖婆应战。


没过多久,老妖婆来到他们门前停住。她突然感到一种不祥之兆,不免不寒而慄。她警惕地想:“今天钦帖木儿好像已经回来了,还是先走为妙啊!”但是,她的贪婪之心使她欲走又止。老妖婆转念一想,还是问一问,这钦帖木儿勇士到底是来了还是没来,这样才是两全之策。如果他来了,我就一逃了之,如果没有来,那就是我得手的大好机会。就这样想着她便走进门问道:


钦帖木儿勇士是否在家?


高头骏马是否还在圈里?


双城利剑是否还挂着?


敏捷的猎鹰是否还在原位?


旺旺狗是否还在门前?”


麦赫图姆素拉,回答说:


钦帖木儿勇士尚未在屋里,


高头骏马尚未在圈里,


双城利剑尚未挂着,


敏捷的猎鹰尚未在原位,


旺旺狗尚未在门前。”


这时,老妖婆稍稍安下了心,随着各种震耳欲聋的怪声,她的七颗头全都露了出来,她迫不及待地扑进屋里,立刻又警觉地问道:


麦赫图姆素拉啊,我怎么就觉得你的哥哥在家呢,不然怎么会有人的气味?”麦赫图姆素拉镇定地答说:


哥哥还未回来呢。如果真的来了,那么他的高头骏马会在圈里,双城利剑会挂在屋里,敏捷的猎鹰会在原位,旺旺狗会在门前啊!”


你在撒谎,钦帖木儿勇士就在屋里,不然哪来人的气味,他肯定是躲起来了!”狡猾的老妖婆说。


麦赫图姆素拉接着又回答说:


今天我洗了哥哥的衬衫和衬裤,又把洗衣水泼在了屋里,才会有他的气味。”


听完,老妖婆这才向里屋走去。她照旧将麦赫图姆素拉吊起,正准备要吸她的血,突然,钦帖木儿勇士从隐身的洞穴中跃起,挥起手中的双城利剑,只听老妖婆“啊!”的一声惨叫,一颗头落地。她恶狠狠地冲着钦帖木儿说:“既然你砍下了我一颗头,看你还怎么对付我这剩下的六颗头呢?!”话音未落,他们便刀来剑挡,战成一团。苦战了整整一天一夜,钦帖木儿勇士又砍下老妖一颗头。困在屋里的老妖婆,一时找不到出逃的良机,只好又和钦帖木儿勇士打斗了一天一夜。钦帖木儿勇士又砍下她一颗头。一连失去三颗头的老妖婆战的越发凶残。钦帖木儿还是砍下她一颗头,老妖婆开始四处逃窜。就在这当儿,钦帖木儿抓紧时机又砍下她一颗头。老妖婆已经战的精疲力竭,眼睛瞪得比铜铃还要大。她正要从门口逃窜,却被钦帖木儿挥剑拦住。最后,钦帖木儿勇士就连她的第六颗头也砍下。老妖婆只剩下一颗“命角”了。老妖婆施尽魔力,只好化作一股黑旋风,从烟囱里逃了出来,恶狠狠地丢下话说:“哼!哼!麦赫图姆素拉,你等着瞧吧,你等着瞧吧!”


可是,钦帖木儿哪肯放过她,立刻骑上他的高头骏马,在后面紧追不舍。麦赫图姆素拉很快解开了拴着的旺旺狗,去帮助哥哥对付老妖婆。钦帖木儿还是追上了老妖婆,她只好应战。他们苦战到天黑,这时,钦帖木儿的旺旺狗扑上来,开始撕咬老妖婆的大腿。不一会儿,老妖婆败下阵来倒下,直到被旺旺狗咬死。钦帖木儿提着老妖婆最后一颗头,兴高采烈地回家了。


就这样,他们又象从前那样自由快乐地生活着。麦赫图姆素拉也渐渐恢复了往日的容颜。她有着明月般皎洁的面颊,柳眉杏眼、樱桃朱唇、婀娜身段,是位绝色美人。只要是有幸能看过她花容月貌的人,都会为她废寝忘食。


过了段日子,钦帖木儿勇士感觉烦闷了,想要出去打猎了,临走吩咐妹妹说:


妹妹啊,我又要去打猎了,你千万不要出门,更不要在河边梳头呀!”


钦帖木儿和妹妹道别之后,就外出打猎了。麦赫图姆素拉按照哥哥的吩咐,几天过去都没有出门。但是,日复一日地,她独自在家感觉烦闷,还是出门了。她来到门前的小河边,看到清澈见底的流水,忍不住望着水中的倒影梳起了长发。可是,她那乌黑的长发不慎落入水中,直径流到蒙古王殿中的水池里。正值匈奴王子沃孜木赫和侍卫们围坐池边,又遇王子步入池中沐浴,那些长发缠绕在王子手指间。王子看到如此秀美的长发,不禁惊奇地询问侍卫说:


这些头发如此的秀长,不知是哪位美人的头发呢?”侍卫回答:


尊贵的王子啊,这好像就是伊犁河谷的美人——麦赫图姆素拉的长发啊。她还有个哥哥,就是大名鼎鼎的钦帖木儿勇士,至今还没有一个人能象他那般骄勇啊!”


蒙古王子沃孜木赫还未见到麦赫图姆素拉的芳容,心里就产生了深深的爱慕之情。他为此变得终日郁郁寡欢,就干脆召集将领们商讨对策,为了得到麦赫图姆素拉,他率领大批军帅启程了。经过几天几夜的路程,他们终于到达钦帖木儿勇士的住处,并包围了它。麦赫图姆素拉为了躲避他们,便爬上了屋顶,对着他们喊道:


你们这些兵卒,真不知羞耻呀!为我这样一个弱女子却动用如此多的兵力,哪儿有什么仗义可言?如果我的哥哥钦帖木儿勇士回来了,看你们怎么抵得了他?!”


可是,看到麦赫图姆素拉花容月貌的蒙古王子,对她越发地喜爱,就对着她喊叫:


麦赫图姆素拉啊,请你应了我吧,不然我只好会将你强行带走!”听到他的话,麦赫图姆素拉更加愤怒了,忍不住爬下屋顶。哥哥临行前曾吩咐她说:“如果你遭遇了不幸,就放飞家里的鹰,不管我身在何处,它都会给我报信。”麦赫图姆素拉望着密密麻麻的士卒,把鹰抛向空中。而她自己挥舞着利剑,只身和强盗们交战了,并且消灭了许多敌人。至此,哥哥钦帖木儿勇士得到消息也很快赶到。他毫无惧色、挥动着手中的双城利剑,和成千上万的敌人展开了激烈的搏斗。无力应对钦帖木儿勇士的敌人开始纷纷四处逃窜。蒙古王子沃孜木赫望着那些残兵败将威胁道:


你们居然就被两个人吓跑了啊?谁要是作了逃兵,我决不饶他!”说完,便召集四处逃蹿的兵卒,亲自率兵继续作战。


沃孜木赫自己带领几十个大力士,一并逼向钦帖木儿勇士。刺刀利剑在激战中相互碰撞星火四溅。可是,双方都战得难舍难分、不相上下。麦赫图姆素拉见状,便不安起来。她心里琢磨着:“哥哥可千万别受伤了啊,与其让哥哥身体受残,不如让我一个人消失了罢!”便对着哥哥苦苦哀求道:“亲爱的哥哥啊,敌人不计其数,而且穷凶极恶。就求你停战吧,就是死也让我一个人来担当,只希望你能平安啊!”


  钦帖木儿勇士望着自己心爱的妹妹说:


  “亲爱的妹妹啊,千万别再为我担忧,我号称“勇士”,岂能在敌人面前低头,与其那样,不如让我死去为好啊!而我又怎么舍得离开我的心肝妹妹呢!所以,我绝不会停战!”说完便继续和敌人交战了。


  苦战中,蒙古兵卒被杀的所剩无几,蒙古王装备齐全的援兵赶到。黑压压的兵卒,纷纷拉弓射箭逼向钦帖木儿勇士。沃孜木赫看到如此势头,借机劫持了麦赫图姆苏拉,在纷乱中逃离而去。钦帖木儿和强盗们苦战了七天七夜,让所有的敌人尸首分了家。


  当他环顾四周,却不见自己的妹妹麦赫图姆素拉。钦帖木儿勇士抑制不住内心的悲愤,毅然骑上他那匹高头大马,开始了寻找妹妹的路程。不知翻越过多少山川和野岭,穿过多少戈壁荒漠,他不知疲惫地找啊!找啊!最后,他跨过伊犁河,来到特克斯山上一个叫做科克土坡的村庄里。原来那里的人们,很早就听说过传闻中的钦帖木儿勇士,便热烈地迎接了这位勇士。在人们的盛情挽留下,他便留在了那里,通过放牧很快变得非常富有了。即使这样,还是不能让他开心。他终日思念着妹妹麦赫图姆素拉,日日夜夜为她伤心流泪,最终把两只眼睛哭瞎了。


  话说麦赫图姆素拉:


  蒙古王子得到美人麦赫图姆素拉后,在宫里举行了四十天四十夜的盛大婚礼,强行与她成了亲。不久,他们有了两个儿子。可是,麦赫图姆素拉还是一心想着要和哥哥团聚,时刻不忘找机会从强盗们手里逃走。


  有一天,麦赫图姆素拉来到蒙古王面前,请求他能准许她到河边游玩。蒙古王心想,她在这里已经有了两个孩子,应该服帖他们了,便答应了她。蒙古王有一匹千里马,只有蒙古王才能骑它。麦赫图姆素拉却骑上它,由四十位宫女和侍卫护驾着启程了。他们来到伊犁河边停下,安扎起一排排营帐。各类佳肴锅里炖着、马奶酿制的酒一皮囊一皮囊地立着。接着,麦赫图姆素拉为他们开设了盛宴。她端着盛在木质鞋形酒杯中的酒,亲自向每位宫女和侍卫一一敬酒助兴。不一会儿功夫,他们被灌得东倒西歪。麦赫图姆素拉借机骑上千里马,飞快地横渡到伊犁河对岸。方才知道事情不妙的蒙古侍卫,想到回去也会遭到砍头的厄运,立刻紧追到伊犁河边。但是,他们中任何人的马都没能渡过这条伊犁河。原来,除了蒙古王的那匹千里马外,任何动物都过不了这条河。那些无计可施了的蒙古侍卫只好恳求她:


  “麦赫图姆素拉啊!你可别让自己的两个孩子成了活孤儿呀,赶快回头吧!”麦赫图姆素拉却说:


把我的两个孩子带过来,我就上岸。”


侍卫立刻回到蒙古王宫里,带出她的两个孩子。其中,大的叫“阿卡尔”(意:流走),小的叫“乔卡尔”(意:淹没)。麦赫图姆素拉望着侍卫说:


把我的长子抛进河里吧,兴许我不忍骨肉分离就会回头!”


侍卫就将“阿卡尔”抛进河里,孩子随着汹涌的波涛流走了。可是麦赫图姆素拉并没有动摇。


侍卫们便商议说:麦赫图姆素拉平日尤为疼爱幼子,可能会为了救儿子而下河。便把“乔卡尔”也扔进河里,孩子立刻被河水吞噬了。麦赫图姆素拉肝肠寸断、悲痛欲绝。即便如此,她想要找到哥哥的心愿还是没能让她放弃。她对着蒙古侍卫们喊道:


你们这些禽兽不如的强盗们,我连自己的骨肉都没有给你们留下,在你们那里,我已经没有任何牵挂了!”说完策马而去。蒙古侍卫无法渡河,只好回去了。


麦赫图姆素拉跋山涉水,越过许许多多的山川和戈壁,来到一片美丽的大草原。抬眼望去,看到大片成群的骆驼在吃草。麦赫图姆素拉向牧驼人询问道:“这么多的骆驼是谁的啊?”


它们都是钦帖木儿瞎子的骆驼。”牧驼人回答说。


那么,他又是怎么失明的呢?”麦赫图姆素拉接着问。


他的妹妹麦赫图姆素拉曾被强盗们抢走了,为此,他过度伤心流泪,就这样把眼睛哭瞎了。”牧驼人回答。


麦赫图姆素拉又问:“那么,他现在又在哪里?”


牧驼人回答:“我们也不知道他在哪里?”


麦赫图姆素拉接着走啊!走啊!又走过一程后,便遇到许许多多的马群。她又向牧马人询问哥哥的下落,他们也作了同样的回答。她又继续往前赶了一程,她遇到成群结队的牛羊。她过去问那牧人,而他也作了同样的回答。最后,他看到专门在一边看管小牛犊的牧童,便上去苦苦哀求道:


我亲爱的小兄弟啊,求你告诉我钦帖木儿勇士到底在哪里?”


牧童勉强说:


钦帖木儿瞎子啊,他在一个叫做阿力图温泉的地方。”麦赫图姆素拉苦苦地哀求他说:


我就是钦帖木儿勇士的妹妹,求你把我带到他那里!”牧童说:


我不能离开牧群,如果牛犊们走失了,我该怎么办?”便没有答应她。


麦赫图姆素拉说:


这样吧,我来帮你照看牧群,你帮我带上这个包袱。如果我的哥哥钦帖木儿勇士不相信你的话,你就拿这个苹果往他眼睛上擦,他的眼睛就会复明的。”


说完就把苹果放在牧童手里了。


牧童拿着苹果上路了。他把消息带给了钦帖木儿勇士,可是他怎么也不敢相信那是真的。牧童见状说:


“阿拉木图的苹果,


就是麦赫图姆素拉的苹果。


要不是有麦赫图姆素拉,


又哪儿来她的包裹?!”


说完,牧童将苹果在钦帖木儿眼睛上轻轻擦过,他的眼睛立刻就能看得见了。钦帖木儿勇士谢过牧童,随着他来找妹妹麦赫图姆素拉。兄妹俩见了面百感交集,抱头痛哭在一起。从那以后,他们便过上了幸福安宁的生活。





Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1416
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 319
تۆھپە : 0
توردا: 79
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 14:37:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەھرىرلىگۈچ ئاجايىپ -دە.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  166
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 959
تۆھپە : 2
توردا: 199
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 16:38:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دىيارىمىزنىڭ رەڭدار تاشلىرى

ئېسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىدغانلار ئۈچۈنمۇ ياخشى بىر ئوقۇشلۇق بولغۇدەك. ئىجادىيتىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن!

ھەقىقى بايلىق روھى بايلىقتۇر

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1699
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 177
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 23:43:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ باشقا مىللەتكە بىلدۇرۇش مەخسىتىدە قەلەم ئالغان قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن........

دۇنيادا ھەممە نەرسە تۈگەيدۇ قۇرۇپ، پاك مۇھاببەت قالىدۇ مەڭگۈلۈك بولۇپ........

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 21:43:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ تەرجىمىسىنى كىم قىلغان بولغىيدى؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  385
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 179
تۆھپە : 2
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 22:04:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ي.ت.توغراق يوللىغان ۋاقتى  2012-9-3 21:43
بۇنىڭ تەرجىمىسىنى كىم قىلغان بولغىيدى؟


كۆز ئەينەك تاقاپ باقسىڭىز كۆرەلەيسىز. مۇختار قۇربان دەپ يېزىقلىق تۇرىدۇ....



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   غازى ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-4 10:56  


ئويلايمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت!

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  177
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1673
تۆھپە : 0
توردا: 536
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-4 10:55:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارغتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2012-9-3 22:04
كۆز ئەينەك تاقاپ باقسىڭىز كۆرەلەيسىز. مۇختار قۇربان د ...

مۇنبەرنىڭ قىزغىن كەيپىياتىنى بۇزىدىغان،ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزىدىغا بۇنداق تەنە،مەسخىرە... خاراكتىردىكى ئىنكاسلار يىزىلمىسۇن!!! چۈشەنمەسلىكلەرگە توغرا چۈشەنچىلەر بىرىلسە بولىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  385
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 179
تۆھپە : 2
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-5 19:36:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غازى ئوغلى يوللىغان ۋاقتى  2012-9-4 10:55
مۇنبەرنىڭ قىزغىن كەيپىياتىنى بۇزىدىغان،ئىتتىپاقلىق ...

تۈزىتەي

ئويلايمەن، شۇڭا مەن مەۋجۇت!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2190
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 10
تۆھپە : 0
توردا: 1
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-11 21:47:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى بوپتۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2273
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 396
تۆھپە : 0
توردا: 52
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-26 20:04:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بىر ئىشقا قةلةم تةۋرىتىپىسز،تةپةككۇرىڭىز شاش، قةلةمىڭىز ياش بولسۇن،ھارماڭ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش