ximal
كۆرۈش: 115|ئىنكاس: 1

تۇران تىكلىگەن ئابىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 12:25:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇران تىكلىگەن ئابىدە
ئەمەت دەرۋىش
(ئادىل مۇھەممەت تۇراننىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»ناملىق كىتابىنى ئوقۇپ)
ئىنسانىيەت بىلىش تارىخىنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا  كونىدىن يېڭىغا ئىنتىلىش، كونا ئاساسىدا يېڭىنى ئىختىرا قىلىش ، تۇرغۇن ھالەتتىن ئۆزگەرتىش ۋە يېڭىلاشقا يۇزلىنىشتە ئەجداتلاردىن قالغان تەۋەرۇك مىراسلارنىڭ ئەھمىيىتى ناھايتى زور بولغان. ئۇ ئىنساننى ئختىراغا يېتەكلەپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزلىكنى تونۇتۇش ۋە كەلگۇسى ئۇچۇن يول ئىزدەشكە رىغبەت بەرگەن. ئەجداتلاردىن قالغان ئەشۇ تەۋەرۇك مىراسلار قايسى دەۋىردە نېمىگە مۇناسىبەتلىك بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئەشۇ تارىخنىڭ ھايات گۇۋاچىسىلىق رولىنى ئويناپ، بىر پۇتۇن مەدەنىيەت سېستىمىسى بەرپا قىلىش، تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە گۇللەندۇرۇشتە قىممىتى زور بولغان.
دۇنيانىڭ مەدەنىيەت تارىخى ھەر قايسى تارىخى قاتلاملاردا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ئاكتىپ رول ئوينىغان ئۇرۇغ،قەبىلە ، مىللەتنىڭ ئىختىراۋى ئېڭىدىن شەكىللەنگەن خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت  ئۇندۇرمىسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ كېيىن شەكىللەنگەن مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ ئىپتىخارى سۇپىتىدە كېيىنكى تەرەققىيات ئۇچۇن بەلگۇلۇك تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن. ئۆز چەمبىرىكىدىن ھالقىپ چىقىپ كەتكەنلەر ئۇچۇن ئۆزلىكنى بىلىش ۋە چۇشىنىش يولى بولسا، ئۆزلىك چەمبىرىكى ئەتراپىدا گاڭگىراپ تۇرغانلار ئۇچۇن بىر نۇرلۇق ماياك بولغان.
ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ئۇنىڭ ساپاسى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.بەزى مىللەتلەر ئىلگىرىكى تارىخى دەۋىرلەردە باشقا تەرەققى قىلغان مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات يولىدىن مېڭىپ، كېيىنچە ئۆزىگە خاس يولغا ئىگە بولسا، بەزى مىللەتلەر كېيىن تاپقان ئەنە شۇ يولدىن مېڭىپ، ئۆزىگە مەدەنىيەت ئۇستازى بولغان مىللەتلەردىن مەدەنىيەت جەھەتتە ئېشىپ چۇشىدىغان ئەھۋال يۇز بېرىپ، تارىخ سەھنىسىنىڭ شاھنىشاھلىق تەختىدىن ئورۇن ئالىدىغان ، شۇ تۇپەيلى ئىلگىرىكى مەدەنىيەت ئۇستازىلىق رولىنى ئوينىغان مىللەتلەرنى كەمسىتىدىغان ، پەس كۆرىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ.مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدا ، تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغان مىللەتلەر ئەۋلاتلىرى ئۆزىدىن گۇمانلىنىدىغان ، نۇمۇس قىلىدىغان،ئەجداتلىرىدىن زارلىنىدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ. بۇ يەنىلا تارىخنى ئۇگەنمىگەنلىك ،ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بەرمىگەنلىك بولۇپ،ئەجداتلارنىڭ ئىختىراۋى ھاياتىغا گۇمان بىلەن قاراپ، ئۆزلىكتىن ياتسىرايدىغان ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپكار ئامىللارنىڭ بىرى. مانا مۇشۇ خىل ئەمىليەتتىن قارىغاندا ، تارىخ ئۇگىنىش ئارقىلىق يىلتىز ئىزدەش، تارىخ ئۇگىنىش ئارقىلىق ئۆزلىكنى تونۇش، تارىخ ئۇگىنىش ئارقىلىق ئەۋلادلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىش ، چۇشىنىش ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇش ، تارىخ ئۇگىنىش ئارقىلىق كەلگۇسى ئىستىقبالىنىڭ يولىنى ئىزدەش ، تارىخ ئۇگىنىش ئارقىلىق تەپەككۇر يوللىرىنى ئېچىش ۋە ھاياتقا بولغان ئۇمۇدۋارلىقىنى كۇچەيتىش تەرەققىياتقايۇزلىنىشنى ئۆزىنىڭ ھاياتى يولى دەپ بىلگەن مىللەتلەر ئۇچۇن ئۆزىنىڭ ئاساسىنى تىكلىگۇچى بىر خىل مەنىۋى تۇۋرۇك.
تارىخ ئەجداتلارنىڭ ياشاش يولىدىكى ئىختىراۋى پائالىيىتىنىڭ ھايات گۇۋاچىسى. ئۇ مەيلى قايسى مەزمۇندا، قايسى شەكىلدە ۋە قايسى ئۇسۇلدا مايدانغا كەلگەن بولمىسۇن، ئەينى دەۋىر ئىجتىمائى شارائىتىدىكى ئىجتىمائى ئاڭنىڭ تۇرۇتكىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكى ئۇچۇن ئۇنى ئەينى دەۋىر شارائىتىغا باغلاپ چۇشۇنىش، بىلىش ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا توغرا باھا بېرىش زامانىۋى ئاڭغا ئىگە مەدەنىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ۋىجدانىي تۇيغىسى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بىر خىل پائالىيىتى.
ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى بولۇپمۇ مەشھۇر يىپەك يولىنىڭ موھىم تۇگۇنلىرى بولۇپ ھېساپلانغان دەشت ئاتا، تۇرپان،قۇمۇل،بېشبالىق،قاراشەھەر،كۇچا قەشقەر،خوتەن قاتارلىق شەھەرلەر مۇشۇ زېمىندا ياشىغۇچى ئەجداتلارنىڭ مۇشۇ زېمىنلارنى كۆكەرتىش يولىدىكى ئەجىر-ئەقىدىلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان. ئۇلار دۇنياۋى خاراكتىرنى ئالغان ئۇچ چوڭ دىن (بۇددا،خىرىستىيان،ئىسلام) ئۇچ چوڭ مەدەنىيەت (جۇڭگۇ،يۇنان،ھىندى) ۋە ئۇچ چوڭ ئىقتىساد (چارۋىچىلىق،دىھقانچىلىق،قول ھۇنەرۋەنچىلىك) نىڭ تەڭلا ئۇچرىشىدىغان ۋە بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان موھىم بازىلىرى بولۇپ، دۇنياۋى سەنئەت ئۇنتۇلغۇسىز نەتىجىلىرىنى مانا مۇشۇ كېسىشمە نوقتىلىرىدا بەرپا قىلغان. ئەجداتلارنىڭ جاھاننى تاڭ قالدۇرغان ئاجايىپ نەپىس سەنئەتلىرى مانا مۇشۇ زېمىندا بارلىققا كېلىپ، ئەجداتلار ئىختىراۋى ھاياتىنىڭ تىندۇرمىلىرىغا ئايلانغان.ئەپسۇس، كوپ قېتىملىق مەدەنىيەت يۆتكۇلۇش ھادىسىلىرى تۇپەيلى بۇلار يەر ئاستىغا كۆمۇلۇپ قېلىپ، بۇ زېمىننى يەر ئاستى مۇزىيغا ئايلاندۇرغان. تارىخقا قىزىققۇچى تېنىمسىز ئىزدەنگۇچىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىنى ھەمىشە مۇشۇ زېمىنغا تىكىپ تۇرۇشى مۇشۇ زېمىندىكى كۆپ ئەسىرلەر داۋامىدا سىرتى كوپ قەۋەتلىك سېھىرلىك قاراشلار بىلەن قاپلانغان ، ئىچكى خەزىنىسى تېخى ئۆزىنى ئاشكارىلىمىغان تىلسىماتتىن بىرەر بايلىققا ئىگە بولۇشنى كۆزلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ.
تەتقىقاتچى ئادىل مۇھەممەت تۇران ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەجر-ئەقىدىلىرى ئارقىلىق، دۇنيا كۆز تىككەن مۇشۇ سېھىرلىك تىلسىماتتىن بىر يۇچۇق ئېچىپ، ئۇنىڭدىكى مول مەدەنىيەت مىراسلىرىنى  دەسلەپكى قەدەمدە كىتاپ شەكلىدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىلمى ئەمگىكىنىڭ بىرسى بولغان  «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جەۋھەرلىرى » ناملىق يىرىك ئەسىرى تارىخ ۋە ئارخىلوگىيە تەتقىقاتى ساھاسىگە قوشۇلغان بىر شانلىق نەتىجە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
كىتاپ ھەجىم جەھەتتىن بىر قەدەر زور بولۇپ، 18 باب ،كىرىش سۆز ۋە ۋە قوشۇمچە قىلىنغان «مەڭگۇ تاشلار» ماۋزۇسى قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. كىتاپتا كىتاپ مەزمۇنىغا ماس ھالدا بېرىلگەن رەڭلىك ۋە رەڭسىز قىممەتلىك رەسىملەر ئەسەر مەزمۇنىنى كۇچەيتىش ۋە ئۇنىڭ ئىجابى قىممىتىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇپ، كىشىدە چىنلىق تۇيغۇسى پەيدا قىلىشتا ئالاھىدە رول ئوينىغان. «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جەۋھەرلىرى »غەربى دىيار دەپ ئاتالغان مۇقەددەس ئانا ماكاننىڭ يىراق ئۆتمۇش مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرغۇچى ئىشەنچ ئاساسىغا بىنا بولغان يىرىك ئىلمى تەتقىقات بولىشى سۇپىتى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى مەزمۇن قاتلاملىرىنىڭ رۇشەن ، تىماتىكىسىنىڭ ئىنىق، پاكىتلىرىنىڭ ئەمەلى،تەتقىقاتلىرىنىڭ ئىلمى،كەلتۇرگەن سىتات ۋە دەلىللىرىنىڭ پاكىتلىق بولىشى بىلەن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك. ئەسەرنى ئەستايىدىل كۆرۇپ چىققاندا، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل ئالاھىدىلىكنىڭ جارى قىلىنغانلىقىنى كۆرىۋالغىنى بولىدۇ.
بىرىنچى،«شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جەۋھەرلىرى » دىيارىمىزنىڭ يىراق ئۆتمۇش مەدىنىيىتىنى كوز ئالدىمىزغا زاھىر قىلغۇچى «جاھاننەما» .
تارىخى مىراسلار ئەجداتلار قالدۇرغان تەۋەرۇك ئىز، يالداما. ئۇ ئەۋلاتلارنى ۋەتەنپەرۋەر،خەلقپەرۋەر،ئىنسانپەرۋەر،بىلىملىك ، ئەخلاقلىق ،ئىجاتكار قىلىپ تەربىيلەشنىڭ ، ئەجداتلاردا غۇرۇر،ۋىجدان تۇيغۇسى يېتىلدۇرۇشنىڭ ، ئۆزىنى سۆيۇپ، قۇلچىلىقتىن ئازاد بولۇشقا يېتەكلەشنىڭ جانلىق دەرسلىكى. ئەۋلاتلار ئەجداتلاردىن قالغان ئەشۇ قەدىمقى بويۇملار ئارقىلىق ئەجداتلارنىڭ ئىجاتكار روھىدىن ئۇمىدلىنىش بىلەن بىرگە ئوزىدە پەخىر تۇيغۇسى يېتىلدۇرۇپ، ئىجاتقا ئىنتىلىدۇ. تارىخ كىشىنى ھامان ئاچچىق ئەسلىمىلەردىن ساۋاق ئېلىپ، قانۇنىيەت بويىچە ئىش كورۇشكە ئۇندەيدۇ. «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جەۋھەرلىرى »ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ بۇندىن 20-30مىڭ يىللار ئىلگىرىكى پائالىيىتىدىن تارتىپ، تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە  بولغان بىر پۇتۇن تارىخىنى ئوز تەرەققىيات يولى بويىچە ئەينەن يەتكۇزۇپ بەرگەن. كونا تاش قۇراللار دەۋرى،يېڭى تاش قۇراللار دەۋرى ،بىرۇنزا قۇراللار دەۋرى ۋە تومۇر قۇراللار دەۋرى مەدەنىيىتىنىڭ ئىزنالىرى ، مەدەنىيەت جۇغلانما بازىلىرى ۋە ئۇ يەرلەرنى مەركەز قىلىپ تارقالغان مەدەنىيەت ئەۋرىشكىلىرى ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەزەلدىن تارتىپ مۇشۇ زېمىننى ماكان قىلىپ ياشىغانلىقى ۋە ئوزىدە مەدەنىيەت تىپى ھاسىل قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق سەھىپىسىنىڭ بەرپا بولىشىدا بەلگۇلۇك يېتەكچىلىك رول ئوينىغانلىقىنى پاكىت بىلەن دەلىللەپ بەرگەن. كىتاپنىڭ بۇ جەھەتتىكى قىممىتى ئانتىروپولوگلار، تارىخچىلار،ئەپسانە-رىۋايەتشۇناسلار ۋە ئارخىلوگىيە تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۇچۇن ناھايىتى قىممەتلىك. ئۇنىڭدىكى ئىپتىدائى مەدەنىيەتنىڭ چوكمىلىرىدىن بولغان ھەر قايسى تارىخى دەۋىرگە ئائىت ھەر خىل قۇراللار ئۆز دەۋرىنىڭ ماددى مەدەنىيىتىدىن گۇۋالىق بەرگۇچى سۇپىتىدە نامايان بولۇپ تۇرسا، ماددى مەدەنىيەتنىڭ موھىم تەركىبى قىسمى بولغان مەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ھايات گۇۋاچىلىرى بولغان ئىپتىدائى دەۋىر قىيا تاش سىزمىلىرى بۇ زېمىندا ياشىغۇچى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ مەنىۋى پائالىيىتنىڭ ئومۇمى ھالىتىنى كوز ئالدىمىزغا زاھىر قىلىپ تۇرماقتا. «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جەۋھەرلىرى » گە كىرگۇزۇلكەن قۇتۇبى ناھىيىسىنىڭ قىزىلتاغ قىياتاش رەسىملىرى ، گۇما ناھىيىسىنىڭ سانجۇ بازىرى سانجۇ دەرياسى جىلغىسىدىكى قىيا تاشقا سىزىلغان سانجۇ قىياتاش رەسىملىرى، گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدىكى كىيىكتۇز جىلغىسىغا سىزىلغان كىيىكتۇز قىياتاش رەسىملىرى ، قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ چىپان يېزىسىنىڭ ئازغانسال قىياسىغا سىزىلغان ئازغانسال قىياتاش رەسىملىرى،ئالتاي قىياتاش رەسىملىرى،چەرچەن ناھىيىسىنىڭ مولچەر دەرياسىنىڭ قىياسىغا سىزىلغان مولچەر قىياتاش رەسىملىرى، توقسۇن ناھىيىسىنىڭ پەنجىر تاغ قىياسىغا سىزىلغان پەنجىر تاغ قىياتاش رەسىملىرى قاتارلىق قىياتاش رەسىملىرى توپى نەچچە ئون مىڭ يىلدىن نەچچە مىڭ يىلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئىنسانىيەتنىڭ تۇرمۇشى ، ئىتقادى ۋە سەنئىتىنى چۇشۇنۇشكە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. ئۇلار ئوزىگە خاس يەرلىك خۇسۇسىيەت بىلەن تويۇندۇرۇلغانلىقىغا قارىماي، ئىنسانىيەت تەپەككۇر روھىيىتىنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىنى چۇشەندۇرۇپ بېرىدىغان ھۆججەت بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. كىتاپتا بۇ مەزمۇنلارنىڭ ئورۇن ، ۋاقىت، مەزمۇن قاتارلىقلارنى موھىم چۇشۇنىش ۋاستىسى قىلغان ھالدا تەپسىلى بايان  قىلىنغانلىقى بىرى، ئاپتۇرنىڭ ئىزدىنىش كۇچىنىڭ يۇقۇرىلىقىنى، ئىرادىسىنىڭ كۇچلۇكلىكىنى چۇشەندۇرۇپ بەرسە، يەنە بىرى، مۇشۇ ئەسەرنىڭ پايدىلىنىش ، ساقلاش قىممىتىنى يۇقۇرى كوتۇرۇپلا قالماستىن، پايدىلانغۇچىلار ئۇچۇن قىممەتلىك ماتىرىئال ئامبىرى بولۇش رۇلىنى ئوينىغانلىق تەرىپىدىمۇ ئالاھىدە قىممەت ياراتقان.
ئىككىنچى،  «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جەۋھەرلىرى »ئېتىقادنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئالمىشىپ تۇرغانلىقىنى كورسۇتۇپ بەرگۇچى بەلگە.
ئېتىقاد ئىنسانىيەتنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا شەكىللەنگەن ئىلاھى قۇدرەتكە تېۋىنىدىغان بىر خىل پائالىيىتى.ئىنسانىيەت ئېڭىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ئىجتىمائى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى تارىخى قاتلاملىرىدا ئوخشىمىغان ئېتىقاد ئوبىكتىلىرى ۋە شەكىللىرى بارلىققا كەلدى. ئىپتىدائى ئاخىرقى تۇتىمدىن كېيىن شەكىللەنگەن شامان، بۇددا، خىرىستىيان ۋە ئىسلام دىنى ئېتىقادى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىنى مەركەز قىلىپ ، ئوز- ئارا تەسىر كورسىتىشتى ۋە ئومومىلاشتى. دىيارىمىزدىن تېپىلغان بالباللار بۇندىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىكى يېڭى تاش قۇراللار ۋە بىرۇنزا قۇراللار دەۋرىدىلا ئىلاھى تېۋىنىش ئوبىكتىلىرىنى ناتۇرال ياكى كوپتۇرۇلگەن ھالەتتە مەيدانغا كەلكەنلىگىنى ئىسپاتلاپ  بەردى. بالباللار جەڭ مەيدانلىرىدىكى غەلبىنى تەبرىكلەش، كوچمە خانلىق ياكى قەبىلە ئىتتىپاقى بارىگاھلىرى ئالدىغا خاتىرە ھەيكىلى ئورنىدا بېكىتىش ، شۇنىڭدەك مەشھۇر كىشىلەرنىڭ قەبرىسى ئالدىغا ئورنۇتۇش قاتارلىق ئوخشىمىغان مەقسەتلەر ۋە مەزمۇنلاردا ياسالغان.كىتاپقا كىرگۇزۇلكەن «ئالتاي چىڭگىل قاراڭغۇ توقاي بالبىلى» بىلەن «ئالتاي شەمشىرىك قاينار بالباللىرى» ئىپتىدائى ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتى دەۋرىدە شەكىللەنگەن سېھىرلىك تەسۋىرى سەنئەت- ھەيكەلتاراشلىق سەنئىتىنىڭ ئۇندۇرمىسى تەرىزىدە مەيدانغا كەلگەن سەنئەتنىڭ بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ، مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن تاكى ئوتتۇرا ئەسىر لەرگىچە بولغان ئۇزاق تارىخى مەزگىللىك جەرياننىڭ ئومۇمىي مەدەنىي ھاياتىدىن بىزگە ئۇچۇر بېرىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا بىرى، ئەجداتلىرىمىزنىڭ ھەيكەلتاراشلىق تەسۋىرى سەنئىتىنىڭ تارىخىى ئوز ئىپادىسىنى كۆرسەتكەن بولسا، يەنە بىرى، ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەھرىماننى ئۇلۇغلاش ، ھۆرمەتلەش قارىشىنىڭ ئىپادىلىرى رۇشەن كورۇنۇپ تۇرىدۇ. بىز كىتاپتىكى قىياتاش سىزمىلىرى ۋە بالباللارنىڭ ئەينى تەسۋىرى سۇرىتى ۋە ئۇلار ماكانلاشقان جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك تەپسىلاتى ، كاربۇن 14 لىك تەجرىبە ئېنىقلىمىسى ، رەسىم ۋە بالباللار مەزمۇنىدىن ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئەينى دەۋىر ھايات پائالىيەتلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ۋە مۇشۇ مەزمۇننى ۋۇجۇتقا چىقىرىشتا تاللىۋالغان ئالاھىدە سەنئەت ۋاستىسىدىن ئۇلارنىڭ سىتىتىك قاراشلىرىنى ئىنىق بىلىۋالالايمىز. مەسىلەن،كىتاپقا كىرگۇزۇلگەن، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مۇزىيدا ساقلىنىۋاتقان ئارچات بالبىلى تاڭ دەۋرىدىكى تۇركلەرنىڭ بالبىلى بولۇپ، گىرانىت تاشتىن ياسالغان. بالبالنىڭ يۇز شەكلى كەڭ ۋە يۇمۇلاق،ياڭىقى سەل ئېگىز، كوزى يۇمۇلاق، بۇرۇتى بار . بوينىغا مارجان ئاسقان، ئۇستىگە قايرىما ياقىلىق ئۇزۇن تون، پۇتىغا ئوتۇك كەيكەن . بېلىگە كەمەر باغلاپ، خەنجەر ، بىلەيتاش ۋە كىچىك خالتا ئېسىۋالغان. سول قولىدا خەنجەرنىڭ دەستىسىنى ، كۆكرىكى ئالدىدىكى ئوڭ قولىدا جامنى تۇتۇپ تۇرغان ھالىتى تەسۋىرلەنگەن.( «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جەۋھەرلىرى 144-بەت» )بالبالنىڭ پورتىدىن ئۇنىڭ تۇرك ئادىمى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالساق، ئۇنىڭ كېيىنىش ئادەتلىرى بولغان قايرىما ياقىلىق ئۇزۇن تون، ئوتۇك ، بېلىگە كەمەر باغلىغان ۋە كەمەرگە ئېسىغلىق خەنجەرنى تۇتۇپ تۇرغان ھالىتىدىن ئۇنىڭ قەيسەر ، باتۇرلۇققا ئىنتىلىدىغان ئومۇمىي ئالاھىدىلىكىنى بىلىۋالالايمىز.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، مۇشۇ بالبالنىڭ تاش جەسەت ساندۇقىغا جەسەت كۇلىنىڭ قاچىلانغانلىق ئەھۋالىدىن جەسەتنىڭ خېلى قەدىمقى دەۋىرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ، تۇركىي تىللىق خەلقلەر ئىچىدە جەسەتنى كويدۇرۇپ دەپىن قىلىش ئادىتىنىڭ خېلى قەدىمقى دەۋىردىلا بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز. كىتاپتىكى بۇ مەزمۇنلار بىزگە ئەجداتلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش تارىخىدىن ئۇچۇر بېرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئورپ- ئادىتىنىمۇ تونۇشتۇرىدۇ.
ئوچىنچى، «شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى جەۋھەرلىرى »دىكى ئۇتۇقلارنىڭ يەنە بىرى،ئۇنىڭدىكى پىكىر ئىزچىللىقى تەرىپىدە كورىلىدۇ. ئەسەردە باشتىن ئاخىر ئەسەرنىڭ ئاساسى تىماتىكىسى بولغان مەدەنيەت يادىكارلىقلىرى جەۋھەرلىرنى نوقتۇلۇق تۇنۇشتۇرۇش مۇددىئاسى ئاساسىدا 18 باپتا بايان قىلىنغان مەزمۇنلار بىر-بىرى بىلەن ئورگانىك بىرلىككە ئىگە قىلىنغان. قەدىمقى مەدەنىيەتنىڭ پەيدا بولوش ئورۇن ، ۋاقىت تەرتىۋى ۋە ئۇلارنىڭ تۇرلىرى ئوزىنىڭ تەرەققىيات يونىلىشى بويىچە رەتلەنگەن. قەدىمقى يېزىق ۋەسىقىلىرى بايانىدا ئاتا – بوۋىلىرىمىز قوللانغان كىنگىت –كۇسەن تىلى ،كارۇشتى يېزىقى،سوغدى يېزىقى،ئۇدۇن يېزىقى، تۇرك-رونىك يېزىقى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى،چاغاتاي يېزىقى، توخرى تىلى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر، خەنزۇ يېزىقىدا قەغەزگە پۇتۇلگەن ۋەسىقىلەر ، تىبەت يېزىقىدىكى ياغاچ تارىشا پۇتۇكلەرقاتارلىقلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز تەرىپىدىن قوللىنىلىشى ئۇنىڭدا پۇتۇلگەن ۋەسىقىلەر، يېزىق ئالاھىدىلىكى، تىل تاۋۇشلىرىنىڭ ئۆزگىرىش ھالەتلىرى،  ۋە مۇشۇ يېزىق ئاساسىدىكى مەدەنىيەت بويۇملىرى تەپسىلى چۇشەندۇرۇلگەن بولسا، قەدىمقى بۇددا ئىبادەتخانىلىرى ۋە مەسچىت ، مازارلار تەسۋىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدىكى تارىخى بۆلگۇچ رول ئوينىغان ئىككى خىل مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۇرگۇچى بۇددا دىنى بىلەن ئىسلام دىنى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بىناكارلىق ئەسلىھەلىرىنى نوقتۇلۇق تۇنۇشتۇرغان. بۇلاردا بايان قىلىنغان پىكىرلەر ، قىستۇرما رەسىملەر ئىلگىرىكى باشقىلار تەرىپىدىن ئىزدىنىلگەن مەزمۇنلارنى قىستۇرۇپ بايان قىلىش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىجادىي ئىزدىنىش يولى ئارقىلىق بايان قىلىنغانلىقى ئۇچۇن ئوقۇرمەندە بەلگۇلۇك تەپەككۇر قىلىش تۇيغۇسى ئويغۇتۇش رولىنى ئوينىغان.بولۇپمۇ تىل –يېزىق قىسمىدا تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان  ئاتا-بوۋىلىرىمىز ھەرقايسى تارىخى دەۋىرلەردە قوللانغان يېزىق ۋە ئۇنىڭدا پۇتۇلگەن ۋەسىقىلەر ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىنى موھىم بولغان ماددى پاكىت بىلەن تەمىن ئەتكەنلىك تەرىپىدە ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە.ئەسەرگە قىستۇرۇلغان كىنگىت يېزىقىدىكى پۇتۇك، سوغدى يېزىقىدىكى ۋەسىقە  پۇتۇك،  كارۇشتى يېزىقىدىكى تارىشا پۇتۇك،ئۇدۇن يېزىقىدىكى نوم پۇتۇك، تۇرك رۇنك يېزىقىدىكى تاش ئابىدە، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا دىنى يازمىلىرى، ۋە كېيىنكى تارىخى دەۋىرلەردىكى چاغىتاي يېزىقى ۋەسىقىلىرى ئەجداتلاردا تارىخى مەدەنىيەت قارىشى تىكلەشتە ئالاھىدە قىممەتكە ئىگە.  
توتىنچى، ئەسەردىكى مەزمۇنلار ئەۋلاتلارنى ئەجداتلارنىڭ ئىختىراۋى روھىدىن ئورنەك ئېلىش ، شۇ ئارقىلىق ئجاتقا ئىنتىلىش روھىنى قوزغاشتا رولىنى جارى قىلدۇرغان. ئەسەردە تەپسىلى بايان قىلىنغان مەزمۇنلار ئاساسەن تەڭرى تاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى ھەر قايسى نوقتىلارغا تارقالغان مەدەنىيەت بويۇملىرىنى تونۇشتۇرۇش بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئوز تەرەققىيات ئىزىدا بايان قىلىنىشى ، بايان قىلىنغان مەزمۇنلارغا ماس قىستۇرما رەسىملەرنىڭ بېرىلىشى ئەسەرنىڭ تارىخى قىممىتىنى يۇقۇرى كۆتۇرۇپلا قالماستىن ، بەلكى كىشىدە بەلگۇلۇك سىتىتىك زوق ۋە پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئويغاتقانلىق بىلەن ئەھمىيەتلىك. گەرچە تارىخى ئىز ۋە تارىخى ئابىدىلەر خىرونولوگىيەلىك تەرتىپ بويىچە بايان قىلىنىپ چۇشەندۇرۇلگەن بولسىمۇ، ئۇلاردىكى رەسىملەر كىشىدە يۇكسەك ئىشەنچ قوزغايدۇ. ئوزلىكنى بىلمىگەن ياكى ئوزلىكتىن چەتنىگەن ،تارىختىن ، تارىخىدىن خەۋىرى بولمىغان بىر قىسىم ئوقۇرمەنلىرىمىزنى تارىخى بىلىملەر بىلەن تەمىنلەشتە مولچەرلىگۇسىز قىممەت ياراتقان.بولۇپمۇ ئەجداتلارنىڭ قوبۇل قىلىش ، ئىجات قىلىش، تارقىتىش،ئوموملاشتۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ خېلى بۇرۇنلا ئومۇملاشقانلىقىنى بىلىشتە، شۇ ئارقىلىق ئەۋلاتلارنى ئىختىراۋى روھ بىلەن قۇراللاندۇرۇپ، ئۆزىدە پەخىر ۋە ئىشەنچ تۇيغۇسى ئويغۇتۇشتا ئالاھىدە پايدىلىنىش قىممىتىنى ھازىرلىغان.               

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 16:27:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تورداشلار، تۇران چىن ئىخلاس ، مۇكەممەل ئەقىدە بىلەن بۇ ئەسەرنى يېزىپ چىقىپتۇ.ئەسەرنى ئالدىرىماي بىر قېتىم ئوقۇپ ، بەك تەسىرلەندىم،نەچچە مىڭ يىل مۇقەددەمدىكى ئەجداتلار ئىزىدىن بىزنى خەۋەردار قىلغانلىقىدىن سۆيۇندۇم، تورداشلارنىڭ بۇ كىتابنى بىر قېتىم تولۇق ئوقۇپ تۇگىتەلمىسىمۇ ، مۇمكىن قەدەر قەدىمقى ئىزنالار رەسىملىرىدىن بولسىمۇ ھوزۇرلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ئۇلۇغلاردىن قالغان «قەلەم بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ ئىززىتى »دېگەن بىر سۆزبار.كىتاب ھەققىدە بىرەر رازىمەنلىك تۇيغىسىنى ئىزھار قىلماقمۇ بۇ دۇنيا ئىززەتلىرىدىن بۇلۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش