پاتىگۈلنىڭ «تەقلىدچىنىڭ تۇرمۇشى» ناملىق نەسرى مەملىكەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى
جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى يۈياۋ شەھىرىدە ياشاپ ۋە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يازغۇچىسى پاتىگۈل «تەقلىدچىنىڭ تۇرمۇشى» ناملىق نەسرى بىلەن 2012-يىللىق «خۇاۋېن ئەڭ ياخشى نەسر مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردىن پاتىگۈلنىڭ 1965-يىلى 8-ئايدا ساۋەن ناھىيەسىدە تۇغۇلغانلىقىنى، لەنجۇ سودا ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەنلىكىنى، ھازىر نىڭبو بوگېزىتچىلىك گورۇھى قارمىقىدىكى «يۈياۋ گېزىتى» ئىدارىسىدا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇق. پاتىگۈل ئاساسەن نەسر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «شاڭخەي ئەدەبىياتى» قاتارلىق داڭلىق ژۇرناللاردا كۆپلىگەن نەسرلىرى ئېلان قىلىنغان. «قوي ئىككىمىزنىڭ مەخپىيىتى» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۆتكەن يىلى مەمتىمىن ھوشۇر بىلەن بىرلىكتە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ يىللىق مۇپاكاتىغا ئېرىشكەن. پاتىگۈل نەسر ئىجادىيىتى بويىچە مەملىكەت ئىچىدە خېلىلا داڭلىق بولۇپ،بىر پارچە نەسرى «2012-يىلىدىكى ئەڭ داڭلىق نەسرلەر» توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. پاتىگۈل ئېرىشكەن «خۇاۋېن ئەڭ ياخشى نەسر مۇكاپاتى» ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ نەسر مۇكاپاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ يىل «تاللانغان نەسرلەر» ژۇرنىلى بىلەن خېنەن ئۆلكىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەشكىللىگەن، جۇڭگو يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى، داڭلىق ئەدىبلەر باھالاش ھەيئىتى بولغان بۇ مۇكاپاتقا 10يازغۇچى ئېرىشكەن بولۇپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ئىچىدە يەنە ئېلىمىزنىڭ داڭلىق يازغۇچىلىرىدىن ۋاڭ ئەنيى، نەن فەن، يې تىڭبىن قاتارلىقلارمۇ بار. پاتىگۈل ئۆز كەسپى بولغان مۇخبىرلىق كەسپىدىمۇ گەۋدىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن بولۇپ، توردىن ئۇنىڭغا دائىر كۆپلىگەن ئۇچۇر ۋە تەرىپلەرنى كۆرگىلى بولىدىكەن. شىنلاڭ تورىدائۇنىڭ بىلوگى بار بولۇپ، بىلوگ ئادرېسى http://blog.sina.com.cn/pdglئىكەن. ئىسمى خەنزۇچە 帕蒂古丽 دەپ يېزىلىدىكەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-17 12:53
|