كۆرۈش: 2904|ئىنكاس: 27

ئۈمىدلىك ئاپتور ـ ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىن(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى
IMG_热.jpg

كۆپ قىرلىق ئىجادىيەت يۆنىلىشىگە ئىگە ئۈمىدلىك ئاپتور ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن  1984-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ، 2002-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى كەسپى (تولۇق كۇرۇس)گە قوبۇل قىلىنغان. 2005-يىلى 7-ئايدا شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدىن قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتىگە ئوقۇش ئالماشتۇرۇپ، 2008-يىلى 7-ئايدا ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە ئوقۇشىنى تاماملىغان. ئوقۇش جەريانىدا ئىزچىل تىرىشىپ ھەر قايسى پەنلەردىن ياخشى نەتىجە ئېلىپلا قالماي، كومپىيۇتېر دەرىجە ئىمتىھانى، خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى، ئىنگىلىزتىلى 4-دەرىجە ئىمتىھانلىرىدىن ياخشى نەتىجىلەرنى ئالغان. ئالىي مەكتەپتە بىر قانچە قېتىم «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى» ، «ئەلاچى ئوقۇغۇچى» بولۇپ باھالانغان. تولۇق كۇرۇس ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى 2008-يىللىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش سەرخىل ماقالىسى» بولۇپ باھالانغان. 2008-يىلى 7-ئايدا قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن، مەملىكەتلىك بىر تۇتاش ماگىستىرلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىغا ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات يۆنىلىشىگە ماگىسىتىر  ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنغان.
ئۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدىلا قىزغىن ئىشتىياق باغلاپ، مەكتەپ بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن يېزىقچىلىق مۇسابىقىسىدە 1- بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان «تارىم»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «قەشقەر» قاتارلىق ژورناللار ۋە ئالىي مەكتەپ گېزىتلىرىدە 20 پارچىغا يېقىن «تېڭىرقاش»، «يىپسىزلا باغلىنىپ قالدىم كوچىغا»، «كۆزۈمگە قارىما»، «سېنىڭ چېھرىڭ»(ئۇيغۇر قىزىغا) قاتارلىق شېئىر، نەسىرلەرنى، «ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپ قوللىنىدىغان باشلاش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇللىرى»، «ئابدۇكېرىم قادىر ھېكايە پوۋېسىتلىرى ئۈستىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش» قاتارلىق ئەدەبىيات تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئېلان قىلغان. ئۇ 2004-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى مۇنبەرلىرىدە «ئەزىزتۈ*رك» تور نامىدا 200 پارچىگە يېقىن شېئىر، نەسىر، ھېكايە، ئەدەبىي ئوبزۇر، ئەدەبىيات تەتقىقاتى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلغان. ئۇيغۇر ئەدەبىيات تور مۇنبىرى «سۇمرۇغ» نىڭ 10 يىللىقىغا تەييارلىنىپ نەشىرگە بېرىلگەن «سۇنىڭ سايىسى» ناملىق كوللىكتىپ توپلامغا شېئىرى تاللانغان. ئۇ يەنە ئىنگىلىزچە «دۇنيا شېئىرىيەت مۇنبىرى» تورى بولغان «www.poemhunter.com» دا «چېقىلغان ئەينەكمەن»، «يوللار» قاتارلىق ئىنگىلىزچە شېئىرلىرىنى ئېلان قىلىپ،  تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ بۇ ئىنگىلىزچە مۇنبەردىكى «I am broken mirror» (چېقىلغان ئەينەكمەن) ناملىق شېئىرى ھىندىستاندا چىقىدىغان «سوۋغات» نامىدىكى خەلقئارالىق شېئىرىيەت نەشىرى ئەپكارنىڭ 2008-يىللىق 3-سانىدا 1873 نەپەر دۇنيا شائىرلىرىنىڭ ئون مىڭ پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئارىسىدىن تاللانغان 24 پارچە ئەسەرنىڭ بىرى بولۇپ تاللىنىپ بېسىلغان. (تۆۋەندىكى تور بەتتىن كۆرۈڭ : http://theenchantingverses.weebly.com/issue-i-march-2008.html)
يېقىندىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئەزىزتۈ*رك ئەدەبىيات – سەنئەت تەتقىقاتى بىلوگى»نى يېزىشنى باشلاپ، ئۆز ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ۋە ماقالىلىرىنى شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت تەتقىقاتى ئۈستىدىكى ماقالىلىرىنى توپلاپ ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر تور دۇنياسىنىڭ ئىلمىي يۈزلىنىشى ئۈچۈن كۈچىمەكتە.
ئۇ ھازىر شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنىستىتۇتىدا ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىياتى كەسپى بويىچە پىروفىسسور ئازات سۇلتان ئەپەندىنىڭ يېتەكلىشىدە 2008-يىللىق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات يۆنىلىشى بويىچە ماگىستېر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ.
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ يارقىن دەملەرنى تىلەيدۇ
                                                                  ـــ مەسئۇل مۇھەررىردىن

ئەدەبىي ئەسەرلىرىمنىڭ تىلىنىڭ يارقىن، چۈشىنىشلىك بولۇشنى، تۇيغۇلىرىمغا ماسلاشقان كەيپىياتقا تويۇنغان بولۇشىنى قوغلاشتىم. ئاددى تىل بىلەن چوڭقۇرلۇقنى، بۈيۈكلۈكنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇندۇم. ئەدەبىي تەنقىدتە، باشقىلارغا بەرگەن باھا، پىكىرلىرىمدە ھامان ئادىل، ھەققانيلىقنى، پاكىتلىق بولۇشنى ياقىلاپ كەلدىم. چوڭلارغا ھۆرمەت قىلىش، كىچىكلەرگە ئىكرام كۆرسىتىشكە ئەھمىيەت بەردىم. بىراۋغا ئەگىشىپ «مۇرت» بولمىدىم، بىراۋنى مەخسەتلىك ماختاپ ياكى چۆكۈرمىدىم. يۇرتۋازلىقتىن قاچتىم. زىيادە «گۇڭگىلىق» ئۈچۈن، «ساپ سەنئەت» ئۈچۈن يۈگۈرمىدىم. رېئاللىقىمىزغا كۆپرەك كۆز يۈگۈرتتۈم. ئەدەبىيات - سەنئەتتە ھامان بىر روھىي پاكىزلىقنىڭ چاقىرىقى بارلىقىغا ۋە شۇنداق بولىشى كىرەكلىكىگە ئىشىنىپ كەلدىم. كىلاسسىكلارغا ئىنتىلدىم، زامانداشلىرىمغا مەستلىكىم كەلدى. ئەدەبىياتقا ھامان مەسئۇلىيەت بىلەن يۈزلىنىشكە تىرىشتىم ۋە شۇ قاراشنى ياقىلىدىم.
ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس، بەلكى بىر شېرىن مەسئۇلىيەت.


چېقىلغان ئەينەكمەن

ۋادەرىخ !چېقىلغان ئەينەكمەن راستلا،
سەن سوقۇپ ئۆتكەندە كۆزلىرىڭ بىلەن.
يۈرەكتە ساقلىسام سەن ئۈچۈن بىر گۈل،
كۈلمىگىن زاڭلىق قىپ ئەي شېرىن لىۋەن.

چېقىلغان ئەينەكمەن راستلا چېقىلغان،
شۇ خىلۋەت، شۇ پىنھان ئەشۇ ياقىدا.
ئۆزگىلەر بىلمەيدۇ مەن ھەم سۆيگۈمنى،
پۇرىماس گۈلۈمنى كۆڭۈل زوقىدا.

چېقىلغان ئەينەكمەن، ھەق راسىت چېقىلغان،
تاشلاندۇق كىتابتا قالغان ئەپسانە.
ھەتتاكى چۈشۈمدە نەزەر سالمايسەن،
مىسرالار نەزەرسىز شۇنچە پىنھانە.

چېقىلغان ئەينەكمەن چۇل چۇل چېقىلغان،
ۋە بېراق ھەر پارچەم كۆرسىتەر پۈتۈن.
كۆرسىتەر شۇنداق بىر سۈزۈك باھارنى،
ھەم سۇنغان يۈرەكنى مەڭگۈ سەن ئۈچۈن.


تېڭىرقاش

كۆزلىرىم نېمىگە تويمايدۇ بۇ دەم،
نە ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيىدۇ يۈرەك؟...
چۈشۈمدە كۆرگىنىم قايسى بىر پەسىل،
بىلمىدىم، نېمىدىن بەرگەندۇ دېرەك؟!

ئېھ !، قاچان پورەكلەپ قالدى خىيالىم،
گۈل پەسلى كەلگەننى نېچۈن بىلمىدىم؟
كىم ئۈچۈن تۆتقۇلاق تەردىم سۈبھىدىن،
بىلمىدىم، ئەزەلدىن شۇنداق زىلمىدىم؟!!

جاۋاپقا ھەممىدىن مۇھتاجدۇرمەن بەك،
تۇيغۇلار بىردەمگە ياتمايدىغۇ جىم.
قېزىرىپ، ھودۇقۇپ، دۇدۇقلاپ تۇرۇپ،
سورايمەن ئارانلا:«ئىشىك چەككەن كىم؟؟..».

«تارىم»ژورنىلى 2007-يىللىق 2-سانىدا ئىلان قىلىنغان.


سېنىڭ چېھرىڭ

سېنىڭ چېھرىڭ نۇر ئاتىدۇ تاڭلارغا،
سېنىڭ چېھرىڭ گۈل چاچىدۇ باغلارغا.
بەخت دېگەن قەلبىڭدىكى چىمەندۇر،
ئەم بولىدۇ يۈرەكتىكى داغلارغا.

دېرىزەڭدىن ئاي مارايدۇ ئاشىق بوپ،
كۆزلىرىڭدىن نۇر تىلەيدۇ يۇلتۇزلار.
ھىجرىڭ ئوتى كۆيدۈرگەچكە باغرىنى،
قاپقارادۇر ساچىڭ كەبى قۇندۇزلار.

چىدىماستىن خازان بولار چېچەكلەر،
سېنىڭدىكى غۇنچە كەبى لەۋلەرگە.
ئاياغىڭنى سىيپاپ ئۆتەر ئېقىن سۇ،
ئۆزگەرمەككە ئابى ھايات كەۋسەرگە.

بار گۈزەللىك سۈپەتلىرى سېنىڭدە،
نە ئىيتارمەن گۈل بويۇڭغا گۈل سۇنۇپ.
قالغۇم باردۇر ئەبەدىيگە يانىڭدا،
شەبنەم كەبى گۈل بەرگىڭگە باش قويۇپ.

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» 2010-يىللىق 4-سان


ھەممىمىزنىڭ دىلىمىزدا گۈل ئارمان

نەزىرىڭ بەر چىمەندىكى نۇرلارغا،
كەل، نۇر تۆكەي سىردىشايلى تونۇشۇپ.
رىسقىمىزغا سالغان بولسا ۋىسالنى،
كۆزلىرىمىز قالار بەلكىم ئۇچرۇشۇپ.

ئەتىرگۈلنىڭ بەرگىدەكتۇر بۇ ھايات،
قات-قات ھەممە مەناسىغا ئورالغان.
تېڭىرقىساڭ قولۇڭنى بەر ئىككىلەنمە،
ھايات -  سۇئال قەدەمدە بىر سورالغان.

قۇشلار سايراپ ئۆتكەن باغلار بىر ئۆتەڭ،
ئەتە خازان تۆكۈلگەندە ئۇلار يوق.
يالغان مېنىڭ ئەتىدىكى باھارىم،
غەنىيمەتتۇر بۈگۈنۈمدىن ئالساڭ زوق.

ناخشام قەلبىڭ تارىسىنى چەككەندە،
ئىشەن گۈللەر ئايىقىڭغا تاشلىنار.
سۈبھى سۆيگەن ياپراقلارنىڭ مەڭزىدىن ،
بىر لىرىكا سىرغىپ چۈشەر باشلىنار.

مەجنۇن تاللار ئىگەر ساڭا بوينىنى ،
مەن سالغان بۇ چىغىر يولدىن كەلسەڭ گەر.
چېچەكلەيدۇ شۇئان ئىزگۈ تىلىكىم،
تۇيغۇلارغا تۇيغۇلىرىڭ بولسا پەر.

قىيانلىغان ئېقىنلارنىڭ لېۋىدە،
مەن قارايمەن تەنھالىقنىڭ رەڭگىگە.
يالغۇز سۆگەت خازان بوپتۇ پورلىشىپ،
نۇر تۆكۈلسە قوشماقلارنىڭ مەڭزىگە.

ئېگىز تۇرغان چوققىلاردا مىڭ ئەلەم،
قارا، باغرى تارام-تارام، ھەسسىنا؟!...
باققان بىلەن بىر-بىرىگە ئەسىرلەپ،
ۋىسال بىلەن كۈلەلەمدۇ ئېيتقىنا ؟!

ئوت ياقىدۇ شېرىن تاڭغا چۈشەنسەڭ،
يۇلتۇزلارنىڭ شۇنچە نۇرسىز چاقنىشى.
ئۆچۈپ قالار بەلكىم ھايات ئەتىلا،
قولىمىزغا كەلسە تەقدىر يازمىشى.

ئوماق قۇشلار ۋېچىرلىسا رۇجەكتە،
ئۈركۈتمىگىن ئېغىزىڭدا بەرگىن دان.
ھەممە سۆيگۈ مېھىر بىلەن كۆكلەيدۇ،
ھەممىمىزنىڭ دىلىمىزدا گۈل - ئارمان!.

قەشقەرگە قايتىش

گىرىمسەن شەھەردىن سېنىڭگە قايىتتىم،
ئېچىلدى ئاسمىنىم، سۈزدۈڭ غەملەرنى.
«ئۆزۈمگە قايىتتىم» دەپ ئويلىدىم سەرخۇش،
ئايىقىم باغرىڭغا يەتكەن دەملەرنى.

باھارنىڭ ئاپتىپى سەندە قالغانكەن،
ئۆزگە گۈلشەننىڭ زىبالىرى كەم.
سۈزۈك كۆزۈڭدۇر كۆكتە يۇلتۇزلار،
سۈزۈك ھېكمەتلەر بولغىنىدەك جەم.

بۇ جانىم قۇشى سېنى سېغىنغان،
مىسالى مەھمۇد، گۇمنام، ھىرقىتى.
ھىيىتگاھ، تۈمەن، بۇلاق بېشىدا،
گادالىق چوغى مېنىڭدىن ئۆچتى.

ئانا يۇرتۇمسەن، ئانامنىڭ يۇرتى،
ئاتامنىڭ پەخرى، ئاتام سۆلىتى.
جىسمىمغا قۇۋەت بەرگىنى ئۆزۈڭ،
ھۇزۇرى دىلنىڭ، جاننىڭ دۆلىتى.

مەنكى بىر تال گۈل باغرىڭدا ئۆسكەن،
سەن ماڭا ئېللىق باھاردىن خەۋەر.
ئانا يۇرت دېگەن ۋەتەننىڭ لېۋى،
مەشۇقۇم سەنسەن، ئەي ئەزىز قەشقەر!!! .


قەشقەر قەسىدىسى

ئىسمىڭ بىلەن ئىسمىم گويا بىردەك تۇيىلار،
سەن ئۆزۈمدەك ئۆزسەن ماڭا ئانا ماكانىم.
كونا كوچا، كونا سىپىل، كونا بۇلاقلار...
ئۇلۇغلارنىڭ شۆھرىتىنى ئەسلىتەر دائىم.

مەسچىتلەرنىڭ قۇببىسىدە بىر نۇر يالتىرار،
مەڭگۈلۈكنىڭ قىسىسىنى سۆزلەر كەپتەرلەر.
دىۋانلارغا ئايلانسا ھە دەيمەن ئۆزۈمگە،
بوغۇنلارنىڭ قولىدىكى كىچىك دەپتەرلەر.

تارىخ دەيسەن ھەر بىر تامنى، ھەر بىر ئۆيلەرنى،
خىزىر سۈپەت بوۋايلارنىڭ جىسمىدا ھېكمەت.
چىن ئىتىقاد يۆلەپ كەلگەن قەدىم شەھەر بۇ،
بۇ شەھەردە نۇرغۇن قىسمەت، بى ھىساب قىممەت.

كوچىلاردىن مەھمۇد ئۆتكەن قامۇس كۆتۈرۈپ،
ساچىيەدەك ئوقۇللاردا يۇسۈپ سىماسى.
ئوردا ئالدى ئاقار ئەلكۈن گويا دېڭىزدەك،
گاھ شاھزادە، گاھ كېيىك كۆز لەيلى-رەناسى.

سۇتۇق ئېتى ئويناقلايدۇ مال بازارىدا،
بەلكى ئۇنىڭ چۈشلىرىدە يېراق ئۆتمۈشلەر.
ئەمچىلەرنىڭ قوللىرىدا كونا رىسالە،
شىپا يولى- تەن مادارى، نۇرلۇق پۈتمىشلەر.

جاراڭلايدۇ ھەر دۇككاندىن تاشۋاي راۋابى،
بازارىدا تۈمەن خىل مال جۇلاسىن يايغان.
چايخانىدا پاراڭ بىرلە كۆتۈرۈلسە ناۋا،
دەيسەن چوقۇم بۇ مۇقامنى قىدىرخان چالغان.

ئاشپۇزۇللار تائاملىرى ئاجايىپ شېرىن،
بەشكېرەمنىڭ باغلىرىدىن تۆكۈلەر شەربەت.
ھۈنەرۋەنلەر قوللىرىدىن نەپىسلىك ئايان،
ھالال تەردىن گۈللىگەن ئەل، تاپقاندۇر بەرىكەت.

پىشايۋانلىق، تال باراڭلىق، دائىم ناۋالىق،
ئۆيگە كىرسەڭ جاي ئالغاندۇر سەرخىل چىمەنلەر.
نەۋرە-چەۋرە ھەممە ئىناق سۆيگۈ مېھىردە،
ئۈگۈتلەردىن روھ ئويغۇتار روھى تىمەنلەر.

باتۇرلۇقنىڭ شەجەرىسى جۇلالار قالتىس،
ھىيتىگاھنىڭ مەيدانىدىن ئۆتسىڭىز ئەگەر.
ساما سېلىپ بۇندا قايناق ھايات كۆرىكى،
تەنتەنىدە دائىم ھىيىتگاھ، ئەزىزان شەھەر.

تۈمەن دەريا ئېغىزىدا مەڭگۈلۈك بىر كۈي،
ئۆي-ئۆيلەرنىڭ تۈۋرىكىدە روھلار تەسۋىرى.
ھېس قىلارسەن ئۇلۇغلۇقنى ئۇلۇغلار بىلەن،
بۇ ئۇلۇغلار ئۆتكەن جايدۇر، ئۇلۇغلار يېرى.

خۇش ھىدىڭنى بەر

ساڭا ئاتاپ باھار بىلەن گۈللەرنى تەردىم،
كەل چىمەنلەر باغرى بىردەم تۇيغۇغا چۆمسۇن.
ساڭا يازغان لىرىكامنى شامالغا بەردىم،
لىرىكىلار شامال بولۇپ مەڭزىڭگە سۆيسۇن.

قۇشلار سېنى كۈيلىمەكتە تاڭلاردا سايراپ،
ھاياجاندىن سىلكىنمەكتە ياپيېشىل تاللار.
ئېرىقلار ھەم ۋىلىقلايدۇ ئىسمىڭنى ئاڭلاپ،
چېچەكلەرگە تولۇپ كەتتى سۆيگۈدىن باغلار.

لىغىلدىسا كۆللەر خۇددى ئاشىقنىڭ كۆزى،
مەن ئۆزۈمنى ھىجرانلاردىن تېرىپ ئالىمەن.
سېنى كەلمەس دېگەن رەزىل دۈشمەنلەر سۆزى،
ئىشەنچىم بار، ساڭا ئىشەنچ  قويغان بالىمەن.

نۇرغا تولدۇر كۆزلىرىمنى كۆزلىرىڭ بىلەن،
پاك سۆيگۈنىڭ گۈلخانىدا ئۆزۈم سەمەندەر.
ئېچىلغىن تەڭ قىرلاردىكى گۈللەردەك لېۋەن،
چاڭقىغانمەن، سۇ نەھاجەت، خۇش ھىدىڭنى بەر.

ئانا، ئامان بول

ئانا، سەھەر گۈل تاشلاپ قويۇپ
كېتىپ قالدىڭ چۈشۈمدىن تېزلا.
بۈگۈن مەندە ئەڭ ئېسىل نەرسە
پەقەت سېنىڭ، سېنىڭ ھىدىڭلا.

ئاستا قوندۇم جەينامىزىمغا،
سېنى ئويلاپ تاڭلارغا يەتتىم.
ساڭا سۇنماق ئۈچۈن مەنمۇ گۈل
قەلبىمدىكى باغلارغا كەتتىم.

سوغ شەھەردە سېنى ئەسلىدىم،
ئوت يىقىلدى ئاھ يۈرىكىمگە.
بەلكىم مېنى قالدىڭ چاقىرىپ،
چاقىرغانسەن ئۈنسىز ئىچىڭدە.

ئامان بولغىن بەختىمىز ئۈچۈن،
چۈشىمىزگە كىرىپ تۇر پات - پات.
ئۆيىمىزدە سەن بىر تاللا گۈل،
سەن بىزدىكى ئەڭ ئېسىل ھايات.

«ساراڭ» دەپ توۋلىدى بىرسى ئىچىمدە

تاش كەبى بىر پەسىل باشلانغان ئىكەن،
دەرەخلەر ۋارقىراپ قالغان ئاشۇ كۈن.
تۆكۈلدى ئىلكىمدىن ساپسېرىق خازان،
ھاياتنى كۈل قىلىپ قويدۇق بىز پۈتۈن.

دۇتتارنى مەن چاقتىم، تارىسىنى سەن،
قاراپ باق يۈرەكنى قولۇڭغا ئېلىپ.
قاغىلار قاقىلداپ كەتتى ئۇشتۇمتۇت،
قاپقارا بۇلۇتتەك بېشىمغا كېلىپ.

بۇ پەسىل نېمىنى سۆزلەيدۇ قۇشلار؟...
يا سەندەك كېچەمدۇ شېخىمدىن توزۇپ.
بىلمدىم زادى كىم بىرسى ئىچىمدە،
«ساراڭ» دەپ توۋلىدى، توۋلىدى سوزۇپ.

لېۋىنى تىترىتىپ تۆكۈلەر گۈللەر

مەڭگۈگە قالغانمۇ مېنىڭدە تۈنلەر،
ئىمكانىم باغرىغا قارا رەڭ تولۇپ.
بىر ناخشا تىلىمغا كەپلەشتى ئاچچىق،
ئاۋازىم ئىچىمدە كەتمەكتە قۇرۇپ.

چۈشلەرنىڭ ئىشىكى ئوچۇق بىقىياس،
ئۇ سېنىڭ ۋەتىنىڭ بولغاي ھەر زامان.
ئۆزۈمگە يېقىلىپ قالىمەن بىھال،
ھەر كېچە ئوخشاش چۈش، ئوخشاشلا ھىجران.

پەقەتلا بىر سۈرەت قالدى قولۇمدا،
رەڭلىرى قان كەبى ئاجايىپ قېنىق.
كېچىدۇر ئۇھسىنىش، كېچىدۇر خىيال،
كېچىلەر ۋە ياكى بىر ئۇزۇن تىنىق.

سادالار مۇزلىغان قىيانى كۆردۈم،
كۆزۈڭدىن چوڭقۇرراق قىيا يوق بەلكىم.
لېۋىنى تىترىتىپ تۆكۈلەر گۈللەر،
خازانغا ئايلىنىپ كەتمەكتە ئەركىم!!

جېنىم ئۈژمە ئىرغىتقىن

ماي يامغۇرى سۈزدى كۆڭۈلنى،
كۆلچەكلەردىن ئەكسىڭنى كۆردۈم.
چاچلىرىڭغا ئىلنىشىپ قىلىپ،
ئېقىن بويلاپ مەھەللەڭدە يۈردۈم.

ناز تۆكىدۇ ياپراقلار سەھەر،
مەن ئۇسسىغان كاككۇكنىڭ ئۆزى.
دوست خېنىم دەپ ناخشا توۋلىسام،
ياشقا تولار بۇلبۇلنىڭ كۆزى.

دەرىزەڭنى چەككىنى پىنھان،
تاڭدەك سۈزۈك، سۈزۈك مۇھەببەت.
ئالقىنىمنى يايدىم قاغجىراپ،
جېنىم ئۈژمەڭ ئىرغىتقىن پەقەت.

خىيالىم دىلبەرنىڭ قىزغىن گۈللۈكى

چېچەكلەر بىر سۆزنى ئېيتالماي يۈتتى،
باھارنىڭ ئىسمىغا قويۇلغان يانداش.
كۆللەرنىڭ كۆزىگە قارىسام شۇ پەيىت،
ئاياندۇر ئۇنىڭدا سىرلىق لېغىرلاش.

قۇشلاردەك نازۇكتۇر كۆڭلۈم بەزىدە،
لىرىكا تۆكىدۇ بەتلەرگە جىم – جىم.
بىپەرۋا بولماققا ۋەدىلەر ئىيىتتىپ،
ئۆزۈمگە ئاسىيلىق قىلدىم كۆپ قېتىم.

خىيالىم دىلبەرنىڭ قىزغىن گۈللۈكى،
رومانتىك بىر رەسىم پۈتمەكتە پىنھان.
ھەي توۋا ھاياتقا يازارمىز نىمە؟!
بەك قىززىق يازغۇچى ئىھتىمال ئىنسان.

ئىككى غەزەل

ئاسمانىمغا ئاي تولۇپتۇ، ئاي سېنى كۆرگەندە مەن،
يەر-زېمىن گۈلگە تولۇپتۇ، يار سېنى كۆرگەندە مەن.

بىر شېرىنلىك روھنى چۇلغار، بۇ ۋۇجۇدنى تىترىتىپ،
نەخ ئۆزى غەليان بولۇپتۇ، ۋاي!... سېنى كۆرگەندە مەن.

كۆك كۈلەر شەمشى بىلەن، كۈندۈز ئاجايىپ نەۋبەدەر،
ئۇھسىنىپ غەملەر يۈتەرمەن، ھەر خىيال سۈرگەندە مەن.

تۈن ئارا، كۈنلەر ئارا، مەن سەمەندەر ئوت ئارا،
رەستىلەردە سەن ئەجەپ يوق، رەستىلەر كەزگەندە مەن.

چوغلىنارمەن كۆزلىرىڭدىن، چوغ ئالار ھىجرانلىرىم،
داغلىغاي يۈرەكنى دەرت، چوغ ئارا ئۆلگەندە مەن.

سۈبھىلەر ياشىن تۆكەر، شەبنەم ئۇنىڭ شاھىدىدۇر،
ئورنىغاي كۈنلەرگە لەت، ھەر چىمەن كەزگەندە مەن.

چۈنكى سەن يوق باغ ئارا، گۈللەر خازاندا دىل يارا،
لەختە ئەيلەر جانىمە، سەن يوقلىقىڭ سەزگەندە مەن.

ئىشقى پىراق جىسمىمدا، بىر مەيۈسلۈك چېھرىمدا،
قارا چۈشلەر ئويغۇتار، كېچە چۈش كۆرگەندە مەن.

كەل ئۆزۈڭ بىر تاڭ بولۇپ، بادى سابا بەرسۇن خەۋەر،
ئۇلغۇيار سۆيگۈڭ دىلىمدا، نۇرلىرىڭ سۆيگەندە مەن.

رەشىدىڭ قىرلىرى گۈلدۇر، ئاچ ئىتەكىڭ تولدۇراي،
نەفىسىدەك بول يانىمدا، گۈل سۇنۇپ كەلگەندە مەن.

X    X     X      X

دىلرەبالىق بېغىدىن كەتكەنسىزمۇ دىلبىرىم،
مۇھەببەتىم تېغىدىن كەچكەنسىزمۇ دىلبىرىم.

ئىشەنگىنىم يالعۇز دەپ، ئەمدى يالعۇز مەن ئەجەپ،
بىۋاپالىق قىرىعا يەتكەنسىزمۇ دىلبىرىم.

ۋەدە پەيتى بەشتە دەپ، كۈندۈز ئۆچكەن كەچتە كەپ،
نۇرىڭىزنى ئۆزگىگە سەپكەنسىزمۇ دىلبىرىم.

لەگلەكچىسىز كۆڭلۈمنى ئۇچاردىڭىز يىپ ئويناپ ،
ئەمدى ئۇنى تىكەنگە چەگكەنسىزمۇ دىلبىرىم.

سابالاردىن بارسا گەر مۇڭلۇق بىر عەزەل ئۈنى،
دەرىزىڭىز بىپەرۋا ئەتكەنسىزمۇ دىلبىرىم.

رەشىد قوشاق ئېيتىدۇ دۇتتارىعا مۇڭلىنىپ،
قوشاقلارنىڭ تىگىگە يەتكەيسىزمۇ دىلبىرىم.

باھارىم دەپ كۆرەتتىم چىنار كەبى كىرىلىپ،
شۇ چىنارنىڭ قەددىنى ئەگكەن سىزمۇ دىلبىرىم؟!!

بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى
(نەسىر)

كۈنلەر ئۇزاپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ  ۋاپاسىز كۈنلەر. سېنىڭسىزلا ئۇزاپ كېتىۋاتىدۇ.
مېنى ئەسلەمدىغاندۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن سېنى. شۇنداق، ئاشۇ يېراقتا قالغان، يېراقتا قېلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ ھەر بىرىدە سەن بار ئىدىڭ. شامالدەكلا كەتتىڭ. كەينىڭدىن خازان كەبى سارغىيىپ، سورۇلۇپ قالدىم. بۇلۇتلار ، بۇلۇتلار يىغلىمىدى ئەمما قارىيىپ كەتتى. ئەلەمدىن قارىيىپ كەتتى ئۇلار. مەن ھەسرىتىمنى يوشۇرماق ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر مىيىقىمدا كۈلدۈم پەرۋاسىز قىياپەتتە. بەلكىم بۇ كۈلكەم بىلەن ھايات دېگەن تېتىقسىز ھەزىلكەشنى مازاق قىلغاندىمەن.
"خوش! ... " دېگەنىدڭ. "خوش!..." دېگەنىدىم. مەن ساڭا ئەڭ مۇھتاج (بەلكىم سەنمۇ شۇنداقسەن) چاغدا شۇ گەپلەرنى قىلىشقانىدۇق. بۇ خوشلىشىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھىجرانغا تۇتۇرۇق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ شۇنداق دېگەنىدۇق. ھەي ...  "ئەپسۇس" دەمدىغانسەن ؟!...
ئاسمانغا قارىدىم. قۇشلار سەن تەرەپكە، جەنۇپقا قاراپ ئالدىراپ مېڭىپتۇ. ئۇلار ساڭا ئالدىراۋاتسا كېرەك خۇددى يۈرىكىمدەك. ئەمما ئامال يوق. ئۇلارغا ئۇچۇشقا يول بولغان بىلەن ماڭا يول يوق. چۈنكى بۇ بىر ئاشىق ھېكايىسى.
ھېكايىلەرنىڭ ھەممىسى پاجىئە بىلەن ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ كەتتى بۇ كۈنلەردە. قەلەملەر ۋىسالنى يېزىشقا ئاجىزمىكىن دەيمەن. يۈرەك سۈزمىغۇ ئەمدى بۇ ھېكايىلەردىن؟!!
*                        *                            *                                 
بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى…
بىز كەلگەن يوللار ئەسلىمىلىرىمىزگە تۇتاشقان. مەن ئارقامغا قارايمەن. پۇشايمان بىلەن ئەمەس، ئەپسۇسلۇق بىلەن. ئەلبۇملارنى يېرىتىۋېتەلىشىمىز مۇمكىن. سۈرەتلارنى كۆيدۈرىۋېتەلىشىمىز مۇمكىن (سەن بىلەنغۇ كۆپ سۈرەتلەرگە چۈشمىگەنىدۇق). ئەمما ئەسلىمىگە چىلاشقان يۈرەكنىچۇ ؟  رازى ئەمەسمەن بۇ نەتىجىگە.
"مەن باراي" دېگەن ناخشىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرەتتىڭ. مەنمۇ ھەم شۇنداق ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم كېيىنچە. ئۇ ناخشىنىڭ ھەر بىر قېتىدىن سەن كەلگەن ئىدىڭ باھاردەك. ئاجايىپ رومانتىك ئىدۇق. ھېكايىلەردىكىدەك ماڭا ناخشا ئېيىتقۇزۇپ ئاڭلايتىڭ. ساڭا ئاتاپ غەزەللەر تۈزەتتىم. گۈزەل ساياھەت مەنزىللىرىگە خىيالىمىزدىلا بېرىپ كىلەتتۇق. سېنى نۇرغۇن جايلارغا ئاپپارغۇم بار ئىدى. سېنى ئېتىمنىڭ ئالدىغا مېندۈرۈپ بەخىتكە ئىلىپ ماڭماقچى بولغان ئىدىم ....
بىر نەچچە قېتىم سەۋەپسىزلا يىغلاپ كەتكەن ئىدىڭ ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، تاماق يەۋىتىپ. شۇنداق بەزلىگۈم بولسىمۇ ساڭا ھېچنەرسە دېيەلمىگەن ئىدىم. چۈنكى مېنىڭ يۈرىگىم ئاللىقاچان ياشلىرىڭدا تۇنجۇققان بولسا كېرەك. ئەمدى يەنە يىغلاپ قالغان سەنمۇ ؟ سېنى كىملەر بەزلەۋاتقانكىن دەيمەن. قېشىڭدا بولالمىدىم. قېشىمدا بولالمىدىڭ. كۆپ ئەپسۇس ...
بۇ دەم قۇلىقىم يېنىدىلا بىر ناخشا ياڭراۋاتىدۇ:
     بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى،
     بىزنىڭكىسى رومان كەبى بىر ئاز.
     كۆز يېشى، ئۈمىد ۋە ئېھتىراس ...
     بىزنىڭكىسى يالقۇن كەبى بىر ئاز .

     ....................
     ...................

     بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى،
     پارچە - پارچە رومان كەبى بىر ئاز .
     ......................
     .......................
     بۇ گۈللەر سېنىڭ ئۈچۈن،
     بۇ كۆڭۈل ئىككىمىزنىڭ.
     سەن قايغۇرما، يىغلىما،
     سەن كۈلۈمسىرە دائىما.


بۇ كۈنلەرگە بەرىكەت تىلەيمەن. ھېكايىلەرگە ۋىسال يار بولسۇن. ئامان بول ئەزىزىم. كۈلۈمسىرىگىن قۇياش كەبى.
بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى.

بىزنى ئۇچراشتۇرغان يوللار
(نەسىر)

بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇ يوللارغا كۆڭلۈمدە نەچچە رەت كايىپ قالىمەن. گەرچە ئۇنىڭدىن كۈندە نەچچە رەت كەلسەممۇ.
بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇ يوللارغا كۆڭلۈمدە نەچچە رەت رەھمەت ئېيتىمەن.گەرچە ئۇنىڭ باغرىدا باغرىم قاناۋاتقان بولسىمۇ.
بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇ يوللاردا يۈرۈگىمگە باھار كەلگەن ئىدى.يۈرىكىمدە مۇھەببەتلىك كۆكلەم چېچەكلىرى بەرق ئاتقان ئىدى. بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇ يوللاردا يۈرىكىمدىن بىر ئارمان ئاق ئات بىلەن ئاجايىپ مەرھەمەتلىك بىر سەپەرگە ئاتلانغان ئىدى... .
بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇ يوللاردا دەرەخلەر نەچچە رەت خازان بولدى. چېچەكلەر نەچچە رەت يېڭىدىن رەڭ تۈزدى. بىزنى ئۇچراشتۇرغان شۇ يوللاردىكى ھەربىر چېچەك، ھەربىر دەرەخ، ھەربىر چىمدىم توپىغا ئىسمىم ئاللىقاچان يادا بولۇپ كەتكەندۇر. ئۇلار چوقۇم مېنى سايەمدىنمۇ، تىنىقىمدىنمۇ، ئېغىر مىسكىن قەدەملىرىمدىنمۇ، ھەممە، ھەممە تەرىپىمدىن تونۇيالايدۇ. بىراق، بەلكىم ساڭا مەن... .
بىزنى ئۇچراشتۇرغان بۇ يوللار قايتا يەنە ئاشۇ مەرھەمەتلىك، خاسىيەتلىك تاساددىپىي ئۇچرىشىش كۈنىدىكىدەك چىرايلىق بولمىدى. ئۇ كۈنىدىكىدەك قۇشلار ئاغزىدىن چىرايلىق كۈيلەرنى، ئۇ كۈندىكىدەك تاللار بويىدىن نەقەدەر رايىشلىقنى، گۈللەردىن ئۇ كۈندىكىدەك زىبانى كۆرمىدىم.
مانا ئەمدى كۆزۈمگە بۇ يوللار ھەر قاچان ھىجران خازانلىرى ئۇچۇپ يۈرگەن، قۇشلار مۇڭلۇق، ئەنسىز سايراشقان، تاللار مەيۈس ساڭگىلاپ تۇرغان ۋەيرانە ھالىتى بىلەن ھازىر.

       قېنى قۇشلاردىكى لەرزە؟
       قېنى گۈللەردىكى مەززە؟!...
       ھايات ھىجرانغا جاي بولدى،
       كىمىمگە ئېيتايىن ئەرزە؟!

گاھ ئويلاپ قالىمەن، سەنمۇ بۇ يوللارغا مەندەك دىققەت قىلغان سەنمۇ ھە؟ مېنىڭ ئاشۇ چاغدىكى ھەيرانلىق، ھودۇقۇش ئارلىشىپ كەتكەن چىرايىم ئېسىڭدە بارمىدۇ؟! ۋە ياكى... .
دەل ئاشۇ كۈندىن بۇيان بۇ يولنىڭ يېڭى ھېكايىسى بار بولدى. بۇ ھېكايىنىڭ باش پىرسۇناژى سەن بىلەن مەن ئىككىمىز. بەلكىم بۇ گېپىم ساڭا بەك كۈلكىلىكتۇر. ئەمما بۇ يوللار بىلىدۇكى، مەن بۇ يوللاردا خىيالەن نەچچە رەت سەن بىلەن ئۇچراشتىم، نەچچە رەت سەن بىلەن سەيلە قىلدىم، نەچچە رەت مۇڭداشتىم. مەن بۇ يوللاردا سېنى كېلىدۇ، چوقۇم كېلىدۇ دەپ كۈنلەپ-كۈنلەپ ساقلىدىم. ئاشۇ كۈنلەردە بۇ يوللار ماڭا غەمگۈزار بولدى. ماڭا سېنىڭ ئۈمىدىڭنى تۇتاشتۇردى. كۆزلىرىم يوللاردىن سىمايىڭنى ئىزلەيدۇ. يۈرىكىم ھىدىڭنى ھىدلايدۇ.
ئاشۇ كۈنى، دەل ئاشۇ كۈنى قەلبىم بېتىگە ئالەمدىكى ئەڭ ئۇستا نەققاش ئاجايىپ بىر نەپىس بىر رەسىمنى چەككەنىدى. ئۇنىڭ جۇلاسى قەلبىم ئاسمىنىدا نۇر ئېتىپ، ھايات تېڭىمغا ئاتەش كەبى بىر ئوت ياققانىدى. ھەيھات، شۇ ئوت مېنى كۆيدۈرمەكتە. مېنى مەڭگۈلۈك بىر ئىشىقنىڭ نامىغا مىخلىماقتا... .

راسىت، ئۇ شۇنداق گۈزەل بىر رەسىم،
بار ھۆرلەرگە بولىدۇ ئەنداز.
كۆزلىرىدىن ھايا تۆكۈلەر،
ئۇندا ئۇيۇپ قالغان سىرلىق ناز.

لەۋلەرىدىن غۇنچە خىجىلدۇر،
قان بولغاندۇر باغدا لالىلەر،
كىرپىكلىرى غەليانغا سەۋەپ،
جانغا قاقار تۈمەن نالىلەر.

قاشلارىگە كۆڭۈل باغلانغان،
قىزىل گۈللەر بويىگە شەيدا.
ساچلارىدىن يۈرەك داغلانغان،
مۇندا يىغلار مەشرەپ، ھۇۋەيدا.

مەڭزى شەپەق سۈبھى ئۇپۇقى،
ھاياتىمغا نۇر ئاتقان قۇياش.
ئېيتىڭ قېنى نەدە بار مۇنداق
بۇ رەسىمگە بولغۇدەك تەڭداش.

قاچانمۇ كېلەرسەن ھە؟!...
مانا بىزنى ئۇچراشتۇرغان بۇ يوللاردا ھىجران بۇلۇتلىرى سېغىنىش گۈللىرىنىڭ مەڭزىگە تامچىلار تىزماقتا. بىزنى ئۇچراشتۇرغان، بىزگە (ۋە بەلكىم پەقەت ماڭىلا) يېڭى-يېڭى ھېكايىلەرنى ئاتا قىلغان، ماڭا سېنىڭ ئۈمىدىڭنى تۇتاشتۇرغان بۇ يوللار ۋىسال نېيى ياڭراپ تۇرغان، بەخت ئاپتاپلىرى قەدەملىرىمىزنى يورۇتقان، باھاردەك ئاشۇ قۇتلۇق كۈننى كۈتىۋاتىدۇ.
ئاھ!... بىزنى ئۇچراشتۇرغان يوللار...

باھاردىكى سۆيگۈ
(نەسىر)

سەن مېنى تەسلىم قىلدىڭ. غالىپلارچە سۈر-ھەيۋىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن رايىشلارچە يۇمشاق سۆزلىرىڭ بىلەن، يۇمشاق كۆزلىرىڭ بىلەن...
    مەن ئەسلى قەلىب ئېتىزىمنى قاشالاپ ئۇزاقتىكى ھايات مەنزىلىگە دەخلىسىز كىرىشنى ئىرادە قىلغانىدىم. بىراق سېنىڭ ئىللىق ھارارىتىڭ، كۆزلىرىڭدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان مۇھەببەت نۇرلىرى قەلىب ئېتىزىمدا مۇھەببەتنىڭ يارقىن بىخلىرىنى ئويغاتتى. كەل، ئەمدى ئۆزۈڭ سالغان شۇ ئۇرۇقنىڭ يۇمران ۋە سۆيۈملۈك بىخلىرىنى مەن بىلەن بىرگە ئاسرىغىن. ئۇنىڭغا مېھرىمىزدىن سۇ قۇيايلى. كۆزىمىزدىن نۇر بىرەيلى. ھايات بوستانىمىزدا ئەشۇ پاك مۇھەببەتنىڭ يارقىن بىر ئەتىرگۈلىنى ئېچىلدۇرايلى. ئۇنىڭ ھەربىر بەرگىدە «سۆيگۈ، سۆيگۈ، سۆيگۈ!!!...» دېگەن سۆزلەرلا يالتىرىسۇن. بۇ بوستانلىق مۇھەببەتنىڭ خۇش ھىدىگە تويۇنسۇن.
    شۇنداق جېنىم، مېنىڭ تەنتەكلىكىمنى كەچۈرگىن. مېنىڭ ئەمدى ئۇ مەنزىلگە زادىلا يالغۇز بارغۇم يوق. ھەم يالغۇز بېرىشقا ماغدۇر-رىغبىتىممۇ يوق. ۋاھ! يالغۇزلۇق نېمىدېگەن قۇرقۇنۇچلۇق ئىش ھە؟! ياق، كېرەك ئەمەس، ماڭا يالغۇزلۇق كېرەك ئەمەس. سېنىڭسىز بارغان مەنزىللىرىم، ئىرىشكەن نەتىجىلىرىم مەن ئۈچۈن يوقلۇق ئەمەسمۇ؟!  
ئەي قىممەتلىكىم، بۇلارنى ئەمدى ھىس قىلىۋاتقانلىقىمدىن سېنىڭ قىلچىمۇ رەنجىمەيدىغانلىقىڭنى، ئەكسىچە ئاللاھنىڭ ھىممىتىگە ۋە كارامىتىگە ھەمدۇ-سەنا ئوقۇيدىغانلىقىڭنى بىلىپ تۇرساممۇ سېنىڭدىن ئەپۇ سورىشىمغا رۇخسەت قىلغىن. كەچۈرگىن. جېنىم مېنى كەچۈرگىن.
............................،
............................
كۆيەرى يوق، كۆيۈنەرى يوق،
يارى يوقنى بىچارە دەڭلار.  
كىم يازغان بولغىيتى ھە مۇشۇ مىسرالارنى؟؟!
              *        *        *          *        *        *
    قارا، باھار كەلدى. ئېرىقلاردا تۇيغۇ ياق، سۆيگۈ ئېقىۋاتىدۇ. كۆللەر خۇددى ۋىسال جامىدەك ۋىلىلداپ تۇرۇپتۇ. ئەجىبا، بۇلاردىن مەن بىلەن بىرگە ھوزۇر ئالغۇڭ يوقمۇ؟؟ مېنىڭ «مۇھەببەت!!!» دەپ چاكىلدىغان لەۋلىرىمگە ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئۇسسۇزلۇق بىرىشنى خالىمامسەن؟!
    يۈرۇگۈم قارلىغاچ بولۇپ يولۇڭدا سايراۋاتىدۇ. تېزراق كەلگىن جېنىم. ئاخشامقى باھار يامغۇرى مېنى ئىسىڭگە سالمىغانمىدۇ؟! ئەتىگەنكى باھار شامىلىچۇ؟ ئۇ ساڭا مېنىڭ خەۋەرلىرىمنى ئېلىپ بارمىدىمۇ؟؟ تېز كەل !!! باھار ئاپتىپى قەلبىڭنى ئويغاتقاي ئەزىزىم.
    بىلەمسەن ئاشىق يىگىتىڭنىڭ لەگلىكى سېنىڭ سۆيگۈ شامىلىڭسىز پەرۋاز قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ يىپىنى پەقەت ساڭا، بىر سېنىڭ قولۇڭغىلا تۇتقازغۇم بارلىقىنى بىلسەڭ ئىدىڭ-ھە؟!... تېز كەلگىن، تېزراق !!!
ئۇپۇقتىكى باھارنى كۆردۈڭمۇ؟ باغلاردىكى باھارنى سەزدىڭمۇ؟! نازاكەت پەردەڭنى قايرىۋىتىپ قەلىب دەرىزەڭنى ئاچقىن. باھارنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىدىن، جانغا راھەت مۇھەببەتلىك سالقىن شامىلىدىن قەلبىڭ ئويغانسۇن. سەنمۇ تېزراق باھار گۈللىرىدەك، خۇشپۇراق چېچەكلەردەك ئېچىلمىساڭ مېنىڭ بۇ مىسرالىرىمنىڭ نە مەززىسى، نە مەنىسى بولسۇن؟!!...
                *          *              *            *            *
    قارا، يېڭى ئاي تۇغۇپتۇ. ئۇ سېنىڭ قاشلىرىڭغا نېمىدىگەن ئوخشايدۇ-ھە؟! سېنىڭ قاشلىرىڭ قارا بولغان بىلەن شۇنچىلىك مېھىرلىك، شۇنچىلىك سىھىرلىك. خۇددى مەن ئېزىپ قالغان بەختىيار ئورمانلىقتەك. قارا رەڭنىڭ مۇنچىلىك مېھىرلىك بولىدىغانلىقىنى سەندىن ھىس قىلماقتىمەن. توۋا، قارا رەڭ ئەسلى ۋەھىمىنىڭ، قورقۇنۇچنىڭ سىمۋولى ئەمەسمىدى؟! توغرا، مۇھەببەت ھەممىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ھەممىگە مەنا ئاتا قىلالايدۇ. نېمە ئۈچۈن بەختىيار ئورمانلىق دېگەنلىكىمنى چۈشەنگەنسەن ھە؟... شۇنداق، مەن ئاشۇ بەختىيار ئورمانلىقتا ئېزىپ قىلىپ بەختىنى تېپىۋالغان بايقۇشمەن.
    بەخت!!!، مەن بىر بەختنى سېزىۋاتىمەن. راسىت، نەۋرۇز !!!....نەۋرۇز كەپتۇ ئەمەسمۇ؟!!! پاھ! گۈل پەسلى!!!، پاھ! مۇھەببەت پەسلى!!! مۇھەببەت بايرىمى !!! ئاڭلا:  

شامال چەككەن رۇجەكلەرگە شىۋىرلاپ زىل نەۋرۇز كەلدى،  
ھايات سۆيگەن يۈرەكلەرگە ئۈمىد سىپ، بىل نەۋرۇز كەلدى.
جۇدۇن باسقان غازاڭزارلار بۇگۈن يېشىل سەنەم گويا،
شادىمان تولغىنار تاللار، كەبى بىر قىل نەۋرۇز كەلدى.

ئېرىقلاردا ئاقار تۇيغۇ، ئاقار سۆيگۈ، مېھىر ئاتەش،  
ۋىسالنىڭ جامىدۇر كۆللەر، ئەنە ۋىل-ۋىل نەۋرۇز كەلدى.
ئەمدى سېنىڭكى «نەۋرۇزنامە»ڭنى ئاڭلاي جېنىم. تېزراق كەلگىن. بىرگە چەشمە بۇلاقلارغا بارايلى. تاتلىق-تاتلىق لىرىكىلىرىمىزنى بۇلاقلارغا تاشلايلى. شۇ تاپتا ئەشۇ بۇلاق سۇلىرى يىتىپ بارغان قىرلاردىن بەخت گۈللىرىنى قىياس قىلىۋاتىمەن. كەل، شۇ گۈللەردىن ئېتەكلىرىڭگە لىققىدە تولدۇرۇپ بىرەي.چىكەڭدە مەن قىسىپ قويغان گۈل كۈلۈپ تۇرسۇن.  
    يەنە ساڭا تاللاردىن نەي ياساپ بىرەي جېنىم. ئوماق لەۋلىرىڭ بىلەن ماڭا «مۇھەببەت» دېگەن كۈينى چېلىپ بەرگىن. مەن ساڭا شۇ ناخشىنى ئېيتىپ بىرەي:

    قارلىغاچلار قىلسا پەرۋاز سىزنى ئەسلىدىم،
    تاڭ ساباسى ياڭراتسا ساز سىزنى ئەسلىدىم.
    قەيەردە سىز چىرايلىقىم كۆزى خۇمارلىق،
    جاندىن ئۆتتى بۇ سېغىنىش، بۇ ئىنتىزارلىق.  

    مۇھەببەت، مۇھەببەت، سۆيگۈ مۇھەببەت،   
    مۇھەببەت، مۇھەببەت، تۇنجى مۇھەببەت.

    تۇرنىلار قاتارى ئۇچسا سىزنى ئەسلىدىم،
    سېغىنىشتا ئۆتتى ياشلىق بۇنى سەزمىدىم.
    خىيالىمدىن كەتمەس ھەرگىز لەۋلەرى شەربەت،
    شېرىن سۆھبەت ئامراق گۈلۈم تۇنجى مۇھەببەت.
    مۇھەببەت، مۇھەببەت، سۆيگۈ مۇھەببەت،   
    مۇھەببەت، مۇھەببەت، تۇنجى مۇھەببەت.   
    تېز كەل جېنىم. بۇ مۇھەببەت پەسلىدە، بۇ بەخت پەسلىدە چېچەكلىرىم سەنسىز توزۇپ كەتمىسۇن. چېچەكلىگن يۈرۈگۈم سۇلۇپ كەتمىسۇن. قىممەتلىكىم،  باھاردەك ئۇدۇللا يۈرۈگۈمگە كەل! تېزراق!!!


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2012-4-6 23:59:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئۈمۈدلىك ئاپتۇر ئىكەن بۇنۇڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ۋاقتى: 2012-4-19 22:15:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
IMG_4183.JPG
ئابدۇرەشىد مۇھەممەتئىمىن، ئوسمانجان مۇھەممەت پاسئان، سەيدۇللام فىردەۋىسىلەر شۇيشىگودىكى ئىجادىيەت مەركىزىمىزدە

ۋاقتى: 2012-4-20 00:13:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرەشد مۇھەمەتئىمىننىڭ دۇرۇس ئىجادىيەت قارىشى،ساپ قەلب بىلەن ئىجادىيەتكە كىرىشىپ،شئېىر،نەسىر،ئەدەبىي ئوبزوردىن ئىبارەت كۆپ خىل تۈردە قەلەم تەۋرىتىپ، كۆپ قىرلىق،ئىقتىدار يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىزدەنگەنلىكى  ئاپىرىن ئوقۇشىمىزغا تېگىشلىك.مەن ئۇنىڭ كۆك بۆرە ئىجادىيىتىگە بېغىشلانغان «ئەدەبىيات -مۇھەبەت دېمەكتۇر» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ ،ئۇنىڭدا ماكرۇ نوقتىدىن تەپەككۇر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى سەزگەن ئىدىم.ھازىر شئېىر ۋە نەسىر ئىجادىيتىدىمۇ ئۆزىگە خاسلىق ئىزدەۋاتقانلىقىنى بايقىدىم.بەركەتلىك ئىزدىنىشى ئۇلغىيىپ بارغاي.

ۋاقتى: 2012-4-20 08:47:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە تېخىمۇ زور غەيرەت-شىجائەت تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2012-4-20 11:50:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم ئابدۇرەشىدنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2012-4-24 02:31:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھالال نىيەت بىلەن تۇتقان قەلەم ئوقۇرمەنلىرى تەرىپىدىن  تەبىئىيلا ئېتىراپ قىلىنىدۇ. دوستىمىز ئابدۇرەشىد كىچىك پېئىللىقى ۋە تۈزنىيەتلىكلىكى بىلەن،ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن بۇ ئالقىشلىنىشقا لايىق ئىكەن.

ۋاقتى: 2012-4-27 11:42:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىزلەرنىڭ ئىلھاملاندۇرغىنىغا كۆپ رەھمەت!
ئەدەبىياتنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى كۆرىمەن. شۇڭا ئۇنىڭغا سەمىمىي يۈزلىنىشكە تىرىشىۋاتىمەن. ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمگە يالغان گەپ قىلغۇسى كەلمىگەندەك، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئىشقا سەمىمىي ۋە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشنى تاللىۋالدىم. شۇ يولدا باسقان قەدەملىرىمدىن مىسالى بىر ئاددى غۇنچە كەبى ئىز قالدى ۋە بۇ يەردە ئاكا - ھەدىلەرنىڭ، دوسىت - قېرىنداشلارنىڭ ئىلھاملاندۇرىشىغا سازاۋەر بولدۇم. ھەقىقەتەن چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت. بۇ يولنىڭ ئۇزۇنلىقىنى بىلىمەن. سىزلەرگە بۇ يولدا يەنە قانداق گۈلدەستىلەرنى سۇنالايمەن بۇنىسى ماڭىمۇ نامەلۇم. شۇنداقتىمۇ ھىممەت ئىگىسىنىڭ شۇنداق قۇۋەتكە ئىگە قىلىشىدىن ئۈمىدۋارمەن ۋە تەلەپكارمەن.
ئامان بولۇڭلار ئەزىزلەر!

ۋاقتى: 2012-4-29 21:36:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چېقىلغان ئەينەك»ناملىق شېئىر ھەقەقەتەن ياخشى چىقىپتۇ.

ۋاقتى: 2012-4-29 22:10:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادىل تۇنىياز  : «شائېر_ تەكرار چېقىلغان ئەينەك» دەيدۇ.  مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندىمۇ  رەشىد ئاكىمىزنىڭ  شائېرنىڭ قانداق بۇلىدىغانلىقىنى ھەقىقى تونۇپ يەتكەن،شىئېرىيەت دالىسىدا كۆپ ئىزدەنگەن  كىشى ئىكەنلىكىنى كۈرۈپ يەتكىلى  بۇلىدۇ.
       رەشىد ئاكىمىزنىڭ  ئىزدىنىش  سەپىرى يېڭى مەنەلەرگە  تولغاي!

ۋاقتى: 2012-4-29 22:11:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساۋاقدىشىم  ئابدۇرەشىد نىڭ شېئرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇدۇم، ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2012-4-30 23:32:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرىشىتنىڭ ئىجادىيىتىگە بەرىكەت،ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2012-5-1 20:48:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرەشد مۇھەمەتئىمىننىڭ كىيىنكى ئىجادىيەت يوللىرىغا ئۇتۇق، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك ھەم قەلەم تۇلپارىغا قۇۋەت تىلەيمەن .

ۋاقتى: 2012-5-2 13:16:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەت مەركىزىنىڭ ئەتىراپى بەك مەنزىرىلىك يەر ئىكەنغۇ

ۋاقتى: 2012-5-4 19:02:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرەشىد ئاكامنىڭ پەزىلىتى بىزگە ئۈلگەبولىدۇ، قەلىمى بىزنى يىتەكلەيدۇ.   

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش