مەن ناخشىلىرىغا ئامراق سەنئەتكارلاردىن بىرى ــ خۇرشىدبېك رەسۇلوۋ شۇنداق كۈيلىگەن ئىدى:
«ئالەمچە شادلىققا تولسا كۆزلىرىم،
ئاپتاپ كەبى يورۇق بولسا يۈزلىرىم،
ھەمىشە قەدىردان بولغان دوستلىرىم،
ئىلاھىم، شۇ كۈن يېنىمدا بولۇڭ.»
ئابدۇرەشىد ئۈرۈمچىدىكى چاغلاردا كۆڭلۈم توق يۈرەتتىم. ئۇ ئەزىزانە قەشقەرگە قايتقاندىن بېرى يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرى غەمكىن. ئاللاھ بۇ ئەزىز دوستۇم بىلەن «ئاجايىب كۈنلەرنىڭ بىرىدە » ئۇچرىشىشقا نېسىب قىلسۇن. ئۇنىڭغا بەخت-سائادەت تىلەيمەن.
|