كۆرۈش: 154|ئىنكاس: 1

خەلقىمىزدە ئۈزۈم سىركىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2057
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 218
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-24

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 09:57:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     خەلقىمىزدە ئۈزۈم سىركىسى
قۇربانجان ئابلىكىم ئىمىن(كۈسەمىش)
    ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق مەزگىللىك تۇرمۇش كەچۈرۈش داۋامىدا شەربەت،دوغاپ،سىركە ۋە مۇسەللەس قاتارلىق ئىچىملىكلەرنى ئىجاد قىلىپ بۈگۈنكى ئۇيغۇر يىمەك –ئىچمەك  مەدەنىيىتىنىڭ تاكامۇللىشىغا ئاساس سالغان . بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۈزۈم غورىسىدىن ئىشلەنگەن سىركە ئىستىمال قىلىش تارىخىنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن مۇھىم قىممەتكە ئىگە ئەنئەنىۋى ئىچىملىك ھېساپلىنىدۇ.
    ھەمىمىزگە مەلۇمكى ،سىركە چۈچۈمەل تەملىك بىرخىل ئىچىملىك بۇلۇپ، تۈركىي، پارىس تىللىق خەلقلەر ئارىسىدا سىركا (sirka)دەپ ئاتىلىدۇ(ھېلىمۇ كۇچا رايۇنىدا سىركا دەپ ئاتىلىدۇ). سىركە تارىم ۋە تۇرپان ئەتراپىدا ياشىغان قەدىمقى ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن يېڭى تاش قورال دەۋرىدە ئىختىرا قىلىنغان.
     11-ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك »(تۈركى تىللار دىۋانى) ناملىق ئېنسىكلوپېدىك ئەسىرىدە سىركە توغرىلىق”Sirka: سىركە .ئۈزۈم سىركىسى (1-توم 560-بەت) ؛ mandu : بىرخىل تۈرك سىركىسىنىڭ نامى. ئۈزۈم سىركىسىگە ھاراق قۇيۇپ ، بىر كېچە قۇيۇلىدۇ. بۇ سىركىنىڭ ئەڭ ياخشىسى. (1-توم 548-بەت ) ؛  ol sirka aqitti  -ئۇ سىركە ئېچىتتى ( 1-توم 278-بەت)؛ -sirka kupni uzittiسىركە(ئېچىپ كېتىپ) كۇپتىن سىزىپ چىقتى (1-توم 280-بەت)؛ bor bolmazip sirka bolma -شاراپ بولماي تۇرۇپ ،سىركە بولما  (3-توم 167-بەت) “  دىگەندەك ئاتالغۇ ۋە سۆز بىرىكمە -مىساللار بېرىلگەن بۇلۇپ، بۇ ئوتتۇرا ئەسىردە سىركىنىڭ ئۇيغۇر ئىچىملىكملىرىنىڭ ئارىسىدىن ئاللىقاچان بىر كىشىلىك ئۇرۇن ئېلىپ بولغانلىقىنى دەلىللەپ بېرىدۇ.
    سىركە دەسلەپتە كەشىپ قىلىنغاندا مەخسۇس ئىچىملىك خۇسۇسىيىتى بۇيىچە ئىستىمال قىلىنغان بولسا ،كىيىنچە كىشىلەر دورىلىق خۇسۇسىىيىتىنى بايقاپ ،تىبابەتچىلىكتە ئىشلىتىپ كەلگەن. ئىستامبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تېببىي فاكۇلتېت تىب تارىخى ۋە دىئۇنتولۇگىيە پروفېسورى دوكتۇر ئا. سۇھەيل ئۈنۋەر تۇرپان تېپىلمىلىرى ئاساسىدا 1936-يىل نەشىر قىلدۇرغان8-14-ئەسىر ئۇيغۇر تىبابىتى توغرىسىدىكى سەمەرىلىك ئەسىرى ‹‹ئۇيغۇرلاردا تىبابەت›› تە ئۇيغۇرلاردا ئىشلىتىلگەن ئۆسۈملۈك دورىلار ۋە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۆسۈملۈك تۈرىدىكى ئۇزۇقلۇقلار دائىرىسىدە ‹‹سىركە›،نى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ۋە تۇرپاندىن تېپىلغان تىببى رېتسىپلار تەركىبىدە ‹‹سىركە›› بىۋاستە ئىشلىتلگەن ‹‹ئەگەر دېڭىز كۈپۈكىنى سۈزۈپ مۇرۇد سۈيى ۋە سىركە بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ، قۇلاققا تېمىتسا ، ئاغرىق پەسىيىدۇ ( ئۇيغۇرچە نەشىرى 49 -بەت)؛ئەگەر ئادەمنىڭ بۇرنى قاناپ توختىمىسا ، پىيازنى سىركىگە چىلاپ ،ھەرئىككى بۇرۇن تۆشۈكىگە تىقىپ قويسا ،قان توختايدۇ (ئۇيغۇرچە نەشىرى 52-بەت) ؛ئۈرۈك مېغىزىنى سۇقۇپ، سىركە بىلەن ئېغىزغا ئېلىپ تۇرسا چىش ئاغرىغى ساقىيىدۇ ( ئۇيغۇرچە نەشىرى 53-بەت) ؛چىش ئاغرىسا... قارائۆكۈز تېزىكى سىركە بىلەن قاينىتىلىدۇ .... ۋە كۈنجۈت يېغى قۇيۇلۇپ چىشقا بېسىلىدۇ (ئۇيغۇرچە نەشىرى53 -بەت) ؛شاراپ ئىچىپ ئاغرىپ قالغانلارغا قاراتۇز بىلەن سىركىنى ئىچكۈزۈش كېرەك (ئۇيغۇرچە نەشىرى 71-بەت)؛ ئىلان تېرىسى ، تۆت يول ئاغزىدىن ئېلىنغان توپا ، ھەسەل ، كالا ئۆتى  ۋە سىركە بىلەن ئارلاشتۇرۇلۇپ ئىچىلسە ،قورساقتىكى ئۆلگەن بالا تېز چۈشۈپ كېتىدۇ (ئۇيغۇرچە نەشىرى 74-بەت)››دىگەن6 دانە رېتسىپنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
    خەلقىمىز ھېلىمۇ سىركىنىڭ تىببىي رولىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن بۇلۇپ، سىركىنى ئۆيگە چېچىش ، پاختىنى سىركىگە چىلاپ ئېسىپ قويۇش ئارقىلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغان، تاماقلارغا قۇيۇپ ئىچىش ئارقىلىق ئىشتىھا ئېچىش ، تەرەتنى يۇمشۇتۇش، ئىسسىقلىقتىن بولغان ھەرخىل ئاغرىقلارنى ياخشىلاش ۋە ئۆت ياللۇغى ، قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان باش ئاغىرىغى ، كىزىك ، ئىلغىلارنى داۋالاش مەقسەتلىرىگە يېتىپ كەلمەكتە.
   سىركەئادەتتە ئۈزۈم يېڭى چىكىلگەن ۋاقىتلاردا ياسىلىپ ، قىش ، ئەتىيازمەزگىللىرى ئىستىمال قىلىنىدۇ .
سىركە ياساشقا كېتىدىغان ماتىرىيال : چالاپىشقان ئۈزۈم (ئۈزۈم غورىسى)
ئەسۋاپ – سايمان : ئىدىش .
تەييارلاش جەريانى ئادەتتە ئىككى خىل بۇلۇپ ،بىز تۆۋەندە بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
   1-تەييارلاش جەريانى : چالا چىكىلگەن ئۈزۈمنى سىقىپ،ئۇرۇغىنى ئايرىۋىتىپ  سىقىلغان سۈيىنى قۇرۇتۇپ پاكىز قىلىنغان ھىجىر كوزىغا قۇيۇپ ئاندىن ھىجىرنىڭ ئاغزى مەھكەم ئىتىلگەندىن كىيىن  ئاپتاپتا 60 كۈن تۇرغۇزۇلسا سىركە تەييارلىنىدۇ.
    2-تەييارلاش ئۇسۇلى:چالا پىشقان ئۈزۈمنى ئۈزۈپ پاكىز ئېتىپ ، ئۇنى يۇماي ئىدىشقا سېلىپ ، ئىدىشنى توشقۇزىمىز . ئاغزىنى ئېتىپ ئاپتاپقا سالىمىز . 5 – 6 كۈندە بىر قېتىم ئېدىشنىڭ ئاغزى ئېچىلىپ تەكشۈرىلىپ ، ئىدىش يېرىملاپ كەتسە ئۈزۈم بىلەن توشقۇزىلىدۇ . مۇشۇنداق ھالەت بۇيىچە 20 كۈندىن 30 كۈنگىچە ئاپتاپقا سېلىنىدۇ . بۇنىڭ بىلەن سىركە تەييارلانغان بولىدۇ .
سىركە قەدىمىدىن تارتىپ ياسىلىپ ئىستىمال قىلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ ، بۈگۈنكى زامانىمىزغا كەلگەندە بۇ ئەنئەنىۋى ئىچىملىك ياسىلىشتىن قالماقتا . بىزنىڭ قارىشىمىزچە مىللى كارخانا سانائىتىدە بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئىچىملىك ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنسا، سىركىنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىشى تامامەن مۇمكىن .
پايدىلانمىلار :1. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىتى خىمىيە فاكۇلتىتىي دوتسىنتى مامۇت قۇرباننىڭ ‹‹ئەجدادلىرىمىزنىڭ سىركە ئىشلەش تارىخى ››سەرلەۋھىلىك ماقالىسى
   ئاپتۇرنىڭ ئادىرسى:كۇچا ناھىيە دۆڭقوتان بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ
   يان تېلفۇن: 13139868209  ،13239849725   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۈسەمىش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-16 09:57  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  486
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 278
تۆھپە : 0
توردا: 55
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-10-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 15:16:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىركە دىگەننى مەن ئاچچىقسۇ دەپ چۈشىنەتتىم، قارىغاندا ئۇ باشقا بىر خىل ئىچىملىك ئىكەندە.

مەن قايتىپ كەلدىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش