كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 1

كۇچا ئۆرۈكى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2057
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 09:52:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كۇچا ئۆرۈكى توغرىسىدا


قۇربانجان ئابلىكىم ئىمىن(كۈسەمىش)
   كۇچا ناھايتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ ، كۇچالىقلار بۇ يۇرتتا دېھقانچلىق ۋە باقمىچىلىقتىن باشقا باغۋەنچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللانغان . تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدا ئۆتكەن بۈيۈك راھىپ شۈەنزاڭ كۇچا توغرىسىدا توختۇلۇپ ‹‹ كۈسەندىن ( قەدىمى كۇچادىن ) نەشپۈت ، ئالما ، شاپتۇل ، ئۈرۈك كۆپ چىقىدۇ ›› دەپ مەلۇمات بەرگەن . بۇنى كۇچادا مەۋجۇت بولغان شامالباغ ، دۆلەتباغ ، بېھىشباغ ، ئىپارباغ دىگەندەك باغ نامى بىلەن ئاتالغان يەر جاي ناملىرى ناھايتى ئېنىق دەلىللەپ بىرىدۇ . كۇچانىڭ باغۋەنچىلىكىدە كۇچا ئۈرۈكى ئالاھىدە ئۇرۇن تۇتىدىغان بولۇپ ، شىنجاڭنىڭ مىۋە – چىۋە بازارلىرىدا ۋە خەلق ئاغزىدا ‹‹ كۇچا ئۈرۈكى ›› دىگەن نام ماركا سۈپىتىدە تىلغا ئېلىندۇ . كۇچا ئۈرۈكلىرىنىڭ تۈرلىرى ناھايتى كۆپ بۇلۇپ ، ئاق كىشمىش،قاپاق كىشمىش، قىزىل  قۇممەت ، قىزىل قاچا،  مانتا ئۈرۈك،چىلگە ئۈرۈك ... قاتارلىق 22 خىل تۈرى  بۇلۇپ ،ئاق كىشمىش ئۈرۈك كۇچا ئۈرۈكلىرىنىڭ ئىچىدە  سەرخىلى ھېساپلىنىدۇ.بۇخىل ئۈرۈك 3-ئايدا چېچەكلەپ،6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا  پىشىدۇ. بۇ ئۈرۈكنىڭ رەڭگى ئاق ، سۈزۈك ،  شەكلى سەل ئۇزۇنچاقراق، تەمى ئىنتايىن تاتلىق، شىرنىلىك  ، سۇلۇق، يىيىشلىك،  گۆشلۈك  بۇلۇپ ، تەبىئىتى مۆتىدىل ، زەرەرسىز مىۋىدۇر.  ئۇنى دائىم ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە  چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇپ ئىچىنى بوشىتىدۇ، ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ ، بەدەننى سەمەرتىدۇ ، رەڭگى-رويىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ .
  ئاق كىشمىش ئۆرۈك كۇچانىڭ ھەر قايسى يېزا – بازارلىرىغا كەڭ تارقالغان . كۇچا ئاسىيا ، ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان . ئۇنىڭ كىلىماتى تىپك مۆتىدىل بەلباغنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق خارەكتىرىدىكى قۇرغاق كىلىماتىغا خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە . تۇپرىقى مۇنبەت بۇلۇپ ، باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئىنتايىن ماس كىلىدۇ . شۇڭلاشقا بۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلق ئەجداتلىرىدىن تارتىپ ، بۇ جايدا ئۈرۈك ، ئەنجۈر ، ئانار ، ئالۇچا ، ئۈزۈم ، شاپتۇل قاتارلىق مىۋىلەرنى يىتشتۈرۈپ باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان . كۇچادا قەدىمدىن تارتىپ مەشھۇر باغۋەنلەر ئۆتكەن بولۇپ ، يېقىنقى يىللاردىلا كېرەم كۆك بېشى ، سامى ھاجى ، ئەيسا قارى ، ھېلىم ھاجىم قاتارلىق مەشھۇر باغۋەنلەر كۇچانىڭ باغۋەنچىلىكىدە ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن . كۇچالىقلار ئۈرۈك مەھسۇلاتلىرىنى بىر تەرەپتىن ھۆل ھالەتتە ھەرقايسى بازارلارغا يۆتكەپ كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرسا ، يەنە بىر تەرەپتىن قۇرۇتۇپ ، قاق سۈپىتىدەسوۋغا-سالامغا يىراق-يېقىنلارغا ئەۋەتكەن.ھەتتائۇنى بازارغا سېلىپ  شىنجاڭ ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بازىرىنى تەمىنلىگەن . بۇ ئارقىلىق كۇچا قاقلىرىنىڭ تەبئىيلا داڭقى چىقىپ كەتكەن . كۇچا قاقچىلىقىنىڭ قاچان باشلانغانلىقى توغرىسىدا ئىشەنچىلىك تارىخىي ماتىريال بولمىسىمۇ پەرىزىمىزچە قاق قۇرۇتۇش ئۇسۇلى ئۈرۈكنىڭ كىشلەر ئارىسىدا ئىستىمال قىلىنىش تارىخىدىن كۆپ پەرىقلەنمەسلىكى مۇمكىن . ئەڭ دەسلەپتە ئەجداتلىرىمىز ھېچقانداق ماددا ئالماشتۇرمىغان ھالەتتە ئۈرۈكنى بورا ئۈستىگە يېيىتىپ ئاپتاپقا سېلىپ ، ئۇنى يامغۇردىن ۋە  كۈچلۈك كۈن نۇرىدىن ساقلاپ قۇرۇتقان بولۇپ بۇ خىل قاق قۇرۇتۇش ئۇسۇلى  ھازىرمۇ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلىماقتا .  بۇ خىل ئۇسۇلدا قۇرۇتىلغان قاق خەلق ئارىسىدا ‹‹قارا قاق›› دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە ، بۇ خىل ئۇسۇلدا قۇرىتىلغان قاق ( قائىدە بۇيىچە قۇرىتىلغان) ئاق سېرىق ،تاتلىق بۇلۇپ  ،تەبئىتى سەل ئىسىراق بۇلۇپ ، ئىسسىق مىجەز كىشلەر ئۇزاق ۋاقىت  ئىستىمال قىلسائاشقازان ئاجىزلىقى ۋە قىزىلئۆڭگەچ راكى ،ئۈچەي كېسەللىكىگە ئالاھىدە مەنپەئەت قىلىدۇ .   1936 – يىلى كۇچادا ئۈرۈكنى گۈڭگۈرۈت ماددىسى بىلەن ئىسلاش تېخنىكىسى باشلىنىپ ، زور كۆپچىلىك قاق سودىگەرلىرى ۋە باغۋەنلەر ئارىسىدا قارشى ئېلىنىشقا ئىرىشىپ كەلدى . خەلق ئارسىدا كۆپرەك قوللىنلىدىغان ئۈرۈكنى ئىسلاش تېخنىكسى تۆۋەندىكدەك  :
   كىتىدىغان ماتىريال ۋە ئەسۋاپ سايمانلار :: سۈپەتلىك نۇرمال پىشقان ئۈرۈك ، گۈڭگۈرت . ئىسلاق ئوچىقى، سېۋەت، بورا
  ئىش باسقۇچلىرى :
  1 . نۇرمال پىشقان ئۈرۈكنى قېقىپ چۈشۈرىمىز ياكى  قول بىلەن بىۋاستە  ئۈرۈك شاخلىرىدىن ئۈزىمىز  ۋە زېدىلەنگەن ياكى توڭ ھالەتتىكىنى ئىلغىۋىتىپ پاكىز سۇدا يىگىدەك قىلىپ يۇيۇمىز ..
  2. يۇيۇلغان ئۈرۈكنى سېۋەتكە قاچىلاپ سۈيى ساقىغىچە بىر ئاز تۇرغۇزۇپ ئاندىن ئۇنى ئىسلاق ئوچىقىدىكى بالداقلارغا بىر قەۋەت تەكشى تىزىپ ئىسلاق ئوچىقى ئەتراپىنى قېلىن نەرسە بىلەن ھاۋا ئۈتۈشمىگىدەك ھىم ئىتىپ ئاستىغا گۈڭگۈرۈت بىلەن ئوت يېقىپ ئىسلايمىز .
  3. ئۈچ سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە تۇرغۇزغاندىن كىيىن سېۋەتتىكى ئۈرۈكنى ئىسلاقتىن چىقىرىپ ، بورىغا تەكشى يېيىتىمىز . تىمپۇراتۇرا ياخشى بولسا ئۈچ كۈندىن 7كۈنگىچە قۇرۇيدۇ.ئارلىقتا ئۈرۈپ تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇلىدۇ.
  4. قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن  ياخشى ،  ئوتتۇرا، ناچار دەپ  تۈرلەرگە ئايرىپ قاچىلىنىپ بازارلارغا سېلىنىدۇ.
   كۇچانىڭ  ئاق كىمىش ئۈرۈكىنىڭ قاقلىرى ئۈزىنىڭ ئاق سۈزۈكلىكى ۋە چىرايلىقلىقى، يىيىشلىك بۇلىشى بىلەن ئاپتۇنۇم رايون ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ بازارلىرىدا ئالاھىدە ئەتىۋارلىق بولغاچقا بازار ئەھۋالى ناھايتى ياخشى بۇلۇش بىلەن بىرگە بازارنى قامدىشى يىتەرسىز بولماقتا . بۇنىڭ سەۋەبى مۇئەييەن باغۋەنچىلىك تېخنىكلىرىنىڭ ۋە يىتەرلىك مەبلەغنىڭ بولماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر . بىز مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش توغرىسىدىكى سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ كۇچا ئۈرۈكچىلىكى جۈملىدىن كۇچاقاقچىلىقىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىستىقبالىغا كۈڭۈل بۈلۈشىنى  ئۈمىد قىلىمىز.
   ئاپتۇرنىڭ ئادىرسى:كۇچا ناھىيە دۆڭقوتان بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ
   يان تېلفۇن: 13139868209  ،13239849725   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-16 20:37  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1814
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 771
تۆھپە : 0
توردا: 111
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 16:38:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پىكىرلەرنى ناھايىتى توغرا ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز  مۇئەللىم ....ناھىيىمىزنىڭ شەرقى شەھەر رايۇنىغا قۇرۇلغان .ناھىيە مالىيەسىگە نۇرغۇن كىرىم قىلىپ بىرىۋاتقان  ئۇغۇت زاۋۇتى ، نىفىت چېكىلەش زاۋۇتى قاتارلىق بىر قاتار زاۋۇتلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلىشى تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى بۇلىۋاتىدۇ . لىكىن مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىشى سەۋەبلىك ، ئالما ، نەشپۈتلەرگە داغ چۈشۈش ئېغىرلىشىپ كەتتى . ئۈرۈك بىلەن شاپتۇل قۇرۇپ يوقۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالدى . بۇخىل ئەھۋال بىزنىڭ يېزىدا بەكمۇ ئېغىر . مەن چوڭ بولسام بىزنىڭ باغدا بادام ،ئاناردىن باشقا مىۋىلەر ئاساسەن بار ئىدى .ھازىر بولسا  بىزنىڭ باغ چۆلدەرەپ قالدى . ..........

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش