ximal
كۆرۈش: 160|ئىنكاس: 5

ئەمەت دەرۋىش:قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى شېئىرىيىتىنىڭ خاسلىقى ھەقق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 21:23:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى شېئىرىيىتىنىڭ خاسلىقى ھەققىدە ئىزدىنىش
ئەمەت دەرۋىش
قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى يازما ئەدەبىياتى پۈتكۈل ئۇيغۇر كلاسسىك يازما ئەدەبىياتىمىز تارىخىدىكى مۇساپىسى بىر قەدەر ئۇزۇن، مەزمۇن دائىرىسى كەڭ، ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ئۆزگىچە، ئىپادىلەش شەكلى خىلمۇخىل، قوللانغان تىل جانلىق، تەسىرى كەڭ بولغان بىرخىل ئەدەبىيات. ئۇنىڭ مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەزەلدىن تارتىپ مۇشۇ زېمىندا ياشاپ كېلىۋاتقان ئاتا – بوۋىلىرىمىزنىڭ يازما ئەدەبىياتقا قەدەم قويغاندىن كېيىنكى تارىخىدىن تارتىپ تاكى بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ تارىخىي مۇساپىسى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانلىقىنى بىلدۈرسە، مەزمۇن دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى مۇشۇ دىياردىكى ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئېتىقاد قىلغان ھەرخىل دىن ( شامان دىنىدىن تارتىپ تاكى ئىسلام دىنى ئوموملاشقىچە بولغان ئارىلىقتىكى شامان، نەستۇرى، خىرىستىيان، ئاتەشپەرەسلىك، مانى، بۇددا دىنلىرى)، تۈرلۈك ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي قاراشلار، كىشىلىك مۇناسىۋەت، شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەر ھەققىدىكى تەسەۋۋۇر ۋە چۈشەنچىلەر، ئىلىم - مەرىپەت ۋە ۋە ئۇنىڭ خاسىيىتى، ئادىمىي سۈپەت بىلەن ياشاش قاتارلىقلار ھەققىدىكى مەزمۇنلار بىلەن بىلەن قويۇق ئالاقىدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنىڭ ئۆزگىچىلىكى مەسىلىسى ئۇنىڭ رىئالىزم ۋە رومانتىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىنى خاس ۋە ئارىلاشما ھالەتتە قوللانغانلىقى، شۇ يول ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەنزىل ئۈچۈن، دادىل قەلەم تەۋرىتىپ، بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىپادىلىنىش شەكلى جەھەتتىكى خاسلىقى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئالاھىدە بىر دەۋرىنى ياراتقانلىقى بىلەن خاراكتېرلىك. بۇ دەۋر ئەدەبىياتىدا شېئىرىيەت، نەسرىي ئەسەرلەر ۋە دىرامىچىلىق تەڭ قوللىنىلدى. گەرچە رەسساملىق يازما ئەدەبىياتىمىز تەۋەسىدىن ئورۇن ئالالمىسىمۇ، لېكىن تەسۋىرىي سۈرەتلەر ئارقىلىق كۆپىنچە بۇددىزم ئەقىدىلىرىنى تەشۋىق قىلىش ئەنئەنىسى شېئىرىيەت، نەسرى تۈر ۋە دىراماتورگىيىلەر بىلەن بېرىكىپ، بۇ دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە ئالاھىدە رول ئوينىدى. ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئەزەلدىن تارتىپ قوللۇنۇپ كېلىۋاتقان ئانا تىل – قەدىمكى ئۇيغۈر تىلى يازما ئەدەبىياتنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى ۋە بېيىدى. تىلدىكى بالاغەت كۈچىيىپ، ۋە تېخىمۇ بېيىپ ئىپادىلەش قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى. ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى شەيئىي ۋە ھادىسىلەرنى، ئىنسان مەنىۋىيىتىدىكى نازۇك تۇيغۇلارنى بىمالال ۋە تولۇق ئىپادىلەش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى. بۇ ھال سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى ۋە باشقا شېئىرلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تولۇق تاپتى. شۇڭا، بۇ دەۋر ئەدەبىياتى يالغۇز مەزمۇن جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى شەكىل ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىنمۇ ئۆز ئەتراپىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى. (ئەدەبىياتنىڭ تەسىرچانلىقى ۋە ئۆتۈشۈچانلىقى ئايرىم بىر تېما بولغاچقا، بۇ يەردە ھازىرچە توختالمايمەن ) بۇ ھال قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان ئالاھىدە بىر تەرەپ بولۇپ،  مۇشۇ ئالاھىدىلىكلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە شۇ دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭمۇ بەلگىلىك ھەسسىسى بار ۋە ئۇنىڭمۇ يەنە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار. تېما مۇشۇ مەزمۇن بويىچە قانات يايىدۇ.
  ئالدى بىلەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى زېمىنى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغانلىقى ئۇچۇن ئۈچ چوڭ دىن، ئۈچ چوڭ مەدەنىيەت، ئۈچ چوڭ ئىقتىساد تەڭلا ئۇچرىشىدىغان ۋە ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئۆتكەل ئىدى. مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە تۈرلۈك ئىدېئولوگىيە بۇ زېمىندا تەڭلا ياكى ئارقا – ئارقىدىن يىلتىز تارتتى. ئىدېئولوگىيەدىكى بۇ خىل يىلتىز تارتىش ۋە ئوموملىشىش ئىجتىمائى تۇرمۇش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولغان ئەدەبىياتنى گۈللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. دىنى سورۇنلارنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشى نەتىجىسىدە راھىب، ئۇستازلار، تەرجىمانلار ئارقا – ئارقىدىن يېتىشىپ چىقتى. ئاتاقلىق تەرجىمان سىڭقۇ سەلى تۇتۇڭ ئۆز ئانا تىلىغا پۇختا بولۇپلا قالماستىن، قەدىمكى خەنزۇتىلى ۋە سانسىكىرىت تىللىرىنىمۇ ناھايىتى پۇختا بىلەتتى. ئۇ تەرجىمە قىلغان «ئالتۇن يارۇق»، «شۈەنزاڭنىڭ تەرجىمھالى» دىكى بىر قىسىم شېئىرلار ۋە ياكى قاپىيىلىك نەسرىي جۈملىلەر شۇ دەۋر شېئىرىيىتىنىڭ نەقەدەر ئوموملاشقىنىنى مەلۇم جەھەتتىن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. بۇ دەۋردە يەنە ئاپرىنچۇر تېكىن، پىراتيا ياشىرى، ئاسىغ تۇتۇڭ، ئاتساڭ، قالىم قايشى، كى كى قاتارلىق داڭلىق شائىرلار ئارقا – ئارقىدىن يېتىشىپ چىقىپ، ئەينى دەۋردىكى مەۋجۇت ئىدېئولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىققا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى.
   شائىرلار شېئىرلىرىدا ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان تېمىلارغا دىققەت قىلىپلا قالماستىن، بەلكى تىل ئىشلىتىش جەھەتتە تىلنىڭ ساپلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلدى. شېئىرلىرىنىڭ تىلىنى خەلق تىلىغا يېقىنلاشتۇرۇپ، ئاممىباپلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، خەلق تىلىنى توپلاش ۋە ئۆگۈنۈش ئىشلىرى بىلەن كەڭ تۈردە مەشغۇل بولدى. دېمەك، بۇ دەۋر شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسىنى يارىتىدىغان زور تۈركۈمدىكى شائىرلار قوشۇنى، بۇ قوشۇن ياراتقان بەدىئىي زېمىن تولۇق ھازىرلاندى. شائىرلار ئەۋزەل شارائىتتىن پايدىلىنىپ، بۇ دەۋر شېئىرىيىتىنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتىنى تولۇق ئىشقا سالدى. نەتىجىدە ئۆزىگە خاس ئورگىناللىقنى شەكىللەندۈرگەن قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى شېئىرىيىتى ئۆزىنىڭ تەرەققىيات يولىغا چۈشتى. بۇ دەۋر شېئىرىيىتىنىڭ خاسلىقىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
1.        شەكىل جەھەتتىكى خاسلىقى
  ئەدەبىي شەكىل ھەرقانداق بىر ئەدەبىي ژانىرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى شەكىل جەھەتتە مەۋجۇت ئىجتىمائىي، تارىخىي شارائىتتىكى باشقا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكىللىرىگە ئوخشىمىغان ھالدا تەرەققىي قىلدى. مەسىلەن، قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى شېئىرىيىتى ئوخشاش تارىخىي دەۋردىكى قاراخانىيلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىدىن تۈپلۈك پەرقلەندى. بىز «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى قوشاق ۋە باشقا شېئىرىي پارچىلارغا قارايدىغان بولساق، بۇ شېئىرلارنىڭ كۆپىنچىسى بارماق ۋەزنىدە ۋە ئارۇز ۋەزنىنىڭ مەلۇم بەھىرلىرىنى ئاساسىي شەكىل قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئالالايمىز. ئۇلاردا چاچما شېئىر شەكلى يوق. مىسرالارنىڭ بوغۇم سانىنىڭ ئاز كۆپلىكىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئاساسەن شەكىل جەھەتتىن ئىزچىللىققا ئىگە. قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى شېئىرىيىتى شەكىل جەھەتتە قاراخانىيلار دەۋرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە تۈپتىن ئوخشىمىغان ھالدا چاچما شېئىر شەكلى، بارماق ۋەزىنلىك شېئىر شەكلى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. مۇشۇ دەۋردىكى پىزاژ لىرىكىسى ھېسابلانغان «شۇ ئورۇنلاردا» ناملىق شېئىردا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئەركىن شېئىرلارنىڭ خۇسۇسىيىتى كۆرۈنەرلىك ئەمىلىيلەشكەن بولۇپ، شېئىرىيەت تارىخىي نۇقتىسىدىن قارىغاندا ئەركىن شېئىرلارنىڭ بەدىئىي شېئىرىيەت تارىخىدىكى باشلىنىش نۇقتىسىنىڭ خېلى ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولىدۇ. چاچما شېئىرلاردا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى تۇراق، بوغۇم ۋە قاپىيەلەرگە قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ تولۇق ئورۇندالغان بولۇپ، بەلگىلىك رىتىمدارلىق، قاپىيىلىنىش، تۇراقلارنىڭ ئاھاڭدارلىقى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇلغان. بۇ ھال ئەينى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ شەكىل جەھەتتىكى تەرەققىياتىنى، شۇنداقلا شۇ دەۋردىكى ئەدەبىي مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي شارائىتنى چۈشىنىپ يېتىشتە بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە. شېئىرلاردا يەنە قاپىيە ئىزچىللىقى كۆپ خىل بولۇش تەرەققىياتىغا يۈزلەنگەن. بۇ دەۋر شېئىرلىرىدا باش قاپىيىلىك، باش، ئاياغ قاپىيىلىك ۋە ئوتتۇرا قاپىيىلىك شېئىرلار خېلىلا ئوموملاشقان.
   باش قاپىيىلىك شېئىرلار: مۇنتىزىم باش قاپىيىلىك شېئىرلار، (بۇنداق شېئىرلاردا ئاياغ قاپىيە ئېتىبارغا ئېلىنمىغان، بوغۇم سانىمۇ ئوخشاش ئەمەس. لېكىن ھەممە مۇنتىزىم ئوخشاشلا بىرخىل ھەرپتىن باشلانغان بولىدۇ)، باش قاپىيىدىن تۈزۈلگەن، باش قاپىيىدە رىتىملىق ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدىغان شېئىرلار (بۇ خىلدىكى شېئىرلارنىڭ قۇرۇلمىسى: acccc, addddd, abbbb, aaaaaa شەكلىدە بولىدۇ). باش قاپىيىسى ئوخشاش بولمايدىغان شەكىللىك شېئىرلار: (aaa, bbb, ccc, dddd قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان. بۇ خىلدىكى شېئىرلار قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
   باش ــ ئاياغ قاپىيىلىك شېئىرلار: بۇ خىلدىكى شېئىرلار ئاساسەن باش قاپىيىدىن تۈزۈلگەن، لېكىن باش قاپىيە مەلۇم رىتىمدا بولمىغان، ئاندا – ساندا ئاياغ قاپىيە ئارىلىشىپ كەلگەن شېئىرلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىلدىكى شېئىرلار دەۋرىمىزدىكى بىرخىل ھەرپ بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. لېكىن ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى بىرخىل ھەرپ بىلەن باشلىنىدىغان سۆز ئويۇنلىرى كۆپىنچە نەسرى شەكىلدە ئىپادىلەنگەن بولسا، قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى شېئىرىيىتىدىكى بىر خىل ھەرپ بىلەن باشلانغان شەكىل شېئىرى شەكىل بولغان. ئوخشاشلىق پەقەت بىر خىل ھەرپ بىلەن باشلىنىش تەرتىپىدە كۆرۈلىدۇ.
   قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى شېئىرى مىسرالىرىنىڭ بوغۇم سانىنىڭ ئاز كۆپلۈكى، مىسرالىرىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى قاتارلىقلارغا قاراپ ئىككى مىسرالىق، ئۈچ، تۆت، بەش، ئالتە، يەتتە، سەككىز مىسرالىق شېئىرلارغا بۆلىنىدۇ. تۇراق، قاپىيە قاتارلىقلار جەھەتتە مۇنتىزىملاشقان بولۇپ، بۇلار يۇقىرىقى بوغۇملۇق شېئىرلار ۋە چاچما شېئىرلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.
يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە باش – ئاياغ قاپىيە شەكىللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. مىسرالارنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ئانچە ئىتىبارغا ئېلىنىپ كەتمىگەن. ئاساسەن سۆزلەرنىڭ كۈچلۈك ئاھاڭدارلىقى ۋە ئۆزئارا ماسلىشىشى بىلەن دىكلىماتسىيە قىلىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان شېئىرلارمۇ بىرخىل شېئىرىي شەكىل سۈپىتىدە ئوموملاشقان. بۇ دەۋردە شېئىرىي شەكىللەردىن قۇشۇغ (نەزمە، قوشاق ، قەسىدە)،  قۇژان (ناخشا)، قوشما (ھازىرقى تىلىمىزدىكى قوشاق مەنىسىدە)،تاقشۇت (بېيىت)، تاقماق (تۈزمەك مەنىسىدە)، ئىر (ناخشا، غەزەل)، كۆگ (ۋەزىنلىك شېئىر)، باشىق (قەسىدە) قاتارلىقلار؛ ئۇلاردىن باشقا يەنە سانسىكىرتچە شېئىر ئاتالغۇلاردىن شىلۇك (ئۆلچەملىك شېئىر، بېيىت، نەزمە)، پاداك (شېئىرنىڭ مىسراسى)، كاۋى (ھازىرقى نەسرى شېئىر) قاتارلىقلارمۇ بولغان. بۇلار رەڭگارەڭ قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى ئۇيغۇر شېئىرىيىتى گۈلزارىنى شەكىللەندۈرگەن شېئىرىي شەكىللەر بولغان.
2.        مەزمۇن جەھەتتىكى خاسلىق
قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى شېئىرىيتىنىڭ مەزمۇن قاتلىمى ئەينى دەۋىردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئىجتىمائى ئىدولوگىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن تاشقىرى، ئۆز دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، كىشلىك مۇناىسىۋەت، بىلىم، شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە بولغان چۈشەنچە ۋە تونۇش، ئادالەتلىك جەمئىيەتكە تەلپۈنۈش، ئادالەت كۆز قارىشى، ئاياللار ئازادلىقى ۋە پادىشاھتىن ئادالەت تەلەپ قىلىشتەك بىر قاتار ئىجتىمائىي مەسلىلەر بىلەن قويۇق ئالاقىدار بولغان ئىدى. بۇ خىل ئىجتىمائىي مەزمۇننىڭ مۇشۇ دەۋىر شېئىرىيتىدە رەسمى يوسۇندا شەكىللىنىشى دەۋىرنىڭ شېئىرىىيەتكە قويغان تەلىپى، شېئىرىيەتنىڭ ئىنسان مەنىۋىيتىنى يېتەكلەشتىكى مەنىۋى يېتەكچىلىكى تەرىپىدىن بەلگۈلەنگەن. ئەينى دەۋىردىكى ئاپتورلىرىمىز جەمئىيەتنىڭ ئەدەبىياتقا بولۇپمۇ شېئىرىيەتكە قويغان تەلىپىنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىپ، ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار قۇرالى بولغان بۇ تۈرنى مەزمۇنغا خاس شەكىلدە روياپقا چىقاردى. تىما جەھەتتە شائىرلار ئىجتىمائىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسى بويچە تىرەنلىككە قاراپ مېڭىپ كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ساغلاملىقى، ئىستىتىك ساپا ساغلاملىقى، تونۇش ساغلاملىقى، ئىنتىلىش ساغلاملىقى ۋە شۇلار قاتارىدا يەنە كۈزىتىش ۋە باھا بېرىش ساغلاملىقى جەھەتتىمۇ ئەتراپلىق تەربىيىلەپ، مۇقىم، ئىناق بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىش جەھەتتە شېئىرىيەتنىڭ كۈچ-قۇدىرىتىنى نامايەن قىلدى. شېئىرىيەتتە ئاپتۇرلار قوشۇنى زورويۇپ، كۆلەملىشىشكە قاراپ يۈزلەندى.
بۇ دەۋىردىكى شېئىرىيەتنىڭ مەزمۇنى باشقا ھەرقانداق تارىخى دەۋىردىكىگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە كەڭلىككە ۋە شۇ كەڭلىككە مۇناسىپ تىرەنلىككە قاراپ تەرەققىي قىلدى.بۇ دەۋىردىكى شىئېرلارنى مەزمۇن ئىتىبارى بىلەن دىنىي مەزمۇندىكى شئېرلار ۋە ئىجتىمائى مەزمۇندىكى شىئېرلار دەپ ئىككى چوڭ مەزمۇنغا يغىنچاقلاشقا بولىدۇ.
دىنىي مەزمۇنىدىكى شېئىرلار: دىنىي ئىدېئولوگىيە بىلەن ئالاقىدار شېئىرلار بۇددا، مانى دىنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ شېئىرلاردا دىنىي ئەقىدىلەر، غايىۋىي مەنزىلگە ئىنتىلىش، جانلىقلارنى ئاسراش، باشقىلارغا ئازار بەرمەسلىك، ياخشىلىق قىلىش، دىن پىشىۋالىرىنىڭ پەزىلەتلىرى بويىچە تەربىيلەش ئېلىپ بېرىش، يامان ئىشلاردىن قەتئىي قول ئۈزۈش، تەبىئەت دۇنياسى بىلەن ئىنسان ھاياتى ۋە مەۋجۇدىيەت ھاياتلىقىنىڭ قىممەت ئىتىبارىنى ئۇلۇغلاش... قاتارلىق ئىجتىمائىي مەزمۇنلار بايان قىلىنغان. «شۇنداق ئورۇنلاردا» ناملىق شېئىرلاردا ئاتا بوۋىلىرىمىز ياشىغان جۇغراپىيىلىك شەرت شارائىت، تەبىئىي مەنزىرە، ئەينى دەۋردىكى ئەدىپ، موللىلارنىڭ تەبىئەت قوينىغا سىڭىپ كەتكەن، ئۆزىنى تەبىئەتنىڭ بىر قىسمى دەپ تونۇغان ئومومىي ھالىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بېرىلگەن. بۇشېئىرلاردا سۈرەتلەنگەن جىمجىت ئورمانلىق، قات – قات تاغلار ئارىسىدىكى پىنھان ئىستىقامەتگاھ ، شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان سۈزۈك سۇ، ئېرىق بويىدا بولۇق ئۆسكەن ئورمانلاردا شاختىن – شاخقا قونۇپ چاڭىلداپ سايراۋاتقان ھەرخىل قۇشلار ... تەبىئەتنىڭ ئاددىيلا بىر كۆرۈنىشى بولۇپ قالماستىن، بەلكى شائىرنىڭ ۋەتىنىنىڭ گۈزەللىكىگە بولغان سۆيۈنىشى، ئىپتىخارى ۋە مۇھەببىتىنىڭ يارقىن ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىجتىمائى مەزمۇندىكى شىئېرلارنى ئۆز ئىچىدىن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە مەزمۇنلارغا بۆلۇشكە بولىدۇ:
ئىلىم – مەرىپەت ۋە بىلىم مەزمۇن قىلىنغان شىئېرلار: بىلىم ۋە بىلىم ئىگىسىگە ھۆرمەت قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئېسىل ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى. بۇ خىل ئەنئەنە مەيلى قايسى خىل ئىدېئولوگىيە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدىغان مەزگىللەردە بولسۇن، ئىزچىل تۈردە ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ساقلاپ كەلگەن. قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى شېئىرلىرىنىڭ مەزمۇنىدا بىلىم، مەرىپەت ئىددىيىسىنىڭ تەشۋىق قىلىنىشى شۇ دەۋر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنىڭ كۈچلۈك تەقەززاسى بولۇپ، بىلىم ۋە مەرىپەت ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى مۇھىم ھالقا سۈپىتىدە ئىتىبارغا ئېرىشكەن. بىلىمنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى، بىلىملىك بىلەن بىلىمسىز سېلىشتۇرۇلۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. ئوبرازلىق سېلىشتۇرمىدا «تاش» نى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ، ئاشۇ ئاددىي تاشتىن پايدىلىنىشتا بىلىمنىڭ رولى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن.مەسىلەن:
بىلگ بىلىڭ يا بەگىم،
بىلگ ساڭا ئەش بولۇر.
بىلگ بىلگەن ئول ئەرگە،
بىر كۈن دەۋلەت تۇش بولۇر.

بىلگىلىك ئەر بىلىڭە،
تاش قورسانسا قاش بولۇر،
بىلگسىزىن يانىڭا
ئالتۇن قويسا تاش بولۇر . ①
(بىلىم ئۇگىنىڭ ئەي بېگىم،بىلىم سىزگە ھەمرا بولۇر. بىلىم ئۇگەنگەن ئەرگە دۆلەت ئاخىر يار بولۇر.بىلىملىك ئەرنىڭ بېلىگە قىستۇرۋالغان تېشى قاش تېشىغا ئايلىنىدۇ.بىلىمسىزدىكى ئالتۇن تاشقا ئايلىنىدۇ.)
يۇقارقى شېئىردا «تاش» بىلەن «قاشتېشى» دىن ئىبارەت ئىككى جىسىم ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇلۇپ، «تاش» نى «قاشتېشى»غا ئايلاندۇرغان بىلىمنىڭ خاسىيتى يۈكسەكلىككە كۈتۈرۈلگەن. بىلىمنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت ئارقىلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى ئۇيغۇر شېئىىيىتىدە يەنە دىداكتىك مەزمۇندىكى شېئىرلارمۇ خېلى كۆپ يېزىلغان. دىداكتىكا (پەندى-نەسىھەت،ئۈگۈت) ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ كىشلىك ھاياتتىكى ئەۋلاتلارنى ئەدەپلىك، ئەخلاقلىق ۋە ۋەتەنگە ياراملىق ئەۋلات قىلىپ تەربىيلەشتىكى مۇھىم قۇرالى. بىزدە «ئادەم قۇلىقىدىن، ھايۋان تۇيىقىدىن» دېگەن ماقال بار. بۇ- گەپ ئاڭلايدىغان، نەسىھەتكە قۇلاق سالىدىغان ئادەم ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى تۇتالايدۇ،- دېگەن سۆزنىڭ ماقاللىق شەكلى بولۇپ، بۇنىڭدىن بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ يالغۇز ئۆزى بىلەنلا بولىۋەرمەي، باشقىلارنىمۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى، ئۇنىڭ بۇزۇلىشى جەمئىيەتنىڭ بۇزۇلىشىغا، ئۇنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشى جەمئىيەتنىڭ ياخشىلىنىشغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ،- دەپ قارىغانلىقنىڭ نەتىجىسى بولغان. ئەجداتلىرىمىز مۇشۇ مەزمۇندىكى ئادەتلىرىنى يالغۇز ئاغزاكى نەسىھەت يولى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يازما ئەدەبىياتنىڭ نادىر شەكىللىرىنىڭ بىر بولغان شىئېرىيەت شەكلى بىلەنمۇ  ئىپادىلەشكە  ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قاراپ، بۇ مەزمۇنلارنى ئومۇملاشتۇرۇشقا تېرىشقان. ئۇلاردا دوستلۇقنى قەدىرلەش ۋە ئېسىل پەزىلەتلىك، ياخشى مىجەزلىك كىشىلەرنى ھۆرمەتلەش، ئۇلارغا كۆيۈنۈش، ئۇلاردىن ئۈلگە ئېلىش، ئۇلار ماڭغان يولدا مېڭىش تەشەببۇس قىلىنغان. ئۆزئارا كۆيۈنۈش، مىھرىبانلىق يەتكۈزۈش، توغرا مۇئامىلىدە بولۇش، بىر – بىرىگە مىھرىبانلىق قىلىش بەدىلىگە مىننەت قىلماسلىق، خىيانەتكارلىقتىن قەتئىي ساقلىنىش، مەردلىك ۋە سىخىيلىقنى ئادەت قىلىپ، يامانلىق ۋە بىخىللىقنى قەتئىي تاشلاشقا دەۋەت قىلغان. بۇ خىل ئەخلاقىي مىزان دەۋەتلىرى بىزگە ئەينى دەۋر ئىجتىمائىي تۇرمۇشىنى، كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتنى، جەمئىيەتنىڭ ئومومىي كەيپىياتىنى ۋە ئومومىيلىق ئىچىدىكى ئايرىمىلىقنى چۈشەندۈرىشىمىزدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.مەسىلەن:
كۆنى ئۆگەلى بۈگۈش ئۇرغىل ئۇدۇغىن ساقىن،
كۆزى يارۇق ئىدۇقلارقا بارغىل ياقىن.
كۆڭۇل ۋىشاي ئىكگىگۈنۈڭ تۆزىن ساقىن.
(توغرا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ھېكمەت قوللان، سەگەك بول،كۆزى روشەن ئەزىزلەرگە يېقىن بول.كۆڭۈللۈك ۋە دىشىۋارلىق ھەر ئىككىسىنىڭ تېگىنى بىلگىن،
كۆڭۈلدىن سىرىت قايسى نوم بار؟ بۇنىڭغا ھەقىقى چۈشەنگىن.②)
چىسۇيا تۇتۇڭنىڭ بۇ شىئېرىدا  تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە قارىتا قانداق تەدبىر قوللىنىشنىڭ يولى كۆرسىتىلىش بىلەن بىرگە، ياخشىلارغا ياندىشىشنىڭ پايدىسى، شادلىق ۋە قايغۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىپ يېتىشنىڭ ئەھمىيتى كۆرستىپ ئۆتۈلگەن.
بۇ دەۋر شېئىرىيىتىدە يەنە يىراققا كەتكەن يىگىتنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە ئايالىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى قايغۇلۇق ھېسسىياتى نازۇك تىل ۋاستىسىغا تايىنىپ يارقىن ئىپادىلەپ بېرىلگەن. ئىنسانى ئىشقى-مۇھەببەت ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئەزەلدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، ئىنساننى ئىجىللىققا، كۆيۈمچان ۋە مىھرىبان بولۇشقا ئۈگىتىدىغان، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق پەيدا قىلىدىغان مۇھىم مەنىۋى جەريان. مۇھەببەتسىز ئائىلە بىرلىكىنى، تۇرمۇشنىڭ لەززىتى ۋە ھاياتنىڭ ئىزگۈ مەنىسىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكن ئەمەس.
قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى شېئىرىيتى مەزمۇنىدا ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ مۇھىم بىر بۆلىكى بولغان بۇ مەزمۇنلارغا ئالاھىدە سەھىپە ئاجىرىتىلغان بولۇپ، ئۇ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئوتلۇق لىرىكىلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلاردا ۋاپادار ئاشىقنىڭ ئۆز مەشۇقىنى ياد ئېتىپ، ۋىسال-شادلىق كۈنلىرىگە بولغان تەلپۈنۈش ھېسىياتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. مەسىلەن:
ئاددىنچىغ ئامراق....
ئامراق ئۆز- كىيەم...
قاسىنچىغىمىن ئۆيۈ قادغۇرار مەن
قادغۇردۇقچا قاشى كۆرتلەم
قاۋىشىغىسايۇرمەن
ئۆز ئامراقىمىن ئۆيۇرمەن
ئۆيۇ ئەۋىرۈر مەن ئۆدۇ.... چۈن
ئۆز ئامراقىمىن ئۆپۈگسەيۇر مەن
بارايىن تىسەر باچ ئامراقىم
بارۇيىمە ئۇماز مەن
باغىرساقىم
كىرەيىن تىسەر كىچىگىيەم
كىرۇ يىمە ئۇمازمەن
كىن يىپار يىدلىغىم.
يارۇق تەڭرىلەر يارلىقازۇن
ياۋاشىم بىرلە
ياقىشپان ئادرلىمالىم
كۈچلۈك پەرىشتىلەر كۇچ بىرزۇن
كۆزى قارام بىرلە
كۈلۈشۈگىن ئولۇرالىم
(بەكمۇ ئامراق...ئامراق ئايالىم.يارىمنى ئويلىسام، قايغۇغا چۆكىمەن،قايغۇرغانسېرى، ئېھ قاراقاشلىقىم،دىدارلىشىشقا شۇنچە ئىنتىزار بولىمەن.ئۆز ئامىرىقىمنى ئويلىسام،ئويلاپ،ئويلاپ......ئۇنى قايتىلاپ-قايتىلاپ سۆيۈشكە ئىنتىلىمەن. ئامرىقىم ،مەن سېنىڭ يېنىڭغا باراي دېسەم ، بېرىش ئىمكانىيتىم يوق، مېنىڭ باغرىم. ئامرىقىم ، مەن سېنىڭكىگە كىرەي دېسەم كىرىشكىمۇ ئىمكانىيىتم يوق، ئىپاردەك پۇراقلىقىم. يورۇق تەڭرى ساقلىسۇن  ئايالىم بىلىن مېنى .ئايرىلماي بىرگە تۇرايلى. كۇچلۇك پەرىشتىلەر كۇچ بەرسۇن، قارا كۆزلۇكۇم بىلەن ماڭا، بىللە كۇلۇشۇپ ئۆتەيلى.)④
يۇقارقى شېئىردا يىراق جايدا تۇرۇۋاتقان بىر ئاشىقنىڭ سۆيگەن يارىنىڭ ۋىسالىغا كېچە-كۈندۈز ئىنتىزارلىق بىلەن تەلمۈرۈپ تۇرغانلىقى ئۇنى چىن دىلىدىن سۆيىدىغانلىقى، لېكىن بۇ يۈرەك پارىسىنىڭ ۋىسالىغا يېتىشكە ئىمكانىيەتنىڭ يار بەرمەيۋاتقانلىقى، شۇنداقتىمۇ بۇ ئىپار بۇي بىلەن ئەبەدىي بىللە ئۆتۈش ئىستىكىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى نازۇك لىرىك ھىسىياتلار بىلەن ئىپادىلەنگەن.
گەرچە بۇ شېئىر ئايرىم جەڭچى ياكى سودىگەرچىلىك بىلەن يىراققا سەپەر قىلغان بىر كىشىنىڭ ھەسرەتلىك سېغىنىش كۈيى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ سىيۇژىتتا شېئىرىي تۇيغۇ پەيدا قىلىپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالالىغانلىقى بىلەن قەدىرلىك. ئۇنىڭدا تەبىئەت ھادىسىلىرى بىلەن ئىنسان تۇيغۇسىنىڭ نازۇك تەرەپلىرى ئۆزئارا زىچ ماسلاشتۇرۇلۇپ، جۇدالىق دەردىدە سېغىنىش ئازابى تارتىۋاتقان كىشىنىڭ ئىچكى تۇيغۇسى جانلىق ئىپادىلەپ بېرىلگەن. مۇشۇندداق مەزمۇندىكى يەنە بىر قىسىم شېئىرلاردا ئاتا بىلەن پەرزەنت، ئاكا بىلەن ئىنى ۋە كېلىنلەر ئوتتۇرىسىدىكى قان – قېرىنداشلارچە سېغىنىش ھېسسىياتى جانلىق ئىپادىلەنگەن.
بىر قىسىم شېئىرلاردا ئىنساندا بولۇشقا تېگىشلىك ئىنسانىي ھېسسىيات ـــ ئىنسانىي ئىشقىي مۇھەببەت زوق – شوق بىلەن كۈيلەنگەن. ۋاپادار ئاشىقنىڭ ئۆز مەشۇقىنى ياد ئېتىپ، ۋىسال سادلىق كۈنلىرىگە بولغان نازۇك تۇيغۇسى جانلىق، ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بېرىلگەن.
(3) ئادىل شاھ غايسى ئىلگىرى سۈرۈلگەن شېئىرلار:
ئادىل شاھ غايىسى قارىشى كلاسسىك ئەدەبىياتىمىز تىماتىكىسىدا ئىزچىللىقى يۇقىرى تېمىلارنىڭ بىرسى بولۇپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئەلنىڭ يېتەكچىسى، ھامىيسى بولغان شاھنىڭ ئادىل بولىشىنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ كاپالىتى، دۆلەت تەرەققىياتى ۋە ئىستىقبالىنىڭ نىشانى دەپ بىلگەن. شۇڭا ئەدەبىيات شەكلى ئارقىلىق شاھلارنى ئادىل سىياسەت يۈرگۈزۈشكە، توغرا قانۇن چىقىرىشقا دالالەت قىلغان. مەسىلەن:
كۆك بورىتەگ سىنى بىرلە يۇرىيىن ،
قارا قۇزغىنتەگ تۇپراق ئۈزە قالايىن.
ئىگە كۆمۇرى،
بىلەگۈكە يارىتەگ بولايىن.
ئەرىكلىگ ئۇلۇغ ئىلىگىمىز ئەرۇرسىز.
ئالتۇنچاتوممىش.
تولۇنچا توممىش،
قۇتلۇق بىلگە بەگ ئۈمۈز ئەرۈرسىز.
يمە قالىن قارا بۇدۇنۇڭۇزنى،
كىڭ قويۇڭۇزدا،
ئۇزۇن ئەتەكىڭىزتە،
كۈيۈ كۈزەدۈ تۇتۇپ ئاچىنۇ ئىگدۇرسىز.
(كۆك بۆرىدەك سەن بىلەن بىللە يۈرەي،قارا قۇزغۇندەك تۇپراق ئۈستىدە قالاي.ئاغرىققا داۋا،بىلەي (بىلەي تاش)گە سۇ (تۈكۈرۈك) بولاي.قۇدىرەتلىك ئۇلۇغ ئىگىمىز (پادىشاھىمىز) سىز،سىز ئالتۇندەك ساپ،مەرۋايىتتەك سۈزۈك،قۇتلۇق، دانا، بىگىمىز سىز.سىز بارلىق پۇقرالىرىڭىزنى كەڭ قوينىڭىزدا،ئۇزۇن ئېتىڭىزدە،كۆيۈنۈپ ئاسراپ مىھرىۋانلىق بىلەن باقىسىز.③)
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، يۇقارقى شېئىردا  پادىشاھنىڭ ئەمىلى ئىشلىرىنى توغرا يول بىلەن مۇئەييەنلەشتۈرۈۈش ئاساسىدا، ئۇنىڭ ھۆرمەتلىنىشكە، قەدىرلىنىشكە تېگىشلىك تەرىپىنى ئالاھىدە كۆرسەتكەن. پادىشاھلارنىڭ ئېڭىدا مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغان شاھ خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئىرىشەلەيدىكەن دېگەن تۇيغۇنى شەكىلەندۈرۈپ، پادىشاھلارنى خەلقپەرۋەر بولۇشقا ئۇندىگەن.

يۇقارقىلاردىن باشقا يەنە ئاياللار ئازادلىقى مەسىلىسىمۇ بۇ دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئالاھىدە بىر مەزمۇنى سۈپىتىدە شېئىرىيەت زېمىنىدا يىلتىز تارتقان. ئاياللارنىڭ ئىسىل ئەخلاقىي پەزىلىتى كىشى ۋۇجۇدىدا بەرق ئاچقان مېسال سۈرەتلىنىپ، مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە مۇشۇنداق خىسلەت تەۋسىيە قىلىنغان. قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە يۇقىرىقىدەك شەكىل، مەزمۇن جەھەتتىن باشقا يەنە تىل ئىشلىتىش، شېئىرلاردىكى قۇرۇلما سەنئىتى، ئۇسلۇب قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە.
پايدىلانمىلار :
1.        ئىسمايىل تۆمۈرى : «ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1995-يىل نەشرى.
2.        ئەھمەد دەرۋىش: «قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى ۋە قاراخانىيلار خانلىقى دەۋرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ خاسلىقى توغرىسىدا»، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى 2005.يىل 2.سان.


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2070
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 19
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 00:25:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ، قۇجۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى شىئىرىيىتىنىڭ مەزمۇن، شەكىل،تىل ۋە قاپىيە جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنىڭ باشقا ھەر قانداق دەۋىردىكىدىن ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بولۇپمۇ ‹بىلگ بىلىڭ يا بېگىم› سەدرىسى بىلەن باشلىنىدىغان شېئىر ئاتا بوۋىمىزنىڭ ئەزەلدىن بىلىمخۇمارلىقىنى بىزگە كۆرسىتىپ بەردى.ئاپتورغا كۆپ رەھمەت!!!!!

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7
يازما سانى: 299
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1095
تۆھپە : 14
توردا: 322
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 00:59:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇستاز  ئەمەت دەرۋىش مۇئەللىمنىڭ مۇنبىرىمىزگە باسقان  قۇتلۇق قەدىمىدىن سۆيۈندۈم. مۇمكىن بولغىنىدا، كونا-يېڭى تەتقىقات ئەسەرلىرىنى مۇنبىرىمىزگە يوللىسا، نەقەدەر ياخشى بولار ئىدى-ھە...

ئەركزاتمەن ياشايدىغان ئەركىم بىلەن،
دوستلىشىمەن دوستنى سۆيگەن ھەر كىم بىلەن.
مەۋجۇت ئەمەس لۇغىتىمدە شاھ يا گاداي،
ئەركزات مەن  ئۆز قىممىتىم-نەرقىم بىلەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 262
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2599
تۆھپە : 7
توردا: 254
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 02:34:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



‹‹يېڭى شېئىرىيەت ›› ھادىسسىنى چەتئەلگە باغلاپ چۈشەنگۈچىلەرگە قۇجۇ ئىدىقۇت دەۋرى شېئىرلىرى بىر سىگىنال...
يېڭچە شېئىرىيەت- ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تارىخى ئىزچىللىقى...




قۇشۇمچە مىسال:


كۆكتىن تامدۇق،

يەردىن ئۈندۇق.


                                   - بىلگە خاقان مەڭگۈتېشى




ئەشرەقەتمەن ئەكسى شەمسىل كەئىسى ئەنۋەرۇل ھۇدا،

يار ئەكسىنى مەيدە كۆر دەپ جامىدىن چىقتى سەدا.

                                                      - ئەلشىر نەۋائى




ئاھ ئۇرارمەن ئاھ ئۇرارمەن،

ئاھلىرىم تۇتقاي سېنى.

كۆزيېشىم دەريا بولۇپ،

بېلىقلىرىم يۇتقاي سېنى..


                               -ئۇيغۇر خەلق قۇشىغى



.......................................................................................................





چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 519
تۆھپە : 2
توردا: 104
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 10:01:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ ماقالىنى يولغان  قەلەمداشقا  رەھمەت ...  مانا مۇشۇنداق ماقالىنى داۋاملىق يوللاپ  تۇرارسىز ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  562
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 335
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 14:38:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ئەمەت دەرۋىش مۇئەللىم غۇنچىلار ئۈچۈنمۇ ، ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈنمۇ ۋىجدان بىلەن خىزمەت قىلۋاتقان ئۇستازلارنىڭ بىرى. ھارماڭ ئۇستاز، تىنىڭىز سالامەت بولسۇن...

تاشتىن قاتتىقمەن گاھى، ناۋاتتىن تاتلىقمەن گاھى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش