ximal
كۆرۈش: 415|ئىنكاس: 0

نۇرمۇھەممەت جېلىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  718
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 674
تۆھپە : 9
توردا: 156
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 20:27:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نۇمۇھەممەت  جېلىلنىڭ  تەرجىمھالى



}4(9%NMN9CAXWMEXYOCA(UG.jpg




نۇرمۇھەممەت جېلىل 1950-يىلى گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسىغا قاراشلىق ياڭاقلىق كەنتىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1966-يىلى لوپ ناھىيلىىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. 1968-يىلىدىن 1973- يىلىغىچە لوپ ناھىيىلىك قول سانائەت بىرلەشمىسىدە ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن.1973-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋې -رىستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان.1977-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ  ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىدە ئەدەبىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ    پېنسېيەگە چىققان.
  شائىرنىڭ ئىجادىيىتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا باشلانغان بولۇپ،تۇنجى شېئىرى 1972-يىلى «يېڭى خوتەن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ 1000 دىن ئارتۇق شېئىر،ناخشا تېكىستى، نەسىر ،ئەدەبىي  ئاخبارات ۋە ماقالىلىرى ھەر قايسى گېزىت -ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.   100دەك  ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ، رادىيو ۋە تېلېۋىزورلاردا بېرىلگەن. «ئاي بىر جۈپ بوپ كۆرۈندى»  ناملىق  شېئىرى  ئوتتۇرا مەكتەپ ناخشا مۇزىكا دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.خېلى كۆپ شېئىرلىرى كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 1994-يىلى شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئاي بىر جۈپ بوپ كۆرۈندى » ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.ئۇنىڭ 40تىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى ۋە ئەدەبيي پىرۇگىراممىسى مەملىكەت ۋەئاپتونۇم رايون بويىچە  ئايرىم-ئايرىم 1-،2-،3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا  ئېرىشكەن.
ئۇ 120دىن ئارتۇق رومان ،پوۋېستنىڭ،نەچچە مىڭلىغان ئەدەبىي ئاڭلىتىشنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن.1500دىن ئارتۇق ناخشىنى رادىيوغا  ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ ،ئەدەبىي مۇھەررىرلىكىنى قىلغان،شۇ قاتاردا «قۇمۇل سەنىمى»،    «خوتەن سەنىمى» ،«چىرا سەنىمى»نى ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ،ئەدەبىي مۇھەررىرلىكىنى قىلغان.«تاشۋاي»،«مۆلجەر  تاغ بورانلىرى»،«مۇقام ئەجدادلىرى»،«چىن مودەن»قاتارلىق دىرامما ،ئوپېرالارنى ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ،ئەدەبىي مۇھەررىلىكىنى ئىشلىگەن. ئۇ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ ،قەلىمىنى تاشلىماي ،ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.
  1989-يىلىدىن باشلاپ،ئۇ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
باشقۇرغۇچىلارغا ئەسكەرتىش: رەسىم قوشتۇم،ئەمدى تەستىقلاپ قويغايسىزلەر.رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بىلقىز سۇلايمان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-31 16:07  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش