ximal
كۆرۈش: 352|ئىنكاس: 8

مىكرو ئوبزور(40) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 466
تۆھپە : 0
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 13:40:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«توي قىلىش ئالدىدا»ھەققىدە تەھلىل

شائىر شېئىردا ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ.بۇ «ئۆز» ناھايتى كەڭ دائىرلىك .شائىر ھېسياتىنى،تۇيغۇسىنى،كۆز قارىشىنى،مەيدانىنى،پوزىتسىينى ئاللاقانداقتۇر تەرەپلەرنى ئىپادىلىشى مومكىن.بىر پارچە شېئىر مەقسەتسىز يېزىلسۇن ياكى مۇئەييەن مۇددىئا بىلەن يېزىلسۇن شائىر شېئىردا ئۆزىنى ئاشكارلايدۇ.بەزى ھاللاردا ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى ئاشكارلىغانلىقىنى ئۆزىمۇ تولۇق بىلمەسلىكى مۇمكىن.چۇنكى ئىجادىيەت جەريانىدا ئاڭ بىلەن ئاڭسىزلىق تەڭ  كۈچ كورسىتىدىغان بولغاچقا ،بەزى تەرەپلەر شائىرغىمۇ ئايان بولماي بولىدۇ.لىكىن ئاڭ شەكلىدىن قۇرۇلغان ئىجتىمائىي رىئاللىق بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن ئاسانلا باشقىلار تەرىپىدىن ئاشكارلىنىپ قالىدۇ. بىز  «توي قىلىش ئالدىدا»ناملىق شېئىر ئارقىلىق ئۇنىڭدا ئاشكارىلانغان ئاياللىق روھنى ئانالىز قىپ باقايلى.

ئاتمىش كۈندىن كىيىن ئاڭلىغىن،
شۇنچە تونۇش كىمنىڭ ئۆكسىشى.
ئۈن چىقارماي بىردەم يىغلىغىن،
كەلمىسە گەر قەدەم تىۋىشى،
ئاشۇ كىچە ئۆلدى دەپ بىلگىن،
توي قىلىدۇ چۈنكى بىر كىشى.

توي قىلىش كۆپ خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە.ئۇ ئالدى بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن بىر خىل فىزولۇگىيەلىك تەلەپ،شەكىل جەھەتتىن تۈرلۈك ئىجتىمائىي ئىتىكىلىق ،ئەنئەنىۋىي قائىدە -مىزانلارنىڭ ،تەرتىپلەرنىڭ يىغىندىسى.ئۇنىڭدا يەنە بىر خىل ئىستىتىكىلىق تاللاشمۇ مەۋجۇت.يەنى توي قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمى بويىچە ئوبىيكىت تاللايدۇ.لىكىن ئادەمنىڭ سۇبىيتىپ تاللىشى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ چەكلىشىگە ئۇچرايدۇ.مەزكۇر شېئىردە دەل مۇشۇ خىل تەلەپ ۋە تاللاشنىڭ قارشىلىققا ئۇچرىشى شۇنداقلا شائىرەنىڭ ئۇنى ئامالسىز قوبۇل قىلىش خاھىشى ئىپادىلەنگەن.
ئادەم نېمە ئۈچۈن ئۆز تاللىشىغا ئىگە بولالمايدۇ؟ مانا بۇ ھەل قىلىش تەس  بولغان مەسىلە.بۈگۈنكى رىئاللىقىمىزدا نىكاھ ئەركىنلىكى قانۇن كۈچى تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.شېئىردىكى «مەن»ئۆزىنىڭ ئەركىن تاللىشىنى تامامەن كاپالەتكە ئىگە قىلالايدۇ. لىكىن ئۇنداق قىلمىغان. سەۋەب نېمە ؟ بۇ يەردىكى مەسىلە دەل ھەل قىلىش تەس بولغان ئىتىكىلىق ئامىلدۇر.تېخىمۇ كونكىرىتلاشتۇردىغان بولساق ،قىزنىڭ ئەركىن تاللىشىغا توسالغۇ بولىۋاتقان ،تويغا زورلاۋاتقان كۈچنى «ئاتا-ئانا»دەپ پەرەز قىلساق بىزنىڭ ئىتىكا قارىشىمىز بويىچە ئاتا-ئانىغا قارشى قوپۇش ئەخلاقسىزلىق ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ گىپى بويىچە مېڭىش ،دېگىنى ئاڭلاش ۋاپادارلىق جۈملىسىدىندۇر.بۇ خىل قاراش بەلكىم نۇرغۇن مىللەتكە ئورتاق بولۇشى مۇمىكن.مۇشۇنداق ئامالسىزلىق(نۇغۇن بولۇشى مۇمكىن) ئادەمنىڭ ئەركىن تاللىشىنى چەكلەپ قويىدۇ.شېئىردىكى «مەن»دەل مۇشۇ خىل ھالەتتە.
شېئىردا «مەن»،«سەن»،« ئۇ»دىن ئىبارەت ئۈچ ئوبراز بار.«مەن»شېئىردىكى بايانچى، مۇنداقچە ئېيتقاندا شائىرەنىڭ ئۆزى دىيىشكىمۇ بولىدۇ.«سەن»شېئىردىكى قوبۇللىغۇچى،ياكى «مەن»نىڭ ئاشىقى. «ئۇ»شېئىردا بىۋاستە تىلغا ئېلىنمايدۇ.بايانچى بىلەن قوبۇللىغۇچى ئارىسىغا قىستۇرۇلغۇچى مەيدانىدا ئوتتۇرغا چىقىدۇ.«ئۇ»شېئىردىكى ھېسيات كەچۈرمىشى ۋە رىئال ھېكايىلەردىن تاشقىرى پىرسوناژ.لىكىن ئۇ ھېكايىلەرنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسى مۇنداقچە ئېيتقاندا رول ئېلىۋاتقان ئىككى پىرسوناژنىڭ بىرى چىكىنىپ ، يەنە بىرىنىڭ رولنى داۋاملاشتۇرىشى.

سەن سۆيىسەن مېنى شۇقەدەر،
قەھرىڭ بىلەن ئۇرۇپ يۈرەككە.
ماڭا ئاشۇ لەۋلىرى زەھەر،
تىگىشمەيمەن لىكىن بۆلەككە.
ئۇنتۇمايمەن ئۆلگەندە قەدەر،
يەتمىسەممۇ ئارزۇ-تىلەككە.

سەن ئۈگەتتىڭ ماڭا سۆيۈشنى،
سۆيگۈ نېمە بىلگەندەك بولدۇم.

شېئىردا ئاشكارلانغان نەرسە شۇكى،شائىرەنىڭ خۇسۇسىي ھېكايىسى.خۇسۇسىي بولغاندىمۇ كۈچلۈك ئىتىكا مىزانلىرىغا ئىگە مىللى توپتا ئادەمنىڭ تەقدىرىگە تەسىر كورسىتىدىغان مەخپىيەتلىك.ئۇندىن باشقا شائىرەنىڭ بۇ تويغا بولغان پوزىتسىيەسى ،مەيدانى قاتارلىق  مەسىلىلەر ئاشكارىلانغان .لىكىن موھىمى ئاشكارىلانغان خۇسۇسىي كەچمىشتۇر. ئايال بولغۇچىغا نىسبەتەن تېخىمۇ موھىم."مەن" باشقا بىرى بىلەن توي قىلماقچى .لىكىن بۇ شېئىر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سۆيگۈ ھېسلىرىنى قوزغاتقۇچى ،سۆيگۈنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدۇرغۇچى،رومانتىك كۈنلەرنى-تۈنلەرنى بىرگە ئۆتكۈزگۈچى باشقا بىرىسىگە مەدھىيە ئوقۇۋاتىدۇ،ساداقىتىنى بىلدۈرۋاتىدۇ ھەم بۇنى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق كەڭ ئاۋامغا <نامايىش>قىلىۋاتىدۇ.ئاشكارلاۋاتىدۇ.ئەلۋەتتە بۇنىڭدىن ھوزۇرلانغۇچىلار ئارىسىدا بولغۇسى ئەرنى يوق دېگىلى بولمايدۇ.
بۇنداق تەۋەككۇلچىلىق بىر تەرەپتىن ئامالسىزلىق بولۇشى مۇمكىن.يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز تاللىشىغا ئىرىشىشتىكى ئاقىلانە تەدبىر بولۇشى مۇمكىن.لىكىن ئامال بولماي قالغان ئەھۋالدا كىيىنكى تەقدىر قانداق بولار ؟  ئەر قانداق ئويلار ؟ ئەرنىڭ دوستلىرىچۇ ؟ئاندىن بۇ نىكاھنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولار؟ ئەگەر بۇ خىل ئاشكارىلاش بولماي ،باشقا ئىشلار يەنە شۇنداق بولغان ئەھۋالدىچۇ ؟
موھىم مەسىلە ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى شېئىرنى سەنئەت،ھوزۇرلىنىدىغان نەرسىلا دەپ قارامدۇ؟
بۇ مەسىلىلەر ئەلۋەتتە شېئىردا ئوتتۇرغا قويۇلغان مەزمۇن ئەمەس .لىكىن شېئىرنىڭ مەۋجۇتلىقى بىزگە مۇشۇنداق سۇئاللارنى تۇغدۇرىدۇ.بۇ سۇئاللارغا بېرىلىدىغان جاۋاب ئوقۇرمەنلەرگەقالدۇرلدى .بۇ تەھلىلدە پەقەت مانا مۇشۇنداق چوڭ سۇئاللارنىڭ كىلىش مەنبەسى تەھلىل قىلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hazratali ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 13:53  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  202
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 249
تۆھپە : 3
توردا: 68
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 14:31:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھلىلىڭىز جايىدا بوپتۇ. مىكرو ئوبزۇرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي.
مۇۋاپىق كۆرسىڭىز پاسئاننىڭ «ئۇرۇق كۆيدۈرگۈچى» دېگەن شېئىرى ئۈستىدە توختىلىپ باقسىڭىز!

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە،
ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا كىرەر!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 466
تۆھپە : 0
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 15:46:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«ئۇرۇق كۆيدۈرگۈچى» دېگەن شېئىر ئاددىلار  شېئىر .  پەقەت  بۇ شېئىردىكى ئايال ، ئۇرۇق ..دېگەن سۆزلەرنىڭ ئىستىمالىمىزدىكى مەنىسىدىن قوتۇلساقلا ...

مەن  ۋاقىت چىقىرىپ توختىلىپ باقاي ...


مەن مەڭگۈ  سېنى  كۈتكۈچى ،سېغىنغۇچى ،ئەسلىگۈچى .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2041
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 48
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 16:49:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  84
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 816
تۆھپە : 1
توردا: 281
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 21:09:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىمنىڭ شېئىرى ھەي بۇ؟

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 790
تۆھپە : 10
توردا: 215
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 18:48:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەزرەت ئەلى  40 مىكرو ئوبزور يازغىنىڭزغا مۇبارەك بولسۇن !سىزگە مەدەت تىلەيمەن.


توي قىلىش ئالدىدا

پاتىگۈل نىياز ئىپارە

1

ﭘﻮﻻﺕﺗﺎﻣﻼﺭ ئۇﺭﺳﺎﻡ ﻳﯩﻘﯩﻠﻤﺎﺱ
ﺗﺎﻡ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﻩ ئەﺷﻪﺩﺩﻯ ئۈﻧﻠﻪﺭ.
ئەﻣﺪﻯ تېلفون ﻗﺎﻳﺘﺎ ﭼﯧﻘﯩﻠﻤﺎﺱ
ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺗﺎﺷﺘﻪﻙ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭ.
ئەﻣﺪﻯ ﺷﺎﻣﺎﻝ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﻳﯘﻟﻤﺎﺱ
ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻘﺘﺎ ئۆﻟﯩﺪﯗ ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ.

ئاﻱ ﻳﻪﻧﯩﻼ ئاﯞﺍﻟﻘﯩﺪﻩﻙ ئاﻕ
ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ئاﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻻﺭ ﻛﯩﻴﯩﻨﻤﯘ.
ﺩﯦﺮﯨﺰﻩﯕﺪﯨﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻕ
ﺗﯩﺘﺮﻩﻣﺪﯨﻜﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﯩﯔ ﺳﯧﻨﯩﯖﻤﯘ؟
ئۆﺗﻪﻟﻤﻪﻳﻤﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻛﻜﻪ ﺗﺎﻕ
ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﻴﯩﻨﻤﯘ؟...

60ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ئاﯕﻠﯩﻐﯩﻦ
ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ئۆﻛﺴﯩﺸﻰ؟
ئۈﻥ ﭼﯩﻘﺎﺭﻣﺎﻱ ﺑﯩﺮﺩﻩﻡ ﻳﯩﻐﻠﯩﻐﯩﻦ
ﻛﻪﻟﻤﯩﺴﻪ ﮔﻪﺭ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺗﯩﯟﯨﺸﻰ.
ئەﺷﯘ ﻛﯧﭽﻪ ئۆﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﮕﯩﻦ
ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ.

(2)
ﺳﻪﻥ ﺳﯚﻳﯩﺴﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﺷﯘ ﻗﻪﺩﻩﺭ
ﻗﻪھﺮﯨﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئۇﺭﯗﭖ ﻳﯜﺭﻩﻛﻜﻪ.
ﻣﺎﯕﺎ ئەﺷﯘ ﻟﻪﯞﻟﯩﺮﯨﯔ ﺯﻩھﻪﺭ
ﺗﯧﮕﯩﺸﻤﻪﻳﻤﻪﻥ ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺑﯚﻟﻪﻛﻜﻪ.
ئۇﻧﯘﺗﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ئۆﻟﮕﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ
ﻳﻪﺗﻤﯩﺴﻪﻣﻤﯘ ئاﺭﺯﯗ-ﺗﯩﻠﻪﻛﻜﻪ.

ﺳﻪﻥ ئۆﮔﻪﺗﺘﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﯚﻳﯜﺷﻨﻰ
ﺳﯚﻳﮕﯜ ﻧﯧﻤﻪ، ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﺳﻪﻥ ئۆﮔﻪﺗﺘﯩﯔ ﻣﯘﺯﺩﻩﻙ ﻛﯚﻳﯜﺷﻨﻰ
ﻳﯩﻐﻼﭖ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻛﯜﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.
ﺳﻪﻥ ئۆﮔﻪﺗﺘﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﯜﻟﯜﺷﻨﻰ
ﻛﯜﻟﯩﯟﯨﺘﯩﭗ ئۆﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ.

ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﺑﺎﺭ، ﺑﯩﺰ ﻛﻪﺯﮔﻪﻥ ﺑﺎﻏﻼﺭ
ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﺑﺎﺭ، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﯞﻩ ﺧﻮﺗﻪﻥ.
ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﺑﺎﺭ، ﺑﯩﺰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﺎﻏﻼﺭ
ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﺑﺎﺭ ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺑﯘ ﺗﻪﻥ.
ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﺑﺎﺭ، ﺳﯩﺮﺩﺍﺷﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻼﺭ
ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﺑﺎﺭ، ئاﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﺟﻪﺯﻣﻪﻥ.

(3)
ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ
ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺭﺍﺳﺘﯘ.، .ﯞﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ.
ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ، ﻳﺎﯕﺮﺍﭖ ﻧﺎﺧﺸﯩﻼﺭ
ﻛﯚﺯ ﻳﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ئاﻟﻘﺎﻥ.
ﻣﯧﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ ﻣﺎﯕﺴﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ
ﻣﯩﯔ ئۇﯞﯗﻟﯘﭖ ﺑﻮﻻﺭﻣﻪﻥ ﺗﺎﻟﻘﺎﻥ.

ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﻳﻤﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ، ئېھ ﺳﺎﯕﺎ؟
ئۆﺯﮔﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺭﻯ؟
ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﺭﺳﻪﻥ ﻣﺎﯕﺎ ئېھ، ﻣﺎﯕﺎ
ئۈﺯﯛﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﻗﻪﻟﺒﯩﯖﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻯ؟
ﻧﯧﻤﻪ ﺩﻩﺭﻛﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ئاﯕﺎ
ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘﯕﺎ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﻯ؟...

ﻣﻪﻥ ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﮔﻪ ﻗﻮﻳﺪﯗﻡ
ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺭﺍﺳﺘﯩﻦ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﻪﻥ.
ئوﻳﻠﯩﻤﺎﻳﻤﻪﻥ، ھﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻳﺪﯗﻡ
ﭼﯩﺪﯨﻤﯩﺴﺎﻡ ئۆﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﻪﻥ.
ﻛﯚﻛﺮﯨﻜﯩﻤﻨﻰ ﭘﯩﭽﺎﻗﺘﺎ ئوﻳﺪﯗﻡ
ئاﯕﺎ ﺳﯧﻨﻰ ﻛﯚﻣﯜﭖ ﻛﯧﺘﻪﺭﻣﻪﻥ...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايزىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-9-1 19:47  


توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
سۇئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  556
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 23
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 21:10:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىنىمنىڭ تەپسىرلىرىدىن بەك زىرىكتىم، يەنىلا كونا مىتود، نىمىشقا تىرىشمايدىغاندۇ؟؟؟؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 466
تۆھپە : 0
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 15:03:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  تىرىشاي  دېگەن شۇ  پۇل  يوق ....{:soso_e113:}

مەن مەڭگۈ  سېنى  كۈتكۈچى ،سېغىنغۇچى ،ئەسلىگۈچى .

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2100
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 8
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-3 00:05:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەزرەتئىلىنىڭ بۇ مىكرو ئوبزورىدىن ئۇنىڭ ئوبزورچىلىقتا ئالدىغا مىڭۋاتقان ياكى ئىزدا توختاپ قىلىۋاتقاننى ياكى كەينىگە چىكىنىۋاتقاننى ھېچ بىلمىدىم .
بۇنىڭدا ھەزرەت ئىلى دىگەننى ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغان ئەدەبىياتتىن  ساۋاتسىز ساۋاتسىز بولغان ئوقورمەن بۇ شېئرنى ئوقوپلا شۇ بىر ئايالنىڭ ئامالسىزلىق ئىچىدىكى يۈرەك تىۋىشلىرىنى شئېردا ئىپادىلىگەنلىكىنى بىلەلەيدۇ  ،بۇنى بىر ئوبزور قاتارىدا دەپ بىرىش ئارتۇقچىمۇ قانداق .
ئىپارە خانىمنىڭ بۇ شئېرى 5 يىل ئاۋال سۇمرۇغدا ۋە تارىمدا ئىلان قىلىنغاندىلا ،نۇرغۇن ئوقورمەنلارنىڭ دىققىتىنى تاتقان ۋە ياختۇرۇپ ئوقوشىغا ئېرىشكەن . ھەتتا نۇرغۇن قىز ساۋاقداشلىرىمنڭ خاتىرلىرىدىمۇ كۆرگەنمەن .
نىمىشقا بىزدە شئېرنى ئوقوغاندا شئېرنى شەخسكە باغلىۋىلىش خائىشى ئغىردۇ ..
ھەزرەت سىز نىمىشقا  بۇ شئېرنىڭ تىل ئىشلىتىش ۋە شئرى قۇرۇلما ۋە بەدىئى ئالاھىدىلىكىنى تىلغا ئالماي ،شئېردا ئىپادىلىگەن مەناغا ئىسلىۋالىسىز ،بۇ قانداق مىكرو ئوبزور ۋە قانداق شئېر ئوقوش ، ؟؟؟؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش