ximal
كۆرۈش: 111|ئىنكاس: 4

ئىككى ھېكايە ____ پولات غەنىزات غەيۇرانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 12:29:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

دۇنيادا ياخشىلار كۆپ
  (ھېكايە)
      پولات غەنىزات غەيۇرانى


   

   بىز بەش بالا ئىدۇق، مەن بالىلارنىڭ كىچىكى ئىدىم. 10- سىنىپتا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا ئاتا-ئانام ئارقا-ئارقىدىن تۈگەپ كەتكەچكە، ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئانامنىڭ قىرقى تۈگەپ ھەپتە ئۆتمەستىنلا ئاكام ئۈرۈمچىدىن يۇرتىمىزغا تۇغقان كۆرگىلى كەلگەن قۇۋان ھاجىمنىڭ: «بۇ بالىغا ھۈنەر ئۆگىتىپ قوياي، ئاشپەزلىك ئۈرۈمچىدە ئاقىدىغان كەسىپ، ھۈنەرنىڭ نېنىنى يەپ قالسۇن، يېتىمنىڭ بېشىنى سىلاش ساۋاپلىق ئىش» دېگەن گەپلىرىگە ئىشىنىپ، مېنى قۇۋان ھاجىمغا ئاشپەزلىككە شاگىرتلىققا بېرىۋەتتى. «بالا كەلسە قوش كەپتۇ» دېگەندەك، مەكتەپتىن ئايرىلىشقا قىيماي تۇرسام، ئەمدى يۇرتتىنمۇ ئايرىلىدىغان بولدۇم. مېنى ئۈرۈمچىگە يولغا سالىدىغان كۈنى كەچتە سىنىپ مۇدىرىمىز ئاسىم مۇئەللىم مېنى يوقلاپ كەلدى. ئۇ ئەھۋالىمدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ئاكامغا:

— ئۇكاڭ مەكتەپ بويىچە ياخشى ئوقوغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى، ئۇ ئوقۇشتىن ئىستىقبالىنى تاپالايتتى، ئۇنى ئوقۇتۇڭلار،-دەپ نەسىھەت قىلدى. ئاكام مۇئەللىمگە:

— بۇ ئىشقا ئارىلاشماڭ، بۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىشى،-دەپ قوپال تەگدى. شۇنىڭ بىلەن جان ئاچچىقىمدا سېنىڭ كۆزۈڭگە تەلمۈرۈپ ئۆتكىچە، ئۈرۈمچىگە كەتسەممۇ كېتەي دېگەن يەرگە كەلدىم-دە، قۇۋان ھاجىمنىڭ ئارقىسىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ مۇساپىرلىق تۇرمۇشنى باشلىدىم. مەن ئورۇنلاشقان دۇكان دۆڭكۆۋرۈكتىكى تار كوچىنىڭ دوقمۇشىدا ئىدى. بىر يىلغىچە ئاشخانىنىڭ يۈگۈر-يېتىم ئىشى بىلەن يۇندى پۇرۇشلۇقىنى قىلدىم. ئىشنىڭ تولىلىقىدىن ئاخشاملىرى پۇت-قولۇمنى ئالالماي قالاتتىم. بەزىدە شۇنچىلىك غېرىبلىق يېتىپ كېتەتتىكى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى، دوستلىرىم بىلەن قۇشقاچ تۇتىمىز، دەپ ئېتىزمۇ-ئېتىز سۇ، پاتقاق كېچىپ يۈگۈرۈپ يۈرگەن، سۇغا چۆمىلىپ ئوينىغان كۆڭۈللۈك چاغلارنى ئەسلەپ كېتەتتىم. مۇنداق چاغلاردا كۆزۈمگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەي، يۇرتقا كەتكىم كېلەتتى.

بىر كۈنى ئاشخانىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتسام، ئىشداشلىرىمدىن بىرسى:

— سېنى بىر يۇرتلۇقۇڭ ئىزدەپ كەپتۇ،-دېدى. ئاشخانا ئالدىغا چىقسام ئاسىم مۇئەللىم تۇرۇپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ گويا ئاتام تىرىلىپ كەلگەندەك خۇشال بولۇپ، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتىم. ئۇمۇ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ:

— نېمىشقا يىغلايسەن، قېنى ئولتۇر، سەلىمخان ئاچاڭنى دوختۇرخانىا ئەكەلگەنىدۇق، ئوپېراتسىيە قىلغانىدى، ئالدىراش بولۇپ قېلىپ سېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە چولام تەگمەي قالدى. ھازىر سەللىمازا ساقايدى، خۇدايىم تىنچ-ئامانلىقنى بەرسە دۈشەنبە كۈنى يولغا چىقىمىز،-دېدى.

مەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىۋېتىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چاي قويدۇم، ئۇرۇق-تۇغقانلارنى، ساۋاقداشلىرىمنى سورىدىم. مۇئەللىم يۇرتتىكى ئىشلارنى سۆزلەپ كېلىپ، مەن ئۈرۈمچىگە چىققاندىن كېيىن ئاكامنىڭمۇ ئۈرۈمچىگە چىقىپ تىجارەت قىلىمەن، دەپ ئۈچ ئېغىزلىق ئۆي، ھويلا ۋە باغنى سېتىپ يۇرتتىن كۆچۈپ كەتكەنلىكىنى، ھازىر ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئاچىلىرىمنىڭمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئيېتىپ بەردى.

— لېكىن ئاچىلىرىڭ سېنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق،-دېدى مۇئەللىم ئاخىرىدا،- ئۇلار دائىم سېنىڭ گېپىڭنى قىلىدۇ، ساڭا ئىچ ئاغرىتىدۇ، ئاچىلىرىڭ مېنىڭ ئۈرۈمچىگە بارىدىغانلىقىمنى ئاڭلاپ ئازىراق خالتا قىلىپ بەرگەن، ياتاققا بېرىپ ئېلىۋال...

ئاسىم مۇئەللىم بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن، ئايرىلىپ قالغان قانداقتۇر بىر نەرسەمنى تېپىۋالغاندەك بولۇپ قالدىم. ئەتىسى مۇئەللىمنى ئىزدەپ بارماقچى بولۇپ، قۇۋان ھاجىمنىڭ يېنىغا كىردىم:

— ئۇستام، بىر يۇرتلۇقىمىز كەپتىكەن، مەن بىلەن كۆرۈشسەڭ دەيدۇ، بۇنداق بېرىشقا خىجىل بولدۇم، دۇكانلىرىدا ئىشلىگىلىمۇ خېلى كۈنلەر بوپتۇ، ماڭا ئازىراق پۇل بەرگەن بولسىلا، ئۇستىبېشىمنى بىرەر قۇر تۈزەشتۈرۋالسام...،-دېدىم. بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھاجىمنىڭ چىرايى ئۆڭۈپ، كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. ئەپتىدىن قارىغاندا مېنى تازا بىر تىللىغۇسى، ھەتتا ئۈرىۋەتكۈسى كەلدىيۇ، يەنە نېمە ئۈچۈندۇر سەل ئۆزىنى بېسىۋېلىپ:

— مەن سېنى بىر يىتىم ئىكەن دەپ بېقىپ قورسۇقۇڭنى ئاچ، ئۇچاڭنى يالىڭاچ قويمىدىم. ھۈنەر ئۆگەتتىم، شۇنىڭغا شۈكرى قىلماي، مېنىڭدىن تېخى ھەق تەلەپ قىلىۋاتامسەن، ئەسلىدىنلا نىيىتىڭ دۇرۇس ئەمەس بىر نېمە ئىكەنسەن. ھېلىتىن مۇنداق دەۋاتقىنىڭغا قارىغاندا، كېيىن ماڭا مۇشت ئاتىدىغان ئوخشايسەن، ماۋۇ 100 يۈەننى ئېلىپ بۇ يەردىن دەرھال يوقال، ئىككىنچى كۆزۈمگە كۆرۈنگۈچى بولما،-دېدى-دە، 100 يۈەنلىكتىن بىرنى تاشلاپ بېرىپ ھۈرپەيگىنىچە تەتۈر قاراپ ئولتۇردى.

— خوش ئۇستام،-دەپ پۇلنى ئېلىپ چىقىپ كەتتىم. باھاسى چۈشۈرۈلگەن كىيىملەرنى ساتىدىغان بىر دۇكاندىن بىر قۇر ئىچ كىيىم، بىر گاڭسار بىلەن ئىشتان سېتىۋېلىپ، مۇنچىغا بېرىپ يۇيۇندۇم، مۇنچىدىن چىقىپ كونا كىيىملىرىمنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىپ مەينەتچىلىكتىن مەڭگۈ قۇتۇلغاندەك، ئۆزۈمنى خېلى روھلۇق ھېس قىلدىم. «بۇلاقبېشى» كوچىسىغا كەلسەم، بىر نەچچە كىشى مۇكاپاتلىق چەك سېتىۋېتىپتۇ. ئىچىمگە جىن كىردى، يانچۇقۇمدا قالغان بەش يۈەننىڭ ئىككى يۈەنىگە چەكتىن بىرنى ئالدىم. چەكنى شۇنداق ئېچىشىمغا يېنىمدا تۇرغان بىرى:

— ۋاي ئامىتىڭ بار بالىكەنسەن، ساڭا تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات چىقتى، پۇلى 500 يۈەن،- دېمەسمۇ قولۇقۇمغا ئىشەنمەي قالدىم. ئۇنىڭغىچە بىرسى قولۇمدىن يىتىلەپ چەك ساتقۇچىنىڭ قېشىغا ئېلىپ باردى. ئۇمۇ چەكنى كۆرۈپ:

— راست سىزگە 500 يۈەنلىك مۇكاپات چىقىپتۇ،-دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل جىددىيلەشتىم. مۇكاپات چېكى ساتقۇچى قولۇمدىكى چەكنى ئېلىپ:

— مەن سىزگە پۇل چېكى كېسىپ بېرىمەن، پۇلنى بانكىدىن ئېلىۋېلىڭ،-دېدى.

— قايسى بانكىدىن ئالىمەن؟- دەپ تۇرۇشۇمغا بىرى مېنى چەتكە تارتىپ:

— ئۇنداق بولسا سىزگە 450 يۈەن نەق بېرەي، 500 يۈەنلىك چەكنى ماڭا بېرىڭ، مەن بانكىدىن ئېلىۋالاي،-دەپ 450 يۈەن پۇلنى نەق سانىدى. چەكنى ئۇنىڭغا بېرىپ پۇلنى ئالدىم. يولدا ئۇچرىغان ئاجىز-ئۇرۇق، مېيىپ تىلەمچىلەرگە ئاز-تولا سەدىقە بېرىپ، خۇداغا مىڭ شۈكرى ئېيتىپ، مېھمانخانىغا بېرىپ ئاسىم مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشتۈم. ئاچىلىرىمغا ئالغاچ كېتەرسىز دەپ قولىغا 200 يۈەننى تۇتقازدىم. مۇئەللىم مېنى يېنىمدا ئولتۇرغۇزۇپ:

— ئۇكام، ئاشخانىدىنمۇ رەنجىپ قايتىپ چىقىپسەن، بولسىغۇ بىز بىلەن كەتسەڭ بولاتتى، بىراق يۇرتتىمۇ سېنىڭ تارتىشقىدەك نېمەڭ قالدى، ئەمدى سېنىڭ يۇرتۇڭ مۇشۇ ئۈرۈمچى، سېنى مۇقىمراق بىرەر يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يولىنى قىلايلى،-دېدى ۋە سومكىدىن بىر كىنىشكىنى ئېلىپ:

— قارا، ماۋۇ سېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن دىپلومىڭ، ساڭا لازىم بولۇپ قالار، دەپ ئالغاچ چىققانىدىم،-دەپ ماڭا بەردى.

— رەھمەت مۇئەللىم، سىز ماڭا كۆپ ئاتىدارچىلىق قىلدىڭىز،-دېدىم يىغلاپ تۇرۇپ.

— نەدىكىنى، يىغلىما، مەن بىر ئىشنى ئويلاۋاتىمەن، شەھەر سىرتىدىكى بىر مەكتەپتە مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم بار، ئۇ ھازىر شۇ مەكتەپنىڭ مۇدىرى، ئۆزى ياخشى ئادەم، ساڭا شۇ ئاتىدارچىلىق قىلىشى مۇمكىن، سەن ماڭا بەرگەن پۇلغا ئاز-تولا سوۋغا-سالام ئېلىپ، شۇنىڭ يېنىغا بېرىپ باقايلى،-دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆز ئالدىمدا قانداقتۇر بىر نىجاتلىق يۇلتۇزى پارلىغاندەك بولدى.

— سىلە نېمە دىسىلە شۇ،-دېدىم. بىز ئاپتوبۇستىن ئاپتوبۇسقا ئالمىشىپ يۈرۈپ، ئاخىرى مەكتەپكە يېتىپ كەلدۇق، كىشىلەردىن سوراپ مۇئەللىمنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىنىمۇ تاپتۇق. ئۇ بەستىلىك، قاڭشارلىق 50 ياشلار چامىسىدىكى ئادەم ئىكەن، مۇئەللىم بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتى، بىزنى ئۆيگە باشلاپ، داستىخان سېلىپ چاي قۇيغاچ:

— ھە، سېنى قايسى شامال ئۇچۇرۇپ كەلدى؟- دېدى. مۇئەللىم ئۈرۈمچىگە كېلىش سەۋەبىنى ئېيتتى. ئىككىيلەن ئۇزاق پاراڭلاشتى، ئاخىرىدا ئۇستازىم گەپنى مېنىڭ ئۈستۈمگە يۆتكەپ، مېنىڭ ئەھۋالىمنى تەپسىلىي تونۇشتۇردى ۋە:

— مۇشۇ بالىنىڭ بېشىنى سىلاپ قوي، يىتىمنىڭ بېشىنى سىلىغاننى خۇدامۇ، خەلقمۇ ياخشى كۆرىدۇ،-دېدى. ئۆي ئىگىسى بىردەم ئويلىنىپ تۇرۇپ كېتىپ:

— بوپتۇ، بىر ئامالىنى قىلاي،-دېدى. شۇنداق قىلىپ مەن شۇ كۈنىلا مەكتەپتە قالدىم، دەسلەپتە پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپ، كېيىنچە چوڭ ئاشخانىغا ئورۇنلاشتىم. مۇدىر ماڭا ئۆز ئاتامدىن چارە كۆيۈندى، مەنمۇ ئۇنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقاي دەپ راسا تىرىشىپ ئىشلىدىم، ئاشپەزلىكنى ئوبدان ئۆگىنىپلا قالماي، رادىئو سىفەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىرتىن ئوقۇش تولۇق كۇرس ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ دىپلوممۇ ئالدىم. مەكتەپ رەھبەرلىكى مېنىڭ تىرىشچانلىقىمنى نەزەرگە ئېلىپ ئوقۇتقۇچىلار ئاشخانىسىغا رەسمىي شىتاتلىق ئاشپەزلىككە ئورۇنلاشتۇردى.

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بۇنىڭغىمۇ ئون يىل بوپتۇ. توي قىلىپ بالا-چاقىلىق بولدۇم، كۈنۈم ئوبدان ئۆتۈۋاتىدۇ. بىراق مېنى مۇشۇ كۈنلەرگە ئېرىشتۈرگەن غەمخورچۇم مەكتەپ مۇدىرى قادىر ئاكام بۇلتۇر يۈرەك كېسىلى بىلەن تۈگەپ كەتتى. مەن قادىر ئاكامنى داۋاملىق ئەسلەيمەن، سېغىنىمەن. ئەينى چاغدا مېنىڭ نەدىمۇ ئۆيلەنگىدەك پۇلۇم بولسۇن، ئۆيلەنمەيمەن دېسەم، قادىر ئاكام:

— بالىلىق قىلما، كۆيگىنىڭنى ئالماي، كۆيگەننى ئال دېگەن گەپ بار. يەنە كېلىپ سېنى ياقتۇرۇپ قالغان قىز قوشنا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ئىكەن، ئامەت كەلسە قوش كەپتۇ دېگەن شۇ، سېنىڭ پۇلۇڭ بولمىسا، مەندە بار، ئىككى مەكتەپنىڭ ئوقوتقۇچىلىرىنى چاقىرىپلا تويۇڭلارنى قىلىۋەتسەك بولمىدىمۇ،- دەپ تويىمىزنى قىلىپ قويغانىدى. مەن ئۇنىڭ ماڭا قىلغان ياخشىلىقىنى قايتۇرالمىدىم. يۇرتۇمدىكى قەدىردان ئۇستازىمنىڭ ياخشىلىقىنىمۇ قايتۇرالمىدىم.  مەن ئۇلارغا ھېچ نەرسە قىلىپ بېرەلمىدىم. ئەمما ئۇلار ماڭا ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى ئاتا قىلدى، ئاتىلارچە مېھرىبانلىق بىلەن مەندەك بىر يىتىمنى توغرا، داغدام ھايات يولىغا باشلىدى، ئۇلاردەك ياخشى كىشىلەر بولمىغان بولسا، ھاياتنىڭ قىيىن ئۆتكەللىرىدە قاچانغىچە تەمتىرەپ يۈرەتتىم، نېمە كۈنلەرنى كۆرەتتىم، دەپ ئويلايمەن. ئۇلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم قەلبىم ئىللىپ، ھاياتنىڭ گۈزەللىكىگە، دۇنيادا ياخشى كىشىلەرنىڭ كۆپلىكىگە بولغان ئىشەنچىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

1997- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى ئۈرۈمچى






بىر ھېكايىنىڭ تەقدىرى
(ھېكايە)
         

   بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدىمۇ قانداق، بىردىنلا كاللامغا ھېكايە يېزىش خىيالى كىرىپ قالدى-دە، قاتتىق باش قاتتۇرۇپ بىر ھېكايە يېزىپ چىقتىم. ئۇزاق يىل تەھرىرلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن ھېكايەم ئۆزۈمگە خېلى ياخشى يېزىلغاندەك تۇيۇلدى. ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىشتىن كۆرە بىرەر گېزىتكە بىرىپ تېزراق ئېلان قىلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم- دە، ھېكايەمنى كۆتۈرۈپ بىر گېزىتخانىغا باردىم.
تەھرىر بۆلۈمدىكىلەر ھېكايەمنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا:
— بىز مۇنداق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلمايمىز،-دېيىشتى.
— ئاۋال بىر كۆرۈپ باقساڭلار بوپتىكەن،-دېدىم ئۇلارغا.
— كۆرمىسەكمۇ مەۋزۇسىدىنلا ھېكايىڭىزنىڭ مەزمۇنى بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ھازىرچە مۇنداق ھېكايىلەرنى باسالمايمىز،-ئۇلار گەپنى چۇرتلا ئۈزدى. ئامالسىز باشقا بىر گېزىتكە باردىم. بۇ گېزىتتىكىلەرمۇ قوبۇل قىلمىدى. مەن ھېكايەمنى كۆتۈرۈپ بىر نەچچە گېزىتخانىغا باردىم گويا ھەممىسى مەسلىھەتلىشىۋالغاندەك ئوخشاشلا گەپ قىلىشتى. مەن ھېكايىنى قايتىدىن بىر قۇر تۈزەشتۈرۈپ ماۋزۇسىنى ئۆزگەرتىپ، تۇنجى قېتىم ئېلىپ بارغان گېزىتخانىغا يەنە باردىم.
— سىز!... ئۆتكەندىلا سىزگە ئېيتقانغۇ،-دېدى ئالدىنقى قېتىم مەن بىلەن سۆزلەشكەن تەھرىر،-بۇ ھېكايىنى بىز ئېلان قىلمايمىز. شۇنداق دەپ ئېرەڭسىز قىياپەتتە باش-ئايىغىمغا شۇنداق قاراپ سورىدى،-نەدىن كەلدىڭىز؟
— مەن «يۇلتۇز» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى ھەققانىي دېگەن كىشى بولىمەن.
ئەھۋال بىردىنلا ئۆزگەردى.
— كەچۈرۈڭ، ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ، ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن مەندىن ئەپۇ سوراشتى، ھېكايىنى قولۇمدىن ئېلىپ كۆز ئالدىمدىلا ئوقۇپ چىقىپ، ياخشى ھېكايىكەن دەپ ماختاشتى، ئاندىن مېنىڭ تەھرىرلىك ساھەسىدىكى ئىقتىدارىمنى، بولۇپمۇ ياش يازغۇچىلارنى يېتىشتۈرۈش، ئۇلارغا ئىلھام بېرىش جەھەتتىكى تۆھپىلىرىمنى تىلغا ئېلىپ مېنى كۆككە كۆتۈرۈشتى، ھەم ھېكايەمنى كېلەر ھەپتىدىكى ئەدەبىيات بېتىگە جەزمەن بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلىپ ھېكايەمنى ئېلىپ قالدى. لېكىن ئۇلارنىڭ ئەسەرگە ئەمەس، ئاپتۇرغا قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان قىلىقى ماڭا ياقمىدى-دە، شۇنداقتىمۇ ئۇلارغا رەھمەت ئېيتىپ خوشلاشتىم.


1996-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Polat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 12:38  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 736
تۆھپە : 3
توردا: 267
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 16:32:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1-ھىكايىنى ئوقۇپ بىشىدا باش پىرسۇناژغا ئىچىم ئاغرىدى،بىر تۇققان ئاكىسىغا نەپرىتىم قوزغالدى،باش پىرسۇناژ ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كىيىن ھىلىقى پۇلنى كۆرسە ئۆزىنىڭ ھاجىملىغىنىمۇ ئۇنتۇپ قالىدىغان پەسكەش ئادەمدىن نەپرەتلەندىم،ئاندىن ئاسىم مۇئەللىمگە ھەمدە مەكتەپ مۇدىرىغا چەكسىز ھۆرمىتىم تۇغۇلدى.باش پىرسۇناجنىڭ ئاخىرىدا بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئىگە بولغانلىدىن سۆيۈندۈم.
تەسىرلىك ھىكايە ئىكەن،دۇنيادا ياخشى ئادەملەر كۆپ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  47
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 736
تۆھپە : 3
توردا: 267
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 16:37:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-ھېكايىدە  مۇشۇ تورداشلاردىن  پات پات ئاڭلاپ قالىدىغان ئەۋەتكەن ئەسەر يوقاپ كىتىدىغان،ئاز تولا ئۆزگەرتىلىپ باشقا ئادەم نامىدا ئېلان قىلىنىدىغان ،ئەسەرگە ئەمەس ئىسىم -شەرىپىگە قاراپ ئىلان قىلىدىغان ناچار قىلمىشلارغا ياخشى بىر تەنقىت بوپتۇ دەپ خۇرسەن بولدۇم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  864
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 536
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 19:13:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-ھېكايىدىكىدەك ئەھۋال كۆڭلۈمنى بەك يېرىم قىلىدۇ،ئادەم دىگەن تۇغۇلىشىدىنلا ئالىم،پەيلاسوپ...بولۇپ تۇغۇلمايدۇ دە~بەزىدە ئاشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شۇنداق ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەرمۇ رەت قىلىنىپ ئاپتورنىڭ قىزغىنلىقىغا سوغۇق سۇ سېپىلىدۇ.ھازىرقى پېشقەدەملىرىمىز جاھان تۈگىگۈچە يېزىپلا يۈرەلمەيدۇ،يېڭى نوتىلارنىمۇ ئاز تولا پەرۋىش قىلىپ ،ياخشى يازالمىغان بولسا رىغبەتلەندۈرۈپ قويسا كىيىن ئۇلارمۇ ھازىرقى پېشقەدەملىرىمىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ،كىيىنكىلەرگە ئۈلگە بولىدۇ ئەمەسمۇ!

ئەگىسە قارا تۇمان كۆك ئاسمانىڭنى ۋاقتىنچە،
سەۋر قىل چىقار شەمسىي ئېچىپ گۈلسىمان غۇنچە.
    _رەيھان

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1145
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 922
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-4 11:42:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل يازمىلىرىڭىز دىن،سۆيۇنۇش ئىچىدە ھوزۇرلاندىم،بەرىكەتلىك بولۇڭ !

پەقەت بىرلانەرسىگە ئىشىنىمەن_ئۇ بولسىمۇ چىن ئەقىدە!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش