ximal
كۆرۈش: 185|ئىنكاس: 5

ئابلەت ئەخمەت؛كىتاب سۈپىتىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  740
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 241
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 02:18:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب سۈپىتىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە + W# ^6 }& p' w* e- v2 |

# U2 h  p% f4 }6 k3 O) M3 T
& m# t8 N6 Q# m# U1 - ماددا بۇ بەلگىلىمە مەملىكەت بويىچە كىتاب سۈپىتىنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كىتاب نەشر قىلىش خىزمىتىنى خەلققە، سوتسىيالىزىمغا ۋە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ خىزمىتىدىن ئىبارەت ئومۇمىيلىققا تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇپ، كىتاب نەشر قىلىش خىزمىتىدىكى كۆلەم ۋە ساننى كۆپەيتىشنى ئاساس قىلىشتىن سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىشقا ئۆتۈشنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كىتاب نەشر قىلىش ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلىتىمىزنىڭ < نەشرىياتچىلىق باشقۇرۇش نىزامى >غا ۋە كىتابلارنىڭ سۈپىتىگە دائىر سىياسەت، قانۇن - نىزام، ئۆلچەملەرگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى. 9 D2 I+ R$ o: n; d. P
2 - ماددا بۇ بەلگىلىمە دۆلەت رەسمىي تەستىقلىغان كىتاب نەشر قىلىدىغان ئورۇنلار ۋە بۇ ئورۇنلار نەشر قىلغان كىتابلارغا تەتبىقلىنىدۇ.$ \  j: Z; }5 J; O6 a9 z1 ^3 F& v  i
ئىككىنچى باب كىتاب سۈپىتىنىڭ دەرىجىسى ۋە ئۆلچىمى$ [: C9 ?7 x+ o; u5 S; Y% `) ]
3 - ماددا كىتاب سۈپتىنى باشقۇرۇش دائىرىسى تېما، مەزمۇن، تەھرىرلەش - پىششىقلاپ ئىشلەش، كوررېكتورلۇق مۇقاۋا لايىھىلەش، بېسىش - تۈپلەش قاتارلىق تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ. باشقۇرۇشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن،بۇ بەلگىلىمىدە بىر - بىرىگە مۇناسىۋەتلىكبولغان تېما بىلەن مەزمۇن بىرلەشتۈرۈلۈپ مەزمۇن تۈرى قىلىپ بېكىتىلدى؛ تەھرىرلىك - كوررېكتورلۇق تۈرى قىلىپ بېكىتىلدى.
& n! f8 a; o3 V0 v4 - ماددا كىتابلارنىڭ مەزمۇن سۈپىتى، مۇقاۋىسىنىڭ لايىھىلىنىش سۈپىتى ئۆلچەمگە توشقان ۋە ئۆلچەمگە توشمىغان دەپ ئىككى دەرىجىگە ئايرىلدى؛ تەھرىرلىك - كوررېكتورلۇق سۈپىتى، بېسىش - تۈپلەش سسۈپىتى ئەلا سۈپەتلىك، ياخشى سۈپەتلىك، ئۆلچەمگە توشقان، ئۆلچەمگە توشمىغان دەپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدى.' B0 o8 y2 |6 {4 t6 |/ r
5 - ماددا كىتاب مەزمۇنى سۈپىتىنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى   (1)ئىدىيە، مەدەنىيەت، ئىلىم - پەن، سەنئەت جەھەتتە مەلۇم ئىلمىي قىممەتكە، مەدەنىيەت جۇغلانمىسى بولۇش قىممىتىگە ياكى ئەمەلىي ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە كىتابلار ئۆلچەمگە توشقان كىتاب ھېسابلىنىدۇ.   (2)ئىدىيە، مەدەنىيەت، ئىلىم - پەن، سەنئەت جەھەتتە قىممىتى بولمىغان، ئېغىر مەسىلە بولغان ياكى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ نەشر قىلىنغان، چىقىرىش مەنئىي قىلىنغان كىتابلار ئۆلچەمگە توشمىغان كىتاب ھېسابلىنىدۇ.' |0 q( Y2 [8 f: A; Q7 C
6 - ماددا كىتابلارنىڭ تەھرىرلىك - كوررېكتورلۇق سۈپىتىنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى   (1) خاتالىق نىسبىتى 10000/25.0 تىن تۆۋەن بولسا، ئەلا سۈپەتلىك كىتاب ھېسابلىنىدۇ.   (2) خاتالىق نىسبىتى 10000/25.0 تىن يۇقىرى، 10000/5.0 تىن تۆۋەن بولسا، ياخشى سۈپەتلىك كىتاب ھېسابلىنىدۇ.   (3) خاتالىق نىسبىتى 10000/5.0 تىن يۇقىرى، 10000/1دن تۆۋەن بولسا، ئۆلچەمگە توشمىغان كىتاب ھېسابلىنىدۇ.   كىتابلارنىڭ تەھرىرلىك - كوررېكتورلۇق سۈپىتىدىكى خاتالىق نىسىبتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى بۇ بەلگىلىمىنىڭ قوشۇمچە قىسىمىدا كۆرسىتىلدى.
& D. r; n$ s- B8 Z) `3 p5 C! S2 p2 q1 i3 l7 - ماددا كىتاب مۇقاۋىسىنىڭ لايىھىلىنىش سۈپىتىنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى   (1) مۇقاۋا ( مۇقاۋىنىڭ بىرىنچى بېتى، ئىكىنچى بېتى، ئۈچىنچى بېتى، ئاخىرقى بېتى، قاتلىمى، تاشلىقى، قېپى، كىتاب دۈمبىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، تىتول، قىستۇرما رەسىم قاتارلىقلار كىتاب مەزمۇنىنى جايىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىسە، مەزمۇنى ساغلام بولسا، پۈتۈن كىتاب بەلىرىنىڭ لايىھىلىنىشى بىردەك بولسا، ھەرپ شەكلى، ھەرپ نومۇرى جايىدا ئىشلىتىلگەن بولسا، ئۆلچەمگە توشقان كىتاب ھېسابلىنىدۇ.   (2) مۇقاۋا ( مۇقاۋىنىڭ بىرنچى بېتى، ئىككىنچى بېتى، ئۈچىنچى بېتى، ئاخىرقى بېتى، قاتلىمى،، تاشلىقى، قېپى، كىتاب دۈمبىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )، تىتول، قىستۇرما رەسىم قاتارلىقلار كىتاب مەزمۇنىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمىگەن بولسا ياكى مەزمۇنى ساغلام بولمىسا ۋە ياكى بەتلەرنىڭ لايىھىلىنىشى بىردەك بولمىسا، ھەرپ شەكلى، ھەرپ نومۇرى قالايمىغان ئىشلىتلگەن بولسا، ئۆلچەمگە توشمىغان كىتاب ھېسابلىنىدۇ./ m; s/ g8 ]1 p0 E3 @
8 - ماددا كىتابلارنىڭ بېسىلىش - تۈپلەش سۈپىتىنى دەرىجىگە ئايرىش ئۆلچىمى   ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ئېلان قىلغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ نەشرىياتچىلىق كەسپىي ئۆلچىمى - < كىتاب - ژۇرناللارنىڭ بېسىلىش ئۆلچىمى، 91 - 3 ~ 1 /CY,CY/T 4 ~ 6 91، CY/T 1.7 ~ 9.7 - 91، CY/T 12 ~ 17 - 95 > دە مۇنداق بەلگىلەنگەن:   (1) كىتابلارنىڭ بېسىلىش - تۈپلىنىش سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، ئەلا سۈپەتلىك ھېسابلىنىدۇ.   (2) كىتابلارنىڭ بېسىلىش - تۈپلىنىش سۈپىتىنىڭ مەلۇم بىر تۈردە ياكى مەلۇم ئىككى تۈرىدە كىچىك تۇقسان بولۇپ، قالغان تۈرلىرى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، ياخشى سۈپەتلىك ھېسابلىنىدۇ.   (3) كىتابلارنىڭ بېسىلىش - تۈپلىنىش سۈپىتىئومۇميۈزلۈك ھالدا ئۆلچەمگە توشقان مەھسۇلات ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، ئۆلچەمگە توشقان ھېسابلىنىدۇ.   (4) كىتابلارنىڭ بېسىلىش - تۈپلىنىش سۈپىتىدە ئېغىر نۇقسان بولۇپ، ئۆلچەمگە توشقان مەھسۇلات ئۆلچىمىگە يەتمىگەن بولسا، ئۆلچەمگە توشمىغان ھېسابلىنىدۇ.2 n4 o5 r# M$ \9 V. z& B% s5 l
9 - ماددا پۈتكەن كىتابلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ئەلا سۈپەتلىك، ياخشى سۈپەتلىك، ئۆلچەمگە توشقان، ئۆلچەمگە توشمىغان مەھسۇلات دەپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.
( K3 O* I+ z2 K! v/ y0 y* a10 - ماددا پۈتكەن كىتابلارنىڭ سۈپەت ئۆلچىمى   (1) كىتاب مەزمۇنى، مۇقاۋىسىنىڭ لايىھىلىنىش سۈپىتى ئۆلچەمگە توشقان مەھسۇلات ئۆلچىمىگە، تەھرىرلىك - كوررېكتورلۇق، بېسىلىش - تۈپلىنىش سۈپىتى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئۆلچىمىگە يەتكەن بولسا، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.   (2) كىتاب مەزمۇنى، مۇقاۋىسىنىڭ لايىھىلىنىش سۈپىتى ئۆلچەمگە توشقان مەھسۇلات ئۆلچىمىگە، تەھرىرلىك - كوررېكتورلۇق، بېسىلىش - تۈپلىنىش سۈپىتى ياخشى سۈپەتلىك مەھسۇلات ئۆلچىمىگە يەتكەن ( بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر تۈرى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئۆلچىمىگە يەتكەن ) بولسا، ياخشى سۈپەتلىك مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.   (3) كىتاب مەزمۇنى، مۇقاۋىسىنىڭ لايىھىلىنىش سۈپىتى ئۆلچەمگە توشقان مەھسۇلات ئۆلچىمىگە، تەھرىرلىك - كوررېكتورلۇق، بېسىلىش - تۈپلىنىش سۈپىتىمۇ ئۆلچەمگە توشقان مەھسۇلات ئۆلچىمىگە يەتكەن ( بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر تۈرى ياخشى سۈپەتلىك ياكى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ئۆلچىمىگە يەتكەن ) بولسا، ئۆلچەمگە توشقان مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.   (4) كىتابنىڭ مەزمۇنى، تەھرىرلىك - كوررېكتورلۇقى، مۇقاۋىسىنىڭ لايىھىلىنىشى، بېسىلىش - تۈپلىنىشىدىن ئىبارەت تۆت تۈرنىڭ بىرىئۆلچەمگە توشمىغان بولسا، ئۆلچەمگە توشمىغان مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.
. l  {- z9 Y: m, A* i( x- {7 R+ hئۈچىنچى باب كىتاب سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئۆلچىمى* Z( Y. P; ]5 l( I) v
11 - ماددا نەشرىياتلار نەشرىيات رەھبەرلىكى رىياسەتچىلىكىدە بولىدىغان كىتاب سۈپىتىنى باشقۇرۇش ئورگىنى تەسىس قىلىپ، ھەر قايسى تارماقلاردىكى، ھەر قايسى ئىش ھالقىلىرىدىكى ۋە ھەر قايسى ئىش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى، پۈتۈپ چىققان كىتابلارنىڭ سۈپەت دەرىجىسىنى باھالاپ بېكىتىشى، ئۆلچەمگە توشمىغان كىتابلارنى بىر تەرەپ قىلىشى لازىم.2 J* m5 H$ c( A' q/ J# V+ |
12 - ماددا نەشرىياتلار كىتابلارنىڭ سۈپىتىنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى تۈزۈپ، سۈپەت باشقۇرۇش ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىىپ، كىتابلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كىتاب چىقىرىش خىزمىتىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ۋە بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، كىتابلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئاساسىي تۈزۈملەرنى - تېمىلارنى مەخسۇس تۈر، مەخسۇس تېما بويىچە يوللاپ تەستىقلىتىش تۈزۈمىنى؛ ئورىگىناللارنى ئۈچ دەرىجە بويىچەتەكشۈرۈش تۈزۈمىنى؛ ئورىگىنالىنى مەتبەئەگە يوللاشتىكى < تولۇق، ئېنىق، بېكىتىلگەن بولۇش > تەلىپىنى؛ ئۈچ قېتىم كوررېكتورلۇق قىلىش، بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشتىن ئىبارەت كوررېكتورلۇق مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى؛ كىتابنىڭ بېسىلىشىغا نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى؛ كىتاب ئەۋرىشكىسىنى ۋە پۈتكەن كىتابنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى گەۋدىلەندۈرۈشى لازىم.
  n. B9 f2 p: `13 - ماددا نەشرىياتلار ھەر يىلى 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن ئىلگىرى ئۆتكەنكى بىر يىللىق كىتاب سۈپىتىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ھەم شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى يوللىشى كېرەك. يوللاش تەرتىپى مۇنداق بولىدۇ: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىغا بىۋاستە قارايدىغان بېيجىڭدىكى نەشرىياتلار ئاساسلىق باشقۇرغۇچى تارماق تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىىسىگە يوللايدۇ؛ ئۆلكىلەر، ئاپتونوم رايونلار، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرگە قاراشلىق نەشرىياتلار ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللايدۇ؛ مەركەزدىكى ھەر قايسى تارماقلارنىڭ جايلاردا قۇرغان نەشرىياتلىرى ( ئارمىينىڭ نەشرىياتلىرى بۇنىڭ سىرتىدا ) ئاساسلىق باشقۇرۇغۇچى تارماق تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ھەمدە ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق تارمىقى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىياتچىلىق تارمىقى بىر تۇتاش ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللايدۇ؛ ئارمىيە سىستېمىسىدىكى نەشرىياتلار ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۇسىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈمى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كېيىن ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىگە يوللايدۇ.- I# {. T8 ~6 b4 g; l$ j- n2 |
14 - ماددا جايلاردىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارلىرى ۋە نەشرىياتلارنى ئاساسلىق باشقۇرۇغۇچى ئورۇنلار ئۆزىگە قاراشلىق ياكى ئۆز تەۋەسىدىكى نەشرىياتلارنىڭ كىتاب سۈپىتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان، يەنى تېماتىك پىلانلارنى تەكشۈرۈشكە؛ مۇھىم ئورىگىناللارنىڭ نەشر قىلىنىشىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشقا؛ كىتاب سۈپىتىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ ( ياكى كىتاب سۈپىتىنى ئوقۇپ تەكشۈرگۈچى تەكلىپ قىلىپ ) كىتابلارنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشكە؛ ئۆلچەمگە توشمىغان كىتابلار ئۈستىدە بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدىغان، ئۆزىگە قاراشلىق ياكى ئۆز تەۋەسىدىكى نەشرىياتلار نەشر قىلغان كىتابلاردا مەزمۇن قاتارلىق جەھەتلەردە يۈز بەرگەن ئېغىر خاتالىقلار ۋە باشقا زور مەسىلىلەر ئۈستىدە رەھبەرلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالدىغان مەخسۇس ئورگان تەسىس قىلىشى ياكى مەخسۇس ئادەم قويۇشى لازىم.
" C$ G, [8 n" k+ U0 ~) H- ^  }0 `15 - ماددا ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مەملىكەت بويىچە كىتاب سۈپىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ھەم كىتابخانلارنىڭ ئىنكاسىغا ئاساسەن، ھەر يىلى بىر قىسىم نەشرىياتلارنىڭ كىتابلىرىنى تاللاپ، ئادەم تەشكىللەپ، سۈپىتىنى ئارىلاپ تەكشۈرىدۇ.
# F9 r% ~- I) Z+ F) Y4 v0 J16 - ماددا جايلاردىكى ئۆلكىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ياكى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى كىتابلارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە ئوقۇپ تەكشۈرۈش خاتىرىسىنى يازما شەكىلدە نەشرىياتلارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئەگەر نەشرىياتلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان پىكرى بولسا، ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىنكى 30 كۈن ئىچىدە ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى يۇقىرىغا يوللاپ، قايتا تەكشۈرشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. ئەگەر پىكىر يەنە ئوخشاش بولمىسا، ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈم قىلىشىغا يوللاپ بېرىش كېرەك.
% M# i$ J9 X# \0 I17 - ماددا جايلاردىكى ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىلىرى ياكى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى؛ تەكشۈرۈلگەن كىتابلارنىڭ سۈپىتى ئۈستىدە چىقىرىلغان ئاخىرقى نەتىجە ۋە بىر تەرەپ قىلىش قارارى ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىدۇ.6 w8 e1 O5 @) J' ?8 i4 K" ~, @& s) m
تۆتىنچى باب مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش
% [& r: `( D2 \18 - ماددا كىتاب سۈپىتىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ۋە شەخسلەرنى، شۇنىڭدەك كۈچلۈك چارە - تەدبىر قوللىنپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە كىتاب سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن نەشر قىلىش ئورۇنلىرى ۋە شەخسلەرنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى، جايلاردىكى ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىلىرى كىتاب سۈپىتىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تەقدىرلىسە ۋە مۇكاپاتلىسا بولىدۇ., B0 X/ V9 n3 l
19 - ماددا يېڭى نەشر قىلىنغان كىتابلىرىنىڭ 01 تىن ئارتۇقنىڭ سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمىغان نەشرىياتلارنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى ، جايلاردىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يىنىكلىكىگە قاراپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ ياكى جازالايدۇ. < جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى > دىكى جازالار ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، جەرىمانە قويۇش، كەسىپنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەركەز دەرىجىلىك نەشرىياتلار ئۈستىدىن چىقىرىلىدىغان جازا قارارىنى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسىچىقىرىدۇ، جايلاردىكى نەشرىياتلار ئۈستىدىن چىقىرىلىدىغان جازا قارارىنى جايلاردىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىسى ياكى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى چىقىرىدۇ، قويۇلغان جەرىمانە يەرلىك مالىيىگە تاپشۇرۇلىدۇ., n1 F. K6 I+ p) u/ X* Y
20 - ماددا تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە سۈپىتى ئۆلچەمگە توشمىغان كىتابلارنى تېخنىكىلىق بىر تەرەپ قىلىش ياكى ئۆزگەرتىپ قايتا بېسىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئاندىن بازاردا داۋاملىق سېتىشقا بولىدۇ. ئەگەر كىتابنىڭ ئۆلچەمگە توشمىغانلىقى بېكىتىلگەن بولسىمۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ياكى جازا قارارى چىقىرىلىپ ئۈچ ئايدىن كىيىنمۇ شۇ كىتابنىڭ بازاردا يەنىلا سېتىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولسا، جايلاردىكى ئۆلكە دەرىجىلىك ئاخبارات - نەشرىيات ئىدارىلىرى ياكى ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى نەشرىياتقا ئىقتىسادىي جازا بېرىدۇ، شۇ كىتابتىن قىلىنغان كىرىمنى مۇسادىرە قىلغاندىن سىرت، يەنە ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ جەرىمانە قويىدۇ، جەرىمانە يەرلىك مەلىيىگە تاپشۇرۇلىدۇ.' ~: ?- R: f8 `
21 - ماددا ئۇدا ئىككى يىل كىتابلار ئۆلچەمگە توشمايدىغان ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى، دەپ بېكىتىش كېرەك. خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلارنىڭ ستاژىنى، كەسپىي تېخنىكا ئۇنۋانىنى ۋە مائاشىنى نورمال ئۈستۈرۈشكە بولمايدۇ؛ تەكشۈرۈشتە ئۇدا ئۈچ يىل ئىشلىگەن كىتابى ئۆلچەمگە توشمىغانلارنىڭ شۇ ئىش ئورنىدا ئىشلەۋېرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ.
- J) M+ A2 ^5 o3 G% Vبەشىنچى باب قوشۇمچە پرىنسىپ
( P8 B1 [. }+ r& @0 W8 a22 - ماددا بۇ بەلگىلىمىنى چۈشەندۈرۈشكە ئاخبارات - نەشرىيات مەھكىمىسى مەسئۇل بولىدۇ.
5 a/ ?6 j, E6 w7 G, B23 - ماددا بۇ بەلگىلىمە تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 1992 - يىلى تارقىتىلغان < كىتاب سۈپىتىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە ( سىناق نۇسخىسى ) > ئىجرا قىلىنىشتىن توختىتىلىدۇ. كىتابلارنىڭ تەھرىرلىك، كوررېكتورلۇق سۈسپىتدىكى خاتالىق نىسبىتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى 1. كىتابلارنىڭ خاتالىق نىسىبتى دېگەندە، تەكشۈرۈپ ئوقۇلغان بىر كىتابنىڭ ئومۇمىي خەت سانىنى ئاشۇ كىتابنى تەكشۈرگەندە سېزىلگەن ئومۇمىي خاتالىق سانىغا بۆلگەندىن كېيىن خاتالىقنىڭ 10 مىڭدىن قانچە پىرسەنتىنى ئىگىلىگەنلىكى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مەسىلەن، تەكشۈرۈپ ئوقۇلغالن بىر كىتابنىڭ ئومۇمىي خەت سانى 100 مىڭ بولۇپ، ئوقۇپ چىقىلغاندىن كېيىن ئىككى خاتالىق سېزىلسە، بۇ كىتابنىڭ خاتالىق نىسىبتى 100000/2، يەنى 10000/2.0 بولىدۇ.   2. كىتابنىڭ ئومۇمىي خەت سانىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىدا، بىردەك شۇ كىتابتىكى ئەمەلىي خەت سانى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، يەنى ئومۇمىي خەت سانى بىر قۇردىكى خەت سانىنى بىر بەتتىكى قۇر سانىغا، بىر بەتتىكى قۇر سانىنى كىتابنىڭ ئومۇمىي بەت سانىغا كۆپەيتىش يولى بىلەن چىقىرىلىدۇ.   1(كىتابنىڭ تاشلىقىغا ئوخشاش ئاق بەتلەر خەت ھېسابىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ، ئۇلىنىپ كەلگەن بەتلەردىكى تېكىست، مۇندەرىجە، قوشۇمچە بەتلەر، ھەرپ - تىزىلغان - تىزىلمىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تولۇق بىر بەت بويىچە خەت ھېسابلىنىدۇ، ئىستونغا بۆلۈپ تىزىلغان كىتابلاردا، ئىستون ئارىلىقىدىكى بوش ئورۇنمۇ بەت بويىچە خەت ھېسابلىنىدۇ.   2) كىتاب قېشى، ئايرىم تىزىلغان بەت نومۇرى، چېتىگە تىزىلغان بەت نومۇرىمۇ تېكىست قۇرىغا قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.   3( مۇندەرىجە، كۆرسەتكۈچ، قوشۇمچە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاشلارنىڭ ھەرپ نومۇرىدا ئۆزگىرىش بولسا، ئۇلارمۇ بەتتىكى خەت سانى بويىچە ئايرىم - ئايرىم ھېسابلىنىدۇ.   4) كىچىك ھەرپ بىلەن تىزىلغان ئىزاھاتلار بەش قۇردىن ئارتۇق بولۇپ، ئون قۇرغا يەتمىسە، شۇ بەتتىكى تېكىسىت خەت سانىغا 15 قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ يېرىم بەتتىن ئېشىپ كەتسە، بۇ بەت ئىزاھات خېتىنىڭ تولۇق بېتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. كىچىك ھەرپ بىلەن تىزىلغان قىستۇرما ئىزاھاتلار تېكىست بېتىدىكى خەت سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.   5( مۇقاۋا )مۇقاۋىنىڭ بىرنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بەتلىرى، قاتلىمى، تاشلىقى، قېپى، كىتاب دۈمبىسى (، تىتول قاتارلىقلارنىڭ خېتى يوقلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەر بىر بېتى تېكىست بېتىدىكى خەت سانىنىڭ 50 ى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ نەشر ھوقۇقى بېتى، قاتلىقى ) خېتى بولغانلىرى ( تېكىستنىڭ بىر بېتى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.   6) يېنىغا تېكىست تىزىلغان قىستۇرما راسىم، جەدۋەللەرنىڭ خەت سانى تېكىست بېتىنىڭ خەت سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ قىستۇرما رەسىم بىر بەتنى ئىگىلىگەن بولسا، تېكىست بېتىدىكى خەت سانىنىڭ 50 ى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ جەدۋەل بىر بەتنى ئىگىلىگەن بولسا، تېكىستنىڭ بىر بېتى بويىچە خەت ھېسابلىنىدۇ.   7( چۈشەندۈرۈشى بولغان رەسىملىك توپلام، قوتو سۈرۈتلەر توپلىمى، ناخشا نوتىسى تېكىست بېتىنىڭ خەت سانى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ چۈشەندۈرۈشى بولمىغانلىرى تېكىست بېتىدىكى خەت سانىنىڭ 30 ى بويىچە ھېسابلىنىدۇ.   8)چەت ئەل يېزىقىدىكى كىتابلارنىڭ، ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدىكى كىتابلارنىڭ خەت سانى شۇ كىتابنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسىدىكى خەت سانىغا 30 قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.   3. كىتابتىكى خاتالىقلارنى ھېسابلاش ئۇسۇلى   1(خەت )ھەرپ(خاتالىقىنى ھېسابلاش ئۆلچىمى   )1( ئومۇمەن، تېكىست، مۇندەرىجە، نەشر قىلىش چۈشەندۈرۈشى، كىرىش سۆز ياكى مۇقەددىمە، خاتىمە ياكى ئاخىرقى سۆز، ئىزاھات، كۆرسەتكۈچ، رەسىم - جەدۋەل، قوشۇمچە خاتىرە، پايدىلىنىدىغان ھۆججەتلەردىكى ئادەتتىكى خاتا خەتلەر، ئارتۇق خەتلەر )ھەرپلەر( نىڭ ھەر بىرى بىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ، ئورنى ئالمىشىپ قالغان بولۇپ، بىر كوررېكتورلۇق بەلگىسى بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بولسا، ھەر بىرى بىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ؛ كىتاب قېشىدىكى خاتالىقنىڭ قانچە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ؛ قۇرلاردىكى سانلار خاتا بولسا، ھەر بىر سان بىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ؛ بەت نومۇرىدىكى خاتالىقنىڭ ھەر بىرى بىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.)2( ئوخشاش بىر خەت )ھەرپ( خاتا بولغان بولسا، ھەر بىر بەتتىكىسى بىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ، بىر بەتتى كەينى - كەينىدىن خاتا بولۇپ قالغان خەتلەر )ھەرپلەر( بەشتىن ئاز بولسا، ئىككى خاتالىق، بەشتىن كۆپ ) بەشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ( بولسا، بەش خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   )3( مۇقاۋا ) كىتاب دۈمبىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (، مۇقاۋىنىڭ ئاخىرقى بېتى، مۇقاۋىنىڭ قاتلىقى، تىتول، نەشر ھوقۇقى بېتىدىكى خەتلەر خاتا كەتكەن بولسا، ھەربىرى ئىككى خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   )4( بىلىم خاراكتېرلىك، مەنتىق خاراكتېرلىك، گرامماتىكا خاراكتېرلىك خاتالىقنىڭ ھەر بىرى ئىككى خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   )5( ئادەتتىكى پەن - تېخنىكا خاراكتېرلىك، سىياسىي خاراكتېرلىك خاتالىقنىڭ ھەر بىرى ئۈچ خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   )6( چەت ئەل يېزىقى، ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىقى، خەلقئارا تاۋۇش بەلگىسى، خەنزۇ پىنيىن يېزىقىدا تاق سۆز ياكى  سۆز گۇرۇپپىسىدا قانچە ھەرپ خاتاسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   )7( چەت ئەل يېزىقىدىكى چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىشقا تېگىشلىك بولغان قىسقارتىلغان سۆزلەر ) مەسىلەن، DNA ( كىچىك ھەرپ بىلەن يېزىلىپ ) مەسىلەن، dna بولۇپ ( قالسا، ئوخشاش بولمىغان يېزىقتىكى سۆزلەرنىڭ، قىسقارتىلغانسۆزلەرنىڭ ھەرپلىرى ئارىلاشتۇرۇپ قويۇلسا ) مەسىلەن، ئىنگىلىزچە قىسقارتىلغان سۆزدىكى N ھەرپى رۇسچە И ھەرپى بىلەن يېزىلسا (، ھەر بىرى بىر خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   8) چەت ئەل يېزىقىدىكى ئادەم ئىسمى، يەر نامى، دۆلەت ۋە ئورۇن ناملىرى قاتارلىق خاس ئىسىملارنىڭ چوڭ ھەرپ بىلەن يېزىلىدىغان باش ھەرپى كىچىك ھەرپ بىلەن يېزىلغان بولسا، ھەر بىرى 5.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ؛ ئوخشاش بىر خىل خاتالىق پۈتۈن كىتابتا ئۈچتىن ئېشىپ كەتسە ( ئۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )،5.1 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   (9) خەنزۇچە خەت ئۆز ئالدىغا ئاددىيلاشتۇرۇپ ياسالغان، ئەسلى خەتنىڭ ئورنىغا ئوخشاش ئاھاڭدىكى خەت ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەن بولسا، خاتاخەت بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەتلەر بىلەن مۇرەككەپ خەتلەر ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلگەن بولسا، ھەر بىرى 5.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ، بۇنداق خاتالىق كۆپ بولغاندا بىر كىتابتكىسى ئۈچ خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   (10)ئۆلچەم بىلەن بىرلىكنىڭ خەنزۇچە ئاتىلىشى دۆلەت ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، ھەر بىرى 5.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ؛ مۇشۇنداق خاتالىق كۆپ قېتىم كۆرۈلسە، ھەر بىر بەتتىكىسى 5.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   (11) ئەرەب رەقىمى بىلەن خەنزۇچە ساننىڭ ئىشلىتىلىشى ئۆلچەملىك بولمىسا، ھەر بىرى 52.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. پۈتۈن كىتابتا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   2(تىنىش بەلگىلىرى ۋە باشقا بەلگىلەردىكى خاتالىقلارنى ھېسابلاش ئۆلچىمى   )1( تىنىش بەلگىلىرى ئادەتتە خاتا ئىشلىتىلسە، چۈشۈپ قالسا، ئارتۇق ئىشلىتىلسە، ھەر بىرى 5.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ. لېكىن گۇرۇپپىلانغان تىنىش بەلگىلىرى، مەسىلەن، قوش تىرناق، يالاڭ تىرناق، كىتاب ئىسمى بەلگىسى قاتارلىقلار خاتا ئىشلىتىلگەن، بىر تەرىپىدىكىسى، چۈشۈپ قالغان، ئارتۇق ئىشلىتىلگەن بولسا، ھەر بىر گۇرۇپپىسى 5.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   )2( ئونلۇق كەسىر چېكىتى يۇمىلاق چېكىت بولۇپ قالغان بولسا ياكى يۇمىلاق چېكىت ئونلۇق كەسىر چېكىتى ئورنىغا ئىشلىتىلگەن بولسا، ھەر بىرى 25.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ، ئىسىم ئاستىغا سىزىلغان سىزىق، تەكىتلەش بەلگىلىرىنىڭ ئورنى خاتا بولۇپ قالغان، كۆپ بولۇپ قالغان، چۈشۈپ قالغان بولسا، ھەر بىرى 25.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   )3( سىزىقنىڭ ئورنىغا خەنزۇچە <بىر> خېتى ) - ( تىزىپ قويۇلغان ياكى ئۇ سىزىقچە بولۇپ قالغان بولسا، ھەر بىرى 25.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ؛ تىنىش بەلگىلىرى قۇر بېشىغا، قۇر ئاخىرىغا قويۇلۇپ قالغان بولسا، ھەر بىرى 25.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   )4( چەت ئەل تىلىدىكى بىرىكمە سۆزلەر، تاق سۆزلەر بوغۇم بويىچە قۇرغا ئايرىلىدۇ، بوغۇم ئايرىش بەلگىسى چۈشۈپ قالسا، ھەر بىرى 1.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ؛ مۇشۇنداق خاتالىق ھەر بىر بەتتە ئۈچتىن ئېشىپ كەتسە ) ئۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (، 3.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   )5( بەلگىلەنگەن ئۆلچەم بىرلىكى ۋە بەلگىلەر، ماتېماتىكا، فىزىكا ۋە خىمىيدىن ئىبارەت پەنلەردىكى پەن - تېخنىكا ئۆلچەملىرى ۋە بەلگىلىرى، مۇزىكا نوتىلىرىدىكى ئادەتتىكى خاتالىقلار ئەھۋالنىڭ ئېغىر - يېنىكلىكىگە قاراپ، 5.0 تىن بىرگىچە خاتالىق ھېسابلىنىدۇ؛ شۇنىڭغا ئوخشاش خاتالىقلار تەكرار كۆرۈلسە، ھەر بىر بەتتىكى 5.0 تىن بىرگىچە خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   )6( رەسىم تەرتىپى، جەدۋەل تەرتىپى، فورمۇلا تەرتىپى قاتارلىقلاردا تەرتىپ خاراكتېرلىك خاتالىق كۆرۈلسە، ھەر بىرى 5.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ، پۈتۈن كىتابتا ئۈچتىن ئېشىپ كەتسە ) ئۈچنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ (، 5.1 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   3) شەكىل خاتالىقىنى ھېسابلاش ئۆلچىمى   (1) باشقا ۋاراقتىن، باشقا بەتتىن، باشقا ئابزاستىن، باشقا قۇردىن باشلاش، ئۇلاپ تىزىش، بوش قۇر قالدۇرۇش سەۋەبىدىن ماقالىنىڭ مەزمۇنىغا تەسىر يېتىدىغان، بەت شەكلى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە، ھەر بىرى 25.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   (2) بىر - بىرىگە تۇتاش بولغان ھەرپلەرنىڭ شەكلى، نومۇرى خاتا بولسا، ھەر بىرى 25.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ؛ ھەرپ شەكلى بىلەن ھەرپ نومۇرىدا تەڭلا خاتالىق بولغان بولسا، ھەر بىرى 25.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   (3) ئوخشاش بىر بەتتە ئوخشاش دەرىجىلىك بىر نەچچە ماۋزۇنىڭ ئورنى، قۇرغا ئايرىش شەكلى بىردەك بولمىسا، 25.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ؛ قۇر بېشىدىكى ماۋزۇ بىلەن تېكىست ئارىلىقىدا بوش ئورۇن قالدۇرۇلمىسا، ھەر بىرى 25.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   (4) تۇتاش كەلگەن ئەرەب رەقىمى قۇرغا ئايرىلىپ كەتسە، ھەر بىر ئورۇندىكىسى 1.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   (5) رەسىم، جەدۋەللەرنىڭ ئورنى خاتا بولۇپ قالسا، رەسىم ۋە جەدۋەلنىڭ مەزمۇنى بىلەن چۈشەندۈرۈشى بىر - بىرىگە توغرا كەلمىسە، ھەر بىرى ئىككى خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   (6) كىتاب قېشىنىڭ تاق ۋە جۈپ بەتلەردىكى ئورنى ئالمىشىپ قالسا، ھەر بىرى 5.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   (7) ئىزاھات نومۇرى بىلەن تېكىستتىكى ئىزاھات نومۇرى ئوخشاش بولۇپ، تەرتىپ بويىچە تىزىلمىغان بولسا، ياكى ئىزاھات نومۇرى بولۇپ ئىزاھات ئۆزى بولمىسا، ياكى ئىزاھات ئۆزى بولۇپ ئىزاھات نومۇرى بولمىسا، ھەر بىرى 25.0 خاتالىق ھېسابلىنىدۇ.   4. كىتابلارنىڭ مۇقاۋىسى ( مۇقاۋىنىڭ بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى بەتلىرى، قاتلىقى، تاشلىقى، قېپى، كىتاب دۈمبىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، تىتول، نەشر ھوقۇقى بېتى،كىرىش سۆز ياكى مۇقەددىمە، خاتىمە ياكى ئاخىرقى سۆز، مۇندەرىجە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەكشۈرۈپ ئوقۇش ۋە تەكشۈرۈش مەزمۇنى قىلىنىشى كېرەك.0 V0 e* ]3 n) ]* ]$ {

5 i. w. Y1 t& o( Y" a

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  560
يازما سانى: 275
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 654
تۆھپە : 50
توردا: 119
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 10:35:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بەلگىلىمىكەن. قاچان ئېلان قىلىنغان بولغىدى؟ يوللىغۇچىغا رەھمەت.

مۇۋەپپەقىيەت تېرىشچانلىقت

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 794
تۆھپە : 3
توردا: 350
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 17:15:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەنىلا ئابلەتكامنىڭ شېئرلىرىنى ياقتۇرىدىكەنمەن...

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 621
تۆھپە : 1
توردا: 108
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 20:27:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلگىلىمە چىقارغان ئورۇننى يېزىۋەتكەن بولسىڭىز ياخشى ئىدى .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  268
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 419
تۆھپە : 1
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 00:16:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەت ئەخمەتنىڭ بىر قانچە پارچە شېئىرىنى ياقتۇرۇپ خاتىرىلىۋالغان ئىدىم ، ئېسىل لىرىكىلىرىنى بىزدىن ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن ، قەلىمىگە بەرىكەت يار بولسۇن ...

قىزىم ، مېنى چىڭ قۇچاقلاڭ ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1115
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 124
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-13 11:45:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى ئۇچۇركەن! قولىڭزغا دەرت كەلمىسۇن!  تېتىملىق لىرىكىلىرىڭىز ئارقىلىق كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەشنالىقىغا مەلھەم بولىشڭىزغا تىلەكداشمەن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش