كۆرۈش: 104|ئىنكاس: 1

ئەركيار:تور مەدەنىيىتى ھەققىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  767
يازما سانى: 81
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 599
تۆھپە : 6
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-14 22:04:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

                                          تور مەدەنىيىتى ھەققىدە


                                               مەقسۇت ئەمىن ئەركيار



---"نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادى سانائەت ئىگىلىكىدىن بىلىم ئىگىلىكىگە ئۆتۈشۈش ھالىتىدە تۇرماقتا.بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە سانائەت ئىگىلىكى بىلەن پەرقلىنىدىغان ئالاھىدىلىكى شۇكى—ئۇ ئۇچۇر، ماددا ، ئېنىرگىيەدىن ئىبارەت ھازىرقى ئۈچ چوڭ بايلىقتىن تەشكىل تاپىدۇ①."
---"ئېنتىرنېت ئەينەككە ئوخشاش جەمئىيەتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.ئەگەر بىز ئەينەكتىكى تەسۋىرنى ياخشى كۆرمىسەك،بۇنىڭ ئۈچۈن ئەينەكنى ئەمەس،جەمئىيتىمىزنى تۈزەشكە توغرا كېلىدۇ②."
---"2003 -يىلى8-ئاينىڭ23-كۈنى جۇڭگو پوچتا داشۆسى«تورمەدەنىيتى تەتقىقات مەركىزى»نىڭ قۇرۇلۇشى «تور مەدەنىيتى»نىڭ مەخسۇس تېما سۈپىتىدە داشۆلەردە تەتقىق قىلىنىشىنىڭ باشلىنىشىدۇر③."



    تورمەدەنىيتى ئۈستىدە توختالغاندا،بىرجەھەتتىن كومپيۇتېر تورىنىڭ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ مەدەنىيەتكە نەزەرتاشلاشقا، يەنە بىر جەھەتتىن مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن تۇرۇپ كومپيۇتېر تورىغا نەزەر ئاغدۇرۇپ گەپ باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئالدىنقىسى كومپيۇتېر تورتېخنىكىسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى،ئەھمىيتىنى چىقىش قىلسا،كېيىنكىسى تورنىڭ مەزمۇنىدىكى مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى تەكىتلەشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىدۇ.ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، تور مەدەنىيتى تورتېخنىكىسى يېڭىلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مەزمۇنىنىڭ ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى بولۇپ،نۇقۇل ھالدا خالىغان بىرتەرەپنىلا تەكىتلەش مۇۋاپىق ئەمەس.
شۇڭا،تور مەدەنىيتىنىڭ ئېنىقلىمىسىنى مۇنداق بېرىش مۇمكىن: تور مەدەنىيتى — تور (كومپيۇتېر تورى ۋە شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن باشقا ئالاقە تورى تۈرلىرى) دىكى تورئىجتىمائى ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى،تورماددىي ئىجادىيەتلىرى تەرەققىياتى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن مەنىۋىي ئىجادىيەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.
تور مەدەنىيتىنى كەڭ مەنىدىكى تور مەدەنىيتى ۋە تار مەنىدىكى تور مەدەنىيتى دەپ ئىككىگە بۆلۈپ تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ.
    كەڭ مەنىدىكى تور مەدەنىيتى— توردەۋرىدىكى ئىنسانىيەت مەدەنىيتىنى،يەنى ئىنسانىيەت ئەنئەنىۋى مەدەنىيتىنىڭ،ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى داۋاملىشىش ۋە كۆپ خىللىشىشىنى كۆرسىتىدۇ.
تارمەنىدىكى تور مەدەنىيتى— كومپيۇتېر تېخنىكىسى،ئۇچۇرتورى تېخنىكىسى تورئىقتىسادى ئاساسىدىكى مەنىۋى ئىجادىي پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى كۆرسىتىدۇ.كىشىلەر توردىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە دۇنيادا خىزمەت،ئۆگىنىش،ئالاقە،سۆھبەت،ئارام ئېلىش،كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلارنى ئېلىپ بارىدۇ ھەم مۇشۇ جەرياندا ئۆزلىرىنىڭ قىممەت قارىشى،ئىجتىمائى پىسخىكىسىنى ئاشكارىلايدۇ.مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پىسخىكىلىق ھالەت،تەپەككۇر شەكلى،بىلىم قۇرۇلمىسى،ئەخلاق ساپاسى،قىممەت قارىشى،گۈزەللىك خاھىشى ۋە قاراشلىرى،قىلمىش شەكلى قاتارلىقلارنىڭ ئۇمۇملاشتۇرۇپ ئاتىلىشىنى تار مەنىدىكى تور مەدەنىيتى دەيمىز.بۇلارنى تور مەدەنىيتى دېگەندىن كۆرە«توردىكى مەدەنىيەت»دېسەك تېخىمۇ مۇۋاپىق.


    شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،تور مەدەنىيتى كومپيۇتېر تورىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىىپ بارلىققا كېلىشكە باشلىغان.تور مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرىنىڭ تاراتقۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تور سىرتىدىكى باشقا مەدەنىيەتنى ۋە تورشەكىللىنىشتىن بۇرۇنقى مەدەنىيەتنى يەتكۈزۈپلا بېرەلەيدۇ.ئۆزى بولسا ھېچقانداق يېڭى مەدەنىيەتنى ياراتقىنى يوق.شۇڭا،تورنىڭ ھەل قىلغىنى—تور سىرتىدىكى مەدەنىيەتنى تارقىتىشنىڭ تېخنىكىلىق مەسلىلىرىدۇر. تور جەمئىيتى تور سىرتىدىكى جەمئىيەت بىلەن پەرقلىق بولۇپ،تور سىرتىدىكى جەمئىيەتنىڭ تورشەكىللىنىشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلىرى تور جەمئىيتىگە تەسىركۆرسىتىدۇ ياكى«كۆچۈپ»كىرىدۇ.تورئابونتلىرىنىڭ تورشەكىللەنگەندىن كېيىنكى ئۆزھېسياتىنى،ھايات-ھەقىقەتلىرى ئۈستىدە بىلگەنلىرى (ۋە باشقىلار)نى ئىپادىلىشى نۇرغۇن جەھەتتىن تورشەكىللىنىشتىن بۇرۇنقى ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئوخشىمايدۇ.مۇشۇ نۇقتىدىن تۇرۇپ،ئۇنى ئايرىم مەدەنىيەت ھادىسىسى، دەپ قاراش ۋە تەتقىق قىلىش ئەھمىيەتلىكتۇر.
    تورمەدەنىيتىنىڭ ئاساسى تېمىسى—ئىجتىمائى،ئىقتىسادىي تۇرمۇش.ئۇسىياسى،ئىقتىساد،سەھىيە،داۋالاش،مەدەنىيەت،كۆڭۈل ئېچىش،پەن-تەتقىقات،مائارىپ،دېپلوماتىيە قاتارلىقلارغا بېرىپ چېتىلىدۇ. تورنىڭ مەنبەسى تۇرمۇش،تورمەدەنىيتىنىڭ تەرەققىياتى تېگىدىن ئېيتقاندا يەنىلا تۇرمۇشنى ئاساس قىلىدۇ.
تور مەدەنىيتى تەرەققىياتىنىڭ شەرتلىرى:
1) تورغا چىققۇچىلارنىڭ يېڭىچە تورمەدەنىيتى تەپەككۇرشەكلى،يېڭىچە تور ئىستېتىك قارىشى
2) تورمەدەنىيتىنىڭ يېڭىچە ئىجادىيەت شەكلى
3)تور سىرتىدىكى بايلىقلار ۋە بۇ بايلىقلاردىن شەكىللەنگەن يېڭىچە بايلىقلار
4)يېڭىچە تور جەمئىيتىنىڭ شەكىللىنىشى
5) تورتېخنىكىسىدىكى ئىلگىرلەشلەر
    تورمەدەنىيتى— رايۇنلىشىش،كۆپ خىللىشىش،خەلقئارالىشىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ،ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئۆزرايۇنىدا ئوخشىمىغان تورمەدەنىيتىنى شەكىللەندۈرىدۇ.ئوخشاش بىر مىللەتنىڭ تور مەدەنىيتىدە ئوخشاش بولمىغان شەكىللەر كۆرۈلىدۇ.ئېنتىرنېت خەلقئارالىق مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان بولغاچقا،ھەربىردۆلەت ۋە مىللەت ئېنتىرنېت تورىغا قارىتا ئېچىۋېتىلگەن بولىدۇ. بۇ جەرياندا،ئۆز-ئارا سىڭىپ كىرىش بولىدۇ ھەم ھەممە مىللەت ئورتاق بەھرىلىنەلەيدىغان خەلقئارالىق تورمەدەنىيتى شەكىللىنىدۇ.
تور مەدەنىيتى بارلىققا كەلگەندىن كېيىن،ئۇنى تەتقىق قىلىش زۆرۈرىيتى ۋە ئىمكانىيتى توغۇلىدۇ.بۇ يەنە تەتقىق قىلىش مىتودى جەھەتتىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە. ئەگەر سېلىشتۇرما مەدەنىيەتشۇناسلىق مېتودى بويىچە بولغاندا،توريېزىقشۇناسلىقى،تور تىلشۇناسلىقى،تورگرامماتىكا-سىتلىستىكىسى،تورئىنسانىيەت-مەدەنىيەت-جەمئىيەتشۇناسلىقى،تورمەدەنىيەتشۇناسلىقى، ئىمپېرىسسىئونىستىك(Impressionism)رەسساملىق ئېقىمى تەتقىقاتى،تورچالغۇئىلمى، تورنەغمەشۇناسلىقى، تورسۈررېئالىزىملىق مۇزىكا تەتقىقاتى،...دېگەندەك بىرقاتار پەنلەر بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.


ئىزاھ:

①گاۋچۈەنشەن،ماۋدىلىنلار تۈزگەن«سانلىق-مەلۇمات ئۇچۇر-ئالاقىسى ۋە كومپيۇتېر تورى»(ئالىي مائارىپ نەشرىياتى2-نەشىرى)دېگەن كىتابتىن.
②ئېنتىرنېت ئاتىسى ۋېنت.سېرف(Vint Cerf)نىڭ سۆزى
③ياڭ شېڭ خۇا:«كومپيۇتېر ۋە تور مەدەنىيتى»نۇتۇق تېكىستىدىن.

2012-يىلى1-ئاينىڭ17-كۈنى






تور ئەدەبىياتى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزىلەر


                                                               مەقسۇت ئەمىن ئەركيار

                                       (بۇ تېما ئەينى ۋاقىتتا «يازغۇچىلار مۇنبىرى»كونا مۇنبەرگە يوللانغان)


                                                2010-يىلى 7-ئايدا يېزىلغان

ئىلاۋە
: مەزكۇر تېما ئاپتۇرنىڭ دەسلەپكى ئىزدىنىش نەتىجىسى بولۇپ،كەسىپ ئەھلى بولمىغاچقا ھەم بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرى تېخى تېيىز بولغاچقا، مۇكەممەللىكتىن تولىمۇ يىراق . ماقالە ئاپتۇرى تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنىڭ بۇ تېما ئۈستىدە چۇڭقۇر ئىزدىنپ، يېڭى مەسلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ۋە ھەل قىلىشىنى،شۇنداقلا ئۇستازلارنىڭ كۆرسەتمە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .


تور ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيتى

ئەدەبىيات— كەڭ مەنىدە بارلىق كىتاب ۋە گېزىت-ژۇرناللارنىڭ بىرپۈتۈن يىغىندىسى،تارمەنىدە بولسا بەدىئىي ئەدەبىياتنى كۆرسىتىدۇ.تۈرلۈك ساھەلەرگە خاس ئەسەر ۋە كىتابلارنىمۇ ئۇمۇمەن ئەدەبىيات ئاتالغۇسى بىلەن ئاتاپ كۆرسىتىشكە بولىدۇ①. مەسىلەن:«سىياسى ئەدەبىيات»،«ئىقتىسادىي ئەدەبىيات»،«ئىلمىي ئەدەبىيات» ۋەھاكازالار.
دېمەك،بۇ مەنىدىن تور ئەدەبىياتىنىمۇ ئەدەبىياتنىڭ تارازىسى بىلەن تارتىش ئۇرۇنلۇق.
تور ئەدەبىياتى دېگەندە، كومپيۇتېر تورىنى ۋاستە قىلىپ ئېلان قىلغان ئەسەرلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئەگەر ئېنىقلىما بېرىشقا توغرا كەلسە، تەخمىنەن مۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇ: تور ئەدەبىياتى دېگىنىمىز- ئېنتىرنېتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن،ئېنتىرنىت تورىنى ئىپادىلەش سۇپىسى ياكى يەتكۈزۈش ۋاستىسى قىلغان،ئۇلانمىلىق تېكىستلەر ۋە كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى ئارقىلىق توربەت يۈزىگە چىققان ئەدەبىي ئەسەرلەر،ئەدەبىياتقا مايىلراق ئەسەرلەر،ئەدەبىياتنىڭ تەتقىقات دائىرىسگە تەۋە بولالايدىغان باشقا سەنئەت ئەسەرلىرى(بۇلارنىڭ ئىچىدە توردىكى ئىجادىي ئەسەرلەر ئاساس قىلىنىدۇ)،...قاتارلىقلادىن تەشكىللەنگەن، ئەنئەنىۋىي ئەدەبىياتنىڭ يېڭىچە ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە بولغان بىر تارمىقىنى بىز تور ئەدەبىياتى دەپ ئېيتالايمىز②.
تور ئەدەبىياتى تور مەدەنىيتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. تور مەدەنىيتى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدىغان بولغاچقا تورئەدەبىياتىمۇ ماس قەدەمدە ئىجتىمائىي مەدەنىيەتكە نىسبەتەن تەسىرى زور بولماقتا. تور ئەدەبىياتى مەيلى ئېتىراپ قىلىنسۇن- قىلىنمىسۇن،نەزەرگە ئېلىنسۇن-ئېلىنمىسۇن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بۆسۈپ كىردى ھەم ئۇنىڭ تەركىبى قىسمىغا ئايلاندى.
كەلگۈسى تارىخ تورنى چۈشەنمەيدىغانلارنى ئېسىدە ساقلىمايدۇ. تورنى چۈشەنمىگەندە،ئېتىراپ قىلمىغاندا نۆۋەتتىكى ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىنى توغرا چۈشىنىپ يەتكىلى ۋە ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتقا چۇڭقۇرلاشقىلى ھەمدە تورنى ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يېڭى يول ئاچقىلى بولمايدۇ.
ئەدەبىيات جەمئىيەتكە نىسبەتەن پاسسىپ ياكى ئىتائەتمەن قورال بولماستىن،بەلكى ئۇنىڭغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدىغان ۋە ئۇنى ئالغا ئىلگىرلىتىدىغان مەنىۋى كۈچ.ئەدەبىياتنىڭ ئادەمگە ۋە ئۇ ئارقىلىق جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىشى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ،ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ تۈپ ۋە ئاساسى رولى ئىستېتىك جەھەتتىن،بىلىش جەھەتتىن ۋە تەربىيلەش جەھەتتىن ئىپادىلىنىدۇ③.
ئەدەبىياتنىڭ رولى ۋە تورئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن تور ئەدەبىياتىنىڭ ئەھمىيتىنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاق بايان قىلىش مۇمكىن:
ئىستېتىك ئەھمىيتى— تورئەدەبىياتى ئەسەرلىرى تېزلىكى،كۆپ خىللىقى ۋە ئىپادىلەشتىكى جەلپكارلىقى،جانلىقلىقى بىلەن تور ئوقۇرمەنلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيتىپ ۋە تەڭشەپ،ئىستېتىك لەززەت ئاتا قىلىش،جىددىي خىزمەت ۋە تۇرمۇش رېتىمى ئىچىدەروھىي جەھەتتىن ئىچ-پۇشۇقىنى چىقىرىش،كەيپىياتىنى ئۇرغۇتۇپ مەنىۋى يۈكسەكلىك بەخىش جەھەتلەردىن تور ئەھلىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىدۇ.
بىلىش ئەھمىيتى— تور ئەدەبىياتى ئۆزىدە ئەدەبىياتنىڭ«رېئال دۇنيانىڭ ئوبرازلىق ئىنكاسى»بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن تورنىڭ «سانلىق-مەلۇماتلارنى يەتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش»ئالاھىدىلىكىنى مۇجەسسەم قىلغان بولغاچقا،تور ئەھلىنىڭ جەمئىيەت،تەبىئەت ۋە كىشلىك تۇرمۇش ھەققىدىكى بىلىشى تېخىمۇ كەڭ ۋە تېخىمۇ چۇڭقۇر بولىدۇ.
« ئەدەبىياتنىڭ ئەزەلدىنلا تەربىيىلەشتىن ئىبارەت ماھىيەتلىك رولى بار. مەيلى ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى ياكى ئاداققى نىشانى بولسۇن، ئەدەبىيات بىلەن مائارىپتا ئوخشاشلىق بولغان»④. تورنىڭ ئىجتىمائى ئىللەتلەرنى توغرا جامائەت پىكرى يۆنىلىشىدىن دەل ۋاقتىدا،ئۈنۈملۈك پاش قىلىپ،جەمئىيەتنىڭ ساپلىقى،دېموكراتىيىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشى ئۈچۈن ئوينايدىغان رولىغا گۈلباھار خانىمنىڭ ئالدىنقى بايانىنى بىرلەشتۈرۈپ تەھلىل قىلغاندا،تورنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئەنئەنىۋىي مائارىپنىڭ تۇلۇقلىمىسى ۋە جەمئىيەت ئەخلاقىنى تۈزەشنىڭ كۈچلۈك قورالى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلۈشتۈرمەي تۇرالمايمىز.

تور ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى


كۈچلۈك تور ۋاستىسىدىن پايدىلىنىلغاچقا ئەدەبىي ئىستىل جەھەتتىن كۆپ خىللىققا(ھەتتا بەزىلىرى ئەنئەنىۋىي ئەدەبىياتتىكى پىچىملارغا تازا توغرا كېلىپ كەتمەيدۇ)،دىئالوگچانلىققا(ئەسەر ئېگىسى بىلەن ئەسەرنى كۆرگۈچى ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋىي ئەدەبىياتتىن تېز بولغان پىكىر ئېلىش-پىكىر بېرىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ)، ئىگە.يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى،تېز ئەمما ئەسەر ھوقۇقىنى قوغداش نىسبەتەن قىيىن بولۇۋاتىدۇ.تورئەدەبىياتى يازمىلىرى ئەنئەنىۋىي ئەدەبىيات ئەسەرلىرى بۇلۇشى ياكى ئىلمىيلىكى يۇقىرى ماقالە-ئەسەرلەر بولۇشى مۇمكىن.شۇنداقلا يەنە ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتتىن پەرقلىق بولغان تېز شەكىلدىكى تېما،ئىنكاسلار،باھا،بېلەت تاشلاش قاتارلىقلار بولۇشىمۇ مۇمكىن.تور ئەدەبىيات ئەسەرلىرى كومپيۇتېر تېخنىكىسى ۋە كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى قوللىنىلغاچقا تېخىمۇ جانلىق،ئوبرازلىق ۋە ئەستە ساقلاشقا ئوڭاي بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقلارغا ئىگە.
يازغۇچىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا،تور ئەدەبىياتى تېز،قولايلىق،ئەركىن،ئىندىۋىداللاشقان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
دىققەت قىلىدىغان نۇقتا شۇكى، تور ئەدەبىياتى قانداقتۇ ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتنى چەتكە قاقمايدۇ. بەلكى،ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئۇنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ،رەڭدارلىققا ۋە ئېچىۋېتىشچانلىققا ئېگە قىلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات ئەسەرلىرى كومپيۇتېر ۋاستىسى بىلەن ئېنتىرنىتتا تېخىمۇ كۆپ كىشلەرنىڭ بەھىرلىنىشىگە سۇنۇلىدۇ،ساقلىنىپ ۋە قۇتقۇزۇپ قېلىنىدۇ(ئېلىكترۇنلۇق كىتاب شەكلىدە توردا تارقىتىلىشى ناھايىتى تېز بولۇپ،كىشىلەر ئارىسىغا يەتكۈزۈلۈپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنۇشقا بولىدۇ.بۇنىڭدىن ياقتۇرغانلىرى شۇلارنىڭ پىرىنتلاپ چىقىشى ياكى باشقا خىل ۋاستىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك ساقلاپ قېلىشىغا ئېرىشىپ قېلىشى مۇمكىن).ئۇنىڭدىن سىرت،تور يازغۇچىلىرى ھەممىسىلا دېگۈدەك ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا،بۇ تەرىپى تور ئەدەبىياتىنى ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات بىلەن ئۆتۈشۈشچانلىققا ئىگە قىلغان⑤.
تور ئەدەبىياتى ئەدەبىياتنىڭ توردىكى ئىپادىسى بولۇپ، كومپيۇتېرنىڭ ئۇمۇملىشىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن مۇقەررەر يۈزلىنىش. ئۇ يەنە نۆۋەتتە قول تېلفۇن ياكى باشقا ئېلىكترونلۇق يان كىتابلىرى(تېلكىتاب) يېڭى تېخنىكا يۈزلىنىشىنى كۈتىۋالماقتا. ئەگەر بۇلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كەلسە،ئېنتىرنېتنىڭ تەرەققىياتىغا باغلاپ چۈشەنگەندە خەلقئارادىكى،دۆلەت ئىچىدىكى ۋە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ بۈگۈنگە ئۇلىشىش جەريانى ھەققىدە بىرتالاي ۋەقەلىكلەرنى كۆرسىتىش مۇمكىن. بۇلار ئۈستىدە ئايرىم توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
دۆلەت ئىچىدىكى تور ئەدەبىياتى 1991-يىلدىن باشلانغان. چەتئەللەردىكى تور ئەدەبىياتى(كەڭ مەنىدىكى)نى دۆلەت ئىچىدىكىدىن كەم دېگەندىمۇ يىگىرمە يىل بۇرۇن باشلانغان⑥دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
تور ئەدەبىياتىنى چوڭ جەھەتتىن تار ، كەڭ مەنىدە تەھلىل قىلىشقا بولىدۇ. كەڭ مەنىدىكى تور ئەدەبىياتى توردا تارقالغان بارلىق ئەدەبىيات ھادىسلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ قەدىمدىن ھازىرغىچە،جۇڭگودىن چەتئەلگىچە ئېلان قىلىنغان ئەدەبىياتقا تەۋە بولغان، ئېلىكترونلۇق نۇسخىدا ئىپادىلەنگەن بارلىق نەشرى ئەسەرلەرنى ھەم توريۈزىدە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان ئىجادىي ئەسەرلەرنى ھەممىسىنى كۆرسىتىدۇ. تار مەنىدىكى ئەدەبىيات بولسا، تور يۈزىدە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان ئىجادىي ئەسەرلەرنى كۆرسىتىدۇ⑦.

تور ئەدەبىياتىنىڭ ئەدەبىيات نەزەرىيسىگە بولغان تەسىرى


بىزنىڭ بۇ بۆلەكتە ئاساسلىق ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان مەسىلىمىز – تور ئەدەبىياتى ئەدەبىيات نەزەرىيسىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟ شۇنداقلا، تور ئەدەبىياتى ئەدەبىيات نەزەرىيسىنىڭ ئالدىغا قانداق يېڭى مەسلىلەرنى قويىدۇ؟ دېگەنلەردىن ئىبارەت (ئەلۋەتتە،بۇ مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە بولىدۇ) .
تور ئەدەبىياتى يېپيېڭى بىرخىل ئەدەبىيات تۈرى بولۇپ، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان يېزىقچىلىق ئۇسۇلى، تارقىتىش شەكلى،ئېلان قىلىش شەكلى ۋە قۇبۇل قىلىش(ئوقۇرمەن بىلەن ئۇچرىشىش) شەكلى جەھەتلەردىن ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتنىڭ جەريانىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتتى.شۇڭلاشقا، ئەدەبىياتىنىڭ نەزەرىيسىگە ئېلىپ كېلىدىغان مەسلىلەر كۆپ بولۇشى تەبئىي. شۇنداقلا، بۇ مەسلىلەر ئېچىۋېتىلگەن ھالەتتە ئىپادىلىنىپ چىقىۋاتىدۇ. ئېيتىشقا بولىدۇكى،كەلگۈسىدە ئەدەبىيات نەزەرىيسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولغان ھەرقانداق كىشى «تور ئەدەبىياتى ھادىسىسى»گە سەل قارىماسلىقى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان مەسلىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشى كېرەك.
گەرچە بەزى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدە مۇكاپاتلىق ئەسەر قۇبۇل قىلىش ۋە ئەسەر باھالاش پائالىيەتلىرى كۆزگە چېلىققان بولسىمۇ،تور بېكەتلەرنىڭ باھالاش مەۋقەسى بىرگەپ،تور ئەدەبىياتى تەنقىد ئۆلچىمى(خاتالاشمىسام بۇ ئاتالغۇ مۇشۇ ماقالىدە تۇنجى قېتىم ئىشلىتىلگەن) ئايرىم گەپ.بۇمۇ ئەدەبىيات نەزەرىيسىنىڭ ئالدىغا قويۇلغان سۇئاللارنىڭ ئىچىدىكى نەچچە مىڭدىن بىرسى.
گوگوچاڭ ئەپەندى شىنجاڭ پەلسەپە-ئىجتىمائى پەنلەر توربېكىتى
دە ئېلان قىلىنغان«تور ئەدەبىياتىمۇ تەنقىدكە مۆھتاج»ناملىق ماقالىسىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ:« تور ئەدەبىياتى ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتقا تۈپتىن ئوخشىمايدىغان يېڭى قىياپىتى بىلەن ئەدەبىيات دۇنياسىغا قوشۇلدى. لېكىن تېز يۈكسىلىۋاتقان بۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەدەبىي تەنقىدچىلەرنىڭ يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلمىدى. ھازىرقى ئەدەبىي تەنقىد تور ئەدەبىي ئىجادىيىتى پائالىيىتىگە قاتنىشىپ باققىنى يوق».دەرھەقىقەت،بۇ ھەقتىكى سېستىمىلىق ئىزدىنىشلەرنى مەزكۇر تېمىنىڭ ئاپتۇرىمۇ ئۇيغۇرچە مەنبەلەردىن تېخىچە ئۇچراتقىنى يوق. ئەمما،بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشنى لايىق كۆرىدۇ:

تور ئەدەبىياتىنىڭ تەنقىدچىلىك پىرىنسىپى ۋە ئۇسۇلى

بىرىنچى، تەنقىد پرىنسىپى چۇقۇم تور ئەدەبىياتىنىڭ فونكىسىيسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىشى لازىم. فونكىسىيسى بويىچە ئۇنى ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتتىكى ئېسىل ئەسەرلەرنى توردىن پايدىلىنىپ يەتكۈزۈش تۈرىدىكى تور ئەدەبىياتى بىلەن يېزىش،يوللاش،كۆرۈش،ئىنكاس قايتۇرۇش ياكى باھا يېزىش جەريانلىرىنى دەۋرى قىلغان ۋە ياكى بېلەت تاشلاش،مەلۇم تېما ئۈستىدە توپلىشىپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى ئاساس قىلغان ئىجادىي يازمىلار تور ئەدەبىياتى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. ئەلۋەتتە بىزنىڭ نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىدىغىنىمىز ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتتىن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان(تار مەنىدىكى) ئىجادىي يازمىلار تور ئەدەبىياتىدۇر.
ئىككىنچى، تور ئەدەبىياتى تەنقىدچىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك بىرقانچە مەسلىلەر
1)ئاپتۇرنىڭ مەۋھۇم بوشلۇقى(خۇسۇسىي پىكىر بوشلۇقى)،فىزىكىلىق بوشلۇقى(ياشاۋاتقان ماكان-زامان) ۋە مىللى كۇلتۇر(مەدەنىيەت) كىملىكى مەسلىسى
2) تور ئەدەبىياتى بىلەن ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەم ئۆز-ئارا تەسىرى
تور ئەدەبىياتى— يىلتىزىدىن ئېيتقاندا، ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى مۇتىفلار بىلەن كومپيۇتېردىكى بىت ئېقىمىنىڭ قوشۇلىشى بولۇپ، ئەنئەنىۋى ئەدەبىياتقا چۇڭقۇر ئىنقىلاپ ئېلىپ كەلدى.ئەمما،ئۇ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، قوپال ھالەتتە بىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. «يېڭى شەيئى يېڭىلمەيدۇ»دېگەن گەپ بار. تور ئەدەبىياتى مۇقەررەر يۈزلىنىش بولغاچقا،ئۇنىڭغا چۇقۇم ئوبيېكتىپ قاراپ،ئەمەلىي باھا بېرىشىمىز ۋە ئۇ ئېلىپ كەلگەن ھەم ئېلىپ كېلىدىغان بىرقىسىم رېئال مەسلىلەر ئۈستىدە بالدۇراق پىكىر قىلىپ، لايىقىدا، ئىلمىي جاۋاب ئىزدىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ئۆز نۆۋىتىدە تەتقىقات سۇبيېكتىدىن ئەدەبىيات ئىلمىگە پۇختا بولۇشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، كومپيۇتېر تور بىلىملىرىدىنمۇ چۇڭقۇر خەۋەردار بولۇشنى،ئۇنىۋېرسال ساپا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

پايدىلانمىلار:


①مەھمۇت زديدى،سەمەت دۇگايلى:«ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لوغىتى»54-55-بەتلەر.
② بەيدۇ ئېنىسكىلوپىدىيسىدىكى ئېنىقلىمىدىن ئىجادىي پايدىلىنىلدى.
③ھەسەنجان سادىق،تۇرسۇن قۇربان،مېھرىبان ئەبەيدۇللا:«ئەدەبىيات نەزەرىيسى ئاساسلىرى»،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2001-يىلى7-ئاي،80-بەت.
④گۈلباھار قادىر:«ئەدەبىياتنىڭ تەربىيۋى رولى ھەققىدە»شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى2008-يىللىق2-سانى.
⑤مەقسۇت ئەمىن ئەركيار:«ئەدەبىيات نەزەرىيسى تور ئەدەبىياتىغا نېمە دەيدىكىن؟»
،كۇچا مۇنبىرى.
⑥خۇاڭ مىڭ فېڭ:« تور ئەدەبىياتى نەزەرىيە جەھەتتىن ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ».جوڭنەن داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى(ئىجتىمائىي پەن نۇسخىسى)10-توم 6-سان،2004-يىل،12-ئاي.
⑦لىيۇ پېڭ،جاڭ شۆ خەي:«تور ئەدەبىياتىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى توغرىسىدا»،شىزاڭ مىللىي ئىنىستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى(خەنزۇچە)،2011-يىل5-سانىدىن.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-15 18:21  


idraksoft

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5675
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 00:12:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور مەدەنىيىتى سەل قاراشقا بولمايدىغان مەدەنىيەتنىڭ بىر تۈرى ھېسابلىنىدۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش