ximal
كۆرۈش: 1027|ئىنكاس: 18

تۈركىيقان: ئۆزگىلەر ئىستىكىدە نېمە سەۋدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1117
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 57
تۆھپە : 0
توردا: 5
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 16:39:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                      ئۆزگىلەر ئىستىكىدە نېمە سەۋدا

                                           (ئەدەبىي خاتىرە)

                                        ئابباس مۇنىياز تۈركىيقان


شاڭخەيدىكى ئۆزۈم ھەققىدە

يۇرت تۇپرىقىغا قەدەم بېسىشىم بىلەنلا، يەنە قانداقتۇر بىر مەسئۇلىيەت ۋە قەرزدارلىق تۇيغۇسى روھىمنى چۇلغىۋالدى. بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، قەلبىمنى چۇخچىلاشقا، چالغىتىشقا باشلىدى. شۇئان، يازمىلىرىمنى ئوقۇپ ئادەتلەنگەن تالاي ئاپتورلار ماڭا ئۇمۇنۇش بىلەن تەلمۈرۈۋاتقاندەك بىلىندى. گۆدەك بالىلارنىڭ ئۇمۇنۇشلىرىنى تاتلىق - تۇرۇملار بىلەن بېسىش مۈمكىن، لېكىن يېتىلگەن ئوقۇرمەنلەر دىلىدا ئويغانغان ئېرىشىش ئىستەكلىرىنىچۇ؟
يازاي!
پەقەت مۇشۇلا ئەڭ مۇۋاپىق سوۋغاتتەك بىلىندى. ياش يازغۇچىلارنىڭ شاڭخەيدىكى ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى ھەققىدە توربەتلىرى ۋە باسما مەتبۇئاتلاردا كۆپلىگەن يازمىلار ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، ئاشۇ يازمىلاردا، يازمىلار بايانىدىكى قىزغىن كوللېكتىپ ئىچىدە مېنىڭمۇ ئىز – تېۋىشلىرىم جىمىرلاپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ماڭا قۇچاق ئاچقان قەدىردان كۆڭۈللەرگە يەنىلا ئۆز ئاۋازىم بىلەن كىچىككىنە سوۋغاتلىق ئۇچۇر تەييارلىغۇم كەلدى. پەقەت شۇندىلا كۆڭلۈمدىكى ئارامسىزلىقلار سەل بېسىقىدىغاندەك قىلاتتى.
شاڭخەيدىكى بىر ئايلىق ئۆگىنىش ۋاقتىنى بەك ئۇزاق دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. لېكىن ئۇ يەرگە بېرىپ كۆرمىگەنلەر، كۆرۈپ كۆنمىگەنلەر ئۈچۈن بەك ئۇزاق، بەكمۇ ئۇزاق ۋاقىت سانىلىدۇ. بەختىمىزگە، قىزغىن كوللېكتىپ تۇرمۇش سەزگۈمىزدىكى ۋاقىت ئوقۇمىنى خېلىلا قىسقارتقانىدى. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ قېتىم ئۆگىنىشكە كەلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۈچۈن شاڭخەي يېپ - يېڭى بىر دۇنيا سانىلاتتى. ئۇنىڭ ھەممىلا يېرى، ھەممىلا نېمىسى يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلاتتى. يېڭىلىقلار بەخش ئېتىۋاتقان يېڭى تۇيغۇلارمۇ ۋاقىتنى تەبىئىي ھالدىلا ئۇنتۇلدۇراتتى.
يېڭى جەريان ۋە يېڭى كۆرۈنۈشلەر يېڭىدىن - يېڭى تۇيغۇلارنى تۇغاتتى. شائىرلار ھاياجانلانماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇچقۇر قەلىمى تۇيغۇ ئاپاراتى بولۇپ، كۆرۈنگەندىن تۇغۇلغان ھىسلارنى سۈرەتكە ئېلىپ باراتتى: گۈزەل شاڭخەي، تەرەققىي قىلغان شاڭخەي، مەدەنىي شاڭخەي، ھەر ياقلاردا تىكىپ قۇيۇلغان ئىمارەت دەرەختەك كۆرۈنىدىغان رەڭدار ۋە كۆككە تاقاشقان  بىنالار، تېنىمسىز خۇاڭپۇجىياڭ، مۇشۇ دەريا تۇغقان چۈشتەك گۈزەل كەچلىك مەنزىرە.... بولۇپمۇ، شاڭخەي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى قارمىقىدىكى « ئىجادىيەت بازىسى » غا كەلگەندىن كېيىنكى تېنچ ۋە ساپ مۇھىت، كۆز يەتمەس دەريا، چىرايلىق يوللار، چىمەنزار كۆللەر، قەدىمىي دەرەخلەر، يېشىل ئېتىزلار، تىمتاس مەھەللىلەر، ئارامسىز پاقىلار، توختىماي سايرايدىغان قۇشلار، تىنجىماس كېپىنەكلەر، پارقىراق قوڭغۇزلار.... يەنە نېمىلەركىن، ئىش قىلىپ، شائىرلىرىمىزنىڭ ھاياجانلىق نەزەرىدىن ھېچنېمە قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. مەنمۇ ئۈنسىز سېلىشتۇرۇپ، يەكۈنلەپ باراتتىم: شاڭخەي _ كېچە بولماس شەھەر، شاڭخەي _ توك قاچماس شەھەر، شاڭخەي _ ئېنىرگىيە ئۆكسۈمەس شەھەر، شاڭخەي _ توققۇزى تەل شەھەر.... يېڭى كۆرۈش ۋە يېڭى كۆرۈنۈش دېگەن مانا مۇشۇنداق بولاتتى. ھاياجانلىق دىللارنى ئۆزىگە تېزلا مەھلىيا قىلىپ، ھەممىنى ئۆزى بىلەن بىر دەريادا ئاقتۇراتتى. ھاياجان دېگەن مانا مۇشۇنداق بولاتتى. ئۇ يامراپ كەلگەن ھامان، ھەرقانداق چەك – توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۆرەلگەن مۇددىئاسى تامان سەل بولۇپ تاشاتتى. ھە-ئە، شائىرلىرىمىزنىڭ قەلىمى گويا تۇلپار بولۇپ چاپماقتا ئىدى. ئۇنىڭدىن چاچرىغان يالقۇنلار ھاياجانلىق تور ئەھلىلىرىنىڭ ۋۇجۇدلىرىغا ئوت بولۇپ تۇتىشاتتى. تور بەتلىرى يەكشەنبىلىك دېھقان بازىرىدەك قايناپ كەتكەنىدى. ئىنكاسچىلار شائىرلىرىمىزغا قەسىدە – مەدھىيەلەر ئوقۇشاتتى. مەدەت، ئىلھاملار تىلىشەتتى. كۆپ يېزىشقا، توختىماي يېزىشقا دەۋەت قىلاتتى. كىملەردۇر ئارىمىزدىكى قايسىبىرىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ ماختايتتى، يەنە كىملەردۇر قايسىبىرىمىزنىڭ نامىنى ئاتاپ تۇرۇپ ئىلھام قۇشلىرىمىزنى پەرۋاز قىلدۇرۇشقا، تورغا ئەسەر يوللاشقا، تور بازىرىدىن چۈشۈپ قالماسلىققا چاقىراتتى. قىزغىنلىق شۇ پەللىگە يەتكەنىدىكى، ئەدىبلەر شاڭخەيدەك چوڭ شەھەرگە بارغانىكەن، چوقۇم بىر نەرسە يۇقماي قالمايدۇ. بىر نەرسە يۇققانىكەن، ئەسەر يازالماي قالمايدۇ، دېگەن يەرگىچە ئۇلاشقانىدى. ئىنكاسلار يەنىمۇ تەرەققىي قىلىپ: شاڭخەيگە بېرىپمۇ بىر نەرسە يازالمىغان ئادەمنى ھەقىقىي ئەدىب دېگىلى بولمايدۇ، دېگەن يۆنۈلۈشكە قاراپ سوزۇلۇپ ماڭىدىغاندەكلا بىلىنەتتى. ئەسەبىي ئىلھاملاندۇرۇشلار نېمىلەرنى تۇغدۇرمايدۇ. قىزغىنلىققا مايىللىق نېمىلەرنى تۇغمايدۇ. دىل خانىلىرى شېئىر زىلزىلىسىدىن دەۋرەيتتى. سۆزلەر دېڭىزى قاپىيە تاشقىنىدىن تەۋرەيتتى. شائىرلار توختىماي يازاتتى. كۆرۈپلا ھاياجانلىنالايدىغان، ھاياجانلانغان ھامان دەرھاللا يازالايدىغان قەلىمى يۈگرەك شائىرلار، ئەتراپ مۇھىتىمىزدىكى جىمى شەيئىنى سۈرەتتەك سىزىپ كۆرسىتىپ، تور ئەھلى ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلىپ باراتتى. قىزىققان ئىنكاسچىلارغا لازىمىمۇ مۇشۇ خىل سۈرئەت ۋە ھازىر جاۋاب ماھارەت ئىدى. شېئىرىيەت پەرىشتىسىنىڭ ھەقىقىي ۋىسالىغا ئۇلىشىش بۇ قەدەر تېز، سىجىل ۋە مېخاينىك بولمايدىغانلىقىغا ئىشەنسەممۇ، ئارىمىزدا مۇشۇنداق ئۇچقۇر قەلەم ساھىبلىرىنىڭ بولغىنىغا شۈكرى، دەيتتىم ئىچىمدە. ئەمدى، يازالمىغانلارچۇ؟ تور ئەھلىنىڭ بېسىمى دەل مۇشۇلارغا مەركەزلىشىۋاتاتتى. شائىرلار قوزغىغان قىزغىنلىق تەسىرىدە ئەتراپقا شائىرلىق ئوتى تۇتاشقانىدى. ھەممىلا ئادەمنىڭ شائىر بولغۇسى كېلەتتى. شائىر بولغاندىلا، تور ئەھلىنىڭ شۇ تاپتىكى بېسىمىدىن قۇتۇلغىلى بولىدىغاندەك، ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى تېزلا نامايان قىلغىلى بولىدىغاندەك ۋە بۇ يەردە بىكار يۈرمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ، دەيدىغان گەپ بار. ئېھتىمال، دەۋەت قازانلىرىدا قايناۋەرسە، شېئىر ۋە شائىرلىق قىزغىنلىقىمۇ يۇقسا كېرەك. دەرۋەقە، ئەزەلدىن نەسرىي ئەسەرلەرنى يېزىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىملار شېئىر يېزىپ ۋە ئۇنى تور بەتلەردە ئېلان قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. لېكىن مەنچۇ؟ يەنىلا تىت - تىتلىق ۋە بىئاراملىق ئىچىدە سېلىشتۇراتتىم. باشقىلار بىلەن ئۆزۈمنى، ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈمنى، ئۆز بىلەن ئۆزگىنى، ئادەم بىلەن ئادەمنى، شائىر بىلەن شائىرنى، شەھەر بىلەن شەھەرنى، سەھرا بىلەن سەھرانى، دېھقان بىلەن دېھقاننى.... نەپسىم سىقىلاتتى. ۋۇجۇدۇم تىترەيتتى. مەرھۇم ئاپام ھەققىدە تەكرار كۆرگەن چۈشۈمنى شېئىر قىلىپ يازغۇم كېلەتتى:
_ بەك يىراققا كېتىپسەن بالام، _ دەيتتى ئۇ، قولىنى ماڭا سوزغىنىچە كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ، _ ھېمىشە: ۋاق ئۇخلاپ قالغان كۈنۈم مۇڭلۇق ئەزان ئۈنى مېنى ئۇيغۇتىۋېتىدۇ، دەيتتىڭ. يەنە شۇ ئاۋازنى ئاڭلاۋاتامسەن، بالام. ئۇنى ئاڭلىغان ھامان ئورنۇڭدىن چاچراپ قوپالارسەنمۇ، بالام. توۋلىسام ئاۋازىم يېتەرمۇ، بالام. ئۇزاق تۇرۇپ قالساڭ، بىزنى ئۇنتۇپ كېتەرسەنمۇ، بالام؟!....
چاناقلىرىم لىققىدە ياشقا تولغانىدى.
_ سىلەرنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن، ئاپا، _ دەيتتىم شائىرانە ھاياجان بىلەن. ئۇنى كۆرمىگىنىمگە ئۇزاق بولغانىدى. _ ئۆزۈم بۇ يەردە بولساممۇ، ئەس – خىيالىم سىلەردە؛ جىسمىم بۇ يەردە يۈرسىمۇ، يۈرىكىم سىلەر بىلەن؛ ناتونۇش تۇپراققا دەسسەپ تۇرىۋاتساممۇ، تونۇش تۇپراقتىن _ سىلەردىن نەپەس ئېلىۋاتىمەن. ھېلىغۇ بۇ شەھەر ئىكەن، قەدىمىم كۆككە يەتسىمۇ، نەپەس ۋە خىياللىرىم مەڭگۈ سىلەر بىلەن. مەن شۇنداق بالىڭىز، ئاپا!....
شۇ چاغدا روھىم ئېرىپ، جىسمىم ئۇۋۇلۇپ كېتىۋاتقاندەك بىلىندى. ئەمما بۇنىڭ ھەقىقىي شېئىر ئۈچۈن قورساق كۆتۈرۈش، ئىجاد ئۈچۈن تولغاق يىيىش ئەمەسلىكىنى كېيىنچە ھىس قىلدىم. شاڭخەينىڭ رەڭگارەڭ چىراغلىرى چاقناپ تۇرغان ئايسىز ئاسمىنىغا قاراپ، يۇرتۇمنىڭ ئاي - يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرغان چىراغسىز سەھراسىنى كۆرگىنىمدە؛ ھەممىلا يەرنى قاپلىغان سۇغ يېشىللىققا تىكىلىپ تۇرۇپ، چەكسىز ۋە قايناق قۇملۇقلارنى كەزگىنىمدە؛  ئاسايىشلىق ۋە خاتىرىجەملىك ئىچىدە يۈرىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرۈپ، ئەندىشە، مۇھتاجلىق قېتىدا تىپىرلاۋاتقان توپا چىراي ئىنسانلارنى، چارىسىزلىكتىن، بىر سۇغۇرۇم سۇ ئۈچۈن بىر قورساق قېرىنداشلىرى بىلەن ئادا – جۇدا بۇلىشىۋاتقان دېھقانلارنى.... كۆز ئالدىمغا كەلتۈرگىنىمدە بۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلدىم. كوللېكتىپنىڭ قىزغىن كەيپىياتى ئۈچۈن كۆپ كۈلگەن، كۆپ سۆزلىگەن بولساممۇ، ئاۋاز چىقىرىپ ھىجايغاننىڭ ھەممىسىلا كۈلكە بولمايدىغانلىقىنى، قاھ - قاھلاپ يىغلايدىغان، ئېسەدەپ كۈلىدىغان چاغلارنىڭمۇ بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ھىس قىلدىم. ئالدىن تۈزگەن پىلانىمنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سېلىشتۇرۇش ئىدى. سېلىشتۇرۇش _ تەسەۋۋۇرنىڭ، تەسەۋۋۇر _ ئىجادىيەتنىڭ ئانىسى دېيىلىدىغۇ. لېكىن بۇلار ئازاب ۋە غەزەبنىڭمۇ ئانىسى ئىكەنلىكىنى نەدىن بىلەي. سېلىشتۇرۇش چوڭقۇرلىغانسېرى، نەپەسلىرىم ئېغىرلىشاتتى، دېماقلىرىم ئېچىشاتتى. بوغۇزۇمغا كەپلىشىپ كەلگىنىنىڭ شېئىر ئاشقۇنى ئەمەس، يىغا تاشقىنى ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدا بىلدىم. دېمەك، ۋۇجۇدۇمدىكى شېئىرسىمان زىلزىلە شېئىرىي تۇغۇمنىڭ چېقىنى ئەمەس ئىكەن، ئەكسىچە،..... ئەتراپىمدىكىلەردىن ھەر كۈنى بىر تالاي شېئىر تۆكۈلۈپ تۇرىۋاتسىمۇ، يەنىلا شېئىرسىراپ كەتكەنىدىم. مېنى يىغا تۇتقانسېرى، ئۆزۈم سېغىنغان ھەقىقىي شېئىر بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكۈم كېلەتتى. ئۇنىڭغا خىتاب قىلاتتىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن چەكسىز بوشلۇقلارغا تەلمۈرۈپ ئىلتىجا قىلاتتىم.... شاڭخەيدىكى ئۆگىنىش ۋە ئۇ ھەقتىكى قىزغىنلىقلار يەنە بىر ئاي داۋاملاشقان بولسا، ئەھۋال يەنە قانداق بولار ئىدىكىن. شۇ كۈنلەردە « كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن » دېگەن تەڭداشسىز ناخشىنى يېنىش – يېنىشلاپ غىڭشىپ ئوقۇش بىلەن شېئىرغا بولغان خۇمارىمنى باستىم.
   قېنىم قىزىغان، بېتىم قىزارغىنى بىلەن، ئىجاد نېرىفلىرىم مىت قىلىپمۇ قويمايتتى. نومۇس قىلاتتىم. خىجىلچىلىقىمنى تىلىمدا يوشۇرماي ئىپادىلەپ تۇراتتىم. « سەن ئارىمىزدىكى ئۆز – ئۆزى بىلەن سۆزلىشەلەيدىغان بىردىن – بىر ئادەم ئىكەنسەن. ئەمەلىيەتتە، سەن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك نۇقتىلاردا يېزىۋاتىسەن.» دېدى، ئۇزۇندىن بېرى بالىلىرىمىزنىڭ سۆيۈملۈك دوستى بولۇپ كېلىۋاتقان ياش پېداگوگ، شائىر زامانىدىن پاكزاد ماڭا تەسەللىي بېرىپ. لىرىك، چىرايلىق شېئىرلىرى بىلەن ماڭا تونۇش بولۇپ كەتكەن شائىر مۇختار سوپىمۇ ئۆز تەسەللىيسىنى يېنىش - يېنىشلاپ دەپ ئۈلگۈردى: « سىز، بىزگە ئوخشاش، شامالغا ئۇسسۇل ئوينايدىغان ئادەم ئەمەس. كۆرگەنلا شەيئىي ئۈچۈن ھاياجانلىنىپ، تۇيغۇڭىزنى ئىسراپ قىلمايسىز. نېمە ئويلاۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن. سىز بۇنىڭدىن چوڭراق يەرگە بارسىڭىزمۇ مۇشۇ ھالدا تۇرۇۋېرىسىز، ئەمما ئۆز يولىڭىزدا مېڭىۋېرىسىز. » ئۆزگىچە پىروزا ئىجادىيەتلىرى بىلەن دىققەت تارتىپ كېلىۋاتقان ياش يازغۇچى تۇرسۇن ماخمۇتمۇ ئۆز قارىشىنى يۇشۇرمىدى: « سەن، بىز كۈتمىگەن نۇقتىدىن تەپەككۇر قىلىدىغان ئادەمسەن. شاڭخەيدە چوقۇم يېزىش شەرت ئەمەس، ئارام ئال. كېيىن ھامان يازىسەن.... ». شائىر ئوسمان قاۋۇل ۋە شائىر ئۆمەرجان سىدىقلارمۇ تاتلىق سۆزلەر بىلەن كۆڭلۈمنى كۆتۈرۈپ ئۈلگۈردى. كۈلمەي تۇرۇپ كۈلدۈرەلەيدىغان دوستىمىز، كۆزگە كۆرۈنگەن ياش ئوبزورچى، يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇر ئۆزگىچە سۆز قاتتى : « شاڭخەيدەك شەھەرگە كېلىپمۇ بىرنەرسە يازالمىغانغا قارىغاندا، ئىككىمىز دۆتمۇ – يا، ئاداش؟! » كۈلۈشكەن بولدۇق. دوستلارنىڭ كۆڭۈل ياساشلىرىدىن سەل – پەل تەسەللىي تېپىپ قالغان بولساممۇ، يۈرىكىمنى يەنىلا بىر نەرسە تاتىلاپ تۇرىۋاتقاندەك بىئارام بولاتتىم. تولغىقى تۇتقان ئايالدەك قىينىلاتتىم. بوغۇزۇمغا شېئىردەك ئوتلۇق، ئازابتەك يېپىشاڭغۇ، غەزەبتەك كۈچلۈك، نەپرەتتەك ئاچچىق بىر نەرسە ھامان كەپلىشىپلا تۇراتتى. مېنى قىيناۋاتقان بۇ كۆڭۈلسىز جەرياننى كۆڭۈللۈك بىر نەتىجىگە ئايلاندۇرغىلى بولسا كاشكى. بەلكىم دوستلارنىڭ ماڭا بەرگەن تەسەللىيلىرى ئورۇنلۇقتۇر. ۋە بەلكىم مەن تەپەككۇرى قاشاڭ ئادەمدۇرمەن. ئويلاپ باقسام، بۇ يەردە نۇرغۇن نەرسىدىن ھوزۇرلىنىپتىمەن، ئەمما ھاياجانلىنالماپتىمەن. مەيلى نېمىلا بولاي، بىر نەرسىگە ئىشەندىم: مەن، كۆزۈم كۆرگەنلا نەرسىدىن ھاياجانلىنالايدىغان ئادەملەر تىپىدىن ئەمەسكەنمەن!....   

تۇنجى تەسىرات

ئەلۋەتتە، ئىچكىي ئىزتىرابتىن باشقا يەنە، تاشقىي تەسىرلەرنىمۇ ھىس قىلماي قالمىدىم. نېمىلا بولمىسۇن، شاڭخەينىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي مۇھىتى ھەققىدە يۈزە ئۇچۇر بېرىش، ئۇ يەردىكى ئۆزۈم توغرىسىدا توختالغىنىمدىن كۆپ ئاسان بولار دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، تاشقى دۇنيا ۋە  ئۆزگىلەر خۇسۇسىدا پىكىر يورۇتۇش، ھامان ئۆزلۈك ۋە ئۇنىڭ روھىي ئىزتىرابلىرى ھەققىدە توختىلىشتىن ئاسان بولسا كېرەك.
شاڭخەي توغرىسىدا كىشىلەر كۆپ يېزىشتى. ئۇنىڭ تەرەققىيات مەنبەسى، ئاساسلىرى، تايىنىش نۇقتىسى، پۇرسىتى، ئىمكانىيىتى ۋە ئىستىقبالى.... توغرىسىدىكى ئەھمىيەلىك چۈشەنچىلەر ھېچكىمگە سىر ئەمەس. شۇڭلاشقا، مېنىڭ توختالماقچى بولغىنىممۇ بۇ نۇقتا ئەمەس، ئەكسىچە تېخىمۇ ئاددىي نۇقتىلار. تاللىغان بايان يولۇم ئۇنىڭدىنمۇ ئاددىي.  
بۇ شەھەرنىڭ مەندە قالدۇرغان تۇنجى تەسىرى شۇكى، بۇ راستىنلا مەدەنىي شەھەر ئىكەن. مەدەنىيلىكنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىلىرىنى ئادەملەرنىڭ كىشىلىك مۇناسىۋەت، يۈرۈش – تۇرۇش، سودا – سېتىق، گەپ – سۆزلىرىدىن ھىس قىلغىلى بولىدىكەن. شاڭخەيلىكلەر سىرتتىن كەلگەنلەرگە نىسبەتەن سىيلىق – سىپايە، ئوچۇق – يورۇق، قىزغىن ۋە دوستانە مۇئامىلە قىلىدىكەن. بۇ خىل مۇئامىلىنى كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ھەممىلا نۇقتىلىرىدىن: مېھمانسارايلاردىن، سودا – سېتىق دۇكانلىرىدىن، كوچىدىكى يول يۈرۈشلەردىن، تاكسى شوپۇرلىرىدىن، كوچا ئاپتوبۇسلىرىدىن، مېترودىن، ساياھەت نۇقتىلىرىدىن.... ھىس قىلغىلى بولىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئوچۇق ۋە قىزغىن مۇئامىلىسى ھەممىلا يەردە ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىكەن. قىزغىنلىق ۋە دوستانىلىق ئالامەتلىرى ھەر ياقتىن ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ناتونۇش كوچىلاردا يۈرسىڭىزمۇ ئانچە تەمتىرەپ كەتمەيدىكەنسىز. دوستانە مۇئامىلە ۋە خالىس ياردەملەر ھەر ياقتىن كۆزىڭىزگە كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقتىن، كوچىلاردا، مېترودا ئېزىپ قېلىشتىن ئانچە ئەنسىرەپ كەتمەيدىكەنسىز. ئېرىنمەي كۆرسىتىپ بېرىشلەر، كەمتەرلىك بىلەن جاۋاب بېرىشلەر.... سىزگە بىر خىل ئىللىقلىق ھىس قىلدۇرىدىكەن. ئادەملەرنىڭ ياخشىلىرى مۇشۇ شەھەرگە سۈزۈلۈپ قالغان بولغىيمىدى، دەپمۇ ئويلاپ قالىدىكەنسىز ئىختىيارسىز. بىر شەھەرنىڭ بارچە پۇقرالىرى ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن بۇ خىل ئورتاق مەدەنىيلىك قىسقا مۇددەتلىك شەكلەن تەشەببۇسنىڭ نەتىجىسى بولمىسا كېرەك. نەچچە ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ پىلانلىق، ئاڭلىق ۋە بوشاشماي تىرىشىشى، مۇشۇ ھالدىكى ئورتاق مەدەنىي ئادەتنى يېتىلدۈرگەندۇر، ئېھتىمال.
مەدەنىيلىكنىڭ يەنە بىر ئىپادىسىنى شەھەرنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىدىن كۆرگىلى بولىدىكەن. ھەيران قالدىمكى، بۇ شەھەرنىڭ ھېچقانداق يېرىدە يەرگە، تۈۋرۈكلەرگە، تامغا، ئۆتەر يوللارغا يېزىپ ياكى بېسىپ چاپلاپ قويغان قانۇنسىز ئېلان تەشۋىقاتلىرىنى كۆرمىدىم. ئاپتومۇبىللار ھەرقانداق بىر شەھەردىن كۆپ بولسىمۇ، قاتناش قىستاڭچىلىقى بولۇپ، ساناقسىز ئاپتومۇبىللارنىڭ توسۇلۇپ تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، رەللە بولغان شوپۇرلارنىڭ بەس- بەستە ۋە ئەسەبىيلەرچە سىگنال ئۇرغانلىقىنى ئۇچراتمىدىم. ئادەتتىكى چاغلاردىمۇ ھېچقانداق بىر شوپۇر سىگنال ئۇرمايدىكەن. پىيادىلەرگە يول بېرىشكە ھەرقاچان تەييار تۇرىدىكەن. ۋەلسىپىت مىنگەنلەر پىيادە ماڭغانلاردىن، ئاپتومۇبىل ھەيدىگەنلەر ھەرقانداق بىر ئادەمدىن كۆرەڭ يۈرىدىغان يۇرتىمىزغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ ئاجايىپ زور پەرققۇ؟!
مۇھىتنىڭ گۈزەللىكى شەھەرنىڭ مەدەنىيلىك تۈسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ تۇرۇپتۇ. نوپۇسى بەكلا كۆپ، كۆلىمى زىيادە چوڭ بۇنداق شەھەرنىڭ مۇھىتىنى قوغداشنىڭ ئۆزىلا زور بىر مەسىلە. لېكىن شاڭخەيلىكلەر مۇھىتنى قوغداش باسقۇچىدىن ھالقىپ، ئۇنى گۈزەللەشتۈرۈش پەللىسىگە يېتىپتۇ. كوچىلار، بىنالار، تۈرلۈك ئەسلىھەلەر گەۋدىسىدىكى پاكىزلىق گوياكى بىر تەبىئىي گۈزەللىككە ئايلىنىپتۇ. ئادەملەرنىڭ سىپايە، مەدەنىي سۆز – ھەرىكەتلىرى، ھەرياقلاردىن بالقىپ تۇرغان پاكىزلىق، كۆزگە چېلىقىپلا تۇرىدىغان يېشىللىق، سەنئەتلىك تۈستە بىر - بىرىگە ماسلاشتۇرۇلغان ئاسمانپەلەك ئىمارەتلەر تەبىئىي ھالدىلا ئورگانىك ماسلىشىپ ۋە سىترولۇق بىر پۈتۈنلۈك ھاسىل قىلىپ، بۇ شەھەرنى تېخىمۇ جەلپكارلىققا ۋە تەڭداشسىز سېھرىي كۈچكە ئېگە قىپتۇ. ئاخىرى بېرىپ بىر خىل روھنى _ مەدەنىيەتلىك شاڭخەي روھىنى ھاسىل قىپتۇ. ئويلاپ قالدىم: ئىدىيەنى ئازاد قىلىش دېگەن توغرا گەپكەن. ھەممە ئۇلۇغلۇق روھتىن باشلىنىدىكەن.
شاڭخەي پۇل بىلەن ئۆرە تۇرغان شەھەر ئىكەن. ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە مەركىزىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەر شارىدىكى ئەڭ زور ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئۆز قوينىغا سىغدۇرۇپتۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پۇلدارلارنىڭ كۆپ قىسمىمۇ يەنىلا مۇشۇ يەردە ئىكەن. پايچېكى، فوند، پېرىۋوت، ئالماشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش،  سېتىۋېلىش.... قاتارلىق دۇنياۋىي ئىقتىسادىي مۇئامىلىلەر مۇشۇ يەردە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. داڭلىق سانائەت كارخانىلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. داڭلىق يازغۇچى، « شاڭخەي ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ پېشقەدەم مۇھەررىرى شۈدالوڭ مۇئەللىم مۇنداق دېدى: « شاڭخەي شەھىرى يىللىق ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ %80 ئى مەركەز مالىيەسىگە كېتىدۇ، %20 ئى شاڭخەينىڭ يەرلىك مالىيەسىدە قالىدۇ ». بۇ ئادەم ئويلىماي ۋە بىلمەيلا سۆزلەپ سالىدىغانلاردىن ئەمەس. يەنە كېلىپ، شاڭخەيدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، مۇشۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقان زىيالىي. ئۇنىڭ مۇشۇ گېپى بويىچە بولغاندا، بۇ شەھەر ئۆزىنىڭ پەقەت %20 لىك ئىقتىسادىي كۈچى بىلەنلا بۆگۈنكى تەرەققىيات سەۋىيەسىگە يەتكەن بولىدۇ. ئەگەر مالىيە كىرىمىنىڭ ئۆزىگە قالدۇرۇلغان نىسبىتى ھازىرقىدىن ئاشۇرۇلغان بولسا، ئەگەر ھەممىسى ئۆزىگىلا قالدۇرۇلغان بولسا، ئۇنىڭ تەرەققىياتى يەنە قايسى دەرىجىدە بولار ئىدى؟... خۇددى « ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە » دېگەندەك، ئۆز مۇھىتىغا مۇناسىپ ھالدا شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىمۇ پۇلغا ۋە پۇل تېپىشقا ھېرىسمەن كىشىلەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئاۋۇنى قىلساڭ ئانچە پۇل، ماۋۇنى ئالدىم مانچە پۇل؛ ئانچە يەردىن ئۆي ئالدىم، مانچە يەردىن پالانى... دېگەن گەپلەر نورمال ھالەتتە چىقىپ تۇرىدىكەن. ئۆزلىرى ئىقتىسادىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ پىكىر قىلغانلىقى ئۈچۈنمىكىن، ئۆزگىلەرنىڭ مېھنەتلىرىگىمۇ يۇقىرى ئىقتىسادىي ھەق ئۆلچىمىدە مۇئامىلە قىلىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ مېھنەت مۇئامىلىلىرى پۇل شەكلىدە ئۆلچەملىشىپ ۋە تاۋارلىشىپ بوپتۇ. بۇ خىل ئىقتىسادىي ئادەتنى يۈزەكىي ئادىمىگەرچىلىك نۇقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى مېھنەتتىكى قەدىرىيەت نۇقتىسىدىن چۈشەنگەندىلا، ئاندىن بۇ ئۇدۇمنىڭ ئادالەت ھېكمىتىنى كۆرگىلى بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. چۈنكى، پۇلغا ھېرىسمەنلىك، بۇلارنىڭ ئىنسانىي پەزىلىتىگە نۇقسان يەتكۈزمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە، ئۇنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بوپتۇ. شاڭخەي ئاھالىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى پىشقان مەدەنىي ئىپادىلەر بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. پۇلدىن كەچمەسلىك، ھەم يەنە ئىنسانىيلىقتىنمۇ تانماسلىق _ تەڭلا ئەمەلگە ئاشۇرۇش بەكلا قىيىن بولغان مەنىۋىي جەريان. شاڭخەي روھىنىڭ بۈيۈكلۈكى شۇ يەردىكى، ئۇ زىددىيەتكە تولغان بۇ خىل جەرياننى تەڭپۇڭ ھالەتتە ئالغا سىلجىتىپتۇ. پۇل بىلەن ئىنسانىيلىق ئوتتۇرىسىدا « ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق » دېگەندەك تەڭپۇڭسىز ھالەت شەكىللىنىپ قالغان بولسا، ئىقتىسادىي ئىدىيە ھەممىگە باش بولۇپ كېتىۋاتقان بۇ شەھەردە، ئادەملەر بىر - بىرى ئۈچۈن بۆرىگە ئايلىنىپ كەتمەسمىدى. مال باھاسىنىڭ زىيادە قىممەتلىكى پۇلنىڭ بۇ شەھەردىكى مۇھىملىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇنى سېپى ئۆزىدىن پۇلغا تايىنىپ ئۆرە تۇرىدىغان بىر شەھەرگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. بايلارنى زىيادە باي، نامراتلارنى تېخىمۇ گاداي قىلىۋەتكەن. گەرچە ئادەملەردىكى ئىنسانىي پەزىلەت ۋە مەدەنىي روھ ھەر يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرىۋاتسىمۇ، نەرخى – ناۋانىڭ يۇقىرىلىقى، ئىقتىسادىي يۈكنىڭ بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىشى كىشىلەرنى ھەرقاچان، ھەرجايدا ۋەھىمىگە سېلىپ، پۇل ئۈچۈنلا نەپەس ئېلىۋاتقاندەك بىر ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان. دېمەك، بۇلاردىكى ۋەھىمە بىلەن يۇرتىمىزدىكىلەرنىڭ ۋەھىمىسى ئوتتۇرىسىدا ئاسمان – زېمىن پەرق بار ئىدى. قايسىبىر يازغۇچىنىڭ مۇنۇ تەسۋىرىنى ئەسلەپ قالدىم : مەدەنىي شاڭخەي پۇلدارلارنىڭ جەننىتى، نامراتلارنىڭ دەۋزىخى!...
بىلىمگە ھېرىسمەنلىك _ شاڭخەي ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىگى ئىكەن. شۇنداق دېيىشىم كېرەككى، مۇشۇ ئۆمۈرۈمدىكى ئەڭ چوڭ كىتابخانىنى شاڭخەيدە كۆردۈم. كىتابلارنىڭ تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى ۋە شۇنىڭغا بېقىپ ئورنىنىڭ مەخسۇسلىشىپ، ئىنچىكىلىشىپ، قاتلاملىشىپ كېتىشلىرى مېنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. تېخىمۇ مۇھىمى، كىتابخانە دائىرىلىرىنىڭ مۇشۇ ئەجرىگە يارىشا خېرىدارلارنىڭ كۆپلىكىمۇ ئادەمنى سۆيۈندۈرىدىكەن. كىتاب جازىلىرى ئالدىدا قاتمۇ – قات تۇرۇپ كېتىشلەر، پۇل تۆلەش ئورنىدىكى ئوزۇنغا سوزۇلغان ئۆچىرەت ھەيرانلىقىڭىزنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىكەن. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپلىكى، تەربىيەلىنىۋاتقان سىتودېنتلارنىڭ قاتلام ۋە كۆلىمى، ئاپتوبۇس، مېترو، يول ۋە باغچىلاردا بېرىلىپ كىتاب كۆرۈۋاتقان كىشىلەر... كاللىڭىزدا بىردىنلا: ياق، بۇ شەھەر پۇل بىلەن ئەمەس، بىلىم بىلەن ئۆرە تۇرىۋېتىپتۇ، دېگەن ئوينى پەيدا قىلىدىكەن. ئەگەر پۇل بىلەن بىلىم ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي ۋە مەدەنىي ئايلىنىش مېخانىزمى شەكىللەنگەن بولسىچۇ؟ ئەھۋال دەل مۇشۇنداق ئىكەن. بىلىمى يۇقىرىلار كۆپ پۇل تاپالايدىغان، پۇل تاپقانلار تېخىمۇ چوڭقۇر بىلىم ئالالايدىغان، يەنى پۇل بىلەن بىلىم بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغان، بىر – بىرىگە ئايلىنىدىغان بىر ئادىل سېستىما ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بوپتۇ. شۇڭا، پەرەز قىلغىنىمدەك، بۇ شەھەر پۇل بىلەنلا ئەمەس، يەنە بىلىم بىلەنمۇ ئۆرە تۇرىدىكەن. بىلىم پۇلنى، پۇل بىلىمنى تەبىئىي ھالدىلا ئىزدەپ تاپىدىكەن. ئورتاق ئېتىراپقا ئايلىنىپ كەتكەن بۇ خىل قاراش كىشىلەرنىڭ بارچە پائالىيىتىگە يېتەكچى ئىكەن. بۇ ھەقتە، شەرقىي جۇڭگو پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتۇرانتى، ياش ئىجتىمائىيەت تەتقىقاتچىسى نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن مۇنداق دەيدۇ: « بۇ يەردە تۇرۇش داۋامىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى، شاڭخەيدىكى كىشىلەرنىڭ قىزىقىدىغىنى ئىككىلا نەرسە ئىكەن، بىرى بىلىم ئېلىش، يەنە بىرى پۇل تېپىش. باشقا ئىشلار بۇلار قىزىقىدىغان ئاساسلىق مەسىلىلەر دائىرىسىگە كىرمەيدىكەن، ھەتتا سىياسىيمۇ. » بۇ گەپنى ئاڭلاپ، تۇرۇپلا، يىراق يېزا –سەھرالىرىمىزدىكى بىر جايغا توپلىشىپ سىياسىي، ئېقىم مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆزلىشىدىغان نامرات دېھقانلىرىمىزنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم. شۇلار جېنىدا يالىڭاياق، ئېغى يىرتىلىپ كەتكەن كونا تامبال بىلەن، ئاچ قورساق ئولتۇرۇپ دۇنيا ۋەزىيىتى، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئاسىياغا قىستاپ كېلىش مۇددىئاسى، شىمالىي كورىيە، لىبىيە رەھبىرى قەززافىنىڭ تەقدىرى ھەم يېڭى دۇنياۋىي تەرتىپلەر ھەققىدىكى قىياسلىرىنى بەس – بەستە سۆزلىشىدۇ. لېكىن بۇ يەردە بولسا باشقا بىر قىزغىنلىق. ئەجىبا... بۇ سوئالىمغا، ھەرقانداق مەسىلىگە ئېرىنمەي جاۋاب بېرىدىغان جۇغى كىچىك مۇئەللىم، شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى شۈداۋجۈن قىسقىلا قىلىپ مۇنداق جاۋاب بەردى : « كىم نېمىگە ئېھتىياجلىق بولسا، شۇنىڭ گېپىنى قىلىدۇ. » ئۇنىڭ ئىخچام جاۋابى تالاي مەنالارنى ئۆزىگە سىغدۇرغاندەك قىلاتتى. بەلكىم ئۇنىڭ قارىشى توغرىدۇر. لېكىن شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ھەر كەلىمىسىدە « قەدىمىي ۋە ئۇلۇغ ئۇيغۇر مىللىتى » دېگەن سۆزنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بۇ مۇئەللىمنىڭ، بۇ قىسقا جاۋابى ئارقىلىق « قەدىمىي، ئۇلۇغ ئۇيغۇر مىللىتى بىلىم ۋە پۇلغا ئېھتىياج ئەمەس » دېمىگەنلىكى ئېنىق....
شاڭخەي _ ئىلىم ئەھلى ھۆرمەت تاپىدىغان شەھەر. ئىلىمگە بولغان ھۆرمەت، تەبىئىيكى، ئىلىم ئەھلىگە بولغان قىزىقىش ۋە ھۆرمەتنى قوزغايدۇ. نەدە ئىلىمگە ھۆرمەت بولسا، شۇ جايدا ئىلىم ئەھلىگە ھۆرمەت تۇغۇلىدۇ. ئىلىم قەيەردە قەدىرلەنسە، دەل شۇ يەردە ئىلىم ئەھلىمۇ قەدىرلىنىدۇ. شاڭخەيلىكلەرنىڭ ئىلىمگە بولغان ھېرىسمەنلىكىنىڭ كۈچلۈكلۈكى سەۋەبلىك، ئۇلارنىڭ ئىلىم ئەھلىلىرىگە بولغان ھۆرمىتىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. ئىلىمگە ئوخشاشلا، ئىلىم ئەھلىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە قەدىرلىنىدىكەن. ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىگە بولغان ئېھتىرامنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئالدى بىلەن، ئىلىم تارقاتقۇچى بولغان ئوقۇتقۇچىلارغا بىلدۈرۈلىدىكەن. بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ھەر يىلى  9- ئاينىڭ 10 – كۈنىدىكى « ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى » كۈنى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىكەن. ئەكسىچە، يىل بويى، داۋاملىق تۈردە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەش ھەممە كىشىنىڭ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئومۇملاشقان ئادىتىگە ئايلانغانىكەن. جەمئىيەتتە ۋە ئىلىم ساھەسىدە ئەڭ نوپۇزلۇق كىشىلەر ئوقۇتقۇچىلار سانىلىدىكەن. مەمۇرلار ئىچىدىكى ئەڭ باي كىشىلەرمۇ يەنىلا ئوقۇتقۇچىلار ئىكەن. شۇڭا بۇ يەردە ئوقۇتقۇچى بولۇش قىزغىنلىقىمۇ يۇقىرى ئىكەن. ئوقۇتقۇچى ياكى ئۇستازلارغا بولغان ھۆرمەت ھەممىدىن يۇقىرى بولغىنى ئۈچۈن، كىشىلەر بىلىمى جەھەتتىن ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، ئۆزى ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزى چوڭ بىلىدىغان ئادەملەرنى ئومۇمەن « مۇئەللىم » دەپ ئاتايدىكەن. بىزدىكى ئايرىم كىشىلەر نەزەرىدە، ئوقۇتقۇچىلار گادايلىقنىڭ، چۈپەيلىكنىڭ سىمۋولىغا ئايلىنىپ، مەسخىرە ئوبيېكتى بولۇپ قالغان. ئۆزىنى خېلى ئۇقۇمۇشلۇق ھىسابلايدىغان ئادەملەرمۇ سودا – سېتىقتا سەللا باھا تالاشقان ئادەمنى كۆرسە: « سىلى ئەپەندىمۇ؟ » دەپ سورايدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىگە بولغان ھۆرمەتسىزلىك، كەمسىتىش چىقىپ تۇرىدۇ. تېخىمۇ ئېنىق ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ قارا قورساق، بىلىمسىزلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، بىلىمسىز بىلىم ئەھلىنى قانداقمۇ پەرق ئەتسۇن. پەرق ئەتكۈدەك دىت يوق ئادەمدە ھۆرمەت قىلغۇدەك ئەقىل نېمە قىلسۇن. شۇڭا بۇلار ئاخىرقى ھىسابتا ئۆزلىرىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى، ساپاسىزلىقىنى مەسخىرە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى نەدىن بىلسۇن؟ بۇنىڭ ئەكسىچە، شاڭخەيدە مەمۇرلارنىڭ ئەڭ بايلىرى ئوقۇتقۇچىلار دەپ قارىلىدىكەن. پۇلدار مەمۇرلاردىن  ھۆرمەت يۈزىسىدىن سوراش توغرا كەلسە، « سىز ئوقۇتقۇچىمۇ؟ » دەپ سورىلىدىكەن. بىلىملىك كىشىلەردىن سوراش توغرا كەلگەندىمۇ ئوخشاشلا « سىز ئوقۇتقۇچىمۇ؟ » دەپ سورايدىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارچە زىيالىيلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى ئىكەن. تۈرلۈك يىغىلىش – مۇراسىملاردا زىيالىيلارغا تەبىئىي ھالدىلا تۆردىن ئورۇن بېرىلىدىكەن. چوڭ – چوڭ پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىدە زىيالىيلاردىن ئەقىل – مەسلىھەت سورىلىدىكەن. جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل قاتلىمى تۈرلۈك سورۇن ۋە پەيتلەردە سۆز ، ھەرىكەت ۋە ئىپادىلەشكە بولىدىغانلىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق زىيالىيلارغا بولغان قايىللىقى ھەم چوڭقۇر ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ تۇرىدىكەن. شەھەرلىك، رايونلۇق پارتىيە – ھۆكۈمەت، ئۇنىڭ پونكىسىيەلىك تارماقلىرى، تۈرلۈك ئىجتىمائىي – ئىلمىي تەشكىلاتلار، ئالىي مەكتەپلەر، ئىلمىي جەمئىيەتلەر ھەم ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئومۇمەن، ئالدى بىلەن زىيالىي ئىكەن. خەلق قۇرۇلتېيى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىمۇ زىيالىيلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى ھەممىدىن يۇقىرى ئىكەن. باشقا ساھە ۋەكىللىرىمۇ ئالدى بىلەن شۇ سەپنىڭ زىيالىيلار قوشۇنى ئىچىدىن تاللىنىدىكەن. باشقۇرغۇچىلارنىڭ ھەرقاندىقى ئالدى بىلەن زىيالىيلىق شەرتىنى ھازىرلىغان بولىشى كېرەككەن. زىيالىيلارنى ھۆرمەت قىلىش كېرەك دېگەن بۇ ۋىجدانىي چاقىرىق كىشىلەرنىڭ روھ ۋە قېنىغا سىڭىپ كەتكەنىكەن. كىشىلەر زىيالىيلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ھېيىقىش بىلەن قارايدىكەن. بىز ئوقۇغان « ئىجادىيەت بازىسى » دىكى خادىملارمۇ بىزگە مۇشۇ خىل ھۆرمەتتە مۇئامىلە قىلدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يازغۇچىلار جەمئىيىتىدە ئىشلەيدىغان خادىملارمۇ: « سىلەر دېگەن مۇئەللىم _ ئۇستازلار، ئۇستازلار بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرۇپ تاماق يېسەك ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ » دەپ، بىزگە دەرس ئۆتىۋاتقان مۇئەللىملەرنى يېنىمىزغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدىكى، ئۆزلىرى بولسا ئۈستىلىمىزگە زادىلا يېقىن كەلگىلى ئۇنىمىدى. ئەكسىچە، ئاخىرىغىچە پەگادا، ئايرىم ئۆي ۋە بۇلۇڭلاردا ئولتۇرۇپ تاماق يېدى. بۇغۇ ئەرزىمەس بىر مىسال. لېكىن مۇشۇ ئاددىي بىر ئەمەلىيەتتىن چوڭ بىر ھەقىقەتنى _ شاڭخەيلىكلەر نەزەرىدىكى ئىلىم ئەھلىگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمەتنى خىرە – شىرە بولسىمۇ ھىس قىلغىلى بولماسمۇ. ئىلىم ئەھلىگە بولغان ھۆرمەت يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىلىمگە بولغان ھۆرمەت ئەمەسمۇ. ئىلىم بىلەن ئىلىم ئەھلى قوشگېزەك ئەمەسمۇ؟... بۇ شەھەردە زىيالىيلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادىي ئورنىمۇ يۇقىرىكەن. ئەقلىي ئەمگەك ئالاھىدە يۇقىرى قىممەتتە باھالىنىدىكەن. ئىلمىي خادىملارنىڭ ھەرقانداق ئەمگىكى رازى بولارلىق دەرىجىدىكى ئىقتىسادىي قىممەت بىلەن ھىسابلىنىدىكەن. ھەرقانداق ئىلمىي ئەمگەك، ئىلمىي پائالىيەتكە ھەقلىق مۇئامىلە قىلىنىدىكەن. مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ماقالە ئوقۇغۇچىلارغىلا ئەمەس، مۇھاكىمىگە قاتناشقان ھەر بىر ئادەمگە ھەق تارقىتىش بۇرۇندىنلا ئومۇملاشقان ئادەت ئىكەن. ئىجادىيەت، دەرس، تەربىيەلەش، دوكلات، ئىلمىي لىكسىيە... قاتارلىق ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ ھەققى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى سومما بىلەن ھىسابلىنىدىكەن. گەپ ئۇزىراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بىرلا مىسال ئالاي. شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىزگە دەرس ئۆتكۈزۈپ  بېرىش ئۈچۈن شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن ئۈچ پىروفېسسورنىڭ بىرى _ گې خوڭبىڭ. ئۇ، شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى، مۇشۇ مەكتەپنىڭ دوكتورانتلار يېتەكچىسى، ئەنگىلىيە، سىنگاپور، شاڭگاڭ قاتارلىق جايلاردىكى بىرقانچە ئالىي مەكتەپنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، بۇ يىل 45 ياش، نوپۇزلۇق ئىلمىي مۇئەسسەسەلەر ئۇنىڭغا « كېيىنكى دەۋردە يېتىشىپ چىققان ئالىم تىپىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى » دەپ باھا بەرگەن. ئۇ يەنە شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىجادىيەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت دەرىجىلىك پىسخىكا تەربىيەچىسى. بىزگە دەرسكە كىرگەن باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ نوپۇز، نام – شەرەپ ۋە ۋەزىپە – ئاتاقلىرى بۇ يىگىتتىن كۆپ قېلىشمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەدەبىيات دوكتورلىرى ۋە نامى بار يازغۇچى، تەتقىقاتچىلار. بۇلارنىڭ ئۇنۋان – دەرىجىلىرى يۇقىرىكەن، دەرس سۆزلەش ھەققىمۇ يۇقىرى بولسا كېرەك، دەپ، بىر سائەتلىك دەرسىنىڭ نەچچە يۈز سوملۇقى توغرىسىدا پەرەز قىلىشىۋاتقان چېغىمىزدا، شۇنى بىلگەندەكلا گې خوڭبىڭ مۇئەللىم سۆزىگە توغرا كەلگەن بىر يەردە ئېغىز ئېچىپ قالدى: « باشقا جايلاردا بىر مەيدان دەرسنى 15 مىڭ يۈەندىن ئۆتەتتۇق. بۇ، يازغۇچىلارنىڭ ئىشى بولغىنى ئۈچۈن، يەنە كېلىپ بىزمۇ يازغۇچى بولغىنىمىز ئۈچۈن، بۇ دەرسلەرنى باشقا يەردىكىدىن سەل ئەرزانراق ئۆتۈۋاتىمىز. » كېيىن سوراپ بىلسەم، ئۇنىڭ « سەل ئەرزانراق » دېگىنى 12-13مىڭ يۈەن ئىكەن. بىر مەيدان دەرس دېگىنى بىر قېتىملىق _ ئۈچ سائەت ئەتراپىدىكى دەرس ئىكەن. ئېغىزلىرىمىز ئېچىلىپ قالدى. دېمەك، ئۇلار ئۈچ سائەت دەرسى ئۈچۈن بىر تۈمەندىن ئارتۇق پۇل ئالىدىكەن. ئىختىيارسىز شىۋىرلىدىم: مانا بۇ ، زىيالىيلارنىڭ ھەقىقىي ئورنى. زىيالىيلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش دېگەن مۇشۇ ئىكەندە ئەسلى. ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ئورنى يۇقىرى كۆتۈرۈلسە، باشقا تەرەپلەردىكى ئورنىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ تەبىئىيلا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىكەن. ئىلىمغا بولغان ھۆرمەتنىڭ ئىلمىي مېھنەتنى يۇقىرى ھەق بىلەن باھالاش بىلەن، يۇقىرى ھەققە ئىنتىلىشنىڭ ئىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە تەلپۈنۈش بىلەن ئىپادىلىنىشى قالتىس ئەمەلىي مەنتىقە ئىكەن. شۇڭلاشقا، شاڭخەيدە زىيالىيلار باي بولالىغان ئىكەندە. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، جەمئىيەتنىڭ مەمۇرىي قاتلاملىرى ئىچىدە زىيالىيلار ئەڭ باي تەبىقە ھىسابلىنىدىكەن-دە!....               
شاڭخەيدە چەت ئەللىكلەرگە ۋە چەت ئەل تىللىرىغا قىزىقىش كۈچلۈك ئىكەن. بۇ تەرىپىنى بەلكىم بۇ شەھەرنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى دەپ كەتكىلىمۇ بولماس. چەت ئەللىكلەرنى چوڭ بىلىش، چەت ئەل تىللىرىنى ئۆگىنىش، جۇڭگونىڭ ھەممىلا يېرىدىن تېپىلىدىغان قىزغىنلىق. بىراق، شاڭخەيدىكى بۇ خىل ھالەت ساددا قىزغىنلىق دەرىجىسىدىن ھالقىپ، ئاڭلىق تونۇش ۋە قوبۇل قىلىش پەللىسىگە يېتىپتۇ. بۇ، شاڭخەينىڭ چەت ئەللىكلەرگە ئوزۇن مۇددەتلىك مۇستەملىكە بولۇش تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. يەنە بىر جەھەتتىن، چەت ئەللىكلەرنىڭ شاڭخەيگە ئېلىپ كەلگەن يېڭىلىقلىرى، ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردىكى ئەمەلىي مەنپەئەت ھەم ئاكتىپ تەسىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولىشىمۇ مۈمكىن. مەيلى نېمىلا بولمىسۇن، كوچا - كويلاردىكى ئېلان - ئىزاھاتلاردىن، تونۇشتۇرۇش – چۈشەندۈرۈشلەردىن، يول بەلگىسى – ۋىۋىسكىلاردىن، كىشىلەرنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى ۋە چەت ئەل تىللىرىنى سۆيۈنۈپ سۆزلەشلىرىدىن.... ھەممە ئىش ئايدىڭ بولۇپ تۇرۇپتۇ. دېمىسىمۇ، شاڭخەينىڭ ئەڭ دەسلەپ چەت ئەللىكلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغىنى، يەنە كېلىپ ئۇزاق مۇددەت ھەم تەكرار – تەكرار بېسىۋېلىنغىنى راست. بېسىۋېلىش داۋامىدا ئۇلارنىڭ مۇستەملىكە ئازابىنى ئېلىپ كېلىش بىلەن بىرگە، يەنە يېڭىلىق، ئىدىيە، مەدەنىيەت، تەرەققىيات ئامىللىرىنى ئېلىپ كىرگىنىمۇ راست. بۇ جەھەتلەردىكى قايىللىقنى پۇقرالارنىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتىدىنلا ئەمەس، ھۆكۈمەتنىڭ ساياھەت ئورۇنلىرىغا مەخسۇس تەسىس قىلغان كۆرگەزمە نۇقتىلىرىدىنمۇ كۆرۈش مۈمكىن ئىكەن. كۆرگەزمە ئورۇنلىرىدىكى ئەھۋال شۇنداقكى، شاڭخەينىڭ نەچچە ئەسىرلىك تەرەققىيات مۇساپىسى چەت ئەللىكلەرنىڭ ئىشتىراكىسىز تاماملانمىغان. شاڭخەيدە بارلىققا كەلگەن ھەر بىر يېڭىلىق، ئۆزگىرىشلەر چەت ئەللىكلەر بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان. سەمىمىيەت بىلەن تۇرغۇزۇلغان تەرەققىيات مودىللىرى ئارىسىدىكى چەت ئەللىكلەر ھەم ئۇلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قىلغان ئىشتىراكلىرى بۇ سۆزىمىزنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتى بولسا كېرەك. پۇقرالار مۇئامىلىلىرىدىكى چەت ئەل تىلىدا سۆزلەش قىزغىنلىقى پەرىزىمىزنى يەنىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلايدۇ. دەرۋەقە، شاڭخەيگە قەدەم باسقان ھەرقانداق بىر ئادەم بۇ شەھەرنىڭ قىياپىتى ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىنىڭ مۇئامىلە ھالىتىدىن چەت ئەللىكلەر ھەم ئۇلارنىڭ تىللىرىغا بولغان ھۆرمەتنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ھىس قىلماي قالمايدۇ. بولۇپمۇ، ئىرقىي جەھەتتىن كەسكىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان كىشىلەر بۇ شەھەرگە قەدەم باسقاندا بۇ خىل ھالەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلىدۇ. ھەتتا سىز – بىزمۇ ئىرقىمىزنىڭ ئۆزگىچىلىكى سەۋەبلىك، چەت ئەللىكلەر ئېرىشىدىغان قىزغىن مۇئامىلىدىن بەھرىمان بولىدىكەنمىز. بولۇپمۇ، ئاممىۋىي سورۇنلاردا، سودا – تىجارەت نۇقتىلىرىدا ئۇلار سىزنى كۆرۈپلا: «  welcome »، « hello  » دەپ، ئېنگلىزچە سۆزلەر بىلەن قارشى ئالىدىكەن. ئېھتىرام بىلدۈرىدىكەن. ئورۇن بوشىتىپ بېرىدىكەن. جاۋاب قايتۇرالمىسىڭىز، فىرانسۇزچە سۆزلەپ باقىدىكەن. بۇنىمۇ بىلمىسىڭىز، بەزىلەر ھەتتا ئەرەبچىمۇ سۆزلەپ بېقىپ، ئامال بولمىغاندا، ئۆز تىلىدا: « بۇلار ھىندىستاندىن ياكى باشقا بىر دۆلەتتىن كەلگەنلەر ئوخشايدۇ » دەپ ئامالسىزلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۈرىسىنى قىسىپ قويىدىكەن. ئۇلارنىڭ مۈرىسىنى قىسىشلىرىنىڭمۇ چەت ئەللىكلەرگە ئوخشاپ كەتكىنىنى دېمەمسىز. مەن كوچا ئايلىنىش، ئالاقىلىشىش جەريانىدا، ئېنگلىز تىلىنىڭ شاڭخەيلىكلەر ئۈچۈن ئىككىنچى ئالاقە تىلى ئورنىغا ئۆتۈپ بولغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم. زىيالىيلار قاتلىمىدىكىلەرنىڭغۇ چەت ئەل تىلىنى بىلىشى تەبىئىي ئەھۋال. چۈنكى ئۇلار  باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا ئېنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. لېكىن كوچا – كويلاردا قارا ئىش قىلىدىغان كىشىلەرنىڭمۇ ئېنگلىز تىلىغا شۇنچە پۇختىلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى. قىزىم بىلەن ئىككىمىز ئەڭ چوڭ كىتابخانىنى ئىزدەپ يۈرگەن بىر كۈنى، ئالدىمىزغا كوچا تازىلايدىغان بىر بوۋاي ئۇچراپ قالدى. ئۇنىڭدىن يول سورىماقچى بولدۇق. ئىچىم پۇشۇپ قالدىمۇ ياكى ئۆزۈمنى چەت ئەللىك كۆرسەتكۈم كەلدىمۇ، ئېغىزىم قىچىشقاندەكلا ئۇنىڭغا « hello» دەپ تاشلىماسمەنمۇ، شۇئان ئۇنىڭ قوللىرى بىلەن قايسىبىر يولنى كۆرسىتىپ، ئېنگلىزچە كالدىرلاپ سۆزلەپ كېتىشلىرىدىن ئايلىنىپ كەتتىم. بۇ تىلنى بىلمەي تۇرۇپ سۆزلەپ سالغىنىمغا بۇرنى – قۇلاقلىرىمغىچە تويدۇم. ھېلىمۇ ياخشى، ئېنگلىزچىنى راۋان بىلىدىغان قىزىمنىڭ سۆزىمىزگە ئارىلىشىشى بىلەن، ئېنگلىزچە بىلمەيدىغانلىقىم چانمىدى. ئەگەر يېنىمدا ئۇ بولمىغان بولسا، قىزغىن ۋە ئەستايىدىل بۇ بوۋاينىڭ ئالدىدىن نېمە دەپ، قايسى يول بىلەن قاچار ئىدىم. بۇغۇ ئەرزىمەس بىر مىسال. بۇ ئارقىلىق چوڭ يەكۈنلەرنى ئىسپاتلاپ چىقىشقىمۇ بولمايدۇ. بىراق، مۇشۇ كىچىككىنە بىر ئىشتىن، چەت ئەل تىلىنىڭ بۇ شەھەر ئاھالىلىرى ئارىسىغا قانچىلىك دەرىجىدە يىلتىز تارتقانلىقىنى پەرەز قىلغىلى بولماسمۇ. ئېھتىياج ھەممىنى تۇغىدۇ، ھەممىگە مەجبۇرلايدۇ. چەت ئەللىكلەر بىلەن كۆپراق ئالاقىلىشىپ، كۆپراق مەنپەئەتلىنىش ئۈچۈن، بۇلار چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولغان، دەپ پەرەز قىلغان ھالەتتىمۇ، بۇنىڭ بىر تىلنىڭ ئاۋام ئارىسىغا بۇ قەدەر كەڭ دائىرىدە ئومۇملىشىپ كېتىشى ئۈچۈن يېتەرلىك سەۋەب بۇلالىشى ناتايىن. چۈنكى، شاڭخەيدە چەت ئەللىكلەر ھەرقانچە كۆپ بولغاندىمۇ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ تىل ئادىتىنى بۇزۇۋېتەلىگۈدەك دەرىجىدە كۆپ ئەمەس. چەت ئەل تىلىنى بىلمىگەنلەرنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قېلىشى تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس. ھازىرقى مائارىپ تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىدىن قارىغاندا، بىر خىل چەت ئەل تىلىنى جەمئىيەتلەشكەن شەكىلدە ئومۇملاشتۇرۇۋېتىش ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ قولىدىن ئەسلا كەلمەيدۇ. بۇ مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش تېخىمۇ ئەمەس. بۇنى پەقەت ئاڭلىقلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن ئۇزۇن مۇددەتلىك ئادەت ئىزچىللىقى ئارقىلىقلا ئىشقا ئاشۇرۇش مۈمكىن. بۇ يەنىلا ھەربىر پۇقرانىڭ ئىدىيە – روھىغا بېرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە. شۇ تۈپەيلى، بۇ يەردىكى ئورتاق ئاڭلىقلىققا ئايلانغان چەت ئەللىكلەر ۋە ئۇلارنىڭ تىلى ھەققىدىكى قىزغىنلىققا، چەت ئەل تىلىنىڭ بۇ قەدەر كەڭ ئومۇملىشىپ كېتىشىگە، چوقۇمكى كىشىلەرنىڭ روھ ۋە قېنىغىچە سىڭىپ كەتكەن يۈكسەك دەرىجىدىكى ھۆرمەت ۋە قايىللىق سەۋەب بولغان بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن. ھۆرمەت پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى  _ قايىل بولۇش. ئۇنداقتا، بۇلار، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۆزلىرىگە مەدەنىيەت، يېڭىلىق، تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە قايىلمىدۇر. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قايىللىق قوزغىشى ۋە ئۆزىنى مۇستەملىكە قىلغانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشلەر دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان ئەھۋال. لېكىن شاڭخەيلىكلەرنىڭ سىغدۇرۇشچان روھىدا زادى نېمە ھېكمەت باردۇر؟
بارچە ئىشلارنىڭ تەرتىپلىك ۋە قانۇنىيەتلىك داۋاملىشىشى _ شاڭخەيدە مېنىڭ دىققىتىمنى قوزغىغان يەنە بىر تەرەپ بولدى. ھاياتنىڭ ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە داۋاملىشىشى، مەشخۇلاتلارنىڭ ئۆز قائىدە – تەرتىپى بويىچە ئىجرا قىلىنىشى پۈتۈن دۇنياغا، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئۈنۈملۈك ئىش پىرىنسىپى. مەدەنىيەتلىك شاڭخەي بۇ نۇقتىنى ئاللىقاچان ئۆز ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇپ بوپتۇ. يەككىدىن تارتىپ – ئومۇمىي گەۋدىگىچە، كونكىرتنى بىر شەخسىيدىن تارتىپ – ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغىچە بارلىق خىزمەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئالدىن بېكىتىلگەن ۋە قانۇنىيەتلىك ئىش تەرتىپى بويىچە ئىجرا قىلىش ئومۇملاشقان ئادەت ئىكەن. « تۇيۇقسىز زەربە بېرىش » شەكلىدىكى ئىجرائىياتلار كۆرۈلمەيدىكەن. ئىش تەرتىپى ۋە تەقسىماتى بىزدىكى تاغلارنىڭ ھاۋاسىدەك ئۆزگىرىشچان ئەمەسكەن. خىزمەت تەكشۈرگىلى كېلىدىغاننىڭ شەپىسىنى ئاڭلىغاندىلا، سەرەمجانلاشتۇرۇشنى باشلايدىغان، ئالدىراپ – تېنەپ كەم – كۇسىلارنى تولۇقلاشقا چۈشىدىغان ئەھۋاللار يوقكەن. ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا لاغايلاپ يۈرۈپ، يىل ئاخىرىدا زەربىدارلىق بىلەن ۋەزىپە ئورۇنلاشتەك نورمالسىزلىقلار يۈز بەرمەيدىكەن. تۈنۆگۈن تۈزۈلگەن پىلاننى بۆگۈن ئۆزگەرتىپ يۈرمەيدىكەن. قايسىبىر مېھماننى دەپ ئالدىن تۈزۈلگەن پىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرمايدىكەن. تەرتىپتىكى تولا ئۆزگىرىش تۈپەيلىدىن، مۇقىم ئىش تەرتىپى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان ئىدارىلارنىڭ خادىملىرىمۇ كۆپ قىسىم ۋاقىتلاردا ئەتە ئۆزىنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي يۈرۈيدىغان ئەھۋاللار بۇلاردا ئەسلا سادىر بولمايدىكەن. مەمۇرلار ئىشىنى تاماملىيالماي باشقا ئىدارىلاردىن ئادەم ئارىيەت ئېلىپ يۈرمەيدىكەن. پىلاننىڭ تولا بۇزۇلىشى سەۋەبلىك، ئوقۇتقۇچىلار دەرسىنى پىلانغا يەتكۈزەلمەي، تەتىل ۋە شەنبە - يەكشەنبىلەردە دەرس ئۆتۈدىغان ئەھۋاللار يوقكەن. بىر بۇيرۇق بىلەنلا جەمئىيەتتىكى خادىملارنىڭ قانۇنىيەتلىك ئىش تەقسىماتى كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە ئاستىن – ئۈستىن بولۇپ كېتىدىغان، ئوقۇتقۇچىلار ساقچى بولۇپ چازا باقىدىغان، ساقچىلار مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ ئوقۇغۇچى يىغىدىغان، ئېقىپ يۈرگەنلەر ياللانما بولۇپ ساقچى ئىدارىلىرىگە قارايدىغان، مەمۇرلار سوتچى بولۇپ داۋا سورايدىغان، سوتچىلار كوچا چارلاپ تاپان مارايدىغان... ئىشلار يوقكەن. قىسقىسى، تەساددىپىي، كۈتمىگەن، پىلانغا ئالمىغان ئىشلار ئاللىقاچان پىلانغا ئېلىپ بولۇنغان مۇقىم ئىش تەرتىپىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان ئەھۋاللار ئەسلا كۆرۈلمەيدىكەن. شۇ تۈپەيلى خىزمەتنىڭ ئۈنۈمىمۇ يۇقىرىكەن. ھەممىدە ئۈنۈم ئاساس قىلىنىپ، شەكىلۋازلىققا يول قۇيۇلمايدىكەن. ئەقەللىيسى، بىر ئاي بۇرۇن بىزگە ئۇقتۇرغان پائالىيەت تەرتىپلىرىمىزنىڭ كۈن ۋە سائەتلىرىنىڭ بىرەرىدىمۇ قىلچە ئۆزگىرىش بولمىدى. بىزگە مەسئۇل ھەممىلا خادىمنى ئۆز ئورنىدا، ۋاقتىدا ۋە ئىش ھالقىلىرىدا كۆردۇق. ئىش ۋاقىتلىرىدا ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتە، ھەربىيلەرنى ئۆز گازارمىسىدا، ساقچىلارنى ساقچىخانىدا، مەمۇرلارنى ئىدارىسىدا، سودىگەرلەرنى بازاردا، يولۇچىلارنى كوچا، ئاپتوبۇس ۋە مېترولاردا كۆرۈش.... ئەڭ نورمال تەرتىپ ئىكەن. شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، ئاھالىسى شۇنچە كۆپ شاڭخەي شەھرىدە ۋارقىراپ – جارقىرايدىغان، پىلاستىنكىلارنى بولۇشىغا قۇيۇۋېتىدىغان، توپلىشىپ جىدەل تېرىيدىغان ئەھۋاللارنى زادىلا ئۇچراتمىدىم. كىشىلەرنىڭ ھەممىسى  خۇددى ئىچىدە تەپەككۇر  قىلىشىۋاتقاندەك شاۋقۇنسىز يۈرۈشىدىكەن. كوچىلاردا تەرتىپ ساقلاپ كېتىۋاتقان، دوقمۇشلاردا كۈزىتىپ يۈرىۋاتقان ساقچىلارنى ئەسلا كۆرگىلى بولمايدىكەن. يولنى نازارەت قىلىۋاتقان قاتناش ساقچىلىرىمۇ كۆزگە چېلىقمايدىكەن. كوچىلاردا ھەربىيلەرنى كۆرۈش ئەسلا نېسىپ بولمايدىكەن. تەرتىپ ۋە قانۇنىيەت دېگەنلەر مۇشۇنداق بولامدىغاندۇر. شۇنچە چوڭ شەھەرنى تۇتۇپ تۇرغان كۈچ _ دەل مۇشۇ تەرتىپ ۋە قانۇنىيەتلەرمىدۇ. شۇڭلاشقا شاڭخەي ئېرىشكەن بارچە ئۈنۈم ھەممىدىن زورمىدۇر. پۇقرالار مەدەنىي بولسا تەرتىپ شەكىللىنەمدىغاندۇ ياكى تەرتىپ شەكىللەنسە پۇقرالار مەدەنىي بولامدىغاندۇر؟!....
شاڭخەي _ ۋاقىت قەدىرلىنىدىغان شەھەر ئىكەن. كېسىپ ئېيتىش كېرەككى، ۋاقىت قارىشى بىر مىللەت، بىر دۆلەت ۋە ياكى بىر شەھەرنىڭ مەدەنىيەت دەرىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەڭ مۇھىم بەلگىلەرنىڭ بىرى. بىر ئادەمنىڭ ۋاقىت قارىشىنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ ئۇنىڭ مەنىۋىي ساپاسىغا، پەزىلەت دەرىجىسىگە باھا بەرگىلى بولغىنىدەك، بىر يۇرت ياكى شەھەر خەلقىنىڭ ۋاقىتقا تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ، شۇ يۇرت ياكى شەھەرنىڭ بىر پۈتۈن مەنىۋىي قىياپىتىگە، مەدەنىيلىك دەرىجىسىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ. ۋاقىت قارىشىنىڭ كۈچلۈكلۈكى مەنىۋىي ساپا يۇقىرىلىقىنىڭ رۇشەن بىر ئىپادىسى. قايسى جەھەتتىن تەھلىل قىلىشىمىزدىن ۋە قانداق قارىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ۋاقىت قارىشى كۈچلۈك جايدىن ھامان مەنىۋىي كامالەت نۇرلىرى جۇلالىنپ تۇرىدۇ. ۋاقىت قارىشى ئاجىز جايدا زەبۇن _ زەلالەت كۆلەڭگۈسى ئەگىپ يۈرگەن بولىدۇ. نېمىشقا شۇنداق؟ چۈنكى، ۋاقىت _ ھايات، ۋاقىت _ ئىجاد، ۋاقىت _ مۇۋەپپەقىيەت، ۋاقىت _ ئېرىشىش، ۋاقىت _ ئۆزگىرىش.... قىسقىسى، ۋاقىت _ ھەممە. پەلسەپىۋىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئالەم مەۋجۇدلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئاساسى _ زامان، يەنى ۋاقىتتىن ئىبارەت. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ۋاقىتنىڭ ھەممىنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. يەنە مۇشۇنىڭ ئۆزىلا ئىنسان ھاياتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋاقىتقا مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ۋاقىتقا تۇتقان پوزىتسىيەنى قانداقمۇ كىچىك بىر ئىپادە دېگىلى بولسۇن. ۋاقىتقا ھۆرمەتسىزلىك سادىر بولغان يەردىن بارچىگە ھۆرمەتسىزلىك سادىر بولماي قالۇرمۇ. ۋاقىتقا خىيانەت يۈز بەرگەن جايدىن ھەممىگە خىيانەت تۇغۇلماسمۇ. ۋاقىتتىن يۈز ئۆرىگەن، باشقىدىن يۈز ئۆرىمەسمۇ. ۋاقىتتىن ۋاز كەچكەن ھەممىدىن ۋاز كەچمەسمۇ؟... شۇڭا ئېيتىش كېرەككى، ۋاقىتقا ئېتىبار _ ئۆز ۋە ئۆزگىنىڭ بارچە تەئەللۇقاتىغا ئېتىباردۇر. ۋاقىتقا ھۆرمەت _ ھەممىگە ھۆرمەتتۇر. ئىنسانلار ۋاقىت، ئۇنىڭ ماھىيىتى ۋە قىممىتى خۇسۇسىدا تالاي كىتابلارنى يېزىشتى. گەرچە ۋاقىتنىڭ ماھىيىتى يەنىلا سىر ھالەتتە تۇرسىمۇ، ۋاقىت _ ھايات دېگەن يەكۈن بۆگۈنگە قەدەر ئاغدۇرۇلغىنى يوق. مەۋجۇدادقا ھاياتلىقتىنمۇ مۇھىم ھېچنەرسە بولمىسا كېرەك. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا، ۋاقىتنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئۆتكەل ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. دېمەك، ۋاقىت قارىشى، بىر ئادەمنىڭلا ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن مىللەت، دۆلەت ياكى رايوننىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ ئاددىي ۋە ئەڭ مۇھىم ئۆلچەمدۇر. مۇشۇ ئۆلچەم بويىچە ئېيتقاندا، شاڭخەي پۇقرالىرىنى ۋاقىتقا ھۆرمەت قىلىدىغان ساپالىق پۇقرالار دېيىشكە بولىدىكەن. ۋاقىت قارىشى يۇقىرى بولغىنى ئۈچۈنمىكىن، كوچا – كويلارغا يىغىلىپ ئۇزۇندىن – ئۇزۇن پاراڭلىشىپ تۇرۇپ كېتىدىغان ئادەملەر توپىنى ئۇچراتقىلى بولمايدىكەن. قاچان ۋە قايسى تەرەپكىلا قارىسا، ئالدىراش مېڭىپ يۈرگەن، نېمە ئىش بىلەندۇر مەشغۇل بولىۋاتقان، نەگىدۇر ئالدىراپ كېتىۋاتقان، قايسىبىر كېلىشىم ئۈچۈن ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ چېپىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىلى بولىدىكەن. تۈرلۈك يىغىلىش، كۆرۈشۈش ۋە ھەر خىل پائالىيەت جەريانلىرىدا بولسا، بۇلارنىڭ ۋاقىتقا قاتتىق ئېتىبار بېرىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكى تېخىمۇ چوڭقۇر ئىسپاتلىنىدىكەن. شاڭخەي شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى قارمىقىدىكى « ئىجادىيەت بازىسى » دا دەرس ئاڭلاۋاتقان كۈنلىرىمىزدە، ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچى خادىملارنىڭ ۋاقىت قارىشىنىڭ يۇقىرىلىقى بىزنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. دەرس باشلانغان ۋاقىتلاردا، ياتاقتىن 20 مېتىرچە يىراقلىقتىكى دەرسخانىغا بىز كېچىكىپ كىردۇقكى، شەھەر ئىچىدىن ماشىنا بىلەن بىر قانچە سائەتلەپ يول يۈرۈپ كېلىدىغان مۇئەللىملەر بولسا زادىلا كېچىكمىدى. ھەتتا بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار كېلىش يولىدا قاتناش ھادىسىسىگە يولۇقۇپ، دەرسكە ئون نەچچە مىنۇت كېچىكىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان چاغلاردىمۇ بىزگە ئالايىتەن تېلېفون قىلىپ، ئەھۋالنى چۈشەندۈردى ۋە كېچىكىپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىدى. نورمال دەرس ئۆتۈلىۋاتقان چاغلاردىمۇ، 60 مىنۇتلۇق دەرس ۋاقتىغا چىداپ بولالماي، بىزلەر بىرقانچە قېتىملاپ نۆۋەتلىشىپ سىرتقا چىقىپ كىردۇقكى، ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدىن زادىلا ئايرىلمىدى. تاماق ۋاقتىدا ئاشخانىغىمۇ يەنىلا بىز كېچىكىپ كىردۇق. خىزمەتچى خادىملار بولسا، تاماقنىڭ تۈرلۈك خىللىرىنى ئۈستەلگە ئۆز ۋاقتىدا رەتلىك تىزىپ، قول قوۋۇشتۇرۇپ بىزنىڭ كىرىشىمىزنى ساقلاپ تۇرۇشتى. ئاخىرقى كۈنلەردە ھەتتا خىزمەتچى خادىملار ياتاقمۇ ياتاق كىرىپ بىزنى تاماققا چاقىرىدىغان بولدى. ئەسكەرتىپ ئۆتۈشۇم ئارتۇقچە ئەمەسكى، بۇ خادىملارنىڭ ھېچبىرى زىيالىي ئەمەس، ئەكسىچە ۋاقىتلىق ياللىۋېلىنغان كىشىلەر ئىدى. ئارىمىزدا كۆرۈلىۋاتقان ۋاقىت قارىشى جەھەتتىكى بۇ پەرق بىزنى خېلىلا ئوڭايسىزلاندۇردى. ساياھەت، مۇھاكىمە ۋە دېكلاماتسىيە يىغىلىشلىرىدا ۋاقىت قارىشىمىز جەھەتتىكى پەرقلەر ھامان ئۆزىنى كۆرسىتىپلا تۇردى. ئۇلار بولسا، ۋاقىت قارىشىنىڭ يۇقىرىلىقى ئارقىلىق ئۆز ساپاسىنىڭ دەرىجىسىنىمۇ قەدەمدە بىر ئىسپاتلاپ ماڭدى. ۋاقىتقا بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن، ئۇلار چوڭ – چوڭ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىمۇ دەل ۋاقتىدا باشلاپ، قىسقا ئاچىدىكەن ۋە ئۆز قەرەلىدە ئاخىرلاشتۇرىدىكەن. پىلان سىرتىدىكى كىشىلەرنىڭ رەسمىيەت خاراكتېرىدىكى « ئىككى ئېغىز قوشۇمچە قىلاي» ، « سۆزۈم باشقىلارنىڭكىگە ئوخشايدۇ، شۇنداقتىمۇ دەپ باقاي » دېگەندەك ۋاقىت ئوغرىسى بايانلارغا ئورۇن بېرىلمەيدىكەن. مۇھاكىمىلەردە، رەئىس سەھنىسىدە ئولتۇرغانلارنى ئۇزۇندىن – ئۇزۇن تونۇشتۇرۇپ كېتىدىغان، كىملەرنىڭدۇر تەبرىكنامىلىرىنى ئوقۇش بىلەن، مۇھاكىمە ۋاقتىنىڭ يېرىمى تۆگەيدىغان ئادەت يوقكەن. كىمنىڭ كېلەلمەسلىكىدىن، قانچىلىك ئادەمنىڭ كېلىپ بولالماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، يىغىن ئۆز قەرەلىدە باشلىنىۋېرىدىكەن. يىغىنغا قاتنىشىدىغان ئادەملەرنىڭ سانى قاتتىق كونتىرول قىلىنىدىكەن. مۇھاكىمىگە مۇناسىۋەتسىز كىشىلەر چاقىرىلمايدىكەن. ماقالە ئوقۇغانلارمۇ، باشقىلارنىڭ ۋاقتىغا ھۆرمەت قىلىش يۈزىسىدىن، يىپىدىن – يىڭنىسىگىچە ئوقۇپ _ ئەزۋەيلەپ يۈرمەيدىكەن، ئەكسىچە، بايانىنى دەل، قىسقا، پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ بولدى قىلىدىكەن. سۆزلەۋېتىپ، ھاياجاندىن گەپ شاخلاپ _ ئۇزىراپ كېتىدىغان ئەھۋال كۆرۈلمەيدىكەن. پىكىر قاتناشتۇرغانلارنىڭ ھەممىسى تىزىس تۈزۈپ، تىزىس شەكلىدە ئىخچام سۆز قىلىدىكەن. بىز قاتناشقان « تەڭرىتاغقا ئېھتىرام » تېمىسىدىكى دېكلاماتسىيە يىغىلىشىمۇ ۋاقىتقا بولغان ئەڭ زور ھۆرمەت ئىچىدە ئۆتكۈزۈلدى. زالغا يەنىلا ئەڭ ئاخىرىدا بىز كىردۇق. ئاللىقاچان ئورۇن ئېلىپ بولغان يۈزلىگەن كىشىلەر كېچىكىپ كىرگەن بىزنى قىزغىن چاۋاكلار بىلەن قارشى ئالدى. قەدەملىرىنى ئاران – ئاران يۆتكەيدىغان بوۋاي – مومايلارمۇ خېلى بۇرۇنلا دېكلاماتسىيە زالىغا كىرىپ بولغانىكەن. بىز كىرىشىمىز بىلەنلا پائالىيەت باشلاندى. رەسمىيەت تۈسىنى ئالغان، پىلانغا ئېلىنمىغان مەزمۇندىن بىرسىمۇ قىستۇرۇلمىدى. جۇڭگو بويىچە ئەڭ مەشھۇر دېكتور، رىياسەتچىلەر ئىشتىراك قىلغان بۇ دېكلاماتسىيە پائالىيىتى شۇنچە قىسقا، تېتىملىق، گۈزەل ۋە ئۇنتۇلماس جەريانلار بىلەن ئاخىرلاشتى. بىر ئاي بۇرۇنلا، بۇ قېتىملىق دېكلاماتسىيە ۋاقتىنىڭ ئىككى سائەت داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئاڭلىغانىدۇق، دەل شۇنداق بولدى. ئەلۋەتتە، بىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشتىراك قىلغان چەكلىك پائالىيەتلەر جەريانى ئارقىلىق، شاڭخەيدىكى بارچە سورۇن ۋە پائالىيەتلەرنىڭ ۋاقىت مىزانى ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرالمايمىز. لېكىن مۇشۇ چەكلىك پائالىيەتلەر جەريانىدىكى ۋاقىتقا تۇتۇلغان پوزىتسىيەلەر، ئۇنىڭغا باغلانلان تۈرلۈك ئىپادىلەر ئارقىلىق، شاڭخەيلىكلەرنىڭ ۋاقىت قارىشى ھەققىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەقلىي ۋە لوگىكىلىق يەكۈنگە ئېگە بولالماسمىزمۇ. تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان تەسەۋۋۇر بوشلىقىغا ئېرىشەلمەسمىزمۇ. ئەنئەنىۋىي يەكۈنىمىز بويىچە ئېيتقاندا، بىر تامچە سۇدىن دېڭىزنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولماسمۇ؟ ئويلىدىمكى، نەدە ۋاقىتقا ھۆرمەت بولىدىكەن، شۇ يەر ھۆرمەت تاپىدىكەن. كىم ۋاقىتقا ئېرىشىدىكەن، ئۇ ھەممىگە ئېرىشىدىكەن!....

قەترىدىن قاتلارغا

مائارىپ بىلەن ئەدەبىيات زىچ باغلىنىشقا ئىگە. مائارىپ ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات ئاساسى بولۇپلا قالماي، بەلكى مەدەنىيەت پەرۋازىنىڭمۇ قانىتى. ئۇنىڭ يۈكسىلىش ئاساسى ۋە ئومۇرتقىسى. پۈتكۈل جەمئىيەتنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك ماتور. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، مەدەنىيىتى، جۈملىدىن ئەدەبىياتى يۈكسەلگەن جەمئىيەتتە چوقۇمكى ئۈنۈملۈك مائارىپ سىستېمىسى شەكىللەنگەن بولىدۇ. يەنە شۇنداق قاراشقا بولىدۇكى، مائارىپى تەرەققىي تاپقان جەمئىيەتنىڭ جەزمەنكى سۈپەتلىك ئەدەبىيات نامايەندىلىرى بارلىققا كەلمەي قالمايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بىر جەمئىيەتنىڭ ئەدەبىيات نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۈشۈنۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ مائارىپ ئاساسى ۋە ئەنئەنىسىنى چۈشۈنۈپ بېقىش كېرەك. بۇ چوقۇم بېسىپ ئۆتمىسە بولمايدىغان يول ھىسابلانمىغاندىمۇ، ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى ئېنىقلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان يول. شۇندىلا ئاساس بىلەن تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىنى ئەقىلگە ئۇيغۇن رەۋىشتە مۆلچەرلىگىلى ۋە ئۇنىڭدىن توغرا يەكۈن چىقارغىلى بولىدۇ. شۇ مەقسەتتە ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىزغىنلىقىم بىلەن شاڭخەينىڭ مائارىپى ۋە مەكتەپلىرى ھەققىدىمۇ خېلى كۆپ تىڭ- تىڭلاپ كۆردۈم. ئاڭلىغان گەپلەر جىق. مائارىپ ئىسلاھاتى، مەكتەپلەر ئىسلاھاتى،  دەرسلىك ئىسلاھاتى، دەرسخانە ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئىسلاھاتى، ئىمتىھان ۋە تاپشۇرۇق ئىسلاھاتى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش ئىسلاھاتى.... قاتارلىق جەھەتلەردە بىز ھەيران قالىدىغان تالاي يېڭىلىقلار ئىشتىلدى. ئادەمنى چۆچۈتكىدەك ۋە سۆيۈندۈرگۈدەك تەدبىرلەر ئاڭلاندى. ئەمما بىۋاستە بېرىپ تەكشۈرۈش نېسىپ بولمىغىنى ئۈچۈن، بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ يۈرمەيمەن. شۇنداقتىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش ئارتۇقچە ئەمەس دەپ ئويلايمەن، ئۇ بولسىمۇ، شاڭخەينىڭ مائارىپ سۈپىتىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرىلىقى.
ھەممىگە مەلۇمكى، ناباب مائارىپ سىستېمىسى ھاكىم جايدىن ئىلىمگە بولغان سۇسلۇق تۇغۇلىدۇ. يۇقىرى سۈپەتلىك مائارىپ بۆشۈكىدىن ئىلىمگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت يارىلىدۇ. چۈنكى مائارىپ تەربىيەسى ئىلىمگە بولغان مۇھەببەتنى ئويغۇتىدۇكى، ھەرگىزمۇ بىر ئادەمگە مەڭگۈلۈك كېرەك بولىدىغان ئىلىمنى بەخشەندە قىلىپ بېرەلمەيدۇ. بىلىمدە چوڭقۇرلاش بولسا، مائارىپ تۇتاشتۇرغان ئىلىمگە مۇھەببەت ئوتىنىڭ كۈچى ئارقىلىق پەيدىن – پەي ئىشقا ئاشىدۇ ۋە سوبيېكتىپ تىرىشچانلىقنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ پەرقلىق بولىدۇ. بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتقاندا، مائارىپ تەربىيەسىدىن ئادەمگە مىراس قالىدىغىنى بىلىم ئەمەس، بەلكى بىلىمگە مۇھەببەت؛ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى قانداق ئۆگىنىش ئۇسۇلى. ئىلىم ئۆگىنشتىكى قىزغىن مۇھەببەت ۋە توغرا ئۇسۇل، ئىنساننىڭ كېيىنكى ئىلىم مۇساپىسىدىكى نەتىجىلىرىگە ئەڭ زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىچكىي ئامىللاردۇر. كىشىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە روھىغا تۇتىشىپ كېتىدىغان بۇ خىل سوبيېكتىپ قىزغىنلىقنى پەقەت سۈپەتلىك مائارىپلا يېتىلدۈرەلەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، سۈپەتلىك مائارىپ سىستېمىسىنى پەرپا قىلماي تۇرۇپ، ئىلىمگە ۋە ئىلىم ئەھلىگە ھۆرمەت پەيدا قىلغىلى بولمايدۇ. يۇقىرى سەۋىيەلىك تەربىيە بازىلىرى قۇرۇلماي تۇرۇپ، ئىلىمگە مۇھەببەت ئويغانغان قەلبلەرنى ياراتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا، يۈرەكلىك ئېيتىش كېرەككى، نەدە ئىلىمگە مۇھەببەت بولىدىكەن، شۇ يەردە ئىلىم ئەھلىگە ھۆرمەت بار. قايسى جايدا ئىلىم ئەھلىگە ھۆرمەت ئويغىنىدىكەن، دەل شۇ جايدا روھنى ئۇيغىتىش تىپىدىكى ئىلغار مائارىپ سىستېمىسى بار. شاڭخەيلىكلەرنىڭ ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىگە ھۆرمەت قىلىش ئەنئەنىسىگە قاراپلا، بۇ يەردە ئۇيغىتىش تىپىدىكى مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ بولغانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئەمەس. پەقەت مۇشۇنداق مائارىپلا مۇشۇ خىلدىكى كىشىلەر توپىنى، مۇشۇ خىلدىكى جەمئىيەتنى بەرپا قىلالايدۇ. باشقا ساھەلەردە چەنلىمەي ئاتسا پوكانغا تەگكىنى بىلەن، مائارىپ ساھەسىدە ئۇنداق بولمايدۇ. بۇ شۇنداق ھىساب – كىتابى ئېنىق ساھەكى، قازاندا نېمە بولسا، چۆمۈچكە شۇ چىقىدۇ. ساردىن ھەرگىزمۇ شۇڭقار چۈشمەيدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شاڭخەينىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغانلىقى سۆزسىز. ئىلىمگە چوڭقۇر مۇھەببەت ئۇيغىتالايدىغان مائارىپ سىستېمىسىنىڭ بۇرۇنلا شەكىللەنگەنلىكى شۈبھىسىز. بىزگە دەرس ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتى، شاڭخەينىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى ھەققىدە ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدۇردى. گەرچە بۇلار ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى بولسىمۇ، تامچىدىن دېڭىزنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولغىنىدەك، بۇلارنىڭ سەۋىيە ۋە مېتودلىرىدىن، شاڭخەي ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنىڭ، جۈملىدىن پۈتكۈل شاڭخەي مائارىپىنىڭ ھازىرقى سۈپىتى ھەققىدە بەلگىلىك تونۇش ھەم تەسەۋۋۇرلارغا ئېگە قىلدى. بۇ ھەقتە ئويلىغانلىرىمنى قويۇپ، ئاڭلىغان دەرسلەردىكى ماڭا تەسىر قىلغان بىرقانچە تەرەپنى يورۇتۇپ ئۆتەي. بۇ بەلكىم، شاڭخەينىڭ زامانىۋىي مەدەنىيەت ۋە ئەدەبىيات نەتىجىلىرىنىڭ باشقا رايونلارنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا نېمە ئۈچۈن ئىزچىل تۈردە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشۈنۈشتىكى كىچىككىنە بىر كۆزنەك بولۇپ قالار.  
دەرسخانىنىڭ يۇمىلاق ئۈستەل شەكلىدە لاھىيەلىنىشى _ مېنىڭ دىققىتىمنى تارتقان مۇھىم بىر تەرەپ بولدى. بۇ زور بىر يېڭىلىق ھىسابلانمىغىنى بىلەن، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنى باراۋەر بىر پىسىخىك نۇقتىغا ئېلىپ كېلىپ، تەڭسىزلىك، تارتىنىش، قىسىلىش... كەبىي روھىي بېسىملارنى يوقىتىشتا، ئەركىن دەرسخانە مۇھىتى بەرپا قىلىشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇل. مائارىپچىلارغا ئايانكى، دەرسخانىدا باراۋەر ۋە ئەركىن مۇھىت يارىتىش، بارچە دادىللىق، ئىلھام ۋە رىغبەتلەرنىڭ مەنىۋىي ئاساسى. ئەگەر باراۋەرلىك ئىشقا ئاشمايدىكەن، دەرسخانىدىكى ئەركىنلىك، دادىللىق دېگەندەك روھىي قوزغىلىشلارنىڭ مايدانغا كېلىشى مۈمكىن ئەمەس. بۇلار لاھىيەلەپ چىققان يۇمىلاق ئۈستەل ئوقۇتۇشى، تۇيغۇ جەھەتتىن باراۋەرلىك ھىس قىلدۇرىدىغان ۋە بارا –بارا مۇشۇ پىسىخىك مۇھىتقا باشلاپ كىرىدىغان ئەڭ كونكىرت ئۇسۇل ۋە تۇنجى قەدەم. يۇمىلاق ئۈستەل ھېلىغۇ ئۆگىنىشنى مەقسەت قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا راسلىنىپتۇ، بىر – بىرلىرىگە ئەقىل ئۆگىتىشنى مەقسەت قىلىدىغان داھىيلار قاتناشقان خەلقئارادىكى چوڭ يىغىنغا راسلانغاندىمۇ دەل مۇشۇ باراۋەرلىك پىسىخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈش ئاساسلىق مۇددىئا قىلىنىدۇ ۋە بارچە كۆڭۈللەر تەرىپىدىن شۇنداق قوبۇل قىلىنىدۇ ئەمەسمۇ. شۇڭا، بۇلارنىڭ دەرسخانا قۇرۇلمىسىنى يۇمىلاق ئۈستەل شەكلىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئىنسانلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتىكى قوبۇل قىلىشىغا ۋە پېداگوگىكىلىق ئۈنۈم تەلىپىگە تامامەن ئۇيغۇن ھالدا لاھىيەلىنىپتۇ، دەپ ئويلىدىم. بۇ ھەقىقەتەن بىر يېڭىلىقكەن. تىل توسالغۇسى قەدەمدە بىر ئۆزىنى كۆرسىتىپ تۇرغىنىغا باقماي، دەرس ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولىشى، بىزنىڭ تېزلا ماسلىشىپ ھەم ئېچىلىپ كېتىشلىرىمىزنىڭ بىر سەۋەبىمۇ دەل مۇشۇ بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن.
ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي سەۋىيەسى ئومۇمىيۈزلۈك يۇقىرى ئىكەن. ئۇلار ئۆز كەسپىنىڭ مۇتەخەسسسىگە ئايلىنىپلا قالماي، بەلكى شۇ كەسپنىڭ ئەڭ غوللۇق تەتقىقاتچىلىرىغا ئايلىنىپ بوپتۇ. ئۆتۈلىۋاتقان دەرسكە مۇناسىىۋەتلىك بارلىق ئەنئەنىۋىي چۈشەنچىلەر ۋە ئەڭ يېڭى كەسپىي ئۇقۇم ھەم ئۇچۇرلارنى مۇشۇلارنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلىغىلى بولىدىكەن. مۇناسىۋەتسىز گەپلەرنى دەپ سالىدىغان ياكى نېمە دېيىشنى بىلمەي قالىدىغان ئەھۋاللار سادىر بولمايدىكەن. ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى سۆزلەۋاتقان دەرس مەزمۇنلىرىغا شەخسىي ھېسسىيات ۋە پەرەزلىرىنى ھەرگىز ئارىلاشتۇرمايدىكەن. قىلىۋاتقان بارلىق سۆزلىرى پاكىتلار بىلەن بىر- بىرلەپ ئىسپاتلىنىدىكەن ۋە ئېكراندا كۆرسىتىلىدىكەن. ئوقۇتقۇچى بولغىنىم ئۈچۈنمىكىن، مۇئەللىملەردىن مەن ئەڭ كۆپراق سوئال سورىدىم. ( تولا سوئال سورىغىنىم ئۈچۈن، مۇئەللىملەر ماڭا ھەتتا « سوئال سوراش ۋەكىلى » دېگەن دۇنيادا زادىلا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەمەلنىمۇ ھەدىيە قىلدى.) ئويلاپ باقمىغان نۇقتىلاردىن چىقىپ سورالغان بۇ سوئاللارغىمۇ، ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ كومپيۇتېرىدىكى ماتىرىيال ئامبىرىدىن پاكىتلارنى تېپىپ چىقىپ چۈشەندۈردى. پاكىت تېپىلىپ بولغىچە دەرس توختاپ تۇردىكى، پەرەزگە تايىنىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ تۇرۇشنى راۋا كۆرمىدى. پاكىت تېپىلمىغان چاغلاردا، سوئالغا جاۋاب بېرىش ۋاقىتلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، جاۋاب بېرىش كېيىنكى سائەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىجتىمائىي پەننى، بولۇپمۇ ئەدەبىياتنى نۇرغۇن كىشىلەر پەدىسىنى قانداق تەڭشەپ چالسا بولىدىغان دۇتتارغا ئوخشىتىشىدۇ. كىم قايسى خىل ئاۋاز شەكلىدە چالالىسا، شۇنداق تەڭشىسە بولىدۇ دەپ قارىشىدۇ. بۇ ھال تالاي لاياقەتسىزلەرنىڭ مۇشۇ كەسپ ساھەسىگە سوقۇنۇپ كىرىپ جان بېقىشىغا شەرت – شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. لېكىن بۇلاردا كەسپكە ۋە كەسپىي ساپاغا قۇيۇلىدىغان ئۆلچەم ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. ئۆز كەسپىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىلىمگە پۇختا بولۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلار ئۆز كەسپىگە جان – جەھلى بىلەن بېرىلىدىكەنكى، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشقا ئورۇنمايدىكەن. ھەرقانداق شەكىلدىكى پۇرسەتپەرەسلىككىمۇ زادىلا يول قۇيۇلمايدىكەن. پەرەز ۋە سۆز ئىمكەنىيىتى زور بولغان ئەدەبىيات پېنىدە ئۆلچەم مۇشۇنداق قاتتىق بولغان يەردە، ئابىستىراكىتنى تەپەككۇر شەكلى ئاساس قىلىنىدىغان باشقا ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەنلەردە تەلەپ قايسى دەرىجىدە يۇقىرىدۇر. ئارمان بىلەن ئويلىدىمكى، مائارىپنىڭ ئۇلى _ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى. ئوقۇتقۇچىلىرى مۇشۇنداق سەرخىل بولغان مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىنسا، سۈپەتنىڭ ئۆسمەي قېلىشىدىن يەنە نېمە ئەندىشە بولسۇن؟!....  
ئانا تىلىدا دەرس ئۆتۈش _ شاڭخەيدىكى بارلىق مەكتەپلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئىكەن. شاڭخەيدىكى نوپۇزلۇق مائارىپچىلار ۋە يازغۇچى، تەتقىقاتچىلاردىن ئىگىلىگەن ئەھۋالدىن قارىغاندا، مەخسۇس چەت ئەل تىللىرى كەسپلىرىدىن باشقا، شاڭخەينىڭ ئالىي مەكتەپلىرىدىن تارتىپ _ ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگىچە ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئانا تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىكەن. ئانا تىل ۋە ئەدەبىياتىغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىلىدىكەن. ئانا تىلغا پۇختا ئوقۇغۇچى چەت ئەل تىلىنى ئاسان ئۆزلەشتۈرەلەيدۇ دەپ قارىلىدىكەن. چەت ئەل تىلى ( ئېنگلىز تىلى ) باشلانغۇچنىڭ يۇقىرى يىللىقىدىن باشلاپ مەخسۇس بىر پەن سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ئۆتۈلىدىكەن. سۈپەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىكەن. ئېنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويۇلىدىغان شەرت يۇقىرى بولۇپ، قايسى دەرىجىدىكى مەكتەپتە ئىشلىشىدىن قەتئىينەزەر، مەخسۇس ئېنگلىز تىلى كەسپىدە ئوقۇغان بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىكەن. ئېنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىدىن قەرەللىك ھالدا كەسپىي ئىمتىھان ئېلىنىپ، لاياقەتسىزلەر بايقالغان ھامان شاللاپ چىقىرىۋېتىلىدىكەن. ئېنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىغا ئاتا – ئانىلار ۋە پۈتكۈل جەمئىيەت بىردەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن. بىزگە دەرسكە كىرگەن بارلىق ئوقۇتقۇچىلار قاتارىدا، داڭلىق پېداگوگ، ئەدەبىيات پەنلىرى دوكتورى، ئالىم تىپىدىكى ئاتاقلىق يازغۇچى گې خوڭبىڭ مۇئەللىممۇ دەل ئانا تىل مائارىپىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن. « ئانا تىلىغا پۇختا بولۇش _ بىر ئادەمنىڭ تەپەككۇر كۈچى ۋە بارلىق ئۆگىنىش، مەنىۋىي يۈكسىلىشلىرىنىڭ ئاساسى. ئانا تىل ئاساسىم ياخشى بولغىنى ئۈچۈن، ئېنگلىز تىلىنىمۇ ناھايىتى تېزلا  ئۆگىنىۋالدىم. دەرۋەقە، ئېنگلىز تىلىنى دەسلەپ ئۆگىنىشكە باشلىغان چېغىمدا، ئۆگىنىشنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلمىگەنلىكىم سەۋەبلىك، بۇنى دۇنيادىكى ئۆگىنىش ئەڭ قىيىن تىل ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغانىدىم. ئەمدى ئويلايمەنكى، بۇ، دۇنيادىكى مەدەنىيەت قاتلىمى بىر – بىرلىرىگە ئوخشىمايدىغان بارلىق مىللەتلەرگە ماس كېلىدىغان، ئۆگىنىش ئەڭ قولاي، ئەڭ گۈزەل ۋە ئەڭ پاساھەتلىك تىللارنىڭ بىرى. » مانا بۇ، ئانا تىل ئوقۇتۇشىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان گې خوڭبىڭ مۇئەللىمنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن بىزگە دېگەن سۆزى. ئويلاپ قالدىم: شاڭخەينىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ رەسمىي تىلى ئېنگلىز تىلى ئەمەس، بەلكى خەنزۇ تىلى. شۇنداق تۇرۇغلۇق، شاڭخەي پۇقرالىرىنىڭ ئېنگلىز تىلىغا شۇ قەدەر پۇختا بولىشى، ئۇلارنىڭ روھىدىكى ئىچكىي قايىللىقتىن باشقا، يەنە ئانا تىل مائارىپىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىغىمۇ مۇناسىۋەتلىكمۇ _ قانداق؟!....            
      كومپيۇتېرغا تايىنىش _ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسخانىدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئىكەن. كومپيۇتېرسىز دەرس ئۆتمەيدىكەن. سۆزلىنىۋاتقان دەرس مەزمۇنلىرى ئېكراندا يېزىق شەكلىدە تولۇق كۆرۈنۈپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئاڭلاپ چۈشۈنۈش ئىقتىدارى تۆۋەن ئوقۇغۇچىلار ئېكراندا سۆز بىلەن ماس قەدەمدە ئالمىشىپ تۇرىۋاتقان يېزىقچە مەزمۇنلارنى كۆرۈپ چۈشەنسىمۇ بولىدىكەن. ھەر ئىككى تەرەپكە تەڭلا دىققەت قىلغان ئوقۇغۇچى ئاڭلاش ۋە ئوقۇش جەھەتتىن ئوخشاشلا مەنپەئەت ئالالايدىكەن. ئوقۇتقۇچىلار يەنە دەرسخانىدا كومپيۇتېرنى كۆرسىتىش قۇرالى شەكلىدە پايدىلىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تۈرلۈك سوبيېكتىپ ئۆزگىرىشلەرنى نەق مەيداندا بىۋاستە خاتىرىلەش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىدىكەن. دەرس مەزمۇنلىرىنىڭ ھەربىر باسقۇچلىرىدا ئوقۇغۇچىلاردىن سورىلىدىغان سوئاللار ۋە ئۇنىڭغا ئوقۇغۇچى بەرگەن جاۋابلار؛ ئوقۇغۇچىلار سورىغان سوئاللار ۋە ئۇنىڭغا مۇئەللىمنىڭ بەرگەن جاۋابى، مۇشۇ ھەقتىكى مۇھاكىمىلەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى نەق مەيداندىلا، ماس جايغا كىرىشتۈرۈپ يېزىۋېلىنىدىكەن. بەلكىم بۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كېيىنكى دەرسلىرى ۋە تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن ياردىمى بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ مۇشۇ خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى ماڭا بەكمۇ يارىدى. لېكىن ئويلىدىمكى، كومپيۇتېر بىزنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمىزغا قانچىلىك ئومۇملاشتى. ئىش ھالقىلىرىنى قىسقارتىدىغان ۋە ئاسانلاشتۇرىدىغان بۇ قورالدىن يېزا – قىشلاقلاردىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىز قانچىلىك نەپ ئالالىدى. ئەگەر بىر كۈنلەر كېلىپ، بارلىق ئوقۇتقۇچىلارغا كومپيۇتېر ئومۇملاشسا، ئۇ چاغدا كومپيۇتېرغا تەييارلانغان دەرسلەرنى دەپتەرگە تەكرار – تەكرار كۆچۈرتۈپ چىقىش تۈزۈمىنى ئويلاپ تاپىدىغان ئادەملەرنىڭ پەيدا بولماسلىقىغا كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟     
مۇھاكىمىلىق سوئاللار بىلەن يېتەكلەش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەنە بىر ئورتاق ئالاھىدىلىكى ئىكەن. ئۇلار لاھىيەلەپ كىرگەن مۇھاكىمە نۇقتىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە يۆنۈلىشىدىن قارىغاندا، سۆزلىمەكچى بولغان بارلىق مەزمۇنلار مۇشۇ سوئال ياكى ئىزدىنىش نۇقتىلىرىدا ئەكس ئېتىدىكەن. بارچە سوبيېكتىپ ئىجرائىياتلار مۇشۇ ئىزدىنىش تەلىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مۇھاكىمە جەريانىغا ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى باراۋەر ئاساستا قاتنىشىدىكەن. كۈتمىگەندە شاخلاپ چىققان سوئال ( مەن مۇشۇنداق سوئاللارنى تولا سوراپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇھاكىمە لاھىيەسىنى كۆپ قېتىم بۇزۇۋەتتىم ) ۋە ئۇنىڭغا قاتناشقان ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەرنىڭ مۇھاكىمىلىرىمۇ كومپيۇتېردىكى مۇناسىپ مەزمۇن بوشلۇقىغا ئوقۇتقۇچى تەرىپىدىن ئۇدۇللۇق خاتىرىلىنىپ ماڭىدىكەن. بەزى چاغلاردا بۇ دەرس سېپى ئۆزىدىن ئىدىيەدە تەييارلىقى بولغان، ئەمما نەتىجىسىنى ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ يوللۇق « شاھمات مۇسابىقىسى » شەكلىدىكى دەرسكە ئايلىنىپ كېتىدىكەن. بۇنداق ۋاقىتلاردىمۇ ئوقۇتقۇچىلار زادىلا تېرىكمەيدىكەن. ئەكسىچە، بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى شاخلانما مۇھاكىمە جاڭگاللىرىدىن باشلاپ چىقىپ، ئاساسىي مۇددىئا مۇھاكىمىسىگە يېتەكلەپ كىرىدىكەن. بۇ جەرياندا، گەرچە دەرس ۋاقتى ئازراق ئېلىنىپ كەتسىمۇ، كۆپۈنچە ھاللاردا ھېچ كۈتمىگەن سوبيېكتىپ ئۈنۈم ۋە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلىدىكەن. ئوقۇغۇچى ئۈچۈنمۇ، ئوقۇتقۇچى ئۈچۈنمۇ يېڭى، ئۇنتۇلماس ۋە تەكرارلانماس مۇھاكىمە مۇھىتى ھاسىل بولىدىكەن. ئاخىرقى ھىسابتا نىشانغا يەنىلا يېتىپ بارىدىكەنمىز. مۇھاكىمە جەريانىدىكى تۈرلۈك كۆزقاراشلارنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تېنىمسىز خاتىرىلەپ مېڭىشلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن _ مۇشۇ دەرسىنىڭ تەكرارلانماس بولغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك. ئويلاپ قالدىم: دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا مۇھاكىمە شەكلى قوشۇمچە ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ، چوڭقۇرلاپ پىكىر يۈرگۈزۈشكە سەل قارىلىۋاتقان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى « DCBA » شەكلىدىكى يۈزە ھۆكۈم قىلىش قىزغىنلىقى قاپلاپ كەتكەن مۇشۇ كۈنلەردە، بۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى تەكىتلەشنىڭ بىزگە ئاز – تولا ياردىمى بارمۇ قانداق؟
ئوقۇتقۇچىلار دەرسخانىدا ئىلھاملاندۇرۇش ئۇسۇلىغا كۆپلەپ مۇراجىئەت قىلىدىكەن. ھەرقانداق بىر مۇھاكىمىدە ياكى سوئاللارغا جاۋاب ئېلىشتا مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيىدىكەن. خاتا جاۋاب ياكى مۇھاكىمىلەر ئوتتۇرىغا چىققان ھالەتتىمۇ، ئالدىراپ ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئوتتۇرىغا قويمايدىكەن، ئەكسىچە، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە توغرا پىكىر يۆنۈلۈشىگە يېتەكلەيدىكەن. ماختاش بىلەن، تەپەككۇردا ئەگەشتۈرۈش بىلەن، سوئاللىق غىدىقلاش بىلەن، مۇھاكىمىلىق يانداشتۇرۇش بىلەن..... نىشانغا يېقىنلاشتۇرۇپ بارىدىكەن. دەريادا بىر چۆكۈپ، بىر لەيلەپ، گاھ تېلىقىپ، گاھ قېقىلىپ ئاخىرى قىرغاققا چىققان ئادەمدەك، ئوقۇغۇچى ئۇزاق ئېزىقىش، ئارىلاشتۇرۇش جەريانىدىن كېيىن توغرا تەپەككۇر ئىزىغا چۈشكەندە بولسا، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ چىرايلىق سۈپەتلەر بىلەن ئايىماي ماختايدىكەن. « ياخشى »، « بارىكاللا »، « قالتىس ياخشى » ، « ئاجايىپ ياخشى ».... دېگەندەك سۈپەتلەشلەر ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىدىغان دائىملىق مۇكاپاتلىرى ئىكەن. بۇنداق دەرسلەردە ئوقۇغۇچى ئۆزىنى ھەممىنى بىلىدىغاندەك، دۇنيادىكى ئەڭ ئەقىللىق ئادەم ئۆزىدەك ھىس قىلىدىكەن. بۇنداق ئىلھاملاندۇرۇشلار، بۇقەدەر كاتتا مەدھىيەلەر ئىچىدە تۇرغان ئوقۇغۇچىنىڭ دەرسكە ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرۇشتىن ئۆزگە يەنە نېمە خۇشلىقى بولسۇن. ئىپادىسىز ئولتۇرۇش، ئەپقاچتى خىياللارنى سۈرۈش، ھەتتا ئۇخلاپ قېلىشلارغا قانداقمۇ كۆڭلى بارسۇن؟ ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى مۇشۇ خىل ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئۈنۈملۈك دەپ قاراپ قوللىنىۋاتقان يەردە، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ۋاز كېچىشىگە نېمە باھانە – سەۋەبلەر بولسۇن. ئىلھاملارندۇرۇش ۋە مەدھىيەلەرگە قىزغىنلىق، كەڭ قورساقلىق ھەم سەبرى – تاقەتتىن باشقا، بىزدىن يەنە قانداق دەسمايە كېتەتتى؟
روھىي ھالەتنى تۇراقلاشتۇرۇپ، پىسخىكا جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىكەن. ئوقۇتقۇچىلار گوياكى پىسخىكا دوختۇرىغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. ئۇلار دەرسخانىغا كىرىپلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ روھىي ھالىتىگە دىققەت قىلىدىكەن. كەيپىياتنى تەڭشىمەي تۇرۇپ دەرس باشلىمايدىكەن. ئومۇمنىڭ ۋە شەخسىينىڭ كەيپىياتىغا قاراپ تۇرۇپ ئورتاق ياكى كونكىرتنى شەخسىيگە مۇناسىپ ھالدا « روھنى كۆتۈرۈش » چارىلىرىنى قوللىنىدىكەن. مەسىلەن، يېزىقچىلىق ماھارىتى دەرسىدە، ئومۇمىي كەيپىياتنى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە، مۇئەللىم بىزگە تېلېفونى ئارقىلىق ناھايىتى يەڭگىل ۋە يېقىملىق بىر مۇزىكىنى قۇيۇپ بەردى. شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ، كىشىنى ئۇيقۇ دۇنياسىغا باشلاپ كىرىدىغان بىر پارچە لىرىك نەسىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى. مۇزىكىمۇ ئۇيقۇ، نەسىرمۇ گوياكى ئۇيقۇ ئىدى. لىرىك مۇزىكا ۋە تاتلىق نەسىرنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن ھاسىل بولغان يېڭى بىر دۇنيا _ سۇلار ئېقىپ تۇرغان، قۇشلار سايراپ تۇرغان چەكسىز ۋە ياپ – يېشىل قىرغاق ئادەمنى ئۇيقۇغا چىللايتتى.  كۆزلەر ئاستا – ئاستا يۇمۇلدى. ئون مىنۇت ئۇخلىغاندىمىز ياكى ئۇنىڭدىن كۆپراق. لېكىن شۇنىڭدىن كېيىنلا روھىمىز بىردىنلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. مۇئەللىم شۇنىڭغا ئۇلاپلا بىزدىن، مۇزىكا ۋە نەسىر ياراتقان تەسەۋۋۇر دۇنياسىدىكى كۆرگەنلىرىمىزنى سورىدى. دەرس شۇ تەرىقىدە باشلىنىپ كەتتى. تەسەۋۋۇرىمىزدا پەيدا بولغان گۈزەل دۇنيانى تەسۋىرلەشمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭلا باشلاندى.... مانا بۇ ئاددىي ۋە ئەمەلىي ئۇسۇل ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى ئارام ئالدۇرۇش، ھوزۇرلاندۇرۇش، كەيپىياتنى تەڭشەش، كۈي – ئۇدارلارنى پەرق ئەتكۈزۈش، گۈزەللىكنى ھىس قىلدۇرۇش، تەسەۋۋۇر قىلدۇرۇش.... دەك كۆپ خىل ئۈنۈمگە ئېرىشكەن بولدى. ئايرىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇش ئۈچۈنمۇ تۈرلۈك چارىلەرنى قولىنىدىكەن. مەسىلەن، كەيپىياتى تۆۋەن ئوقۇغۇچىنىڭ شۇ تاپتا نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، ئاخشام قانداق چۈش كۆرگەنلىكىنى، بالىلىقىدىكى قىزىقىشىنى، ياخشى كۆرىدىغانلىرىنى، بىر قىسىملارنىڭ ھەتتا تەرجىمىھالىنى سورايدىكەن. قىسقىسى، ئەمەلىي ئەھۋالغا قاراپ، شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ روھىنى كۆتۈرىدىغان تۈرلۈك سوبيېكتىپ قوزغىتىشلارنى ئويلاپ تاپىدىكەن. شۇنداق كۈنلەرمۇ بولدىكى، ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىرىپلا، روھىي جەھەتتىن بىئاراملىق ھىس قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىنى بايقاپ، ئۇنىڭ يەلكە، بەل، بېلەكلىرىنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى. تاكى ئۇ ئوقۇغۇچى « راھەتلەندىم » دېگۈچە ئۇۋىلاپ، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇردى. ئازادە مۇھىتنىڭ دەرسخانىدىكى بارچە نىشاندا ئۈنۈم قازىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىكەنلىكىنى ئۇلار ھەممىدن ياخشى بىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ئۇلار دەرسخانىدا روھىي ئازادىلىك يارىتىش يولىدا قولىدىن كېلىدىغانلىكى تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن. دەرسنىڭ ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھېچ ئىككىلەنمەي ئوقۇغۇچىسىنىڭ بەدەنلىرىنى ئۇۋىلاپ قۇيۇۋاتقان بىر ئوقۇتقۇچى ( بىر دوكتور )نىڭ، ئۆز دەرسىنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يەنە ئۇنىڭدىنمۇ دادىلراق ئىجادىي پىداكارلىقلارنى كۆرسىتەلىشىدىن قانداقمۇ گۇمانلانغىمىز كەلسۇن. مۇشۇ ئۇسۇلنى كۆچۈرۈپ كېلەيلى دېمەكچى ئەمەسمەن. دېمەكچىمەنكى، بۇ ئۇسۇلنى ئومۇملاشتۇرۇشقا بولمىغاندىمۇ، ھېچ بولمىسا مۇشۇ ئۇسۇلغا سىڭگەن روھ ھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشقا بولماسمۇ؟   
تەسەۋۋۇرنى قوزغىتىپ، تۇيغۇنى ئېچىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىكەن. بۇلارنىڭ يېزىقچىلىق ماھارىتى دەرسى گوياكى پىسخىكىلىق دىياگىنوز جەريانىغا، گوياكى روھىيەت سىرلىرىنى يېشىش ئىزدىنىشلىرىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن. دەرسخانىدا « پالانى تېمىدا مۇنداق ئەسەر يازىمىز » دېيىشنىڭ ئورنىغا، ئاۋۋال مەلۇم سوبيېكتىپ مەشغۇلات جەريانىنى تاماملاپ، شۇ ئارقىلىق تەسەۋۋۇرغا يول ئاچىدىكەن ۋە يېزىش نۇقتىسىنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئېتىدىكەن. بۇنداق ئۇسۇلدا ھەم چارچاش _ زېرىكىش يۈز بەرمەيدىكەن، ھەم ئۈنۈملۈك يازدۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن. مەسىلەن، « يېزىقچىلىق ماھارىتى » دەرسىدە مۇنداق بىر ئۇسۇل قوللىنىلدى: ئوقۇتقۇچى ھەر بىرىمىزدىن « سىزگە قايتا تۇغۇلۇش، ئەمما ھايۋان بولۇش نېسىپ بولسا، قايسى خىل ھايۋان بولۇپ يارىلاتتىڭىز؟ » دېگەن سوئالنى سورىدى. ساۋاقداشلىرىمىز ئۆز قىزىقىشلىرى بويىچە بەزىلىرى قوي بولاتتىم دېسە، بەزىلىرى كالا بولۇپ يارىلاتتىم دېدى، يەنە بەزىلىرى خانقىز، كېپىنەك، كەپتەر.... بولۇش ئارزۇلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى ۋە ئۇنىڭ سەۋەبىنى شەرھىيلىدى. ئوقۇتقۇچى مۇشۇ جاۋابلار ئاساسىدا، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ پىسخىكا ئالاھىدىلىكى، ياخشى كۆرۈش نۇقتىسى، يېزىقچىلىقتىكى مايىللىقى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئىمكانىيىتى.... قاتارلىقلار ھەققىدە پىسخىكىلىق ئانالىزىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ تەكلىپلەرنى بېرىپ، ئىلگىرىلەش يولىغا ئىلھام بەردى. ئېسىمدىن چىقمايدۇكى، شۇ قېتىملىق دەرستە مەن ئوقۇتقۇچىغا ئاساسەن ماسلاشمىدىم. « سىز قايسى ھايۋان بولۇپ يارىلاتتىڭىز؟ » دېگەن سوئالغا مەن : « قايتا يارىلىش نېسىپ بولغان ھالەتتىمۇ مەن يەنىلا ئادەم بولۇپ يارىلاتتىم. چۈنكى، بىرىنچىدىن، ئادەم ئادەم ئاتالغىنى بىلەن، ئۇ يەنىلا يۇقىرى دەرىجىلىك ھايۋان. ھايۋانلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەقىللىق، كۈچلۈك ھايۋان. ئىككىنچىدىن، ئادەم ئاتالغان بۇ ھايۋان دۇنيانىڭ غوجايىنى. پۈتكۈل ئىجاد – ئىختىرانىڭ ئېگىسى. ئۈچىنچىدىن، ئادەم، ياراتقۇچىنىڭ، ئالەمنىڭ ئەڭ ئەزىز مەخلۇقاتى. تۆتىنچىدىن،...... » دەپ جاۋاب بەردىم. مۇئەللىم كۆزلىرىنى يۇمۇپ بىرھازا تۇرۇپ كەتتى ۋە يەنە: « ھايۋان بولۇپ يارىلىشتىن باشقا يول بولمىسىچۇ؟ » دەپ يېنىشلاپ سورىدى. شۇ ئارىدا باشقىلار تۇشمۇ تۇشتىن: « مۇئەللىمگە ماسلىشىڭ. ئەگەر ھايۋان بولۇپ يارىلىش پۇرسىتىلا بېرىلسە قانداق قىلاتتىڭىز دەۋاتىدۇ » دەپ، مېنى مەلۇم بىر ھايۋاننى تاللاشقا دەۋەت قىلىشتى. « ھايۋان بولغانىكەن، ئادەممۇ بولىدۇ. ئەگەر ئالەمدە ئادەم يوق دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق، ئۇ چاغدا مەن يارىلىشنى خالىمىغان بولاتتىم. » دەپ جاۋاب بەردىم جاھىللىق بىلەن. نېمە ئۈچۈندۇر مۇئەللىم ماڭا پىسخىكىلىق دېياگنوز قويمىدى. بەلكىم قۇيالمىغاندۇر. قىسقىلا قىلىپ « ئابباسمۇ ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكىنى دېدى. ھەقىقەتەن بۇمۇ بىر خىل قاراش » دەپلا قويدى. ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىگە ماسلاشمىغان بولساممۇ، لېكىن شۇ قېتىملىق دەرستىكى تەرسالىقىمدىن تا بۆگۈنگىچە ئىپتىخارلىنىمەن. يەنە بىر قېتىملىق دەرستە مۇئەللىم، چوڭ – كىچىك ئىككى ئېيىقنىڭ شۈرمەل قاپلىغان تاغ ئېقىنىدىن ئۆتۈۋاتقان ھالىتى چۈشۈرۈلگەن رەڭلىك سۈرەتنى ئېكراندا كۆرسەتتى ۋە ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، ئاشۇ سۈرەتنىڭ خاتىرىمىزدىكى ئىزناسىنى، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇر دۇنيارىمىزدىكى ئىنكاسىنى، ئىستېتىك قىممىتىنى، ماتىرىيال دائىرىسىنى، تېماتىك ئىمكانىيەتلىرىنى، تەسۋىرلەش نۇقتىلىرىنى، تايىنىش ئاساسلىرىنى..... بىرمۇ بىر سورىدى. ئاخىرىدا، ژانېر بېكىتىلىپ، مۇشۇ ژانېر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلدى ۋە يېزىش مەشقى باشلاندى. تۇيغۇمىزدا ئاجايىپ بىر دۇنياغا كىرىپ قالغانلىقىمىزنى، تەسەۋۋۇرۇمىزدا ئۆزىمىزمۇ سەزمىگەن ھالدا يېڭى ئىماگلار پەيدا بولىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدۇق. ئېست، شۇ تاپتا ئانا تىلىمىزدا يېزىش پۇرسىتى بولغان بولسا، يازغىنىمىزغا ئوقۇتقۇچىمۇ ھەيران قالماسمىدى، دەپ ئويلىدىم. لېكىن يەنىلا يات تىلدىكى ئىماكانىيىتىمىز بويىچە يازماي بولمىدى. قىزىق يېرى، يەنىلا ئوقۇتقۇچىنىڭ « ياخشى »، « قالتىس » دېگەن ماختاشلىرىدىن قۇرۇق قالمىدۇق. يەنە بىر قېتىملىق دەرسنى تۇيغۇنى ئېچىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى بولدى دەپ ئويلايمەن. شۇ دەرستە، مۇئەللىم ئالدى بىلەن ھەر بىرىمىزنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا « ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق » رولىنى ئالغۇزدى. بىزگە قۇتقۇزۇش بويۇمى، پۇل تارقىتىپ، نەق مەيداندىكى پىسخىك ئىنكاسىمىزنى باھالىدى. ھەر بىرىمىزنىڭ رول ئىجرا قىلىش ئىپادىمىزدىن، خاراكتېرىمىز، مايىللىقىمىز، ئىچكىي دۇنيارىمىزدىكى ئەۋزەللىك ۋە توسالغۇلار ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزدى. بۇنى يەنە يېزىقچىلىق ماھارىتى ۋە بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش يوللىرىغا تەدبىقلاپ، تۇيغۇمىزدا يېڭىچە بىر ئىپادىلەش ئىمكانىيەت دۇنياسىنى پەيدا قىلدى. تەسەۋۋۇرۇمىزغا بىراقلا ساناقسىز پەرۋاز بوشلۇقلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى. مۇشۇ دەرسنىڭ داۋامى بىزنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرىۋەتتى. ھېلىلا « ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق » نامىدا ياردەمنى قوبۇل قىلغان بىز، بىردىنلا ئايرىم – ئايرىم ھالدا ناھىيە ھاكىمىغا ئايلىنىپ، ئاپەت رايونلىرىدىكى خەلق ئاممىسىدىن ھال سورىدۇق. ماددىي بۇيۇم، نەق پۇل تارقاتتۇق. ھاكىم رولىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىدىن ھال سورىغان، ھال سوراش بويۇمى تارقاتقان، چىراي ۋە ھەرىكىتىمىزدىن ھېسىداشلىقىمىزنى بىلدۈرگەن..... ۋاقىتتىكى ئىپادىمىزدىن، مەنىۋىي دۇنيارىمىز، پىسخىكا ئالىمىمىزنىڭ يەنە بىر يۈزىگە، ئالدىنقى قېتىم ئايان بولمىغان يۈزىگە دېئاگنوز قويدى. ھەرىكىتىمىز، تۇرقىمىز، چىراي ئىپادىمىز، مۇئامىلىمىز، ھەتتا پۇلنى ئاز ياكى كۆپ تارقاتقانلىقىمىز، قايسى شەكىلدە بەرگەنلىكىمىز.... قاتارلىق ئىنچىكە ھالقىلارغىچە دىققەت قىلىنىپ، يېڭىباشتىن پىسخىكا ئانالىزى قىلىندۇق. ئالدىنقى قېتىم _ « قۇتقۇزۇش بويۇمى ئالغۇچى » رولىنى ئالغان چېغىمىزدا بىلىنمىگەن ياكى يوشۇرۇنۇپ قالغان پىسخىكا ئىپادىلىرىمىز بۇ قېتىم تولۇق قېزىپ چىقىلدى. تاكى بۆگۈنگىچە مېنىڭ پىسخىكامغا دىياگنوز قۇيالمىغان مۇئەللىم، بۇ قېتىم مېنى ئېنىق باھالىدى: « ئابباس ئىچ مىجەز، تارتىنچاقكەن. ئۇ ھال سوراش جەريانىدا، ھاكىمغا _ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بۇيۇمى تارقاتقۇچىغا ئەمەس، ھال سوراش بويۇمىنى قوبۇل قىلغۇچىغا ئوخشاپ قالدى. كىچىك پېئىللىقنى چەكتىن ئاشۇرىۋەتتى.» دەرھال قوشۇمچە قىلغۇم كەلدى: ھەقىقىي ئىنسانىي تۇيغۇسى بار ھەرقانداق بىر رەھبەر، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقى ئالدىدا ئۆزىنى گۇناھكار ھىسابلايدۇ. خەلقىگە باش ئېگىپ تۇرۇپ ھال سورايدۇ. چەت ئەللەردە شۇنداق.... ئەمما دەرسنىڭ قىزغىن داۋاملىشىشى بۇ گەپنى دەۋېلىشىمغا پۇرسەت بەرمىدى. كىيىن ئويلىدىم: مۇئەللىمنىڭ كۆزدە تۇتىۋاتقىنى بەلكىم جۇڭگوچە ھال سوراش بولسا كېرەك. شۇنىڭدىن كىيىنلا دەرسنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا ئۆتتۇق. ئەركىن سايلام ئۆتكۈزۈلۈپ، ھاكىم سايلىدۇق. ئاۋۋال ئۆزىمىزنى كۆرسەتتۇق. ئاندىن سايلام بېلىتى تاشلاندى. ھال سوراش جەريانىدىكى ئىپادىمىز سايلامغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى. جۇڭگودىكى كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا « كىچىك پېئىللىقنى چەكتىن ئاشۇرىۋەتكەن » ئادەم ھاكىم بولالمىسا كېرەك، ئۆزۈمنى ھاكىملىقتىن ئېشىپ، شۇجى بولۇشقا كۆرسەتسەممۇ، ئاخىرقى ھىسابتا يەنىلا مۇئاۋىن ھاكىم بولۇپ سايلاندىم. ئېھتىمال، جۇڭگودىكى سايلىغۇچىلار نەزەرىدە، مۇئاۋىنلارنىڭ ئىچىدىلا كىچىك پېئىل ئادەملەر ئانچە –مۇنچە كۆزگە چېلىقسا كېرەك. سايلامدىن كېيىن شۇجى ۋە ھاكىم بولۇپ سايلانغانلار ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى ۋە ھال سوراش نۇتقى سۆزلىدى. پىسخىك ئانالىز شۇلارغا مەركەزلىشىپ، نۇتۇق جەريانىدىكى ئىپادىگە ئاساسەن، سۆزلىگۈچىلەرنىڭ روھىدىكى ئەۋزەل ئامىللار ۋە يەنە جارى قىلدۇرىدىغان، دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار توغرىسىدا ئىزاھات بېرىلدى. ئاخىرى بېرىپ يەنىلا يېزىقچىلىق ئەمەلىيىتى ۋە جەريانىغا تەدبىقلاندى. تۇيغۇنى ئېچىپ، روھىي جەھەتتىن ئۆزىنى تولۇق قۇيۇۋېتىشنىڭ تەسەۋۋۇرغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى، ئىپادىلەش ئىمكانىيەتلىرىنى ئاشۇرۇشتىكى ئەۋزەللىكى، مەنىۋىي مۇھىتقا چۆكۈش تىرىشچانلىقىغا ئېلىپ كېلىدىغان نەپ – مەنپەئەتلىرى..... خۇسۇسىدا سۆز يورۇتۇلۇپ، دەرس ئۆز نىشانىغا يەتكەن بولدى. شۇنداق يەكۈن چىقىرىلدىكى، يازغۇچىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگىلى بولمايدۇ. ئەمما يازغۇچىلىق خېمىرتۇرۇچى بولغان ھەرقانداق بىر ئادەمدىكى يوشۇرۇن تالانتنى تەربىيەلەپ ئۆستۈرگىلى، ئۇنى ئەسلىدىكىدىن بالدۇرراق چاقناتقىلى، بېكىك ھالەتتىن ئېچىلغان ھالەتكە يۈزلەندۈرگىلى، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا سەكرەتكىلى بولىدۇ. تەربىيە ئارقىلىق، يازغۇچىنىڭ ماتىرىيالى تۇرۇپمۇ ئۆزىنى تونۇيالمىغان ئادەملەرنى يېزىقچىلىق سېپىگە قايتۇرۇپ كېلىش تامامەن مۈمكىن. ئۆز پەللىسىدىن ھالقىيالمايدىغان يازغۇچىلارنى يېڭى ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتۈرۈش، يەنىمۇ ياخشى يېزىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە قىلىشمۇ ھەم مۈمكىن. تەربىيە يوق تالانتنى پەيدا قىلالمايدۇ، لېكىن بايقالغان تالانتنى يۈكسەلدۈرۈپ، يېڭىدىن – يېڭى پەللىلەرگە ئۇلاشتۇرالايدۇ. ئويلاپ قالدىم: بىزدىكى چەت ناھىيە ۋە يېزا – قىشلاقلاردا ئۆمۈر بويى يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنپ كەلگەن، ئەمما باشقىلارنىڭ ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىنى ئۈلگە قىلىشتىن باشقا تەربىيە كۆرمىگەن سساناقسىز پىداكارلار بار. ئەگەر مۇشۇلار مەخسۇس تەربىيەلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىسە، بۆگۈنكى ئىجادىيەت ئەھۋالىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر بولار؟ .....
ئويلىمىغان نۇقتىدىن چىقىپ پىكرىي قوزغىتىش ھاسىل قىلىدىكەن. ئادەتتە، دەرسخانىدىكى بارچە مەقسەت ئۈنۈم ئۈچۈن دەپ قارىلىدۇ. ئۈنۈم دېيىلگەندە، كۆپراق ھالدا يەتمەكچى بولغان نىشان كۆزدە تۇتىلىدۇ. نىشانغا يېتىشتە، ئەلۋەتتە دەرسنىڭ مەزمۇنى توغرا، تولۇق يەتكۈزۈلۈش ئالدىنقى شەرت قىلىنىدۇ. قوللانغان، قوللانماقچى بولغان بارلىق شەكىللەر، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇسۇل ۋە جەريانلار مەزمۇن ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ خىل تەكىتلەش خاتا ئەمەس. ئەمەلىيەتتىمۇ، مەزمۇننى مەقسەد قىلمىغان ھەرقانداق شەكلىي ئورۇنۇشلار ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئويۇندىن باشقا نەرسە ھىسابلانمايدۇ. لېكىن، نىشانلانغان مەزمۇننىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن مۇئەييەن ئۇسۇل ۋە شەكىللەرگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەڭ بىلىملىك ۋە ناتىق ئوقۇتقۇچى بولغان تەقدىرىدىمۇ، ئۇنىڭ يەتكۈزۈش مىتودى مۇۋاپىق بولمىسا، ئېنىق ئېيتقاندا، يېڭىچە يەتكۈزۈش شەكىللىرى ۋە ۋاستىلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانمىسا، ئۇنىڭ لېكسىيەلىرى پەقەت بىرقانچە سائەتكىلا يارايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەرسلىرىنى ھەرقانچە كۈچەپ سۆزلىگەن ھالەتتىمۇ يەنىلا تۇنجى سائەتلىك دەرس قېلىپىدا قېلىۋېرىدۇ. تەسىر ۋە جەلپكارلىقىنى يوقىتىدۇ. كۆڭۈل قۇيۇپ ئاڭلايدىغان ئادەم قالمايدۇ. شۇڭا، ئوقۇتقۇچى ئۆز جەلپكارلىقىنى مەڭگۈ ساقلاش ئۈچۈن، مېتود جەھەتتىن، يەنى يەتكۈزۈش شەكىللىرى ۋە ئۇسۇللىرى جەھەتتىن ئۆزىنى داۋاملىق يېڭىلاپ تۇرىشى كېرەك. گەرچەيەتكۈزۈش جەريانىدىكى تۈرلۈك شەكىللەر ۋاستە ھىسابلانسىمۇ، مەقسەد ئۈچۈن يەنىلا ۋاستە زۆرۈر. ۋاستە بولغاندىلا، مەقسەدكە يەتكىلى بولىدۇ. ۋاستە قانچىكى ئۈنۈملۈك تاللانسا، نىشان - مەقسەدكە شۇنچە تېز يەتكىلى بولىدۇ. بۇ ھەممىگە ئاشكارە پېداگوگىكىلىق قانۇنىيەت. ھىس قىلىشىمچە، بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلار مەزمۇن بىلەن يەتكۈزۈش شەكلىنى ئورگانىك بېرىكتۈرۈش ئۇسۇلىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋېتىپتۇ. ھەتتا بۇلارنىڭ ھەر سائەتلىك دەرسى يېڭى بىر خىل شەكىل ئىجادىيىتىگە سىڭىشىپ كېتىدىكەن. يەتكۈزۈش شەكلىگە زىيادە كۈچەپ كەتكەنلىكتىن، بەزىدە ئادەم، بۇ دەرسنىڭ مەقسىدى بىلەن ۋاستىسى ئارىلىشىپ كەتكەندەك، ۋاستە مەقسەد ئورنىغا ئۆتۈپ قالغاندەك ھىس قىلىپمۇ قالىدىكەن. بىراق، نەتىجە ئۇنداق بولۇپ چىقمايدىكەن. لاھىيەلەنگەن ۋاستە جەريانى تاماملانغاندىن كېيىن، ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان بىر بوشلۇققا كىرىپ قالغانلىقىڭىزنى ۋە يېڭىچە بىر تەپەككۇر شەكلىنى تېپىۋالغانلىقىڭىزنى چۈشۈنۈپ يېتىدىكەنسىز. مۇشۇنىڭ ئۆزى نىشانغۇ. سىز تۇيىمايلا كېلىپ قالغان بۇ نىشان _ دەل يەتمەكچى بولغان مەقسەدقۇ. شۇڭلاشقا، يەتكۈزۈش شەكىللىرى ھەققىدە كۆپراق ئىزدىنىشىمىز، مۇۋاپىق ۋە يېڭىچە يەتكۈزۈش شەكىللىرىنى ھە دېگەندىلا قاراقۇيۇق شەكىلۋازلىققا جوراپ، ئۇنى ئۈزۈل – كېسىل يوققا چىقارماسلىقىمىز كېرەككەن. سەھىپىنى بەك سوزىۋەتمەسلىك ئۈچۈن بىرلا مىسال ئالاي. بىر قېتىملىق دەرستە، مۇئەللىم ھەر بىرىمىزنى ئۆز خاتىرىمىزگە 20 دىن سۆز يېزىشنى، بىر سۆزنىڭ ئىككى يەردە تەكرارلىنىپ قالماسلىقىنى، ئىمكانىيەت بولسا، سۆزلەرنىڭ مەنە جەھەتتىن بىر – بىرىنى تولۇقلاشچانلىق تۈسىگە ئىگە بولىشىنى.... تەلەپ قىلدى. سۆزلەر يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئىسمىمىزنى ئاتاپ تۇرۇپ خاتىرىلىرىمىزنى ئالماشتۇرغۇزدى. كىمنىڭ كىم بىلەن خاتىرە ئالماشتۇرغانلىقىنى كومپيۇتېرىغا يازدى. ئەلۋەتتە، بۇنى بىز ئېكراندىن كۆرۈپ تۇردۇق. شۇنىڭدىن كېيىنلا، ئالماشتۇرغان خاتىرىدىكى سۆزلەرنى ئاساس قىلىپ ھېكايە توقۇشنى بۇيرىدى. بىرىمىز تۈزگەن سۆزلەرگە باشقا بىرىمىز ھېكايە توقۇشقا مەجبۇر بولدۇق. ئالدىن ئويلىنىۋېلىشقا، مەسلىھەتلىشىشكە پۇرسەت بولمىدى. بېرىلگەن ۋاقىت توشقاندا، توقۇلغان ھېكايىلەر بىر- بىرلەپ ئوقۇلدى. مۇئەللىم بىر تەرەپتىن ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپتىن ئۇنى كومپيۇتېرىغا خاتىرىلەپ ماڭدى. ئاخىرىدا ھەممە توقۇلمىلار ئايرىم – ئايرىم ۋە يېزىقچىلىق نەزەرىيىۋىي ئاساسلىرى بويىچە تەھلىل قىلىندى. ھەر بىرىمىزنىڭ تەسەۋۋۇر، توقۇش، ئىپادىلەش ۋە ئىستىلىستىكا ماھارىتىمىزگە بىز ئويلىمىغان نۇقتىلاردىن باھا بېرىلدى. كەم تېپىلىدىغان سۈپەت سۆزلىرى بىلەن ماختالدۇق. ئويلىدىمكى، پېداگوگىكىلىق ۋاستە ئارىسىغا سىتىرولۇق مەقسەدنى يوشۇرۇش _ بۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئارتۇقچىلىقى ئىكەن. شەكىل ئىجادىي ۋە توغرا تاللانسىلا، مەقسەدكە ئەڭ زور ئۈنۈمدە يەتكىلى بولىدىكەن. تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا، ۋاستە _ ئۈنۈم ئىكەن.
قىزغىن، ئوچۇق – يورۇق ۋە كەمتەر بولۇش _ بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورتاق خىسلىتى ئىكەن. ئاۋۋال ماسلىشىشچان مۇھىت يارىتىپ، ئاندىن روھىي دۇنياغا ئىچكىرىلەپ كىرىش _ دەرسخانىدىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. بۇ خىل ئۇسۇل، بۇ يەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتىدە تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئۆز قىممىتىنى تېپىپتۇ. ئالاھىدە دىققەت قىلغىنىم شۇكى، ياش ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن ياكى پېشقەدەملەر بولسۇن، دەرسخانىغا كىرگەن ھامان چىرايىدىن كۈلكە ياغدۇرغان ھالدا دەرس باشلايدىكەن. ئۆيىدە زادىلا خاپىلىق تارتمايدىغان ئادەملەردەك، تەبەسسۈم ئۈچۈنلا يارالغان كىشىلەردەك ئېچىلىپ _ كۈلۈپلا تۇرىدىكەن. ھەرقانداق سوئال سورالسا، ھەتتا دەرس سۆزلەۋاتقاندا سوئال سوراپ گېپى ئۈزۈپ قۇيۇلسىمۇ، ئوچۇق – يورۇق ھالىتىنى ئۆزگەرتمەيدىكەن. دەرسخانە ئىچىدە ياكى دەرستىن چۈشكەندە بولسۇن كىبىر – تەمەننا كۆرسەتمەيدىكەن. ئۆز كەسپىنىڭ كامىل مۇتەخەسسىسلىرى تۇرۇغلۇق، مۇغەمبەرلىك، پوچىلىق قىلمايدىكەن. مۇشۇ خىل مۇھىتتا دەرس ئاڭلىغان ئوقۇغۇچى ئۆزىنى ئىللىق بىر دۇنياغا كىرىپ قالغاندەك، دوستلىرى ئارىسىدا پائالىيەت قىلىۋاتقاندەك ئەركىن سېزىدىكەن. تارتىنىش، بېسىم، زېرىكىش، چارچاش ھىس قىلمايدىكەن. بۇنداق مۇھىتتا دەرسنىڭ ئۈنۈمىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بولىدىكەن. دەرسخانىغا كىرگەن ھامان ئوقۇتقۇچىنىڭ قاپىقىدىن مۇز ياغىدىغان، ئوقۇتقۇچى سۈرلۈك، ئوقۇغۇچى ھېيىققاق ھالەتتە سائەت توشقۇزىدىغان، سىرتتىكى خاپىلىقنى دەرسخانىغا سۆرەپ كىرىدىغان، ھەتتا ئۇنىڭ ئاچچىقىنى ئوقۇغۇچىلاردىن چىقىرىدىغان، ئوقۇغۇچىلار دەرس سائىتىنىڭ تېزراق توشىشىنى تىلەيدىغان.... كۆڭۈلسىز ھالەتلەر سادىر بولمايدىكەن. جۇڭگو مائارىپى كوڭزى تەلىم – تەربىيە ئەندىزىسىنى ئاساسىي مەنبە قىلغان مائارىپ. يۇمشاق، سىپايىگەرلىكنى تەشەببۇس قىلىش، روھىدا ئوغا قاينىسىمۇ، چېھرىدىن تەبەسسۈم ئۆچمەسلىك _ كوڭزى ئەنئەنىۋىي ئۆگۈتلىرىنىڭ يادروسى. ئوقۇتقۇچىلار مىجەزىدىكى بۇ خىل سىپايىلىق ئاشۇ خىل ئەنئەنىۋىي تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ ئىنكاسى بولىشى مۈمكىن. بەلكىم سۈپەتلىك مائارىپ تەربىيەسىنىڭ كىشىلەر پىسخىكىسىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرىنىڭ مەھسۇلى بولىشى مۈمكىن. ۋە بەلكىم مېۋىلىك دەرەخ ئېگىلىپ تۇرغاندەك، چوڭقۇر بىلىم قۇرۇلمىسى بۇلارنىڭ ئىنسانىي ساپاسىنى مۇشۇ خىل مۇكەممەللىككە يەتكۈزگەن بولىشى مۈمكىن. كىم بىلىدۇ بەلكىم، ھەرقانداق شارائىتتا تەبەسسۈملۇق ياشاش _ بۇلارنىڭ قېنىدا ئەزەلىي بۇلۇشىمۇ ھەم مۈمكىن. مەيلى نېمىلا بولسۇن، ئوچۇق چىراي، سىيلىق – سىپايە بولۇش بۆگۈنكى ساپا مائارىپى تەربىيەسىدىكى مۇھىم بىر تەشەببۇس. سىرتتا روزا تۇتسىمۇ، سىنىپتا بايرام ئويناش _ پېداگوگىكىنىڭ مەڭگۈلۈك تەلىپى. بۇ جەھەتتىن بۇلاردىن ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىكەن. ئويلاپ قالدىم: يوقالماس تەبۈسسۈم _ خاتىرىجەملىكنىڭ ئىپادىسى. ئۇنداقتا، بۇلار راستىنلا خاتىرىجەممىدۇر؟
مەن يەنە مۇنداق ئويلىدىم: ئىدىيەدە يۈكسىلىش ھاسىل قىلالىغان رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىدىمۇ تەرەققىيات زور بولىدىكەن. مائارىپنىڭ تەرەققىياتى باشقا ساھەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، ئادەملەرنىڭ مەنىۋىي ساپاسىغا، جۈملىدىن پىسخىكىسىغىمۇ ئىجابىي تەسىرلەرنى  كۆرسىتىدىكەن. بۇلاردا مائارىپنىڭ، مائارىپچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئورنى يۇقىرىكەن. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قەدىر – قىممىتى بارىكەن. مائارىپچىلار قەدىر – قىممىتى زىيادە بولغانلىقى ئۈچۈن كۈلەلەيدىكەن. ئىزچىل تەبەسسۈم قىلالايدىكەن. دېمەك، بۇلار بەختلىك شەھەرنىڭ بەختلىك مائارىپچىلىرى ئىكەن. ئەگەر بىزنىڭ مائارىپچىلار بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇش توغرا كەلسە، بۇلار يەنە ئوخشاشلا تەبەسسۈم قىلالارمۇ؟.... يەنە ئويلىدىم: بىزنىڭ يۇرتتىكى ئوقۇتقۇچىلار، بولۇپمۇ چەت يېزا – قىشلاقلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار ھېرىش – چارچاشنى بىلمەي ئىشلەيدۇ. خېلى بىر قىسمى تەتىل، شەنبە – يەكشەنبىلەرنى خىزمەت بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ھەپتە – ھەپتىلەپ سىياسىي ئۆگىنىشكە قاتنىشىدۇ. مەكتەپ باقىدۇ. يول – يوللاردا ساقچى ئورنىدا چازىلارغا قارايدۇ. بىر ئادەم بىرقانچە خىل تەييارلىق بىلەن، ھەپتىسىگە 20-30 سائەتلەپ دەرس ئۆتۈپمۇ يەنە « قوشۇمچە ھەق » دېگەننى كۆرمەيدۇ، بىلمەيدۇ. بۇنى ئاز دەپ، ھەدېگەندىلا ئارام ئېلىش كۈنلىرىگە توغرىلىنىپ كېلىدىغان تۈرلۈك ناملاردىكى شەكلەن ۋە ئۈنۈمسىز تەكشۈرۈشلەر ئۈچۈن كېچە – كېچىلەپ تەييارلىق قىلىدۇ.... لېكىن ئاخىرىدا يەنە، بۇ يەردىكى مۇئەللىملەر بىزنى ماختىغانچىلىق ماختىلىشنىڭ ئوندىن بىرىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ. ئېرىشەلمىسە مەيلى ئىدىغۇ، ئىزا ئىشتىدۇ. شۇڭا بۇلارنىڭ ھېمىشە قاپىقى تۈرۈك. چىرايىدىن تەبەسسۈم قاچقان. ئەگەر ئۇلار ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن شاڭخەيچە شارائىتقا ئېگە بولالىغان بولسا، مۇشۇ خىل ۋايسىماس روھى بىلەن مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن يەنە قانچىلىك پىداكارلىقلارنى كۆرسىتەر ئىدى. يەنە ئەگەر شاڭخەيدىكى مائارىپچىلار بىلەن ئورۇن ئالماشتۇرۇش توغرا كەلسە، بىزنىڭ مائارىپچىلىرىمىز يەنە ئوخشاشلا چىرايى تۇتۇلغان ھالەتتە _  تەبەسسۈمسىز يۈرەرمىدى؟!......
  
ئەدەبىيات كوچىسىدا نېمە غەۋغا؟

شاڭخەينىڭ مائارىپ ئاساسى كۈچلۈك بولۇپلا قالماي، مەدەنىيەت، جۈملىدىن ئەدەبىيات ئاساسىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك. بۇ يەردە خېلى بۇرۇنلا مەملىكەتكە تەسىر كۆرسىتىدىغان غول ئەدەبىيات قوشۇنى ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونولغان داڭلىق ئەدىبلەر سېپى شەكىللەنگەن. بۆگۈنكى كۈندىمۇ يەنە ئەدەبىيات قوشۇنىنىڭ زورلىقى، ئىجاد قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۆپلىكى ۋە رەڭگارەڭلىكى، بۇ ساھەدە يولغا قويۇلىۋاتقان ئىجادىي تەدبىرلەر ھەم مەيداغا كېلىۋاتقان يېڭىلىقلار.... جەھەتتە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلمەكتە. ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سۆزلەپ بەرگەنلىرى، مۇئەللىم، مۇھەررىر ۋە نوپۇزلۇق زىيالىيلاردىن سوراپ بىلگەنلىرىم، يىغىن  - مۇھاكىمىلەردىن ھىس قىلغانلىرىم، تور، كىتاب، گېزىت ھەم ژۇرناللاردىن كۆرگەنلىرىم بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. لېكىن شاڭخەي ئەدەبىياتى پۈتۈن مەملىكەت ئەدەبىياتىدىن ئايرىلغان يەككە – يىگانە ئەدەبىيات ئەمەس. شۇڭا بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلەرنى جۇڭگونىڭ ئومۇمىي ئەدەبىيات مۇھىتىغا بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ بايان قىلىشقا ۋە تەھلىل يۈرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.
ئالدى بىلەن ھىس قىلغىنىم شۇكى، شاڭخەينىڭ ،خۇسۇسەن، جۇڭگونىڭ ئەدەبىيات قوشۇنى ئىنتايىن زوركەن. يازغۇچىلارنىڭ ساپاسىنىڭ قانداق بولىشىدىن ۋە ئەسەرلەر سۈپىتىنىڭ قايسى دەرىجىدە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ساھەدىكى ئىجادكارلارنىڭ ۋە ئۇلار ئېلان قىلىۋاتقان ئەدەبىي ئەسەرلەر سانىنىڭ كۆپلىكى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. ھەيرانلىقىمىزنىڭ يەنە بىر سەۋەبى شۇكى، مەخسۇس ۋە مۇنتىزىم مۇئەسسەسەلەر ھەرقانچە تىرىشقان ھالەتتىمۇ، ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ يىللىق ئېنىق سىتاتىستىكىسىنى زادىلا يەكۈنلەپ چىقارغىلى بولمايدىكەن. نەشرىياتلار، قەرەللىك گېزىت – ژۇرناللار، تور ۋە رادىيو – تېلېۋىزىيە ۋاستىلىرىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر ئۈچۈن ئاجرىتىلغان سەھىپىلەرنىڭ كۆپلىكىدىنلا مۇ نۇقتىنى ھىس قىلىپ يېتىش تەس ئەمەس. بۇنىڭ نوپۇسنىڭ كۆپلىكى سەۋەبلىك مەيدانغا كەلگەن سان مۆجىزىسى ئىكەنلىكىدە گەپ يوق. مۇشۇ خىل مۆجىزىنىڭ، بۇ ساھەدىكى ئادەملەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ بىر –بىرىنى تونۇماسلىقى ۋە ئېتىراپ قىلماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى  يەنە بىر قىزىقارلىق ئىشكەن. بۇ خىل ئەھۋال بەلكىم سۈپەتتە مۆجىزە كۆرۈلگۈچە يەنىلا داۋاملىشىشى مۈمكىن. سۈپەتتە قاچان مۆجىزە كۆرۈلىدۇ؟ بۇنىڭغا پەقەت ۋاقىتلا جاۋاب بېرەلىشى مۈمكىن.
ئەدەبىياتنىڭ تۈرلۈك ژانېرلىرى ۋە بۇ ھەقتىكى نەزەرىيە تەتقىقاتىدا غايەت زور دەرىجىدە چوڭقۇرلاش، مەخسۇسلىشىش، قېلىپلىشىش ۋە كۆلەملىشىش مەيدانغا كەپتۇ. بۇ ساھەدىكى ئادەملەرنىڭ سانىنىڭ كۆپ بولىشى سەۋەبلىك بولسا كېرەك، ئەدەبىياتنىڭ ھەر بىر تۈر _ ژانېرلىرى بويىچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مەخسۇس ئەدىبلەر قوشۇنى ۋە مۇشۇ تۈر – ژانېرلاردا مەيدانغا كەلگەن ئەسەرلەر ھەققىدە مەخسۇس تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر يېتىشىپ چىقىپتۇ. يازغۇچىلار مەخسۇسلىشىپ، رومان يازغۇچىسى، پوۋېست يازغۇچىسى، ھېكايە يازغۇچىسى، قىسقا ھېكايە يازغۇچىسى، نەسىر يازغۇچىسى.... دېگەندەك تۈرلەر بويىچە كۆلەم شەكىللەندۈرۈپ بوپتۇ. تەتقىقاتچىلارمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ھەرقايسى ژانېرلار بويىچە ئۆزىنىڭ مەخسۇس تەتقىقات قوشۇنى ۋە جەمئىيەتلىرىنى بەرپا قىلىپ ئۈلگۈرۈپتۇ. ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئەدەبىيات ئاسپىرانتلىرىمۇ ئەدەبىياتنىڭ مۇشۇ تۈر – ژانېرلىرى تەتقىقاتى يۆنۈلۈشى بويىچە مەقسەدلىك تەربىيەلىنىۋېتىپتۇ. بۇ ساھەدە يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتىن ئۈمىد زوركەن.
ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا كەڭ زېمىن ھازىرلاش ئۈچۈن، ھەرقايسى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت تەتقىقات مەركەزلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن قۇرۇۋېتىپتۇ. مۇشۇ مەركەزلەر ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى، تەتقىقاتچى خادىملار شىتاتىنى كۆپەيتىپ، ئاسپىرانتلارنىڭ سانىنى ھەسىلەپ ئاشۇرۇۋېتىپتۇ.
خەنزۇ ئەدەبىياتى يەنىلا ئەنئەنىۋىي رېئالىزىمنى ئاساسىي ئىجادىيەت يۆنۈلۈشى قىلغان ھالدا ئىلگىرىلەپ كېتىۋېتىپتۇ. گەرچە تۈرلۈك ئېقىم ۋە ئۇسلوبلارغا كەڭ يول بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەنئەنىۋىي رېئالىزىم يەنىلا ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى يوقاتماي، يېتەكچى ئېقىم سۈپىتىدە قوللىنىلىپ كېلىۋېتىپتۇ.   
بۆگۈنكى زامان خەنزۇ ئەدەبىياتى مۇنداق ئۈچ يۆنۈلۈش بويىچە تەرەققىي قىلىۋېتىپتۇ: بىرىنچىسى، قەرەللىك ژۇرناللار يېتەكچىلىكىدىكى ئەنئەنىۋىي ساپ ئەدەبىيات؛ ئىككىنچىسى، سودا نەشرىياتلىرى زور كۈچ بىلەن ئىلھام بېرىۋاتقان ئاممىباب ئەدەبىيات؛ ئۈچۈنچىسى، كۆپ خىل ۋاستىلەر ( مەسىلەن، يانفون، كۆرۈنمە چاستوتا، يېزىق، سۈرەت، رەڭ، ئاۋاز... قاتارلىقلار ) نى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن تور ئەدەبىياتى قاتارلىقلار. قەرەللىك ئەدەبىي ژۇرناللار بازار ئىقتىسادى ۋە باشقا تۈرلۈك بېسىملار ئالدىدا تېز پۈكمەي، بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ ساپ ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ. يۇقىرى قەلەم ھەققى بىلەن نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا ئىلھام بېرىۋېتىپتۇ. مويەن، جىياپىڭۋا، تىيې نىڭ، ۋاڭ ئەنيى، يۈچىيۇ يۈ قاتارلىق تايانچ يازغۇچىلارنى ئەتراپىغا ئويۇشتۇرۇپ، ئەدەبىياتنىڭ ساپلىقىنى قوغدايدىغان قورغان بەرپا قىلىۋېتىپتۇ. ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيىدىغان ساپ ئەدەبىيات يازغۇچىلىرى، ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئەدەبىيات تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئەدەبىي  تەربىيەلىنىش سۈپىتى يۇقىرى بولغان چەكلىك ساندىكى ئوقۇرمەن ۋە ھەۋەسكارلار بۇ سەپنىڭ پىداكارلىرى ئىكەن. سودا نەشرىياتلىرى زور كۈچ بىلەن قوللاۋاتقان ئاممىباب ئەدەبىيات بولسا، ئۆزىنىڭ قىزىق نۇقتىلارغا مايىللىقى، دەۋرچانلىقى، ئاخباراتچانلىقى، ئۇچۇرچانلىقىنىڭ يۇقىرىلىقىغا تايىنىپ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا زور دەرىجىدە قوللاشقا ئېرىشىۋېتىپتۇ. غايەت زور ئوقۇرمەنلەر قوشۇنىنىڭ قوللىشىدا ئومۇميۈزلۈك ھالدا بازارغا يۈزلىنىپ، گۈللەپ – ياشناۋېتىپتۇ. ئالىي ۋە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار، سودا – سېتىق، ھۈنەر – كەسپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى ئىچ پۇشۇقىنى ئەدەبىياتتىن چىقىرىدىغان تۈرلۈك ياشتىكى ئوقۇرمەنلەر، ھەتتا ئىشلەمچى، دېھقانلارمۇ.... بۇ سەپنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىكەن. ئاممىباب ئەدەبىياتقا بولغان قىزغىنلىقنىڭ بۇ دەرىجىدە يۇقىرى بولىشى، بۇ ساھەنىڭ كەسپ ئەھلىلىرىنى ۋە چەت ئەللىك بىر قىسىم ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قۇيۇۋېتىپتۇ. بىر قىسىم چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر ئوچۇقتىن – ئوچۇقلا: « جوڭگو ئەدەبىياتى بىر دۆۋە ئەخلەت » دەپ چوقان كۆتۈرۈۋېتىپتۇ. ساپ ئەدەبىياتنىڭ پىداكارلىرى بولغان بىر قىسىم جۇڭگولۇق مۇتەخەسسىسلەرمۇ ھەسرەت بىلەن : « جۇڭگو ئەدەبىياتى ئەجەللىك ھاڭغا يېقىنلاپ كېتىۋاتىدۇ » ، « جۇڭگو ئەدەبىياتىدا ئۈمىد قالمىدى» دەپ زارلىنىۋېتىپتۇ. ياش بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان تور ئەدەبىياتى تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچكە ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېگە بوپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپ خىل ۋاستىلىق تارقىتىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل قاتلىمىغا يۈزلىنىۋېتىپتۇ. ئىقتىسادىي يەمچۈك ئارقىلىق ئوقۇرمەنلىرىنى كۆپەيتىش، يۇقىرى قەلەم ھەققى ئارقىلىق تور يازغۇچىلىرىنى جەلپ قىلىش، ھەقلىق مۇلازىمەت ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش.... تەك كۆپ خىل نىشانىغا تامامەن يېتىپتۇ. ھەتتا تور ئەدەبىياتى كۈچلۈك، مۇستەقىل ۋە نام قازانغان غول يازغۇچىلار قوشۇنىغا ئېگە بولۇپ بوپتۇ. بۇلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى باسما مەتبۇئات يازغۇچىلىرىنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىپتۇ. بۇ قوشۇن يەنە بارغانسېرى زورىيىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدىكى كۆلەمگە ئۇلىشىپ كېتىۋېتىپتۇ. باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تارتىپ – ئالىي مەكتەپنىڭ پىروفېسسورلىرىغىچە، دېھقاندىن تارتىپ – ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلارغىچە، قىسقىسى، جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل قاتلىمى بۇ ساھەنىڭ يازغۇچى، ئىشتىراكچىلىرى ئىكەن. ئەسەر ئېلان قىلىش يولىنىڭ كەڭ ۋە ئاسان بولىشى بۇ ساھەنىڭ يازغۇچىلار قوشۇنىنى يەنە ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىۋېتىپتۇ. ئەدەبىيات بازىرىنى ئاجايىپ – غارايىپ ئەدەبىي ئەسەرلەر بىلەن كۆمۈۋېتىپتۇ. نەتىجىدە، ياخشى بىلەن ناچارنى، سۈپەتلىكى بىلەن سۈپەتسىزنى ئايرىغىلى بولمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپتۇ. بىر قىسىم ئوبزورچىلار كەسكىن قىلىپلا شۇنداق يەكۈن چىقىرىشىپتۇ : « تور ئەدەبىياتىنىڭ %99.99 ئى ئەخلەت! »  
باسما مەتبۇئات ئەدەبىياتى ساھەسىدە ئاممىباب ئەدەبىياتنىڭ ئوقۇرمەنلىرى مۇتلەق كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىكەن. بەدىئىي سۈپىتى ۋە پىكرىي چوڭقۇرلۇقىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، كىم قىزىق نۇقتىلار ھەققىدە كۆپ يازسا، كىم ئەسەرنى ئەڭ كۆپ يازسا، كىم ئەڭ توم كىتاب چىقارسا، كىم ئەڭ كۆپ قىسىملىق ئەسەر ئېلان قىلسا، شۇنى مەشھۇر ساناش مەنتىقىسى خەنزۇ ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدىكەن.      
ساپ ئەدەبىياتنى چوڭ بىلىش، ئۇنىڭ گۈللەپ – ياشنىشىنى ئارزۇ قىلىش _ خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق زادلارنىڭ ئورتاق ۋە ئەڭ كۈچلۈك چوقانى ئىكەن. ئەدەبىياتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلەر، ئەدەبىياتنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن چۈشۈنىدىغانلار ساپ ئەدەبىياتنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋېتىپتۇ. « مىللىي مەدەنىيەتكە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىدىغىنى _ ساپ ئەدەبىيات »، « ئەدەبىياتنىڭ ساپلىقىنى قوغدايلى » دېگەندەك چوقانلار ياڭراۋېتىپتۇ. مۇشۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە، مۇنازىرىلەرمۇ توختىماي قانات يېيىۋېتىپتۇ.  
نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر: جۇڭگو ئەدەبىياتىدا ئەقىللىق يازغۇچىلار ئاز، ئادەتتىكى يازغۇچىلار زىيادە كۆپ، بەك ناچار يازغۇچىلارمۇ كۆپ ئەمەس، دەپ قارايدىكەن.
مۇتەخەسسىسلەر، جۇڭگودىكى ساپ ئەدەبىياتنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىدىن تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى كۆپراق تىلغا ئېلىشىدىكەن: مويەن ( جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، بېيجىڭدا. )، جىياپىڭۋا ( جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شەنشىدە. )، ۋاڭ ئەنيى ( جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شاڭخەي يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شاڭخەيدە. )، تىيې نىڭ ( جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، بېيجىڭدا. )، يۈچىيۇ يۈ ( جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شاڭخەي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى، مۇدىرى ) قاتارلىقلار.
شاڭخەيدىكى يازغۇچىلار ئارىسىدىن تۆۋەندىكىلەرنىڭ نامى كۆپراق تىلغا ئېلىنىدىكەن: ۋاڭ ئەنيى، يۈچىيۇيۈ، خەن خەن، گوجىمىڭ، جاۋ لىخوڭ، جوۋ لىمىن، شۈدالوڭ، گې خوڭبىڭ....
ئادەتتە خەنزۇ يازغۇچىلىرىنىڭ ھېچبىرى بىر- بىرلىرىنى ئېتىراپ قىلمىغىنى بىلەن، كوللېكتىپ سورۇنلاردا يۈزلەشكەندە ئۆز - ئارا « مۇئەللىم » ، « ئۇستاز » دېيىشىپ، كۆرۈنۈشتە ئاجايىپ قىزغىن ۋە يېڭىچە بىر كەيپىيات پەيدا قىلالايدىكەن.   
جۇڭگو ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى مەشھۇر نامايەندىلەرنىڭ نامى ئاساسەن ئەبەدىيلىشىپ بوپتۇ. مەيلى قايسىلا ئۆلكىگە بارايلى، ئۇنىڭ ساياھەت نۇقتىلىرى، مەدەنىيەت كوچىلىرى، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە سارايلىرى... ئىش قىلىپ ، ئادەم كۆپراق يىغىلىدىغان ئورۇنلىرى ئەدەبىيات پېشۋالىرىنىڭ تەرجىمىھال، سۈرەت، ھەيكەللىرى بىلەن بېزەلگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن سىرت، مەشھۇر نامايەندىلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئەدەبىيات مۇزىيلىرىنى قۇرۇش ئاللىقاچان ئادەتكە ئايلىنىپ بوپتۇ. شاڭخەيدىكى « باجىن تۇرالغۇسى » نى بۇنىڭ تىپىك ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدىكەن. بۇ يەر مەشھۇر يازغۇچى باجىننىڭ ئولتۇراق ئۆيىنى ئەسلى ھالىتى بويىچە ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ قوغداش ۋە بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىمۇ « مەڭگۈلۈك » نى نىشان قىلىپ لاھىيەلەنگەنىكەن. بۇ يەرگە يىغىپ كۆرگەزمە قىلىنغان بۇيۇملارمۇ كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىكەن: باجىننىڭ تۈرلۈك تىللاردا نەشىر قىلىنغان بارلىق ئەسەرلىرى، قول يازمىلىرى، باشقىلار ئۇنىڭغا سوۋغا قىلغان كىتابلار، باجىننىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى شەخسىي، كوللېكتىپ ۋە تۇرمۇش سۈرەتلىرى .... ۋاقىت  تەرتىپى بويىچە تىزىلغاندىن سىرت، ئۇنىڭ ئەڭ كىچىك ماددىي بويۇملىرىغىچە، يەنى، ئۇ ئىشلەتكەن قەلەم، تۈرلۈك يىغىنلارغا قاتنىشىش كېنىشكىسى، ئاپتوبۇس بېلىتى، كۆزەينەك، تۈگمە، يىڭنە.... لەرگىچە ئۆز رېتى بويىچە تىزىلغانىكەن. يىغىلغان بۇيۇملارنىڭ شۇ قەدەر ئىنچىكە، مۇكەممەل ۋە تولۇقلىقىمۇ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىكەن. بۇ يەر گوياكى كىچىك ۋە مۇكەممەل بىر ئىدارە بولۇپ، ئۇنىڭ مەخسۇس تەيىنلەنگەن باشلىقى، خىزمەتچىلىرى، ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى بارىكەن. يەنە مۇشۇ تۇرالغۇنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلغان « جۇڭگو باجىن تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتى » بولۇپ، بۇ جەمئىيەتنىڭمۇ مەخسۇس شىتاتتىكى مەسئۇللىرى ( مەشھۇر ئەدەبىي ئوبزورچى جوۋ لىمىن بۇ جەمئىيەتنىڭ باش كاتىپى ئىكەن ) ۋە تەتقىقاتچىلىرى بولغاندىن سىرت، جۇڭگو بويىچە كۆپلىگەن ئەزالىرى بارىكەن. باجىن ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تەتقىقاتى بويىچە مەملىكەت خاراكتېرلىك يىغىنلار قەرەللىك ھالدا ئېچىلىپ تۇرىدىكەن. ئەمەلىيەتتە، باجىن نامى ئەبەدىيلەشتۈرۈلگەن ساناقسىز يازغۇچىلارنىڭ پەقەت بىرىلا، خالاس.
شاڭخەيدە كەسپىي يازغۇچىلىق تۈزۈمى مۇكەممەل ساقلىنىۋېتىپتۇ. تېخى بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماي، تەكلىپلىك يازغۇچى، توختاملىق يازغۇچى دېگەن ناملاردا يۈزلىگەن يازغۇچىنى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇۋېتىپتۇ.  
ئەدەبىيات بازارلىشىپتۇ، شىركەتلىشىپتۇ. ئىلمىي ماقالە، دوكلاد، خۇلاسە، سىنارىيە، سەھنە ئەسىرى، رادىيو دىراممىسى، سەنئەت فىلىمى ۋە مەخسۇس فىلىملەرنىڭ كىتابى قاتارلىقلارنى يۇقىرى ھەق بىلەن ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىدىغانلار بولۇپلا قالماي، تۈرلۈك ژانېرلاردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىمۇ بۇيرۇتما بويىچە يېزىپ بېرىدىغان يازغۇچىلار كۆپلەپ مەيدانغا كەپتۇ. نامى چىقمىغان بىر قىسىم يازغۇچىلار نامدار يازغۇچىلارغا يۇقىرى ھەق بىلەن يىل بويى ياللىنىپ ئىشلەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بارىكەن. ئۇقۇشىمىزچە، تور ئەدەبىياتى ۋە ئاممىباب ئەدەبىيات ساھەسىدە جۇڭگونىڭ ئەڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرىدىن سانالغان خەن خەن ۋە گوجىمىڭلار نامى چىقمىغان يازغۇچىلارنى ياللاپ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرى ئىكەن. ئۇلارنىڭ ( ھەر ئىككىلىسى 80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار ) شاڭخەيدە ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئەدەبىي ئىجادىيەتنى يادرو قىلغان مەخسۇس شىركەتلىرى بارىكەن. بۇ شىركەتلەر ھەرقايسى ئورۇن ۋە شەخسىيلەرنىڭ تۈرلۈك ژانېر ھەم مەزمۇنلاردىكى بۇيرۇتما ئەسەرلىرىنى ۋاكالىتەن يېزىپ بېرىش بىلەن بىرگە، خەن خەن ۋە گوجىمىڭلارنىڭ يېزىقچىلىق پىلانى بويىچە يىل بويى ئەدەبىي ئىجادىيەت مەشغۇلاتى ئېلىپ بارىدىكەن. پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇشۇ ئىككۆيلەننىڭ يېزىقچىلىق پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. بۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ 2000 دىن ئارتۇق خادىم ياكى ياللانما يازغۇچىلىرى بولۇپ، بۇلار يۇقىرى ھەق بىلەن، ئورتاق پىلان، ئىنچىكە ۋە مۇكەممەل ئىش تەقسىماتى بويىچە يېزىقچىلىق قىلىدىكەن. خەن خەن ۋە گوجىمىڭلار ئىجادىيەتنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى، ئاخىرقى بېكىتكۈچىسى بولۇپ، شىركەت خىزمەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن. ئەسەرلەرنىڭ قانچىلىكىگە بۇ ئىككۆيلەننىڭ قەلەم تەۋرەتكەنلىكىنى، قانچىلىكىنىڭ بىرلەشمە ئىجادىيەت ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيدىكەن. ئەمما تاماملانغان بارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقى مۇشۇ ئىككۆيلەنگە مەنسۇپ بولىدىكەن. بۇلارنىڭ نامىدا ھەر ئايدا 10-15 پارچە كىتاب نەشىر قىلىنىدىكەن. بۇلار يەنە تور ئەدەبىياتىنىڭمۇ باشلامچىلىرى ئىكەن. بۇ ئىككۆيلەننىڭ ھەر بىرىنىڭ يىللىق ساپ كىرىمى 30 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىدىكەن. جەمئىيەتنىڭ يارىسىنى ئېچىش، تۆۋەن قاتلام كىشىلىرىنىڭ دەرد – ھالىغا قۇلاق سېلىش، تۈزۈلمىنىڭ ئىچكىي قىسمىدىكى تۈرلۈك ئاجىزلىق ۋە ئىللەتلەرگە دادىل يۈزلىنىش، پۇقرالار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتىلارغا سىجىل دىققەت ئاغدۇرۇش... قاتارلىقلار بۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى ئىكەن. جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىشىلەر، ياشلار، ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ ئىككى مەشھۇر يازغۇچىنىڭ ئاساسلىق ئوقۇرمەنلىرى ئىكەن. شۇنداق دېيىلدىكى، ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كۆپلىكى ۋە ياراتقان ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ يۇقىرىلىقى جەھەتتە جۇڭگودا ھېچكىم بۇ ئىككى يازغۇچىنىڭ ئالدىغا ئۆتەلمەيدىكەن. بۇلارنى تەنقىدلەپ كۆپلىگەن ئوبزورلار يېزىلىپتۇ. « خەن خەن ئەدەبىياتنىڭ ئابرويىنى تۆكۈۋەتتى، ئەدەبىياتنى پاخاللاشتۇرىۋەتتى » دېگەنلەر بوپتۇ. « گوجىمىڭ ئەدەبىياتنى سېتىۋەتتى » دېگەنلەر چىقىپتۇ. لېكىن بۇ ئىككى زەردار يازغۇچى قۇلىقىنى يۇپۇرۇپ، يەنىلا ئىجادىيىتىنى داۋاملاشتۇرىۋېتىپتۇ. ئۇلار رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئىجادىيەت شىركەتلىرىمۇ يەنىلا ئۆز يولىدا كېتىۋېتىپتۇ.      
ئىجادىيەتنىڭ ۋە ئىجادىيەتچىنىڭ قىممىتى يۇقىرىكەن. ئالدى بىلەن ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ماددىي مەنپەئەتلەندۈرۈشلەردە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىكەن. يەنى، ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ قەلەم ھەققى يۇقىرىكەن. شاڭخەيدە قەلەم ھەققىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى مىڭ خەت ئۈچۈن 500 يۈەن بولۇپ، ئەسەرنىڭ كونكىرتنى ئەھۋالىغا قاراپ يازغۇچى بىلەن مەتبۇئات ئورۇنلىرى يەنە قانچىلىك ئۆستۈرۈشنى كېڭىشىپ بېكىتسە بولىدىكەن. تۆۋەن قەلەم ھەققىگە ئۆلچەم بېكىتىلگىنى بىلەن، يۇقىرى قەلەم ھەققىگە چەك قۇيۇلمايدىكەن. ئەسىرىنىڭ ھەر مىڭ خېتى ئۈچۈن مىڭ يۈەندىن يۇقىرى قەلەم ھەققى ئالىدىغان يازغۇچىلارنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن. قەلەم ھەققى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، مەخسۇس يېزىقچىلىققا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلارمۇ كۆپ ئىكەن. شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئەسلىدىكى بۇ قەلەم ھەققى ئۆلچىمىنى يېتەرلىك ئەمەس، دەپ قاراپ، 2012-يىلى 1- ئىيۇلدىن باشلاپ ئەدەبىيات – سەنئەت ئوبزورچىلىقى ئۈچۈن يەنە ئايرىم قەلەم ھەققى ئۆلچىمى بېكىتكەن ۋە مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلغان. ئەدەبىيات – سەنئەت ئوبزورىنىڭ قەلەم ھەققىنى ئەسلىدىكى ئۆلچەمدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى كۆتۈرۈش قارار قىلىنغان. ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو – تېلېۋىزىيە، گېزىت، ژۇرناللارنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئوبزورچىلىقىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشى كېرەكلىكى، ئەدەبىيات – سەنئەت ئوبزورچىلىقى ئۈچۈن قەرەللىك ھالدىكى مەخسۇس سان، سىتون، سەھىپىلەرنى ئاجرىتىشى لازىملىقى قارار قىلىنغان. ئوبزورچىلىق ئۈچۈن مەخسۇس تەسىس قىلىنغان تۈر مەبلىغىنىڭ ئالاھىدە تېمىلار ۋە يىل ئاخىرىدىكى مۇكاپاتلاشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقى بېكىتىلگەن. ( « ۋېنخۇيباۋ » نىڭ 2012-يىل 15-مايدىكى سانىنىڭ باش بېتىگە قارالسۇن ) « ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى » تولۇق ئەمەلىيلەشكەن بولۇپ، ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرنى ھەرقانداق بىر ئورۇن ئىشلەتسە، قايتا نەشىر قىلسا، ئۆزگەرتىپ ئىشلىسە، دېكلاماتسىيە يىغىنلىرىدا ئوقۇسا... ئاپتورنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش بىلەن بىرگە، يەنە كېڭىشىش يولى بىلەن قەلەم ھەققى بېرىدىكەن. يازغۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئورنىمۇ ئالاھىدە يۇقىرىكەن. پۈتكۈل جەمئىيەت يازغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلەن قارايدىكەن. ھەرقانداق سورۇن ۋە ئورۇندا يازغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىلىدىكەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، رەھبىرى كادىرلار ھەل قىلالمىغان ئىش يازغۇچى ئارىلاشسا ھەل بولىدىكەن. تۈرلۈك شان- شەرەپ، مەنپەئەتلەندۈرۈش، تەربىيەلەش، ئۆستۈرۈش، ئېتىبار بېرىش، ئۆتۈنۈپ بېرىشلەردە يازغۇچىلار ئاۋۋال نەزەرگە ئېلىنىدىكەن. قىسقىسى، يازغۇچىلارغا بولغان ھۆرمەتنى جەمئىيەتنىڭ ھەممىلا يېرىدىن ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.
شاڭخەيدە نەشىر ئەفكارلارغا نىسبەتەن سىياسىي جەھەتتىن تەكشۈرۈش  نەشىردىن چىققان ئەسەرلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. نەشىر قىلىنىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمايدىكەن. ئىگىلىشىمىزچە، شاڭخەيدە تا بۆگۈنگە قەدەر سىياسىي جەھەتتىن نۇقسانى بار ئەسەرلەر بايقالماپتۇ.     
يازغۇچىلار تىرىشچانكەن. ئىلھامنىڭ رولىغا زىيادە ئېسىلىۋالمايدىكەن. قادىلىپ ئولتۇرۇش، كۆپ يېزىش، ئىزچىل يېزىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. ئىزچىللىقنى مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ئاساسى دەپ قارايدىكەن.
جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەدەبىيات مۇنبىرىدە چەت ئەل تىلىنى بىلىدىغان يازغۇچىلار ساماندەك بولسىمۇ، لېكىن قوش تىلدا ياكى چەت ئەل تىلىدا ئەسەر يېزىپ دۇنياغا تونۇلغان يازغۇچىلاردىن  بىرەرىمۇ يوقكەن.
تۇيغۇنى ئېچىش تىپىدىكى ئەدەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىش تەشەببۇس قىلىنىدىكەن.
ساپ ئەدەبىياتنىڭ پىداكارلىرى سانالغان غوللۇق يازغۇچىلار جەمئيەت چۈشكۈن بولسىمۇ، يازغۇچىلار چۈشكۈنلەشمەسلىكى كېرەك دەپ قارايدىكەن. يازغۇچىلارنىڭ ئوقۇرمەنلەرگە ئەگەشمەي، ئوقۇرمەنلەرنى ئەگەشتۈرۈشى، يېتەكلىشى تەشەببۇس قىلىنىدىكەن.
تېنىمسىز ئۆگىنىش، ئالىم تىپىدىكى يازغۇچى بولۇش _ كۆپلىگەن ئەدىبلەرنىڭ ئورتاق نىشانىكەن.
كۆپ قىسىم ئەدىبلەر يېزىقچىلىق ئۇسلوبىدا ئەركىن بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. بىر قېلىپقا، كونا قېلىپقا كىرىۋېلىشنى، ئۇسلوپ، شەكىل ئۈچۈن زورۇقۇشنى ياقتۇرمايدىكەن. جاننى قىيناش تىپىدىكى ئىزدىنىشكە باش قاتۇرماسلىقنى، كاللىسىغا كەلگەننى ئەينى شەكلى بويىچە ئىپادىلەشنى قۇۋۋەتلەيدىكەن. « مەن يازغۇچى بولىمەن » دەپ ئەمەس، « مەن يازغۇچى » دېگەن قاراشتا يېزىقچىلىق قىلىشنى تەكىتلەيدىكەن. كۆز قاراش كۆپ خىل بولغاندا، ئۇسۇلمۇ كۆپ خىل بولىدۇ دەپ قارىلىدىكەن. ئەمما يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر : دەل مۇشۇ تەرەپ _ ئىپادىلەش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن باش تارتىش ئاددىيلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ يەنە ئەدەبىياتنىڭ پاخاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم بىر سەۋەب، دەپ قارايدىكەن.   
مۇتەخەسسىسلەر: جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يېقىن كەلگۈسىدە جۇڭگودىن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغانلار چىقمايدۇ، دەپ قارايدىكەن.
ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدىن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ بىز ئىلگىرى ئاڭلاپ باقمىغان بىر قىسىم شەرتلىرىنى ئاڭلىدۇق: نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشمەكچى بولغان يازغۇچى ئەسەر شەرتىنى ھازىرلىغاندىن باشقا، ھېچقانداق پارتىيە – گۇرۇھقا ئەزا بولماسلىقى، ھەرقانداق جەمئىيەت – تەشكىلاتلارغا قاتناشماسلىقى، ھەرقانداق ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك ئورگانلاردا خىزمەت قىلماسلىقى.... كېرەككەن. خەنزۇ يازغۇچىلاردىن بىرقانچىسى مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىدىن ئىستىپا بەرگەنمىش. كۆز ئالدىمغا دەرھال باش ۋەزىر بولغان چېرچىل، « ئەلئېھرام گېزىتى » دە خىزمەت قىلغان نەجىب مەھفۇز، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە دەرس – لېكسىيەلەردە بولغان ئورخان پامۇكلار.... كەلدى. ئەجەبا؟!... ئۆزۈمچە گۇمانلىنىپ قالدىم: بۇ شەرتلەر جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ بۆگۈنگە قەدەر نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ئىبارەت كۆڭۈلسىز رېئاللىقنى ئاقلاش ئۈچۈن توقۇپ چىقىرىلغان « قوشۇمچە ماددىلار » غۇ ئەمەستۇر؟   
شاڭخەينى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ئۆلكىلەردە يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى مۇستەقىل بىر ئورگان سۈپىتىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن. ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە بېقىنمايدىكەن.
رايونىمىزدا داڭدار سانالغان خەنزۇ يازغۇچىلىرىنى ئىچكىرىدىكى ئەدەبىيات ئەھلىلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەر ئاساسەن تونۇمايدىكەن.
ئىچكىرىدىكى ئەدەبىيات ئەھلىلىرىنىڭ مۇھەممەت باغراش ۋە غەيرەت ئاسىملارنىڭ ئىسمىنى يامىداپ بىلگەندىن باشقا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بىلەن ئاساسەن تونۇشلىقى يوقكەن.   
بىزدىكى كىتابلارنى قاتتىق مۇقاۋىدا چىقىرىش قىزغىنلىقىنىڭ ئەكسىچە، بۇلاردا قۇرال كىتابلاردىن باشقىسىنى، ئەڭ مەشھۇر يازغۇچىنىڭ ئەسىرى بولغان ھالەتتىمۇ، ئاساسەن ئاددىي _ يۇمشاق مۇقاۋا بىلەن چىقىرىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، كىتابلارنىڭ باھاسى ئۇيغۇرچە كىتابلارغا قارىغاندا ئەرزان ئىكەن. بىر كىتابنىڭ بىرقانچە خىل نەشىر نۇسخىسى بارىكەن. بۇلارنىڭ باھاسىمۇ پەرقلىق بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆز ئېھتىياجى بويىچە سېتىۋېلىشغا قۇلايلىق ئىكەن. ھەرقايسى ئىقتىسادىي قاتلامدىكى كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان باھا بويىچە كىتاب سېتىۋالالايدىكەن.  
كەسپ ئەھلىلىرى ئارىسىدا « ئەدەبىيات بەكلا ئاددىيلىشىپ كېتىۋاتىدۇ » دېگەن نارازىلىق پىكىرلەر ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇدكەن.
خەنزۇ ئەدەبىياتىدا رومان قىزغىنلىقى يۇقىرىكەن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى رومان ئوقۇشقا ھىرىسمەنكەن. سۈپىتى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر، رومان بولسىلا سېتىلىپ تۈگەيدىكەن. شۇ سەۋەبتىن، غوللۇق يازغۇچىلارنىڭ كۆپۈنچىسى رومان يېزىشقا كىرىشىپ كېتىپتۇ. ھەتتا ھېچقانداق ئەسەر ئېلان قىلىپ باقمىغان كىشىلەرمۇ بىر كېچىدىلا « رومان يازغۇچىسى » بولۇپ كېتىۋېتىپتۇ. رومان قىزغىنلىقىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولىشى ھېكايىچىلىقنى ئاقسىتىپ قۇيۇپتۇ. ئاتاقلىق ھېكايە يازغۇچىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك رومان يېزىشقا ئۆتۈپ كەتكىنى ئۈچۈن، ئېلان قىلىنىۋاتقان ھېكايىلەرنىڭ سۈپىتى تۈۋەنلەپ كېتىۋېتىپتۇ. مەتبۇئاتلاردا ھېكايىچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش چوقانلىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلاپتۇ....
ئىچكىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئەدەبىيات ھادىسىلىرى پەقەت مۇشۇلارلا ئەمەس. ھىس قىلغان تەرەپلەرمۇ يۇقىرىقى مەزمۇنلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ، ئەلۋەتتە. ئوقۇتقۇچىلاردىن سورالغان بىر قىسىم زىل ۋە ئېغىر سوئاللار ھەم ئۇنىڭ جاۋابىنى بۇ يەردە ئەينەن خاتىرىلەپ ئولتۇرۇشمۇ ئارتۇقچە. لېكىن، بىر پارچە بۇلۇتتىنمۇ ھاۋا رايىنىڭ ئەھۋالىنى مۆلچەرلىگىلى بولغىنىدەك، مەن يۇرۇتقان يۇقىرىقى يۈزە ئۇچۇرلاردىنمۇ ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر خەنزۇ ئەدەبىياتى ھەققىدە خېلى چوڭقۇر مۆلچەرىي چۈشەنچىلەرگە ئېرىشەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن.
مەن يەنە مۇنداق ئويلىدىم: جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ بۆگۈنكى ئەھۋالىدىن قارىغاندا، خەنزۇ ئەدەبىياتىنى ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەينەك قىلىشقا بولىدۇكى، ئۆرنەك قىلىشقا بولمايدۇ. ئۆز ئەدەبىياتىمىزنىڭ ۋەزنىنى ئۆلچەيدىغان تارازا قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. بىز ئەدەبىياتىمىزنىڭ ھەقىقىي ئورنىنى قايسىبىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئەمەس، بىر پۈتۈن دۇنيا ئەدەبىياتى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا بېكىتىشىمىز لازىم. سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن دۇنياغا يۈزلىنىش كېرەك. ئەدەبىياتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرىمىز دەيدىكەنمىز، نادىر ئەسەرلىرىمىزنى باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى سىجىل ۋە چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشىمىز كېرەك. دۇنياغا يۈزلىنىشنىڭ چىقىش ئېغىزىنى پەقەت خەنزۇ تىلى بىلەنلا چەكلەپ قويماسلىقىمىز، ئەكسىچە، تۈرك، ئەرەب، ئېنگلىز، فرانسۇز، رۇس، ياپون، نېمىس .... تىللىرىغا بىۋاستە تەرجىمە قىلىدىغان ئەدەبىي تەرجىمانلار قوشۇنىغىمۇ ئىلھام بېرىپ، دۇنياغا يۈزلىنىشنىڭ تېخىمۇ كۆپ ۋە ئۈنۈملۈك يول _ ئىمكانىيەتلىرى ھەققىدە ئىزدىنىشىمىز لازىم. دەرۋەقە، ئەدەبىياتىمىزدا گۆدەكلىك، خاملىق ۋە تېيىزلىق.... ئامىللىرى خېلىلا ئېغىر. لېكىن نادىر ئەسەرلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. كۆپ تىللىق تەرجىمە ۋاستىسى ئارقىلىق دۇنياغا يۈزلىنىشنىڭ كۆپ خىل رۇجىكىنى ئاچالىساق، ئىشىنىمەنكى، ئەدەبىياتىمىز ئۆزىنى دەڭسەشتىكى توغرا بىر تارازىغا ئېرىشىپلا قالماي، بەلكى مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە نامايان قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك پۇرسىتىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. تۇلپار قوتاندا ئەمەس، بەيگىدە يېتىلىدۇ.   


2012-يىلى 8- ئاۋغۇست، ئاقسۇ



Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2653
تۆھپە : 8
توردا: 196
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 18:46:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستىمىز ئابباس مۇئەللىمنىڭ تەسىراتى ئۆزگىچە بوپتۇ.   

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  419
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 252
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 19:16:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابباس مۇئەللىمنىڭ ئەدەبىياتنى مىللەتنىڭ تەقدىرىگە باغلاپ تۇرۇپ قىلغان مۇھاكىمىلرىنى دائىم كۆرۈپ تۇرسام دەيمەن.قەلبىدە پۇشۇرىۋاتقان يىرىك ئەسىرىنىڭ بالدۇرراق يورۇق كۆرۈشىنى تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  286
يازما سانى: 159
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 715
تۆھپە : 0
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 19:25:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خاسىيەتلىك قەدەملەر مەڭگۈ توختاپ قالمىغاي.

قۇربان قىلىپ ئەزىز تېنىنى،
يۇرۇقىنى بەردى بىزگە شام.
چۆرۈۋەتتۇق پەگاغا ئەپسۇس،
ئېلىكتىرگە ئېرىشكەن ئاخشام.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 495
تۆھپە : 0
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 21:22:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلارغا خىلى نەپ بەرگۈدەك ياخشى خاتىرە بوپتۇ.مەن ئاڭلاپ باقمىغان يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ تەشەككۇر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ن.ھاشىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-29 21:23  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1972
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 61
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 21:54:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇلپار قوتاندا ئەمەس، بەيگىدە يېتىلىدۇ.   

----------------------------------------------
كارامەت گەپ!

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  94
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6149
تۆھپە : 555
توردا: 440
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 00:37:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيقان چىن گەپلەرنى  يەنە باشلاپتۇ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  419
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 252
تۆھپە : 0
توردا: 60
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 11:58:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەسلەپتە چالىراق كۆرگەن،ئەمدى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتىم،يەنە ئوقۇيدىغاندەك تۇرىمەن.نۇرغۇن قاراشلاردىكى ھەمدەملىك ۋە دىلكەشلىك ئەسەرگە ،ئابباس مۇئەللىمگە بولغان قايىللىقىمنى ئاشۇردى.بولسا بۇ سۈكۈت ئىچىدىكى ھاياجاننىڭ ئىزتىراپ ئىچىدىكى ئوتلۇق ئىلھامغا ئايلىنىشىنى ،چەكلىك ئىمكانىيەت ئىچىدە چەكسىز مەنىۋى قۇۋەت بىلەن "يىرىك ئەسەر"لەر تولغىقىغا كىرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! ئابباس مۇئەللىمگە سالامەتلىك ۋە خاتىرجەملىك يار بولغاي،ئاللاھ ئەجىر ۋە ساۋاپ ئاتا قىلغاي! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ي.م.تۇغيان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 11:59  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  364
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2572
تۆھپە : 7
توردا: 253
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 00:19:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئابباس مۇئەللىمنىڭ نەق گەپلىرىگە تەشەككۈر ...   پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم....   

چىن ئەقىدىلىك ئىنسان ئۆلۈش ئۈچۈن ياشىمايدۇ- ياشاش ئۈچۈن ئۆلىدۇ....

                                                 -ئۈمىد

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  857
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 753
تۆھپە : 0
توردا: 81
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 02:37:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ياخشى ئۇچۇرلار ئەتراپلىق، ئىنچىكە يەتكۈزۈلگەن، ھەم دادىل يېزىلغان ئەسەركەن. تۈركىيقان دوستىمىزغا تەشەككۈر!

بىر پۇتۇم ئاسماندا، بىر پۇتۇم يەردە

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 09:22:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابباس مۇئەللىم بۇ تېمىسدا بەك ئەتىراپلىق پىكىر يۈرگۈزۈپتۇ

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  83
يازما سانى: 281
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 821
تۆھپە : 6
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 10:30:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ ئەدەبىي خاتىرە مېنى چوڭقۇر ئويلاندۇردى ۋە ھاياجانغا سالدى، ئابباس مۇئەللىمنىڭ قەلىمىدىن تامغان چىن ۋە سەمىمىي گەپلەر ھەر بىر ئوقۇرمەننى ئويلاندۇرغۇسى، ئۇنىڭ قەلىمىگە يەنىمۇ  بەرىكەت، ئىشلىرىغا نۇسرەت تىلەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  717
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 413
تۆھپە : 0
توردا: 35
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 06:15:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېقىندىن بۇيان مۇشۇ توردىكى مەن سۆيۈنۈپ ئوقۇغان يازمىنىڭ ئەڭ كاتتىسى بولدى!

سەن ئوقسەن، مەن بولسام كامان تېخىچە،
ئەي ئوق،سەۋر ئەيلە، كاماندىن كەچمە!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1933
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 910
تۆھپە : 0
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-1 14:40:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇھاكىمىلەر مىنى خىلى ئويغا سالدى...ئابباس مۇئەللىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  161
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 265
تۆھپە : 0
توردا: 42
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-2 10:29:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چايمۇ ئىچمەي تورۇپ ئەتتىگەندە ئوقۇۋەتتىم!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش