«گۈلنىڭ ئېچىلمىقى قىيىن» ناملىق رومان نەشر قىلىندى
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، تۇرپان ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ «گۈلنىڭ ئېچىلمىقى قىيىن» ناملىق ئىككى قىسىملىق رومانى يېقىندا شىنجاڭ ياشلار ـ ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
بۇ رومان مول ھۇسۇللۇق يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ «تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى» ناملىق رومانى، «بالىلىقتا سوئال كۆپ» ناملىق بالىلار رومانى ، «كۆز يېشىدا ئېچىلغان گۈل» ناملىق رومانى، «پادىچى ۋاڭ» ناملىق تارىخىي رومانى ۋە «ئازغان كۆڭۈل» ناملىق رومانىدىن كىيىن نەشر قىلىنغان 6-رومانى بۇلۇپ، روماندا بۈگۈنكى دەۋر ياشلىرىنىڭ مۇھەببەتكە، تۇرمۇشقا تۇتقان ئوخشىمىغان پوزۇتسىيىسى، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراش سەۋەبلىرى، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىن يول تېپىشتىكى ئىزدىنىش ــ جاپالىرى، ئىگىلىك تىكلەش يولىدىكى سۇنماس روھى، بىر قىسىم رەزىل كىشىلەرنىڭ ھىيلە ــ نەيرەڭلىرى ئالدىدىكى تەمتىرەش، ھودۇقۇشلىرى، مەردانىلىق بىلەن ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىكى ئېسىل روھى قاتارلىقلار ئەگرى ـ توقاي ۋەقەلىك، تەسىرلىك تەپسىلات، جانلىق پېرسۇناژلار ئوبرازى، مۇرەككەپ، رەڭگارەڭ پېرسۇناژلار خاراكتېرى، نەپىس، ئىنچىكە تەسۋىرلەر ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن.