ximal
كۆرۈش: 285|ئىنكاس: 5

شىېئر شائىر ۋۇجۇدىدىكى ئوت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 22:56:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                          شىېئر  شائىر ۋۇجۇدىدىكى ئوت
* E6 h$ a0 `4 a# t  }
' {3 l1 `, ^6 @/ L# ~9 P$ R(ئۇستاز،شائىر ھاجى ئەھمەت كولتېكىننىڭ«ھاجى ئەھمەت كولتېكىن شىېرلىرىدىن تاللانما »نى ئوقۇغاندىن كېيىن)
8 k+ U. c/ M3 t
2 z  S8 N8 B% X6 g2 K( l7 D+ g                                                                         ئەمەت دەرۋىش
3 ^% _& T# n. o. P; W! T5 o& C
9 \, n( q9 L1 k6 p
       ئىنساننىڭ قەلب زېمىنىنى ئىگەللىگۇچى شائىر ئالدى بىلەن ئىنساننى گۇزەل مەنزىلگە يېتەكلىيەلىگەنلىكى ، تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى تېتىتالىغانلىقى،تۇرمۇشقا كۇلۇپ قاراشقا،ھاياتقا ئۇمىت بىلەن ئىنتىلىشكە، ئىنسان مەنىۋىيىتىدىكى ئاجىزلىقلار ۋە نۇقسانلارنى تونۇشقا،تۇزۇتۇشكە يېتەكلىيەلىگەنلىكى، ئۇگىتەلىگەنلىكى بىلەن قەدىرلىك. كىشىدە مۇنداق ئويغىنىش ھاسىل قىلالىغان شائىر ئۆزى ئىگەللىگەن قەلب مەنسۇپ بولغان جەمئىيەت ۋە تەبىئەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدىكى ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكنى نېخىمۇ يارقىنلاشتۇرۇپ، دۇنيانى تېخىمۇ گۇزەل قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ.خەلق ئۇنىڭدىن سۆيىنىدۇ، دەۋىر ئۇنى چىكىسىگە گۇل قىلىپ قىسىدۇ. لېكىن بۇنداق زور شۆھرەت ھەممە شائىرغا نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ. ئەل سۆيگەن،ئەلنىڭ ھۆرمەت نەزىرىدىكى  شائىر ،ئۇستاز ھاجى ئەھمەت كولتېكىن شېئرۋە شائىرلىق ھەققىدە مۇنداق يازىدۇ: ' A7 ^% p( f) Y6 w( g
شائىرلىقنى سەل چاغلىما ، بۇرادەر،# }5 C3 C/ M3 P$ A; v
تەڭرى قايىل شائىرلارنىڭ پىرىگە .
! y8 g& Q5 O* u$ z        نىسىپ بولماس بۇ سېھىرلىك، زىل ھۇنەر،4 ~) ]) |, q3 M" A
تەلەپكارنىڭ ھەتتا مىڭدىن بىرىگە .+ {1 T$ B% \+ d+ `( P9 R
("شىېر ۋە شائىر" دىن )4 m+ [" [$ c8 `, G- o9 q6 _) {
     شائىرلىققا ھەۋەس قىلغان بولسىمۇ ، مىڭدىن بىرىگە ئاران نىسىپ بولىدىغان بۇ شەرەپكە نائىل بولغان شائىرنىڭ ۋۇجۇدى قانداق بولىدۇ؟
# h9 H1 H; L1 m5 [! M" M     شائىر دېگەن ئەل مۇڭلانسا ياش تۆكۇپ،/ i7 U5 p) [) V- K- c
   ئەل سۆيۇنسە قەھ-قەھ ئۇرۇپ كۇلىدۇ.- G! H6 Q9 V5 z1 {9 ^& L* V
           يۇز قېتىملاپ ئۆلمەس قورقۇپ – تىز چۆكۇپ،0 D( X# {: h' A* s  I9 ^
شائىر پەقەت بىر قېتىملا ئۆلىدۇ.3 X/ @, f5 _4 n& f" Y, T
     ("شىېر ۋە شائىر" دىن ), K/ F. f; O. |6 }; f
شائىرلىقنى مەجبۇرىيەت ئەمەس ،بەلكى ۋىجداننىڭ بۇيرۇقى، ئەقىلنىڭ بىشارىتى دەپ چۇشەنگەن كىشى قولىغا قەلەم ئالغاندا ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە سۆيگۇ، مېھرى- مۇھەببەت ۋە جاسارەت ئاتا قىلغان خەلقنى ، ئۇلۇغ ۋەتەننى يازمىسىنىڭ تېمىسى قىلىپ تاللىۋالىدۇ. مانا مۇشۇ تېمىنى ئۆزىنىڭ ئەبەدىيلىك نىشانى قىلىپ قەلەم تەۋرىتىدۇ. مانا مۇشۇ تېمىدىكى ئەسەرلەرلا دەۋىرنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۇپ، ئەۋلادلار قەلبىدىن مەڭگۇلۇك ئورۇن ئالالايدۇ. بۇ جەھەتتە ئۇستاز ھاجى ئەھمەت كولتېكىننىڭ "ھاجى ئەھمەت كولتېكىن شىېرلىرىدىن تاللانما " ناملىق توپلامىغا تاللانغان شېرلىرىنى ئۆرنەك خاراكتىرلىق شىېرلار دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. 8 l7 p# w0 W+ [; [* l* z, C
      مەلۇمكى ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسى مەڭگۇلۇك تېما. ئەلمىساقتىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە مەيلى ئاغزاكى ئىجادىيەتلىرىمىزدە بولسۇن ۋە ياكى يازما ئەدەبىياتىمىزدا بولسۇن ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسى ھەر قايسى تارىخى دەۋىرلەردىكى شائىر –يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىجادىيىتىدە ئوخشىمىغان شەكىلدە ئىپادىلىنىپ كەلدى. شائىر- يازغۇچىلار ئانا ۋەتىنىگە بولغان مېھرى- مۇھەببىتىنى ، سويۇنىشىنى ۋۇجۇدىدىكى سەمىمى تۇيغۇسى بىلەن بىر گەۋدىگە ئىگە قىلىپ ،ئوخشىمىغان شەكىللەردە ئىپادە قىلىشقا تېرىشقان بولسىمۇ، لېكىن ئوخشاش بىر تېمىنى ئىپادىلەشتە تۇتقان يولى ۋە قوللانغان سىتىلىستىك ۋاستىلىرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئەگىشىپ يورۇتۇلغان تېمىسىنىڭ كىشى قەلبىگە بەرگەن سىتىتىك لەززىتىمۇ ئوخشاش بولمىدى.شائىر ھاجى ئەھمەت كولتېكىن بۇ تېمىغا مۇراجەت قىلغاندا ، ۋەتىنىنى تەننى راھەتلەندۇگۇچى ھەر قانداق كاتتا ساخاۋەتتىن ئۇستۇن ئورۇنغا قويۇپ: 6 M7 x( g# v% g5 s
    تەمەيىم يوق ساخاۋەتتىن ، ۋەتەن پەخرىم ، غۇرۇرۇمدۇر،& s0 u2 L) J/ q* x9 i  u- M
ئۇنىڭ قوينى ماڭا جەننەت ، مۇقەددەس قبلىگاھىمدۇر.5 l  M+ U+ L* Z. f
جۇدۇنلۇق قىش –ئاياز پەيتى مېنىڭ پەسلى باھارىمدۇر،& t, W1 h/ C2 K& t3 _
مۇبارەك ھەر ئۇچۇم تۇپراق كۆزۇمگە تۇتىيارىمدۇر ،
" |  R7 p: K% l+ O/ h# o$ n( t: jھاۋاسى ھەم سۇيى لەززەت ، ھوزۇرى دىلخۇمارىمدۇر.
& o6 d* k( D/ `- s* ?& M- T("ۋەتەن ھەققىدە مۇخەممەس " تىن )2 A8 a; }+ o: a' S
دەپ يېزىش ئارقىلىق ۋەتەننىڭ ئۆزىگە پەخىر، غۇرۇر ئىكەنلىكىنى تەنتەنە بىلەن جاكارلايدۇ. ) Z6 a2 m- A8 d/ p; S- J: [- W
      ھەر قانداق كىشىنىڭ ،ئائىلىنىڭ ، مەھەللىنىڭ، قەۋمنىڭ ، مىللەتنىڭ پەخرى بولىدۇ. ئۇ بىر ماددى بويۇم بولىشىمۇ مۇمكىن ، شۇ جەمەت ، شۇ مىللەتنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر شەخس بولىشىمۇ مۇمكىن .ياكى بولمىسا، ئۆزى سۆيگەن ، ياخشى كۆرگەن مەلۇم بىر نەرسە بولىشىمۇ مۇمكىن .شائىر ۋەتەننى "پەخرىم " دەپ تىلغا ئالغىنىدا ، مۇقەررەركى ئۇنىڭ سېخى –ساخاۋەت ئېگىسى ئىكەنلىكىنى نەزەردە تۇتقان بولۇپ، ئۇ "مەن" گە ھاياتلىق بەخش ئەتكەن ، ئۇنىڭغا ئادەم بولۇشنى، ئادىمىي ياشاشنى ، ئەقىل بىلەن ئىش قىلىشنى  ئۇگەتكەن بۇيۇك ساخاۋەت ئېگىسى. "مەن' ئۇنىڭدىن سۆيىنىدۇ، ئۇنىڭ پەزىلىتىدىن ئۆز جىسمىگە ، مەنىۋىيىتىگە ئورنەك ئېلىپ ئۇنى "غۇرۇرۇم " دەپ ھۆرمەتلەيدۇ."غۇرۇر" دېگەن سۆز ئاڭلىنىشتا ئادەتتىكى بىر سۆزدەك تۇيۇلسىمۇ، لېكىن ، ئۇ باشقىلارنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىدا باشقىلارغا ۋە جەمئىيەتكە بولغان بۇرچىنى ئادا قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن بىر خىل ئەخلاقى ئاڭ بولۇپ، ئۇ ئادەملەرنىڭ قەلبىدىكى كۇچلۇك ئەخلاقى جاۋاپكارلىقنى ھەمدە مۇئەييەن ئەخلاقى مىزان بويىچە ئۆزىنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرىنى باھالاش ئىقتىدارىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بېرىدۇ. مەسىلەن: بىر ئادەم ئۆزىنىڭ كىشىلەر بىلەن  بولغان مۇناسىۋىتىدىن ، مۇئامىلىسىدىن رازى بولۇش – بولماسلىقى، توغرا ياشاش ئۇسۇلىنى تاللىۋالغان ياكى تاللىۋالالمىغانلىقى ، ئۆزى تەۋە جەمئىيەت ، كوللىكتىپ توپى، ئۇرۇق –تۇققانلار، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتىدە ئۆز ئۇستىگە ئالغان مەجبۇرىيەتنى ئاڭقىرىش- ئاڭقىرالماسلىقى ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ھايا- نۇمۇسنى بىلىش- بىلمەسلىكى، ئۆزىگە ھاياتلىق بەرگەن ۋەتەنگە ، قۇچىغىدا پەپىلەپ ئۆستۇرگەن خەلققە يۇز كېلەلىشى ياكى كېلەلمەسلىكى قاتارلىق بىر قاتار ئىجتىمائى ئالاقە ۋە خىزمەتلەردە غۇرۇر كونكىرىتلىققا ئېگە بولۇپ تۇرىدۇ. شائىر ۋەتىنىنى "پەخرىم، غۇرۇرۇم " دەپ تەرىپلىگىنىدە ۋەتەننىڭ "مەن" گە مانا مۇشۇنداق ئەخلاقى نۇرمىنى ئېنىق تونۇتقانلىقىنى ھەممىدىن بۇرۇن ھىس قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان. دەرۋەقە ، بۇنداق تونۇشقا كەلمىگەنلەرنى ، ۋۇجۇدىدا ، ھېسياتىدا بۇنداق تۇيغۇ ئويغانمىغانلارنى ۋەتەن ھىچقاچان چەتكە قاققان، يەكلىگەن  ئەمەس.لېكىن، شۇ نەرسە ئايانكى، ماھىيىتىنى بىلىپ قىلغان ئىش، تەسىرىنى بىلىپ سۆزلىگەن سۆز، تەمىنى تېتىپ يېگەن ئاشنىڭ ئۇنۇمى، زوۋقى، لەززىتى بولغانغا ئوخشاش، ئۆزىگە ئادىمىلىك ھايات، ئەخلاق، بىلىم ئاتا قىلغان ۋەتەننىڭ سېخىلىقىنى بىلىش، ئۇنىڭغا جاننى تەسەددۇق قىلىش لازىملىقىنى چۇشۇنۇش ، ئۇنى ئۇلۇغلاش ھەر- بىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مەنىۋىيىتىنى نۇرلاندۇرىدىغان ئۇلۇغ خىسلەت جۇملىسىدىن بولىدۇ.ۋەتەن قوينىدا ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىپ ياشاش،ۋەتەنگە ، خەلقىگە يۇزتۇرانە تىك تۇرۇپ ،قىلغانلىرىدىن  جاۋاپ بېرەلىگەنلىك ۋەتەنگە يۇز كېلەلىگەنلىك بولسا ئۇنىڭ تەتۇرىسى ۋەتەنگە ،خەلقىگە يۇز كېلەلمىگەنلىك بولىدۇ.  ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇت قەشقەرى مەشھۇر يىگانىسى "دىۋانۇ لوغەتىت تۇرك"دە "تۇلكە ئۆز ئىنىگە ھۇرسە قوتۇر بولۇر " دەپ كۆرسەتكىنىدە، تۇلكىنى ئاللىگورىيەلەشكەن ئادەم سىنچىگە ئىگە قىلىپ، كىمىكى ئۆز ۋەتىنىگە ئاقارەت كەلتۇرسە، ئۆز ۋەتىنىنى قاغىسا، ئۇنىڭدىن يۇز ئورىسە ئۇنى چوقۇم پالاكەت باسىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.بۇ گەپتىن ۋەتەنگە يۇز كېلەلىگەن ئادەم ئالغا باسىدۇ، يۇز كېلەلمىگەن ئادەمنى نەس باسىدۇ،-دېگەن يەكۇن چىقىدۇ. ئالىمنىڭ بۇ بىر جۇملە سۆزى شۇ چاققىچە يارىتىلغان بارلىق ئەدەبىياتتىمىزدا ئىپادىلەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدىكى ئەڭ ئىخچام سۆز. ئۇنىڭغا ۋەتەنگە بولغان سۆيۇنۇش ھېسياتى مۇجەسسەملەشكەن بولسا، شائىر ھاجى ئەھمەت كولتېكىن ۋەتەنگە بولغان سۆيۇنۇش، ۋاپادارلىق ، جان پىدالىق .... نى بۇ شېرىدا تېخمۇ كونكېرىتلىققا ئېگە قىلىپ، ئۇنى پەخىر ، ۋە كىشىلىك غۇرۇر دەرىجىسىگە كوتۇرگەن. شېرنىڭ ئاخرىدا: % g! R! R( ?- R4 K4 j
ئانا تۇپراق ماڭا قىممەت جاھان مۇلكى ۋە جاناندىن،
4 M/ a% F* `7 C* mكېرەك بولسا ۋەتەننى دەپ كېچەرمەن بۇ ئېزىز جاندىن،
: V2 s: \7 L+ I/ q+ Y' E+ Fئىجادىم بىرلە كېيدۇرسەم ئاڭا گۇلتاج شەرەپ- شاندىن،) B' ?2 b# a9 [- q
بولاتتىم رازى ئۇمرۇمدىن ، مۇرادىم ھەل بولۇپ ئاندىن،
2 p+ n/ }& `8 Z( e; o! o3 Pۋەتەننىڭ ئەجرىنى ئاقلاش يۇرەك ئەھدىم – قارارىمدۇر.
9 J5 c, B) w) f& Y5 p5 {دەپ يېزىش ئارقىلىق كۇچ بەرگەن ، ھايات بەرگەن ۋەتەننىڭ ئۆزىگە سىڭدۇرگەن ئەجرىنى ئاقلاش ئۇمۇرلۇك قەسىمىمىم دەپ تونۇپ،«مەن»نىڭ ئېزىز جېنىنى ۋەتەنگە ھەمىشە تەسەددۇق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ۋىجدانەن خىتاپ قىلىدۇ.
9 s9 N* Q5 o( l, n' w( ?: Uئۆزلىكسىز دەۋرىلىنۋاتقان بۇ ئالەمدە ھېچقانداق نەرسە مەڭگۇلۇك بولغان ئەمەس.ئۇنداق بولىشىمۇ ھەم مۇمكىن ئەمەس.لېكىن بىرلا نەرسە ھاياتتا مەڭگۇلۇك بولىدۇ .ئۇ بولسىمۇ چىن مەنىسى بىلەن ۋۇجۇتقا ئورۇنلىشىپ،ۋۇجۇدنى ھاياتقا،ھاياتىيلىققا ئۇندەيدىغان مۇھەببەتتىن ئىبارەت.مۇھەببەتنىڭ مەنىسى كۆپ.لاپلا قىلىپ ئۆچىدىغان ئىشقى مۇھەببەت،ئىقتىسادقا بېرىلگەن تەلۋە مۇھەببەت،ئەقىدىسى يوق مەززىسىزمۇھەببەت.....قاتارلىقلارنىمۇ شۇ ئىشنى ئۇمرىنىڭ مەنىسى قىلىپ تاللىغانلار مۇھەببەت دەپ ئاتايدۇ..مەڭگۇلۇك مۇھەببەت ئىنساننى ئىنسانىي قەدىر قىممەت بىلەن ياشاشقا ئىگە قىلغان مۇقەددەس ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت –مانا بۇ ھەقىقى ،ئەبەدىيلىك مۇھەببەت.شائىر:
8 B$ h  P3 d2 b& F+ m5 a8 \3 ^ھەقىقەت شۇ ھەممىگە ئايان،
! k% F/ \8 h7 N2 Yھېچ نەرسە يوق ئالەمگە باقىي.
! V1 A+ ^; c: I, T" G$ T1 Wئۆز ئوقىدا ئايلىنار ھامان' p9 N* t# s- }  u6 Z
توختىماستىن پەلەكنىڭ چاقى.
: e% O5 D9 N( B- l0 n: s; Uشۇ سەۋەبتىن ئۆزگىرەر ھايات،) e8 P$ N$ V0 [; _. }. V! x
سەزگۇ،ئىدراك ھەمدە كائىنات.
' I) ^+ s5 {0 A; q- r9 e5 W& \6 d4 C% l3 }. M- O0 ~( n' ]
لېكىن بىر ھېس ياشايدۇ مەندە،
* \/ @+ J: V1 V' w  Vۋۇجۇدۇمغا بېرىپ ھارارەت.( z* H2 ]6 F) z' a4 D- s* j% L" w
يالقۇنىدىن ئۇلغىيار تەندە
; m/ n9 h! v0 Q' C  Z. a' X- Gئۇلۇغ ئارمان،مەردلىك،جاسارەت." V  F- X& Q( f# m1 y
ئۇـ دىلىمدا ئۆزگەرمەس ئەبەد9 l+ T$ u8 D# c, w# b
ۋەتىنىمگە بولغان مۇھەببەت.; N2 ?# E  E5 _# s
شائىر شىېئرىدىكى«مەن»نىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ئەشۇ مۇھەببەتنىڭ يالقۇنىدىن ۋۇجۇدتا ئۇلۇغ ئارمان،ئادەمگە خاس مەردلىك ۋە جاسارەت جۇش ئۇرۇپ تۇرىدۇ.ئۇ ئەشۇ مۇھەببەت ئاتا قىلغان ئارمان بىلەن كەلگۇسىگە ئىنتىلىدۇ.ئەشۇ مۇھەببەت ئاتا قىلغان مەردلىك ۋە جاسارەت بىلەن ھاياتىغا ئىزگۇ مەنا بېرىدۇ.دېمەك، شائىرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەققىدىكى بۇ ۋىجدانەن خىتابى "مۇھەببەت" ناملىق بۇ  شىېرىدا مەڭگۇلۇك مۇھەببەتنىڭ قەسەم نىداسى سۇپىتىدە ئىزھار قىلىنغان .
3 o# k6 }% t; U. ]8 Gشائىرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تىمىسى ھەققىدىكى ساپ تۇيغىسى تاشتىن –تاشقا ئۇرۇلۇپ ئۇپقۇن چاچرىتىپ ئاققان تاغ سۇيىدەك شوخلىنىپ،ئويناقلاپ،دولقۇن ياساپ ئاخىرى كىشى قەلبىنىڭ نازۇك تارلىرىنى چېكىپ،ئۇنىڭدىن گۇزەل بىر مىلودىيەنى ياڭرىتىدۇ.شائىر «نۇزۇگۇم»ناملىق باللادىسىدا نۇزۇگۇمدىن ئىبارەت تارىخى شەخسنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ۋەتەن تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ،ئۆز ئەركىنى قولغا كەلتۇرۇش يولىدا ۋىجدان بىلەن ئىش قىلغانلىقىدەك بىر تارىخى ۋاقەنى يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، كىشىلەرگە ھەقىقىي  ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ كونكېرتلىققا ئىگە قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.شائىر باللادىنىڭ ئاخىرىدا :; Q7 j9 }( e  ~: j' t
ۋۇجۇدۇمدا قايناق بىر سېزىم،) W% V9 i& j% N0 ~, {
تاغ سۇيىدەك ئاقتى جۇش ئۇرۇپ.$ e7 J) O* M) [( T4 G0 M
لەۋلىرىمدىن ئۇچتى خىتابىم،; x. b& t7 k3 p7 G8 L0 d) S/ j% ?
چەكسىز ئىلھام ،قۇدرەتكە تولۇپ:: [  q' ^! ]7 P% E$ ?0 k' b1 _
7 k9 L/ ]% N1 g3 b
-مەندە ھەرگىز قالمىغاي ئارمان،
6 q1 P9 l& \4 c4 A! D3 zۋەتەن ،خەلقىم يولىدا ئۆلسەم.
+ J0 f( x; h6 wكىندىك قېنىم سىڭگەن دىيارنىڭ$ x9 E% i3 [6 e0 {
تۇپرىقىدا يۇلغۇن بولۇپ ئۇنسەم!% L* `4 i6 O9 Y: E6 K2 H5 U. d$ P
دەپ يېزىش ئارقىلىق ،ئىلگىرىكى مۇشۇ تېمىنى تېخىمۇ يۇكسەكلىككە ،تېخىمۇ كونكېرىتلىققا ۋە جۇشقۇنلۇققائىگە قىلىدۇ.بۇلار  نۇزۇگۇمدىن ئىبارەت بۇ تارىخى شەخسنىڭ ئۆز ئەركىنى قوغداش يولىدا كۆرسەتكەن باتۇرلۇقلىرى بىلەن زىچ بېرىكىپ، كىشىدە گۇزەل بىر سېزىم ھاسىل قىلىدۇ.نۇزۇگۇمنىڭ پائالىيەتلىرى  ئەسەردە گەرچە ئۆز ئەركىنى قولغا كەلتۇرۇش ، ئىنسانىي باراۋەرلىك ، قۇللۇققا قارشى قانلىق ئىسيان تەرىقىسىدە قانات يايغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خەلققە زۇلۇم سېلىۋاتقان ، ۋەتەننىڭ تەقدىرىنى مۇدھىش كۇنلەرگە ئىتتىرىۋاتقان زالىم كۇچلەرگە قارشى ئىسيانكارلىق روھ بىلەن بېرىكىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ گۇزەل بىر مىلودىيەسىگە ئايلانغان.0 W5 \, w" v9 Q  ]5 J# v# K
     شىېر يېزىشنى ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش ياكى ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىش ۋە ياكى شۆھرەتنىڭ ۋاستىسى قىلىش ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشنىڭ تۇرلۇك ئىجتىمائى قاتلاملىرىنى ئۇچۇنجى كۆزى بىلەن كۇزۇتۇپ ئۇنىڭدىن ئەھمىيەتكە ئېگە بىرەر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەربىيەلەش مەقسىدىگە يەتكەن كىشى ئۆزىنى شائىر ھىساپلايدۇ. شائىرلىق شائىردا مەسىلە ۋە ھادىسىلەردىن ھۆكۇم چىقىرالايدىغان، تۇرمۇش يۇلىنى ئۆزگەرتىپ مەلۇم بىر  ياخشى نىشان كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان ، يۇكسەك دەرىجىدىكى پەلسەپىۋى قاراشقا ئىگە بولغان بولۇشنى تەلەپ قىلىدىغان مەسئولىيەتچانلىقى يۇقۇرى بولغان بىر كەسپ. بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى ئۆزىدە ھازىر قىلغان شائىر ئىجتىمائى روھنىڭ ئۇرىقىنى چاچقۇچى ، ئۇنى ئىككىنچى بىر قەلب زېمىنىدە بىخلىتىپ، ئۇنىڭدىن شىرىن مىۋە ياراتقۇچى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شائىر ھاجى ئەھمەت كولتېكىن جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائى مەسىلىلەرگە ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلغىنىدا بىلىمسىز ھاياتنىڭ ، مەرىپەتسىز تۇرمۇشنىڭ ھېچقانداق مەنىسى ۋە  لەززىتى بولمايدىغانلىقىنى، ئادەم ئادىمىي ياشاشنى ھاياتىنىڭ مەقسىدى قىلغان ئىكەن ، چوقۇم ئىلىم ئىگەللەپ، تۇرمۇشقا شەيئى ۋە ھادىسىلەرگە ئىلمى نوقتىئىنەزەر بويىچە مۇئامىلە قىلىش لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. شائىر "ئۆزۇمگە سۇئال " ناملىق شىېرىدا قاراڭغۇدا قالغان بىر پەرۋانىنىڭ يورۇقلۇققا تەلپۇنۇپ قاراڭغۇلۇق بىلەن تىركىشىۋاتقان ھالىتى بىلەن شىرىن ئۇيقۇدا ياتقان "مەن' نىڭ بەخىرامانلىق ھالىتىنى سېلىشتۇرما قىلىپ، قاراڭغۇ دىلنى يورۇتماسلىق تۇپەيلى ئۇمرىنى بىھۇدە ئوتكۇزىۋاتقان "مەن "نىڭ ھالىتىگە قاتتىق ئېچىنىدۇ.
$ \  z  ~! V' Y/ Y. d- l1 Qپەرۋانە قىسمىتى قەلبىمنى ،
" F5 x7 R* O3 P/ c% D1 P# X+ yتولدۇردى بىر ئەجەپ تۇيغۇغا.1 S/ x5 Q% P$ z  z  l9 X
       ماڭا يات ئىزدىنىش ، تەلپۇنۇش..., l1 o- p) C; `( c. }' T5 ]
   ھەسرىتا!....ئەسىرمەن ئۇيقۇغا.' d8 t; a! G7 u( s& i
شۇنچىلىك ئىرادەم يوقمىدۇ،
, _' r! s  J' Q* n" g  W5 }& n) X! {. E  ئەجەبا، مەن ئىنسان تۇرۇقلۇق؟5 P" m2 ]5 j0 D2 w( q7 B
مۇگدەيمەن غەپلەتتە تۇن بويى،' h" ?" x) Y7 I3 s0 g! }
ئىزدىمەي نېمىشقا يورۇقلۇق؟!* V2 b; o$ R( w" G( P( F
ھاياتقا تەلپۇنىۋاتقان ئاددى بىر جان ئېگىسى بىلەن ھاياتىنىڭ مەنىسىز قوراپ كېتىۋاتقانلىقىغا پەرۋاسىز تۇرغان بىر ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى جانلىق سېلىشتۇرمىدا شائىر پەرۋانىنىڭ ئېسىل روھىغا مەدھىيە ئوقۇشتىن كۆرە ، دىل ئاگاھلىقىدىن مۇستەسنا ئىلىم قارىغۇسىنىڭ ھاياتىغا قاتتىق ئېچىنىدۇ.
4 R" N5 z/ w! `$ u6 [     ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇگۇتلىرىدە، ئىلىمسىزنىڭ قولىدىن ھەر بالا كېلىدۇ، ئىلىمسىزلىقى بىلەن نۇمۇسنى بىلمەيدۇ، -دەيدۇ. نۇمۇس ئادەمنىڭ ئادىمىيلىكىنى بەرپا قىلىدىغان موھىم ئامىل. شائىر "نۇمۇس ئوغرىسى" ناملىق شېرىدا ئىلىمسىزلىكى بىلەن سەبى قىزنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنى ئوغۇرلىغان نۇمۇس ئوغرىسىنىڭ بەتبەشىرىسىنى ئېچىپ كۆرسەتسە، "بىر جۇپ ئاققۇ"دابەختىيار تۇرمۇش كوچۇرىۋاتقان بىر جۇپ ئاق قۇنىڭ بىرسىگەتۇرمۇشنىڭ ئەجەل ئوقى يۇزلەنگەندە ، يالغۇز قالغان يەنە بىرسىنىڭ ئۇنىڭسىز ئۆتكەن ھاياتنى ئۆزى ئۇچۇن مەنىسىز ھېس قىلىپ، ئاخىرى ئۆزىنى ئۆلتۇرۇۋالغانلىقتەك بىر ۋاقەنى بايان قىلىش ئارقىلىق : * e3 V6 L% k( ?$ A5 }; c, |
ئەلگە ئايان شۇ ھەقىقەت (سىر ئەمەس)،
7 Z' ?. l, ~3 F$ p  سۆيگۇ –ۋاپا ساپ گۆھەردۇر، مۇقەددەس.* [( Y1 w5 x& M% E. e2 o
    مىڭ ئەپسۇسكى ، بەزىلەرنى نەس بېسىپ،
1 t  `* g+ a" ^$ W* pشۇ گۆھەردىن قالغان تامام بى نېسىپ.
6 @/ L! s) G! z6 |8 Sشۇڭا ئۇلار ئۆز لەۋزىدە تۇرالماس،
# ~* T; R2 P0 M; H) O+ Xئەقەللىيسى بىر قۇشچىلىك بولالماس .
2 @( \) c* g/ V% N, a& Mدېگەن جاراڭلىق خىتابىنى جاكارلاپ، ئادەملەرنى ۋاپادار بولۇشقا چاقىرىدۇ.
# T- K$ Z% B; bشىېر ئىنسان مەنىۋىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ، ئۇنىڭ ئىچكى ھۇجەيرىلىرىگە تەسىر كۆرسىتەلىگەنلىكى ، جاھالەت قاپقاقلىرىنى بۆسۇپ ئۆتەلىگەنلىكى ، قاراڭغۇ دىل ئۆيىگە مەرىپەت چىرىغىنى ياندۇرۇرالىغانلىقى ، ئۆزلىكىنى ئىزدەۋاتقانلارغا ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويالىغانلىقى بىلەن  قەدىرلىك. دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر ئىلىمنىڭ يۇكسەك چوققىسىغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان مۇشۇنداق بىر چاغدا ، يېڭى بىر سادا –يېڭى بىر تىل يەنى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان شىېرىيەت تىلىغا تولىمۇ مۇھتاجمىز. ئۇ بىزنى ئۇيقىدىن ئويغۇتۇپ ، قەلبىمىزدە جاۋاپسىز قالغان "سەن كىم ؟ " دېگەن سۇئالغا جاۋاپ تېپىشقا ئۇندەيدۇ. ئادىمىلىككە ئىگە ئۇلۇغ ئىستەكلىرىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ كۇچايتىدۇ. شىېرنى كىشى قەلبىدە گۇزەللىك بىنا قىلغۇچى دېگىنىمىزدە ، ئۆزىدىكى گۇزەللىك تۇيغۇسى ئارقىلىق ئوقۇرمەننى گۇزەل بىر دۇنياغا ئىنتىلدۇرۇش، يارىتىش ئىستىكى تۇرغۇزۇش، ۋە ئاخىرىدا ئىزدىنىش ئىشەنچىسىنى پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت ئويغىتىش كۇچىنىڭ بولغانلىقىدا دەپ قارايمىز. تەبىئەتتىكى گۇزەللىك شائىرنىڭ سەزگۇسى ئارقىلىق قەلىبكە كۆچۇپ ، قەلىمى ئارقىلىق ئىككىنچى بىر قەلىب زېمىنىغا ئۇرۇق بولۇپ چېچىلغاندىلا ئاندىن ئۇ ئادەتتىكى ئۇقۇم چۇشەنچىسىدىن ھالقىپ، ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. شائىر ھاجى ئەھمەت كولتېكىن ئۆز ئىجادىيىتىگە مۇئامىلە قىلغاندا، ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ۋىجدان نوقتىسىدىن چۇشەنگەن بىر سەنئەتكار سۇپىتىدە قەلەم تەۋرىتىپ، ئەستايىدىل ۋە سەمىمى پازىتسىيەدە بولىدۇ. شائىر" بىر دانىشمەن ھەققىدە رىۋايەت  " ناملىق ئىپىك شىېرىدا ھاياتلىق يولىنىڭ دوقمۇشلىرىدا ئاچچىق قىسمەتكە دۇچ كەلگەن بىر دانىشمەننىڭ ئوبرازى بىلەن مەنپەت ئۇچۇن ۋىجدانىنى ساتقان بىر مۇناپىقنىڭ ئوبرازىنى مۇۋاپىقيەتلىك يارىتىپ، بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق يالغۇز ئۆزىنىلا ئەمەس، بەلكى باشقىلارنىمۇ نابۇت قىلىدۇ –دېگەن ئىلمى ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىدۇ. يۇنان پەيلاسۇفى دېمۇگىرت :"شائىرنىڭ يۇكسەك قىزغىنلىقى بىلەن مۇقەددەس روھ ئاستىدا يېزىپ چىققان شىېرى جۇملىلىرى گۇزەل بولىدۇ " –دەپ يازغان. ("غەرپ ئەدەبىيات نەزىرىيىسى ماقالىلىرىدىن تاللانما" 1- قىسىم ) دىمۇ گېرىت ئېيتىۋاتقان يۇكسەك قىزغىنلىق تۇرمۇشقا بولغان قىزىقىشنى قوزغىغۇچى شائىرانە ھىسيات بىلەن ئۇ ئىپادىلىگەن "تۇرمۇش " تىكى سۆز بالاغىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، مۇقەددەس روھ دېگىنى شائىرنىڭ ئۇچىنچى كۆزى ئارقىلىق كۈزۈتۈپ چىقارغان يۇكسەك پەلسەپىۋى يەكۇن ۋە ئۇنى يېتەكلىگۇچى ئىستىتىك ئىنتىلىشكە قارىتىلغان. يۇكسەك دەرىجىدىكى قىزغىنلىق بىلەن ئۇلۇغ روھنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا رۇياپقا چىققان ئەسەرنىڭ ئىنسان مەنىۋىيىتىدىكى رولى شۇنداقلا ئىجتىمائى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۇرۇشتىكى ئىقتىدارى يۇقۇرى بولىدۇ. ياخشى يارىتىلغان بىر پارچە شىېرنىڭ ھاياتى كۇچى ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىگە ئېقىپ كېرىپ ، ئۇنىڭدا گۇزەل بىر سېزىم ئويغىتالىغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.شائىر ھاجى ئەھمەت كولتىكېن شىېرلىرىدىكى يېقىملىق سىمپونىيە ئۆزىدىكى سېھرى كۇچ بىلەن قەلىبنى ئىللىتقان ئوت، قاغجىرىغان تەننى ياشارتقان ئابى ھايات بولالىغانلىقى بىلەن قەدىرلىك.
" a$ k- W) J0 D1 y/ u
: d2 V) I% ^& R0 I; b7 R

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1612
تۆھپە : 114
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 23:17:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەزكۇر ماقالىنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنى بولغىنىمدىن خۇرسەنمەن. ئۇستاز ئەمەد دەرۋىش ۋە ھاجى ئەھمەد كۆلتىكىن ئەپەندىلەرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1156
تۆھپە : 0
توردا: 83
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 23:43:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ.ئۇستازلارنىڭ تېنى سالامەت بولغاي.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  562
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 335
تۆھپە : 0
توردا: 17
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 12:38:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەت مۇئەللىمنىڭ ماقالىسىدىن ئۇستاز ھاجى ئەھمەتنىڭ شېئىريەت قارشىنى ئاز-تولا چۈشەنگەندەك بولدۇم.  سالامەت بولۇڭ ئۇستازىم...

تاشتىن قاتتىقمەن گاھى، ناۋاتتىن تاتلىقمەن گاھى!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2070
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 19
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-29 16:24:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالەڭنى  ئوقۇدۇم. يارايسەن دادا! سەندىن پەخىرلىنىمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  838
يازما سانى: 294
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1452
تۆھپە : 0
توردا: 149
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-5 13:39:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتىمە يوللىغان ۋاقتى  2012-8-29 16:24
; \% v; w$ b* u- Z" }" Pماقالەڭنى  ئوقۇدۇم. يارايسەن دادا! سەندىن پەخىرلىنىمەن ...

3 y2 w; z" Y0 tپەخىرلىنىشكە ئەرزىگۈدەك بىر دادىنىڭ قىزى ئىكەنسىز . شۇڭا ئۆزىڭىزدىنمۇ پەخىرلىنىڭ .   M8 \2 b2 z+ o# H! p) B% t
دادىڭىزنىڭ ئىزىنى بېسىشىڭىزنى، ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .

يىڭى تىمامنى ئەخلەتخانىغا تاشلىۋەتكەن مۇھەررىر ، مالال كۆرمەي چۈشەندۈرۈش بەرسىڭىزكەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش