شېئىرلار
ئابدۈشۈكۈر ئابدۇرېھىمھاجى
يىراقلىشىش
كەلدى يەنە كەتتى يىراقلاپ ،
ئىگىز پاشنا ئۈمۈد يەلكىنى .
كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى ھەم ئۈنسىز ،
سەرگەرداننىڭ يامغۇرلۇق تۈنى .
كۆزلىرىمنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ،
بوۋايلاردەك سەزدىم ئۆزەمنى ...
1996-يىلى 9-ئاي ئۈرۈمچى
سۇمبۇل چاچ
ئۇيغۇر قىزى سۇمبۇل چېچىڭنىڭ ،
يىنىك -يىنىك تەۋرىنىشلىرى
دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل جىلۋە
قىرىق تال چېچىڭ
قىرىق تال يۇلتۇز
بىزەپ تۇرغان سامان يولىنى
ئىككى تال ئۆرۈلسە ئەگەر
غەزەپ بىلەن سىلكىنەر گاھى
ئايلانغاندەك بىرتال قامچىغا
ئۇيغۇر قىزى
ھېس قىلامسەن سۇمبۇل چېچىڭنىڭ
تارىختىنمۇ ئۇزۇنلىقىنى ؟!...
1995-يىلى ماي ئۈرۈمچى
كۆپ ھەسرەت چەكمىگىن
كۆپ ھەسرەت چەكمىگىن گۈزەللەر ئۈچۈن
ئاھ ،ئۇلار پەقەتلا دۇنياغا بىزەك
كىلىدۇ خازانلىق كەچكۈزى بىركۈن
قالىدۇ سەندىكى ئىنتىلگەن يۈرەك
كۆپ ھەسرەت چەكمىگىن ئۆتكەن كۈنلەرگە
قالدۇردى ئۆمرۈڭدىن قەلب مىۋىسى .
ئۈمۈدسىز بولمىغىن كېلەچەكتىن ھەم ،
ئۇ كۈتەر كۆرەشتە يىتىلگەن ئەرنى .
2000-يىلى ئۆكتەبىر ئاتۇش
ئوغۇل بالا شۇنداق ياشىسۇن
كۆيۈش كېرەك ئوتقا ئوت بۇلۇپ ،
بۇ ھىجراندا يەنە كۆيمەيمىز .
جىن چىراقتەك يانغان ئوتلارنى ،
ھەۋەس دەيمىز ئىشق دىمەيمىز .
قەدىرلىگىن قەدىرلىكىڭنى ،
باھاسىغا ياتلار يەتمىسۇن .
ئوغۇل بالا جۈرئەتسىزلىكىدىن ،
بىر كۈنلەردە ئازاب چەكمىسۇن .
كۈلۈش كېرەك زورىغا كۈلمەي ،
تىلەكلەرگە يەتكەن چېغىدا.
جانغا زولۇم پۇشايمان -ھەسرەت،
ئامەت قولدىن كەتكەن چېغىدا .
تەشنالىقلار سۇدا قانمىسا ،
زۆرۈر ھەتتا ئىسسىق قان بېرىش .
مۈشكۈللەرنىڭ قىيىن مۈشكۈلى ،
پاكىز ياشاپ پاكىز جان بېرىش .
2006-يىلى ئاتۇش