«شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى ئۇيۇشتۇرغان بۇ سىمنارىيىگە قاتنىشىپ ، بىزگە دەرس سۆزلەپ بەرگەن ۋە بىرگە قاتناشقان ئۇستازلارغا ۋە دوستلارغا بۇ چاقچاقلارنى قىلغانتىم.سىلەر بىلەن ئورتاق ھۇزۇرلىنىش مەقسىدىدە سىلەرگە سۇندۇم.
قاھار نىياز ئاكىغا
قاھار ئاكام بەك ئەقىللىق بولغاچقا
ھۈنىرى ئۈچ،تۆت ھەتتا بەش ئالتىكەن
ئەقلى ئۇزۇم بولغان بىلەن ئۇنىڭكى
قاراپ باقسام قۇيرۇقى «بەك كالتىكەن»
ئادىل مىجىت ئاكىغا
ئادىل ئاكام ياخشى ئىتوت ئويناشنى
ئانىسىنىڭ قورسىقىدا باشلىغان
تېلىقتۇرۇپ كۈلدۈرۇپ ھەم كۆيدۈرۈپ
نەچچە قىزنىڭ كۆزلىرىنى ياشلىغان
ئۆمەر ئىمىن ئاكىغا:
بىلەمسىلەر زىيالىيلار ئىچىدە
يۈرىكى شوخ ھەم توق ئادەم ئۆمەرجان
شۇڭلاشقا ئۇ تولا كۈيۈپ قىزلارغا
قوغلار ئىكەن بوپقالغۇچە ئۆلەرجان
راخمان داۋۇت ئۆزھالغا:
قۇيۇۋاپسىز قاملاشتۇرۇپ تەخەللۇس
بەك يېقىملىق ھەم مەنىلىك «ئۆزھال» دەپ
ئاڭلىشمچە ئۇچراپ قالسا موماينى
يۈرگىدەكسىز تاپتىم ئەمدى ئۆز يار دەپ
تۇرسۇن زۇنۇن ئاكىغا
تۇرسۇن مۇئەللىم سەنئەت مەكتەپ ئىچىدە
يۈرىدىكەن قۇياش كەبى پارقىراپ
جاراڭلىتىپ تېلۋۇزۇرنى دائىما
يۈرىدىكەن «مەن خېمەن» دەپ ۋارقىراپ
مەمەت مۇئەللىمگە:
قازاقسىتاندىن قايتىپ كەپسىز مەمەتجان
ئاڭلىشىمچە ھاۋاسىغا كۆنەلمەي
ئۇ يەردىكى قازاق قىزنىڭ ھەققىنى
نىسى قىلىپ دەل ۋاختىدا بېرەلمەي
ئاسىمجان ئۇبۇلقاسىمغا
شېرىيەت ئاسمىنىدا ئاسىمجان
بىلىۋالدۇق يۇلتۇزكەنسىز ئەسلىدە
ئاھ«ئىشقىم» دەپ نىدا قىلىپ يۈرەمىسز
يېتەلمەستىن »نازىن» نىڭ ۋەسلىگە
غېنى سەمەتكە:
كۆيىنىگىڭىزنى سەمەتجان
چاقماق كىيىپ يۈرەمسىز
ناخشا ئېيىتىپ قىزلانى
ئاخماق قىلىپ يۈرەمسىز