«شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى تىياتىر ئىجادىيىتى سىمىنارىيەسى باشلاندى
«شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ بىرلىشىپ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيۇشتۇرۇلغان «‹شىنجاڭ سەنئىتى› ژۇرنىلى تىياتىر ئىجادىيىتى سىمىنارىيەسى» 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغدىكى «ئىجادىيەت – ماتىريال مەركىزى»دە باشلاندى. كۇرۇسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئۆمەرجان ئىمىن، مۇئاۋىن تەھرىرات باشلىقى قاھار نىياز ۋە ئاتاقلىق تىياتىر ئىجادىيەتچىلىرى، ئورۇنلىغۇچىلىرىدىن تۇرسۇن يۇنۇس،تۇرسۇنجان لېتىپ، تۇرسۇنجان زۇنۇن،ئادىل مىجىت ھەمدە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كۇرسانتلار، ئۈرۈمچىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئاخپارات ئورۇنلىرىدىن بولۇپ 30دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. كۇرۇسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتۇنوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم رىياسەتچىلىك قىلدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ نۆۋەتتىكى سەنئەت ۋە تىياتىر ئىجادىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، بۇ ساھەدىكى ئىجادىيەتچىلەر قوشۇنىنىڭ قۇرۇلۇلىشىنى كۈچەيتىش، ئۇلارنى تېخىمۇ كوپ ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تىياتىر ئەدەبىياتى ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە چوڭقۇر ۋە ئەتىراپلىق لېكسىيە سۆزلەپ، ئۆز قاراشلىرى، تەكلىپ ۋە ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. بۇ قېتىمقى سىمىنارىيە 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ. بۇ جەرياندا كۇرسانتلار تىياتىر ئىجادىيىتى سەھەسىدىكى پىشقەدەم ئەدىبلەردىن لېكسىيەلەرنى ئاڭلايدۇ، تىياتىر ئىجادىيىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ۋە ئۇنى جانلاندۇرۇش ھەققىدە مۇھاكىمە، سۆھبەتلەردە بولىدۇ.
|