ximal
كۆرۈش: 252|ئىنكاس: 4

مىكرو ئوبزور(39) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  303
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 466
تۆھپە : 0
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 18:23:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوتەندە قالغان تۆت ناخشا

مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى

(1)

پاتتىڭ تىرەن قەلبىمگە ئوقتەك

چۈشلىرىمدىن ساقىماقتا قان.

بىر قارىسام دۇنيادا يوقتەك

بىر قارىسام ئالدىمدا تۇرغان.

ئاقار ئارمان..ئاقار كەيپ كۈي

شاۋقۇنلىرى سىڭمەكتە سايغا.

سۆيسەڭ ئەگەر قىپيالىڭاچ سۆي!

قانلار قالسۇن سۆيۈشكەن جايغا.

تىترەك ئۈنۈڭ ماڭا سىم قامچا

سىلىكنىمەن تەگكەندە ھەر رەت.

كۆكرىكىڭگە يۆلەنگىنىمچە

مەن روھىڭغا يازماقتىمەن خەت.

ئىزى قالدى لەۋنىڭ ...كۆڭۈلنىڭ

مىسرالاردا چاقنار ئاي نۇرى.

پاچىقىڭدا ئېچىلغان گۈلنىڭ

كۆز يېشىدۇر سىم-سىم يامغۇرى.

گۈللەر..ئايدىڭ..يەنە مەست شامال

نىلۇپەردەك كۆتۈردى كۈنلۈك.

يىغلا..يىغلا، شادىمان ئايال!

مەن يىغاڭنى يازىمەن ئۈنلۈك.

ئۈنتۇلماستا خەيرىلىك تۈنلەر

مەن سايەڭنى چىلاي شارابقا.

كارۋىتىمدا ئاخشامقى ئۈنلەر

خۇش ھىدىنى قوشار ئازاپقا.

لەرزان..مۇڭلۇق ناخشىدۇر ھايات

سەن رەققاسسەن..مەن بىر ناخشىۋەن.

تەقدىر دېگەن ئەما موزىكانىت

كۈي كۈيلەيدۇ شۇ قەدەر لېۋەن......

(2)

پاتتىڭ تىرەن.....قەلبىمدە بىر دەرد

چۈشتىن چۈشكە سوزۇلدى ھېجران.

مانا ئەمدى يازماقتىمەن خەت

مىسرالاردىن ساقىماقتا قان.

ئاققان تۈنلەر....سىم-سىم ئاي نۇرى

قەرز قىلار شائىرنى بۇ تەن.

سېغىنىشنىڭ ئاپئاق گۈللىرى

لەۋلىرىڭگە سۆيىدۇ قەستەن.

تاشتىن تاشقا...كۆڭۈللەر ياشقا

كۆزلىرىمنى يەپ كەتتى كۆزلەر.

ئايال يوقتۇر سېنىڭدىن باشقا،

جىرىڭلايدۇ كارىۋاتتا سۆزلەر.

ئىزىڭ كەلدى...سايەڭ كۆرۈنمەس

بوسۇغامدا ياۋايى ئىستەك.

مەن كەيپمەن،كەيپ غەرق مەست

قەي قىلىدۇ ھېجراننى يۈرەك.

گۇگۇم ئارا يېشىندىڭ تىترەپ

سەرخۇشلۇقتا تۇرىمەن قاراپ.

كۆكرىكىڭدىن ئاپئاق ھور ئۆرلەپ

لېۋىڭ ئۈزرە قاينايدۇ شاراپ.

ئۈزدۈم.. مەستلىك تېڭىمدا دولقۇن

قىرغىقىڭدا گۈللەر سايىۋەن.

تېنىم شۇ تاپ چېچىلغان يالقۇن

بىر زىخ كاۋاپ پىژىلدار تىرەن.

لەيلەر ئاسمان..كۆڭۈل كۆكۈشرەڭ

مىسرالاردىن ئاقار كەيىپ تەن.

كۆكسۈڭ ئۈزرە جۇلالىغان مەڭ-

ئىچرە بىزنى ئۇنتۇدى خوتەن.....

(3)

پاتتىڭ تىرەن...ساغۇچ كۈز پەسلى

تىنىقىڭغا سىڭىشكەن مەھەل.

بارماق ئىدىم يېنىڭغا ئەسلى

توختاپ قالدىم كارۋىتىڭدا دەل.

ئانار قارنى يېرىلدى...يۇلتۇز

قىزغۇچ ئۈندە چېچىلدى يەرگە.

خوتەن يالغۇز..ئىككىمىز يالغۇز

نىمە دەيتىڭ ئەسەبىي ئەرگە؟..

تارت لېۋىڭنى...لەۋلەر قان يۇقى

كۆكسۈڭ ئارا پەرۋازدا جەرەن.

كېلىپ تەگدى سۆيگۈنىڭ ئوقى

لېكىن ئۇخلاپ ياتىسەن لېۋەن.

ئىزلىمەسسەن...ئىزلەش بىھاجەت

مانا سۆيگۈ..مانا بۇ تۇرمۇش.

يىگىرمىدىن ئۆتتۈڭ ..بىتاقەت

سېنىڭ تامام..يىغلاش...ئاھ ئۇرۇش..

گۈللەر تامام قانرەڭ ئېچىلغان

كارۋىتىڭدا چۈشلەر يالىڭاچ.

ئەتىرگۈلنىڭ ھىدى چېچىلغان

ئۇۋىسىغا كىرەر قارلىغاچ....

ئۇنتۇ،دەرسەن..ئۇنتۇلماس لېكىن

بىر كۈنلەردە خەتتە،تېلېفۇندا.

سەن بىر ئېتىز..سەن مۇنبەت ئېكىن

ھوسۇل بىرەر ۋۇجۇدۇڭ قاندا.

لەرزان ئۈندە چايقالغان تۈنلەر

سەن-سەن ماڭا،بىر ماڭىلا تەن.

قۇلىقىمدا قالار شۇ ئۈنلەر

قالار مەڭگۈ يىراقتا خوتەن.....

(4)

پاتتىڭ تىرەن...كۈزدىن قايتتىم

ئەينەكلەرگە ئەگىشەر چۆللەر.

كۆكسۈمدىكى ئوقنى تارتتىم

جاراھەتتىن ئېچىلدى گۈللەر.

ئاسمان غۇۋا...كۆڭۈل قىزىل رەڭ

ئاپتوبۇسقا ئەگەشمەكتە ئاي.

كۆكسۈڭدىكى ئەشۇ قىزغۇچ مەڭ

نۇر چاچماقتا تۇيغۇمغا تىنماي...

توختاپ قالدى بوسۇغامدا تۈن

چۈشكىن،ئەمدى قونغىن يولۇچى.

كۆكسۈم چۇچۇل...ئۆرلەيدۇ تۈتۈن

ئالقىنىمدا بارمىقىڭ ئۇچى.

ئىستەكلەرگە چىلىدىڭ تەكرار

ماكان بولدى سۇ بىلەن ئاتەش.

قايتا-قايتا يىغلايدۇ باھار

كۆزلىرىڭدە چوڭقۇر بىر ئۈندەش...

گۈللەر يالغان ئېچىلغان تاڭدا

ئاخىرقى رەت باقارسەن قىيا.

ئايىغىڭدىن توزغىغان چاڭدا

سۈكۈت بىلەن قالىدۇ دۇنيا...

ئۇخلا ،كۆڭۈل...ھاياتىڭ بىر چۈش

بىر ناخشىنىڭ قالار ئاھاڭى.

سۆيۈشىدۇ ئۆز ئارا ئۆتمۈش،

توزغۇپ ئىسسىق لەۋلەرنىڭ چېڭى.

لەيلەر گۈللەر...يەنە شۇ ناخشا

لەيلەر گويا تۇيغۇمدا بۇ تەن..

كەلگىن ئەمدى ناخشامنى تىڭشا

ئەي يىراقتا قالغان يار خوتەن!...


«خوتەندە قالغان تۆت ناخشا»ھەققىدە تەھلىل

شېئىر ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كىيىن خېلى كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.بولۇپمۇ ياش شېئىر ئىخىلاسمەنلىرى شېئىردىكى قايناقلىقتىن ،ئەسەبىيلىكتىن، تەۋەككۇلچىلىقتىن مەست بولدى. گاھ شېئىر ئەنجۇمەنلىرىدە ئۈۈندىلەرنى ئېلىپ شېئىر نى «نامايىش»قىلىشتۇق.دەرۋەقە شېئىردا شۇنداق ئۆزگىچىلىكلەر بار ئىدى.
1.شېئىر باشتىن ئاياغ قايناق ھېسيات بىلەن يېزىلغان.ئۇنىڭ ئۈستىگە شېئىردىكى كۈچلۈك رىتورىكا ،مىسرالارنىڭ تۈزۈلۈش جەھەتتىكى ئاڭاھدارلىقى ھېسياتنى كۈچەيتكەن ،بۇيرۇق پىللارنىڭ كۆپ قوللىنىشى  بولسا شېئىردا بىر خىل جىددىي،كۆتۈرەڭگۈ كەيپىيات شەكىللەندۈرگەن.ياش ئوقۇرمەنلەر ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياجان ،ھېسياتقا ئىگە بولۇپ ئۇلارغا نىسبەتەن ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن يېزىلغان پەلسەپىۋى پىكىرلەردىن كۆرە ،قايناق ،ھاياجانلىق لىرىكا ئوڭاي ھەم كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ.بۇ خىل ئالاھىدىلىك ياشلارنى جەلىپ قىلىشتىكى موھىم بىر نوقتا.
2شېئىردا بىر قىسىم يالىڭاچ،ئەسەبىي مىسرالار بولۇپ، بۇ خىل ئىپادىلەش ئۇيغۇر بىر خىل تەۋەككۇلچىلىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇيغۇر شېئىرىيتى كۈچلۈك ئىتىكىلىق ئاساسقا ئىگە.شېئىر مۇقەددەس ،پاك نەرسە دەپ قارىلىدۇ.بىزەپ، قالايمىقان سۆزلەرنى ،ئىپادىلەشلەرنى ئىشلىتىش ئومۇمىي خاھىش جەھەتتىن چەكلىنىدۇ.بۈگۈنكى كۈندە غەرب ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرى شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ ئېچىۋىتىلىشى نەتىجىسىدە ئىنسسان تەبىيتىدىكى قاراڭغۇلۇقلارنى ئەينەن ئىپادىلەش شۇئارى ئاستىدا بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ ،لىكىن ئومۇمىي خاھىشتا كۆپ ئۆزگىرىش بولغىنى يوق.ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى يەنىلا شېئىرنى بىر خىل پاك،مۇقەددەس نەرسە دەپ تونۇيدۇ. مەزكۇر شېئىردا بۇ خىل چەكلەنگەن تىما خېلى كۈچلۈك بۆسۈپ ئۆتۈلگەن،بۈگۈنكى بىر قىسىم ياشلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا ئۇيغۇن كەلگەن.مەسىلەن:

سۆيسەڭ ئەگەر قىپيالىڭاچ سۆي،

گۇگۇم ئارا يىشىندىڭ تىترەپ،
سەرخۇشلۇقتا تۇرىمەن قاراپ.
كۆكرىكىڭدىن ئاپئاق ھۆر ئۆرلەپ،
لىۋىڭ ئۈزرە قاينايدۇ شاراپ.

كۆكسۈڭدىكى ئاشۇ قىزىل مەڭ،
نۇر چاچماقتا تۇيغۇمغا تىنماي.

مىسرالاردىكى شېئىرى پەردىگە ئورالغان يالىڭاچلىق ،ئەسەبىيلىك خېلىلا كۈچلۈك.بۇ خىل تەۋەككۇلچىلىق ئەنئەنىگە ،ئۆزگەرمەس قائىدە -تەرتىپكە قارىتا ئىسيانكارلىق روھى كۈچلۈك ياشلارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىپادىلەش بولغان
3.شائىرلارنىڭ روھىي جۇغلانمىلىرىنى قانداق ئىپادىلەش مەسىلىىسى ئاىىرىقى شائىرلىق تەقدرىگە چېتىلىدۇ.شائىر بۇ يولدا نۇرغۇن مۇشاقەتلەرنى باشتىن كەچۇرىدۇ.بۇ شائىرنىڭ چېنىقىش جەريانىدۇر.ھەۋەسكارلىقتىن شائىرلىققا ئۆتۈش جەريانى ناھايتى مۇرەككەپ ،ئۇزۇن جەريان.شائىرنىڭ ئۆزىگە خاس بىر يول تېپىپ،توختىماي ئىجاد قىلىشى ،ئۆزىنى چوڭقۇر قېزىشى جەريانىدا ئنىڭدا پىشقان ئىجادىيەت تەجرىبىسى شەكىللىنىدۇ.مۇشۇ تەجىرىبە ئاساسىدە ئۇ ئۆزىنى ئۈزللۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ ماڭىدۇ.شائىر ئوۋچى ئۆزىنىڭ پىشقان شېئىرلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بۇرۇنلا شېئىرىيەت ئىستىداتىنى نامايان قىلغان شائىر .«خوتەندە قالغان تۆت ناخشا»دەل شائىرنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك شېئىرىيەت تەجرىبىسىنىڭ نەتىجىسى .شۇڭا بۇ  شېئىر مۇنداقلا تۇيۇقسىز يېزىلىپ قالغان ئەمەس بەلكى شائىرنىڭ پىشقان شېئىرىيەت تەجرىبە ئاساسىغا ئىگە.
4.شېئىر كۈچلۈك ھېسيات بىلەن بىر ەەۋدىلەشكەن چوڭقۇر تەسەۋۋۇرغا ئىگە.مەسىلەن:

تىترەك ئۈنۈڭ ماڭا سىم قامچا،
سىلكىنىمەن تەگكەندە ھەر رەت.

سەن بىر ئېتىز ،سەن مۇنبەت ئىكىن،
ھوسۇل بىرەر  ۋۇجۇدۇڭ  قاندا.

شېئىردىكى تەسەۋۋۇرلار ئۆزگىچە ،ئىجادى ھەم يېڭى. بولۇپمۇ باغلانما تەسەۋۋۇر ئوقۇرمەننى ھاياجانلاندۇرىدۇ. تىترەك ئاۋازنىڭ ئاڭلىنىشى بىلەن قامچىنىڭ بەدەنگە تىگىشى،ئېتىزنىڭ ھوسۇل بىرىشى بىلەن ئادەمنىڭ پەرزەنت قالدۇرۇشىدىن ئىبارەت ھادىسە ئوخشاتما تەسەۋۋۇر شەكلى ئارقىلىق ناھايتى ئۆزگىچە ھالەتكە كىرگەن.

5.شېئىر ئوقۇلۇشقا ناھايتى رەتلىك،ئىخچام،ئاھاڭدار.قاپىيەلەرنىڭ ماسلىشىشىمۇ ناھايتى كۈچلۈك.باشتىن ئاخىر توق،ئالماش قاپىيە بىلەن يېزىلغان بۇ شېئىر ئۆزىدىكى قايناق ھاياجان تەپتى بىلەن ئوقۇرمەننى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ تۇرىدۇ. زەنجىردەك ئۇلىشىپ كەلگەن ئالماش قاپىيە شېئىرنىڭ مۇزىكىدارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
ئومۇمەن شېئىرى ئۆزىدىكى بىر قاتارلىك ئالاھىدىلىكلەر بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى دېھقەت مەركىزىگە ئايلانغان.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hazratali ali تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-26 18:26  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 794
تۆھپە : 3
توردا: 350
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 18:35:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ ئوبزوردىن شېئىرنى ياخشى يىزىلغاندەك ھېس قىلدىم...

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 551
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1010
تۆھپە : 2
توردا: 261
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 22:59:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرمۇ ياخشى يېزىلىپتىكەن،بۇ ئوبزور ئارقىلىق بۇ شېئىرغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرگىلى بولىدىكەن.بۇ توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1154
تۆھپە : 4
توردا: 153
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 18:13:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شېئىردىكى ئوت، لىرىكا، قىزغىنلىق،ئەسەبىيلىك بۇ ئوبزوردا قىسقىچە تەھلىل قىلىنىپ، شېئىرغا كىرىشنىڭ يەنە بىر يولىنى كۆرسىتىپ، شېئىردىكى مەنەنى قاتلاملىققا ئىگە قىلغان.
  ئوبزور مىكرو بولغاچ، ھەر بىر مىسراغىچە تەھلىل قىلىشنىڭ ئورنى يوق. ئەڭ گەۋدىلىك يىرىنى نۇقتىلىق تەھلىل قىلىپ، شېئىرنىڭ يارقىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان.

كۆڭۈلدىن  كۆڭۈلگە يول بولسۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2019
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 253
تۆھپە : 0
توردا: 15
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 00:24:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئوخشاش پىكىردە شېئىرغا قارىغاندا ئوبزور ياخشى چىقىپتۇ .........

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش