ximal
كۆرۈش: 367|ئىنكاس: 5

دوستويېۋىسكىي قەلىمى ئاستىدىكى«خورلانغانلار ۋە زىيانكەشلىككە...» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1922
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 54
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 17:41:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     دوستويېۋىسكىي قەلىمى ئاستىدىكى«خورلانغانلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار»



  دوستويېۋىسكىي زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان، تۇرمۇشى زىددىيەت بىلەن تولغان يازغۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىدىيەسىمۇ ئوخشاشلا زىددىيەتلىك ھەم مۇرەككەپ. ھازىر رۇسىيە ۋە پۈتۈن دۇنيادا دوستويېۋىسكىيشۇناسلىق ئەۋج ئالماقتا.
    دوستويېۋىسكى 1821 - يىلى 11 - ئاينىڭ 11 - كۈنى موسكۋادىكى بىر دوختۇر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى چەت جايدا بولۇپ، نامرات ئىدى. ئۇ بالىلىق چاغلىرىدا ھەمىشە ئاكىسى مىخائىل بىلەن بىللە دېرىزە ئالدىغا كېلىۋېلىپ، كېسەل كۆرسەتكىلى كەلگەن نامرات بىمارلارنى كۆزىتەتتى. بۇنداق ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈش ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتىگە ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. 1830 - يىللارنىڭ باشلىرىدا دادىسى تۇرا ئۆلكىسىدىن ئىككى قورۇق سېتىۋالغان، شۇنىڭ بىلەن دوستويېۋىسكى بۇ يەردىكى دېھقانلار بىلەن دوستلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. دوستويېۋىسكىينىڭ ئىجادىي پائالىيىتى 1844 - يىللاردا باشلانغان بولۇپ، تۇنجى رومانى «نامراتلار» (1846 - يىلى) دا خورلانغان، ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغان «ئاددىي كىشىلەر» نىڭ قىسمىتى ھېكايە قىلىنغان. «سىياقداش» (1846 - يىلى)، «ئاق كېچىلەر» (1848 - يىلى) پوۋېستلىرىمۇ ئەينى دەۋر رۇس جەمئىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن ئىجتىمائىي كۆرۈنۈشىدۇر.
   دوبروليوبوف، بېلىنىسكىي قاتارلىق دېموكراتىك زىيالىيلارنىڭ ئىنقىلابىي غايىلىرىگە مەھلىيا بولغان دوستويېۋىسكىي 1847 - يىلى رۇس ئىنقىلابچىسى ۋە خىيالىي سوتسىيالىزمچىسى پېترىشېۋسكىي قۇرغان تەشكىلاتقا قاتنىشىپ، ئۇنىڭ خىيالىي سوتسىيالىزم غايىسىنى قوللىغان. دوستويېۋىسكىي قاتارلىق 21 نەپەر كىشى مەزكۇر تەشكىلاتقا قاتنىشىپ، «ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان دۆلەت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش غەرىزىدە بولغان» لىقى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان (1849 - يىلى) ئۇلارنىڭ دوستويېۋىسكىيدىن باشقا ھەممىسى ئېتىپ تاشلانغان. نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ ئارىلىشىشى نەتىجىسىدە، پادىشاھ ئالېكساندىر دوستويېۋىسكىيغا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى 4 يىللىق سۈرگۈنكە ئۆزگەرتكەن. ئۇزۇن مەزگىللىك سۈرگۈنلۈك ۋە مەھبۇسلۇق تۇرمۇشى دوستويېۋىسكىينىڭ دۇنيا قارىشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن. كېيىن ئۇ «ستېپانچىكوف يېزىسى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى» (1859 - يىلى)، «خورلانغانلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» (1861 - يىلى)، «ھالاكەت ئۆيىدىكى خاتىرە» (1861 − 1862 - يىللار) قاتارلىق ئەسەرلىرىدە جاھالەت پاتقىقىغا پېتىپ، ئىنسانىيلىقىنى يوقاتقان رۇسلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەسۋىرلىگەن. «جىنايەت ۋە جازا» (1866 - يىلى)، «گومۇش» (1868 - يىلى) رومانلىرىدا رۇس خەلقىنىڭ زىددىيەتلىك روھىي ھالىتى، ئەخلاقىي چۈشكۈنلۈكىنى ئەكس ئەتكۈزگەن. «ئالۋاستىلار» (1871 − 1872 - يىللار)، «ئۆسمۈر» (1875 - يىلى) رومانلىرىدا بولسا رۇس «ئاقسۆڭەكلەر» تەبىقىسى، ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا مەنىۋى نامراتلىق، ئەمەلپەرەسلىك، ئاچ كۆزلۈك ۋە ئەخلاقسىزلىق قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. «ئاكا - ئۇكا كارامازوفلار» (1879 − 1880 - يىللار) رومانىدا جەمئىيەت ۋە شەخس ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر زىددىيەت، روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە پاجىئە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
   «خورلانغانلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» − يازغۇچى 1861 - يىلى سۈرگۈندىن پېتېربۇرگقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يازغان تۇنجى مۇھىم رومان ھەم دوستويېۋىسكىينى ئەدەبىيات مۇنبىرىگە ئېلىپ چىققان تۇنجى ئەسەر. بۇ رومان ئۇنىڭ پۈتكۈل ئىجادىيەت ھاياتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. دوستويېۋىسكىي بۇ روماننى ئىجاد قىلىشتا پۇشكىن بىلەن گوگۇلنىڭ رېئالىزملىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغان. نېكراسوف، بېلىنىسكىي قاتارلىقلار رومانغا يۈكسەك باھا بەرگەن. روماننىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبى «نامراتلار» رومانىنىڭ ئۇسلۇبىغا ئوخشاپ كېتىدۇ.

  مەزكۇر روماندا ئىككى ئېچىنىشلىق ھېكايە بايان قىلىنىدۇ: 1 - ھېكايىدە گىراف ۋاركوۋېسكىنىڭ ئوغلى ئاليوشا بىلەن ئېخمانوف بوۋاينىڭ قىزى ناتاشانىڭ بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنغان.  2 - ھېكايىدە شىمىس بىلەن ئۇنىڭ قىز نەۋرىسى نېرلىنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنغان. گىراف ۋاركوۋېسكىي ياش چاغلىرىدا شىمىس بوۋاينىڭ قىزىنى ئازدۇرۇپ، ئۇنى ئېلىپ قاچىدۇ. ئۇلار شىمىس بوۋاينىڭ مال - مۈلكىنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ۋاركوۋېسكىي شىمىس بوۋاينىڭ قىزىنى چەت ئەلدە تاشلىۋېتىدۇ. كېيىن شىمىس بىلەن ئۇنىڭ قىزى كېسەللىك، نامراتلىق دەستىدىن ئارقا - ئارقىدىن ئۆلۈپ كېتىدۇ. 22 − 23 ياشلاردىكى نېرلى پېتېربۇرگدا سەرسان - سەرگەردان بولۇپ يۈرىدۇ. بىرمۇ ئۇرۇق - تۇغقىنى بولمىغاچقا پاھىشخانىغا كىرىپ قېلىشقا تاس قالىدۇ. مانا بۇ ئاپتور تەسۋىرلىگەن ھەقىقىي «خورلانغانلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» دۇر.  
   مەيلى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى كۆزىتىش، مەيلى ئىنسان قەلبىنى چوڭقۇر قېزىش جەھەتتە بولسۇن، مەزكۇر رومان ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى بىۋاسىتە تەسۋىرلىگەن، مۇكەممەل بەدىئىي ئوبراز ياراتقان. بۇنداق ئوبرازلار ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرىدىكى ئوبرازلاردىن زىنھار قېلىشمايدۇ. روماندىكى ئالۋاستى سۈپەت سەلبىي ئوبراز گىراف ۋاركوۋېسكى ئەينى دەۋر رۇسىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ رېئال تىپىدۇر. ئۇ پۇل ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن يانمايدىغان، مەقسىتىگە يېتىشتە ۋاسىتە تاللىمايدىغان رەھىمسىز كاپىتالىستنىڭ ئوبرازى. ئاپتور بۇنداق ئالۋاستى سۈپەت ئوبرازنى باشقا ئەسەرلىرىدىمۇ، جۈملىدىن «جىنايەت ۋە جازا»، «گومۇش»، «ئالۋاستىلار» دىمۇ ياراتقان.
   «خورلانغانلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» رومانىدا كىچىك نېرلىنىڭ ئوبرازى ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان. بۇ رۇسىيە ئەدەبىياتىدىكى گۆھەر كەبى ئوبراز. قىز ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن قاتتىق يىرگەنسىمۇ، يەنىلا مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ. ئېچىنىشلىق تەقدىر ئۇنىڭغا ئادالەتسىزلىك قىلسىمۇ، يەنىلا ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە پاك مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ. ئاخىر ماڭارغا يول تاپالمىغان چاغدا ياخشى ئادەمگە ئۇچرايدۇ. كېيىن يەنە بەختسىزلىك تۈپەيلىدىن ئەمدىلا ئېچىلىشقا باشىلىغان گۈلى توزۇيدۇ. بىز ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى، يەنى جان ئۈزۈش ئالدىدىكى ھالىتى تەسۋىرلەنگەن قۇرلارنى ئوقۇغان چېغىمىزدا ئىختىيارسىزلا كۆزىمىزگە ياش ئالىمىز. ئۇ فىرانسىيە يازغۇچىسى ئېرۋېن شۇنىڭ رومانى «پارىژنىڭ سىرى» دىكى مارىيەگە ئوخشاش پاسكىنا مۇھىتتا تۇرسىمۇ، پاسكىنىچىلىقنى ئۆزىگە قىلچە يۇقتۇرمايدۇ. ھايۋانىي مۇھىتتا ياشاپ تۇرۇپمۇ پاكلىقىنى ساقلايدۇ.
   روماندا ئاپتورنىڭ ئىجادىيەت خاراكتېرى ناھايىتى روشەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى مۇنداق:


    بىراۋغا ياخشىلىق قىلىش ئىدىيەسى
  

   نامرات ۋە ھايۋان كەبى تۇرمۇش ئىچىدە ياشىغان ئاق كۆڭۈل قىز ھامان ياخشى ئادەملەرگە يولۇقىدۇ. دۇنيادا يەنە ياخشى ئادەملەر بار ئىكەن، دېگەن تۇيغۇغا كېلىدۇ. ياخشى كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتى قىز پېرسوناژنىڭ مۇزلاپ كەتكەن قەلبىنى ئېرىتىدۇ. نەتىجىدە ئۇ مۇھەببەتلىك تۇيغۇ ئىچىدە بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالىشىدۇ.
   ناتاشانىڭ دادىسى خوجايىنىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ ھەم پۈتۈن مال - مۈلكىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئەمما مۇشۇنداق چاغدا، قىزى دادىسىنىڭ دۈشمىنىنىڭ ئوغلىغا كۆيۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن قېچىپ كېتىدۇ. بوۋاي قىزىنىڭ قىلمىشىغا نەپرەتلەنسىمۇ، لېكىن يەنىلا كۆڭلىدە ئۇنىڭغا كۆيۈنىدۇ.
   شىمىس بوۋاينىڭ قىزى ئاشىقى بىلەن بىرلىشىپ بوۋاينىڭ مال - مۈلكىنى ۋەيران قىلىدۇ.  بوۋاي ئاخىر قاقسەنەم بولۇپ قالىدۇ. كېسەللىك ۋە نامراتلىق تۈپەيلىدىن قىزى كوچىدا ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇ قىزىنى كەچۈرمەيدۇ. قىزىغا بولغان مۇھەببەت نەپرەتكە ئايلىنىدۇ. ئەمما بۇنداق نەپرەتكە يەنە چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەت يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بوۋاي قىزىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ قەبرىسىنى ئىزدەپ تاپىدۇ. قەبرە ئالدىدا تۇرۇپ قاتتىق ئازابلانغان بوۋاي ھوشىدىن كېتىپ يىقىلىدۇ، كېيىن ساراڭ بولۇپ قالىدۇ. ئېۋان پېتروۋىچ ئەسلىدە ناتاشا بىلەن تال - چىۋىقنى ئات ئېتىپ ئويناپ چوڭ بولغانىدى، ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈشىدۇ. ئەمما بۇ چاغدا ناتاشا باشقا بىر ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە قېچىپ كېتىپ بىر ئۆيدە بىللە تۇرۇۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئېۋان پېتروۋىچنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى نەپرەتكە ئايلىنىدۇ. كېيىن ناتاشانى ئاشىقى تاشلىۋەتكەندە، ئېۋان پېتروۋىچنىڭ ناتاشاغا بولغان ئۆچمەنلىكى يوقاپ، ئەكسىچە ئۇنى ئىلگىرىكىدەك ياخشى كۆرىدۇ.


   ئەپۇچانلىق ئىدىيەسى
   

  گىراف ۋاركوۋېسكى نېرلىنىڭ بەختسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، ئاپتور گىرافنى ئەيىبلىمەيدۇ، ئەكسىچە گىرافنىڭ قۇربانى بولغان شىمىس بوۋاينى ئەيىبلەيدۇ. چۈنكى بوۋاي ئۇنى ئەپۇ قىلمىغاچقا، بىچارە قىز يەر ئاستى ئۆيدە ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىدۇ.


   جاپاغا چىداش روھى
   

   ناتاشا ھەرقانداق مۈشكۈل، قىيىن شارائىتتىمۇ ئۆزىنىڭ سۆيگەن يارىنى ئۇنتۇمايدۇ. جاپا - مۇشەقەتكە چىداپ ئۆزىنىڭ بەختىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ. ئۇ مۈشكۈلچىلىك ئادەمنى تاۋلايدۇ، دەپ قارايدۇ. نېرلىمۇ ناتاشاغا ئوخشاش قاراشتا بولىدۇ. ئۇ «خورلانغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان» بولسىمۇ يەنىلا پاك مۇھەببەتكە ئىنتىلىدۇ. مۈشكۈلچىلىك جاپا تارتقۇچىغا يېڭى ھايات ئاتا قىلىدۇ، دەپ قارايدۇ.
   شۇنى تەكىتلەش ئارتۇقچە ئەمەسكى، غەربتە نېچىشى پەلسەپىسى 19 - ئەسىرنىڭ 70 - يىللىرىدىن 80 - يىللىرىغىچە شەكىللەنگەن. دوستويېۋىسكى نېچىشىنىڭ كىتابىنى كۆرمىگەن، ئەمما نېچىشى دوستويېۋىسكىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ پەلسەپىسى ئارقىلىق دوستويېۋىسكىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى نۇرغۇن سىرلارنى يەشكەن. نېچىشى بۇرۇن «ھوقۇق ئىرادىسى ئالەمدىكى كۇللىي شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى، شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى، ئىنسانلارنىڭ ماھىيىتى ھۆكۈمرانلىققا، ھوقۇققا، ئۆزلۈكنى كېڭەيتىشكە ئىنتىلىشتۇر» دەپ قارىغان. نېچىشىنىڭ ھوقۇق ئىرادىسى نەزەرىيەسى «جىنايەت ۋە جازا» دىكى راسكولېنكوفنىڭ خاسىيەتلىك پەلسەپىسىنىڭ سىرىنى ئېچىپ بەردى. شۇنداقلا «خورلانغانلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار» دىكى ناتاشا بىلەن ئاليوشانىڭ، ئاليوشا بىلەن كاجانىڭ مۇھەببەت سىرىنىمۇ ئېچىپ بەردى.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوزتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-27 13:05  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1726
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 220
تۆھپە : 0
توردا: 38
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 19:48:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ رۇماننى باشتىن ئوقۇپ چىقسام بولغۇدەك ياخشى يېزىلغان رۇماندەك قىلىدۇ.

ئەجرىڭىزگە رەخمەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   زۇلفىيەتوختاخۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 19:49  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  147
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 495
تۆھپە : 0
توردا: 183
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 21:08:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ياخشى يازما يوللاپسىز.دۇنيا ئەدەبىيات تارىخىدىكى دوستۇيېۋىسكىدەك گىگانىت چولپانلارنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن مۇشۇنداق يۇسۇندا بولسىمۇ ئاز-پاز  ئىزدىنىپ ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ماھارەتلىرى بىلەن تونۇشۇپ تۇرساق بىزدەك ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا كۆپ ياردىمى بولىدۇ.ئىزدىنىشلىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋاملىشىشىغا تىلەكداشمەن!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1523
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 210
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 20:44:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستويېۋىسكىينىڭ  ‹‹ جىنايەت ۋە جازا ›› رومانىمۇ ھەقىقەتەن ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان رومانلارنىڭ بىرى.
يازمىڭىزغا تەشەككۈر .  

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  620
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 0
توردا: 9
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 21:27:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«جىنايەت ۋە جازا»نى ئوقۇپ، بىر نەچچە كۈنگىچە غەلىتە تۇيغۇلاردا بولۇپ قالغانىدىم؛ ئاجايىب بىر نادىر ئەسەر بۇ! پىسخىكىلىك تەسۋېرگە ھەقىقەتەن ئۇستىكەن بۇ ئادەم.
مۇشۇ كىتابتىن باشقىلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمىدىمۇ؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  245
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 712
تۆھپە : 0
توردا: 147
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 21:42:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Afify1983 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-26 21:27
«جىنايەت ۋە جازا»نى ئوقۇپ، بىر نەچچە كۈنگىچە غەلىتە تۇ ...

شۇنداق.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش