كۆرۈش: 336|ئىنكاس: 6

كۇچا چوڭ نېنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2057
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 14:32:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                           كۇچا چوڭ نېنى
                                 قۇربانجان ئابلىكىم ئىمىن (كۈسەمىش)

    نان- ئۇيغۇرلارنىڭ يىمەك –ئىچمەك مەدەنىيىتىدە موھىم ئورۇننى تۇتىدىغان ئاساسىي ئۇزۇقلۇق بۇلۇپ، داستىخانلىرىمىزنىڭ تۆرىگە تىزىلغان ئۇيغۇر نانلىرى تارىخنىڭ شاھىدى،ئەمگەكچان،تىرىشچان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىجادكارلىقىنىڭ نامايەندىسى  سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بۇلىدۇ.ئۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىرىملىك ۋە مۇقەددەس نەرسىدۇر. تارىخغا نەزەر سالىدىغان بولساق خەلقىمىزدە ئەزەلدىن ناننى ئۇلۇغلاپ،كىشىلەر ئارىسىدا نان بىلەن قەسەم قىلىدىغان،نانسىز سەپەرگە چىقمايدىغان،ناننى مۇقەددەس بىلىپ ناننى ئاتلىمايدىغان،ناننىڭ ئۇۋاقلىرىنىمۇ  تاشلىمايدىغان،دەسسىمەيدىغان ئادەت بار بۇلۇپ،خەلقىمىز ئۇنى دوستلۇق ، ئىناقلىق، مۇھەببەت ،رىشتىنىڭ كۆۋرۈكى سۈپىتىدە ئۇلۇغلاپ كەلگەن.چۈنكى، بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئېتقاد ئادىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ، ئەجدادلىرىمىز قۇياشقا چۇقۇنغان ۋاقىتتا ئۆزى ئۇلۇغلايدىغان شەيئىنى  ئۆزى ئېتقاد قىلىغان ئىلاھنىڭ  كۆرىنىشىگە تەققاس قىلىپ ياسىغان.شۇڭا  دىققەت قىلىدىغان بولساق ناننىڭ شەكلى ئۈچبۇرجەك، تۆتبۇرجەك، ئىللىپىس،سىلىندىر... قاتارلىق باشقا شەكىللەردە بولماستىن دۆپدۆگىلەك يۇمىلاق  شەكىلدە، بۇنى بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ قۇياشقا چۇقۇنغان دەۋر ۋە ئېتقادىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز.   مانا شۇنىڭدىن كۆرىنىپ تۇرۇپتىكى ،ئەجدادلىرىمىزنىڭ ناننى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنلا باشلانغان.   يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشلەردە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىنجىلەردىن ،ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ تارىخىنى بىلشكە مۇيەسسەر بۇلالايمىز..1991-يىلى قۇمۇل قارادۆۋە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىكى 151-نومۇرلۇق قەبرىدىن بۇنىڭدىن 3000-3200يىللار بۇرۇنقى دەۋرلەرگە تەۋە تېرىق توقاچ قېزىۋېلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا 1984-1985-1989-1995-1996-يىللاردا ئىلگىرى –ئاخىر بولۇپ،خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيە سامپۇل قەدىمقى قەبرىستانلىقى، چەرچەن زاغۇنلۇق قەدىمقى قەبرىستانلىقى، نىيە خارابىسى قەبرىستانلىقىدىن تېرىق ئۇنىدىن قىلىنغان توقاچلار قېزىۋېلىندى. 1972-يىلى  تۇرپان ئاستانە قەدىمقى قەبرىستانلىقىدىكى 149-نۇمۇرلۇق قەبرىدىن بۇغداي ئۇنىدىن تەييارلانغان بىر دانە نان قېزىۋېلىندى.يۈزىگە چەككۈچ چىكلگەن بۇ نان پارچىلىنىپ كەتكەن بۇلۇپ، ئوتتۇرىسى نىپىز،چۆرىسى قېلىنراق كەلگەن بۇلۇپ، دىئامېتىرى 19.5سانتىمىتىر كېلىدۇ. 1972-يىلى يەنە تۇرپان ئاستانىدىكى 187-نۇمۇرلۇق قەبرىدىن بۇغداي ئۇنىدىن قىلنغان دېئامېتىرى 3.9 سانتېمىتىر كېلىدىغان بىر دانە توقاچ قېزىۋېلىدى.1973-يىلى تۇرپان ئاستانىدىكى 191-نومۇرلۇق قەبرىدىن يۈزىگە كۈنجۈت سېپىلگەن دېئامىتىرى3.9 سانتېمىتىر كېلىدىغان بىر دانە  بۇغداي توقىچى قېزىۋېلىندى.
     تارىخى مەنبەلەردە خاتىرلىنىشچە نان غەربى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا يىپەك يۇلى ئارقىلىق غەربىي يۇرتتىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايۇنلىرىغا تارقىلىپ كىرگەن. ئەينى چاغدا ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەلقلەرئۇنى“胡饼”يەنى غۇزلار نېنى دەپ ئاتىغان. 11-ئەسىردە ئۆتكەن بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرى ئۆزىنىڭ «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك »(تۈركى تىللار دىۋانى) ناملىق ئېنسىكلوپېدىك ئەسىرىدە نان نامىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «ئەتمەك» (1-توم 138-بەت) دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتىن سىرت يەنە« تۇقۇچ» (توقاچ – 1-توم 464-بەت) «كۆمەچ»(1-توم 467-بەت) ، «سىنچۇ» (خۇيلىما نان ياكى گىردە 1-توم 544-بەت) «پۈسكەچ» (كاكچا 1-توم 594-بەت) قاتارلىق بىر قاتار نانلارنى ئىزاھلىغان . بۇ ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇيغۇر نان مەدەنىيىتىنىڭ ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
     ئوتتۇرائاسىيانىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ نېنىنى موھىم  ئىستىمال بۇيۇمى سۈپىتىدە ئەجدادتىن ئەۋلادقا ،قەدىمدىن بۈگۈنگىچە  ئۇلاپ كەلگەن.ئۇن،تۇز ،خېمىرتۇرۇچ ۋە سۇ قاتارلىقلارنى خام ئەشيا قىلىپ تەييارلانغان ئۇيغۇر نانلىرى ئۆزىنىڭ تەبئى خۇسۇسىيتى ،ئىستىمالدىكى رولى، ساقلاش ۋە ئېلىپ يۈرۈشتىكى ئەۋزەللىكى بىلەن باشقا خەلقلەرنىڭ نان مەدەنىيتىدىن روشەن پەرقلىنپ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلمەكتە .ئۇيغۇر نانلىرىنىڭ تۈرى كۆپ بۇلۇپ ئۆي نېنى، بازار نېنى،بىجاق نېنى، گۆشنان، زاغرانان، گىردە نان، چېكىم نان،كاكچا نان، غۇلجا نېنى، لوپنۇرنېنى، كۇچا چوڭ نېنى،كۇچا بىجاق نېنى،ھەمەك نان... قاتارلىق يۈزخىلدىن ئارتۇق نان تۈرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە كۇچا چوڭ نېنى شەكلىنىڭ چوڭلىقى ۋە مىزىلىك ، يىيىشلىكى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا داڭ قازانغان. بۇنىڭ سەۋەبى كۇچانىڭ جايلاشقان جۇغراپىيىلىك ئورنى،زىرائەتنىڭ پىشىش ۋاختى ،نانغا ئىشلەتكەن خۇرۇچلار ۋە باشقا ئامىللار (تۇنۇرنىڭ ياسىلىش جەريانى ) دىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ،ئەلۋەتتە.بۇ رايۇن ئاسىيا –ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلىقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، ئۇنىڭ كېلىماتى تىپىك مۆتىدىل بەلباغنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇق خاراكتېرىدىكى قۇرغاق كېلىماتىغا خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە. تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلغان، كۈن نۇرى تۇلۇق چۈشىدۇ. ھۆل –يېغىن مىقدارى ئاز،سۇنىڭ پارلىنىش مىقدارى زور.تۈزلەڭلىكنىڭ كىلىماتى ئىللىق ،ئىسسىقلىق مىقدارى مول . يىللىق ئوتتۇرىچە تىمپىراتۇرىسى℃11.4         بۇلىدۇ. زىرائەتنىڭ ئۈسۈش مەزگىلى 200 كۈندىن ئاشىدۇ.زىرائەتنىڭ ئۆسۈش مەزگىلىدىكى جۇغلانما تىمپىراتۇرا℃4515.6 بۇلۇپ،ئاشلىق ،پاختا، ياغلىق دان ،كۆكتات،  مىۋە-چىۋىنىڭ پىشىشىغا تۇلۇق يىتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن  كۇچادا نانلار جۈملىدىن چوڭ نان شور تۇزدا ياسالغان تۇنۇرلاردا يېقىلىدىغان بولۇپ ، تونۇرلارغا كۆپ ھاللاردا ئۆرۈك ئوتۇنى قالىنىدۇ (ئۈرۈك ئۇتىنىنىڭ تەبئىتى قۇرۇق ئىسسىق)، ناننىڭ تەركىبى (خۇرۇچلىرى) بۇغداي ئۇنى ، ئۆي خېمىرتۇرۇچى (يەرلىك خېمىرتۇرۇچمۇ دېيىلىدۇ ) ، تۇز ، سۇ ، پىيازنىلا ئۆز ئىچىگە ئېلىپ قالماستىن يەنە تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ، سىيادان ، كۈنجۈت ، زىرە ، زاراڭزا چېچىكى قاتارلىقلارنىڭ مەلۇم بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ ناننىڭ قۇۋىتىنى ئاشۇرىدۇ .  يۇقۇرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۇچا چوڭ نېنىنڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولۇپ يىيىشلىك ھەم سىڭىشلىك ،ناننى ساقلىسا بۇزۇلۇپ قالمايدىغان ،تەمى ،قۇۋىتى ئۆزگىرىپ قالمايدىغان، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، ساقلاشقا قولايلىق بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىككە ،ئىستىمال قىلغاندا بەدەندىكى ئارتۇقچە ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش ، ئاشقازان ، ئۈچەي قۇۋۋەتلەش ، ھەزىمنى ياخشىلاش ،ئىشتىھانى ئېچىش،ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش  تەسىرىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ .
      كۇچا چوڭ نېنى  يىيىشلىك ،مىزىلىكلىكى بىلەنلا داڭلىق بۇلۇپ قالماستىن بەلكى ئۆزىنىڭ چوڭلۇقى بىلەن باشقا جايلارنىڭ نانلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇنداقتا  نىمە ئۈچۈن كۇچا نېنى باشقا نانلارغا قارىغاندا پەۋقۇلئادە چوڭ قىلىپ يېقىلىدۇ؟.
     بۇنى كۇچا ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ، تۇرمۇش شارائىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشقا بۇلىدۇ. تەبىئىي ۋە ئىقتىسادىي شارائىتلار روشەنكى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ۋە روھىي دۇنياسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بۇنى يەنىلا كۇچا رايۇنىنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيلىك ئورنى ۋە ئالاھىدىلىگىدىن ئايرىپ قاراشقا  بولمايدۇ. يەنى دېڭىزيۈزىدىن 4200مىتىردىن ئارتۇق ئىگىزلىكنى  يىل بۇيى قار مۇز قاپلاپ تۇرىدۇ. ياز كۈنى قار مۇزلار ئىرىگەندە ئۇششاق ئېقىنلار قۇشۇلۇپ چوڭ ئېقىنلارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئېقىنلار ناھىيە تەۋەسىدىكى چوڭ كىچىك دەريا- ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيىنى تۇلۇقلاپ ،تاغ ئورمانلىرىنى ،ئوتلاقلارنى ياشنىتىپ ،دىھقانچىلىقنى روناق تاپقۇزىدۇ .ھەرخىل تەبىئىي ئاپەتلەرگە ئۇچراش نىسبىتىمۇ نىسبەتەن تۆۋەن.جۇغراپىيلىك ياشاش شارائىتىدىكى بۇنداق ئەۋزەللىك كۇچا خەلقىنى 2000 يىلدىن بۇيان كۇچا بوستانلىقىدا باياشاد،خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيتى بىلەن كاپالەتلەندۈرگەن. يەنە بىرتەرەپتىن بىز كۇچا تارىخىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرساق قەدىمدىن يېقىنقى كۈنلەرگىچە كۇچادا بىر قەدەر زىينى چوڭ بولغان،خەلقنى پاراكەندە قىلغان پاجىئەلىك قىسمەتلەر بولمىغان. بۇ شارائىتلار كۇچا خەلقىدىكى مېھماندوستلۇق، كەڭ-قورساقلىق ،ئەپۇچانلىق،ئاقكۈڭۈللۈكنى شەكىللەندۈرگەن. شۇ سەۋەبتىن كۇچا خەلقى ئۆزىدىكى مېھماندوستلۇق، كەڭ-قورساقلىقنى ناننىڭ چوڭلىقى بىلەن ئىپادىلىگەن. شۇڭا بۇنى باياشادلىق، ئاسايىشلىققا تولغان ئىجتىمائىي، تەبئى شارائىتنىڭ مەھسۇلى دىيىشكە بۇلىدۇ.
      كۇچا چوڭ نېنىنىڭ تەييارلىنىش جەريانى : كۇچادا نانلار جۈملىدىن چوڭ نان شور تۇزدا ئىتىلگەن لايدا(لايغا چۇپۇرئارلاشتۇرۇلمايدۇ) ياسىلدىغان تۇنۇرلاردا يېقىلىدىغان بولۇپ ،ئادەتتە  تۇنۇرنىڭ ئېگىزلىكى㎝ 1.30 بولۇپ، ئايلانمىسى m3.00ئەتراپىدا،تۇنۇر ئېغىزىنىڭ دېئامىتىرى㎝ 70 ئەتراپىدا بولىدۇ . گېزىنىنىڭ دىئامېتىرى ㎝60 ، زىخنىڭ(ناننى تۇنۇردىن ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئىلمەكلىك ئەسۋاب) ئۇزۇنلۇقى تۇنورنىڭ چۇڭقۇرلىقى بىلەن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا چوقۇم (ئوت يىغىدىغان ئەسۋاب ) ، چەككۈچ ، ياغاچ تەڭنە ، پەشخۇن قاتارلىق ئەسۋاب-سايمانلارمۇ پايدىلىنىلىدۇ. ئادەتتەبولدۇرۇلغان خېمىر تەييارلانغاندىن كىيىن بىر قېتىم قايتا ئىشلىنىپ ،ناننىڭ زۇۋۇلىسى  چوڭ كىچىكلىكى نورمال چوڭلۇقتا  ئوخشاش  ئۈزۈپ ئېلىنىپ، زۇۋۇلا قىلىنىپ،بىز دەسلەپتە تەييارلىۋالغان خۇرۇچلار زۇۋۇلا يۈزىگە تەكشى سىپىلىدۇ.ئاندىن زۇۋۇلا يۈزى يېپىلىپ 10مىنۇت ئەتراپىدا تىندۇرۇلغاندىن كىيىن ،پەشخۇنغا ئېلىنىپ گىرۋەكلىرى  چىقىرىلىپ تەكشى ئېچىلىدۇ ھەمدە ئۈستىدىن تەكشى چەككۈچ چىكىلىپ گېزىنەئۈستىگە ئېلىنىپ گېزىنە چوڭلۇقىدا تەكشى يېيىتىلىدۇ. ئۈستىدىن ئازمىقداردا تۇز سىپىلىپ تۇنۇرغا يېقىلدۇ ،نان پىشقاندىن كىيىن زىخ بىلەن ئېلنىپ ،تەكشى يېيىتىپ قۇرۇتۇلىدۇ .يۇقارقىدەك جەريانلار ئارقىلىق كۇچا چوڭ نېنى تەييارلىنىدۇ.
      نۆۋەتتەكۇچا ناھىيىمىزدە كۈسەن ماركىسىنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان مۇشۇ مەزگىلدە كۇچا چوڭ نېنىنى دۆلەت ئىچى- سىرتىغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن  كۇچا چوڭ نېنىنى ماركا قىلىپ  يارىتىش كېرەك.لېكىن بۈنىڭغا نۆۋەتتە تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئامىللار تەسىر كۆرسەتمەكتە. بىرىنچىدىن، يېقىندىن بىرى سېغىز تونۇر، خىش توبنۇر، ئىدىش تونۇر،تۆمۈر تونۇر قاتارلىق تونۇرلاردا نان يېقىش ئادەت بولۇپ قالغان. بۇ كۇچا چوڭ نېنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنىڭ گەۋدىلىنشىگە زورتەسىر كۆرىسىتىدۇ.شۇڭا ئەنئەنىۋى شورتونۇردا نان يېقىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، ھازىر ئاۋارچىلىقتىن قېچىپ  كۆپىنچە كوكىس كۆمۈرى ياكى ئادەتتىكى قار كۆمۈرنى ئىشلىتىپ نان يېقىش ئادەتكە ئايلانغان. بۇنىڭ كىشىلەر بەدىنىگە نىسبەتەن تەسىرى ياخشى ئەمەس يەنە بىر تەرەپتىن كۇچا چوڭ نېنىنىڭ سۈپىتىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ شۇڭا يەنىلا ئۆرۈك ئۇتۇنىدا نان يېقىش ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، نۆۋەتتە يەرلىك خېمىرتۇرۇچنىڭ ئورنىغا سۈنئى خېمىرتۇرۇچلار كەڭ كۈلەمدە ئىشلىتىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ كۇچا نېنىنىڭ تەمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.  يەرلىك خېمىرتۇرۇچنىڭ بەدەنگە نىسپەتەن ئەكىس تەسىرى يوق بۇلۇپ، بەدەندە ئارتۇقچە يەل پەيدا قىلمايدۇ، قورساق كۆپتۈرمەيدۇ، ئاشقازانغا زەرەر قىلمايدۇ. قىسقىسى، كۇچا چوڭ نېنىنى دەرمان نانلىرى، سەپەر توقاچلىرىغا ئوخشاش  تەرەققى قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز ئۇنىڭغا بولغان مەسئۇليەتچانلىق تۇيغۇمىزنى يەنىمۇئاشۇرىشىمىز كېرەك.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
1. ‹‹ئۇيغۇرلاردا نان مەدەنىيىتى ››ناملىق سۆھبەت –ئابلەت ئابدۇرېھىم تۈزگەن مەدەنىيەت بوستانى مەجمۇئەسى ئۇيغۇرلاردا قەدىمكى مەدەنىيەت كىتاپچىسى –شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت- فوتو سۈرەت نەشرىياتى ، شىنجاڭ ئېلېكتىرون ئۈن-سىن نەشىرىياتى2010-يىل 2-ئاي نەشىرى.
2. ئىسراپىل يۈسۈپ ،ئەنۋەر قاسىم: ‹‹غەربىي يۇرت يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى تارىخى››  مىللەتلەر نەشرىياتى 2006-يىل 6-ئاي نەشىرى
3. كۇچا ناھىيىلىك تەزكىرى كومىتېتى تۈزگەن :‹‹ كۇچا ناھىيىسى تەزكىرىسى›› شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1997- يىل نەشىرى
4.ئەھەت داۋۇت:‹‹ كۇچا خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە ئىلمىي قىممىتى ››(ماقالە)  جۇڭگو كۇچا خەلق ناخشىلىرى تەتقىقاتى ناملىق كىتاب 2006-يىل باسمىسى
ئاپتۇر:  قۇربانجان ئابلىكىم  ئىمىن – كۇچا ناھىيە دۆڭقوتان بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ،  13139868209، 13239849725
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-11 14:58  


mukam.cn

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5679
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 15:13:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتقىقات نەتىجىلىرىڭىزنى  كىتاب  قىلىپ يوللاپ  باقسىڭىز  بولىدىكەن  جۇمۇ

Erchin ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 4180
تۆھپە : 5
توردا: 224
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 15:57:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈسەنشۇناسلىق تەتقىقاتىڭىز توختاپ قالمىسۇن!

Men Dunyagha Yoluchimen, Helila Ketimen!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 255
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 772
تۆھپە : 1
توردا: 121
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 22:34:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمىي تەتقىقاتلىرىڭىز مەدەنىيەت خەزىنىمىزنىڭ گۆھەرلىرىنى قېزىشنى تۇتقا قىلىپ بەك ياخشى بۇپتۇ .

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2057
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 14:32:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاسلىرىڭلارغا مىڭ تەشەككۇر!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2102
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 15
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-13 17:40:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈسەنشۇناسلىق تەتقىقاتىڭىزنىڭ پورەكلەپ مېۋە بېرىشىگە تىلەكداشمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1814
يازما سانى: 149
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 771
تۆھپە : 0
توردا: 111
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-16 16:13:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز مۇئەللىم .............

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش