«قەشقەردىكى ئەدىبلەر تەتقىقاتى» ناملىق كىتاب توغرىسىدا
«قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى» پەن تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى» تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، دوكتور گۈلنار ئوبۇلنىڭ « قەشقەردىكى ئەدىبلەر تەتقىقاتى» ناملىق كىتابى 2012-يىلى 3-ئايدا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. مەزكۇر كىتاب دۆلەتلىك ئىجتىمائىي پەنلەر فوندىنىڭ كېينىكى مەزگىلىك ياردىمىگە ئېرشكەن تەتقىقات تۈرى بولۇپ، بۇ ئاپتورنىڭ يۇقىرى سەمەرىلىك ئىلمىي ئەسىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كىتاب ئالتە باب، 243 بەتلىك بولۇپ، كىتابنىڭ ئاخىرىدا قوشۇمچە ۋە ئىزاھات قىسمى بېرىلگەن. بىرىنچى بابىدا «قەشقەردىكى ئەدىبلەر» ئۇقۇمى ئېنىقلىمسى ۋە بۇ ئۇقۇمنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنىڭ سەۋەبى ۋە جەريانى مۇھاكىمە قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى دەۋرىدىكى قەشقەر ئەدىبلەر قۇشۇنىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى قىسقىچە بايان قىلىنغان. ئىككىنچى بابىدا ئەھمەد زىيائىىنىڭ ھاياتى پائالىيتى ئۈستىدە توختىلىپ، 20- ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىدىكى قەشقەرنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى مۇلاھىزە قىلىنىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى ئەمەلىي مىساللار بىلەن كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ئۈچىنچى بابىدا ئەھمەد زىيائىىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئۇنىڭ كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىدىكى نەتىجىلىرىنى بايان قىلىش ئاساسىدا ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى قەشقەر كىلاسسىك ئەدىبلىرى ئۈستىدە توختالغان. تۆتىنچى بابىدا ئەھمەد زىيائىىنىڭ مۇھەببەت داستانى «رابىيە-سەئدىن» ھەققىدە توختىلىپ، ئەھمەد زىيائى بىلەن ئابدۇرېھىم نىزارى ئوتتۇرىسىدىكى ئەدەبىي مۇناسىۋەت ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان. بەشىنچى بابىدا «رابىيە-سەئدىن» داستانىنىڭ ۋەقەلىكى بىلەن پېرسوناژلىرى بايان قىلىنىپ، بايانچى سالاھىتىنىڭ ئۆزگىرش نەزەرىيەىسىدىن چىقىپ، «رابىيە-سەئدىن» داستانىنىڭ بايان ئالاھىدىلىكلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان. ئالتىنچى بابىدا «رابىيە-سەئدىن» داستانىنىڭ ۋەقەلىككە قارىتا ئىنچىكلىك بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئەينى دەۋردىكى قەشقەرنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرى مۇپەسسەل بايان قىلىنغان. مەزكۇر كىتابنىڭ ئوقۇرمەنلەر سەمىگە سالىدىغان مۇھىم نۇقتىلىرى: بىرىنچى، «قەشقەردىكى ئەدىبلەر قوشۇنى» ئۇقۇمىنىڭ ئېنىقلىمسى ۋە بۇ ئۇقۇمنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئارقىلىق، كۆپ خىل مەدەنىيەت، ئالاھىدە دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆزگىچە ئۆرپ-ئادەتكە ئىگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭمۇ جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمىي رامكىسىدىن ئايرىلىپ تۇرماستىن بەلكى، جۇڭگو ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبي قىسىمى بولۇپ زور تەرەققىياتلارغا ئېرشىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. ئىككىنچى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىنىڭ تارىخي تەرەققىياتى جەريانىدا، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت ئىككى دەۋرگە بۆلۈنىدىغانلىقى سەۋەبىدىن، مەزكۇر ئەسەردە ئاساسلىقى ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتىدىكى قەشقەردىكى ئەدىبلەر قوشۇنى تەتقىق قىلىنغان. ئۈچنىچى، ئوخشاش بىر تېكىستكە نىسبەتەن سېلشتۇرما ئەدەبىياتنىڭ ھالقىما تەتقىقات ئۇسۇللىرى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بولسا، سېلشتۇرما ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ يەنە بىر باسقۇچى. داستانچىلق بولسا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم بىر ژانىر، شۇنداقلا قەشقەر كىلاسسىك ئەدىبلىرىنىڭ قۇشۇنىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكى. شۇڭا كىتابتا قەشقەردىكى بىر كىلاسسك شائىرنىڭ (ئەھمەد زىيائى) داستانىنى ئۈلگە قىلىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ كىلاسسىك داستانچىلىقىغا ۋارسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەقىقي قىلدۇرۇش مەسلىسىگە قارىتا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلغان. مەزكۇر كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتى: بىرىنچى، مەزكۇر كىتاب نەچچە مىڭ يىللق تارىخقا ئىگە بولغان قەشقەرنى مەزكەز قىلغان ئۇيغۇر ئەدىبلەر قوشۇنىنىڭ شەكىللىنش جەريانى ۋە ئىجادىيەت ئالاھىدىلكىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن بەلكى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئوخشاش بولمىغان دەۋردىكى ئىجادىيەت قانۇنىيەتلىرىنى يىغىنچاقلاش ئارقىلىق، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە قانداق ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يولنى كۆرىسىتپ بەرگەن. ئىككىنچى، مەزكۇر كىتابتا قەشقەر جەمئىيىتىنىڭ ئەھۋالى ئومۇميۈزلۈك بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، قەشقەرنىڭ ئەينى دەۋردىكى مىللي مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلغان. شۇڭا مەزكۇر كىتاب كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەشقەرگە بولغان تونۇشىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە قەشقەرنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەتقىق قىلىش جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۈچنىچى، مەزكۇر كىتاب قەشقەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنش ۋە ئۇنى مەملىكەت ئىچى-سىرتىغا تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىشتا بەلگىلىك ئىجابىي ماتېرىياللىق قىممەتكە ئىگە.
(ھۆرنىسا ئاۋۇت تەييارلىغان)
|