بابۇرنىڭ دىۋانى سەنئەت خەزىنىسى، شېئىرىي ماھارەت مەكتىپى. كىشى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىدا يېڭى بىر ماھارەتنى ھېس قىلىدۇ. بابۇر ھەزرىتى مىر ئەلىشىر نەۋايى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ كىلاسسىك دەۋرىنى ياراتقان بۈيۈك سەنئەتكار. ئارۇز ۋەزنىنى تۈركىي تىلدا ئەڭ ياخشى شەرھلىگەن ھەم ئەڭ ياخشى چۈشەنگەن شائىر.
بابۇر دىۋانىغا يۈزدىن ئارتۇق غەزەل، ئىككى يۈزدىن ئارتۇق رۇبائىي، ئاندىن تۇيۇق، قىتئە، مەسنەۋى، فەرد ۋە تۆتلۈكلەر كىرگۈزۈلگەن. ئابدۇسالام، تەلىپىڭنى ئورۇنداي:
كىم كۆرۈپتۇر ئەي كۆڭۈل ئەھلى جەھاندىن ياخشىلىغ
كىمكى ئاندىن ياخشى يوق كۆز تۇتما ئاندىن ياخشىلىغ
گەر زەماننى نەفي قىلسام ئەيب قىلما ئەي رەفىق
كۆرمەدىم ھەرگىز نېتەيىن بۇ زەماندىن ياخشىلىغ
دىلرەبالاردىن يامانلىق كەلدى مەھزۇن كۆڭلۈمە
كەلمەدى جانىمغا ھىچ ئارامى جاندىن ياخشىلىغ
ئەي كۆڭۈل چۇن ياخشىدىن كۆردۈڭ يامانلىق ئاسرۇ كۆپ
ئەمدى كۆز تۇتماق نە يەئنى ھەر ياماندىن ياخشىلىغ
بارى ئەلگە ياخشىلىغ قىلغىلكى مۇندىن ياخشى يوق
كىم دېگەيلەر دەھر ئارا قالدى فەلاندىن ياخشىلىغ
ياخشىلىغ ئەھلى جەھاندا ئىستەمە بابۇر كەبى
كىم كۆرۈپتۇر ئەي كۆڭۈل ئەھلى جەھاندىن ياخشىلىغ
− ∨ − −/− ∨ − −/− ∨ − −/− ∨ −
بۇ غەزەلدىمۇ بىر سەنئەت، يەنى رەددى مەتلەئ سەنئىتى ماھىرانە قوللىنىلغان.
ئۆزھال ئەپەندىمنىڭ تەلىپى بويىچە رۇبائىيدىن بىرنى تەپسىلىي ۋەزن كۆرسەتكۈچى بويىچە كۆرسىتىشنى لايىق تاپتىم. كونكرېت ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:
ئاۋارەلىغ ئاسرۇ خانۇماندىن ياخشى
− − ∨/∨ − ∨ −/∨ − − −/ − −
بىر گۇشە ماڭا ئىككى جەھاندىن ياخشى
− − ∨/∨ − − ∨/∨ − − −/−
ئاۋارە بولۇرنى ياخشى ئەرمەس دېمەگىل
− − ∨/∨ − ∨ −/∨− −∨/∨−
بولسام ئەگەر ئاۋارە نە ئاندىن ياخشى
− − ∨/∨ − − ∨/∨ − − −/−
بابۇرنىڭ ئۇشبۇ رۇبائىيى ئەخرەب تارمىقىنىڭ ئۈچ ۋەزنىدە يېزىلغان، يەنى بىرىنچى مىسرا «ئەخرەبى مەقبۇزى سالىمى ئەبتەر»، ئىككىنچى، تۆتىنچى مىسرالىرى «ئەخرەبى مەكفۇفى سالىمى ئەبتەر»، ئۈچىنچى مىسراسى «ئەخرەبى مەقبۇزى مەكفۇفى مەجبۇب» ۋەزنىدە يېزىلغان.
دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر مەسىلە، بابۇر دىۋانىدا تۆتلىكلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلاردىنمۇ ئۆرنەك كۆرسىتىپ، بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى لايىق تاپتىم.
تۆتلىكلەرگە مىسال:
خەيال ئەتسەم ئول بەلنى ھال ئېلتەدۈر
مېنى بېلى سارى خەيال ئېلتەدۈر
قەدىنىڭ خەيالىن كۆز ئاسراپ مەگەر
كۆڭۈل رەۋزەسىغە نىھال ئېلتەدۈر
∨− −/∨ − −/∨ − −/∨−
يەنە:
ئەي خۇش ئولكىم قىلسا غەمدىن كۆڭلىنى ئاگاھ ئىشق
ئەيلەسە بىغەملىغىنىڭ قىسسەسىن كۇتاھ ئىشق
ۋەھ نې كۈن بولغايكى قاۋلاپ ئەقلۇ دانىش خەيلىنى
بولسا جان بىرلە كۆڭۈلنىڭ كىشۋەرىدە شاھ ئىشق
− ∨ − −/− ∨ − −/− ∨ − −/− ∨ ~
مانا يۇقىرىقىلار تۆتلىك نامى بىلەن دىۋاندىن ئورۇن ئالغان، ئەمدىكى مەسىلە بابۇر نېمىشقا مۇشۇنچە ياخشى تۆتلىكلەرنى رۇبائىي نامىدا بەرمىگەندۇ؟؟ دىۋاندا تېخى بۇنداق تۆتلىكلەر خېلى بار. بىرىنچى تۆتلىك «مۇتەقارىبى مۇسەممەنى مەھزۇف»، ئىككىنچىسى «رەمەلى مۇسەممەنى مەقسۇر» ۋەزنىدە يېزىلغان، مەزمۇن، قاپىيە جەھەتتىن رۇبائىيدا بولۇشقا تېگىشلىك قايسى شەرت ئورۇندالماپتۇ؟ ئەكسىچە تېخى ھەر ئىككى تۆتلىك رەدىفلىك بولۇپ، شېئىرنىڭ ئاھاڭدارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. تۆتلىك ئاتىلىشىدىكى سەبەب پەقەت ۋە پەقەت بىرلا!! ئۇ بولسىمۇ بۇلار رۇبائىينىڭ خاس ۋەزنىدە يېزىلمىغان! شۇ سەبەب بابۇر بۇلارنى رۇبائىي ئاتىماي، تۆتلىك دەپ ئايرىم قويغان! مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭمۇ رۇبائىي نامىدا ئاتالغان، ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقىدەك تۆتلىكلىرى بەك بەك كۆپ! لېكىن نېمىشقىكىن رۇبائىي دەپ قوبۇل قىلىپ، «قۇتادغۇبىلىك»تە ئەڭ ياخشى ئىپادىسىنى تاپقان ئارۇز ۋەزنلىك «تۈركىي تۆتلىك»لىرىمىزنى دەپنە قىلىۋەتتۇق.
بىزنىڭ ئىلىمدىكى پوزىتسىيەمىز نېمىشقا بۇنداق بولۇپ قالدىكىن... توغرىسىنى كۆرۈپ تۇرساقمۇ، كۆز يۇمۇپ، بىلگەننى قىلىۋېرىدىكەنمىز...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەرافات.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-22 01:59