قاراقاش ناھىيەسىدە«2012-يىللىق مۇنەۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش يىغىنى» ئېچىلدى
قاراقاش ناھىيىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 2013- يىللىق خىزمەت پىلانىغا ئاساسەن، بۈگۈن-2013-يىلى 3-ئاينىڭ 9- كۈنى نەھىيلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت بىرلەشمە خىزمەت بىناسىنىڭ 3- قەۋەت مەخسۇس يىغىن زالىدا «قاراقاش ناھىيىلىك 2012-يىللىق مۇنەۋەرئەدەبىي ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش يىغىنى» ئېچىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاراقاش يازغۇچىلارجەمئىيىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، قاراقاش ناھىيلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمى -مەمىتىمىن ئابدۇللا، ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان مەمىتىمىن، ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى-تۇرسۇنباقى توختىقۇربان، باش كاتىپ ئايمۇھەممەت ساھىبى.يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلاردىن؛ خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى-دولقۇن ھوشۇر، «يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى -تۇرسۇنجان مۇھەممەت، مۇھەررىر-مەتسېلىم مەتقاسىم. ناھىيىمىزدىكى مەرىپەتپەرۋەر، ئىلىم سۆيەر زاتلاردىن؛«ماكانىم شىر كىتى»نىڭ لىدىرى-ئابلەھەت ھاجىم،«لوقمان دۇختۇرخانىسى»نىڭ ئىگىسى- ئابدۇخەبەر ھاجىم،«گۇلباغ سودا سارىيى»نىڭ ئىگىسى-تۇرسۇنتوختى ھاجىم،«ئەزىز دورا چەكلىك شىركىتى»نىڭ لىدىرى-ئەزىزھاجىم، «غەربىي دىيار قۇرۇلۇش شىركىتى»نىڭ دىرىكتورى-تۇرسۇنتوختى ھاجىم، «ئۈمىد سودا سارىيى»نىڭ ئىگىسى-ھېبىيبۇللا ھاجىم،«ئۇدۇن سودا چەكلىك شىركىتى»نىڭ دىرىكتورى-ئېلى ھاجىم، «ئاق ئالتۇن شىر كىتى»نىڭ دىرىكتورى-غۇجاشىم ھاجىم، مەرىپەتپەرۋەر يەككە تىجارەتچىلەردىن؛رۇزىمەمەت ھاجىم، ئابلەت ھاجىم،ئابابەكرى ھاجىم، ئۇبۇل قارى ۋە ناھىيىمىزدىكى ھەرقايسى ئىدارە-جەمئىيەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغانلاردىن بولۇپ 80 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.
يىغىنغا ناھىيىلىك پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان مەمىتىمىن رىئاسەتچىلىك قىلدى. يىغىن بېشىدا،خوتەن ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەربىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى-دولقۇن ھوشۇر تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ناھىيىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى-تۇرسۇنباقى توختىقۇربان،بىرلەشمىنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق خىزمەتلىرى، ئاساسلىقى ناھىيىمىزدىكى يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەھۋالىدىن دوكلات بەردى. 2012-يىلى ناھىيىمىزدىكى ئاپتۇرلار تەرىپىدىن يەتتە پارچە كىتاب، 1000 پارچىغا يېقىن ھەرخىل ژانىردىكى ئەدەبىي ئەسەر ئىجاد قىلىنىپ،ئاپتونۇم رايۇنىمىز ئىچى-سىرتىدىكى تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا 398 پارچىدىن ئارتۇقى ئېلان قىلىنغان، «قاراقاش مەدەنىيىتى»ناملىق پەسىللىك ئۇنۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال تەسىس قىلىنىپ، 1-سان ژۇرنال غەلبىلىك نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. بۇ قېتىمقى يىغىن دەل مۇشۇ مول ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە ئەدىپلەرگەئىلھام بېرىش ئۈچۈن ئېچىلغان بولۇپ. يىغىن داۋامىدا؛ ھەرقايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان 6 پارچە كىتاب: 1› ئابدۇلھىمىت ياسىننىڭ «مۇھەببەتنىڭ تىنىقى» ناملىق ھېكايە- پوۋېستلار توپلىمى. 2› ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ«قىش بوۋاي» ناملىق بالىلار ھېكايە، چۆچەك، نەسىرلەر توپلىمى. 3› ئەخمەتجان ئابدۇللانىڭ «چېچەن ئوغلاق» ناملىق بالىلارچۆچەكلىرى توپلىمى. 4›تۇرسۇنمەمەت نەمەتنىڭ «كىم ئەڭ چىرايلىق» ناملىق بالىلارھېكايىلىرى توپلىمى. 5› ياسىن ئابدۇقادىرنىڭ «رەسسام چاشقان» ناملىق بالىلارشېئىرلىرى توپلىمى. 6›قەييۇم ئىسمائىلنىڭ «ئەل ئوغلانى» ناملىق ئەدەبى ئاخباراتى. ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان 6 پارچە ئەسەرلەر؛ 1›مەتتۇرسۇن سىدىقنىڭ بۇلاق ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان«ئەلىشىر ناۋايى ئەسەرلىرىگە ئىشلەنگەن لوغەتلەر» ناملىق ماقالىسى. 2›تۇرسۇن ئابدۇللا بەگيارنىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 8-ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنغان «جالالىدىن بەھرامنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى»ناملىق ماقالىسى. 3› رۇزى ياسىننىڭ«بىلىم كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 7- سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئىنسانلارنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن كيىنكى قايتا قۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش»ناملىق ماقالىسى. 4› تۇردىمەمەت سەئىدىنىڭ «شىنجاڭ جامائەت خەۋىپسىزلىكى»ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 3-سانىدا ئېلان قىلىنغان «سەرسان تاش» ناملىق پوۋېستى. 5› ئەنۋەر ھىدايەتنىڭ «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق5- سانىدا ئېلان قىلىنغان «يىغلاپ چىقتىم بۇ كېچە» ناملىق شېئىرى. 6›ئەركىن تۇرسۇننىيازنىڭ «خوتەن گېزىتى»نىڭ 2012-يىلى 10- ئاينىڭ31-كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان «شاد-بەختىيار دېھقانلار، پارتىيەگە ھەشقاللا»ناملىق ماقالىسى. «قاراقاش مەدەنىيىتى»ناملىق ژۇرنالدىن تاللانغان 5 پارچە ئەسەرلەر؛ 1›ئايمۇھەممەت ساھىبىنىڭ «قاراقاش نانلىرىنىڭ تۈرى،تەييارلىنىش ئۇسۇلى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى» ناملىق ماقالىسى. 2›ئۇبۇلخەيرى ئىبراھىمنىڭ «قاراقاش ھەققىدە مۇخەممەس»ناملىق شېئىرى. 3›جاپپار يۇنۇسنىڭ «ئەلنىڭ غېمىنى يىگەن ئەر»ناملىق ئەدەبىي ئاخپاراتى. 4›كامالجان تالىپنىڭ «مېھىرلىك چىراق نۇرى»ناملىق ھېكايىسى
5›ئادىل ئابدۇللا بەگيارنىڭ «تۈندىكى تەلۋىلىك»ناملىق ھېكايىسى. قاتارلىق17 پارچە ئەسەر « 2012-يىللىق مۇنەۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرمۇكاپاتى»غا ئېرىشىپ، ئاپتۇرلار 200 كوي قىممىتىدىكى ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلاندى.
يىغىنداۋامىدا يەنە، شائىر، يازغۇچى ئەخمەتجان ئابدۇللا يىغىن ئەھلىگە ئاتالغان چاخچاق-قەسىدىسىنى دىكلاماتسىيە قىلىپ، يىغىن كەيپىياتىنى يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈردى. ئاندىن، ناھىيىمىز دىكى مەرىپەتپەرۋەر، ئىلىم سۆيەر زاتلاردىن؛ «ماكانىم شىركىتى»نىڭ لىدىرى-ئابلەھەت ھاجىم، «لوقمان دۇختۇر خانىسى»نىڭ ئىگىسى-ئابدۇخەبەر ھاجىم، «ئۇدۇن سودا چەكلىك شىركىتى»نىڭ دىرىكتورى-ئېلى ھاجىم قاتارلىق مۆتىۋەرلەر «قاراقاش مەدەنىيىتى»ناملىق پەسىللىك ئۇنۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنالنىڭ مۇئاپىقىيەتلىك نەشر قىلىنغانلىقى ۋە ناھىيىمىزدىكى يازغۇچى، شائىرلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەجرىگە تەشەككۈر بىلدۈرۈپ، قاراقاش ناھىيىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىگە لەۋھە تەقدىم قىلدى.«لوقمان دۇختۇر خانىسى»نىڭ ئىگىسى-ئابدۇخەبەرھاجىم مەرىپەتپەرۋەر زاتلارغا ۋاكا لىتەن مىننەددارلىق ئىزھار قىلىپ ئۆتتى.
يىغىن ئاخىرىدا؛ قاراقاش ناھىيلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھاكىمى-مەمىتىمىن ئابدۇللا ناھىيىمىزدىكى يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئىجادىي مۇئاپىقىيەتلىرىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. «قاراقاش مەدەنىيىتى»ناملىق ژۇرنالنى، يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئىجادىيىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، جەمئىيەتتىكى مەرىپەتپەرۋەر زاتلارغا تەشەككۇر بىلدۈردى ۋە پۈتۈن يىغىن ئەھلى بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ ناھىيىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى، شائىرلىرىمىزغا زور ئىلھام بەردى.
يىغىن غەلبىلىك تاماملانغاندىن كېيىن، مەرىپەتپەرۋەر زاتلار يازغۇچى، شائىرلىرىمىزغاكاتتا داستىخان سېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ياخشى كۆڭلىنى بىلدۈردى.
تۆۋەندە «يېڭى قاشتېشى»ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى تۇرسۇنجان مۇھەممەت، مۇھەررىر مەتسېلىم مەتقاسىملار قاراقاشتىكى بىر قىسىم ياش ئاپتۇرلار بىلەن سۆھبەتتە:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-9 23:38
|