كۆرۈش: 256|ئىنكاس: 3

سۈنئىي ئېچىلغان «كاككۇك گۈلى» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  271
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 776
تۆھپە : 0
توردا: 153
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 11:24:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

سۈنئىي ئېچىلغان «كاككۇك گۈلى»

مەتتۇرسۇن ئەبەيدۇللانىڭ «كاككۇك  گۈلى ئېچىلغان دالا»سىغا سەپەر

تارىم ژورنىلى دۇنياغا كەلگەن 60 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن سەر خىل ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تاللاپ ئېلان قىلىپ،كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ كىتابخۇمار،ئەقىللىق،تىرىشچان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ روھى دۇنياسىنى بېيىتىپ،دۇنيا قارىشىنى يېڭىلاپ،يازغۇچى-شائىرلار قوشۇنىنىڭ كۈندىن-كۈنگە زورىيشىغا ئاساس سېلىپ،ئەدەبىي ئىجادىيەتتە دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىش،يازغان ئەدەبىي ئەسەرلىرىدە مىللىتىمىزنىڭ رىئال تۇرمۇشىنى مەركەزلىك ئەكىس-ئەتتۈرۈشنى نىشان قىلىپ،ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئەدەبىيات –سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئانا ژورنال.
ئۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى مەنبە،ئۇيغۇر تىلىنى قانات قىلىپ،ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ۋىجدانى بىلەن قەدەم قويۇپ قېنىنى سىياھ،يۈرىكىنى قەلەم قىلىپ،ئۆزىنىڭ يېرىم ئەۋلىيالىق رولىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تۇنۇپ كېلىۋاتقان يازغۇچى-شائىرلارنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ،ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇپ كەلدى.
مەزكۇر ژورنالدا ئېلان قىلىنىپ،كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى سۈيۈندۈرگەن، قەلبىنى لەرزىگە سالغان ئەسەرلەر كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى.مەسلەن: ئالىمجان ئىسمايىلنىڭ «ئۇپۇقتىكى سۈرەتلەر»، گۈلبوستان ئابدۇرېھىمنىڭ «فەرۇزە»، ئابباس مۇنىياز تۈركىقاننىڭ «كۈيلەر كۆزى»، ئابلەت ئەسمىتۇللانىڭ «غەنىمەت مۇدىر ۋە قىشتىكى لەتىپە»، ئابدۇلكەرىم ئابدۇلھاشىمنىڭ «مۇھەببەت ئۆلمەيدۇ»، بېلقىز ھېيتەم گۈلتېكىننىڭ «كەچمىش»، تۆلەندىن ئەزىم زۇليارنىڭ «يىلان مۆڭگۈزى» ...لار نادىر پوۋېسىتلار جۈملىسىدىندۇر.بۇلار «تارىم»دا جۇلالىغان سەر خىل پوۋېسىتلارنىڭ مېڭدىن بىرىنىمۇ ئىگەللەلىيەلمەسلىكى مۇمكىن.مەلۇم سەۋەپ تۈپەيلىدىن مىسال ئېلىش  مۇشۇلار بىلەن چەكلەندى.ھەم شېئىرىيەت،ئوبزۇرچىلىق،ھېكايىچىلىقتا قولغا كەلگەن نەتىجىلەرمۇ قەلەمگە ئېلىنمىدى.
يۇقىردا ئىسمى ئاتالغان ۋە ئىسمى ئاتالمىغان،ئەمما كىتابخانىلارنىڭ نەزىرىدە ئېسىل ئەسەر دەپ ئېتىراپ قىلنىپ،سۆيۈپ ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولغان بارلىق ئەسەرلەرنىڭ خۇرۇچلىرى ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن ئېلىنغان.چىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى،رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسسۇلىنى ئاساس قىلغان،ئىپادىلەش ئۇسسۇلى جەھەتتىمۇ ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان،مەركىزى ئىدىيە ئەسەردىكى پىرسۇناژلار ئوبرازى بىلەن چەمبەر-چەس باغلانغان،تىل ھەم ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلاردىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلانغان،ئوبرازلار تەبئى بولغاچقا،ئەسەرنى ئوقۇغان ئادەم ئۆزىنى شۇ ئەسەر ئىچىدىكى پىرسۇناژدەك ھېس قىلىپ،ئەسەرنىڭ ۋەقەلىكىگە ئۆزىنى ئۇنتىغان ھالىدا كىرىپ كېتىدۇ.
«تارىم» دەل شۇنداق ئەسەرلەرگە ئۆز قوينىدىن ئورۇن بېرىپ كەلگەچكە قەدىرلىك ئىدى.شۇ ۋەجىدىن پىقىرمۇ ھەر بىر سان ژۇرنالنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئىخلاسمەن ئوقۇرمەن ئېدىم.يېڭى سانىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتەتتىم.ئەسەرلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئوقۇپ،ئەدەبىيات ئىشقىدا ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان قەلبىمنى ئاۋۇندۇراتتىم. 7-سانىنىمۇ شۇنداق تەقەززالىقتا كۈتتۈم،ژۇرنال دىل ھوزۇرۇمغا سۇنۇلغاندا مۇقاۋىسىدىن باشلاپ سۈيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ «كاككۇك گۈلى ئىچىلغان دالا»دا تۇيغۇلىرىم چايقىلىپ ئاسىتىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى.46 بەتلىك پوۋېسىتنى ئوقۇپ بولغىچە ژۇرنال بىر نەچچە قىتىم يېپىلىپ كەتتى. نۇرغۇن جايلارغا «خاتا» بەلگىسى قويۇلۇپ جىجىلىپ كەتتى.چۈنكى بۇ پوۋېسىت پۈتۈنلەي سۈنئىيلىك بىلەن يېزىپ چىقىلغان.شۇڭا بۇ ئەسەر ھەققىدىكى كۆز قارشىمنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
بۇ ئەسەر باشتىن-ئاخىر بەختىگۈلنىڭ بەخىتسىز تۇرمۇش كارتىنىسىنى ئاساس قىلغان سىيۇژىت لىنيىسى بويچە يېزىلغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ ھەممە نېمىسى سۈنئىي.تەبىئى،چىن تەسۋىر ياكى ئوبرازدىن بىرسىمۇ يوق.ئەسەرنىڭ بېشىدا بەختىگۈلنىڭ ئولتۇرۇش ئۈچۈن ئالدىغا ئېڭىشكەندە ئوڭدىسىغا ئۇچۇپ چۈشۈشىدىن باشلانغان سۈنئىيلىك،ساختىلىق ئەسەرنىڭ ئاخىرغىچە داۋاملاشقان بولۇپ،ئەسەرنى ئوقۇغان ئادەمنىڭ تەپەككۇرىنى تۈگىمەس سۇئاللار ئىچىدە تۇنجۇقتۇرىدۇ.مەن كۆڭلۈمدە غەليان كۆتۈرگەن سۇئاللارنى تۆۋەندىكى نۇقتىلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئوتتۇرغا قويىمەن.
ئىنسان خاراكتېرىدىكى سۈنئىيلىك:بۇ ئەسەردىكى بارلىق پىرسۇناژلار ئوبرازى سۈنئىلىك ئىچىدە توقۇپ چىقىلغان.مەسلەن:بەختىگۈلنىڭ دادىسى ئائىلىسىگە كەلگەن كىچىككىنىە ئاۋارىچىلىققا بەرداشلىق بېرەلمەي كېندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ،ياقا يۇرتقا چىقىپ كېتىشى،بەختىگۈلنىڭ توي ئىشى،توي قىلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ ئەتىدىن كەچكىچە جاڭگالغا چىقىپ قوي بېقىشى،بېشى قېيىپ يىقىلىپ چۈشكەندە ئالدىغا ئېڭىشىپ تۇرۇپ،كەينىگە ئۇچۇپ كېتىشى، جاڭگالدا تۇيۇقسىز سابىت بىلەن ئۇچۇرشۇپ قېلىشى،سابىتنىڭ بەختىگۈلنى كىچىك بالىدەك توپىغا كۆمۈپ كېيىملىرىنى قۇرتىشى ،بەختىگۈلنىڭ كىچىك بالىلاردەك رەسىمنى نەمۇ-نە كۆتۈرۈپ يۈرىشى،يولدىشىنىڭ بەختىگۈلىنى باشقىلاردىن كۈنلەشنى بىلگۈدەك ئەقلى تۇرۇپمۇ،ئايالىغا ئەرلىك جاسارېتىنى كۆرسىتەلمەي گومۇشلارچە يۈرىشى،سابىتنىڭ يارلىققا چۈشۈپ كەتكەن قويلارنىڭ پۇتىنى چۈشەپ تارتىپ چىقىرىشى،بىر غۇلاچ كەلگۈدەك چار يىلاننىڭ بېشىغا دەسسەپ ئۆلتۈرشى،پاتمىچۇق ئۆلتۈرشى...قاتارلقلار.قىسقىسى پوۋېسىتتا تەسۋېرلەنگەن بارلىق پىرسۇناژلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى،ئوي-خىياللىرى سۈنئىيلىك ئىچىدە مەجبۇرىي سىزىپ چىقىلغان بولۇپ،ھېچقايسىسىنىڭ تۇرمۇش ئۇسسۇلى،ئوي-خىياللىرى كىشىگە چىنلىق تۇيغۇسى بېرەلمەيلا قالماستىن،بەلكى ئادەمنى بىزار قىلىدۇ.

مۇھىت تەسۋىرىدىكى سۈنئىيلىك: مۇھىت تەسۋىرى ئەسەردىكى پىرسۇناژلار بىۋاستە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سورۇن بولۇپ، ئەسەرنىڭ ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇش، پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىنى يارىتىشتا كەم بولسا بولمايدۇ.مۇھىت تەسۋىرىنى خالىغانچە ئويدۇرۇپ چىقىرىش، رېئاللىقتا يوق مەنزىرلەرنى مەجبۇرىي بېرىكتۈرۈپ يېزىش بىمەنىلىك بولۇپلا قالماستىن،ئەسەر مەزمۇنىنى پۈچەك،پىرسۇناژلار ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ، ئەسەرنىڭ خاسلىقىنى يوقىتىدۇ.پوۋېسىتتىكى مۇھىت تەسۋىرى ئەنە شۇنداق سۈنئىي ئويدۇرمىلاردۇر.مەسلەن: جاڭگالدا كاككۇك گۈلىنىڭ ئېچىلىشى، بۈك-باراقسان ئورمانلار، جاڭگالدىكى ئادەم چىقالمىغۇدەك دەرىجىدىكى يارلىق...قاتارلىقلار. بۇلار مەنتىقىگە ئەسلا ئۇيغۇن تەسۋىرلەر ئەمەس. بۇ ئەسەر يېزىلغان ترىتورىيە خوتەن زېمىنى بولۇپ، خوتەن دىيارىدىكى جاڭگالدا نەدىمۇ كاككۇك گۈلى،سۆگەت،تىرەكلەر بولسۇن؟ خوتەن دىيارىدىكى جاڭگالدا نەدىمۇ كىچىك ماشىنا ئۇچقاندەك توپا توزۇتۇپ ماڭالىسۇن؟نەدىمۇ سۇ كۆلچەكلىرى،ئامبار بولسۇن ؟ ئۇندىن باشقا دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈش مۇھىتى، قۇملۇقتىكى چار يىلاننىڭ ئادەم چاقماسلىقى،يايلاق قويلىرىنىڭ ئىسقىرتسا تەرەپ-تەرەپكە قىچىپ كېتىشى، پاتمۇچۇقلارنىڭ توپلىشىپ سابىتنى ئارىغا ئېلىۋىلىپ بىرسى چاپلىشىۋىلىپ سابىتنىڭ قولىدا ئۆلىشى،باشقىلىرىنىڭ بىر يانغا چىقىپ تاماشا كۆرىشى،قويلارنىڭ چىڭگىلىكنى يىيىشى،بىر كۈن ئېغىلدا سولاقلىق تۇرغان قويلارنىڭ قورسىقى ئاچلىقتىن تۆشۈكتەك بولۇپ قېلىشى،ياۋا توڭگۇزنىڭ دۆڭگە چىقالماسلىقى...قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ئۇيغۇر زىيالىرى،دېھقانلىرى ئىچىدە مىسال ئېلىنغان ئەھۋاللارنى بىلمەيدىغانلىرى يوق بولىشى زۆرۈر ئېدى.ئەپسۇس، ئاپتۇرنىڭ بىلمەسلىكى ئادەمنى بەكمۇ ئېچىندۇرىدۇ.
يازغۇچى دېگەن جەمئىيەتنى كۈزىتىشكە ماھىر،شەيئىلەرنى چۈشىنىشتە،قەلەمگە ئېلىشتا ھۇشيار بولۇشى بەكمۇ زۆرۈر-ئەلۋەتتە. يازغۇچى بىرەر ئەسەرنى يېزىشقا قەلەم تەۋرتىشتىن بۇرۇن تۇرمۇشتىن خام ماتىريال توپلاش،كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى،خاراكتېرىنى پىششىق ئىگەللەشتە ئەستايدىل بولسا، ئاندىن ئەسەرنىڭ چىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك بولۇپ كىتابخاننى قايىل قىلالايدۇ. ئەكسىچە بولسا كىتابخانلارنىڭ لەنەت تېشى ئاستىدا مىجىلىپ،مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەي قالىدۇ.پىقىرنىڭ دىققەت نەزىرىگە ئېلىنىپ،مۇلاھىزە قىلىنغان تەپسىلاتلار خوتەندىلا ئەمەس،بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۆرۈلۈش مۇمكىنچىلىكى بولمىغان،ئاپتۇر مۆجىزە خاراكتېرلىك سۈنئىيلەشتۈرۋەتكەن ئەھۋاللاردۇر.
ھەر بىر يازغۇچى - شائىر ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا چوقۇم ئۆزىگە تونۇش بولغان مۇھىتنى تۇتقا قىلىشى، ئۆز ئەتىراپىدىكى مۇھىت، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، خاسلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋىتىپ ناتۇنۇش مۇھىتقا شۇڭغۇماسلىقى كېرەك.چۈنكى،يېزىقچىلىق ماكان خاسلىقىغا بىۋاستە چېتىلىدۇ. ماكان خاسلىقى دېگىنىمىز - كىشىلەر ئولتۇراقلاشقان، پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان مۇھىتنى كۆرسىتىدۇ. ماكان خاسلىقى مۇقەررەرلىككە ئىگە،يازغۇچى ئۆز ئەسىرىنى قانچىلىك كۆككە كۆتۈرىشىدىن، بەدئىيلىكىنى قانداق ئىپادىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ تەپەككۈر ئەندىزىسى مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.ئېڭىغا بىلىندۈرمەي تەسىر قىلىدۇ.شۇڭلاشقا يازغۇچى ئۆز ئەسىرىدە ياراتقان ئوبرازمۇ خاسلىققا ئىگە بولىدۇ.ئەمما مەزكۇر پوۋېسىت ئاپتۇرى ئۆز ئەتىراپىدىكى مۇھىت،مەدەنىيەت،ئۆرپ-ئادەتنى يېزىقچىلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى،خاسلىقنىڭ نېمىلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،ئۇلارنىڭ ئەدەبى ئىجادىيەتتىكى رولىنى توغرا ئانالىز قىلالمىغاچقا،ئەسىرىنى سۈنئى ھېسيات،مەجبۇرلاش خاراكتىردىكى تىل مۇھىتىدا يېزىپ چىققان. تىلى قۇرغاق،سۆز-جۈملىلىرى،تەسۋىرلىرى بىمەنە،تۇرمۇش پۇرىقى يوق بولغاچقا ھېچقانداق ئىجتىمائى ۋە بەدىئىي قىممەت يارىتالمىغان.كىشىلەرنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجى يۇقىرسسلاپ،تۇرمۇش سۈرئىتى تىزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق ئەسەرلەر كىتاپخانلارنىڭ ئۇسسۇلۇقىنى قاندۇرالمايدۇ.شۇڭا ئاپتۇرنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەت سەپىرىدە تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ،تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك،تەسۋىرلىرى مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەسەرلەرنى دىل ھوزۇرىمىزغا سۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. «تارىم»نى پاك ئەقىدە بىلەن پەرۋىشلەپ،كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان جاپاكەش تەھرىر تاغا-ھەدىلەرنىڭمۇ بۇندىن كېيىن ئەسەرلەرنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ،پىشمىغان ئەسەرلەر بىلەن كىتابخانىلارنىڭ ۋاقتىنى،زېھنىنى ئىسراپ قىلماسلىقىنى، «تارىم»نىڭ ئوقۇرمەن بىلەن ئەدەبىيات ئوتتۇرسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى مەڭگۈ مۇستەھكەملەپ، يېڭى ئەسىردىكى مىللى ئەدەبىياتىمىزنىڭ تېخىمۇ نۇرانە گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە كۈتۈۋېلىشىغا تىلەكداشمەن. «تارىم» ئۆركەشلەپ راۋان ئاقسۇن،ئەدەبىياتىمىز تېخىمۇ نۇرلانسۇن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rasheed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-9 18:16  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  45
يازما سانى: 142
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 431
تۆھپە : 0
توردا: 111
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-18

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 13:12:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنى «تارىم» ژۇرنىلىغا بەرسە بولغۇدەك

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2357
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 169
تۆھپە : -2
توردا: 31
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 18:20:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمىيلىكىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بىرىڭلار .قەلىمىڭلار ھارمىغاي!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2707
يازما سانى: 422
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1411
تۆھپە : 0
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-17 18:50:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


      بۇنداق ئەھۋاللار ھەرگىزمۇ تاساددىپىلىق ئەمەس بەلكى مۇھەررىر بىلەن <يازغۇچى> نىڭ يەڭلىرىدىن تۆكىلىدۇ...
  ‹تارىم ژورنىلى› ،‹ئىلى گىزىتى›  شۇنۇڭدەك نۇرغۇنلىغان نەشىريات ئەپكارلىرىمىزدا ئۆزىنى مەن ‹مۇھەررىر ›،‹دۆلەت كادىرى› دەپ چاغلاپ ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدىغان  شۇنداق ناچار
  كىشىللىرىمىز باركى ئۇلارنىڭ دەستىدە تالايلىغان ھەۋەسكار،قەلەمكەشلىرىمىز نابوت بولماقتا...مەن بۇ توغرىسىدا كىيىن چوقۇم ئايرىم ۋە راۋۇرۇس توختىلىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   داڭگال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-17 18:57  


سەھەر تۇرۇپ 1-قىلدىغان ئىشىڭىز نىمە؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش