كۆرۈش: 3471|ئىنكاس: 2

ياسىنجان ئوسمان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 23
توردا: 33
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-13

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 14:15:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

20110820092059359.jpg


ياسىنجان ئوسمان ئەركزات  1968-يىلى 15-ئاۋغۇست مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ چوڭقۇرچاق يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1986-يىلى مارالبېشى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، 1988-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى جۇڭگو تىلى فاكۇلتېتىنىڭ خەنزۇ تىلى مىللىي تەييارلىق كەسپىدە ئوقۇغان. 1988-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 7-ئايغىچە  قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ ئۇيغۇر تىل- ئەدەبىياتى كەسپىدە ئوقۇپ، 1992-يىلى تىل-ئەدەبىيات پەنلىرى بويىچە باكلاۋرلىق ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئېلىپ، ئالىي مەكتەپنى ئەلا نەتىجە  بىلەن تاماملىغان. 1992-يىلى 9-ئايدىن 1998-يىلى9-ئايغىچە مەكىت ناھىيەسىنىڭ قىزىلئاۋات ،  يانتاق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1996-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بىلەن ئەنگلىيە خەلقئارالىق مائارىپ تەرەققىياتى مەركىزى(VSO) بىرلىشىپ ئاچقان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئېنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش  كۇرسىدا ئوقۇپ، «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئېنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى» لاياقىتىگە ئېرىشكەن. ھازىر  مەكىت ناھىيەلىك تەجرىبە ئوتتۇرا  مەكتىپىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك  ئوقۇتقۇچىسى.
           ياسىنجان ئوسمان  ئەركزاتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە باشلانغان بولۇپ، «باھار ھەققىدە قوشاق» ناملىق تۇنجى شېئىرى 1987-يىلى 18-ئاپرېل «قەشقەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغاندىن تارتىپ، ھازىرغىچە ئۇ مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى  ھەرقايسى گېزىت-ژۇرنال ۋە ئاخبارات، نەشرىيات، تەشۋىقات ئورۇنلىرىدا 800 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ھېكايە، ئوبزور، ئاخبارات خەۋىرى، ئىلمىي، نەزەرىيىۋىي ماقالە،  ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ماقالىلىرى، توپلاپ- رەتلىگەن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرى، ھەرخىل تېببىي ساۋات، ئەدەبىي ئۇچۇر ، مۇلاھىزە ۋە تەپەككۇر ئۈنچىلىرىگە، ھەزىل سوئال-جاۋابلىرىغا ئائىت تەرجىمە ئەسەرلىرىنى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، «شىنجاڭ مائارىپى» گېزىت-ژۇرنىلى، «تەڭرىتاغ»،«شىنجاڭ گېزىتى» ، « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ، «ئاسىيا كىندىكى»، « ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»، «قەشقەر ئەدەبىياتى» (ھازىرقى«قەشقەر» ژۇرنىلى) ، «تۇرپان»، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى، «بىڭتۈەن گېزىتى»، «قەشقەر گېزىتى»...قاتارلىق مەتبۇئات ئورۇنلىرى ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلدۇرۇپ، بۇ جەھەتتىكى نەتىجىلىرىگە مۇناسىپ ھالدا كۆپ قېتىم تەقدىرلەندى ۋە مۇكاپاتلاندى.2007 – يىلىدىن ئېتىبارەن « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»گېزىتىنىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرلىقىغا تەكلىپ قىلىندى.يىللاردىن بۇيان،  « بىز يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى مۇشۇنداق ئېلىپ بارامدۇق؟»، « بىزگە قانداق كۇرسانتلار كېرەك»،«ئوقۇرمەنلەر ھەرگىز ئالدانمايدۇ»، «سەبىيلەر كارتىنىلىرىدىن تۇغۇلغان تەشۋىشلىك ئويلار»،« ‹ئالتۇن چىشلىق ئىت›ھېكايىسىدىكى ئاق تاپان ئوبرازى ھەققىدە تەھلىل» قاتارلىق 50 نەچچە پارچە ئوقۇتۇش تەتقىقات ماقالىلىرىنى يېزىپ، ناھىيە، ۋىلايەت ۋە ئاپتونۇم رايون دائىرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئوقۇدى ۋە « شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»، «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلى،  «تەربىيەچى»،«جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرناللىرىدا  ئېلان قىلدۇرۇپ كەسىپداشلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى .ئەنئەنىۋىي شېئىرىي شەكىل-مۇساۋىيات تەرەپەيىن شەكلىدە يېزىلغان «قەشقەر قەسىدىلىرى»ناملىق بىر  پارچە سېكىلى2002- يىلى 9- ئايدا قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 2- دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، ئۈچ قېتىم «تەڭرىتاغ»، «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرناللىرى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر ئاپتور ، بىر پارچە ئەسىرى 2006- يىلى 12- ئايدا مەملىكەت بويىچە 2- دەرىجىلىك ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
         ئۇ ئۆزىنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن تۈزۈپ تەييارلىغان «ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۈچۈن ئۆگىنىش زۆرۈر بولغان ئۇنىۋېرسال بىلىم ۋە قائىدە-قانۇنىيەتلەر جەۋھەرلىرى: تىل-ئەدەبىيات»ناملىق تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىغا ئائىت كىتابىنى2006-يىلى دېكابىردا نەشر قىلدۇرۇپ، تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىي پايدىلىنشى ئۈچۈن سۇنغاندىن باشقا، شېئىرىي ئىجادىيەتلىرىنىڭ سەمەرىسى بولغان، كۈچلۈك لىرىك ھېسسىيات، مول ئىجادىي تەسەۋۋۇرلار بىلەن تويۇنغان، كۆپ خىل، مۇكەممەل بەدئىي شەكىللەر بىلەن يارقىن ئىپادىلىنىپ، چىن ئىنسانىي سۆيگۈ-مۇھەببەت، گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەت، ۋاپادارلىق، ساداقەتمەنلىككە قىزغىن مەدھىيە ئوقۇلغان«قارچۇقتىكى داغ»ناملىق تۇنجى لىرىك شېئىرلار توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇردى. نۆۋەتتە، «رامكىلانغان ھېسلار»، « پەرىشتىلەر ئالبۇمى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى بىلەن « مائارىپ،  مەنىۋىيەت، مەۋجۇدىيەت » ناملىق  ماقالىلار توپلىمىنى نەشىرگە تەييارلاۋاتىدۇ.
      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇنىڭ 50 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانېردىكى ماقالە-ئەسەرلىرى «سوۋغات»، «ئۈلگىلىك ماقالىلەر توپلىمى»، «مەن ۋە پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى»، «شانلىق 50 يىل»، «قەلبدىن قەلبگە يول»، «جەزىبىدار گۈلدەستىلەر»... قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلۈپ، كەسىپداشلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بەرگەنلىكىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن2006-يىلى مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «مەن ۋە رادىيو» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ماقالە-ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا بىر پارچە ئىلمىي تەتقىقات ماقالىسى مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىگە ئېرىشىپ، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشىر قىلغان «قەلىبدىن قەلىبگە يول» نامىلىق توپلامغا كىرگۈزۈلدى. 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپېك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۈتىۋېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۆتكۈزگەن  «مەن ۋە ئولىمپېك » تېمىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇكاپاتلىق ماقالە-ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا «ئولىمپېك تەنتەنىسىدىن تۇغۇلغان تېرەن تۇيغۇلار» ناملىق بىر پارچە ماقالىسى مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى ۋە رادىيودا ئاڭلىتىلىپ، رادىيو ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىغا مۇيەسسەر بولدى، ئېلىمىزدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا  قويۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزگەن «يۇرتۇمدىكى ئۆزگىرىشلەر» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ماقالە-ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدا «كەچمىشىمدىن تامغان قەترىلەر» ناملىق بىر پارچە ماقالىسى يەنە مەملىكەت بويىچە 2-دەرىجىگە ئېرىشىپ مۇكاپاتلاندى. مەكىت  ناھىيەسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك  دەرسلىك ماتېرىيالىنىڭ تەھرىرلىك ۋە كوررېكتورلىقىنى قىلىش ۋە مەكتەپ دەرسلىكىنى تۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تېگىشلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇردى.  ئۇنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ «قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى گېزىتى»، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى،شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق ئاخبارات–تەشۋىقات ۋاستىلىرىدا تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا، تەرجىمىھالى، ئىلغار ئىش-ئىزلىرى ۋە ئىجادىي نەتىجىلىرى «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى، «مەكىت تارىخ - مەدەنىيىتى» ناملىق ئۈچ توملۇق تارىخىي كىتاب ۋە «دولان مەدەنىيەت كاتولوگى» ناملىق كىتابتا «مەكىت تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر» قاتارىدا تونۇشتۇرۇلۇش بىلەن بىرگە يەنە،  2008-يىلىدىن بۇيان، ئۇيغۇر تور ئەدەبىياتى ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى، تور ئەدەبىياتى ھەققىدىكى ئۆزگىچە، ئىجادىي قاراش ۋە چۈشەنچىلىرى نۇرغۇن تور بەتلەردە خېلىلا مۇكەممەل تونۇشتۇرۇلۇپ،تورداشنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.  
      ياسىنجان ئوسمان ئەركزات  ھازىر  مەكىت ناھىيەلىك دولان يازغۇچىلار جەمئىيىتى، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلارجەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-19 00:18  


mukam.cn

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2072
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6623
تۆھپە : 8
توردا: 441
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 17:01:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان ئوسمان ئەركىزاتنىڭ ئىجادىيىتىەە ئۇتۇق تىلەيمەن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  363
يازما سانى: 1033
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1632
تۆھپە : 4
توردا: 204
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 22:00:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان ئوسمان ئەركىزاتنىڭ ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيتۇم. لىكىن ئۆزىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. بۈگۈن ئۇنىڭ رەسىمى بىلەن تەرجىمھالىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. تۈمۈر قادىرىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!. ياسىنجان ئوسمان ئەركىزاتنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن داۋاملىق ئۇچرۇشۇپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش