ximal
كۆرۈش: 808|ئىنكاس: 0

پەرھات جىلان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 18:50:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Perhat+Jilan+01.jpg


پەرھات جىلان 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 8- كۈنى غۇلجا شەھرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1954-يىلىدىن 1961-يىلىغىچە غۇلجا ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىرىدىكى روس مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. 1961-يىلىدىن 1966-يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان.
      ئۇ 1976-يىلىدىن كېيىن، بىر مەزگىل باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ۋاقىتلىق ئوقۇتقۇچى، شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتىدا ۋاقىتلىق تەرجىمە تەھرىرى بولۇپ ئىشلىگەن. 1979-يىلىدىن ئېتىبارەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تىل تەتقىقات ئىنىستىتوتىدا دەسلەپتە روسچە تەرجىمان، كېيىنچە تەرجىمە - ماتېرىيال بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، 1991-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات بۆلىمىنىڭ باشلىقى، 1994-يىلى 1- ئايدىن باشلاپ تىل تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن.
        پەرھات جىلان 1966-يىلىدىن بۇيان «پۇل»، «ئالتۇن قاندىكى توي» قاتارلىق ھېكايىلەرنى يېزىپ، جامائەتچىلىكنىڭ دىققەت - ئېتىبارىنى قوزغىغان. ئۇنىڭدىن باشقا ن . ئا . باسكا كوۋنىڭ «تۈركىي تىللار» ناملىق ئەسىرىنى، «گراف مونتې- كرىستو» ناملىق مەشھۇر روماننى، تىلشۇناسلىققا ئائىت بىر قىسىم ئىلمىي ماقالىلەرنى ۋە ھېكايىلەرنى روسچىدىن تەرجىمە قىلغان.
       پەرھات جىلان ھازىر جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ۋە شىنجاڭ چەت ئەل تىللىرى تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
       پەرھات جىلان «مەھمۇد قەشقىرى»، «ئورخۇن شەجەرىسى» ناملىق تارىخىي رومانلارنىڭ مۇئەللىپى.


ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش