كۆرۈش: 204|ئىنكاس: 4

ئۇيغۇر تىلى سۆزلىرىدە بەزى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1897
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5605
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 11:02:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

      ئۇيغۇر تىلى سۆزلىرىدە ئىپادىلەنگەن بەزى مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرى توغرىسىدا

                        ئايشەمگۈل سەپەر

(ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى 2010-يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتى)

قىسقىچە مەزمۇنى: ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ جانلىق تەركىب سۆزلۈك بولۇپ،  مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقىدا مەدەنىيەتكە سۆزلۈك ئارقىلىق كىرىش ئاساس قىلىنىدۇ. ھەرقانداق مەدەنىيەت تىلدا ئەكس ئېتىدۇ ۋە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. بۇ ماقالىدە، ئۇيغۇر تىلىدىكى سالام-سەھەت سۆزلىرى، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك ئاتالغۇلىرى، سىمۋوللۇق سۆزلەر، ھايۋانات ناملىرى ۋە ئۇنىڭدا ئەكس ئەتكەن مەدەنىيەت ئامىللىرى تەھلىل قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇر تىلى سۆزلىرى؛ مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى؛ ئەكس ئەتتۈرۈش
   

مەلۇمكى، تىل ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش قورالى ۋە تەپەككۇر ۋاسىتىسى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مۇھىم بەلگىلىرىدىن بىرى. ئۇ مەدەنىيەتنىڭ بىر خىل ئالاھىدە شەكلى. تىل بىلەن مەدەنىيەت بىر-بىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بىر-بىرىدىن ئايرىلغان ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. ئۇ خۇددى ئەينەككە ئوخشاش مىللەتنىڭ پۈتۈن مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.  تىل ـ ماددىيلاشقان مەدەنىيەت ھادىسىسى بولۇپ، ئۇ مەدەنىيەتنى ئەڭ روشەن ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئۇ مەدەنىيەت توشۇغۇچى ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، تىلدىكى ئەڭ جانلىق تەركىب ھېسابلىنىدۇ. مەدەنىيەت تىلشۇناسلىقىدا مەدەنىيەتكە سۆزلۈك ئارقىلىق كىرىش ئاساس قىلىنىدۇ. مۇشۇ نۇقتىلاردىن ئەستايىدىل كۆزىتىدىغان بولساق، ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلۈكلەردىن، ماقال-تەمسىللەردىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى ۋە ئىزناسىنى كۆرەلەيمىز.
1. ئۇيغۇر تىلىدىكى سالام-سەھەت سۆزلىرىدە ئىپادىلەنگەن مەدەنىيەت ئامىللىرى
سالام-سەھەت ئادىتى ھەر بىر مىللەتنىڭ مۇھىم ئەنئەنىلىرىدىن بىرى بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرخىل مىللەت، ھەرخىل قەبىلە ۋە ھەرخىل تەبىقە كىشىلىرىنىڭ سالام-سەھەت ئادىتى ۋە سالام-سەھەت سۆزلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە، مەدەنىيەتلىك مىللەت بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئادەتلىرى، سالام-سەھەت ھەرىكىتىدە ياكى سۆزلىرىدە ئۇلارنىڭ ئېسىل ئەخلاق-پەزىلىتى، ئېستېتىك چۈشەنچىسى، كەمتەر، خۇش پېئىل مىجەزى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ سالاملىشىشتا قوللىنىدىغان سۆزلىرى ئالاھىدە بولۇپ، قارشى تەرەپتىن تىنچلىق سوراشتىن باشقا يەنە دائىم: «بالا-چاقىلىرىڭىز تىنچلىقمۇ، تىنچ قوپۇپلىمۇ؟» دەپ ئامانلىق سورىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ خىلمۇخىل ئەھۋاللاردا كۆرۈشكەندە، «ئەسسالامۇئەلەيكۇم»، «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دېگەندىن كېيىن، ئېيتىلىدىغان سۆزى ئوخشاش ئەمەس. مەسىلەن، ئۇزاق ۋاقىت كۆرۈشمىگەنلەر بىلەن ھەر كۈنى كۆرۈشۈپ تۇرغانلارنىڭ سالام-سەھەت سۆزلىرى ئوخشاش بولمايدۇ. كېسەل يوقلىغاندا كۆرۈشۈپ ئېيتىلىدىغان سۆز بىلەن، ئۆلۈم-يېتىم ۋە ھازىدارلار بىلەن كۆرۈشۈشتە ئېيتىلىدىغان سۆز ئوخشاش ئەمەس، ھەممە سورۇننىڭ ئۆزىگە ماس ھالدىكى ئەھۋال سوراش، كۆرۈشۈش سۆزلىرى بار. مەسىلەن، دېھقانلار ئەھۋال سوراشقاندا، تېرىم-تىكىم ئەھۋالى، ھوسۇل ئەھۋالى سورىلىدۇ. چارۋىچىلار بولسا، مال-چارۋىلىرى ھەققىدە سورىشىدۇ. سودىگەرلەر بولسا، «ھال-ئوقىتىڭ قانداقراق؟» دەپ بىر-بىرىنىڭ تىجارىتى ۋە تاپاۋىتى ھەققىدە سورىشىدۇ. بۇنىڭغا قارشى تەرەپنىڭ كەسپى ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ھال-ئەھۋالىغا يېتىش مەزمۇنى ئىپادىلىنىدۇ.
جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھال-ئەھۋال سورىشىمۇ ھەرخىل ئالاقە پائالىيەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ كۆپ خىللاشتى.
ئۇيغۇر تىلىدا يېڭىدىن پەيدا بولغان «بارمۇ سىز؟»، «كۆرۈنمەيسىزغۇ؟» «ئالدىراشمۇ؟» «ماقۇل ئەمىسە» دېگەندەك سالام-سەھەت سۆزلىرى بارلىققا كەلدى. بۇ سۆزلەر بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، ئۆگىنىش قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ رىتىمى تېزلەشكەنلىكىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. خەلقئارادا ھال-ئەھۋال سوراش سۆزلىرىنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇرلار «ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن!» «ياخشىمۇ سىز؟»، «ئامان بولۇڭ»، «كەچلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن!» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىمۇ قوللىنىدىغان بولدى.
2. ئۇيغۇر تىلىدىكى كىيىم-كېچەك سۆزلىرىدە ئىپادىلەنگەن مەدەنىيەت ئامىللىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخقا ۋە مول مەزمۇنغا ئىگە. ئۇ ئۇزاق يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى جەريانىدا ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېڭىلىنىپ، مۇكەممەللىشىپ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بولغان.
ئۇيغۇر تىلىدىكى كىيىم-كېچەككە ئائىت سۆزلەرنىڭ ماقال-تەمسىللەردىكى مەدەنىيەت مەنىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، پىسخىكىسى، پەلسەپىۋى ئىدىيەسى ۋە ھەر خىل مەدەنىيەت ئامىللىرىغا باغلاپ تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
چاپانغا ئائىت سۆزلەرنىڭ ماقال-تەمسىللەردىكى مەدەنىيەت مەنىسى:
چاپىنى تىزىدىن ئاشماس، ئالدىنى ياپسا كەينىگە يەتمەس. بۇ نامرات ئادەم كەمبەغەللىك تۈپەيلىدىن قىلغان ئىشى ئىلگىرى باسمايدۇ. ئوقىتى راۋاج تاپمايدۇ. تاپقىنى ئېھتىياجىغا يەتمەيدۇ.  
چاپىنىغا قارىما، ئادىمىگە قارا. بۇ بىراۋغا باھا بېرىشتە ھەرگىز سىرتقى كۆرۈنۈشىنى ئاساس قىلماي، بىلىمى، ئەخلاق-پەزىلىتى، ئىش-ھەرىكىتىگە قاراشنى بىلدۈرىدۇ.
باش كىيىمىگە ئائىت سۆزلەرنىڭ ماقال-تەمسىللەردىكى مەدەنىيەت مەنىسى:
باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە، قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئەيىب-قۇسۇرلىرى، ماجىرالىرى سىر بولۇپ ئائىلە ئىچىدە قالىدۇ. تاشقىرىغا چىقمايدۇ، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
كېلىنىڭنى كەلگەندە كۆر، بۆكنى كىيگەندە كۆر. بۇ ھەر ئىشنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرۈپ، ئاخىرقى نەتىجىگە قاراپ يەكۈن چىقىرىش كېرەك، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئاياغ كىيىمىگە ئائىت سۆزلەرنىڭ ماقال-تەمسىللەردىكى مەدەنىيەت مەنىسى:
ئاياغقا چەم كېرەك، ھەر ئىشقا پەم كېرەك. بۇ ھەرقانداق ئىشنى قىلىشقا ئەقىل-پاراسەت كېرەكلىكىنى، ئەقىلنى قايرىپ قويۇپ قىلىنغان ئىش-ئوقەتنىڭ نەتىجىسىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۆزى ئۆيگە كىرگىچە كەشى تۆرگە چىقىپتۇ. بۇ يۇقىرى تەبىقىدىكى كىشىلەرنىڭ كەمبەغەل، نامراتلارنى كەمسىتىدىغان فېئوداللىق ئىدىيە ئىستىلىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىشتانغا ئائىت سۆزلەرنىڭ ماقال-تەمسىللەردىكى مەدەنىيەت مەنىسى:
ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن. بۇ ھەر كىمنىڭ ياخشى-يامان ئىشلىرى ئۆزىگە ئايان، دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
ئىككى ئىشتاننى ئارتۇق يىرتقان. بۇ تۇرمۇشتا ياشقا چوڭلارنىڭ كىچىكلەرگە قارىغاندا تۇرمۇش تەجرىبىسى كۆپرەك بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
3. ئۇيغۇر تىلىدىكى يېمەك-ئىچمەك سۆزلىرىدە ئىپادىلىنىدىغان مەدەنىيەت ئامىللىرى
ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدە مىللىي خاسلىق روشەن گەۋدىلىنىپ، نان، پولۇ، مانتا، لەڭمەن، كاۋاپ قاتارلىق ئەڭ ئومۇملاشقان شاھ تائاملار گەۋدىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇر تائاملىرى چەمبىرى ھاسىل قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاش مۇھىتىدىكى پەرقى تۈپەيلىدىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان يەرلىك تائاملار بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى بېيىتتى ۋە رەڭدارلىققا ئىگە قىلدى. مەسىلەن:
ناۋاي بولمىغۇچە، ناننىڭ قەدرى ئۆتۈلمەس. ناۋاينىڭ نېنى پىشقۇچە، يېڭى كۆيەر. بۇ ماقال-تەمسىللەردە ناننىڭ ئۇلۇغلۇقى، نان يېقىشنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
نان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپلا ئىستېمال قىلىپ كەلگەن ئاساسىي يېمەكلىكىدۇر. ئۇيغۇرلار ناننى تىرىكلىكنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئۇلۇغلايدۇ. بۇ «نېنى يوقنىڭ جېنى يوق»، «نامراتنىڭ نېنى يانچۇقىدا» دېگەن ماقاللاردا ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن. يەنە كىشىلەرنىڭ سۆز-ئاغىزىنىڭ يۇمشاق-قاتتىقلىقى بۇغدايغا تەقلىد قىلىنىپ «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ بولسۇن» دېگەن تەمسىلىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ناننى ئۇلۇغلاش ئەقىدىسىدىن شەكىللەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم يېمەك-ئىچمەكلىرىدىن يەنە پولۇ، سامسا، كاۋاپ، مانتا، گۆش قاتارلىقلارغا ئائىت نۇرغۇنلىغان ماقال-تەمسىللەر بار. مەسىلەن:
«پولۇ قورۇشتىن، شورپا سورۇشتىن»، «تاماق تۇزى بىلەن، دوغاپ مۇزى بىلەن»، «گۆشنى داڭقاندا پۇشۇر، مانتىنى قاسقاندا پۇشۇر»، «مۇچ يېسەڭ چاغلاپ يە، سامسا يېسەڭ داغلاپ يە» قاتارلىقلار بار. بۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقنىڭ يېمەك-ئىچمەككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، تاماق پۇشۇرۇش ئادىتىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن.
4. ئۇيغۇر تىلىدىكى سىمۋوللۇق سۆزلەردە ئىپادىلىنىدىغان مەدەنىيەت ئامىللىرى
ئۇيغۇر تىلىدىكى سىمۋوللۇق سۆزلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيانقى چارۋىچىلىق ۋە باغۋەنچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ۋە پىسخىكىسىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە مەدەنىيەت پىسخىكىسىدىكى ئەڭ تونۇشلۇق شەيئىلەرنى سىمۋول ئوبيېكتى قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى، تۈرلۈك تۇرمۇش پائالىيىتى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.
1) شىر، يولۋاس، ئارسلان، قاپلان قاتارلىق ھايۋانلار گۆشخور ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك، ھەيۋەتلىك، ۋەھشىي بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر تىلدا جەسۇرلۇق، باتۇرلۇق، قورقماسلىق، كۈچلۈكلىككە سىمۋول قىلىنغان. مەسىلەن: «يولۋاس ئىزىدىن يانماس، يىگىت سۆزىدىن»، «ئۇستا ئوۋچى شىر ئاتار، قاۋۇل دېھقان بوز ئاچار» دېگەندەك.
2) «قوي» ھايۋانلار ئىچىدە ياۋاش بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، ئۇيغۇر تىلدا ياۋاشلىق ۋە ئاسايىشلىققا سىمۋول قىلىنغان. مەسىلەن: «قۇش بالىسى كۆككە قارايدۇ، قوي بالىسى يەرگە قارايدۇ»، «بوغۇزلايمەن دېسە قويمۇ تېپىرلايدۇ» دېگەندەك.
3) بۆرە، تۈلكە قاتارلىق ھايۋانلار رەزىل، ۋەھشىي، ياۋۇز، ئاچ كۆز، قۇۋ، ھىيلىگەر بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن ئۇيغۇر تىلدا ئاچ كۆزلىككە، ياۋۇزلۇققا، يۈزسىزلىككە، مەككارلىققا، ھىيلىگەرلىككە سىمۋول قىلىنغان. مەسىلەن: «بۆرىنىڭ خىرىس قىلغىنىدىن، تۈلكىنىڭ ھىجايغىنى يامان»، «ئويلىمىغان يەردىن تۈلكە چىقار» دېگەندەك.
4) «گۈل» رەڭگارەڭ ئىچىلىدىغان چىرايلىق، خۇشبۇي ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئادەتتە قىزلارنىڭ گۈزەللىكىگە، سەبىيلىكىگە، غۇبارسىزلىقىغا، سۆيگۈ-مۇھەببەتكە سىمۋول قىلىنغان. مەسىلەن: «قىز بالا ئۆينىڭ گۈلى»، «قولى گۈل»، «گۈل ئېچىلغان يېرىدە ئەزىز» دېگەندەك.
1) «تىكەن» بۇ كۈشەندە، زەھەرخەندىلىككە سىمۋول قىلىنغان. مەسىلەن: «ئادەملەرنىڭ دۈشمىنى بولغىنىدەك، گۈلنىڭمۇ تىكىنى بولىدۇ».
2) «غۇنچە» پاكلىققا، سەبىيلىككە سىمۋول قىلىنغان. مەسىلەن: بۇ ئوماق غۇنچىلار ۋەتىنمىزنىڭ كېلەچىكى.
3) «قاپاق» كارغا كەلمەسلىككە، دۆتلىككە سىمۋول قىلىنغان. مەسىلەن: «تازا بىر قاپاقباش نەرسە ئىكەنسەن.»
4) «ئاق رەڭ» ياخشىلىق، پاكلىق ھەم بەخت-ئامەتكە سىمۋول قىلىنغان. مەسىلەن: ئاق يول بولسۇن.
5) «بۇلبۇل» كۆپىنچە يار ۋەسلىگە ئىنتىلىۋاتقان ئاشىققا سىمۋول قىلىنغان. مەسىلەن: باغدا گۈل بولمىسا، بۇلبۇل كېلىپ سايرىماس.
يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەنلىرىمىز ئادەتتە كۆپرەك قوللىنىلىدىغان بىر قىسىم سىمۋوللۇق سۆزلەردىنلا ئىبارەت. ئۇيغۇر تىلدىكى سىمۋوللۇق سۆزلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ئاساستا رەتلەش، توپلاش ۋە تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
5. ئۇيغۇر تىلدىكى ھايۋانات ناملىرىدا ئىپادىلىنىدىغان مەدەنىيەت ئامىللىرى  
ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىقنى ئاساسى تۇرمۇش شەكىلى قىلغان مىللەت بولۇپ، ماددىي تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن، مال-چارۋا ۋە تۈرلۈك ھايۋانلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەتكەن. شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر تىلدا ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ بەلگىسى ياكى ئادىتىنى ئىپادىلەيدىغان سۆزلەرمۇ بىر قەدەر كۆپەيگەن. ئۇيغۇر تىلىدىكى ھايۋانات ناملىرى تۈرلۈك مەدەنىيەت مەنىسىگە ئىگە.
1) تۆگە بولسا، كېلەڭسىز، قوپالراق كىشىلەر ۋە پەمسىز كىشىلەرگە سىمۋول قىلىنغان. مەسىلەن: «تۆگىدەك بويۇڭ بولغۇچە، تۈگمىدەك ئەقلىڭ بولسۇن»
2) «توخۇ» قورقۇنچاق، جۈرئەتسىز، يۈرەكسىز، پىخسىق كىشىلەرگە سىمۋول قىلىنغان. مەسىلەن: «توخۇ ئۇچسا تامغا قونار، لاچىن ئۇچسا تاغقا قونار».
3) «مۈشۈك» ئاچكۆز، ئىچى تار، تەمەخور، يۈزسىز، نەپسانىيەتچى كىشىلەرگە سىمۋول قىلىنغان. مەسىلەن: «مۈشۈكنىڭ پۇلى يوق بەزگە ئامراق». «مۈشۈكتەك كۆزىنى يۇمۇۋالماق».
4) «ئېشەك» ھاياسىز، ھارام، ئەخمەق، نادان، جاھىل كىشىلەرگە سىمۋول قىلىنغان. مەسىلەن: «ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا غېجەك چالماق». «ئېشىكى بەش تەڭگە، توقۇمى ئون تەڭگە».
ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتقاندا، يۇقىرىدا ئۇيغۇر تىلدىكى سالام-سەھەت سۆزلىرى، كىيىم-كېچەك سۆزلىرى، يېمەك-ئىچمەك سۆزلىرى، سىمۋوللۇق سۆزلەر، ھايۋانات ناملىرى قاتارلىقلاردا ئىپادىلەنگەن مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۇيغۇر تىلدىكى بىر قىسىم ماقال-تەمسىل ۋە سۆزلۈكلەر تەھلىل ئېلىپ باردىم.
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلدىكى سۆزلۈكلەر سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى ۋە چەكلىشى يالغۇز بۇلا ئەمەس، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى پۈتۈن سۆزلىكنىڭ تەرەققىيات جەريانىغا سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرگە ھەر خىل مەدەنىيەت تۈسى ئېلىپ كەلگەن ھەم ئۇيغۇر تىلدىكى سۆزلىكلەرنى كۈنسايىن بېيىتقان ۋە سەرخىللاشتۇرىغان.
پايدىلانمىلار:
1. ئىمىن تۇرسۇن: «قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2008-يىلى 10- ئاي نەشرى.
2. ئايشەمگۈل ئابدۇرىشىت: «ھايۋانات ناملىرىنىڭ مەدەنىيەت مەنىسى ۋە ئىستېمالى توغرىسىدا»، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، 2006-يىللىق 2-سان.
3. تۇرنىسا روزى: «ئۇيغۇر تىلىدىكى مىللىي مەدەنىيەت خاسلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سۆزلەر توغرىسىدا»، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى، 2009-يىللىق 4-سان.
4. ئابلىز ئەمەت: «ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرى ئىزاھلىق لۇغىتى»، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى، 2001-يىلى 2-ئاي.
5. ئابدۇكېرىم راخمان: «20-ئەسىر ئۇيغۇر ماددىي فولكلور مەدەنىيىتى»، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2006-يىلى 5-ئاي.
6. ئابلىز مۇھەممەت سايىم: «ئۇيغۇر مەدەنىيەت-سەنئىتىگە دائىر ئىلمىي ماقالىلەر»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىلى 10-ئاي.

تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن


  
浅谈维吾尔语中表文化特征的词汇
阿依谢木古丽•色怕尔

摘  要:维吾尔语中最灵活的一类是词汇,文化语言学就是通过词汇来研究文化,世上任何一种文化都是要通过语言来反映和体现的。本文全面分析维吾尔语中的问候语,服装词语,饮食词语,象征词语和动物名称所包含的文化因素。
关键词:维吾尔语词汇;文化特征;反映形式



mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2057
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 166
تۆھپە : 0
توردا: 14
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 12:57:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ئابدۇرېھىمكا  رەھمەت ! بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق ئىسىل ماقالىلەرنى تەمىنلەپ بېرىشلىرىگە تەشنامىز!

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1910
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5675
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 14:53:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىراپلىق  ئېلىپ  بېرىلغان  ئىلىمىي  تەتقىقات  ئەمگىكىدىن  تولىمۇ  سۆيۈندۈم

bagyar ھەقىقىي ئىسمىڭىز مۇئەييەنلەشتى ! 

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  102
يازما سانى: 415
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1183
تۆھپە : 32
توردا: 347
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 22:54:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ئەڭ ئالدى بىلەن  تىلدا مەلۇم مەدەنىيەت ئامىلىنىڭ ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى سەمىمىزگە سالىدىكەن. بۇ ئەلۋەتتە، مۇھىم مەسىلە.

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1897
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5605
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 10:38:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

     ماقالىدە كۆتۈرۈپ چىققان مەسىلىلەر ھەقىقەتەن دىققەت-ئېتىبارىمىزنى تارتىدۇ. ئەمما، تازا ۋايىغا يەتمىگەن. ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن بېرىپ قويدۇم... ھەممىڭلارغا رەھمەت!

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش