ximal
كۆرۈش: 108|ئىنكاس: 0

ياھيا سادىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 13:13:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ياھيا (شەمسىدىن ئوغلى) پامىلىسى سادىق 1932- يىلى تۇغۇلغان. 1947- يىلىدىن 1949- يىلىغىچە ئۈچ ۋىلايەت ‹‹ئىلى گېزىتى›› دە نابورچىك بولغان. 1949- يىلىدىن 1951- يىلى 2- ئايغىچە، ئىلى ‹‹ئوتتۇرا دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەرنى يېتىشتۈرۈش بىلىم يۇرتى›› نىڭ قانۇن سىنىپىدا ئوقۇغان، 1951- يىلىدىن 1953-يىلىغىچە شىنجاڭ مىللەتلەر دارىلپونىنىڭ قانۇن سىنىپىدا ئوقۇغان. (بۇ جەرياندا سىنىپ بويىچە ئىجارە كەمەيتىش، يەر ئىسلىھاتى قاتارلىق خىزمەتلەرگە قاتناشقان). 1953- يىلىدىن 1955- يىل ئۆكتەبىرگىچە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدا ئىشلىگەن. 1955- يىلى 7- ئايدىن 1957- يىلى 7- ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستوتىنىڭ تۇنجى قارارلىق تىل شۇناسلىق سىنىپىدا ئوقۇغان ھەم بۇ جەرياندا قۇمۇل-تۇرپان گۇرۇپپىسىدا تىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ تىل تەكشۈرۈشكە بارغان. 1957- يىلى 7- ئايدىن 1992- يىلى 10 -ئايدا پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر ‹‹شىنجاڭ گېزىتى›› ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدە تەھرىر ۋە مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىن تەھرىر بۆلۈمدە ئۇيغۇر مۇخبىرلار گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر مۇبىرلار بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، باش تەھرىر ئىشخانىسىنىڭ ماۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
     يەھيا سادىق 1950- يىللاردا شېئىر يېزىش بىلەن ئەدەبىيات سېپىە كىرگەن، كېيىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاشقا كىرىشكەن، ۋە قوشاق، چۆچەك، مەسەللەرنى رەتلەپ  گېزىت-ژۇرناللاردا ئېلان قىلدۇرغان. 1986-- يىلىدىن باشلاپ نەسىر  ۋە مەسەل ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. يەھيا سادىقنىڭ ھازىرغىچە 70 تىن ئارتۇق ھەرخىل ژانىردىكى ئەسەرلىېرى گېزىت-ژۇرناللاردائېلان قىلىنغان، جېلىل مۇھەممەت بىلەن بىرلىشىپ نەشر قىلدۇرغان ‹‹تۆگىنىڭ جەننەتنى چۈشىشى››دېگەن مەسەللەر توپلىمى نەشر قىلىنغان.

    يەھيا سادىق ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، ئۆزبەك مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ  ئىككى قارار ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزاسى بولغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش