ximal
كۆرۈش: 284|ئىنكاس: 2

ھازىرقى زامان بىرازىلىيە ئەدەبىياتىنىڭ پەخرى - پاۋلو كوئېلو [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1922
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 54
تۆھپە : 0
توردا: 6
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-15 13:54:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى زامان بىرازىلىيە ئەدەبىياتىنىڭ پەخرى - پاۋلو  كوئېلو
    پاۋلو  كوئېلو  بۈگۈنكى دەۋر جاھان ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرىدىن بىرى. ئۇ 1947 – يىلى 24 – ئاۋغۇست برازىلىيەنىڭ رىئودې ژانېرودا  تۇغۇلغان، پورتگال تىلىدا يېزىقچىلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ 1987 – يىلى نەشر قىلىنغان «تاۋاپ قىلىش» ناملىق رومانى بىرازىلىيەدە شىددەت بىلەن ئۇدا 117 قېتىم بېسىلغان. 1988 – يىلى نەشر قىلىنغان «ئۆسمۈر پادىچىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى» مۇ بىرازىلىيەدە 154 قېتىم بېسىلغان. ئۇ 1996 – يىلى فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئالاھىدە ئوردېنىغا، 1998 – يىلى  بىرازىلىيەنىڭ رىئو بىرانكو (Rio Branco) ئوردېنىغا، 1999 – يىلى فىرانسىيەنىڭ ئالىي شەرەپ ئوردېنىغا، 1999 – يىلى دۇنيا ئىقتىساد ئالىي مۇنبىرى مۇكاپاتىغا، 2004 – يىلى ئەنگلىيەنىڭ نېرسېن مۇكاپاتىغا، 2004 – يىلى ئۇكرائىنا شەرەپ مۇكاپاتىغا، 2005 – يىلى گېرمانىيە جۇخار مۇكاپاتىغا، 2006 – يىلى رۇسىيە بازارلىق كىتاب مۇكاپاتىغا، 2006 – يىلى ئاۋسترالىيە كىتابچىلىق ئاق ئالتۇن مۇكاپاتىغا، 2007 – يىلى خەلقئارا ئاندېرسون ئالىي  مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2008 – يىلى ئەسەرلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى تىراژى 300 مىليونلۇق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتكەن، 2009 – يىلى «ئۆسمۈر پادىچىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى»  نىڭ 68 خىل تىلدىكى نەشر نۇسخىسى «جىنس دۇنيا رېكورتى قامۇسى» دا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلغان. «ئۆسمۈر پادىچىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى» رومانى ئۈچۈن 2007 – يىلى 9 – ئاينىڭ 21 – كۈنى پاۋلو كوئېلوغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ئەلچىسى دېگەن نام بېرىلگەن.  ئۇنىڭ 20 - ئەسرنىڭ 90- يىللىرىدا يازغان  «ئۆسمۈر پادىچىنىڭ ئاجايىپ سەپىرى» رومانى قەھرىمانى سانتياگو ئۆز ئارزۇسى يولىدا ۋەتىنى ئىسپانىيەدىن مىسرغا قاراپ سەپەرگە چىقىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇ تۈرلۈك - تۈمەن سەرگۈزەشتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، خىلمۇ خىل ئادەملەرگە يولۇقىدۇ، ئۇلاردىن ئاجايىب پەند - نەسىھەتلەرنى، رىۋايەتلەرنى ئاڭلايدۇ...
   BRASIL-PauloCoelho1.jpg

سۈرەتتە: يازغۇچى ئوقۇرمەنلەرگە ئىمزا قويۇپ بەرمەكتە


(بەيدۇ تورىدىكى ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىپ (قىسقارتىپ) تەييارلاندى)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بوزتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 18:22  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  250
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 767
تۆھپە : 1
توردا: 106
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-16 11:41:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوزتېكىن ،
مۇنبەرنى يەنە بىر ئەدەبىيات نامايەندىسى بىلەن ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت !
بولسا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنى مۇنبەردە كۆرگىلى بولسا ، بەك ياخشى بولاتتىدە !

بةخصت سصنص جاپا- مذشةققةتتة كأپرةك سصنايدذ

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1868
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 60
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 18:45:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق يېڭى ئۇچۇرلاردىن تېخىمۇ كۆپرەك خەۋەردار  بولساق  دېگەن ئۇمۇدتە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش