كۆرۈش: 237|ئىنكاس: 0

تۇرسۇن غوجىئابدۇللا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 192
تۆھپە : 23
توردا: 33
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-13

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 11:50:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


115047izz767i1ee7ujzuu.jpg


       ياش يازغۇچى تۇرسۇن غوجىئابدۇللا 1971-يىلى  4- ئايدا خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەۋەككۇل يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.  1978-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە ئۆز يېزىسىدىكى باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ، 1986-يىلى 9-ئايدىن 1989-يىلى 7- ئايغىچە باغچى بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا  ئوقۇغان . 1989-يىلى 9-ئايدىن 1992-يىلى 6-ئايغىچە ئۆز يېزىسىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1992-يىلى 7- ئايدا دۆلەتنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىرتۇتاش ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، خوتەن  پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1995-يىلى 9-ئايدىن ئېتىبارەن تەۋەككۇل يېزىلىق  باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ .
       تۇرسۇن غوجىئابدۇللا « يېڭى قاشتېشى » ‍‍ ژۇرنىلىنىڭ 1994-يىللىق  1-سانىدا ئېلان قىلىنغان  «يېتىمنىڭ ئاھى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت قوشۇنىغا كىرگەن  بولۇپ،  ھازىرغىچە «تارىم »، « يېڭى قاشتېشى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى» ، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»، «خوتەن گېزىتى» قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا  «سائەت كۈنى» ، «ئەجداد ۋە ئەۋلاد»، « قاسىم قىزىل»، « پەزلاكام »،  « باقما قىزلار »، «ئالدامچىنىڭ تەقدىرى» ، « ئون سەككىز مىڭ ئالەم » ، «تىرىكتاپ» ، « تۇنجۇققان سەھرا» ، « يار ئۈچۈن» ، « يۆلەنچۈك» ، « سالام بىزدىن  يىراقلاشمىسۇن » ، « پۇل ۋە بىزدىكى مەنىۋى بوشلۇق »  قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ، نەسىرى ، ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى .   1999-يىلى « ئەجداد ۋە ئەۋلاد » ناملىق نەسىرى،  2003 -يىلى  «  ئۇنىڭ غېمى  ـــ ئەلنىڭ غېمى»  ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ تەقدىرلەندى .  2005-يىلى 3-ئايدا  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى « كەپسىز ئېقىن » ناملىق ھېكايىلار توپلىمىنى ، 2009-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى  « رەڭدار ھايات » ناملىق رومانىنى نەشىر  قىلدى .  يېقىندا  « قاۋانلار » ناملىق رومانىنى پۈتكۈزۈپ،  نەشرىياتقا تاپشۇردى.  
       تۇرسۇن غوجىئابدۇللا  ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ، خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش