ئەرچىن، رەشىدى، بەگيارلارنىڭ پىكىرىگە قارىتا پەرۇزان ئاكا خۇلاسىلىك يەكۈن چىقىرىپتۇ. ئەگەر ھەر كىم توپلىغان ماقال-تەمسىللەرنى ئۆز يۇرتىغا باغلايدىغان ئىش بولسا، مەنمۇ 10 يىل جەريانىدا توپلىغان مانا مۇنداق ماقال-تەمسىللەرنى <<ئۇچتۇرپان خەلق ماقال-تەمسىللىرى>> دەپ ئاتىغان بولاتتىم:
مەدىكارنىڭ پۇلى _ ئۇچاقنىڭ كۈلى.
ئۇچاقنىڭ چىشى يوق، ھۆل-قۇرۇق بىلەن ئىشى يوق.
ئاتىغى ھېلىمغا بولدى، چاتىغى سېلىمغا ( بولدى).
ئەلدىن ئەلگە نەپ، نەپ بەرمىگەننىڭ قوڭىغا تەپ.
تەن(تەنە) سۆزلىمەڭ تەن ئۆتەر، ئارقىڭىزدىن بىللە يېتەر.
ئوتتۇز كۈن روزا تۇتۇپ، پوقتا ئىپتار قىلىپتۇ.
ئالدىڭ پۈتتى، ساتتىڭ يۈتتى.
دورامچىغا «دو» كەتتى، ئەسكى چاپانغا ئوت كەتتى.
شاكىچىك تىككەن توقۇمنىڭ ئالدى-كەينىنىڭ پەرقى يوق.
مەسنىڭ ۋەدىسى ۋەدە، ئەتىسى قوپسا نەدە.
ئاسماندىكى ئاينى كۆرۈڭ، ئىشلەپ تاپقان باينى (كۆرۈڭ).
مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام.
تاي تاراقشىيدۇ، ئايغىر ئاشىدۇ.
قىياندىن تامچە يامان، تاياقتىن قامچا (يامان).
قۇم يىغىلىپ تاش بولماس، بىلىمسىز كىشى باش (بولماس).
تۆگە يۈكى بىلەن ئۆتسە ھىچگەپ يوق، پاشىدىن پاتاڭ ئىزلەپتۇ....
......................................................
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مۆلجەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-5 19:16