كۆرۈش: 344|ئىنكاس: 7

«قەدىر كوچىسى» رومانى توغرىسىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1903
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5634
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 14:12:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                        «قەدىر كوچىسى» رومانى توغرىسىدا

                                               ئەركىن داۋۇت ئوغۇز  

                              (مەكتىپىمىز تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى پىروفېىسسورى)

       قىسقىچە مەزمۇنى: «قەدىر كوچىسى» يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ تۇنجى رومانى بولۇپ، مەزمۇنىنىڭ بىر قەدەر ئۆزگىچىلىكى، تېمىسىنىڭ ئاكتۇئاللىقى، پېرسوناژلىرىنىڭ ئىزگۈلۈككە يېقىنلىقى، تىلىنىڭ يېقىشلىقلىقى بىلەن نەزىرىمىزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. بۇ ماقالىدە، تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرى ئارقىلىق ۋەقەلەر تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرىگەنلىكى، پىسخىك تەسۋىرىنىڭ ئەسەردە ئوينىغان رولى، تەپسىلىي يېزىش بىلەن ئىخچام يېزىشنىڭ مۇناسىۋىتى، غۇبارسىز مۇھەببەتنىڭ چېچەكلەپ مېۋە بېرىدىغانلىقى، پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەر بىلەن پەردەزلەنگەن مۇھەببەتنىڭ كىشىنى ھالاك قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر قاتار مەسىلىلەر ئىنچىكە ھەم چوڭقۇر تەتقىق قىلىنىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: «قەدىر كوچىسى»؛ كۈچلۈك سېلشتۇرما؛ مۇھىت


   رومان ـ مەلۇم بىر تارىخىي دەۋرنىڭ ئەينىكى، كىشىلەر ھاياتى پائالىيىتىنىڭ ئوبرازلاشتۇرۇلغان كارتىنىسى. شۇڭىمۇ ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەقەلىكىنىڭ كەڭ دائىرىلىكلىكى ھەم مۇرەككەپلىكلىكى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېستېتىك زوق ئېلىشىغا شارائىت يارىتىپ، شۇ دەۋر رېئاللىقىنى بەدىئىي يوسۇندا چۈشىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىنى تۇغدۇرۇپ بېرىدۇ. يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ «قەدىر كوچىسى»① ناملىق رومانى شۇ جۈملىدىن بولۇپ، ئۇ بىر قاتار ئۆزگىچىلىكلىرى بىلەن مەندە ياخشى تەسىرلەرنى قالدۇردى. تۆۋەندە بۇ رومان ھەققىدىكى ھاسىلاتلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن:
1. «قەدىر كوچىسى» رومانىدا تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرى ئارقىلىق ۋەقەلىك تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ھەر قانداق ئېپىك ئەسەردە تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرى بولىدۇ. چۈنكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە سۈرەتلەنگەن پېرسوناژلار مەلۇم بىر تەبىئىي، ئىجتىمائىي مۇھىتتا ياشاپ ئۆز تەقدىرىنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ جەرياندا تەبىئىي مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ نىسپىي مۇستەقىللىققا ئىگە بولغان خاراكتېرنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا، يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇر ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرى ئارقىلىق ۋەقەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە بەدىئىي پىكىر يۈرگۈزۈپ، پېرسوناژلار ئۈچۈن كەڭرى پائالىيەت سورۇنى راسلاپ بەرگەن. مەسىلەن:
«قۇياش كەنتنىڭ غەرب تەرىپىدە كونا سېپىلدەك قارىيىپ، كۆرۈنىدىغان پاكار تېرەكلەر باغرىغا سىڭىپ كەتتى. ھاۋا يەنىلا دېمىق، ئادەمنىڭ نەپىسىنى سىقاتتى. ئەتىيازدىن بېرى يامغۇر دىدارى كۆرمىگەن دەرەخلەر قېرىغاندا ئىگىسىز قالغان بىچارە چالدەك چوڭقۇر مۇڭغا ياتقانىدى. ئوق يولنىڭ ئىككى قاسنىقىغا ئارىلىق تاشلاپ سېلىنغان ۋەدىكلىك ئۆيلەرنىڭ يازلىق ئاشخانىلىرىدىن كۆكۈچ ئىس كۆتۈرۈلەتتى...» (1-بەت، روماندىن)
    بۇ تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرىدىن كېيىنلا روماننىڭ ۋەقەلىكى رەسمىي باشلىنىدۇ، ئوقۇرمەنلەر رومان ۋەقەلىكىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئاساسىي پېرسوناژ مەتتۇرسۇن بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. شۇنداقلا ۋەقەلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھېسسىيات جەھەتتىن ھەر قايسى پېرسوناژلار بىلەن سىڭىشىپ كېتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلايدۇ.
    تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرى روماندا بېرىلسىمۇ، بېرىلمىسىمۇ بولىدىغان نەرسە ئەمەس، يازغۇچى مەلۇم مۇددىئانىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇنى بېرىش زۆرۈر دەپ قارىغاندا، چوقۇم بېرىشى كېرەك. يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇر «قەدىر كېچىسى»دا تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرىنى ۋاسىتە قىلىپ تۇرۇپ، ئاندىن ۋەقەلىكنى بايان قىلىشقا ئۆتۈشنى مەقسەت قىلغان بولغاچقا، ئۇ كىشىگە بىر خىل تەبىئىيلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ، تاساددىپىيلىق ھېس قىلدۇرمايدۇ. روماننى بۇنداق باشلاش ئەمەلىيەتتە ماھارەت مەسىلىسى بولۇپ، يازغۇچى قەلىمىنىڭ بىر قەدەر پىشقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
    روماندا تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك بېرىش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. ئۇ يازغۇچىدىن كۆپ تەرەپلىمە پىكىر يۈرگۈزۈپ ئويلىنىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ. چەت ئەل يازغۇچىلىرى ئۆز ئەسەرلىرىدە تەبىئىي مۇھىتنى سۈرەتلىمەكچى بولغىنىدا، ئۇنىڭ ئالدى-كەينىنى باش قاتۇرۇپ ئويلاشقان، ئۇنىڭ زۆرۈر ياكى زۆرۈر ئەمەسكى ھەققىدە قايتا-قايتا تەپەككۇر قىلغان، ئۇنىڭغا مەلۇم دەرىجىدە سىمۋوللۇق ھەم ئىجتىمائىي مەنىلەرنى سىڭدۈرۈپ، مۇكەممەل بەدىئىي سەۋىيە يارىتىشقا كۈچ چىقارغان. يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇرمۇ چەت ئەل، جۇڭگو يازغۇچىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرىنى ئوبرازلاشتۇرۇش، مەنىلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋەقەلىك جەريانىنى بىر قەدەر ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە قىلىپ، «قەدىر كوچىسى»نىڭ ئوقۇشچانلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشقان.
     بىزدە: «خېرىدارىڭ بولمىسا زىبالىقىڭ نە كېرەك» دەيدىغان گەپ بار. رومان يېزىلىپ نەشر قىلىنغان بىلەن ئۇنى ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەن بولمىسا بولمايدۇ. بەزى رومانلار تەھرىرنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولغىنى بىلەن بەزىدە ئوقۇرمەننىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا نائىل بولالمايدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. بۇ ھەممىدىن ئېچىنىشلىق ئەھۋال بولۇپ، يازغۇچىنىڭ شان-شۆھرىتىگە نۇقسان يەتكۈزىدۇ. يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇر مۇشۇ مۇھىم مەسىلىنى نەزەرگە ئېلىپ قەلەم تەۋرىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرى بىلەن ۋەقەلىكنىڭ باغلىنىپ بىر گەۋدىگە ئەيلىنىشىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان بولغاچقا، «قەدىر كوچىسى» بارلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ، بولۇپمۇ ئىستۇدېنت ئوقۇرمەنلەرنىڭ چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشتى.
خەنزۇ ئەدىب يەن گاڭ: «بىر ياخشى روماننى ئوقۇش خۇددى بىر يېڭى دۇنيا، يېڭى زېمىندا ساياھەت قىلغانغا ئوخشايدۇ، ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ دۇنيادىن خەۋەر تاپقىلى بولىدۇ، ۋاقىت بىكار ئۆتمەيدۇ. بۇ يەردە رومان ئاپتورى تۇرمۇشنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ماختىشىغا ئىگە بولىدۇ» دېگەنىدى. («مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئىجادىيەت تەجرىبىلىرى»دىن 66-بەت) بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ياخشى رومان يېتىمسىرەپ قالمايدۇ، توزاڭلارغا كۆمۈلۈپ، يازغۇچىنىڭ ئىچىنى سىرىمايدۇ. روماننىڭ سۆيۈلۈپ ئوقۇلغانلىقى رومان ئاپتورىنىڭ بەختى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، «قەدىر كوچىسى» ئومۇمەن سۆيۈپ ئوقۇلۇپ، يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلدى.
     2. «قەدىر كوچىسى» رومانىدا ئاساسلىق پېرسوناژلارنىڭ پىسخىكىسىنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىزگۈلۈك گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
رومان ھەجىمىنىڭ چوڭلۇقىدىن ئىبارەت ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، نۇرغۇن پېرسوناژلارنى ئۆز قوينىغا ئالالايدۇ. ئوقۇرمەنلەرنى نۇرغۇن ۋەقە-ھادىسىلەر بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ كۆزىنى ئاچىدۇ. ياخشىلىق ۋە يامانلىقىنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، ئۆزى ھەققىدىمۇ، جەمئىيەت ھەققىدىمۇ ئويلىنىشقا ئۈندەيدۇ. «قەدىر كوچىسى»دا ئوقۇرمەنلەرنى ياخشىلىققا يېتەكلەش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، خېلى كۆپ پېرسوناژلارنى، بولۇپمۇ مەتتۇرسۇن، مەريەمگۈل، ئاينۇر، باۋۇدۇن ھاجىم قاتارلىق پېرسوناژلارنى باشتىن-ئاخىر ياخشىلىق ئىزدەيدىغان، ياخشىلىقنى سېغىنىدىغان، ۋاپادارلىقنى ئۆزلىرىنىڭ قىبلىگاھى ئورنىدا كۆرىدىغان قىلىپ ئىپادىلىگەن. ئالايلۇق مەتتۇرسۇن سايىماخۇن قاسساپنىڭ سودىغا دەسمىي سېلىپ بېرىشى بىلەن تېرىچىلىك سودىسىنى يېزىدىن شەھەرگە كېڭەيتىپ ئوبدانلا يول تېپىۋالىدۇ، ئۇ بۇ ئارقىلىق سايىماخۇن قاسساپنى يامان ئەمەس پايدىغا ئېرىشتۈرىدۇ، سايىماخۇن قاسساپقا بىرەر قېتىممۇ زىيان يەتكۈزمەيدۇ، ئامالنىڭ بارىچە دەسمىينى ئايلاندۇرۇپ ئوبوروتنى تېزلىتىپ، كۆپرەك پايدا ئېلىپ، سودىسىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگىچە كېڭەيتىشنى ئويلايدۇ. ئەپسۇس، يالغان-ياۋىداق گەپلەر سايىماخۇن قاسساپنىڭ مەتتۇرسۇنغا بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئەمەلىيەتتە مەتتۇرسۇن سايىىماخۇن قاسساپنى بىر تىيىنمۇ زىيان تارتقۇزمىغانىدى. شۇنداق بولسىمۇ، سايىماخۇن قاسساپ مەتتۇرسۇنغا سېلىپ بەرگەن دەسمىسىنى قايتۇرۇۋالىدۇ، بۇ ھال دەسلەپ مەتتۇرسۇننىڭ كۆڭلىدە بىر ئاز دىلىغۇلىلىق، غەشلىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ، كېيىن، ئۇ ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي شەھەرگە كېلىپ يېقىن-يورۇقلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن تېزلا سودىسىنى ئىزىغا چۈشۈرۈۋالىدۇ. سايىماخۇن قاسساپنىڭ يۈزسىزلىكىدىن ئانچە بەك رەنجىپ كەتمەيدۇ.
      «ـ ئەي قۇدرەتلىك ئاللاھ، ـ دېدى ئۇ نامىزىدىدىن كېيىن دۇئاغا قول كۆتۈرۈپ،ـ مۇشۇنچىلىك كۈن بەرگىنىڭگە، ئەزىز قىلغىنىڭغا، قەدىر-قىممەتلىك تۇرمۇش ئاتا قىلغىنىڭغا مىڭ مەرتىۋە رەھمەت. سېنىڭ قۇدرىتىڭ چەكسىز، ھەممە ئىش سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولىدۇ. مەن ئەسلىدە ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدىغان ئاددىي بىر دېھقان بالىسى ئىدىم. كۈنلىرىم توپا-تۇمان بىلەن جەڭلىشىپلا ئۆتەتتى. «ئورۇق ئۇيغا يوغان مۈڭگۈز» دېگەندەك بىر ئۆينىڭ ھەلەكچىلىكىدە بۇرنۇم كېپىش بولۇۋاتقاندا، ئويلىمىغان يەردىن مەريەمگۈلنىڭ ئىشقىنى دىلىمغا سالدىڭ، ئۇ سېنىڭ ماڭا قىلغان مەرھەممىتىڭ ئىدى. لېكىن سېنىڭ مەرھەممىتىڭنى قوبۇل قىلىشقا قۇربىتىم يەتمەيتتى. تەكلىماكاننىڭ بىر بۇرجىكىدە قورساق غېمىدە جان ئۇپرىتىۋاتقان مەندەك بىر ئاجىز بەندەڭ ئۈچۈن چوڭ شەھەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بىر قىزنىڭ ۋەسل تەمەسىدە بولۇش ھېچكىم قوبۇل قىلالمايدىغان ئاچچىق رېئاللىق ئىدى. مەن بەك ئازابلاندىم. تالاي كېچىلەرنى تېگى يوق خىياللار، ھەسرەتلىك خۇرسىنىشلار، چەكسىز ئازابلار ئىچىدە ئۆتكۈزگىنىم ساڭا سىر ئەمەس، لېكىن مەرھەممىتىڭ چەكسىز ئىكەن، بەندىلىرىڭنى ھەرگىز تار يولدا قىستىمايدىكەنسەن. شۇنداق ئازابلىق كۈنلەردە سەن ماڭا يەنە يول بەردىڭ. مېنى ئاۋۋال سايىماخۇن قاسساپ بىلەن، شۇنىڭ باھانىسىدە بەرىكەتلىك بازار بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ، ماڭا رىزىق ئاتا قىلدىڭ. بۇ بازاردا قولۇم تۇنجى قېتىم پۇل كۆردى. پۇل ئادەمنىڭ قەدىرنىلا ئەمەس، غورۇرىنىمۇ ئۆستۈرىدىكەن. سەن مېنى مۇشۇ يولغا باشلاپ كىرگەن، ئەزىز قىلغان سايىماخۇنكام قاسساپ ۋە ياسىنجانلارنىڭ ھىممىتىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلىدىم. ئىسسىقنى ئىسسىق، سوغۇقنى سوغۇق دېمىدىم. بىر موچەن پولغا قارا سانىمىدىم، لېكىن ئەقىدەمگە لايىق جاۋابقا ئېرىشەلمىدىم. ھېچنېمىدىن ھېچنېمە يوق قۇرۇق تۆھمەتكە قالدىم، ئەل-يۇرت ئالدىدا ئىناۋىتىم يەر بىلەن يەكسان بولدى.» مانا بۇ پىسخىك تەسۋىر ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بېرىلگەن بولۇپ، مەتتۇرسۇننىڭ ئاق كۆڭۈل، ئەپۇچان، خۇدانىڭ بەرگىنىگە شۈكۈر قىلىدىغان، ناھەقچىلىككە ئېچىنىدىغان، مەلۇم دەرىجىدە قىممەت قارىشىغا ئىگە خاراكتېرىنى ئېچىپ بېرىشتە ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.
     دېمىسىمۇ مەتتۇرسۇن جاپادىن قورقمايدىغان، جاپا تارتىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىشىلەر ئالدىدىكى قەدىر-قىممىتىنى تىكلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان، قارا ساناشنىڭ ئورنىغا سەمىمىيلىكنى سېغىنىدىغان، ئۆز ئەقىدىسىگە باشتىن-ئاخىر سادىق، پاك مۇھەببەتنى ھۆرمەتلەيدىغان ئوبراز. ئۇ روماندا ھاياتنى، پۇرسەتنى قەدىرلەيدىغان، دوستلۇقنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان، بىرەرسىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويۇشتىن ئىمكان قەدەر ساقلىنىشقا تىرىشىدىغان قىلىپ سۈرەتلەنگەن. رېئاللىققا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، مەتتۇرسۇنغا ئوخشايدىغان ئادەملەردىن نۇرغۇنى بار، روماندىكى مەتتۇرسۇن ئاشۇلارنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدىن ئىجادىي ھاسىل بولغان پېرسوناژ بولۇپ، جاپادىن قورقماسلىقتەك شىجائىتى، ياخشىلىق قىلىشنى بۇرچۇم دەپ بىلىشتەك روھى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۈرمەي قويمايدۇ. بۇنىڭدىكى سەۋەب، يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ تۇرمۇش چىنلىقىنى ماھىرلىق بىلەن بەدىئىي چىنلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ئىپادىلىيەلىگەنلىكىدە. ئادەتتە، تۇرمۇش چىنلىقى بىلەن بەدىئىي چىنلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلالايغان يازغۇچىلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆز ئەسىرىگە بولغان ھۇزۇرلىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىتالايدۇ. ئەگەر يازغۇچى تۇرمۇش چىنلىقىنى بەدىئىي چىنلىققا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئايلاندۇرالمىسا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققەت-نەزىرىدىكى يازغۇچىغا ئايلىنالمايدۇ. شۇڭا، يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇر، ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ ئىلھامى بىلەن ئىگىلىك تىكلەشكە كىرىشكەن يېزا ياشلىرىنىڭ روھى ھالىتى، جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە سەرگۈزەشتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، بازار ئىگىلىكى كۆز قارىشى، ئەخلاق، مۇھەببەت توغرىسىدىكى چۈشەنچىلىرى، ئائىلىۋى مۇھىتى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى... قاتارلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە كۆزىتىپ، ئۇنىڭغا قارىتا بەلگىلىك تونۇشلارنى ھاسىل قىلىپ، خام ماتېرىيال جۇغلانمىسىنى بېيىتىپ، باش تېما ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئوبراز ئۈندۈرمىلىرىنى ئېڭىدا شەكىللەندۈرۈپ، بەدىئىي پىكىر يۈرگۈزۈشكە ئەھمىيەت بىلەن قارىغان.
     3. «قەدىر كوچىسى» رومانىدا كۈچلۈك سېلىشتۇرما ئارقىلىق غۇبارسىز مۇھەببەتنىڭ چېچەكلەپ مېۋە بېرىدىغانلىقى، پەس ئارزۇ-ھەۋەسلەر بىلەن پەردەزلەنگەن مۇھەببەتنىڭ كىشىنى ھالاك قىلىدىغانلىقىدىن ئىبارەت تۇرمۇش پەلسەپىسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان.
    «قەدىر كوچىسى» رومانىدا يېزا بىلەن شەھەر، شەھەر بىلەن يېزا ھەم ئالىي مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ مەركەز قىلىنغان ئاساستا سەكرەتمىلىك ئۇسۇلدىن پايدىلىنىلىپ، بايان قىلىش ئاساس قىلىنغان. كىم بولسۇن روماننى ئوقۇۋېتىپ بىردە مەتتۇرسۇنغا ئەگىشىپ چەكسىز كەتكەن سەھرا يېرىگە بېرىپ قالغاندەك، يەنە بىردە مەتتۇرسۇن بىلەن مەلۇم بىر شەھەردىكى قايناق تېرە بازىرىغا بېرىپ قالغاندەك، بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالماي، رىقابەت قاينىمىغا تولغان، ھەممە ئادەمنى ئىنتىلدۈرۈپ تۇرىدىغان ئالىي بىلىم يۇرتىغا قەدەم تەشرىپ قىلغاندەك تۇيغۇلارنى قوزغايدۇ. بۇ رومان مۇئەللىپىنىڭ قۇرۇلما، بەدىئىي ئىپادىلەش تەرەپلەردىكى ئىزدىنىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، بۇ ھال روماننىڭ بەدىئىي سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ھالقىلىق تەرەپ بولۇپ قالغان.
     روماندا مەتتۇرسۇندىن باشقا، ئالاھىدە كۈچەپ تەسۋىرلەنگەن يەنە بىر پېرسوناژ بار، ئۇ بولسىمۇ، مەريەمگۈل بولۇپ، مەتتۇرسۇننىڭ ئۆز مۇھەببىتىگە سادىق بولۇشتەك تەۋرەنمەس ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىدە، رومان ۋەقەلىكىنىڭ ئۈزۈكسىز تەرەققىي قىلىشىدا ئالاھىدە رول ئوينىغان. مەتتۇرسۇن بىلەن مەريەمگۈلنىڭ مۇھەببىتى بىر يىپقا باغلانغان يىڭناغۇچتەك قىلىپ سۈرەتلەنمىگەن بولسا، ھەر ئىككىلى پېرسوناژنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك دەرىجىدە بەدىئىي كارتىنا ھاسىل قىلالمىغان بولاتتى. مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاپتور دىققىتىنى مەركىزىنى مەريەمگۈل بىلەن مەتتۇرسۇنغا مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسىلا، زۇليارنى تەسۋىرلەشكىمۇ سەل قارىمايدۇ. زۇليار خاراكتېر جەھەتتە مەريەمگە ئوخشىمايدۇ، ئۇ چوڭ شەھەردە ئۆسۈپ چوڭ بولغاچقا، خەنزۇچىنى ياخشى بىلىدۇ، مەريەمگۈل چەت يېزىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغاچقا، خەنزۇچە ئاساسى ئاجىز. شۇڭىمۇ ئۇ ھەر دائىم زۇليار تەرىپىدىن سوغۇق مۇئامىلىگە، كەمسىتىشكە ئۇچراپ تۇرىدۇ، زۇليار مەريەمگۈلنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدۇ، ئۇنى ئارامىدا قويمايدۇ. زۇليار بارلىكى يەر مەريەم ئۈچۈن خۇشاللىق ماكانى بولماستىن، بەلكى غەم-قايغۇ ماكانى بولۇپ قالىدۇ. مەريەمگۈل قانچە خورلۇق تارتسىمۇ، چىشىنى چىشىغا چىشلەپ تۇرۇپ جاپاغا چىداپ ئۆگىنىشنى بىر مىنۇتمۇ توختاتمايدۇ، ھەتتا تەتىلدە ئائىلىسىگە قايتماي تىل ئۆگىنىپ، ئاخىرى قىيىن ئۆتكەلدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتۈپ كېتىدۇ، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق يۈزىنى يورۇق قىلىدۇ. ئۇ تولىمۇ قەيسەر، سۆيۈملۈك قىز:
«ــ سىز بىلەن تونۇشقاندىن بېرى، بولۇپمۇ بىر ياتاقتا ياتقان نەچچە كۈندىن بۇيان سىزنىڭ ئۆگىنىش روھىڭىز مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. مىللىتىڭلارنىڭ كەلگۈسىگە بولغان قارىشىمدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. بىر سىنىپتا سىزدەك بالىدىن بەشى بولسا، كەلگۈسى سىلەرنىڭ تەرەققىياتىڭلاردىن غەم يېيىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. سىز بۇ ئادىتىڭىزنى ھەرگىز تاشلىماڭ. مۇشۇنداقلا ماڭالىسىڭىز دوكتور بولالىشىڭىزدا گەپ يوق. مېنىڭ نەزىرىمدە سىلەرگىمۇ، دۆلىتىمىزگىمۇ ئەڭ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقىنى يۇقىرى مەلۇماتلىق ئىختىساس ئىگىلىرى» (131-بەت، روماندىن)
     «ـ يەتتىنچى دەرىجىنىمۇ ئالدىڭ، ئارمانىڭغىمۇ يەتتىڭ،ـ دېدى ئاينۇر دوستىنىڭ غەلبىسىنى تەبرىكلەپ،ـ مەن خوتەنلىكنى جاھىل خەق، دەپ ئاڭلىغان، راست جاھىلكەنسەن. جېنىڭ تۆمۈركەن سېنىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭنى مەريەمگۈل ئەمەس، تۆمۈرخان دەپ ئاتىساق بولغۇدەك.
مەريەمگۈل ھوزۇرلۇنۇپ كۈلدى.
    ـ سېنىڭ ئۈرۈمچىگە كەلگىنىڭگە ئون ئايدىن ئاشتى، لېكىن ھازىرغىچە قىزىلتاغنىمۇ كۆرۈپ باقمىدىڭ. تەتىلدە بارغاندا يۇرتلۇقلىرىڭ ئۈرۈمچى قانداقراق شەھەركەن، دەپ سوراپ قالسا، «تاڭ» دەپ كۆزۈڭنى پارقىرىتىپ تۇرساڭمۇ بولماس. شۇڭا، ئەتىگە تەييار بول، مەن ساڭا ئۈرۈمچىنىڭ ئەڭ ئاۋات جايلىرىنى بىر كۆرسىتىپ، كۆزۈڭنى ئېچىپ قوياي.
مەريەمگۈل رازىمەنلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى.» (115-بەت، روماندىن)
    مانا بۇ يەردە ئاپتور مەريەمگۈلنىڭ ھاۋايى ھەۋەسكە بېرىلمەي، ۋاقىتنى قەدىرلەپ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ئۆزىگە، خەنزۇچە سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشىگە يېقىندىن ياردەم بېرىۋاتقان چۈي خۇڭدا ئاجايىپ تەسىرلەرنى قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كەلگۈسىگە بولغان قارىشىدا ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلىقىنى ھەم ئىخچام، ھەم مەزمۇنلۇق قىلىپ سىزىپ بەرگەن بولسا، ئاينۇرنىڭ تىلى ئارقىلىق مەريەمنىڭ رىقابەت بەيگىسىدە ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ كېتىۋاتقان تۇلپاردەك چىكىنمەي يۇقىرى تەلەپنىڭ ئەھدىدىن چىقىش ئۈچۈن، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۆگەنگەنلىكىدەك ئالىيجاناب خىسلىتىنى ماھىرلىق بىلەن گەۋدىلەندۈرگەن. شۇڭىمۇ ئاينۇر ئۈرۈمچىنىڭ گۈزەل جايلىرىنى مەريەمگۈلگە كۆرسىتىپ، ئۇنى تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ گۈزەل مەنزىرلىرىدىن لەززەتلەندۈرمەكچى بولىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاپتور قۇرۇق ۋەز ئېيتىشتىن ئىلاجىنىڭ بارىچە ساقلىنىپ، چۇي خۇڭ بىلەن ئاينۇرنىڭ ئېغىزى بىلەن مەريەمگۈلنىڭ ئۆگىنىشكە تۇتقان پوزىتىسىيەسى ۋە جاپاغا بەرداشلىق بېرىش روھىنى ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بەرگەن.
     ئەمدى زۇلپىيەگە كەلسەك، ئۇ زۇليار تەرىپىدىن ئازدۇرۇلۇپ، بىلىپ-بىلمەي پاتقاققا پېتىپ قالىدۇ، ھەتتا تاپتىن چىقىپ خېروئىن چېكىدۇ، جەمئىيەت داشقىلى خېلىل تەرىپىدىن جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن زىيانكەشلىك قىلىنىشقا ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ روھىمۇ، بەدىنىمۇ قاتتىق زەئىپلىشىدۇ، «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك» دېگەندەك بىر نەچچە خوتۇن چۇقان-سۈرەن سېلىپ زۇلپىيەنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت ئەيلەپ مەكتەپنى بېشىغا كىيىدۇ. بۇنىڭ بىلەن زۇلپىيە مەكتەپنى تاشلاپ يىراقلارغا كېتىپ قالىدۇ. ئۇ ئەسلىي ئاق كۆڭۈل، چىرايلىق يېزا قىزى بولسىمۇ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىپ، قانۇن تورىغا چۈشۈپ قالغان زۇليارنىڭ سەۋەبى تۈپەيلى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. روماندىن زۇلپىيەنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش جەريانى ھەققىدىكى بايانلارنى ئوقۇغىنىمىزدا، يۈرىكىمىز ئېچىشىدۇ، كۆزلىرىمىز نەملىشىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئونىۋېرسىتېتقا بېرىپ، ئېرىشكىنى شان-شەرەپ، دىپلوم بولماستىن، بەلكى پاجىئە بولدى، بۇ مۇكاپات ئەسلىدە ئۇنىڭغا لايىقمىدى؟ تېگى-تەكتىدىن لايىق ئەمەس ئىدى، ئەپسۇس ئويلىمىغان مۇكاپات ئۇنىڭغا نېسىپ بولۇپ قالدى.
مەريەمگۈلچۇ؟ ئۇ زۇلىيارنىڭ كەمسىتىشلىرى ئالدىدا كۆڭلى قاتتىق يېرىم بولغان بولسىمۇ، ۋىجدان، غۇرۇرىنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىگە تەلەپنى چىڭ قويۇپ، ئىلگىرىلەشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى، قىيىنچىلىققا باش ئېگىپ يېرىم يولدا توختاپ قالمىدى، ئۇستازلارنىڭ كۆيۈنىشى بىلەن قەدەممۇ قەدەم ئالغا باستى، ئۇ زۇليار تەرىپىدىن دۈشمەن دەپ قارالسىمۇ، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماي ئۆگىنىشنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. نەتىجىدە، ئۇ دۆلەت دەرىجىلىك ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىپ، ھەممىنىڭ دىققەت-نەزىرىدىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچىغا ئايلاندى. دېمەك زۇليار، زۇلپىيە قاتارلىقلارنىڭ ئالغان مۇكاپاتىغا ئۇنىڭ ئالغان مۇكاپاتى ئوخشىمايتتى. بۇ مۇكاپاتنى ئاللاكىملەر ئۇلارغا بەخشەندە قىلغان ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى ئوخشىمىغان ئىككى يولدىن ئىزلەپ تاپقان.
     4. «قەدىر كوچىسى» رومانىدا يەرلىك تىل بىلەن ئەدەبىي تىلنى بىرىكتۈرۈپ قوللىنىش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېستېتىك زوق ئېلىشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلگەن.
     قەدىمدىن بۇيان ئەدەبىيات ـ تىل سەنئىتى، دەپ قارىلىپ كېلىنىۋاتىدۇ. بۇنىسى ھەممىگە ئايان. روماندا ئوخشىمىغان قاتلامدىكى پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازى يارىتىلىپ، مەلۇم بىر دەۋر رېئاللىقى ئەكس ئەتتۈرۈلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدا پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىگە ماس ھالدا تىلنى تاللاپ ۋە تاۋلاپ جايىدا قوللىنىش ئاسان ئىش ئەمەس. بۇ ئاپتوردىن ئەدەبىياتنىڭ قانۇنىيىتى نۇقتىسىدىن تۇرۇپ تىلنى ماھىرلىق بىلەن ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، روماندا يەرلىك تىلنى ئادەتتىن تاشقىرى ئاساس قىلىۋېلىپ، ئۇنى شېۋىلەر بىلەن توشقۇزۇۋەتسەك تازا ياخشى بولمايدۇ ھەم يەنە ئورتاق ئەدەبىي تىلنى قوللىنىمەن، دەپ يەرلىك تىلنى چەتكە قېقىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. مۇشۇ مەسىلىدە يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇر ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلىنىپ، ئەدەبىي تىل بىلەن يەرلىك تىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغان. مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ھەر قانداق بىر رومان شۇ مىللەتنى تەشكىل قىلغۇچى مەلۇم بىر رايوندىكى خەلق ئۈچۈن يېزىلمايدۇ. ئۇ بارلىق مىللەت ئاۋاملىرىنىڭ ئوقۇپ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن، ئېستېتىك زوققا چۆمۈلۈپ مەنىۋىيىتىدىكى ئاجىزلىق ۋە كەمچىللىكلەرنى بايقىۋېلىشىغا، ئۆزىنى ئۆزى تونۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن يېزىلىدۇ. يازغۇچى مۇشۇ مەقسەتنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، «قەدىر كوچىسى» رومانىدا ئەدەبىي تىلنى ئاساس، يەرلىك تىلنى قوشۇمچە قىلىپ، ئۇنىڭ ئېستېتىك ھەم ئوقۇشچانلىق قىممىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزدەنگەن.
    دۇنيادا ئەڭ مەشھۇر ئەسەر دەپ قارالغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئاساسەن تىلىنىڭ پىششىق، تارتىملىقلىقى بىلەن شۆھرەت قازانغان. گەرچە «قەدىر كېچىسى» يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ تۇنجى رومانى بولسىمۇ، ئەدەبىي تىل بىلەن يەرلىك تىلنى ئەپچىللىك بىلەن يۇغۇرۇپ قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىلگەنلىكتىن ياش ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا نائىل بولۇپ، بەلگىلىك ئىجتىمائىي ئۈنۈم يارىتالىدى دېيىشكە ھەقلىقمىز. چۈنكى بىرىنچىدىن، روماننىڭ بازىرى يامان ئەمەس بولدى؛ ئىككىنچىدىن، رومان ھەققىدە خىلمۇ خىل ئىنكاسلار ئوتتۇرىغا چىقتى؛ ئۈچىنچىدىن، ياش ئىستۇدېنتلارنىڭ روھى ھالىتىنى تەڭشىۋېلىشىغا بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى.
     5. «قەدىر كوچىسى» رومانىدا تەپسىلىي يېزىش بىلەن ئىخچام يېزىشنىڭ مۇناسىۋىتى توغرا بىر تەرەپ قىلىنغان.
روماندا ۋەقەلىكنى بايان قىلىش، پېرسوناژلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى تەسۋىرلەش، ھادىسىلەرنى ھەر تەرەپلىمە شاخلىتىش مەقسىتىگە تولۇق يەتكىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق، بۇ جەھەتتە يازغۇچى توسالغۇ، چەكلىمىلىكلەرگە ئانچە ئۇچراپ كەتمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ روماندىن ئىبارەت بۇ ئەدەبىي تۈرنى ئەنە شۇنداق ئەۋزەللىككە ئىگە دەپ قاراپ خالىغانچە ئاسمان-زېمىن ھەققىدە گەپ سېتىشقا، خىيالىمىزغا كەلگەننىڭ ھەممىسىنى چالا قويماي بىلجىرلاشقا بولمايدۇ. باش تېمىغا، خاراكتېر يارىتىشقا مۇناسىۋەتسىز تۇرمۇش ماتېرىياللىرىنى قەستەن سىغداپ كىرگۈزۈشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىدىكەن، رومان چۇۋالچاق تۇرمۇش ماتېرىياللىرى دۆۋىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ئۇنداق رومان ئوقۇرمەننىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىپ، يازغۇچىغا بولغان ھۆرمىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويىدۇ. مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇر تەپسىلىي يازىدىغان تەرەپ بىلەن ئىخچام يازىدىغان تەرەپلەرنى ئالدىن بەدىئىي مۇددىئانىڭ يېتەكچىلىكىدە بەلگىلىۋېلىپ قەلەم تەۋرەتكەن بولغاچقا، ئارتۇقچە بايان، تەسۋىر، مۇھاكىمىلەر كۆزىمىزگە ئاساسەن چېلىقمايدۇ. بەزى رومانلارغا قارايدىغان بولساق، ئارتۇق بايان، پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېرىگە، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىغا، باش تېما ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى خېلى ئۇچرىتىمىز، ئۇچرىتىپلا قالماي ئۇنىڭ ئارتۇقچە بولۇپ قالغانلىقىدىن قاقشايمىز. شۇڭا، يازغۇچى رومان ئىجادىيىتىدە دورامچىلىق، قېلىپبازلىقىدىن قۇتۇلۇپ، تەپسىلىي يېزىش بىلەن ئىخچام يېزىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «قەدىر كوچىسى» رومانىدا ئاشۇنداق سەۋەنلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئىمكان قەدەر ساقلانغان. نەتىجىدە، رومان قۇرۇلما، بەدىئىي ئىپادىلەش، ماتېرىياللارنى تەشكىللەش تەرەپلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان.
     6. «قەدىر كوچىسى» رومانىدا بىر مۇھىم دېتال ئارقىلىق باش تېما ئىدىيەسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان.
ھېكايە، رومان يېزىقچىلىقىدا يازغۇچى تاللىۋالغان مەلۇم بىر دېتال باش تېما ئىدىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خاراكتېر يارىتىش جەھەتلەردە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئاپتور «قەدىر كوچىسى»دا مەتتۇرسۇننى تېرە سودىسىدا يول تاپقانلىقىنى يېزىۋېتىپ، ئۇنىڭ تېرە سودىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلىپ، ئويلىمىغان يەردىن ئۇنى بوۋىسى ساقلاپ قويغان قاش تېشى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ، بۇنىڭدىن مەتتۇرسۇن ئىنتايىن خۇش بولۇپ كېتىدۇ. بۇ يەردە ئاپتور قاشتېشىدىن ئىبارەت دېتالنى ماھىرلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، مەتتۇرسۇندا ئىشەنچ پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ قاشتېشى نۇرغۇن پۇلغا يارايتتى. ئاتا-ئانىسىدىن كىچىك قېلىپ نامراتلىقنىڭ دەردىنى بولدى دېگۈچە تارتقان مەتتۇرسۇندەك ئادەم ئۈچۈن بۇ ناھايىتى كاتتا بايلىق ئىدى. مۇشۇنداق بايلىق بولغاندىلا، ئۇ مۇراد-مەقسىتىگە يەتكەن بولاتتى. دېمەك، قاشتېشىدىن ئىبارەت بۇ دېتالنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى، روماننىڭ بىر پۈتۈن لىنىيەسىنىڭ ئۈزۈلمەي ئىزچىل داۋاملىشىشىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرغان. ئەگەر بۇ دېتال ئەستايىدىل بەدىئىي پىكىر يۈرگۈزۈلۈش ئارقىلىق مەيدانغا چىقىرىلمىغان بولسا، روماننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىشىدىن گەپ ئېچىش تەس بولغان بولاتتى.
     يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇر «قەدىر كوچىسى» رومانىدا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى بەزى ئەنئەنىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ، روماننى ۋەقەلىكىگە سىرلىق تۈس بەرمەكچى بولغان، بۇ ھالنى يازغۇچى ئاڭلىق ھالدا شۇنداق قىلغان. بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ئەنئەنە، پېرسوناژ خېيىم-خەتەرگە ئۇچرىغاندا، ئۇنىڭغا خىزىرنى يولۇقتۇرۇش، غايىب خەزىنىگە ئىگە قىلىپ غەمدىن خالاس قىلىش ئىدى. ئاپتور بۇ ئېسىل ئەنئەنىنى بەدىئىي پىكىر يۈرگۈزۈش جەريانىغا باشلاپ كىرىپ، باش تېما ۋە ئېستېتىك خاسلىقنىڭ يارقىنلىشىشىغا يول ئاچقان.
      مىللىي ئەدەبىيات ئەنئەنىسى مىللىي ئەدەبىياتنىڭ خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم ئىچكى ئامىل. ئۇ بىر مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخىي تەرەققىياتى جەريانىدا ئۆزىدە ھازىرلىغان نىسپىي مۇستەقىللىققا ئىگە ئالاھىدە تەرەپتۇر. بۇنى توغرا تونۇغان مۇئەللىپ، ئۇنى ئۆز ئەسىرى ئۈچۈن جايىدا خىزمەت قىلدۇرالايدۇ. يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇر بۇ توغرىدا ئىزدىنىپ، روماننىڭ بەدىئىي ئۈنۈمىنى كاپالەتلەندۈرمەكچى بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن، قاشتېشىدىن ئىبارەت بۇ دېتال روماننىڭ مىللىيلىك تۈسىنى قويۇقلاشتۇرۇشتا خېلى ئوبدان رول ئوينىغان. بىر قىسىملار ئېيتقاندەك ئەدەبىي ئەسەرنىڭ مىللىيلىكى سالۋا تەلپەك، ئېشەك ھارۋىسى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، يەنە ئۇ شۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىسى، توتېم، سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە ئوبيېكتلىرى، يۇرتنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىغا ئىگە تاغ-دەريا، بايلىقلىرى بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك. شۇنداق بولغاچقا، يازغۇچى قاشتېشىنى دېتال قىلىپ تاللىۋالغان.
      تۆۋەندە روماننىڭ بەزى يېتەرسىزلىكى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتۈشنى توغرا تاپتىم.
     «قەدىر كوچىسى»رومانى ئومۇمەن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان رومان بولسىمۇ، ئەلۋەتتە بەزى كەمچىللىكلەردىن خالىي ئەمەس.
       1) يازغۇچى پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكەت، پائالىيەت سورۇنلىرىغا ئارىلىشىۋالغان. نەتىجىدە، پېرسوناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى قېزىش، يوشۇرۇن ئېڭىنى ئىپادىلەش قاتارلىقلار مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچرىغان.
     2) مەتتۇرسۇن ئوبرازى ياخشى يارىتىلغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا يەنىلا قەتئىيلىك، ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىش ئېڭى بىر ئاز تۆۋەن بولۇپ قالغان.
     3) ئاچالدىن ئىبارەت ماشىنا بېكىتىگە مۇناسىۋەتلىك بايانلار ئۇزىراپ كەتكەن، بۇ ھال روماننىڭ بەدىئىيلىكىگە ئازدۇر-كۆپتۇر تەسىر كۆرسەتمەي قويمىغان، بۇ بايانلار قىسقارتىۋېتىلگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى.
يىغىپ ئېيتقاندا «قەدىر كوچىسى» يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ تۇنجى رومانى بولىشىغا قارىماي، قۇرۇلمىسىنىڭ بىر قەدەر مۇكەممەللىكى، تاللىغان تۇرمۇش ماتېرىيالىنىڭ تىپىكلىكى، يارىتىلغان پېرسوناژلار ئوبرازىنىڭ جانلىق ھەم مەلۇم دەرىجىدە خاسلىققا ئىگىلىكى، تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرىنىڭ ۋەقەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقى، ئەنئەنىۋىلىككە ئىگە دېتاللاردىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ، ئۇنى مۇئەييەن بەدىئىي كارتىنا يارىتىشنىڭ ئاساسى قىلغانلىقىدەك ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن يازغۇچى ئەنۋەر ھوشۇرنىڭ يەنىمۇ تېرىشىپ يۇقىرى بەدىئىي سەۋىيەگە ئىگە رومانلارنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈشىگە چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن.
بۇ ماقالە مەكتىپىمىزنىڭ «ئۇيغۇر ياش يازغۇچىلىرىنىڭ يېقىنقى بەش يىللىق رومان ئىجادىيىتى ھەققىدە تەتقىقات»نىڭ
باسقۇچلۇق نەتىجىلىرىدىن بېرى.


      تەستىق نومۇر: 10765112198
    ئەنۋەر ھوشۇر: «قەدىر كوچىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2011-يىلى 5-ئاي، 1-نەشرى.

     تەھرىرلىگۈچى: ئابدۇرېھىم زۇنۇن



浅谈长篇小说《珍惜之巷》

艾尔肯. 达吾提

摘 要:这是作家艾尼瓦尔•吾守尔的首部长篇小说,它以其内容独特、主题积极、人物接近生活、语言优美等特点引人注目。本文对促进情节发展、心理描述的情境作用、详细描写和简明描写关系、纯洁的爱情终会开花结果、用卑鄙欲望掩盖的情感会让人毁灭等一系列问题进行了细致而深刻地研究。
关键词:珍惜之巷;强烈的对比;环境


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-4 14:30  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  180
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 120
تۆھپە : 1
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-5-17

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 19:14:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارزۇيىمىزنى يەردە قويمىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئۆزلىرىگە رەھمەت!
بۇ ماقالىنى ئالدىرىماي بىر ئوقۇپ چىقاي!
ئوقۇپ چۈشىنىپ بولغاندىن كېيىن ئەنۋەرگە بىرنەچچە سۇئال تاشلارمەن؟

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  60
يازما سانى: 1903
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 5634
تۆھپە : 10
توردا: 541
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا مىراپ

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 10:27:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    بۇ ماقالىدە روماننىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى خېلى ئەتراپلىق مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن باشقا، ساقلانغان ئانچە-مۇنچە سەۋەنلىكلەرمۇ يۈز خاتىرە قىلىنماي كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

قالاشنى بىلسە، مۇزمۇ كۆيىدۇ.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  271
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 836
تۆھپە : 0
توردا: 169
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 11:26:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر مۇئەللىم تەنقىدنى توغرا پۇزىتسىيەدە قۇبۇل قىلىدۇ.ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 869
تۆھپە : 0
توردا: 110
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 11:53:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ بۇ رومانىنى شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋېرسىتېتىدىكى كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ناھايتى ياقتۇرۇپ ئوقۇدى.بۇنى ئەنۋەر مۇئەللىمگەئىنكاس قىلسام مۇئەللىم بەك خۇشال بولدى. بۇ ئېسىل رومان بىز ئىستودېنىتلار چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك بولغان نادىر ئەسەر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-9 11:53  


Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3062
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 15:26:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ بۇ روماننى ناھايىتى ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ چىققان ، لېكىن ئوقۇپ بولۇپ بەكمۇ ئۈمۈدسىزلەندىم. ئەنۋەر مۇئەللىمنىڭ ناھايىتى ياخشى ئوبزورلرى مىنى قايىل قىلاتتى لېكىن بۇ قىتىم تازا قايىل قىلالماي قالدى. بۇنداق دىيىشىمدە ئاساسلىرىم بار.
يوقىرىدا ئەركىن مۇئەللىم ئارتۇقچىلىقىنى يېزىپتۇ تۈۋەندە مەن روماننىڭ كەمچىلىكلىرىنى قىسقىغىنە قىلىپ ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقاي، مىنىڭ مۇئەللىمگە ھۆرمىتىم بار لېكىن مىنىڭچە ئىلىم چۇقۇم ئىلىمدەك بۇلىشى كېرەك.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3062
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 15:28:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شىنجاڭ پىداگۇگىكا ئۇنۋېرسىتېتى ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇيمەن، مۇنازىرلەرمۇ خېلى قىززىپ تۇرىدۇ ، لېكىن .................

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3062
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 40
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-30 15:47:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە روماندا تۈۋەندىكىدەك سەۋەنلىكلەر ساقلانغان؛

1. ۋەقەلىك جۇددى كۆل سۈيىدەك راۋاجلانغان بولۇپ، ھېچقانداق زىددىيەت تۇقۇنۇش يوق، پىرسۇناژلار خاراكتىرى زىددىيەت تۇقۇنۇش جەريانىدا ئاندىن ئىچىلىدۇ.
2. باش پىرسۇناژ مەتتۇرسۇن ئاۋۋال تېرە سودىسى  بىلەن ئاندىن قاشتىشى سودىسى بىلەن شۇغۇللىندۇ، مەتتۇرسۇننىڭ ئىشلىرى ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولۇپ ئۇنى يۈلەيدىغان ئارقا تېرەك ھەر قاچان تاييارلا تۇرىدۇ، بۇ سەل چىنلىققا ئويغۇن كەلمەي قالدىمۇ قانداق؟
3. باش پىرسۇناژ مەريەمگۈلنىڭ دادىسى قاسىماخۇن ئاكا، مەتتۇرسۇننىڭ دادىسى قاتارلىقلار تۇغرىسىدا ھېچقانداق مەلۇمات بېرىلمىگەن، مەتتۇرسۇننىڭ پۇل تاپقاندىن كىيىن دادىسىنى يۇقلاپ بارغانلىقى تۇغرىسىدىكى ئۇچۇرلارمۇ يوق.
4. مەتتۇرسۇن تېرە سېتىپ ئۆيدىكىلىرىگە سوۋغات ئىلىپ كىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا مەريەمگۈل بىلەن ئاپىسىمۇ ئۇلارنىڭكىگە كىرىدۇ. مەيەمگۈل چوڭلارنىڭ ئالدىدىلا ماڭا يوقمۇ؟ دەپ سورايدۇ، مەتتۇرسۇن سومكىدىن ئۈزۈكنى ئىلىپ ئۇنىڭغا بېرىدۇ، گەرچە ئىككى ئائىلە خوش بولدى دەپ تەسۋىرلەنگەن . بۇ يەردە تەسۋىرلىنۋاتقىنى خوتەننىڭ ناھايىتى چەت يىزىسى بولۇپ ئەنئەنىنىڭ كۆپ خىل قالدۇقلىرى ساقلانغان.ئىككى ئائىلىنىڭ كۆزىچىلا ئۈزۈك بېرىش سەل چەكتىن ئىشىپ كەتتىمۇ ياكى بۇ يېزىدىكىلەر بۇنداق ئىشلارنى تۇغرا چۈشىنەمدۇ؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش