ximal
كۆرۈش: 316|ئىنكاس: 3

<<جاھاننى كۆرگەنگە يەتمەيدىكەن>> ھەققىدە مۇلاھىزە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 11:17:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        <<جاھاننى كۆرگەنگە يەتمەيدىكەن>> ھەققىدە مۇلاھىزە
                  پولات غەنىزات غەيۇرانى
يېقىندا شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 6-ئاينىڭ 19-،26-كۈنى ھەر  (شەنبە)<<ساياھەت>> بېتىگە بېرىلگەن ئۇستاز ئاخباراتچى ئىسمائىل مۇھەممەتنىڭ <<جاھاننى كۆرگەنگە يەتمەيدىكەن>> سەرلەۋىلىك ساياھەت خاتىرىسىنى ئوقۇپ چوڭقۇر ئويغا پاتتىم، بىرنەچچە قېتىم تەكرار ئوقۇپ قاتتىق ھاياجانلاندىم، ھەتتا ئاپتورنىڭ ئۆزى بىلەن پىكىرلىشىپ مۇبارەك زات−مۇستاپا كامال ھەققىدىكى بەزى يۈزەكى  مۇجمەل قاراشلىرىمنى ئايدىڭلاشتۇدۇم. گەرچە بۇنىڭدىن ئىلگىرى داڭلىق ئەدىب، تارىخ تەتقىقاتچىسى يۈسۈپجان ئەلى ئىسلامىنىڭ 2000- يىلى 11- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان <<مۇستاپا كامال>> دېگەن نادىر ئەسىرىنى، شۇنداقلا تارىخشۇناس لىن گەن يازغان مەشھۇر ئەسەر، يۈسۇپجان ئېلى تەرجىمە قىلغان، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2002- يىلى نەشر قىلغان <<تۈرك تارىخى>>، تۈركىيە يازغۇچىسى جان دۇندا يازغان، رۇقىيە ھاجى تۈرىكچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان، مىللەتلەر نەشرىياتى 2004- يىلى نەشر قىلغان <<سېرىق چاچلىق پەلۋان >>دېگەن كىتابلارنى  ئوقۇغان بولساممۇ، <<مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆگەن ئالا>> دېگەندەك، ئۇستازىم ئىسمائىل مۇھەممەتنىڭ ئاغىزاكى بايانىدىن ئەمەلىي پاكىتلارنى ئاڭلاپ تۈركىيەنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتى بىلەن قەدىمكى ھەم ھازىرقى ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىگە بولغان چۈشەنچەم تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى. <<جاھاننى كۆرگەنگە يەتمەيدىكەن>>دېگەن نادىر ساياھەت خاتىرىسىگە ئاپتورنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگىنى، سۈرۈشتۈرۈپ بىلگىنى، تارىخىي بەنبەلەردىن قېزىپ ئېلىپ، تەھلىل يۈرگۈزگىنى ئاساسىدا يۇرۇقلۇققا چىققان بۇ ساياھەت خاتىرىسىدە ئوقۇرمەنلەر بىلىشكە تىگىشلىك نۇرغۇن مەزمۇنلار ئاممىباپ تىل، ئۆزگىچە ئۇسلۇپ بىلەن ئەسەر قۇرۇلمىسىغا سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىكى تېرەن مەزمۇنلار ھەرقانداق ئوقۇرمەننى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. مەن ئاپتورنىڭ 2004- يىلى شىنجاڭ گېزىتىنىڭ 7- ئاينىڭ 15-، 22- كۈنلىرى <<ساياھەت>> بىتىدە ئېلان قىلىنغان <<قازاقىستاندا بىر ھەپتە>> دېگەن ئوقۇرمەنلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان ئەدەبىي ئاخباراتىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن يازغان يەنە بىر نادىر ئاخبارات ئەسىرى ئارىلىقتىن ئالتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن مۇشۇ شىنجاڭ گېزىتىنىڭ <<ساياھەت>> بېتىدە <<جاھاننى كۆرگەنگە يەتمەيدىكەن>>دېگەن ئېسىل ئەسەر ساياھەت خاتىرىسى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يەنە مۇشۇ <<ساياھەت>> بېتىدە يۈز كۆرۈشتى، مەن بۇنىڭغا بەك دىققەت قىلدىم، نۇرغۇن ئەدەبىيات سورۇنلىرىدا بۇ ساياھەت خاتىرىسى ھەققىدە قىزغىن مۇلاھىزە بولىندى، ئاغزاكى يەكۈنلەنگەن قىسقا ئوبزورلار يېزىلدى، ئىجابىي مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. بىر قىسىم خۇنۈك كىشىلەرنىڭ: <<ھازىقى ۋاقىتتا ئۇزۇن دازىبودەك سەككىز بەت  چىقىدىغان شىنجاڭ گېزىتىنى ئوقۇيدىغانغا نەدىكى چولا دېسە. شۇ، شىنجاڭ گېزىتىنى كىم ئوقۇيدۇ>>دېگەن گەپلەرنى تەسادىپىي ئاڭلاپ قالسام، غۇججىدە ئاچچىقىم كېلەتتى-دە، كىم بولۇشىغا قارىماي دەككىسىنى بېرەتتىم. دەككىسىنى يىگۈچىلەر:<<چاقچاق قىلىپ قويدۇق، خاپا بولماڭلار!>> دەپ ئەپۇ سورايتتى. ئەمما بۇقېتىم شۇ تۇتامى يوق چاقچاقلارنى قىلىدىغان بۇرادەرلەرمۇ ھېلىقى كىچىك پىل زۇڭبەنىڭلار (ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ باش مۇھەرىرى ئىسمىل مۇھەممەتنى دېمەكچى)شۇمۇ، ساياھەت خاتىرىسىنى ھەقىقەتەن ئوبدان يېزىپتۇ، ئىككى قېتىم ئوقۇپ چىقتىم، ساقلاپ قويدۇم، بۇ كىشى جۇڭگو ئاجباراتچىلار ۋەكىللەر ئۆمۈكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە تۈركىيە جۇمھىرىيىتىنىڭ ئىستانبول، ئىزمىر، ئەنقەرە شەھەرلىرىنى زىيارەت قىلغان بىردىن بىر ئۇيغۇر مۇخبىر بولۇپ، <<سابا گېزىتى>>، <<يېڭى ئەسىر گېزىتى>>، تۈركىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىشتابى، ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ جۇڭگوغا ئالاقىدار تەشۋىقاتى، گېزىت-ژۇرنال، رادىيو-تېلېۋىزىيە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرى ھەققىدە نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بوپتۇ، تەجرىبە ئالماشتۇرۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەزى دۇنياۋى مىراسلار، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى، مۇزېيلار، پوسپور بوغۇزى ساھىلىغا ئوخشاش مەنزىرىلىك جايلار، كوچىلار، مەھەللىلەر.......نى ئارىلاپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تۈركىيە جەمئىيىتى توغرىسىدا بىر مۇكەممەل قاراشقا كېلىپ، كۆرگەن، ئاڭلىغان، بىلگەن، بىۋاسىتە ھېس قىلغانلىرىنى <<جاھاننى كۆرگەنگە يەتمەيدىكەن>> دېگەن تېما ئاستىدا بايان قىلىپ كىشىنى ئويلاندۇرىدىغان بايانلارنى ئوقۇرمەنلەر سۇنۇپتۇ، بۇ ئاسان گەپ ئەمەسكەن، مەنمۇ كۆپ كىتاب ئوقۇغان، داۋاملىق ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن، بىرنەچچە دۆلەتتە ئېكۇسكۇرسىيە- زىيارەتتە بولدۇم، مەنمۇ كۆرگەن-بىلگەنلىرىمگە ئاساسەن بىرنەرسىلەرنى يېزىپ باقايچۇ دەپ قولۇمغا قەلەم ئالغان بولساممۇ نېمىنى يېزىپ، نېمىنى يازماسلىقنى بىلەلمەي ئاخىرىدا <<قوينى قاسساپ سويسۇن>> دېگەن ماقال بويىچە يازماي قويدۇم، شۇندىن بىرى ساياھەت خاتىرىسى، ئەدەبىي خاتىرە دېگەنلەرنى بولۇپمۇ ئۆز ئاپتورلىرىمىزنىڭكىنى قالدۇرماي ئۇقۇيدىغان بولدۇم، بۇنداق يېزىشمۇ ئاسان گەپ ئەمەسكەن>> دېگەنتى، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ قانداقتۇ بىر تۇيغۇ بىلەن بۇ كىشىدىن سۆيۈنۈپ كەتتىم، چۈنكى، مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەربىر ئاپتورنىڭ يازغان ئەسىرىگە بولسۇن، ياكى مەلۇم بىركىشىنىڭ  ئاۋام ئۈچۈن قىلغان ياخشى ئىشىغا بولسۇن ئادىل تارازىنى خەلق تۇتىدۇ، باھانى خەلق بېرىدۇ، چۈنكى خەلق ئادىل سودىيە.
ئەسەر مەۋزۇسى ناھايىتى ئادىي، ئوبرازلىق قويۇلغان بولۇپ، دەپدەبىلىك سۆزلەردىن خالىي، ئەسەر قۇرۇلمىسى پۇختا، تىلى يەڭگىل، ئاممىباپ، ئۇسلوبى ئۆزگىچە، بايان قىلىشقا ئاسان بولسۇن ئۇچۈن ئەسەر يەتتە كىچىك مەزمۇندىن تەركىپ تاپقان، ھەر بىر بەتكە داڭلىق شەھەرلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرە سۈرەتلىرىدىن ئۇچ پارچىدىن ئالتە پارچە فوتۇ سۈرەت كىرىشتۈرۈلۈپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇ، ئاپتورنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىلگىرى يازغان ئاخبارات ئەسەرلىرىدە ئۆزگىچە خاسلىقى بىلەن قوللىنىپ كېلىۋاتقان، ھەم ئاجبارات ئىجادىيىتىدە شەكىللەنگەن ئۇسلوۇبى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ. چۈنكى، ھەممىمىزگە مەلۇم، ئەدەبىي ئۇسلوب ئەدەبىي ئېقىم، ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ھادىسە بولۇپ، ئۇ يازغۇچىنىڭ ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى، ئۇنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىنى، بەدىئىي دىتىنى ۋە خاھىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان رۈشەن بەلگە. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز ئەسەرنىڭ پۈتۈن قۇرۇلمىسىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، كۆز ئالدىمىزغا <<گېزىتچىلەر نېمە دەيدۇ؟>> دېگەن مەۋزۇ كۆزىمىزگە ئالاھىدە چېلىقىدۇ، راست، بۇ بىر مۇسۇلمان دۆلىتىنىڭ گېزىتچىلىكى، يەنى ئاخباراتچىلىق ساھەلىرىگە يۈرۈش قىلغۇڭىز كېلىدۇ-دە، پۈتكۈل ئەسەرنى قانداق ئوقۇپ تۈگۈتكىنىڭىزنى <<داۋامى كېيىكى ساندا>> دېگەن قۇرلارنى ئوقۇغاندىلا ھېس قىلىسىز.
بۇسۇراق تەرىقىسىدە قويۇلغان كىچىك مەۋزۇغا تۈركىيە ئاخباراتچىلىقىنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى، كىچىكلىتىن تەدرىجىي چوڭىيىپ زورىيىشى، ئاخىرقى ھېسابتا تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكىدەك دۇنيا پەن-تېخنىكا بىلەن ئۇچۇرلىشىۋاتقان رىقابەت دەۋرىدە پۈت تىرەپ تۇرۇشتەك خاسلىق نامايەن قىلىنغان بولۇپ، جۈملىدىن دۇنيادا ھەممىدىن بۇرۇن گېزىتچىلىك، كېيىن رادىيو بارلىققا كەلگەن، بۇنىسى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە بەش قولدەك ئايان. ئەمما 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن بويان تېلېۋىزور تېز سۇرئەتتە ئومۇملاشتى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ تور ئەڭ ئاخىرىدا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن گېزىت-رادىيوغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى ئاخبارات  تور گېزىتچىلىككە زادى قانچىلىك تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ؟ گېزىتچىلىككە پايدىسىز ئەھۋالدىن قانداق قىلغاندا ساقلانغىلى بولىدۇ؟بۇ ھەرقانداق گېزىت دۇچ كېلىۋاتقان دۇنياۋى ھادىسە بولسا كېرەك. ئاپتور بۇنۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ، ئەمدى بىز ئاپتورنىڭ تۈركىيەدىكى گېزىتچىلەرنىڭ ئاغزاكى بايانىدىن بىۋاسىتە بەرگەن بۇ ھەقتىكى ساداسىغا قۇلاق سېلىپ باقايلى، بۇ گېزىتنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مەتىن يۈكسەلنىڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشىچە: <<تۈركىيىدە چىقىدىغان گېزىتلەرنىڭ تولىسىنى خوسۇسىيلار باشقۇرىدىكەن. تۈركىيىەدە تەسىر جەھەتتە 2- ئورۇندا تۇرىدىغان <<ساباھ>> گېزىتىمۇ ئەشۇنداق گېزىتلەرجۈملىسىگە كىرىدىكەن. بۇ گېزىت ھەر كۈنى ئازغىنە كەم 450 مىڭ تىراژدا تارقىتىلىدىكەن. ئايلىق ئېلان كىرىمى 15 مىليون دوللارغا يېتىدىكەن. تور بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق چوڭ گېزىتكىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋېتىپتۇ، يەنى تىراژ چۈشىۋېتىپتۇ.
تىراژنىڭ چۈشۈشى گېزىتلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن پايدىسز ئەھۋال. لېكىن ئۇنى تىراژ چۈشىۋاتىدۇ دەپلا توختىتىۋەتكىلى بولمايدۇ. ئۇنداق بولسا بۇنداق پايدىسىز ۋەزىيەتتىن قانداق قۇتۇلۇش كېرەك ؟
گېزىتنىڭ تارقىلىشى تېز، خەۋەرنىڭ ۋاقىتچانلىقى قانچىكى كۈچلۈك بولسا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەش ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى، گېزىتكە تايىنىشچانلىقى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. <<ساباھ>> گېزىتى تىراژ تۆۋەنلەپ كېتىشتەك پايدىسىز ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن خەۋەرنىڭ ۋاقىتچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مۇشتەرىلەرنى جەلپ قىلىپتۇ. يەنى مەملىكەتنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىدىكى باسما نۇقتىلىرىنىڭ رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۈنلۈك گېزىتنى شۇ يەرگە، شۇ دائىرىگە ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپتۇ. بۇ خۇددى بىزنىڭ <<شىنجاڭ گېزىتى>> قەشقەر باسما مەركىزىدە بېسىلىپ، قەشقەر، قىزىلسۇ، ئاقسۇ بىلەن خوتەننىڭ بىر قىسىم ناھىيە، شەھەرلىرىگىمۇ شۇ كۈنىلا تارقالغاندەك ئىش ئىكەن. بۇ گېزىتنىڭ ئىتالىيە، گىرىتسىيە، ئالبانىيە، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى خەۋەرنى توردىن يولايدىكەن، گېزىت مۇخبىر ئەۋەتەلمىگەن جايلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى توردىن ئالىدىكەن. زور ئىشلار، مۇھىم ۋەقەلەرگە بەك ئەھمىيەت بېرىدىكەن. شاڭخەي دۇنياۋى كۆرگەزمىسىگە ئالاقىدار ئىشلارنى ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپتۇ. >>
دېمەك، گېزىتچىلىكتە دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ يېڭىلىق يارىتىش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنىڭ مەڭگۈلۈك مىزانى. شۇڭا مېنىڭ قارىشىمچە تۈركىيىدىكى <<ساباھ>> گېزىتى بۇ نۇقتىنى چىقىش قىلىپ، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى ئاساس قىلىپ، بەتلەردىكى ھەرقايسى سەھىپىلەرنى جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ماس ھالدا يىتەكچى سۈپىتىدە  ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ، گېزىتنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مۇشتەرىلەرگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنى قىزىقىش، پىسىخىكا، مەنپەئەت، ئۇچۇر مۇلازىمەت.....جەھەتتىن يىتەكلەپ، ئوقۇشچانلىقنى ئاشۇرۇش، تەسىر كۈچىنى زورايتىشقا ئالاھىدە كۈچىگەن. بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئاخبارات خادىملىرىنىڭ رىقابەت دەۋرىدە شاللىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، گېزىتلەر گۇرۇھلىشىپ، تېلېۋىزەيە ئىستانسىسى، رادىيو ئىستانسىسى قۇرۇپ، كەسىپكە ئائىت ژۇرنال چىقىرىپ، بۇنىڭ بىلەن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇش، كەمتۈك جايلىرىنى تولۇقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىرىشىپ، ھەتتا ھەرقايسى گېزىتخانىلار تېلېۋىزىيە ئىستانسىسلىرىدا ئىشلەيدىغانلار ئاۋۋال شۇ ئورۇندا ئۈچ-تۆت ئاي ئىشلەپ پىراكتىكا قىلىدىكەن. ئۇلار بۇ جەرياندا مىجەز-خۇلۇق، كەسپىي ئىقتىدار، ئادىمىيلىك جەھەتلەردىن قاتتىق سىنىلىدىكەن. خىزمەتكە قۇبۇل قىلىنغانلار ئىچىدىن كارغا كەلمەيدىغانلار يوق دېيەرلىك ئىكەن. ئەمما بىر نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمز كېرەككى، تۈركىيەدىكى گېزىتلەرنىڭ تولىسى پايچىكلا باشقۇرۇشىدىكى خۇسۇسىي گۇرۇھلار بولسىمۇ ، تەشۋىقات دۆلەت مەنپەئەتىنى  ھەممىدىن ئەلا بىلىدىكەن.
بىز مۇلاھىزىمىزنى داۋاملاشتۇرساق <<مۇبارەك زات−مۇستاپا كامال>>دېگەن شۆرھەتلىك نام بىلەن ئاتالغان بىركىچىك مەۋزۇ كۆزۈمىزدە ئالاھىدە چاقناپ، بىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر پىكىرقاينىمىغا باشلاپ كىرىدۇ. ئاپتور بايانىدا: << ئىستانبول، ئىزمىر، ئەنقەرە شەھەرلىرىدە مۇستاپا كامالنىڭ ئاتقا مىنىپ تۇرغان ھالەتتىكى مىس ھەيكىلى، يېرىم مىىس ھەيكىلى ، بۇ شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىدا قارا پاپاخ كىيىپ يىراققا نەزەر سېلىۋاتقان رەسىمى، ئىدارە-ئورگانلار كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىشخانىلىرىدا ئەينەك جازىغا ئېلىنغان سۈرىتى دىققىتىمنى تارتتى. مەن پاراڭلاشقان كىشىلەر مۇستاپا كامالنىڭ مۇبارەك نامىنى ھاياجان بىلەن تىلغا ئالدى. ئۇلارنىڭ ھاياجېنىغا يۈكسەك ھۆرمەت ھېسسىياتى سىڭگەنىدى>> دەپ يېزىش ئارقىلىق. ئاپتور ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن گەرچە مۇستاپا كامالنىڭ ۋاپات بولغىنىغا 72 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ تۈركىيە خەلقى قەلبىدىكى يۈكسەك ئورنىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرگەن. بۇيۈك شەخس مۇستاپا كامال 1938- يىلى 11- ئاينىڭ 10- كۈنى خىزمەتتە قاتتىق چارچىغانلىقتىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئىستانبولدىكى باغچە دولما سارىيىدا بەختكە قارشى 57 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن  بولسمۇ، ئۇنىڭ ھايات چېغىدا ئاۋامنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان ئىنقىلابىي ھاياتى،ئالىيجاناپ پەزىلىتى تۈركىيە خەلقىنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ نۇرلىنىپ، ئۇنتۇلماس بىر ئابىدىگە ئايلانغان. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، تۈركىيە تارىخى ۋە تۈركىيقان سىستېمىسىغا مەنسۇپ تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمقى، يېقىنقى، ھازىرقى ئكرپ-ئادەت مەدەنىيەت تەتقىقاتىغا دائىر كىتابلارنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئىسىدە بولسا كېرەك. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى  ئېلىپ كەلگەن ئىنسانىيەت تارىخىدا دۇنيا خەلقىنىڭ ئىسىدىن چىقماس ئاچارچىلىق يۈز بېرىشتەك بالايى ئاپەتتىن ئىبرەت ئالماي. ئەكسىچە، ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى جاھانگىر دۆلەتلەر يۈرۈكىنى قاپتەك ،يۈزىنى داپتەك قىلىپ تۈركىيەنى پارچىلاش ۋە بۆلۈشۈۋېلىش ياۋۇز نىيىتىنى ئىشقا سېلىپ، گىرىتسىيىنى قۇراللاندۇرۇپ، تۈركىيەگە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلدى. بۇنىڭ بىلەن كۈتۈلمىگەندە تۈركىيە خەلقى ئۆز تارىخدا مىسلى كۆرۈلمىگەن چىدىغۇسىز ئەڭ ئېغىرجاپا-مۇشاقەتلىك كۈنلەرگە دۇچار بولدى. مانا مۇشۇنداق ھايات-ماماتلىق ھالقىلىق پەيتتە، تۈرۈك خەلقىنىڭ باتۇر ئوغلانى، دۇنيا خەلقى ئېتراپ قىلغان مىللىي قەھرىمان، ئىستىداتلىق سىياسىيئون ۋە ھەربىي ئالىم، ئاتا تۈرۈك دەپ تەرىپلەنگەن سېرىق چاچلىق پەلۋان مۇستاپا كامال كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتىگە رەھبەرلىك قىلدى. شۇنىڭدەك تۈركىيە خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ۋە ئازاتلىقى ئۈچۈن ۋەتەن ساتقۇچ سولتان ھاكىمىيىتى بىلەن قاتتىق ئېلىشىپ،تۈركىيە خەلقى يىغلىسا يىغلايدىغان، كۈلسە كۈلىدىغان ھېچنېمىدىن قورقماس ئىنسان پەرۋەر خىسلىتىنى نامايان قىلدى. ئەمما بىر تۈركۈم نا ئەھلى كىشىلەرنى زىيانكەشلىكى تۈپەيلىدىن كۆپ قېتىم مەنسىپىدىن قالدۇرۇلۇپ، ئاچقۇچلۇق پەيتتە يەنە كۆپ قېتىم مەنسەپكە ئولتۇرغان بولسىمۇ قىلچە بوشاشماستىن ھايات-ماماتلىق جەڭنىڭ قاتتىق سىناقلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن بەرداشلىق بىرىپ، شۇ ۋاقىتلاردا دۇنيادا ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارالغان ئەنگىلىيە باشچىلىقىدىكى تاجاۋۇزچى جاھانگىرلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بىرىپ دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە مىللىي ئىنقىلابنىڭ مېۋىسىنى قولغا كەلتۈردى. بۇ ئىنقىلابنىڭ بىر خاسىيىتى شۇكى تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە تۈركىيە تارىخىدا 600 يىل سەلتەنەت سۈرگەن ئوسمانلى ئىمپىرىيىسى تۈزۈمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئورنىغا تۈركىيەدە ئاتا تۈرۈك مۇستاپا كامال تۈزگەن ئالتە بۇيۈك سىياسەت يولغا قويۇلغان دېموكىراتىك جۇمھۇرىيەتنى ئورناتتى. بۇ بۇيۈك مىللىي ئىنقىلاپ ئۆز زامانىسىدا ۋە كېيىنكى مەزگىللەردە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئاپرىقا ۋە ياۋروپادىكى مۇستەملىكە، يېرىم مۇستەملىكە ئەللەرنىڭ مىللىي ئازاتلىق كۆرۈشىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتتى. شۇڭا بۇ ئىنقىلاب ھازىرقى زامان دۇنيا مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلاب تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ ساياھەت خاتىرىسىنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەن ئالدى بىلەن ئاپتور بايانلىرىدىن  تۈركىيەدە ئولتۇراقلاشقان تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ قەدىمقى زامان، يېقىنقى زامان، بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش بىلەن بىرگە،  پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئىلىپ-پەن ئۇچۇرلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تۈركىيەدە ئاخباراتچىلىق، نەشرىياتچىلىق ئىشلىرى خۇسۇسىيلاشقان گېزىتچىلىك، نەشرىياتچىلىق شىركەتلەرنىڭ ئىلكىدە باشقۇرۇلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەرقانداق شارائىتتا دۆلەت مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ئۆز مەنپەئەتى بىلەن قىلچىمۇ ھېسابلاشماي،  دۇنياۋى ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە رىقابەتكە بەسداشلىق بېرىپ، ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، دۇنيا ئاخباراتچىلىق ساھەسىدە پۈت تىرەپ تۇرۇشتەك مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى ئاخباراتچى، نەشرىياتچى خادىملارنىڭ تىنىم تاپماي ئىزدىنىش، ئۆگىنىش، يېڭىلىق يارىتشتەك غەيرىتىگە ئىختىيارسىز ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايسىز.
تۈركىلوگىيە تەتقىقاتى يېقىنقى زامان تارىخدا دۇنيا خەلقى دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىجتىمائىي پەن ساھەسىكى بىر قىزىق نۇقتا بولۇپ، بۇ ساھەدە نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان. بولۇپمۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان نۇرغۇن ئالىملىرىمىز بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ بىر بۈلۈك نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ دۇنيا ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا، جۈملىدىن مەركەزدىكى رەھبەرلەرنىڭمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە سازاۋەر بولغان. مەسىلەن: جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلاردىكى مەشھۇر داھىيىلىرىدىن بىرى سەي خېسىن 1922- يىلى باشلامچى ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ 3- سانىغا ماقالە يېزىپ، ئاتا تۈرك مۇستاپا كامالغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بېرىپ، <<ئۇلۇغ، جاسارەتلىك ھەم ئەڭ ئىنقىلابىي روھلۇق>>گېنىرال مۇستاپا كامال <<تۈركىيە ۋە يېقىن شەرقتىكى نەچچە ئون مىليونلىغان مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈن دۇنيادىكى ئىزىلگۈچى مىللەتلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئۈلگە تىكلەپ بەردى ۋە تەسىر كۆرسەتتى>> دېدى ھەمدە ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە جاھانگىرلار تەرىپىدىن<<شەرقىي ئاسىيا كېسەلمەنلىرى>>دەپ مەسخىرە قىلىنغان جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ئورنىدىن دەرس تۇرۇپ، <<شەرقىي ئاسىيادىكى گىگانت ئادەم>> گە ئايلىنىپ، <<جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگو خەلقىگە سالغان زۇلمىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش>> قا چاقىردى دەپ مۇئەييەنلەشتۈردى.  
1982- يىلى خۇياۋباڭ تۈركىيەلىك مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا سىلەرنىڭ دۆلىتىڭلاردىن بىر ئۇلۇغ داھىي−مۇستاپا كامال چىقتى، بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىنمۇ بىر ئۇلۇغ داھىي−سۇن جۇڭشەن چىقتى دېدى. 2000- يىل ئاپرېلنىڭ 18- كۈنى رەئىس جياڭ زېمىن تۈركىيەنىڭ رەئىس جۇمھۇرى سۇلايمان دەمرەلنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە كېلىپ، ئەتىسى ئەتىگەندە ئاتا تۈرك قەبرىسىگە گۈل چەمبىرەك قويغان. خياڭ زېمىن ئىمزا قويۇش دەپتىرىگە <<تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەشھۇر قۇرغۇچىسى كامال ئاتا تۈرۈك مەڭگۈ ھايات>> دەپ بېغىشلىما يازغان.
ھەممىمىزگە مەلۇم، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت مەھكىمىسى 1978- يىلى 28- نۇيابىر ئاتا تۈرك مۇستاپا كامال تۇغۇلغانلىىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن قارار چىقىرىپ، 1981- يىلىنى <<دۇنيا ئاتاتۈرك يىلى>> دەپ بىكىتكەنىدى. 1981- يىلى 5- يانۋار تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى گېنىرال كەنئال ئەۋرەن مىللەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزگەن <<ئاتا تۈرك يىلى>>باشلىنىش مۇراسىمىدا سۆزگە چىقىپ مۇستا كامالغا يۈكسەك باھا بەردى. 1981- يىلى 30- سېنتەبىر ب د ت نىڭ باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇستاپا كامال تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ھەرقاچان خەلئارا تىنچلىق، ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان ئىنسانپەرۋەر ھەرىكەت ئىكەنلىكى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. ھەمدە خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن مۇستاپا كامالنىڭ تىنچلىق، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئىناقلىققا قوشقان تارىخىي تۆھپىلىرىنى ئەسلەش ئۈچۈن ئاتا تۈرۈك مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان.
قىسقىسى، ئاپتور بۇيۇك مىللىي قەھرىمان مۇستاپا كامال ھەققىدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە بولۇپ، بۇ زات ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق، ئىشەنچلىك ۋە مول تارىخي ماتېرىياللارغا ئېرىشكەن، بۇنىڭبىلەنلا چەكلىنىپ قالماي تۈركىيە تارىخىغا، جۇملىدىن مۇستاپا كامالنىڭ ھايات پائالىيىتىگە ئائىت كىتاپ-ماتېرىياللارنى كۆرۈپ تەتقىق قىلغان بولغاچقا، ساياھەت خاتىرىسىدىكى يېتەكچى ئىدىيە تەرەققىي تاپقان غەرب دۇنياسىنىڭ مەدەنىيىتىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللىتىنى دىنىي خوراپاتلىقلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۈلدۇرۇپ چىقىپ، ئۆزىگە-ئۆزى خوجا بولۇش ئۈچۈن، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، ھۆرلۈك يولىغا باشلاش، كونا، قاتمال ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن دىنىي مائارىپ تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، زامانىۋى پەننىي مەكتەپلەرنى ئېچىش قاتارلىق، بىر يۈرۈش ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ جۈملىدىن دۇنيا خەلقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن ئاتاتۇرك مۇستاپا كامل ئوبرازىنى ئۆزگىچە گەۋدىلەندۈرۈپ تەسۋىرلەش ئارقىلىق، گەرچە تۈركىيە بىلەن يۈرتىمىز شىنجاڭنىڭ ئارىلىقىنى سانسىزلىغان تاغ-دەريالار ئايرىپ تۇرسىمۇ، ئەمما جۇغراپىيىلىك ئورنى، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى، كونا زاماندىن قېپقالغان ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي،كونا تۈزۈلمىنىڭ ئىزلىرى، دىن، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت ۋە روھىي ھالەت قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردىكى تەبىئىي ئوخشاشلىقلارنىڭ كۆپلۈكىنى، ھازىرقى ئىسلاھەت ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن بىر ئاچقۇچلۇق دەۋردە كېتىۋاتقان ۋاقتىمىزدا، مۇستاپا كامال تۈركىيەسىنىڭ زامانىۋىلىشىش جەريانىنى ئوبدان تەتقىق قىلىپ چىقىشنىڭ ناھايىتى زورۇرلۇكىنى ئوقۇرمەنلەرگە چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ.
    2012- يىل 1- ئاينىڭ 10 – كۈنى ئۈرۈمچى
پايدىلانغان مەنبەلەر:
<<مۇستاپا كامال>>شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2000- يىل 11- ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى.
<<تۈرك تارىخى>> شىنجاڭ نەشرىياتى 2002- يىلى 1- ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى.
<<سېرىق چاچلىق پەلۋان>> مىللەتلەر نەشرىياتى 2004- يىلى 7- ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى.
2010- يىل 7- ئاينىڭ 11- كۈنى ئۈرۈمچى.      




Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  314
يازما سانى: 419
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 790
تۆھپە : 10
توردا: 215
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 23:35:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىنى ئۇچراشتۇرغىنىڭىزغا رەخمەت.

توپۇدا ياتسا گۆھەر،
بولماس باھاسىغا زىيان.
سۇئاقار ئاققان ئېرىقتىن،
سايدا ھەم تاشقىن قىيان.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  328
يازما سانى: 445
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2547
تۆھپە : 4
توردا: 476
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 23:41:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىشىنى ئويلاندۇرىدغان   تىمىكەن ، مۇنبەرگە يوللاپ بەك ياخشى قىپسىز   رەخمەت سىزگە!




سەن ئەزىز ئەتكەن قۇلۇڭمەن خار ئېتەلمەيدۇ كىشى،
سەن ئەگەر خار ئەيلىسەڭ ھەر جايدا بولسام خار كىشى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1596
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 11
توردا: 57
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 21:54:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
           ھۆرمەتلىك شائىرە سىڭىللىرىم، ئەجرىمنى قەدىرلىگىنىڭلارغا رەخمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش