مەن يازغۇچىلار مۇنبىرىگە ئەزا بولغىلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ئادەتتىكى بىر ئەزامەن . ئەدىبى ئىجادىيەت سەھىپىلىرىدە نامىممۇ چىقمىغان ، پەقەت يازغۇچى ،شائىرلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىدىن زوق ئېلىپ ، يېزىقچىلىققا بولغان ئوتتەك ئىنتىلىش ۋە ئىشتىياقىمنى بېسىپ كېلىۋاتقان بىر ھەۋىسكارمەن . گەرچە يېڭى ئەزا بولساممۇ ، مۇنبەردىكى باشقا ئەزالاردەك لېرىك مىسىرالار ۋە نادىر ئەسەرلەرنى يوللاپ ، مۇنبەر ئۈچۈن تۆھپە كۆرسەتمىگەن بولساممۇ بۇ مۇنبەرنى ۋە تېمىلارنى كۈزىتىش ئارقىلىق شۇنى ئويلاپ قالدىم :
يازغۇچىلار مۇنبىرى ئىسمى -جىسمىغا لايىق يازغۇچى شائىرلار ۋە ھەۋەسكارلار توپلاشقان مۇنبەر . شۇنداق تۇرۇقلۇق مۇنبەرگە يوللانغان تېمىلار ئانچە ئاۋات ئەمەس . چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ شۇنداق ئاز دىيەرلىك .( ناھايتى ئاز ساندىكى تېمىلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا ) . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنكاسلارنىڭ كۆپىرەكلىرى « ناھايتى ياخشى يېزىپسىز ، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن » دىگەندەك ناھايتى ئاددى جۈمىللەر بىلەنلا چەكلەنگەن .نىمىشقا قەلىمى پىشقان ، گەپ -سۆزگە باي ئەزالار يىغىلغان مۇشۇنداق سورۇندىكى ئەسەرلەرگە قارىتا مۇنازىرە قىلىش ، ئەسەر مەزمۇنى ، يېزىلىش شەكلى ۋە باشقا جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقى نەدە ، كەمچىلىكى قايسى دىگەنلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش قاتارلىق پائالىيەتلەر يوق ؟ بۇ مۇنبەرگە ئەڭ كۆپ تېما يوللىنىدىغان شىئېريەت سەھىپىسىدىمۇ مۇشائىرە قىلىدىغان ئىشلار پەقەتلا يوق ئىكەن . مىنىڭچە بولغاندا ، مۇنبەر كەيپىياتىنى ۋە ئەزالارنىڭ قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ،ئۆزىمىزدە بار ئارتۇقچىلىقلارنى ياخشى جارى قىلدۇرساق ، ئەدىبىيات ساھەسىگە يېڭىدىن قەدەم قويۇپ ، تىنەپ تەمتىرەپ قېلىۋاتقانلارغا ئازىراق بولسىمۇ يول ئېچىپ بېرىلسە دىگەن ئۈمىدتەمەن .
مۇنبەردىكى كونا يېڭى ئەزالارنىڭ بۇ تەكلىپىمنى ئويلىنىپ كۆرۈشىنى ، پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شېرىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-3 18:49
|