يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: شېرىن1

مىنىڭمۇ بىر تەكلىپ بەرگۈم كېلىۋاتىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-6-28 18:32:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكزات يوللىغان ۋاقتى  2013-3-12 21:52
كېچىىپ كۆرگەن بولساممۇ ،شېرىن ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ  ...

زادى پۇچەك ئىنكاسلارنى ئۈچۈرۈپ تاشلىماي بولمايدۇ.بۇ مۇنبەردە خېلىلا  نامى بار ئەزالارمۇ ئەشۇنداق پۈچەك ئىنكاسلارنى يېزىپ،پۈچەكچىلىكتە باشلامچى بولىۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2015-6-28 18:37:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارلاق يوللىغان ۋاقتى  2013-3-4 19:16
مېنىڭ ھېس قىلغىنىم :
نامى چىققان ،تونۇش-بىلىشلەرنىڭ تې ...

ئەگەشتىم، مەنمۇ شۇ قاراشتا.

ۋاقتى: 2015-6-28 19:24:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن توردىشىمىز شىرىن ئوتتۇرغا قويغان بۇ مەسىلىنى بورۇنلا بايقىغان شۇڭا ئەمەلىي ھەركىتىم ئارقىلىق ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاشنى نىيەت قىلىپ ھازىرغىچە تىمىلارغا ئىنكاس يېزىشتا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە سەمىمىي،ئەستايىدىل، قەتئىي بولۇشقا تىرىشىۋاتىمەن. تىمىلارنى قىزىتىش ۋە ئىنكاس قىزغىنلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن ئىنكاسلىرىمنىڭ يۇمۇرىستىكلىكىغا ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە يەنە ئەگىتمە پىكىرلەر ئارقىلىق تىما ئىگىلىرىگە مەلۇم مەقسەتنى بىلدۈرۈشكە تىرىشتىم،ئىنكاسلاردا بىلەرمەنلىكتىن،تەكەببۇرلۇقتىن ساقلاندىم...بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بوش ۋاقىت چىقىرالىساملا شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمەن.

ۋاقتى: 2015-8-11 11:36:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تەكلىپ تولىمۇ ئورۇنلۇق تەكلىپ بوپتۇ، مېنىڭچە مۇنبەردە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك كىشىلەر بار: بىرىنچى خىلى: خېلى قەلىمى پىشقان، مەتبۇئاتلاردىمۇ ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىۋاتقان كىشىلەر يەنە بىر خىلدىكىلەر: ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە يېڭىدىن كىرىپ كەلگەن ياش قەلەمكەشلەر ياكى بولمىسا ئەدەبىيات ئېقىنىدىن سۇ ئىچىشكە تەشنا بولۇپ قىرغاق ياقىلاپ سۇغا كىرەلمەي تەمتىرەۋاتقانلار، شۇڭا ئىنكاس يازغاندا پىشقانلار ئەسەردىكى كەمچىلىك نۇقسانلارنى كۆرسىتىپ، ئارتۇقچىلىقلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئىنكاس يازىدۇ، ياشلار، ھەۋەسكارلار بولسا ئەسەردىن زوق ئېلىش مەيدانىدا تۇرۇپ،«ياخشى يېزىپسىز»،«داۋاملىق تىرىشىڭ»دېگەندەك ئىنكاسلارنى يازىدۇ، شۇڭا ھەر ئىككى تەرەپتىكى ئامىللارنى نەزەرگە ئالغاندا ئىنكاس يازغۇچىلاردىن رەنجىپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ، مېنڭچىمۇ مۇنبەردىكى پىشقان يازغۇچىلار ھەۋەسكار ۋە ياشلارنى ئانچە-مۇنچە يېتەكلەپ قويسا ياخشى بولاتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن ئالدىراش، بىراق ئىز باسار تەربىيەلەشكىمۇ سەل قارىماسلىق كېرەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش