«سۇپرام تورى» ئېچىلدى
ئۈرۈمچى «سەزگۈ مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى» تورچىلىق ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن «سۇپرام تورى»نى (
www.supram.cn)قۇردى. بۇ تور بېكىتى ئەدەبىيات – سەنئەت يۆنىلىشىنى ئاساس قىلغان تور بەت. بۇ تور بەت ئېچىلىشى بىلەنلا مۇنداق ئىككى يېڭىلىقنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بىرى توردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرگە قەلەم ھەققى بېرىش. يەنە بىرى، باشلاپ بېرىلگەن روماننى بىرلىكتە داۋاملاشتۇرۇپ يېزىش. (تەپسىلاتىنى تور بەتتىن كۆرۈڭ)
ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلىڭ، ئەزا بولۇڭ، ئەسەر بېرىڭ. قېنى تورداشلار،تۈرۈكچە «دوستلىرىم ئېشەك» ناملىق ناخشىدىن ھوزۇرلانغاچ بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ.
ھۆرمەت بىلەن: سۇپرام تور بېكىتى
2013 – يىلى 3- ئاينىڭ 1 - كۈنى