كۆرۈش: 197|ئىنكاس: 1

ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: -6
تۆھپە : 0
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 16:07:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلدى


     ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 2011-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق سارىيىدا غەلبىلىك ئېچىلدى.قۇرۇ*تاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن، ئاپتونوم رايۇنننىڭ رەئىسى نۇر بەكرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ئەسقەت كېرىمباي، بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارى چې جۈن ۋە ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ بارلىق دائىمىي ھەيئەتلىرى قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن،ھەر مىللەتتىن، ھەر قايسى سەنئەت ساھەلىرىدىن كەلگەن 433 نەپەر ۋەكىل ۋە 37 نەپەر ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار قاتناشتى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇ*تاي،مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانلىقىغا بىر يىل بولغان پەيتتە،ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت ساھەسى چاقىرغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بۇلۇپ،ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى : دىڭ شاۋپىڭ نەزەريىسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى يېتەكچى قىلىپ،باش شۇجى خۇ جېنتاۋنىڭ «جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقىنى تەبرىكلەش زور يىغىنىدا قىلغان سۆزى»نى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، پارتىيە 17- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېت 5-ئومۇمى يېغىنى،ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 7-نۆۋەتلىك 9-، 10-قېتىملىق ئومۇمىي ھەيئەتلەر كېڭەيتىلگەن يېغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش،ئاپتونوم رايونلۇق 6- قېتىملىق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر قۇرۇلتېيىدىن بۇيانقى خىزمەتلەرگە نەزەر سېلىش ۋە خۇلاسىلەش، ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش،زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ۋەزىپىلەرنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش؛ ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى سايلاپ ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، كۆپ مىللەتلىك سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ،ئىناق مەدەنىيەتنى بەرپا قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا كۈچ چىقىرىشتىن ئىبارەت.

قۇرۇ*تاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن رىياسەتچىلىك قىلدى. رەئىس ھېيتەم ھۆسەيىن ئېچىش نۇتۇقى سۆزلىدى. جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپپىسىنى مۇئاۋىن شۇجىسى لى يى، ئاپتونوم رايۇنلۇق ئىتتىپاق كومىتىتىنىڭ  شۇجىسى ئاينۇر مەقسەت،شىنجاڭ ھەربىي رايۇنى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياۋ يوۋلياڭ قاتارلىقلار تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. ھەرقايسى ئورۇنلاردىن كەلگەن تەبرىكنامىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

ئاخىرىدا ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇھىم سۆز قىلىپ، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى دۇچ كېلىۋاتقان يېڭى ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك  تەھلىل قىلدى ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئورنىنى چوڭقۇر شەرھىلەپ، ھازىرقى باسقۇچتىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ باش تېمىسى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى،ھەمدە كەڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچى خادىملىرى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەتلىرىدىن كۈتىدىغان سەمىمىي ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قۇرۇ*تاي ئۈچ كۈن داۋاملىشىپ 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.


mukam.cn

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 2072
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6623
تۆھپە : 8
توردا: 441
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-29

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 15:06:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ قۇرۇلتاينىڭ تۈرۈتكىسىدە  2012-يىلى  ئەدەبىيات-سەنئەت  ئىشلىرىمىزدا  قولغا  كەلگەن نەتىجىلەر  ئاز   ئەمەس.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش