كۆرۈش: 246|ئىنكاس: 5

«سەھرالىق بالا»- ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  319
يازما سانى: 803
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1849
تۆھپە : 0
توردا: 314
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 00:13:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئايسىمە ئىدىرىس



«سەھرالىق بالا»- ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىم







ئۇنى تۇنجى ئۇچراتقىنىمدا ئۇنىڭ شېئىرى تالانتىنى بايقىمىغان ئىكەنمەن.«ھەقىچان ھەۋەسكار بولغاندىكىن ، مۇنداقلا بىر نىمىلەرنى يېزىپ قويىدىغاندۇ» دەپ ئويلىغىمغا كىيىن پۇشايمان قىلدىم. 40 ياشقا كىرەي دىگەندىمۇ باشقىلارغا توغرا باھا بېرەلمىگىنىمدىن ئۆكۈندۈم. ئۇنىڭ «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى »گە بېرەيمىكىن ، دەپ ئېلىپ كىرگەن بىر قانچە پارچە شېئىرىنى ئوقۇپ، تېگى تېگىدىن مەنە ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، بىر قارىسا زاماننىڭ جويلۇشلىرىدەك، بىر قارىسا ساپ تۇيغۇغا سىغدالقان قەلب ھەسرەتلىرىدەك، يەنە بىر قارىسا يىگىتنىڭ سۈزۈك كۆز ياشلىرىدەك، يەنە بىر قارىسا ئىشىق بالسىغا گىرىپتار بولغان سەرگەردان ئاشىقنىڭ سۆز يالقۇنلىرىدا تاۋلانغان نالىلىرىدەك تۇيغۇ بېرىدىغان بۇ شېئىرلار مېنى ئابدىراھمانغا قايتىدىن دىققەت قىلىشقا ئۈندىدى. ھەقىقەتەن ئۇنىڭ شېئىرلىرى«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»نىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، ئېۋەرتىكەندىن كىيىن كۆپ ئۆتمەي ئېلان قىلىندى. كىيىن ئۇنىڭغا «كۈسەن مەدەنىيىتى» ژورنىلىدىكىلەرنىڭ  كۆزى چۈشۈپ ، ئۇلارنىڭ قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتى ئوقۇغۇچىلىرىغا ھاۋالە قىلغان ئەسەرلىرى قاتارىدا ئۇنىڭ «سەھرالىق بالا»،«»دىگەن شېئىرلىرىمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى  . شۇ ئارىدا  «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى » دىكى جاسارەت تاش ئۇنى گېزىتتە تونۇشتۇرماقچىمۇ بولىۋىدى لېكىن ، جاسارەتنىڭ گېزىت بېتىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى سەۋەپلىك ئۇ ئىشلار توختاپ قالدى. ئەمما، ئابدىراھمان يېزىشتىن توختىمىدى،«ھەۋەسكار   تور بېتى»، «شىنجاڭ يازغۇچىلار مۇنبىرى»ئۇنى يەنە قىزغىنلىق بىلەن قارشى ئېلىپ ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۈچۈن ئوتلۇق باغرىنى ئاچتى. شۇنىڭ بىلەن ماڭىمۇ ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىلەن تېىخىمۇ كۆپ تونۇشىۋېلىش پۇرسىتى يارىتىلدى. يەنە توردا ئابدىراھماننىڭ مەكتەپداش، قۇرداش دوستى ،ياش شائىر ئۆمەر مەھمۇتنىڭ «ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىمنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە» دىگەن ئوبزورى بېسىلىپ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا «ئابدۇراخمان شېئىرلىرىدا «ئەينەن»، «دەل» خاتىرلەش ئۇسۇللىرى كۆپرەك قوللىنىلغان. ئەينەن خاتىرلەش دېگىنىمزدە، تويغۇنى ئەينەن خاتىرلەشنى كۆرسىتىدۇ. دەل خاتىرلەش بولسا، سۆزلەرنى سېلىقلاشتۇرۇپ، ئىچكى ھىسياتنى سۇسلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماستىن، دەل شۇ سۆزنى ئىچكى ھىسياتنى ئېچىپ بىرىشتىكى ئاچقۇچ قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ئابدۇراخمان شېئىرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئەكىس ئەتتۈرگەن مۇھىت، تىپىك ئۇيغۇر مۇھىتىغا ئەڭ يېقىن نوقتىدا تۇرغانلىقىدا»①دەپ ناھايىتى يۇقۇرى باھا بېرىلىپ ئابدىراھماننىڭ شېئىرلىرىنىڭ باشقا قۇرداش شائىرلاردىن ئارتۇقچىلىق كۆرسىتىپ بېرىلدى. بۇ سەمىمى باھارلارنى ،ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇغانسىرى شېئىرلاردىن ئۇرغۇپ چىقىۋاتقان ئوتلۇق تىنىقلار شېئىرغا مېنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى. ئابدىراھماننىڭ قاچانلا قارىسا ئالدىراشتەكلا كۆرىنىدىغان جىددى تۇرقى، شېئىر يازغان چاغلىرىدا تولا يۇلۇپ رەتسىز قىلىۋەتكەندەك كۆرىنىدىغان چاچلىرى، غەمكىن ،خىيالچان كۆزلىرى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئەكس ئەتكەندەك تۇراتتى.

          چوقۇماقتا ۋاقىت قۇشلىرى

          غېرىپلىقنىڭ باش سۆڭىكىنى،

         چوقۇماقتا كېچىنىڭ ئۈستىدىكى،

         كۆرۈنۈپ قالغان مېنىڭ بېشىمنى...  ②«ۋاقىت، قۇش، غېرىپلىق، باش سۆڭەك، كېچە » قاتارلىق بىر بىرىگە ئۇقۇم جەھەتتىن قىلچە ماس كەلمەيدىغان سۆزلەر گويا مارجاندەك تىزىلىپ «چوقۇماقتا» ناملىق پېئىلغا  تەبىئى بويسۇنۇپ تۇرۇپ، كېچە قاراڭغۇلىقىغا يامراۋاتقان ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ غېرىپلىقى «مەن» گە جۇغلاپ، ناھايىتى كەڭرى بىر مۇھىت ئىچىگە باشلاپ كىرگىنىدە مەنمۇ ئىختىيارسىز شائىرغا،  قىسقىسى ئابدىراھماننىڭ شېئىرى ئىستىداتىغا ئەگەشتىم. ئۇنىڭدىن بىر نەرسە چىقمايدۇ دىيەلمەيتتىم، چۈنكى :

شاختا ئويناپ تۇرغان قۇچقاچلار،

كۈيلەپ بولدى غېرىپلىقىمنى

قاچانغىچە قىلىمەن خىيال

نامرات تۇرۇپ باينىڭ قىزىنى...«سەھرالىق بالا»③دىگەن، خەلق قوشاقلىرىدىن ئەنداز  ئالغان مىسرالار مېنىمۇ ئۇنىڭ غېرىپلىقىنىڭ مەنبەسىنى بىلىپ بېقىشقا ئۈندەيتتى. شېئىرلاردىكى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان رىئاللىقنىڭ سايىسى مېنى ئابدۇراھماننىڭ شېئىرى مىسرالىرىغا   يېقىنلاشتۇراتتى.

«ياش شائىر ئابدۇراھمان ئابدۇكېرىم 1988-يىلى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە ياپچان بازىرىدا دېھقان ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن.  2006-يىلى يېڭىشەھەر بىرىنجى ئوتتۇرىنى تاماملاپ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتوتىنىڭ فىللوگىيە فاكۇلتىتى ئۇيغۇر-تىل ئەدەبىياتى كەسپىگە قۇبۇل قىلىنىغان. ئۇ ھازىر ئۇقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ...
ئۇ ئوقۇش جەريانىدا ئىزچىل يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ« قەشقەر»،«كۈسەن مەدىنيىتى» ، « ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىق گېزىت –ژورناللاردا  « شئېردىكى قىز» ، « سەھرالىق بالا» ، « سۆيۈملۈكۈم باغرىڭنى ئاچ تۇپراقتەك» قاتارلىق 10 پارچىغا يېقىن شئېرىنى ئېلان قىلدۇرغان. « تېنىمدىكى قارلىغاچلار» ناملىق شئېرى « سۇنىڭ سايىسى»ناملىق كوللىكتىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.  9 پارچە شئېرى « چاغداش ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابقا تاللانغان. ئۇ ھازىر «ئاخشامقى قىز» ناملىق پوۋسىتنى يېزىشنى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ» ..ئۇنىڭ توردىن ماڭا يوللاپ بەرگەن تەرجىمالىنى ئوقۇپ چىقتىم. ھەقىقەتەن پەرەز قىلغىنىمدەك ئۇنىڭ شېئىرلىرى رىئالىقتىكى مەتبۇئاتلارغا قارىغاندا توردا كۆپرەك ئېلان قىلىنغان، تور دۇنياسىدىكى شېئىر خۇمارلارنىڭ ھاجىتىدىن خوپلا چىققان ئىدى. چۈنكى ئۇ تەرجىمالىدا تىلغا ئالغان« تېنىمدىكى قارلىغاچلار» ناملىق شئېرى « سۇنىڭ سايىسى» ناملىق كوللىكتىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن.  9 پارچە شئېرى« چاغداش ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابقا تاللانغان»دىگەن بايانلار دەل توردىن تاللىنىپ نەشىر قىلىنىشقا تاپشۇرۇلغان شېئىرلار توپلىمى ئىدى.

تور دۇنياسىغا نەزىرىمنى ئاغدۇردۇم.«ھەۋەسكار » تورىدا ئۆز ئىسمى بىلەن ، «يازغۇچىلار مۇنبىرى» دە «زۇلتاپ» ئىسمى بىلەن پەيدا بولغان شائىر دەل ئابدۇراھمان ئىدى، كىيىن بىلىشىمچە (بۇنى نۇربەگنىڭ تاللىغان شېئىرلىرىدىن بىلدىم) ئابدىراھمان يەنە  ئىلگىركى «ئەنقا»، «سۇمرۇغ» تورىنىڭمۇ قىزغىن ئەزاسى ئىكەن. شېئىرلىرى قارشى ئېلىشقا ئېرىشىپتىكەن. ئەمدىلا 20 ياشتىن ھالقىپ جەمىيەتكە تېخى قەدەم قويمىغان، تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق چۈچۈكىنى تېتىمىغان بۇ ياشقا بۇنچىۋالا دەرتلىك شېئىر يازىدىغان ھاياجان نەدىن كەلگەندۇ؟،قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات پاكولتىتىدىكى مۇئەللىملەر ئۆتكەن دەرستىنمۇ؟بەلكىم ئۇمۇ بولىشى مۈمكىن. ئەمما « قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيە ياپچان بازىرىدا دېھقان ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن» دىگەن بايانلار مېنى ئويلاندۇردى.

«كەتمەن چاپتىم قارا كۈچ بىلەن،

خوتۇن ئېلىش ئالالماسلىقىم

باغلىق ئاشۇ ئالتە مو يەرگە..» ---«سەھرالىق بالا»④ مانا بۇ مىسرالار ماڭا ئابدىراھماننىڭ ئىجادىيەت سىرىنى ئېچىپ بەرگەندەك بولدى. تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن بىر بالىنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن قىينىلىۋاتقان ئاتىغا قاراپ ، ھايات قاتتىقلىقى بىلەن رىئاللىق رەھىمسىزلىگى ئارىسىدا تىنىمسىز يانچىلىۋاتقان بىر ناتىۋان ياشتىن :

مەھەللىنىڭ باشلىقى ئەگەر،

سۈيلەپ قالسا يەرنىڭ قەرزىنى،

چاك-چاك يېرىلىپ كەتكەن يەرلىرىم،

كىرىدىغانغا يەر تاپالماي

كىرىۋالسا مېنىڭ ئىچىمگە

ۋە بىچارە سۇ خەلقى ئوخشاش

ئۇسساپ كەتسە قانداق قىلارمەن؟--«سەھرالىق بالا»⑤.دىگەنگە ئوخشاش ئەڭ سەمىمى ھىسسىياتىغا  ئىزتىراپ قىيانلىرىنى قىستۇرۇلغان شېئىر چىقماي ، قانداق شېئىر چىقاتتى؟ ئابدىراھمانغا قايىل بولدۇم. ئۇنىڭ شېئىرلىرى مېنى ئۇنىڭ تۇيغۇ دۇنياسىغا، شئېىر دۇنياسىغا، تىل دۇنياسىغا سۆرەپ كىردى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا تەبىئى مېڭىۋاتقان ھىسىىيات مېنى بارغانسىرى قايىل قىلدى. شۇڭا مەن ئۆمەر ئوتتۇرىغا قويمىغان نۇقتىلاردىن ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا قاراپ  چىقىپ، ئۇنىڭ دەۋرداش شائىرلار بىلەن بولغان پەرقىنى تېىپىپ چىقىشنى لايىق كۆردۈم. چۈنكى ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىش ئىچىدە  غېرىپلىقنىڭ گۈزەللىكىنى كۈيلەۋاتاتتى.

بىۋاستە تۇيغۇ گۈزەللىكى: تەتقىقاتچىلار ئېينىشتىيىننىڭ ئىلمى ئىجادىيەت پىرىنسىپى ھەققىدىكى ئىددىيىسىنى «تەجرىبە-بىۋاستە تۇيغۇ-ئۇقۇم-لوگىكىلىق ئەقلى يەكۈن-نەزىرىيە»دىن ئىبارەت ئاددى فورمىلا بىلەن ئىپادىلىگەن. ئىجادىيەتنى ئېلىپ ئېيتساق ئۇنىڭ ئاچقۇچى -بىۋاستە تۇيغۇدۇر. گىرمىنىيەلىك فىزىكا ئالىمى ھىدگىراپنىڭ سۆزى بويىچە ئالغاندا «بىۋاستە تۇيغۇ بىر خىل ئاڭسىز تەپەككۇردۇر»⑥.شۇڭا «بىۋاستە تۇيغۇ تەپەككۇردىكى تۇيغۇغا ئوخشاپ كېتىدۇ، كىشىلەر سېزىش ئەزالىرىنىڭ تۇيغۇسى ئارقىلىق پەقەت شەيئىنىڭ ھادىسىلىرىنىلا بىلەلەيدۇ، لېكىن بىۋاستە تۇيغۇ ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى بىلەن قانۇنىيىتىنى بىلەلەيدۇ،شۇڭا بىۋاستە تۇيغۇنى تەپەككۇرنىڭ كۈزىتىش كۈچى دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدۇ»⑦شۇڭا بىۋاستە تۇيغۇ ئىجادىيەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئونايدۇ. ياش شائىر ئابۇراھماننىڭ شېئىرلىرىنى ئىنچىكە كۈزەتكەندە ئېرىشىدىغان جاۋابىمىز «بىۋاستە تۇيغۇ» نىڭ ساپلىقىدىن پايدىلىنىپ گۈزەللىك يارىتىشتىن ئىبارەت. بىۋاستە تۇيغۇ ئىرادە تەرىپىدىن كونتۇرۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىرخىل ئالاھىدە تەپەككۇر شەكلى بولۇپ، ئۇ تېز بولۇش، بىۋاستە بولۇش ۋە تەبىئى تۇيغۇ قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.سىز دىققەت قىلمىغان پەيتلەردە ئۇ كېلىدۇ، ئەمما دىققەت قىلسىڭىزلا ئۇنى ھىچ يەردىن تاپالمايسىز. شۇڭا ،بىۋاستە تۇيغۇدا يېزىلغان ئەسەرلەر ھەم چىن، ھەم تەبىئى بولىدۇ. ئابدۇراھماننىڭ شېئىرلىرىدىكى ھەر بىر مىسرادىن بىز ئۇنىڭ  تەبىئى تۇيغۇسىغا تولىمۇ ئەھمىيەت بەرگەچكە شېئىرلىرىنىڭ تىلىدا گەرچە قوپاللىق بولسىمۇ ،ئەمما تولىمۇ يېقىملىق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالايمىز. گويا زاغرا نان قوپال كۆرۈنسىمۇ تەبىئىلىكى بىلەن مەزىلىك تۇيۇلغاندەك.


كەچۈرۈڭلار ئەي دەرەخلەر
يەنە سىلەرگە يۆلەندىم
كەچۈرۈڭلار ئەي ئادەملەر
ئاغرىنمايمەن ئەمدى سىلەردىن
كەچۈرۈڭلار ئەي ياۋا گۈللەر
ئېچىلالمىدىم ئالدىڭلاردا
نېمە سەتچىلىك-ھە، نېمە سەتچىلىك
سالدىم قولۇمنى روھىمغا

ئىسمىمنى سورىما

ئىسمىم شېئر

سارغايغان خاتىرىلەر قىلماقتا داۋام


ئىسمىمنى سورىما ئىسمىم ياش   
ئۇ يىغلىماقتا تارام-تارام


(«ئىسمىمنى سورىما»بىر بىرىدىن ئايرىۋەتكىلى بولمايدىغان، گويا مارجاندەك بىر بىرىگە چېتىلىپ، ھاياتلىق ئالدىدا تېڭىرقاۋاتقان ياشنىڭ ئايانچلىق تەشۋىشلىرىنى يەڭگىل ئەمما ناھايىتى ۋەزنىلىك قىلىپ تۆكۈۋاتقان بۇ مىسرالارنى تەبىئى تۇيغۇنىڭ، شائىرنىڭ مەلۇم مەزگىلدىكى بىۋاستە سەزگۈسىنىڭ مەھسۇلى دىمەي نىمە دەيمىز؟ ئەگەر شائىر ئەقىل يۈكسەكلىكىدە تۇرغان بولسا شېئىر مىسرالىرىنڭ بۇنداق تەبىئى چىقىشى تولىمۇ تەس ئىدى. بولۇپمۇ

« كەچۈرۈڭلار ئەي ياۋا گۈللەر

ئېچىلالمىدىم ئالدىڭلاردا


نېمە سەتچىلىك-ھە، نېمە سەتچىلىك ،



ئىسمىمىنى سورىما ئىسمىم ياش، تۆكۈلمەكتە تارام-تارام» دىگەن مىسرالاردىكى تەبىئىلىك  شائىرنىڭ «مەن ئوغۇل بالا ،يىغلىسام بولمايدۇ» دىگەن ئەخلاق چەمبىرىگىدە تۇنجىقىپ كېتەتتى. ئابدۇراھمان شېئىرلىرىدا يۇقارقىدەك تەبىئى تۇيغۇغا ئەگىشىپ، قەلبىدە تۇيۇقسىز پارتلىغان، كۆز ئۆڭىدىن مۇنداقلا ئۆتكەن، نېرۋىسىدا ۋاللىدە چاقنىغان سېزىملىرىغا ئىشەنگەچكە شېئىر مىسرالىرى ئاشۇ تەبىئى تۇيغۇلارنىڭ ئىلىكگە ئۆتۈپ، بىر خىل چىنلىق گۈزەللكىنى بەرپا قىلغان.


بىلىمەن بۇ كۈنلەر كۈن ئەمەس زادى،
زېرىكتىم چاپىنىمنىڭ تۈگمىلىرىدىن.  
ئۇنتۇپ كەت سۆي ياكى يۈرىكىڭ بىلەن،


چىدىساڭ، چىدىسا ئەگەر يۈرىكىڭ.


(«ئازاپلىق كۈنلەر

. شېئىرنىڭ ئىسمى «ئازاپلىق كۈنلەر» .شائىر بۇ ئازاپلىق كۈنلەردە پىشايۋان بولۇپ باقىدۇ، يول بولۇپ باقىدۇ، يوپۇرماق بولۇپ باقىدۇ. ..ئىشقىلىپ ھىجرانغا بەرداش بېرىدىغان ھەممە ئىشلارنى قىلىدۇ. ئەمما ئۇ ئازاپنىڭ ئېغىرلىقىدىن چاپىنىنىڭ تۈگىمىسىدىنمۇ زېرىكىدۇ. نىمە دىگەن چىن تۇيغۇلار بۇ ھە؟.بۇنداق تۇيغۇلار دەل شائىرنىڭ چوڭقۇر بىۋاستە تۇيغۇسىدىن كەلگەن بولۇپ، شائىر بۇ تۇيغۇنى «ئۆلگىدەك بولدۇم ، ئازاپتا» ئەمەس، بەلكى،

ئاشۇ «بىلىمەن بۇ كۈنلەر كۈن ئەمەس زادى،

زېرىكتىم چاپىنىمنىڭ تۈگمىللىرىدىن» دىگەن ئەڭ ئاددى مىسرالارنىڭ باغرىغا تاشلاپ، شېئىردىكى چىن گۈزەللىكنى بەرپا قىلغان. ئۇ يەنە: «يىگىرمە باھارنى ئۇزۇتۇپ پەرىشان،
كەينىگە ئاققۇزالمىدىم بىر تامچە سۇنى» ،«دېمىگىن پەقەتلا ئۆتۈنەي سەندىن، دېمىگىن: مېنى ئۇ ياخشى كۆرىدۇ دەپ» ، « سۆيگۈنىڭ شۇ قەدەر يېقىنلىقىدىن،




ئاھ سەندىن يىراقلاپ كەتتى ھاياتىم . '

شۇنچىلىك پەرىشان، شۇنچىلىك سۇلغۇن،


ئولتۇردۇم جان دادا سەندە جىممىدە »، «بىر تامچە يېشىڭنى يۇشۇرۇپ مەندىن،سەن كەتكەن ئىكەنسەن بۇلۇتتەك لەرزان.  مەن سېنى يامغۇردەك سېغىندىم لېكىن،كىرپىكىڭ چۈشكەننى سەزدىڭمۇ جانان»،« ئۆينىڭ ئىچىدىكى تالانى ساڭا بەردىم، تالادىكى ئادەم يوق يەرلەردە سېنى ساقلىدىم ،شۇ قەدەر يالغۇز، ،،،شۇ قەدەر پەرىشان»....قاتارلىق نۇرغۇن مىسرالاردا دەل ئۆزىنىڭ بىۋاستە تۇيغۇ تەپەككۇرىنى ئىشقا سېلىپ، تارقاق، يەككە ھالەتتىكى تۇيغۇ، ھىسسىيات، ھاياجان، تەشۋىش، دەرت-ھەسرەتلەرنى بىر نۇقتىغا يىغىپ تۇرۇپ، ناھايىتى يېڭى، ئەمما تېگى تېگىدىن ھىجران تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، ئايانچلىق مىسرالارنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
بىۋاستە تۇيغۇدا شائىر ئۆزىنىڭ `

قەلبىنى بوغىۋالمايدۇ، ھىسسىياتىنى راۋان قويىۋىتىدۇ، شۇڭا قەلب قاراڭغۇلىقىدىكى ئىنسانغا ئاشكارىلىغىلى بولمايدىغان پىنھان تەرەپلەرمۇ بىۋاستە تۇيغۇ تەسىرىدە قەلەمگە ئەگىشىپ ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ خىل  ئاشكارىلاش شائىرنىڭ مىسرالىرىغا تەبىئى چىرمىشىپ بىرخل تەبىئى تۇيغۇ گۈزەللكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.   ئابدىراھماننىڭ شېئىرلىرى دەل مۇشۇ ئاساستا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، شائىر شېئىرلىرىنىڭ باشقىلارغا يارىغان تەرىپىمۇ دەل شۇ بولسا كېرەك.
شەنبە بۈگۈن مەن يەنە ياتاقتا يالغۇز بۈگۈن
مەن يەنە ئازاپ گۈللىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتىمەن

يېيىلغان كىيىملەردىن ۋەھىمە تامچىۋاتىدۇ
تاكسىلار دېرېزە سىرتىدا تېنىمنى يانجىۋاتىدۇ
بۈگۈن مەن يەنە بىر قىزنى ئۆلگۈدەك سېغېنىۋاتىمەن
بۈگۈن مەن يەنە ئۇنىڭغا خەت يېزېۋاتىمەن
jچېچىلىپ ياتقان مۇخۇركىدەك ئۈمۈدسىزلىكلىرىم
ساق قالغان ئەڭ ئاخىرقى بارمىقىم ۋە
غەزەپ نەپرەتلىك مۇھەببىتىم بىلەن...

بەلكىم بىر تال تاماكا چېكىشىم كېرەكتۇر -
بەلكىم ئاۋالقىدەكلا بۇ خەتنى يىرتىۋېتىشىم كېرەكتۇر 


بەلكىم تەننىڭ سىرتىدىكى مېنى قىيناۋاتقان ئەبلەخنى ئۆلتۈرۋېتىپ

بەلكىم قارىغۇ بۇلۇشۇم

بەلكىم دۇلامغا ھېچكىمنى چىقارماسلىقم كېرەكتۇر...
بۇ شئېرنى قەستەن سېنى ئۇقۇسىكەن دەپ يېزېۋاتىمەن


گۈزەل مەغرۇرلۇقۇم بىلەن ھىجران گۈللىرىنى قۇلۇڭغا تۇتۇقۇزۇپ
باغرىمغا بىر پىچاق سانجىپ تۇرۇپ

يەنە بۇ شېئرنىڭ زۇلمەتلىك سۆيگۈ ئاسمىنىدا جىمجىت ۋاقىراۋاتىمەن:  
سېنى سۆيىمەن دەپ ;$>w


سېنى سۆيىمەن دەپ!!! [‑ئالى مەكتەپتىكى مەخپىيەتلىكلەر»   بۇ مىسرالاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ،ئىلمى ئىجادىيەت پائالىيىتىدە زور ئوينايدىغان بىۋاستە تۇيغۇ گۈزەللكى دەل شائىرنىڭ بىۋاستە تۇيغۇ قابىلىيىتى ۋە ئۇنىڭ بىلىم تەجرىبىسىدىن كېلىدۇ. شۇڭا ئابدۇراھماننىڭ شېئىرلىرىنىڭ گۈزەللىكىنىڭ مەنبىسىنىمۇ قوينى كەڭ سەھرادا چوڭ بولغان ھاياتىدىن، قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىدىكى ئالى مەكتەپ تۇرمۇشىدىن، قەلبىدە مەۋج ئۇرغان ياشلىق ئىستەكلىرىدىن ، ئۇنىڭ خىيالىغا بويسۇنمايۋاتقان رىئاللىق قوينىدىن، قەلبىگە تىنىمسىز ئۇرۇلۇپ  ئىشق ئوتىنى ئۇلغايتىۋاتقان ساھىپجامال قىزلاردىن، مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى تىنىمسىز سۇئاللىرىدىن،  ھەتتا كېچە قاراڭغۇلىقى بىلەن كۈندۈز يورۇقلىقىدىن ئىزدەشكە بولىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى شائىرلارنى شائىر قىلغان رىئاللىق.


شەكىلگە تاپشۇرۇلغان تىلنىڭ ماھارىتى:

قارىماققا ئابدۇراھماننىڭ شېئىرلىرى ناھايىتى ئاددىدەك، تىلى ،شەكلىدە ئەنئەنىۋى شېئىررلارغا سېلىشتۇرغاندا بۆسۈش يوقتەك بىلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە، ئۇنىڭ بىۋاستە تۇيغۇسى ئارقىلىق ئېرىشكىنى دەل تىلدىكى يېڭىلىق بىلەن ، شەكىلدىكى گۈزەللىكتۇر. ئابدىراھمان شېئىرلىرىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى ئەڭ ئوڭاي جەلپ قىلىدىغىنى ئۇنىڭ ساددا تىل ئۇسلۇبى بىلەن شۇ  ساددىلىقتىن شەكىللەنگەن پەردازسىز شېئىرى شەكىلدۇر. ئەنە شۇ ئاددى ساددىلىق ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ شېئىرى جەزىبىسىنى كۆكلەتكەن ۋە ئۇنى گۈزەللەشتۈرگەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئابدىراھمان شېئىرلىرىدا بىۋاستە تۇيغۇغا تايانغاچقا ئاشۇ بىۋاستە تۇيغۇ شېئىرى تىلنىڭ ساددا، شەكىلنىڭ ئاددى لېكىن يېقىشلىقلىقىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.


سىز دوسكىدىكى خەتلەرنى ئۆچۈرۋاتقان ۋاقىتتا
مەن سىزنىڭ قۇلىڭىزدىكى ئۆچۈرگۈچ بۇلۇپ
سىنىپتىكى بارغانسىرى ئېگىزلەۋاتقان ئاسماندىن
ئاستا سىيرلىپ چۈشتۈم
مەن يەنە سىزنىڭ كۆزىڭىز بۇلۇپ  


   



كىشىلەر شېئىرنىڭ تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تىلغا ئالغاندا ھەمىشە« روشەن بولىشى، ئاددى ساددا بولىشى، پەەردازسىز بولۇپ، ھەقىقى ھىسسىياتنى كىشىنىڭ قەلبىگە يېقىن ھالەتتە ئىپادىلەپ بېرىشى كېرەك»  دەپ شەرت قىلىشىدۇ. يۇقارقى مىسرالاردا دەل شېئىر تىلىنىڭ شۇ خىل ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنگەن بولۇپ« سىز دوسكىدىكى خەتلەرنى ئۆچۈرۋاتقان ۋاقىتتا دىگەن ئاددى بايانغا ،« مەن سىزنىڭ قۇلىڭىزدىكى ئۆچۈرگۈچ بۇلۇپ» دىگەن ئاددى خەۋەرلىك تەسەۋۇر قوشۇلۇپ، شېئىرنىڭ كەيپىياتىنى يۇقۇرىلىتىدۇ.«  سىنىپتىكى بارغانسىرى ئېگىزلەۋاتقان ئاسماندىن دىگەن تۇيغۇغا ئەگىشىپ ئوقۇرمەننىڭمۇ ھاياجىنى ئۆرلەۋاتقان ۋاقىتتا «ئاستا سىيرىلىپ چۈشتۈم   دىگەن قىسقا بايان ئوقۇرمەننىمۇ شېئىردىكى «مەن» نىڭ قەلبىگە سىرغىتىپ ، «مەن يەنە سىزنىڭ كۆزىڭىز بۇلۇپ

   


،
ئۇنتۇلدۇرماقتا كەلگۈسىنى» دىگەن خۇلاسىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق ، شېئىردىكى «مەن»، «مۇئەللىم»، «ئوقۇرمەن» نىڭ ھىسسىيياتى بىر نۇقتىغا جۇغلىشىپ ، بىر بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن ھىسسىيات توپى ھاسىل بولىدۇدە، ئاددى بايانلاردىن تۈزۈلگەن ، تەسەۋۇر كەڭ قويىۋېتىلگەن تىل ئورمانزارلىقىنىڭ قاتمۇ-قات مەنىسى ھاسىل بولىدۇ. بۇ چاغدا ئوقۇرمەن ئۆزىنىڭ مۇئەللىمگە ئىچ ئاغرىتىۋاتقىنىنى ياكى مەنگە ئىچ ئاغرىتىۋاتقىنىنى بىلەلمەي، مەنىلەر ، ھاياجانلار ئېرىقىدا ئۆزىمۇ بىللە ئاقىدۇ. ئەمىلىيەتتە، شېئىرلارنىڭ ۋەزىپىسىمۇ ھەرگىز ھاياتنى ئاددى بايان قىلىپ بېرىش ئەمەس، بەلكى ، ئەنە شۇنداق ئاددى تىل ئارقىلىق، شەكىل گۈزەللكى يارىتىپ، ئاشۇ گۈزەللىك ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ئىستىتىك زوق بىلەن كىتاپخانلارغا ئويلىنىش بوشلىقى قالدۇرۇش. يۇقارقى شېئىرنىڭ ئۆزىدىنلا چىقىپ تۇرىدۇ، ئابدۇراھمان تىل ئىشلەتكەندە تىلنى ھىسسىياتقا  بويسۇندۇرۇپ   شېئىرلىرىدا ئىختىيارسىز ئۆزگىچە شەكىللەرنى ھاسىل قىلىدۇ:
تامدىن سەكرەۋاتقان خىياللىرىم

قېنىمغا پاتمايۋاتقان مەن
شامالدا يۈزۈمگە سۈركەلگەن رومال
پادىشاھ كۆڭلۈم






بىرمۇ كىتابىم يوق

جان جەھلىم بىلەن ئۆزۈمنى ئۇقۇشقا تىرىشىمەن
كۈندە تاماق يېيىشتىن ئۆلگۈدەك زېرىكتىم
ھەر كۈنى دەرىس ۋاقتىدا ئۇخلايمەن


ھېچقانداق ئوقۇتقۇچى مەندىن سۇئال سورىمايدۇ
مۇھەببەت ھەققىدە ياكى
ئۆلۈم ھەققىدە...
پادىچى تاز قوي بېقېۋاتقان بولسا




مەلىكە لايىق ئىزدەۋاتقان بولسا تۇيۇقسىز قۇمۇشتەك بۇ ساقاللىرىم بىلەن
كەڭرى بىر جاڭگالغا ئايلىنىپ قالسام
ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن
نېمىشقا شېئىر يازىدىغانلىقىمنى
نېمىشقا كېچىگە قاراپ يۈگرەيدىغانلىقىمنى
خۇددى بىر قىزنىڭ كۈندۈزدە كۆرگەن چۈشىدەك
مەكتەپ يۇپيۇرۇق تۇرسا------«مەكتەپتىن قېچىش»

بۇ شېئىرنى ئوقۇۋېتىپ مېنىڭچە ھەر قانداق ئوقۇرمەن ئابدىراھماننىڭ كەپسىزلىكىگە كۈلمەيدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن غەم يەۋەتقان بىر ياش ئۈچۈن بىللە ھەسرەتلىنىدۇ. شېئىرنىڭ تىلى بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا شائىرنىڭ ھىسسىياتىنى روشەنلەشتۈرۈپ بېرىدىغان ھەل قىلغۇچ  ئامىل. شائىرنىڭ تاللىۋالغان ھەر بىر سۆزى شېئىردا ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدۇ ھەم تىل شېئىرى شەكىلنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ،ئابدۇراھمان شېئىرى تەپەككۇر ھالىتىگە كىرگەندە سۆزنىمۇ ، شەكىلنىمۇ قويىۋېتىپ  
«پادىشاھ كۆڭلۈم » نىڭ مەيلىگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان بولغاچقا ھىسسىيات راۋان.

L)
تىلدا ياسالمىلىق يوق، ئەمما ئوقۇرمەننى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ.  شۇڭا :
« تامدىن سەكرەۋاتقان خىياللىرىم
قېنىمغا پاتمايۋاتقان مەن »دىگەن ئەڭ ئادەتتىكى جانلاندۇرۇش ئىشلىتىلىپ تۈزۈلگەن مىسرادىن بىز ئۇنچىۋالا ھاياجانلىنىپ كەتمىگەن، «پادىشاھ كۆڭلۈم» دىگىنىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بىزمۇ يۈرىكىمىزنى سىلىمىغان بولاتتۇق.  شائىر مۇشۇنداق ئاددى بايانلار بىلەن بىزنىمۇ تامدىن ئارتىلدۇرۇپ ماڭىدۇ، بىزمۇ تامدىن ئارتىلغان ھالەتتە شائىر بىلەن بىللە ھاياتلىق ئالىمىدىكى مەۋجۇتلىقىمىز ئۈستىدە ئىزدىنىمىز. ئۇنداقتا بۇ ئاددى جۈملىلەر بىزنى نىمىشقا بۇنچە ھاياجانغا سالىدۇ ؟
ھەر كۈنى دەرىس ۋاقتىدا ئۇخلايمەن


ھېچقانداق ئوقۇتقۇچى مەندىن سۇئال سورىمايدۇ
مۇھەببەت ھەققىدە ياكى
ئۆلۈم ھەققىدە...

ھەممىسى ئەڭ ئاددى بايانلار، ، پەردازسىز بايانلار، ئەمما ، ھىچقانداق تىنىش بەلگىلىرى ئىشلىتىلمەي، ئالاھىدە ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلاردىن خالى بۇ شېئىرلاردا ئۇرغۇپ تۇرغىنى ياش شائىرنىڭ قەلبىدىكى مەۋجۇتلۇق چۇقانى. ئۆزىنى ئىزدەش خىتاپنامىسى، يەنە بىر جەھەتتىن ئالى مەكتەپتىكى توختام سۇدەك قىلىپلىشىپ قالغان دەرسلەردىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش باياننامىسى. ئاپتور بۇ بايننامىنى ئاددى تىل ئىشلىتىپ، ئاددى شەكىللەرنى يارىتىپ ناھايىتى سىلىق، لېكىن ناھايىتى  كەسكىن ھالەتتە بىزگە بايان قىلىپ بەرگەن . بۇ شائىرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئەركىنلىككە ئىنتىلىش  خەرىتىسى بولغاچقا ھىچ قانداق بوياق - رەڭ، ھەتتا تىنش بەلگىلىرى ئىشلىتىلمىگەن . بەلكىم ئابدىراھماننىڭ شېئىرلىرىنىڭ تەڭتۈشلىرى ئارىسىدا تېزلا قارشى ئېلىشقا ئېرىشىشىمۇ دەل ئاشۇ ئاددى تىل، شەكىللەر ئارىسىغا يوشۇرۇنغان ھىسسىيات چىنلىقى، مەۋجۇتلۇق چۇقانى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.

  بىزدە ياشلارغا سەل قارايدىغان ، ياش شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى پىشمىغان دەپ ئېتىۋار بەرمەيدىغان ئىشلار بىر قەدەر ئومۇمىلىققا ئايلانغان. ئامما ، مەن ئابدۇراھماننىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇۋېتىپ ئىختىيارسىز ئابدىخالىق ئۇيغۇر، لۇتتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدىرېھىم ئۆتكۈر ، ئەلقەم ئەختەم، بوغدا ئابدۇللا، ئوسمانجان ساۋۇت، قۇربان بارات، ئابدۇقادىر جالالىدىن،  باتۇر روزى، پەرھات ئىلياس ، ئادىل تۇنىياز ...ۋە يەنە ئىسمىنى ئاتاپ بولالمىغان نۇرغۇن شائىرلارنى ئەسلەپ قالدىم. ئۇلارمۇ نۇرغۇن شېئىرلىرىنى ياش چاغلىرىدا يېزىپ داڭ چىقارغان. بۇ تارىخنى مەن يەنە ئەزۋەيلەپ ئولتۇرۇرۇشنى لايىق كۆرمىدىم. دىمەكچى بولغىنىم ئابدۇراھماننىڭ يۇقاردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، ياكى تېخى مەن مىسال ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن  نۇرغۇن شېئىرلىرى مەيلى بەدىئىلىك، مەيلى مەزمۇن جەھەتتە خېلىلا پىشقان، تۇيغۇ ئويناق، تىل ساپ ، شەكىل گۈزەل ،ھىسسىيات چىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى ئۆزىدە ھازىرلىغان . ئەگەر ئۇ رىئال مەتبۇئاتتا قوللاشقا ئېرىشىلگەن بولسا بۇ چاققا نەشىرىياتلار شېئىرلىرىنى تالىشىپ نەشىر قىلىشقا ئېرىشىدىغان شائىر بولۇپ قالاركەن دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. گەرچە ماقالىنىڭ ھەجىم ئېتىۋارى بىلەن ئۇنىڭ ھەممە شېئىرلىرى ھەققىدە ، شېئىرلىرىنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكى ھەققىدە تەپسىلى توختالمىغان بولساممۇ، ئەمما ئابدۇراھماننىڭ شېئىرلىرىدىن   روس شائىرى يېسىنىنچە ھىسسىياتنى بايقىغانلىقىمنى ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى غېرىپلىقققا ، مىسكىنلىككە ئۆزۇمنى قويۇپ تۇرۇپ ئىچىمنى تىڭشىغىنىمنى ، بەزىدە ئىىتىيارسىز ياش تۆكۈپ سالغىنىمنى ئىنكار قىلالمايمەن. ئابدىراھماننىڭ شېئىرلىرىدا كەمچىلىكلەر يوق ئەمەس. پىشمىغان مىسرالار، ھەددىدىن زىيادە چۈشكۈنلۈك، جەڭگىۋاارلىق تۆۋەن بولۇش، «شەخسلەشتۈرۈش» ئېغىر بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇرۇپتۇ. ئابدىراھمان  بۇ تەرەپلەرنى ئۆزى ھىس قىلىپ يېتەر ئاستا-ئاستا.

پۇتىنى چاناپ سالغان دېھقاننىڭ
جىگدىلكىگىدن ئۆتكەن شۇ ئايدەك




ئۆتمەكتە ھەي قىينىلىپ بۇ كۈن




ماڭا قاراپ تۇرغان بولساڭمۇ
قەستەن ساڭا قارىمىدىم بۈگۈن
يامغۇر يېغېپ قالسا ئەگەردە
سۆيەلەيمەن سېنى يامغۇردەك
سۆيەلەيمەن جىمجىت كېچىدەك-
چاچلىرىڭنى ،قارا كۆزۈڭنى
مېنى خىيال قىلىۋاتقاندىكى
تاتلىق غەمكىن ئاشۇ تۇرقۇڭنى
سۆيەلەمسەن سۆيەمسەن جېنىم!
شېئىر يېزىپ ئۆلۈپ كەتسەم گەر
شېئردىكى مەردۇ-مەردانە
ئاھ بىچچارە يىغلاڭغۇ مېنى...



2011-يىلى 1-ئاي 22-كۈنى


ئىزاھلار:

①ئۆمەر مەھمۇت«ھەۋەسكار تورى»

②«ئۆلۈم ئەتىرگۈلى»(ئۆزۈمگە بېغىشلاپ) «كۈسەن مەدىنىيىتى» 2010-68-بەت

③«كۈسەن مەدىنىيىتى»2010-68-بەت

④«كۈسەن مەدىنىيىتى»2010-68-بەت

⑤«كۈسەن مەدىنىيىتى»2010-68-بەت

جۇ چاڭخۇ تۈزگەن، تۇنىياز تەرجىمىسى«ئىجادىيەت پىسخىلوگىيەسى» ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى.1986-يىلى 1-نەشرى

379-بەت

  ⑦ جۇ چاڭخۇ تۈزگەن، تۇنىياز تەرجىمىسى«ئىجادىيەت پىسخىلوگىيەسى» ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى.1986-يىلى 1-نەشرى

  379-بەت

⑧ھەۋەسكار تورى.شېئىرىيەت سەھىپىسى

⑨يازغۇچىلار تورى.ياش كۈچلەر سەھىپىسى

⑩يازغۇچىلار تورى .ياش كۈچلەر سەھىپىسى

⑾يازغۇچىلار تورى .ياش كۈچلەر سەھىپىسى

⑿يازغۇچىلار تورى .ياش كۈچلەر سەھىپىسى

⒀يازغۇچىلار تورى. ياش كۈچلەر سەھىپىسى

پايدىلانمىلار:

1-           « شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى» ياش كۈچلەر سەھىپىسى

2-           ھەۋەسكار تورى شېئىرىيەت سەھىپىسى

2-بەيدۇ تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەتلىرى

3-« كۈسەن مەدەنىيىتى »2010-يىللىق سانى

4- جۇ چاڭخۇ تۈزگەن، تۇنىياز تەرجىمىسى«ئىجادىيەت پىسخىلوگىيەسى» ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى.1986-يىلى 1-نەشرى



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-2 01:40  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  889
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 630
تۆھپە : 0
توردا: 165
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-5

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 11:12:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ماقالە بوپتۇ .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1503
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 866
تۆھپە : 5
توردا: 178
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 12:31:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايسىمە مۇئەللىم دوستىمىز زۇلتاپنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە ھەقىقەتەن ياخشى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈپتۇ.
زۇلتاپنىڭ شېئىرلىرى ھەقىقەتەن تەبئى...

يىراقتىن بىر قارا كۆلەڭگە ماڭا قاراپ كەلمەكتە...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  396
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2288
تۆھپە : 0
توردا: 283
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 14:43:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم ئوبزۇچىلىرىمىز قاچانلا قارىسا داڭلىقلارغىلا ئېسىلىۋالغان، داڭلىقلارىنڭ بىر قىسىم مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ئەسەرلىرىدىنمۇ نادىر ئەسەرلەرنى روياپقا چىقارغان ، ئەمما، باھالاردىن نەزەرسىز قىلىۋاتقان ياشلىرىمىز بار. مۇشۇنداق ياشلارنىڭ ئىجادىيىتىگە نەزەر سالىدىغان ئايسىمە ھەدەمدەك ئوبزۇرچى دىلكۆيەرلەرنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

گۈل ئۈزسەڭ سەھەردە ئۈز،
چولپان كېلۇر كۆز قېسىپ!
         
                                        __ ئاپتۇرى نامەلۇم

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 1094
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 6006
تۆھپە : 3
توردا: 645
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-31

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 00:10:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايسىمە خانىمنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئۈزۈلمىگەي.
تىما يوللۇغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1717
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 68
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-4 11:46:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستۇم زۇلتاپنىڭ شېئىرلىرىنى ياقتۇرىمەن!!!ئايسىمە مۇئەللىمگە سالامەتلىك تىلەيمەن!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش