ximal
كۆرۈش: 152|ئىنكاس: 4

ئىككى ھۆكۈز ۋادىسىدىكى قەدىمىقى ‹‹پولات شەھەر ›› مەدىنىيىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1457
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 35
تۆھپە : 0
توردا: 3
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 12:21:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى ھۆكۈز ۋادىسىدىكى قەدىمىقى ‹‹پولات شەھەر ›› مەدىنىيىتى

ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەر تۇرا


بورتالا شەھىرىنىڭ شەرىقىگە    27 كىلومتىر يىراقلىققا جايلاشقان  ،  دالدا  بازىرى  تەۋەسىدىكى ‹‹ قەدىمىقى شەھەر خارابىسى ›› ، قەدىمدىن شەرىق بىلەن  غەرىپنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرغان ، مەدەنىيەت سودا ۋە ئىجتىمايى خەلىقارالىق مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈگۈنى ئىدى . مىلادىدىن مىڭ يىل ئاۋالقى  ئالتاي ـ ئەنساي ـ ئىلى  ـ باكتىرىيە  نى تۇتاشتۇرغان  ، قەدىمىقى ‹‹ ئالتۇن يول ›› نىڭ جەنۇبىي تۈگىنىگە جايلاشقاندى    . بۇ يەردە  تاش قۇراللار دەۋرىدىن باشلاپلا ئەجداتلىرىمىز  پائالىيەت ئېلىپ بارغان بولۇپ ، مىلادىدىن ئاۋالقى 2700 ـ 2700 ـ يىللار ئىلگىرى ساكلار ، مىلادىدىن ئاۋالقى 2 ـ 1 ـ ئەسىردىن كېيىن ھونلار ، كېيىن كەلگەن ئاۋارلار ،  4 ـ ئەسىردىن 8 ـ  ئەسىرگىچە  كۆك تۈرۈكلەر  ، ئۇيغۇرلار ، 12 ئەسىردە موڭغۇللار ، 14 ئەسىردىن كېيىن  تۆمۈرلەڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان ئىدى . چاۋشۈې  كۈن يازغان  ‹‹ بورتالا شەھىرىدىكى  ئارخىلوگىيەلىك بۇيۇملار، قەدىمىقى ئىزلارغا ئائىت رەسىملەر ›› ( خەنزۇچە ) 2011 ـ يىل 4 ـ ئاي نەشىرى ناملىق كىتاپنىڭ  2 بېتىگە بېرىلگەن  يېڭى تاش قۇراللار دەۋرىگە مەنسۇپ  ، سىپتا تاش قۇراللار بورتالا ـ ئىككى ھۆكۈز رايۇنىدا ئىپتىدايى ئىنشانلارنىڭ بۇرۇندىن پالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى بىزگە كۆرسىتىپ بېرىدۇ ، يەنى 1ـ رەسىمدىكى تاش ئۈزەك ( بورتالا شەھىرىدىن تېپىلغان ) ، 3 ـ رەسىمدىكى قىڭ تېشى ( بورتالا شەھىرىدىن تېپىلغان ) 5 ـ رەسىمدىكى يارغۇنچاق ( شوجۇنپاڭ خارمۇدۇندىن تېپىلغان ) ، 6 ـ رەسىمدىكى تاش لىەەن ( چىندىل گوڭشىدىن تېپىلغان ) يۇقارىقى قاراشلارنى دەلىلەپ بېرىدۇ . بۇلاردىن سىرىت  مەزكۈر كىتاپتىكى 8ـ ، 9 ـ ، 7 ـ ، بەتلەردىكى  11 ، 12 ، 13 ـ رەسملەردىكى تاش يارغۇنچاق  ( يېڭى تۇچ قۇراللار دەۋرىگە مەنسۇپ ) ۋە 39 ـ بەتتىكى تۇچ قۇراللار دەۋرىگە مەنسۇپ  70 ـ رەسىمدىكى مىس گۈرجەك ...بورتالا رايۇنىدىكى ئىپتىدائىي مەدەنىيەت ئىزلىرىدىن دېرەك بېرىدۇ .
تاش قۇراللار دەۋرى ئارخىلوگىيە تاش قۇراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى باسقۇچى  بولۇپ  ، بۇ دەۋىرنىڭ ئالاھىدىلىكى يىمەك ئىچمەك ئىشلەپ چىقىرىلغان ھۇجۇتقا كەلەەن ، تاشقۇراللار سۈركەپ ياسالغان ،  كىشىلەر ئىپتىدايى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بولۇدۇ . بولۇپمۇ دالدا قەدىمىقى شەھىرىگە مەنسۇپ بولغان مىس قۇراللار دەۋرىگە  مەنسۇپ ‹‹ تاش يارغۇنچاق ›› ، ‹‹ يۇمىلاق شەكىللىك يارغۇنچاق››  7 ـ بەت 12 ـ رەسىم  ۋە 8 ـ بەتىكى  ئىگەر شەكىللىك تاش يارغۇنچاقلار دالدا قەدىمىقى شەھىرىنىڭ ئىپتىدايى دەۋىردىكى ئولتۇراق تۇرمۇش جۈملىدىن مۇندىن 2300 ـ 2400 يىل ئاۋالقى   تېرىم ئىشلىرىدىن بىشارەت بېرىدۇ .
دىمەك ‹‹ دالدا قەدىمىقى شەھىرى ›› كېيىنچە خارابىلىككە ئايلانغان بولۇپ ، ھازىرقى خارابە ئىزلىرىدىن شۇ دەۋىردىكى شەھەر ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس  . شەھەر خارابىسىنىڭ  شىمالىدا  بىر قۇرۇغان دەريا ئىزى بولۇپ ، بۇ قەدىمدە بۇ شەھەرنى مۇداپىيە قىلىش رولىنى ئوينىغان ئىدى . بۇ دەريا شەھەرنى غەرىپتىن شەرىققە توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەنلىكى مەلۇم .  بۇ شەھەر گۈللەنگەن دەۋىرلەردە  ، دەريا سۈيى مول بولۇپ ، ئەتىراپى بۈككىدە تاللار بىلەن پۈركەنگەن  بولۇپ  ، ئۇنىڭ نېرىسى ياپ ـ يېشىل يايلاق  ، ئۇنىڭدا مىڭلىغان چارۋىلار بېقىلغان ئىدى .بۇ شەھەر تاڭ ، سوڭ ، يۇئەن ، غەرىبىي لىياۋ سۇلالىلىرى دەۋرىدە   شىمالىي يىپەك يولى ئۈستىدىكى مۇھىم شەھەر ، سودا مەركىزى بولغان قەدىمىي شەھەر بولغانلىقىنى ، بۇ يەردىن  شۇ دەۋىرگە ئائىت قېزىلما بۇيۇملارنىڭ چىققانلىقىدىن ئوبدان بىلەلەيمىز .
تارىخى يازمىلاردىن مەلۇم بولۇشۇچە موڭغۇللار ھۆكۈمىرانلىقىدىكى يۇئەن سۇلالىسى دەۋرىدە يەنى ،   1259ـ يىللىرى بۇ سۇلالىدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق سەيياھ  جاڭدې  ۋە لىيۇ جۈ  قاتارلىقلار  ، موڭغۇلىيەنىڭ قارا قۇرۇم دىگەن يېرىدىن  يولغا چىقىپ  ئولۇنگۈر كۆلىنى بويلاپ  غەرىبىي جەنۇپقا ماڭغان  ، ئۇلار شۇ ماڭغىنىچە  ئىمىل ، ئىككى ھۆكۈز ۋادىسى  ـ بورتالا  ، ئىلى ۋادىسى  ، ئىران ، ـ پىرسىيە  ، ھىندىستان ، باغدات  قاتارلىق جايلارغا بارغان  ،ئەڭ ئاىىرى ئۇلار ئىلى خانىلار ىانلىقىنىڭ پايتەختى  ، تىبلىس ( ھازىرقى ئىراننىڭ تىبلىس شەھىرى ) گە يېتىپ بارغان  . ئۇلار تۆت يىللىق  ساياھەت جەريانىدا  ، بۇ ساياھەتتە كۆرگە ئاڭلىغانلىرى ئاساسىدا  ، بىر كىتاپ يېزىپ  ئۇنىڭغا ‹‹ غەرىپكە بېرىش خاتىرىسى  ›› دەپ نام بەرگەن ، ئۇلار بۇ كىتابىغا غەرىبىي يۇرۇتتا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرى  ۋە بۇيەرنىڭ جۇغراپىيەسى  ، تەبىيەت مەنزڭرىسى  ۋە بۇ يەردىكى ئادەملەر ھەققىدە  تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن  ...
        بۇ كىتاپقا يۇرتۇمىز ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىلگەن : ‹‹ ...غەرىپكە قاراپ ماڭغاندا  ،يېمەن چېڭ (  ئىمىل شەھرى) گە ، غەرىبىي جەنۇپقا ماڭغاندا  ‹پولات شەھىرىگە › بارغىلى بولۇدۇ ،  بۇ شەھەردە بۇ5غداي ش5ال 5ئكستۈرۈلىدۇ ،  ، تاغلىرىدا بولسا  يەرلىكلەر ‹ ئارچا › دەپ قويۇدىغان بىرخىل دەرەخ جىق ئۆسىدۇ . شەھەر چاسا شەكىللىك بولۇپ  ، ئۆيلىرى سوقما تامدىن ياسالغان  ، ئۆيلىرىنىڭ تاملىرى ئاينەكلىك ،  بۇ شەھەرنىڭ شىمالىدا بىر كۆل بولۇپ  ، كۆلنىڭ شىمالىدىكى ‹تۆمۈر تاغ ›دىن داۋاملىق كۈچلۈك بوران چىقىپ تۇرۇدۇ ،  بوران كۈچلۈكلىكىدىن ئادەملەرنى ئۇچۇرۇپ كۆلگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ ....›› ، تارىخچىلارنىڭ  بىردەك قارىشىچە ،  بۇ تارىخىي يازمىدىكى   ‹‹يې  مەن چىڭ ›› ( 业瞒城) ھازىرقى  چۆچەك شەھىرىگە قاراشلىق  ئىمىل ناھىيەسىنىڭ  ، شەرىقى جەنۇبىدىكى  قەدىمىقى  ‹‹ ئىمىل قەدىمىقى شەھىرى ›› ( 密里古城)  نى  ، بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان  بوران چىقىپ تۇرغان  ‹‹تۆمۈر تاغ ›› بولسا  ھازىرقى ئالاتاۋ تېغى ئېغىزىنى ،  ‹‹كۈچلۈك  بوران  ئادەملەرنى ئۇچۇرۇپ تاشلايدىغان كۆل ›› بولسا ھازىرقى ئىپنۇر كۆلىنى كۆرسىتىدىكەن .بۇنىڭدىن باشقا مەزكۈر تارىخىي خاتىرىدىكى  ‹‹ 贝罗城›› ( پولات  شەھىرى )  بولسا  ئۆز دەۋرىدە يىراق يېقىنغا ، پولات تاۋلاشتا داڭقى كەتكەن  ھازىرقى دالدا قەدىمىقى شەھىرىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ  ،بۇ شەھەر كېيىنچە خارابىلىككە ئايلانغان ...بۇ شەھەرنىڭ ھازىرقى خارابىسىدىن ئۆز دەۋرىدىكى شەھەر تۈزلىشىنى كۆرگىلى بولۇدىغان بولۇپ ، بۇرۇنقى شەھەرنى ئىككىەە بۆلۈپ ئاققان دەريا سۈيى ھازىر قۇرىغان ،  شەھەرنىڭ شەرىقى يېرىم بۆلىكىدە  شەھەر سېپىلىنىڭ ئىزى كۆرۈنمەيدۇ ،  پەقەت قۇرلۇش ئىزىلا بار ، بۇ يەردە كۆپ تېپىلغىنى يەر يۈزىدە چېچىلىپ تۇرغان قىزىل چاسا شەكىللىك كېسەكلەر ، خىش پارچىللىرى بولۇپ بۇ دەۋىردە خۇمدانچىلىق كەسپىنىڭ جۈش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇردۇ . توپا سامان ئارلاشقان كاكىللارمۇ بار ... ئارخىلوگلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولدىكى  ، پولات شەھىرى ئەسلىدە ئىچكى تاشقى شەھەردىن  تەركىپ تاپقان ، ئىچكىي شەھەر مۇكەممەل ساقلانغان  ، شەھەر قوۋۇقى شەرىققە قارايدۇ ، شەھەر ئىچىنىڭ شىمال تەرەپ توپا قاتلىمى  توپرىقىنىڭ توپا قاتلىمى  قېلىنراق ، جەنۇپ تەرىپى پەسرەك  شەھەرنىڭ مەركىزىدە توپا تاملىق ئۆيلەرنىڭ ئۇل ئىزى بار . جەنۇپ تەرەپ پەسرەك  ، تاشقى شەھەر ياي شەكىللىك بولۇپ ، شەھەرنىڭ جەنۇپ  سېپىل تېمى مۇككەممەل  بولۇپ ، ئوتتۇرا قىسمىنىڭ كەڭلىكى  5 مېتىر ئەتىراپىدا  ، ئۇنىڭغا يوغان ئارلىق  قالدۇرۇلغان  بولۇپ بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى قوۋۇق ئىزى بولسا كېرەك .بۇ شەھەرنىڭ شىمال شەرىقى تەرىپى قۇرۇغان سۇ ئېقىنى بىلەن تۇتۇشۇپ كەتكەن بولۇپ ، بۇ شۇ ۋاقىتتىكى لەخمە ئىزىدۇر  . شەھەرنىڭ شىمالىدا بۇزۇلغان سېپىل تېمى بار . تاشقارقى شەھەرنىڭ شەرىقى ۋە شىمالى ئىككى تەرىپىدە  قۇرۇغان  دەريا ئىزى بار  .   دەريانىڭ غەرىبى  غەرىبىي شىمال تەرىپى  دۆڭلۈك  تىك يانتۇلۇق ، ئۇنىڭ چوڭقۇرلىقى  10 مېتىر  ئەتىراپىدا  ، شەرىقى تەرەپتە سۇ بولغاچقا  ، ئۆز دەۋرىدە  تاشقى شەھەر  سېپىلىنى  ياساش ئىمكانى بولمىغان ، ئارخىلوگلار  بىردەك ‹‹ پولات شەھىرى ›› نىڭ بارلىققا كەلگەن دەۋرىنى غەرىبىي لىياۋ  ( 907 ـ 1125) دەۋرىدىن بۇرۇن دەپ قارىماقتا ...
1983ـ يىلىدىن كېيىن بۇ يەرۋىكى دېھقانلار توپا ۋە ئوغۇت ئېلىش جەريانىدا نۇرغۇن ئارخىلوگىيەلىك بۇيۇملار چىققان  ، بۇنىڭ ئىچىدە زىخچە ئالتۇن ، كۈلرەڭ ساپال بۇيۇملار ، ، كۈلرەڭ ساپال چىراق ، مىس ئاينەك  ، مىس پۇل  ، ئالتۇن پۇل  ۋە باشقا ھەرخىل كۇلالچىلىق بۇيۇملىرىمۇ كۆپلەپ  تېپىلغان . بۇنىڭ ئىچىدە سوڭ دەۋرىگە مەنسۇپ مىس پۇللار  ، ئەرەپ يېزىقى چۈشۈرۈلەەن  ، ئوتۇرىسى تۆشۈك بولمىغان  ئالتۇن پۇللار  ، ئالتۇن بىلەيزۈكلەر  ، ئالتۇن بىزەكلەر  ...مۇ بار .
چاۋ شۈې كۈن يازغان  ‹‹ بورتالا شەھىرىدىكى  ئارخىلوگىيەلىك بۇيۇملار، قەدىمىقى ئىزلارغا ئائىت رەسىملەر ›› ( خەنزۇچە ) ناملىق كىتاپنىڭ 13 ـ، 68ـ بەتلىرىدىكى  ، دالدا قەدىمىقى شەھرىدىن تېپىلغان  شەھەرنىڭ يۇندا سۈيىنى چىقىرىدىغان ، كۇلالدا ياسىغان تۇربا  بۇ مەزكۈر شەھەرنىڭ ئىچىدىكى سۇ ئىنشاتىدىن ، سۇ چىقىرىش تەمىنلەش ئىشلىرىنىڭ يۈكشىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ ؛ 31ـ بەتتىكى ئاينەك بوتۇلكا ، بىز يۇقارىدا ‹‹ غەرىپكە ساياھەت خاتىرىسى ›، دىيىلگەندەك ‹‹ پولات شەھەرنىڭ ئۆي دەرىزىلىرى ئاينەكتىن ئىدى ›، دىەەن قاراشنىڭ توغرىلىقىنى ، ئەينەك ئىشلەپ چىقىرىشنىڭ دايىمى ھالغا ئايلانغانلىقىنى بىدۈرىدۇ . 32ـ بەت دىكى داۋجاۋ دىنىغا ئاىت تامغا  ، قىتانلار دەۋرىدىكى مىس ياماق  51 ـ بەتتىكى يۇئەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى  ئالتۇن بۇيۇملار... ياماقلار  ئۆز دەۋرىدە ‹‹ پولات شەھەر ›› دە يىپەك يولىنىڭ بۇ شىمالىدىكى يول ئۈستىگە جايلاشقان شەھەردە شەرىق غەرىپ ئالاقىللىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكىنى دۈشەندۈرۈپ بېردۇ . بۇنىڭدىن باشقا مەزكۈر كىتاپنىڭ 64ـ بېتىدىكى ‹‹ پولات تاۋلاش ئورنى نىڭ رەسىمى  ›› مۇشۇ بەتتىكى 112 رەسىمدىكى تۆمۈر سوقا ، 68ـ بەت 116ـ رەسىمدىكى سۇ قۇدۇقىنىڭ ئىزى  120 رەسىمدىكى  ەەمىدىن قېزىۋېلىنغان تۆمۈر پارچىللىرى  ... بۇ شەھەرنىڭ ئۆز دەۋرىدە ھەقىقەتەن پولات تاۋلاشتا داڭلىق بولغان ‹‹ ئىسمى جىسمىغا لايىق پولات شەھىرى ›، ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . ‹‹ قۇدۇق ، تۆمۈر سوقا ، تۇچ قۇراللار دەۋرىدىكى مىس گۈرجەك ۋە تاش يارغۇنچاق ...›› قاتارلىقلار بۇ يەرنىڭ قەدىمدە  ئەجداتلىرىمىز ياشىغان ،ئولتۇراق تۇرمۇش ئاساسىدىكى  دېھقانچىلىق مەركەزلىرىدىن بىرى بولغانلىقىنى دەلىللەپ بېردۇ  .
بىزنىڭ دىقىتىمىزنى تېخىمۇ تارتىدىغىنى بۇ شەھەر خارابىسىدىن تېپىلغان ،  تۆشۈك بولمىغان ئالتۇن ، كۆمۈش ياماقلار بولۇپ ، ياماقلارنىڭ شەكلى  قارىخانىلار سۇلالىسىنىڭ ياماقلىرىنىڭ شەكلىگە ئوخشاش بولۇپ ئەرەپچە خاتلەر يېزىلغان ئىدى . يۇقارقى كىتاپنىڭ  44 ـ 45 ـ ، 47 ـ ، بەتلىرىگە دەل مۇشۇ تەڭگىلەرنىڭ سۈرىتى بېرىلگەن بولۇپ ، كۆمۈش پوللارنىڭ ئالدى تەرپىگە  ‹‹ پولات شەھىرىدە ياسالغان كۆمۈش پۇل ›› كەينى تەرپىەە ‹‹ پولات شەھىرى ›› دەپ يېزىلغان  ، ياماق مەركىزىگە ئەجداتلىرىمىزنىڭ قەدىمىقى تامغا ، ئەن بەلگىللىرى ئويۇلغان  . دىمەك بۇ شەھەرنىڭ ئۆز دەۋرىدە ئۆزەە خاس ئۇسۇلدا تەڭگە ئىشلەپ چىقارغان ، ئىختىسادى مەدەنىي مەركەزلەردىن بىرى ئىكەنلىكى بۇنىڭدىن ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇردۇ  ...
‹‹پولات شەھىرى ›› تارىختىكى گۈللىنىپ كېيىن ۋەيرانىگە ئايلانغان باشقا شەھەرلەرگە ئوخشاشلا كېيىنچە ، تىراگىدىيەلىك قىسمەتكە دۇچار بولغان ئىدى .   
ئارخىلوگلار بىردەك ، مەزكۈر مەدەنىيەت مەركىزى  ۋەيران بولغان دەۋرىنى يۈئەن سۇلالىسى( 1368ـ 1279)نىڭ  ئاخىرى  ۋە مىڭ سۇلالىسى( 1368ـ 1644)نىڭ باشلىرى دەپ قاراشماقتا ، بۇ دەۋىر دەل ئوتتۇرا ئاسىيادا تۆمۈر ئىمپىرىيەسىنىڭ ، جازا قوشۇنى ئىلى تەرەپكە يۈرۈش قىلغان يىلىغا توغرا كېلىدۇ ...‹‹ تارىخى جاھان كۇشاي›› دا  قارا قىتانلار دەۋرىدە  ئالمالىق ، قايالىق ، پولات ...قاتارلىق شەھەرلىرىنىڭ  باسقاقلىرى  ئارىسلانخان دەپ ئاتىلاتتى ››  دىيىلگەن . رېنى گىروسى يازغان ‹‹ ئىمپىراتۇر تۆمۈرلەڭ ››دىگەن  كىتاپتا : ‹‹ ...قەمىردىن چاغاتاي خانلىقىنى بىكار قىلىپ ... 1363 ـ يىلىدىن 1392ـ يىلىغىچە  ئىلى رايۇنى ـ ئىمىل ـ پولات شەھەر ،  يۇلتۇز ۋادىسى  ، تالاس دەرياسى  ، ئىسسىق كۆل  ، ماناس دەرياسى  ، قەشقەرنىڭ كۆپ قىسىم رايۇنلىرىغا ھۆكۈمىرانلىق قىلدى ... ›› ( 25 ـ بەت ) دىيىلگەن .  ئىمپىراتۇر تۆمۈرلەڭ ئۆزىگە بوي سۇنمايۋاتقان قەمەرىدىن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنى  يوقۇتۇش ئۈچۈن نۇرغۇن  قېتىم  ئىلى ، ئىمىل ، يەتتە سۇ رايۇنىغا يۈرۈش قىلىپ قىرغىن ئېلىپ بارغان  ‹‹ ...  1398ـ يىلى قەمەرىدىننى قوغلاپ ئىلى دەرياسى ، ئەمىل دەريا ۋادىسى ، بالقاشنىڭ شىمالى  ۋە جەنۇپ شەرىقى  ، ئالا كۆل  ( ئالاتاۋ ئەتىراپلىرى ) ـ ھازىرقى تارباغاتاي قاتارلىق جايلاردا ئىمپىراتۇر تۆمۈرلەڭ  زومىگەرلىك قىلدى  ، ئۇ زاپاس ئاتلىق قوشۇننى  تارىخىي يايلاقنىڭ ھەممە يېرىگە  بۈگۈنكى غۇلجا ، چۆچەك ، تارباغاتاي ـ پولات شەھىرى رايۇنىغا ئەۋەتتى ... ›› (يۇقارقى كىتاپ ، 28 ـ بەت )  ، بۇ دەل پولات شەھىرىنىڭ مۇشۇ رايۇنلاردىكى باشقا شەھەرلەرگە ئوخشاشلا تۆمۈرنىڭ  جازا قوشۇنى تەرپىدىن ۋەيرانىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ، پولات شەھەر خەلىقىنىڭ مەزكۈر كىتاپتا دىيىلگەندەك ، باشقا ياققا  ‹‹ ھەيدىۋېتىلگەن ، قىرغىن قىلىنغان ›› لىقىنى بىلدۈرىدۇ . بۇنىڭدىن بىز  گۈللەنگەن بۇ شەھەرنىڭ  خاربىگە ئايلانغان ۋاقتىنىڭ 14 ـ ئەسىرىنىڭ ئاخىرى 15 ـ ئەسىرىنىڭ بېشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز ...
دىمەك ، پولات شەھىرى تارىخ سەھنىسىدىن يڭقالدى ، بىراق ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن مەدەنىيەت مىراسلىرى ، ئۆز دەۋرىدىكى شەۋكەتلىك تارىخىي  گۈللىنىشنىڭ شاھىدى سۈپۈتىدە ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ شانلىق تارىخى مۇساپىسىنى نامايەن قىلىپ تۇرۇپتۇ ...  

بۇ ماقالا : ‹‹ ئىلى كەچلىك گېزىتى ›› نىڭ 2012 ـ يىلى 7 ـ ئايلىق 10 ـ كۈن

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1612
تۆھپە : 114
توردا: 325
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 14:11:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىنىڭ تۇنجى ئوقۇرمىنى بولغىنىمدىن خۇرسەنمەن. ماقالىنىڭ ئۇچۇرلۇق قىممىتى ۋە تەتقىقاتتىكى مۇھىملىغى مىنى قەلەم ساھىبىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرشكە مەجبۇر قىلدى.  بۇ خارابە ھەققىدە بىر قىسىم سۈرەتلەر بولسا ئىدى. ئەسەردىن ئالىدىغان زوق تېخىمۇ ئاشاتتى دەپ ئويلىدىم.
   تارىخنى ئەسلەتكۈچى خاقانغا رەھمەت.

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1891
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 82
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 16:13:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرداشلاردىن ياردەم سۇرايمىز

1.تەبىئي پەن ساھەسىگە تەۋە تەسىرچان تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ تەرجىمانلىرى. مەسلەن« قىزىقارلىق فىزىكا » «ئالەمنىڭ سىرى » دېگەندەك  .
2.تەبئىي پەن ساھەسىگە تەۋە تەسىرچان ژورناللارنىڭ تەھرىرلىرى. (ئىككى كىشى/ ژورنال) مەسلەن : 80-89 يىلىغىچە بولغان «بىلىم كۈچ» «پەننى سۆيىمىز» ژورناللىرى، ئۇيغۇر تىبابىتى، 2000-يىللاردىكى «كومپىيۇتىر» دېگەندەك.
3.ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغان ئىلمىي كىتابلارنىڭ ئاپتۇرلىرى، ئەقلىيلىق بىلەن يىزىلغان دۇنياۋى كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمانلىرى. مەسلەن: «ماتېماتىكا تارىخى»، «كارىز»
4. ھەرقايسى ژورنال، تورلاردا ئېلان قىلغان ئەقلىيلىق بىلەن يىزىلغان تەسىرچان ماقالىلەرنىڭ ئاپتۇرلىرى.
5. مەدەنىيەت ئىشلىرىدا رايۇنىمىزنى  تەسىرلەندۈرگىدەك خەيرى-ساخاۋەت قىلغان بايلار، يېڭى يول ۋە كەسىپ ئاچقان كارخانىچىلار .
6. خەلققە ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەن، ئوبراز تىكلىگەن خاراكتىرى بىلەن تەسىر كۆرسەتكەن جامائەت ئەربابلىرى، ۋىلايەت دائىرسى ئىچىدە تونۇلغان مائارىپچىلار ياكى ئالىملىرىمىزغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلىگەن ئوقۇتقۇچىلار.
يۇقۇرقى دائىرىدىكى ئۇچۇرلارنى بىلىدىغانلارنىڭ بىزنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى  ئۈمىت قىلىمىز.
مۇنبەرگە ئۇچۇر شەكلىدە قالدۇرۇلسا، مۇمكىن بولسا چ چ: 1609070829، ياكى  qq.com@ 1609070829   غا يوللانسا بولىدۇ.


Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1080
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2737
تۆھپە : 1
توردا: 435
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-10 17:16:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ماۋزۇسىدىكى «ئىككى ھۆكۈز ۋادىسىدىكى....» ئاچقۇچلۇق سۆز «ھۆكۈز » ئاتالغۇسى خاتا ئېلىنغان.ماقالىدىكى تۈپ مەزمۇندىن  قارىغاندا  نەزەر «ئىككى دەريا ۋادىسى»غا قارىتىلغان.ئەمما «دەريا » مەنىسىنى بىلدۈردىغان سۆز «ھۆكۈز»بولماستىن قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۆگۈز» دېگەن سۆزدۇر.«ھۆكۈز» سۆزىنىڭ مەنىسى بولسا «ئۇي»(پىچىۋېتىلگەن،قوشقاياكى ھارۋۇغا قېتىلدىغان كالا) دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
   ماقالىنى يوللىغۇچى ماۋزۇدىكى سۆزلەرنىڭ مەنىسى ۋە ئىملاغا سەل قارىغان.تەھرىرلەپ تۈزىتىش بېرىشى زۈرۈر.

بارلىق مەخسەتلىرىم،- ئەدەبىياتنى ياخشى كۆرۈشىمگە باش ئىگىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1926
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 197
تۆھپە : 2
توردا: 20
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-31 21:21:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۇن توغرا دەيدۇ،مەھمۇد كاشىغەرى «دىۋان» دا «قاش ئۆگۇز » دەپ دەريانىڭ نامىنى تىلغا ئالغان.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش